قارا كىتاب 11

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-17 11:29:12

قارا كىتاب 11ئورخان پامۇكخېلىن ھامما شۇنداق دېگۈچە غالىب ئاللىبۇرۇن پەلەمپەيدىن چۈشۈپ بولغانىدى.قار ئۇچقۇنلىرى ئارىلاش چىقىۋاتقان سوغۇق شامال ئۇنىڭ كىيگىلى توققۇز يىل بولغان يالاڭ پەلتويىنى...



     

    قارا        كىتاب 11

    ئورخان پامۇك

    خېلىن ھامما شۇنداق دېگۈچە غالىب ئاللىبۇرۇن پەلەمپەيدىن چۈشۈپ بولغانىدى.

    قار ئۇچقۇنلىرى ئارىلاش چىقىۋاتقان سوغۇق شامال ئۇنىڭ كىيگىلى توققۇز يىل بولغان يالاڭ پەلتويىنى (ھېلالنىڭ يەنە بىر ماقالە تېمىسى) ئۇچۇرۇپ پاقىلدىتىپ ئاۋاز چىقىراتتى. غالىب ناھايىتى تېز مېڭىۋاتاتتى. غالىب كۆڭلىدە ھېسابلاپ كۆردى، ئەگەر ئۇ چوڭ يولدىن ماڭماي ئارقا يولدىن ماڭسا، ئاللىبۇرۇن تاقىلىپ كەتكەن مىلىچ ماللار دۇكىنىدىن، تېخىچە مۈكچىيىپ ئىش تىكىۋاتقان كۆزەينەكلىك سەيپۇڭ، ئىشىك باقارنىڭ ياتىقى شۇنداقلا كوكاكولا ۋە نېلۇن پايپاقنىڭ سۇس قىزىق نۇر چىقىرىپ تۇرىدىغان ئېلان تاختىسىدىن ئۆتۈپ ماڭسا، ھاممىسى بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقى ئون ئىككى مىنۇتلۇق يول ئىدى. ئەگەر قايتاشىدىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ كوچا ۋە پىيادىلەر يوللىرىدىن قايتسا (بۇ چاغدا سەيپۇڭ قولىغا باشقا بىر  يىپنى ئېلىپ يىڭنىگە ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، تىزىدا بولسا بايىقى رەخت شۇ پېتى تۇراتتى) ئۇنداقتا غالىبنىڭ بېرىپ-كېلىشىگە جەمئىي يىگىرمە ئالتە مىنۇت كېتەتتى.

    غالىب ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇ ئىشىكنى ئاچقان خېلىن ھاممىسى شۇنداقلا ئۈستەلدىكى بارلىق مېھمانلارغا رۇيانىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى، ھەمدە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى بەك كۆپ ئىچىۋالغانلىقىنى (تارتمىلاردىكى دورىلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىچىۋەتكەنلىكىنى) شۇڭا بەكلا ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى، گەرچە تېلىفوننىڭ جىرىڭلىغىنىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، بېشى بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە ئورنىدىن تۇرالماي قالغانلىقىنى، ھېچنىمە يېگۈسىنىڭ يوقلىقىنى، كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ سالىمىنى يوللىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا ئايان، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى كۆپچىلىكنى شۇ زامانلا بىر قاتار تەسەۋۋۇرلارغا باشلاپ كىرىدۇ (بىچارە رۇيا كېسەل بولۇپ كارىۋاتتا يېتىۋاتىدۇ)، ئۇنىڭغا يەنە شۇ ئايانكى، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىر قېتىملىق ئېغىز ئۇرۇشى ماجراسىغىمۇ سەۋەبچى بولىدۇ: كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاغزىلىرىدىن كۆپۈك چىقىرىشقىنىچە دورىخانا پۇكەيلىرىكى بارلىق ئانتىبىئوتىك دورىلارنىڭ ئىسىملىرى پېنىتسىلىن، يۆتەك قىيامى ۋە گال ئاسراش دورىلىرى، قان تومور كېڭەيتكۈچ، مەخسۇس زۇكامغا ئىشلىتىدىغان ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە خۇددى تورتنىڭ ئۈستىدىكى قايمىقى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندەك، بۇ دورىلارغا ماسلاشتۇرۇپ ئىچىدىغان ۋېتامىنلارنىڭ ماركىلىرىنىمۇ تۈركچە ئاھاڭدا تەلەپپۇز قىلىپ دېيىشىۋالىدۇ ھەمدە بۇ دورىلارنىڭ ئىچىش ئۇسۇلىنى دېيىشنىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئەگەر باشقا ۋاقىت بولغان بولسا، بۇ ئىجادىيەت خاراكتېرىدىكى يېڭىچە تەلەپپۇز قىلىنىشلار ۋە ئىشتىن تاشقىرى دورىگەرچىلىكلەر غالىبقا بەلكىم خۇددى بىرەر كوبلېت ياخشى شېئىر ئوقۇغاندەك قىزىق تۇيۇلار ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇنىڭ كاللىسىدا رۇيانىڭ ئاغرىق ھالدا كارىۋاتتا ياتقاندىكى كۆرۈنۈشلىرىلا ئىدى، سەل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ھەتتا كاللىسىدىكى بۇ تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ زادى قانچىلىكىنىڭ راست، قانچىلىكىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقىنى پەرق ئېتەلمەي قالدى.

