زۇنۇن قادىرى ئەسلىمىلىرى 4

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-04 11:17:43

خاتىرىلەرزۇنۇن قادىرى4موللام ياز ئايلىرىدا تۆت - بەش بالىنى دەريا بويىغا ئەۋەتىپ ياۋا تاللارنىڭ شۇڭلىرىدىن تاياپ كەستۈرۈپ كېلەتتى. قىشتىن ئېشىپ قالغان قاتتىق ئوتۇن بىلەن كۆمۈرنى تۆت بالا زەم...

     

    خاتىرىلەر
    زۇنۇن قادىرى
    4

    موللام ياز ئايلىرىدا تۆت - بەش بالىنى دەريا بويىغا ئەۋەتىپ ياۋا تاللارنىڭ شۇڭلىرىدىن تاياپ كەستۈرۈپ كېلەتتى. قىشتىن ئېشىپ قالغان قاتتىق ئوتۇن بىلەن كۆمۈرنى تۆت بالا زەمبىل بىلەن موللامنىڭ ئۆيىگە توشۇپ ئاپىراتتى بېرەتتۇق. بۇ خېلىلا جاپالىق ئىش ئىدى. چۈنكى بالىلار كىچىك بولغىنى ئۈچۈن زەمبىل سېپىنىڭ تۆت ئۇچىنى تۆت بالا مۈرىسىگە ئېلىپ ماڭاتتى. ئېغىر يۈك ئاستىدا بىچارە بالىلار پۇشۇلداپ، تەرلەپ كېتەتتى ۋە موللامنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە بىر نەچچە جايدا توختاپ دەم ئېلىۋالاتتى. كۆمۈر جىقراق يىغىلىپ قالغان چاغلاردا سەككىز بالا تۆتتىن نۆۋەتلىشىپ كۆتۈرەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئىككى بالا زەمبىلدىن چۈشۈپ قالغان كۆمۈرلەرنى تېرىپ ماڭاتتى. قۇشناچىم كىر يۇغان ياكى نان ياققان چاغلاردا موللام ئىككى بالىنى ئۆيىگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتەتتى. ئۇلار شۇ كۈنى كەچكىچە سۇ توشۇپ، ئوتۇن يېرىپ بېرەتتى ۋە باشقا ئىشلارغىمۇ قارىشاتتى. دېمەك، بالىلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ موللامنىڭ ئۆي خىزمىتىنى قىلىدىغان ۋەزىپىسى بار ئىدى.
      موللام مائاشنى ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ كەلگەن ئوقۇش بەدىلىدىن ئۈندۈرۈۋالاتتى. بۇنىڭ نامى «پەيشەنبىلىك» دەپ ئاتىلاتتى. «پەيشەنبىلىك» __ ئوقۇغۇچىلار دەرسنىڭ تۈرىگە قاراپ ھەر پەيشەنبە كۈنى موللامغا ئاتاپ ئېلىپ كېلىدىغان مەلۇم پۇلغا قارىتىلغان. ئوقۇغۇچىلار دەسلىپىدە بىر مىسقال تۆلىسە، ئەڭ يۇقىرى ئوقۇغاندا تۆت - بەش مىسقالغىچە پۇل تۆلەيتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ ھېسابىدا بىر مىسقال يىگىرمە تىيىن، بەش مىسقال بىر سۇم (تەڭگە)[1] ئىدى. بىز بۇ پۇلنى يارماق ھېسابىدا بېرەتتۇق. مەن تېخى يېشىمغا توشمىغان چاغلاردا ئۈچ يارماقنىڭ قىممىتى بىر تىيىن ئىدى. كېيىن ئىككى يارماق بىر تىيىن بولدى؛ يارماق ئازلىغانسېرى بىر يارماق بىر تىيىن بولۇپ قالدى.
    مەن بىر مىسقال پەيشەنبىلىك ئېلىپ كېلىدىغان چاغلاردا ئىككى يارماق بىر تىيىن بولغاچقا بىر مىسقال (يىگىرمە تىيىن) ئۈچۈن قىرىق يارماق ئەكىلىشىم كېرەك ئىدى. يارماقنى بىردىنبىر ساناپ ئېلىش قىيىن بولغىنى ئۈچۈن شۇ چاغدا يارماق سانىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئەسۋاپ بولىدىغان. بۇ «چەن پەنزى» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ يۈزى بىر قانچە يېرىم نوكەش قىلىپ ئويۇلغان بىر پارچە تاختاي ئىدى، بۇ تاختاينىڭ يېرىم نوكەش قىرلىرىدا ئېلىپ كېلىنگەن يارماقلارنىڭ قانچە تىيىن ياكى قانچە مىسقال ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان سىزىقلىرى بار ئىدى. ھەر پەيشەنبە كۈنى موللام ئاشۇ تاختىسىنى ئالدىغا قويۇپ ئولتۇراتتى. بىز تۆلەشكە تېگىشلىك يارماقلىرىمىزنى ئۇ تاختىنىڭ نوكىشىگە سېلىپ سىزىققا توغرىلىغاندىن كېيىن، موللام ئېلىپ ساندۇقىغا سالاتتى.
