خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (12- مۇھەممەت بەگ)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 10:04:54

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت توخ

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە) 
    نۇرمۇھەممەت توختى

     

    12- مۇھەممەت بەگ

     

       مۇھەممەت بەگ باج ئىدارىسىدە باجگىر بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە كىشىلەرگە قانداق ياخشىلىق قىلاتتى؟ بۇ چوڭنى كىچىكلىتىش، كۆپنى ئازايتىش، ئېغىرنى يېنىكلىتىش، كۆرگەننى كۆرمەسكە، ئاڭلىغاننى ئاڭلىماسلىققا سېلىش شەكلىدە يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى يەرلىك تىلنى بىلمەيدىغان بولغاچقا، مۇھەممەت بېگىم ئىككى ئارىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان بولۇشى، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى يۈكنى يېنىكلىتىش خۇسۇسىدىكى ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بىز بۇنى چوقۇم شۇنداق دەپ ھۆكۈم قىلساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى مۇھەممەت بېگىم ئەمدى مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇپپاڭچىلىق قىلمايدىغان مەيداننى تۇرغۇزغانىدى.
       شۇ مەزگىللەردە مۇھەممەت بېگىمنىڭ ئېڭىدا يۈز بەرگەن ئىدىيىۋى كۈرەشلەرنىڭ ئىككىنچىسى مەدەنىيەت بارىسىدا بولۇپ ئۆتتى. بۇنى ئىدىيىۋى كۈرەش، يېڭى ئۇچرىشىش ۋە قايتا تاللاش دېيىش ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولاتتى. ئەمما، ئۇنىڭ باشقا دىن ۋە باشقا مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشقىنى راست ئىدى، ئۇ شۆتاڭدا ئوقۇغان مەزگىللەردە تۆت چاسا بەلگە خەتلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە «تۆت كىتاب»، «بەش دەستۇر»، «24 تارىخ»نىمۇ ئوقۇغان، شۇ ئارقىلىق بۇدددا دىنى، تويىن دىنى ئەمر-مەرۇپلىرى ۋە كۇڭزىدىن باشلانغان نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت بىلەنمۇ ئۇچراشقانىدى. بۇ ئۇنىڭ ئاتىسى يۈ يىڭخەن دارىن بىلەن ئانىسى لى مېيزى ئاغىچىنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتى ئىدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ قېنىدا ئاشۇلاردىن ئىزنا بار دېيىشكە بولاتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم شېڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باج ئىدارىسىدە باجگىر بولغاندىن كېيىنمۇ ئاشۇ ئاتا مىراس دىن ۋە مەدەنىيەت بىلەن بولغان ئۇچرىشىش توختاپ قالمىدى. ئاشۇ دىن ۋە مەدەنىيەتكە تەۋە ئۆزگىچە ئۇقۇم، ئۆزگىچە چۈشەنچە، ئۆزگىچە ئىخلاس، ئۆزگىچە تەشەببۇس، ئۆزگىچە ئەمر-مەرۇپ، ئۆزگىچە ئىبادەت ۋە ئۆزگىچە ئادەت ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇراتتى، ھەرقانداق دىن ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توساتتى ۋە ھەرقانداق مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بولاتتى. ھەرقايسىسىنىڭمۇ ئادەمنى مەھلىيا-مەپتۇن قىلىدىغان جايلىرى بولاتتى، ۋەھالەنكى، ئاشۇ كونا دىن ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت بىلەن قايتا ئۇچراشقان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ ئېڭىدا ياخشىلىق بىلەن ئارتۇقچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى بەكلا روشەن ئىدى، ئۇ نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندەكلا، نېمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، نېمىنىڭ يېڭىدىن تىكەنلەنگەنلىكىنىمۇ، نېمىگە بۇيرۇپ، نېمىدىن توسۇلغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. شۇڭا، بۇ يەردە ئېزىقىش يۈز بەرمىگەندەكلا قايتا تاللاش جەريانىمۇ يۈز بەرمىدى، ئۇ ئېتىقاد جەھەتتە باشتىن-ئاخىر ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر بىلەن بىردەك بولدى، ۋەھالەنكى مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇنىڭ قېنىدا ئاتا-ئانىسىدىن قالغان نامەلۇم ۋە سىرلىق