     ئاغرىپ قالغان رۇيا بىر پۇتىنى يوتقاننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ ياتاتتى، ئەۋرىشىم چاچلىرى كارىۋاتقا يېيىلىپ تۇراتتى، بەلكىم بۇلار ھەقىقىي كۆرۈنۈشلەر بولىشى مۇمكىن. ئەمما باشقا تەسەۋۋۇرلار، مەسلەن؛ ياستۇققا چاپلىشىپ كەتكەن چاچلار، كورۇپكا-كورۇپكا دورىلار، ئەينەك ئىستاكان، چايدان ھەمدە كارىۋات بېشىدىكى بىرنەچچە كىتاپ بۇلار بەلكىم باشقا يەردىن (كىنولاردىن ياكى ناھايىتى ناچار تەرجىمە قىلىنغان كىتابلاردىن-رۇيانىڭ ئۇنداق كىتاپلارنى ئوقۇش سۈرئىتى، ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىدىكى كەمپۈتنى يېيىشىدىنمۇ تېز ئىدى)، ئۆگىنىش ۋە دوراشلاردىن كەلگەن تەسىرلەر بولسا كېرەك. بىرئازدىن كېيىن، غالىب كۆپچىلىكنىڭ «قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ» سورىغان سۇئاللىرىغا قىسقا-قىسقا جاۋاب بەرگىنىدىمۇ، ئۇ زېھنىنى ئالاھىدە سەرپ قىلىپ تۇرۇپ، خۇددى ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش رومانلىرىدىكى رازۋېدچىكتەك پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رۇيا توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىشكە ئۇرۇندى.

    توغرا (كۆپچىلىك تاماققا ئولتۇرغان ۋاقىتتا)، رۇيا ئاللىبۇرۇن ئۇخلاپ بولدى. ياق، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچمىدى، خېلىن ھاممام ئۇنىڭغا شورپا قايناتمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ھېلىقى ئاغزىدىن سامساق پۇرىقى كەتمەيدىغان، دورا سومكىسىمۇ خۇددى خۇرۇم زاۋۇتىدەك سېسىق پۇرايدىغان ئۇ دوختۇرغا كۆرۈنگۈسى يوق. ياق، ئۇ بۇ ئايدا چىش دوختۇرىغا كۆرۈنمىدى. شۇنداق، ئۆيدىن سىرتقا چىقمايدۇ. ياق، ئۇنداق ئەمەس، بۈگۈن ئۇ بىر كۈن ھېچيەرگە چىقمىدى. سىز چوڭ يولدا ئۇنى كۆرگەنمىدىڭىز؟ بەلكىم سىرتقا ئالدىراش چىقىپ قالغان بولسا غالىبقا دېمىگەندۇ، ياق، ئۇ دېگەن. شۇڭا، سىز ئۇنى نەدىرەك ئۇچراتقانىدىڭىز؟ ئۇ چوقۇم رەخت بازىرىغا بېرىپ، سۆسۈن تۈگمە ئەكىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ، مەسچىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن. ئەلۋەتتە، رۇيا غالىبقا دەپ قويغان بولىدۇ-دە! ئۇ بەلكىم سوغۇقتا سىرتتا يۈرۈپ سوغ ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يۆتىلىپ تۇرسىمۇ قېپى بىلەن تاماكا چېكىدۇ. توغرا، ئۇنىڭ چىرايى قەغەزدەكلا تاتىراڭغۇ-ھە؟! ئۇنداق ئەمەستۇ، غالىب ئۆزىنىڭ چىرايىنىڭمۇ قەغەزدەك تاتىرىپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلمىغانىدى، ئۇ رۇيا ئىككىسىنىڭ مۇشۇنداق ساغلام بولمىغان تۇرمۇشىنىڭ زادى قاچان ئاياقلىشىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.