      ئابدۇك بىر كۈنى ماڭا موللامنى ئالداش ئۈچۈن مۇنداق بىر چارىنى ئۆگەتتى: يارماقنىڭ نېپىز، سېرىقراق بىر خىلى بولىدىغان، ئۇنى جىڭچەن دەپ ئاتايتتۇق. يەنە بىر خىلى ئۈچ - تۆت يارماقتەك قېلىنلىقتا ئىدى، ئۇنى قۇلۇلە ياكى تومپۇر دەيتتۇق. دادام بەرگەن بىر مىسقال پەيشەنبىلىك ئىچىدىن ئاشۇنداق جىڭچەن يارماقلارنى ئىلغىۋېلىپ، ئۇنى تومپۇرلارغا تېگىشەتتۇق (سودىگەرلەر بىر جىڭچەنگە ئۈچ - تۆت تومپۇر بېرەتتى). ئاندىن ئۇنى ئېلىپ بېرىپ موللامنىڭ ئالدىدىكى يارماق ئۆلچىگۈچىگە سالاتتۇق. موللام سىزىققا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى گەپ - سۆز قىلمايلا غەلۋىرىگە كولدۇرلىتىپ تاشلايتتى. دېمەك، ھەر پەيشەنبىلىكتىن بەش - ئالتە تىيىننى قايرىۋالاتتۇق، بۇنىڭغا لەگلەك تانىسى ياكى تاڭگا ئالاتتۇق.
      موللامنىڭ بالىلاردىن ئالىدىغان يەنە بىر خىل كىرىمى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، بىرەر بالا بىر كىتابنى تاماملاپ باشقا كىتابنى باشلىغان كۈنى پۇل، كىيىملىك ۋە تاماق ئەكىلىپ، ئۇنىڭدىن دۇئا ئالاتتى. موللام پۇل ۋە رەختلەرنى ئۆزى ئېلىپ، قۇيماق بىلەن توقاچلارنى بالىلارغا تارقىتىپ بېرەتتى ھەم شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى بىر كۈن قويۇۋېتەتتى. مەنمۇ سۇپى ئاللايارنى تاماملاپ ناۋايىغا چىققان كۈنۈمدە موللامغا خېلى بىر نەرسە ئېلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن، موللام ئوقۇغۇچىلارنى بىر كۈن ئازاد قىلدى. موللام يەنە نەزىر - چىراغ، توي - تۆكۈنلەرگە چاقىرىلىپ كونۋېرىت ئالاتتى. مۇنداق كۈنلەردىمۇ موللام بىزنى ئازاد قىلاتتى. كونۋېرىت كەلمىگەن كۈنلىرى بولسا، موللام  بىزنى چۈشكىچە ياكى كەچكىچە قويۇپ بەرمەي، قورساقلىرىمىز ئېچىپ بىئارام بولاتتۇق. مۇنداق ئەھۋال تولاراق تەكرارلانسا، قورقۇمسىز ئابدۇك: «موللامنىڭ ئۆيىدە ئۆچكە، بىزنى قويمايدۇ چۈشكە» دېگەندەك گەپلەرنى ھەممە بالىلارغا تەڭ ئۆگىتىپ، تەڭ ۋارقىرىتىپ ئېيتقۇزاتتى. موللام پۈتۈن بالىلارنىڭ ئۆزىگە تەگكۈزىۋاتقان بۇ ھەجۋى گەپلىرىدىن چۆچۈپ، دەررۇ ئوقۇغۇچىلارنى چۈشلۈككە قويۇپ بېرەتتى.