نەرسە باشتىن-ئاخىر ساقلىنىپ تۇردى. بۇ كۆپرەك روھىي ھالەت، تەپەككۇر شەكلى، ئۆرپ-ئادەت، مىجەز-خاراكتېر جەھەتتە ئىپادىلەندى. شۇ يىللاردا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم كېرىيەدىكى مەشھۇر ئۆلىمالاردىن مەتقاسىم ئاخۇنۇم (روھۇرى)، ئەمەت ھاجىم تېۋىپ، توختاخۇن داموللام، مەتتوختى ئەلەم، سەيدەخمەت ھاجى، روزى ئەلەم ئاخۇنۇم قاتارلىقلار بىلەن يېقىن ئۆتتى. ئۇلار ئۆزئارا ئىزدىشىپ، سۆھبەت-ئەنجۇمەنلەر قۇرۇپ، مۇنازىرە-مۇتالىئەلەر قىلىپ تۇراتتى، شۇ مەزگىللەردە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ تۈركىي، پارسى، ئەرەبىي زۇۋانلارنى بىلىشى ۋە دىنىي ئىلمى راسا كامالەتكە يەتكەچكە، بۇنداق ئەنجۇمەنلەردە ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرۇش، ئەرەبىي، پارسى، زۇۋانلاردىكى دىنىي ئەسەرلەرگە شەرھى ئېيتىش سالاھىيىتى ئاشۇ ئۆلىمالاردىن ھەرگىز قېلىشمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئۆزگىچە سەرگۈزەشتسى ئۇنى تېخىمۇ ئالاھىدە سالاھىيەتكە ئېرىشتۈرگەن. ئۆلىمالار «بىز بىر ھەسسە ساۋاب تاپقان ئەمەلدىن ئۇ ئىككى ھەسسە ساۋاب تاپىدۇ» دەپ قارىشاتتى. مۇھەممەت بېگىمنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ ئاللانىڭ ساۋابىغا نىسبەتەن ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىش لاۋۇلدايتتى، ئاشۇ ئەنجۇمەن يىغىلىشلارنىڭ باش ۋە ئاخىرىدا ئوقۇلىدىغان قىرائەت مۇھەممەت بېگىمگە خاسلاشتۇرۇلغانىدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ قىرائىتى شۇنداق مۇڭلۇق ئىدىكى، ئەنجۇمەن ئىشتىراكچىلىرىنى بىئىختىيار يىغلىتىۋېتەتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئوتىغا ياغ چاچقاندەك تەسىر قىلاتتى.
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ناھىيىلىك باج ئىدارىسىدە ئانچە ئۇزاق ئىشلىمىدى، ئۇنى ساقچى ئىدارىسىگە يۆتكەپ قويۇشتى، بۇ بەلكىم شۇ چاغلاردىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان بولۇشى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تىلى بىلەن يەرلىكلەرنىڭ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئالاھىدىلىكى نەزەرگە ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن، قوش تىل بىلىدىغانلارغا باج ئىدارىسىدىن كۆرە ساقچى ئىدارىسىدە ئېھتىياج كۈچلۈكرەك بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ يۆتكەش مۇھەممەت بېگىمگە ياقتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، باج ئىدارىسىدىن كۆرە ساقچى ئىدارىسىدە ئادالەتنى بەكرەك ياقلىغىلى بولاتتى. باج ئىدارىسىنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش ئوبېيكتى ئومۇمىي خەلق ئىدى، قارا-قويۇق ھەممە كىشىنى ئوبېيكت قىلاتتى، ئەمما ساقچى ئىدارىسى بولسا ئوغرى-قاراقچىلارنى، قاتىل-مۇتتەھەملەرنى تىزگىنلەپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايدىغان ئورۇن ئىدى. شېڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى، باي-زەردارلارنى تۇتۇپ-سولاپ، مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلىدىغان ئىشلار توختىغان، ئۇنىڭ ئورنىنى تىنچ-مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دەۋر ئىگىلىگەنىدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم دەۋرنىڭ شۇ ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، باج ئىدارىسىدىن كۆرە ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەشنى بەكرەك راۋا كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، دېمىسىمۇ ئۇ يىللاردىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئوغرى-قاراقچىلارنى، قاتىل-مۇتتەھەملەرنى تىزگىنلەش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى، تېخى ئاشۇ شېڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى ئورگانلىرى جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى قاتلىمىدىكى ئىشلارغىمۇ ئارىلىشىپ، دراما-كونسېرت قويىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، ئۇ ئىشلارنى ئانچە يامان دەپ كەتكىلى بولمايتتى، شۇڭا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەپ قالدى، كۆپ ئۆتمەي ئويتوغراق يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا سوجاڭ بولدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى «سوجاڭ» دەپ ئاتىماي، يەنىلا «مۇھەممەت بەگ» دەپ ئاتايتتى، مۇھەممەت بېگىم ئويتوغراقتا سوجاڭ بولۇپ تۇرغان يىللاردا قانچە ئوغرى تۇتۇپ، قانچە قاراقچىنىڭ ئەدىپىنى بەردى، بۇنى ئېنىقلاپ چىقىشنىڭ ئورنى يوق، ئەمما ئۇنىڭ ئويتوغراقنىڭ مەشھۇر كۆك شاپتۇلىدىن ھۇزۇر ئالغانلىقىنى، ئېگىز «بۇغرا قۇم»نىڭ ئۈستىگە چىقىپ يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ جاھان سىرلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلارغا پاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ، ئاشۇ «ئويتوغراق»تا يەنە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشىدىمۇ ئىلگىرىلەش بولدى، خۇنەن چاڭشادا تۇغۇلغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم ئاللىقاچان ئۆي-ئوچاقلىق بولىدىغان ياشتىن ھالقىپ كەتكەنىدى، ھەربىر ئاتا-ئانا ئوغلىنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىشنى قەرز ۋە پەرز ھېسابلايدۇ، پەرزەنتلىرىنى ئۆيلەپ پەرز ۋە قەرزنى ئادا قىلغاندىلا ۋىجدانى ئارام تاپىدۇ، ئاشۇ يىلى ھەۋزىخان ئانا پەرز ۋە قەرزنى ئادا قىلىپ ئوغلىنى ئۆيلەپ قويدى، خېلى ئوبدان يەرگە قۇدا چۈشتى، لېكىن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم بىلەن يېڭى كېلىننىڭ رىزقى ئاخىرغىچە قېتىلماي قالدى. نېمىسى نېمە بولدى، بالىلار چىقىشالمىدى، ئاخىر ئاجرىشىپ كەتتى. مانا شۇندىن بېرى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم بويتاق ئۆتۈۋاتاتتى، نەۋقىران يىگىت ئۈچۈن بويتاق ياشاش ئاسانمۇ؟ ئۇنى سىرلىق خىياللار قىينايتتى، ئوڭىدىمۇ-چۈشىدىمۇ مۇۋاپىق جۈپ ئىزدەيتتى، ئاخىر جۈپ تېپىلدى.
       شۇ كۈنى كېرىيە ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ «سانايى نەپىسە» ئۆمىكى «ئويتوغراق»قا كېلىپ ئويۇن قويدى، ئويۇن «ئويتوغراق مەكتەپ»نىڭ مەيدانىغا ياسالغان ئاددىي سەھنىدە قويۇلدى، بۇنداق سەھنە ئويۇنلىرى يېڭىلا قويۇلۇشقا باشلىغان يىللار بولغاچقا كۆرۈشكە كېلىدىغانلار بەك جىق ئىدى، ئادەم جىق يىغىلغان يەرنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش كېرەك، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ سوجاڭ قول ئاستىدىكى ساقچى، دورغا، پاششاپلارنى باشلاپ تەرتىپ ساقلاشقا كەلدى، قىزىق ئويۇن دېگەنگە كۆزۈڭ چۈشمەي قالمايدۇ، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ سوجاڭنىڭ كۆزى ئويۇنغىلا ئەمەس، ئويۇن ئورۇنداۋاتقان شوخ ۋە چىرايلىق قىزغىمۇ چۈشتى، چاقماق نۇرىدەك، قول چىراغنىڭ شولىسىدەك مۇنداق چۈشۈپ ئۆتۈپ كەتمىدى، بەلكى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئېتىلىپ چىققان بىر نۇر خۇددى ئالتۇن نەيزىدەك ئاشۇ ئارتىس قىز ۋۇجۇدىغا سانجىلىپ توختاپ قالدى، مەڭگۈلۈك توختاپ قالدى، شۇ كېچە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ ئۇلاشمىدى، ئۇياق ئۆرۈلدى، بۇياق ئۆرۈلدى، خىيالى يەنىلا ئاشۇ شوخ ئارتىس قىز ھەققىدە ئىدى.
       ئىككىنچى كۈنى ئارتىسلارنى ناھىيىگە ئۇزىتىدىغان چاغدا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ سوجاڭ خىجىللىق ئارىلاش تارتىنىش ئىچىدە قىزنىڭ ئەھۋالىنى تىڭتىڭلىدى. قىزنىڭ ئىسمى تۇخان، شەھەر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىكەن. «سانايى نەپىسە»نىڭ ئىشتىن سىرتقى ئارتىسى ئىكەن، يەنە مەلۇم بولدىكى، قاچاندۇر بىر چاغدا چەرچەن تەرەپكە قېچىپ كەتكەن ھەسەن ئاخۇن ئىسىملىك قاچقۇن ئەسكەرنىڭ كېرىيەدىن ئالغان خوتۇنىدىن بولغان قىز ئىكەن، ئانىسى بىلەن بىللە كېرىيە شەھەر ئىچىدە تۇرىدىكەن، تېخى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنى بېقىپ قاتارغان قاتقان ئانىسى ھەۋزىخان بىلەن قوشنا ئىكەن...