    چاپان. تۈگمە. چايدان. بۇلارنىڭ ئائىلىۋىي سۇئال-سورىقى تۈگىگەندە، غالىبنىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىزلا بۇ ئۈچ سۆز كىرىپ قالدى، ئەمما غالىب بۇنىڭدىن ئانچە ھەيران قالمىدى. ھېلال ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق مەخسۇس سەھىپىسىدە مۇبالىغىلەشكەن غەزەپلىك ھالدا، يوشۇرۇن ئاڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزدىن كېلىپ چىقمايدۇ، بەلكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال رومانلىرىدىن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ فىلىملىرىدىكى بىز دوراپ بولالمايدىغان قەھرىمانلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ، دېگەنىدى. (ئۇ، ھېلالنىڭ «ياز كۈنىدىكى ئەسەبىي روھ» دېگەن فىلىمنى ئەمدىلا كۆرگەن چاغلىرى ئىدى). غالىب ھېلالنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ ئەسلىدە ئاللىبۇرۇنلا بىر كۈتۈپخانا بىلەن مۇزىيخانىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئوقۇپ ئۆتكەن، مەزمۇنلىرى تاشلىنىپ تەرجىمە قىلىنغان، تولىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن يېزىلغان شەھۋانىي مەزمۇنلارغا توشۇپ كەتكەن پىسخىكا كىتابلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكىنىدىلا، ئۇ ھېلىقى ماقالىدە ھېلالنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ ئارقىلىق ھەممىنى ھەتتا ئۆزىنىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشىنىمۇ چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدى. كىشىنى چۆچىتىدىغان ھەم ئەقىلگە سىغمايدىغان بۇ يوشۇرۇن ئاڭ، ھېلال تەرىپىدىن زۇلمەت ئۇپۇقى دەپ ئاتالغانىدى.

    غالىب گەپنى باشقا ياققا بۇراش مەقسىتىدە، «ھېلالنىڭ بۈگۈنكى ماقالىسىدە...» دەپلا گەپنى باشلاي دەپ تۇرۇشىغا، ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىزلا باشقا بىر ئىش كېلىپ قالدى-دە، ئۆزىمۇ سەزمەستىن ئاغزىدىن:

    -خېلىن ھامما، مەن ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىغا بېرىشنى ئۇنتۇپتىمەن،-دەۋەتتى. بۇ چاغدا، ئەسىما خانىم قولىدا تاتلىق پىشۇرۇلغان تورتنى خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆتۈرگەندەك ئاۋايلاپ كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى، كۆپچىلىك تورتنىڭ ئۈستىگە بەس-بەستە ياڭاق سېپىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ئاچقان تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنىدىن بىر ھاۋانچا قېلىپ قالغانىدى. ھازىر ئۇلار بۇنى ياڭاق ئېزىشقا ئىشلىتەتتى. بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇن، غالىب بىلەن رۇيا بۇ ھاۋانچىغا قوشۇق بىلەن ئۇرسا، خۇددى چېركاۋنىڭ سائىتىدەك ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغانىدى: دىڭ داڭ!

    ئېزىلگەن ياڭاق مېغىزى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە يەتمەيدىغانلىقى ئېنىق بولغاچقا، ئۇ سۆسۈن رەڭلىك قاچا ئايلىنىپ خېلىن ھاممامغا كەلگەندە، ئۇ تولىمۇ كۆنگەن ھالدا ئۆزىنىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتى (مەن يېمەيمەن)، ھەممە ئادەمدىن ئايلىنىپ بولغاندا، ئۇ قۇرۇق چىنىنىڭ تېگىگە مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتۈپ قويدى. كەينىدىن ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ سودىدىكى ئاللىبىر رەقىبىنى تىللاپ، قارغاپلا كەتتى. ئۇ ھازىرقى يېمەك-ئىچمەكنىڭ قىسىلىپ كېتىشىنى شۇ كىشىگە ئارتقاننى ئاز دەپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ كىرىمنىڭ ئازلاپ كېتىشىنىمۇ شۇ كىشىدىن كۆردى: ھەتتا ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ ئۇ كىشىنى پاش قىلماقچىمۇ بولدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقچى ئىدارىسىدىن بەكلا قورقىدۇ، ساقچى ئىدارىسى خۇددى كۆك رەڭلىك ئەرۋاھتەك. ھېلال بۇرۇن بىر پارچە ماقالىسىدە بىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمىزدىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭ دەل ساقچى ئىدارىسى، دەپ يازغانىدى، ماقالە گېزىتتە بېسىلغاندىن كېيىن، ساقچى ئىدارىسى ئادەم ئەۋەتىپ ھېلالنى ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا ئېلىپ كەتكەنىدى.