      بىز بارات كېچىسى موللامنىڭ پالاق ۋە چوماقلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىلگىرىكىدىنمۇ يوغان تاياقلارنى تەييارلىتىپ ئېسىپ قويغانىدى. موللام ئابدۇكنى يامان كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى كۆزىدىن يوقىتىشنى ئويلاپ يۈرگەن بولسا كېرەك، بىر كۈنى تاختا بېشىدىكى بىر قۇرئان يوقىلىپ كەتتى. چېقىمچى بالىلاردىن بىرى: «قۇرئاننى ئابدۇك ئوغرىلاپ ساتتى» دەپ چېقىشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن موللام ئابدۇكنى ئىككى خىل جازاغا تارتتى: دەسلەپتە، ئۇنى ھاپاش قىلدۇرۇپ، كۆڭلىكىنى قايرىپ، يالىڭاچ دۈمبىسىگە بەش تال كۆك تاياق سۇنۇپ كەتكۈچە ئۇردى. ئۇنىڭ دۈمبىسى قىر - قىر تىلىنىپ، تىرقىراپ قان چىقىپ كەتتى. ئاندىن كېيىن پالاققا تارتىپ ئۇرۇپ تاپانلىرىنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ يېرىلغان يەرلىرىگە تۇز سۈركەتتى... كەچقۇرۇن نىمجان بولۇپ قالغان ئاغىنىمىز ئابدۇكنى تۆت بالا ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇك ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن يېتىپ ساقايغاندىمۇ، بۇ مەكتەپكە كەلمەي قويدى. كېيىن موللام: «ئابدۇك مەكتەپتىن قاچتى، تۇتۇپ كېلىڭلار!» دەپ قاۋۇل تۆت بالىنى ئەۋەتكەنىدى، ئۇلارنى ئابدۇك تاش ئېتىپ قوغلىۋېتىپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ئۇ سېپىلغا چىقىپ پوقاق موللامنىڭ مەكتىپىنىڭ پەنجىرىسىگە ئىككى - ئۈچ تاش ئاتتى. لېكىن ئۇ موللامغا تۇتۇق بەرمەي يۈردى. موللام بولسا ئۇنى قولغا چۈشۈرەلمەي يۈرگىنىگە تىت - تىت بولۇپ بىزگە: «سەنلەرنىڭمۇ ئىچىڭدە يادا تاش بار» دەپ ئالىيىپ قوياتتى.
       ئابدۇكنىڭ ئارقىسىغا كىرىدۇ دەپ موللام ماڭىمۇ سوغۇق نەزەردە قاراشقا باشلىدى. كېيىن مەن بۇ موللامنىڭ قولىدا ئابدۇكنىڭ كۆرگەن كۈنىنى كۆرمەي دەپ قورقۇپ، بۇ مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
      موللامنىڭ زالىملىقىنى دادامغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەرگەنىدىم، داداممۇ ماقۇل بولدى. شۇنداق قىلىپ، سەپرا پوقاق موللامنىڭ مەكتىپىدىن ئەبەدىي قۇتۇلدۇم.
      بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، دادام مېنى دولان دەرۋازا يېنىدىكى پاكار موللامنىڭ مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى. بۇ موللاممۇ مېنى ئوقۇتۇشتىن كۆرە كۆپرەك ئۆي خىزمىتىگە سالدى. ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى بىر باراڭ ئۈزۈمگە ئەپكەشتە سۇ توشۇپ قۇياتتىم. قۇشناچىمنىڭ يۈگۈر - يىتىم ئىشلىرى بىلەن ئاۋارە بولاتتىم، كالىسىغا ھەلەپ ئېتىپ بېرىپ بولۇپ، كوچىلاردىن شاپاق تېرىپ كېلەتتىم... بۇ موللامنىڭ بىلىمىنىڭ تايىنى يوق ئىكەن. مەن ئۆي ئىشلىرىدىن بوشاپ مەكتەپكە كەلگەندە موللامدىن:
      _ موللام، مەن ناۋايىنى ئوقۇپ يۈرەتتىم، كىتابىمنى ئوغرىلىتىپ قويدۇم، ئەمدى نېمە كىتاب ئوقۇيمەن؟- دەپ سورىدىم.
      موللام بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
      _ ئەمىسە چاھار كىتاب تېپىپ كەلسەڭمۇ بولىدۇ،- دېدى. مەن ئىزلەپ يۈرۈپ، چاھار كىتابىنى تېپىپ كېلىپ موللامدىن دەرس ئالدىم. مەن كىتابنى ئېچىپ موللامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغىنىمدا، ئۇ كىتابنىڭ باش تەرىپىدىن ماۋۇ ئىككى مىسرا شېئىرنى ئىشارەت بارمىقى بىلەن ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوقۇدى:
    ابتدا ميكىم بنامى خدا،
    كز دو حرف فريدار خدىما.
     مەن ناۋايىنى ئوقۇپ يۈرۈپ پارسچە سۆزلەرگە تىلىم كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، ئۇنى موللامدىن تۈزۈكرەك ئوقۇدۇم، كېيىن ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرسام، ھېچ گەپ چىقمىدى.
