ھازىرقى بالىلار كارامەت (25)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-24 20:40:26

«ئۆي» قايسى ھالداساۋاقدىشىم زەينەب:12-فېۋرالدايازغان خېتىڭ ۋە ئەۋەتكەن سۈرىتىڭ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.سەن خەۋەر قىلغان ۋەقە تۈپەيلىدىن ھېس قىلغان خاپىلىقىڭغا ھېسداشلىق قىلىمەن. سەن ساۋاقدىشىڭغ...

     

     «ئۆي» قايسى ھالدا

     
     
    ساۋاقدىشىم زەينەب:
     
    12-فېۋرالدا يازغان خېتىڭ ۋە ئەۋەتكەن سۈرىتىڭ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.
     
    سەن خەۋەر قىلغان ۋەقە تۈپەيلىدىن ھېس قىلغان خاپىلىقىڭغا ھېسداشلىق قىلىمەن. سەن ساۋاقدىشىڭغا ياخشىلىق قىلىمەن دەپ، گۇناھكار بولۇپ قاپسەن. مۇراتقا ھەم ئېچىندىم، ھەم خاپا بولدۇم.
     
    بىزنىڭ ھۈسەيىنچۇ، ئۇمۇ سىلەرنىڭ سىنىپتىكى مۇراتقا ئوخشاش بىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈپ جېنىمىزنى ئالدى، لېكىن، ھۈسەيىن باشقىلارنى ئەيىبلىمىدى. خەۋىرىڭ بار، ئۇ ناھايىتى ياخشى ساۋاقدىشىمىز. ساڭا بىر خېتىمدە ئۇنىڭ بىر مەردانىلىكىنى، يەنى ئۆزىنى دەرەختىن ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتكەن ساۋاقدىشىنى تۇتۇپ بەرمىگەنلىكىنى يازغانىدىم.
     
    سەن ئىستانبۇلدىكى چاغدا ھۈسەيىنلەرنىڭكىگە بارغانمىدىڭ؟ ئۇلار كىچىك بىر تام ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئۆيىنى بىلمىسەڭمۇ نامرات بىر بالا ئىكەنلىكىنى بىلىسەن.
     
    ئۇلارنىڭكىگە پات-پات بېرىپ تۇرىدىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋىرىم بار. كىچىك ئىككى ئېغىز ئۆيدە يەتتە جان تۇرىدۇ. بۇ قىيىنچىلىقتىنمۇ ياكى ئائىلە كىرىمىنىڭ ئازلىقىدىنمۇ، ئۆيدە خۇشاللىق يوق. ئۇ يېقىن دوستۇم بولغاچقا، ئائىلىسىدىكى جېدەل-ماجىرادىن ماڭا شىكايەت قىلىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قايغۇسىغا ھېسداشلىق قىلىمەن. بەزى كۈنلىرى مەكتەپكە قاپاقلىرى ئىششىپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ھالدا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆيدە يىغلىغانلىقىنى چۈشىنىمەن. ئومۇمەن، ھۈسەيىننىڭ ئانچە چىرايى ئېچىلمايدۇ، لېكىن خاپا چىرايمۇ ئەمەس.
     
    ئۆتكەن بىر كۈنى، ئۇ يەنە كۆزلىرى ئىششىغان ھالدا كەلدى، يىغلىغانلىقىمنى بىلىپ قالمىسۇن دەپ، ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشمىدى، بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇچە دەرسكە كىرىپ كەتتۇق. ئۇ كۈنى تۈرك تىلى دەرسىدە مۇئەللىم «ئىسىمنىڭ ھاللىرى» (كېلىشلىرى)نى سۆزلىگەنىدى. «ئىسىمنىڭ قانچە ھالى بار؟» دېگەن سوئالغا: «باش كېلىش، ئىگىلىك كېلىش، چۈشۈم كېلىش، چىقىش كېلىش، بېرىش كېلىش، ئورۇن كېلىش» قاتارلىق ھاللىرى بار دەپ جاۋاب بېرەتتۇق.
     