       ئىشلار ئۆزلۈكىدىن قاملىشىۋاتقاندەك، تەقدىر مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ سوجاڭغا ئالايىتەن تۇخان قىزنى ئۇچراشتۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ سوجاڭ كۆڭلىدىكى ئوتنى ھەۋزىخان ئانىغا ئاشكارىلىدى. خېلىدىن بېرى ئوغلىنى قايتا ئۆيلىنىشكە ئۈندەپ كەلگەن ھەۋزىخان ئانا بىردىن خۇشاللىققا چۆمدى، ئانا ئۈچۈن ئوغلىنى ئۆيلەشتىنمۇ ئارتۇقراق خۇشاللىق بولامدۇ؟ ھەۋزىخان ئانىنىڭ ئوغلىنى قايتا ئۆيلىنىشكە دەۋەت قىلىپ كەلگىنىگە نەۋاخلار بولدى؟ ئەمما ئوغۇل «توختايلى، كېيىنرەك بىر گەپ بولار» دەپ ئارقىغا سۈرۈپ كەلدى، ئانىنىڭ ئالدىراشلىرىنى، كېلىن كۆرۈش، نەۋرە كۆرۈش ئىستەكلىرىنى كېچىكتۈرۈپ كەلدى، مانا ئەمدى ئوغۇل ئۆزى ئېغىز ئېچىپ كەلسە، ئانىنىڭ كېۋىزى چېچەكلىمەي قالاتتىمۇ؟
       ھەۋزىخان ئانا شۇ كۈنىلا تۇخان قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزدى، «قىزى بارنىڭ نازى بار»، ئۇلار نېمىلەرنى دېمەيدۇ دەيسىز؟ قولۇم-قوشنىلار نېمە گەپلەرنى تېپىشمايدۇ دەيسىز؟ ۋەھالەنكى، ھەۋزىخان ئانا ئەۋەتكەن مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى قاتارلىق ئەلچىلەر بۇنداق غىدىڭ-پىدىڭلارنى بېسىپ قويۇشقا لاياقەتلىك ئىدى، ئۇلار «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»تىن شۇنداق ساماۋى دەلىللەرنى كەلتۈرۈشتىكى، ھەسەن ئاخۇن ئەسكەر تاشلاپ كەتكەن بىچارە مەزلۇمغا قايىل بولماقتىن ئۆزگە يول قالمىدى، ئەلچىلەرنىڭ ئىككى-ئۈچ قېتىملىق بېرىپ-كېلىشىدىن كېيىن توي كۈنىمۇ بېكىتىلدى، توي كاتتا داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلدى، يۈسۈپ ئاخۇن جىرتاق چالغان سۇناي ئاۋازى، شېرىپ بەگ بىلەن مەمەتئېلى ئاخۇن ئۇرغان ناغرا ئاۋازى پۈتۈن بىر كۈن كېرىيە ئاسمىنىدا ياڭراپ تۇردى، ھەۋزىخان ئانىنىڭ ئايۋىنىدا كېرىم ئاخۇن ئاكام سىتە، ئەمەت ئاخۇن تەمبۈر، قادىر ئاخۇن ئەنجانلار ئاللىقاچان توي مەشرىپىنى باشلىۋەتكەنىدى، ئېگىز گىرۋەكلىك كۆرپە پاپاخ ۋە بەقەسەم تون كىيگەن كېرىيە بەگلىرى، ئاق سەللە يۆگەپ، شايى تون كىيگەن كېرىيە موللا-ئاخۇنلىرى، ئۆكۈزنىڭ كۆزىچىلىك كېلىدىغان كۆرپە تەلپىكىنى شايى ياغلىقى ئۈستىگە قوندۇرۇپ، ئاي گۈللۈك خاڭدەندىن پەرەنجە كىيگەن كېرىيە جۇۋانلىرى تويغا ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى. يېڭى كېلىننى كۆچۈرۈپ كېلىدىغان چاغدا يىگىت قولداشلىرى ئاتلارنى بەيگىگە سېلىشتى، ئەلۋەتتە كۈيۆ يىگىتنىڭ كۈمۈشتەك ئاق ئېتى ھەممىدىن ئېسىل ئىدى. يىگىت ئاتنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ھەر بازار كۈنى ئات بازىرىنى ئايلىناتتى، ئات سېتىۋېلىش، ئات تېگىشىش ئۇنىڭ ئادىتى بولۇپ، مەقسىتى−ئەڭ ياخشى ئاتقا ئېرىشىش ئىدى. توي ئالدىدا ئۇ مۇشۇ ئاق ئاتنى سېتىۋالغانىدى. بېشى كىچىك، بوينى ئۇزۇن، پۇتلىرى ئىنچىكە، يايلى ۋە قۇيرۇقى تولىمۇ ياراشقان ئاق ئات گويا بەيگە ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك كۆرۈنەتتى، ۋەھالەنكى ئات ئۈستىدىكى يىگىت ئۇنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۈزۈپ چىقىشىغا يول قويمىدى. ئارقىدا قېلىش بولسا ئۇنىڭغا يات ئىدى، ئاق ئات يىگىت قولداشلىرى سېپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چېپىپ باردى، شۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى، شۇنداق قىلغاندىلا تويى بولۇۋاتقان نەۋقىراننىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلغىلى بولاتتى.