      موللامدىن مەن:
     _ مەنىسى نېمىكىن؟- دەپ سورىدىم.
     _ ھازىرچە مەنىسىنى قوشۇپ ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەر كۈنى مەن ئوقۇپ بەرگەن بويىچە ئىككى مىسرادىن يادلاۋەرسەڭ بولىدۇ،- دېدى موللام.
     _ تەقسىر، بۇ سۆزلەر پارسچە تۇرسا، قۇرۇپ ياد ئېلىپ ئۇنى چۈشەنمىسەم بولامدۇ؟
     _ يادلاۋەرسەڭ قۇلىقىڭغا سىڭگەنسېرى ئاخىرى چۈشىنىپ قالىسەن، ماڭ، بار، ئاۋۋال يادا ئوقۇشنى ئۆگەن.
      مەن ئۆيگە قايتىپ ئاكام تۇردىغا چاھار كىتاب ئوقۇغانلىقىمنى، ئەمما ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەنلىكىمنى، مەن تۇرماق موللاممۇ مەنىسىنى تۈزۈكرەك ئېيتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «يادلىۋالساڭلارلا بولدى» دېگەنلىرىنى دەپ  بەردىم.
      _ بەللى، مەنىسىنى ئۇقماي تۇتىدەك سايرىغاننىڭ نېمە پايدىسى،- دېدى ئاكام قاقاقلاپ كۈلۈپ، _ ئۇنداق بولسا، پاكار موللامنىڭ ئۆزىمۇ ئىچى كاۋاك دۇمباق ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىگە شاگىرتلىرىدىنمۇ قۇرۇق ئاۋاز چىقىرىپ يادلاپ بېرىشنىلا خالايدىكەن - دە، ئەكەل كىتابىڭنى، مەن يادلىغىنىڭنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەي.
      مەن ئوقۇپ يۈرگەن كىتابىمنى ئۇنىڭ قولىغا بەردىم. ئۇ كىتابنى ئېچىپ:
    _ قېنى، قايسى مىسرالارنى يادلىدىڭ؟- دەپ سورىدى.
    مەن دەسلەپتە يادلىۋالغان يۇقىرىقى ئىككى مىسرا شېئىرنى كۆرسىتىپ ئوقۇدۇم.
    ئاكام ھېچقانداق دۇدۇقلىمايلا:
     _ باشلايمەن بۇ كىتابنى خۇدانىڭ ئىسمى بىلەن، چۈنكى خۇدا ئىككى ھەپ بىلەن يەر، ئاسماننى ياراتتى، دېگەن بولىدۇ، سەن ئەمدى بۇنى قويۇپ، ماۋۇ كىتابنى ئوقۇغىن،- دېدى ۋە تاختا بېشىدىن «خوجا ھاپىز» دېگەن باشقا بىر كىتابنى ئېلىپ بەردى، _ بۇ كىتابنى مەن خېلى بۇرۇن ئوقۇغان. بۇنىڭدا ئاجايىپ چوڭقۇر مەنىلىك گۈزەل شېئىرلار بار. سەن يادلىغانلارنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىشىڭغا مەن ياردەم بېرىپ تۇراي، قورقماي ئوقى!
     ئاكام تۇردى قادىر مەدرىسىدە نادىرخان داموللام دېگەن مەشھۇر ئالىمدىن دەرس ئالاتتى، شۇڭا ئۇ ئەرەبچە، پارسچىغا خېلى ئۇستا ئىدى، ھەتتا قۇرئانغا مەنا ئېيتاتتى. بىرەر كىتاب قولىغا چىقىپ قالسا، ئۇ كىتابنى دەرھال ئېچىپ، قۇرلىرىغا قىزغىن ھەۋەس بىلەن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقاتتى ۋە مەنىسىنى زوقلىنىپ سۆزلەپ بېرەتتى.
      پاكار موللام بىزنى تۈزۈكرەك ئوقۇتماي، مالاي ئورنىدا ئۆي ئىشلىرىغا سالغىنى سالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوقۇتقان شېئىرلىرىنىڭ مەنىسى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى. ئۇنىڭمۇ پوقاق موللامنىڭ جازا چارىلىرىدىن باشقا ئالاھىدە بىر جازالاش ئۇسۇلى بار ئىدى. ئۇ بولسا مۇنداق: سامان تىقىدىغان كۆشۈكنىڭ بىر چېتىدىن باغلانغان ئارغامچىنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى تورۇستىكى لىمدىن ئۆتكۈزۈپ، خاپا قىلغان بالىنى كۆشۈككە سېلىپ تورۇسقا تارتىپ قوياتتى. بىچارە ئوقۇغۇچىنىڭ پۇت - قولى بىر يەرگە يىغىلغان ھالدا كەچكىچە ئېسىقلىق تۇراتتى. مەن بۇ غەلىتە جازادىنمۇ خېلى چۆچۆپ يۈردۈم.