    تېلىفون جىرىڭلىدى، تېلىفوننى غالىبنىڭ دادىسى ئالدى، دادىسىنىڭ ئاۋازى ئېغىر ئىدى. ساقچى ئىدارىسىدىن كەلدى، غالىب كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىدى. ئۇنىڭ دادىسى بىر ياقتىن تېلىفوندا پاراڭلاشقاچ، بىر ياقتىن ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتەتتى (ئۆزلىرىگە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن، بۇلار بۇ ئۆيلەرنىڭ تېمىغىمۇ «شەھەر مەركىزى» قورۇسىدىكىگە ئوخشاش تام قەغىزى چاپلانغانىدى: پىچەككۈل ياپرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېشىل توپچا ئالغان)، ئۈستەلدىكىلەرگە تىكىلىپ قارايتتى (مېررى تاغىنىڭ يۆتىلى تۇيۇقسىزلا تۇتۇپ كەتتى، قۇلىقى گاس ۋاسېف خۇددى تېلىفوندىكى كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقاندەك زەڭ سېلىپ تۇراتتى، غالىبنىڭ ئاپىسىنىڭ چېچى نەچچە قېتىملىق بوياشتىن كېيىن، ئاخىرى سۇزان ھاممىنىڭكىدەك چىرايلىق رەڭگە كىرگەنىدى). غالىبمۇ كۆپچىلىككە ئوخشاش يېرىمى بار بۇ دېئالوگقا زەن سېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېپىشقا تىرىشىۋاتاتتى.

    -ياق، ئۆيدە يوق، ئۆيگە كەلمىدى.- غالىبنىڭ دادىسى كەينىدىن ئۇلاپ سورىدى،- سىز كىم بولىسىزكىن؟ رەھمەت... مەن تاغىسى... ... ياق، بەكمۇ ئەپسۇس، ئۇ بۈگۈن بىز بىلەن بىللە بولمىدى.

    بىرسى رۇيانى ئىزدەۋاتىدۇ، غالىب ئويلىدى.

    -بىرسى ھېلالنى ئىزدەيدىكەن.- غالىبنىڭ دادىسى تۇرۇپكىنى قويۇپ دېدى، ئۇ قارىماققا خوشالدەك تۇراتتى،- بىر خانىم ئىكەن، ئوقۇرمىنى ئوخشايدۇ، ھېلالنىڭ ماقالىلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن، دەيدۇ، ئۇنىڭ ھېلال بىلەن ئالاقىلىشىپ باققۇسى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئادرىسى، تېلىفون نومۇرلىرىنى سورىدى.

    -قايسى سەھىپىسىنى ياخشى كۆرىدىكەن؟-غالىب سورىدى.

    -خېلىن،- غالىبنىڭ دادىسى ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلدى،-بۇ خانىمنىڭ ئاۋازى سېنىڭكىگە بەكمۇ ئوخشايدىكەن.

    -مېنىڭ ئاۋازىم ئەلۋەتتە ياشانغان خانىمنىڭكىدەك چىقىدۇ-دە، بۇنىڭ ئەجەبلەنگۈدەك نېمىسى بار.- خېلىن ھاممىنىڭ جىگەر رەڭدىكى بويۇنلىرى سوزۇلۇپ، غازنىڭ بوينىدەكلا بولۇپ قالدى، ئۇ سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپ،- لېكىن، مېنىڭ ئاۋازىم ئۇ خانىمنىڭكىگە ئازراقمۇ ئوخشىمايدۇ.-دېدى.

    -قانداق دەيسەن؟

    -سەن ئېسىل سۈپەت خانىم دەپ ئويلىۋالغان ئۇ ئايال ئەتىگەنمۇ تېلىفون بەرگەن،- دېدى خېلىن ھامما،-ئېسىل سۈپەتمىش، كىم بىلىدۇ، بىرەر ساراڭ خوتۇن ئاۋازىنى ياساپ ئېسىل سۈپەت بولىۋالدىمۇ؟! بىرەر ئەر كىشىمۇ تېخى، بۇنىڭغا ھېچنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ.

     

    كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.