    نىكاھ ئوقۇلۇپ، قىز-يىگىتنىڭ ئۆمۈرلۈك باغلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، قىزىل زىلچا-گىلەم ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇلۇپ كۆتۈرۈپ چىقىلغان يېڭى كېلىن ئاق ئاتنىڭ ئۈستىگە كۈيۆ يىگىتنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈلدى، ئاق ئات ئارقانلار تارتىلىپ توي توسۇلغان كوچىلاردىن كۈلكە-چاقچاقلار ئىچىدە ئۆتۈپ، ھەۋزىخان ئانىنىڭ قورۇسىغا يېتىپ كەلگەندە، قورۇدا يېقىلغان گۈلخان لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى، ئاق ئات گۈلخان ئۈستىدىن ئۈچ قېتىم يېنىك سەكرەپ ئۆتتى، ئاندىن كېيىن يىگىت بىلەن كېلىن مەخمەل كۆرپىلەر ئۈستىگە سېلىنغان ئاپئاق-يۇمشاق، ئىسسىق جۇۋا ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇلدى، ئەلۋەتتە جۇۋا ئاستىدا ئېغىر مەزمۇت ۋە تەۋرىمەس قورام تاش بار ئىدى، توي مەشرىپى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى، ئەمدى مەشھۇر ئەلنەغمىچى جۇۋان مەڭلەشخاننىڭ ناخشا ئاۋزى ياڭراپ كەتتى.
    قىزارىپ چىقساڭ ھويلاڭدىن،
    ئاكاڭ ئايلانسۇن بويۇڭدىن.
    جىمى ئالەم ساڭا خۇشتار،
    سېنىڭ ئايدەك جامالىڭدىن.
    ئۇشلىما بىلەكىمنى،
    كۆيدۈرمە يۈرەكىمنى.
    توي مەشرىپى تاكى قۇياش «قارا قىر»نىڭ نېرىسىدىكى ئېدىرلىقلار كەينىگە مۆككىچە، كېرىيە ئاسمىنىدا ساناقسىز يۇلتۇزلار چاراقلاپ، يېڭى ئائىلىگە بەخت-قۇت ۋەدىسى تۆككىچە داۋاملاشتى.
    شۇنداق قىلىپ خۇنەن چاڭشالىق يۈ يىڭخەن لاۋسىنىڭ يېتىم ئوغلى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئۆي-ئوچاقلىق بولدى، بۇ خۇنەن چاڭشالىق يۈ يىڭخەن لاۋسىنىڭ ئائىلە نەسەبىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىق پاكىتى. يۈ جەمەتى ھەقىقەتەنمۇ كېيىنكى 30 يىلدا ئاجايىپ قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. جەننەتتەك گۈزەل شاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىن يىراق، چەت، قاقاس چېگرا رايونغا كۆچتى، ئاتا_ ئانا ئارقىمۇئارقا ۋاپات بولۇپ، ئائىلە چېچىلىپ كېتىش-خاراب بولۇش دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈردى. مانا ئەمدى يېتىم ئوغۇل قېقىلىپ-سوقۇلۇپ بولسىمۇ قاتارغا قوشۇلۇپ نەسەپىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. يۈ جەمەتى يېڭىدىن گۈللىنىش-روناق تېپىش دەۋرىگە قەدەم قويغانىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.