      پاكار موللام پوقاق موللامدىنمۇ تېرىككەك، ئالدىراڭغۇ ئىدى. «ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلسە، پاكارنىڭ جېنى چىقىپتۇ» دېگەندەك، ئۇ ئاچچىقى كەلسە، ئورنىدا تۇرالماي سەكرەپ كېتەتتى، تېخى ھالىغا باقماي باشقا مەكتەپ موللىلىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇرۇشقا سالاتتى ۋە مەكتەپلىرىگە تاش ئاتقۇزاتتى. بەزى مەكتەپنىڭ بالىلىرى كۆپىيىپ ئاۋۇشقا باشلىسا، ئۇ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاۋۇل ۋە بەستلىكلىرىنى توپلاپ پەيتىنى تاللاپ ئۇرۇشقا كۈشكۈرتەتتى. سوقۇشتا كۈچلۈكرەك چىققان بالىنى پاكار موللام «ھۇششەرە»، «ئەزىمەت» دەپ تەقدىرلەيتتى. مەن بىر كۈنى شۇنداق ئۇرۇشلاردىن بىرىگە قاتنىشىپ، يۈز - كۆزۈمنى مورلىتىپ، بۇرنۇم قان ئۆيگە قايتتىم.
      مەن سۇمۇ، پاتقاقمۇ كارىم بولماي كېچىپ، ئۆتۈكۈمنىڭ تۇمشۇقىدىن پايتىمامنىڭ چىقىپ قېلىشى، تۇمىقىمنىڭ كۆرپىسى سۆكۈلۈپ ساڭگىلاپ قالىغىنىغا قارىماي، ئۈستى - بېشىم توپا - چاڭ يۈرەتتىم. شۇنىڭغا قاراپ ئائىلىمىزدە بەزىدە مېنى «زۇنۇن ئاشىق» دەپ ئاتايتتى. بۈگۈنكى ئۇرۇشتا شۇنداق قىياپىتىم ئۈستىگە يۈز - كۆزۈمنى قانغا بوياپ كەلدىم. مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ئاكام تۇردى:
      _ ھەي، ھەي، مانا بۈگۈن جىڭ «زۇنۇن ئاشىق» بولۇپ كەپسەن، مەجنۇن، _ دېدى ۋە باشقا گەپ سورىمايلا ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچىنى ئېلىپ كەلدى، _ يۈز - كۆزۈڭنى چاپسان يۇغىن، ھېلى دادام كېلىپ مۇشۇ ئەپتىڭنى كۆرۈپ قالسا، دۇنياغا كەلگىنىڭگە تويدۇرىدۇ.
      مەن يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاكام مەندىن نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى سورىدى. مەن مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى، موللامنىڭ بىزنى باشقا مەكتەپنىڭ بالىلىرىغا ئۇرۇشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم.
      _ توۋا، ماۋۇ جاھالەتنى كۆرۈڭ، ياقىسىنى تۇتتى ئاكام، _ مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ھودۇكۇش - كۇش» بىلەن «ھۇششەرە» ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ. بۇ پاكار موللام مۇشۇنداق كۆڭلى قارىلىقى بىلەن قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرەلەيدۇ. ئەرەبلەردە: «ئەددارازون ئەخمەقون، قەسىرەتون پىتنەتون» (ئېگىز ئەخمەق، پاكار پىتنىخور بولىدۇ دېگەن مەنىدە) دېگەن تەمسىل بار. بۇ پاكار موللاڭ بىر پىتنىخور ئادەم ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق نادانلىق ۋە جاھالەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغان بىلىمسىز كىشىدە ئوقۇمىساڭمۇ بولىدۇ. ئەمدى بۇ مەكتەپكە بارمايلا قوي، مەن سېنى ئۆزۈم ئۆيدە ئوقۇتۇپ قوياي، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پاكار موللام مەكتىپىگە بارماس بولدۇم. مەنلا ئەمەس، باشقا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارمۇ بارماس بولۇپ قالدى. بارا - بارا ئوقۇغۇچىلار ئازىيىپ، پاكار موللام مەكتىپى يېپىلىپ قالدى.

    زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹خاتىرىلەر › ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.