    مۇئەللىم بۇلارنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، دېمىرگە «ئالتۇن روجەكلىك ئۆي» ناملىق ھېكايىنى ئوقۇتتى. بۇ ھېكايىنى سەنمۇ بىلىشىڭ مۇمكىن. ئۇنىڭدا ھېكايە قىلىنىشىچە، ئورماندىكى بىر كىچىك ئۆيدە بىر نامرات ئائىلە تۇرىدىكەن. بۇ ئائىلىنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن يىراق بىر جايدا باشقا بىر ئۆي كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. كەچقۇرۇنلۇقى ئۇ ئۆينىڭ دېرىزىلىرى ساپسېرىق يالتىراپ تۇرىدىكەن. قىزچاق ئالتۇن روجەكلىك بۇ ئۆيگە ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ يەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ، مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ئاخىر ھېلىقى ئۆينى تېپىپتۇ. كەچ كىرىپ كەتكەچكە، ئۇ يەردە قونۇپ قاپتۇ. ئەتىسى ئويغىنىپ قارىسا، قارشى تەرەپتىكى ئۆينىڭ دېرىزىلىرىمۇ ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا دېرىزە ئەينەكلىرىدە قۇياش نۇرى چاقناۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپتۇ.
     
    دېمىر بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇئەللىم:
    - بۇنىڭدىن نېمىنى چۈشەندىڭلار؟- دېدى ۋە ئۆز سوئالىغا ئۆزى جاۋاب بەردى،- كىشىلەر ئۆز ھالىغا شۈكۈر قىلىشى كېرەك. كۆپ چاغلاردا بۇ ھېكايىدىكى قىزچاقتەك ئۆز بەختىمىزنى بىلەلمەيمىز. لېكىن، ئۇنىڭدىن يىراقلاشقاندا، بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىمىز. دېمەك، ئەڭ ياخشى ئۆي يەنىلا ئۆز ئۆيىمىز.
     
    مۇئەللىم شۇنداق دېگەندىن كېيىن، بايىقى ھېكايىدىن «ئۆي» دېگەن سۆز بولغان بىر جۈملىنى ئوقۇغاندىن كېيىن:
    - ھۈسەيىن، سەن ئېيتىپ باققىنا، «ئۆي» قايسى ھالدا؟- دېدى.
     
    كەينىدىكى قاتاردا ئولتۇرغان ھۈسەيىن ئۆز خاپىچىلىقى بىلەن مۇئەللىمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان بولسا كېرەك، ئۆندەرىگەندەك ئورنىدىن تۇردىيۇ، ئاۋازىنى چىقارمىدى. مۇئەللىم سوئالنى تەكرارلىدى:
    - «ئۆي» قايسى ھالدا، ھۈسەيىن؟
     
    مۇئەللىم مېنىڭ ئۆيۈمنى سوراۋاتىدۇ، دەپ قالسا كېرەك، ھۈسەيىن پەس ئاۋاز بىلەن:
    - ياخشى ئەمەس، مۇئەللىم،- دېدى.
     
    مۇئەللىم ھەيران بولۇپ يەنە سورىدى:
    - مەن سەندىن «ئۆي»نىڭ ھالىنى سوراۋاتىمەن، «ئۆي» قايسى ھالدا؟
     
    نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆيىنىڭ قانداق ھالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنى خالىمىغان ھۈسەيىن يىغلامسىرىغاندەك چىگىش ئاۋاز بىلەن:
    - ئۆينىڭ ھالى ياخشى ئەمەس، مۇئەللىم...- دېدى.
    - «ئۆي»نىڭ قايسى ھالى ياخشى ئەمەس؟- دېدى مۇئەللىم.
    - ھەمىشە ياخشى ئەمەس، ئەمما بۈگۈنكى ھالى تېخىمۇ يامان.
     
    ھۈسەيىننىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى مەن بىلەتتىم، ساۋاقداشلار بولسا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسە چۈشىنەلمەي كۈلۈشەتتى.
    - نېمە ئۈچۈن ياخشى ئەمەس؟- دەپ سورىدى مۇئەللىم.
    - چۈنكى...- ھۈسەيىننىڭ ئاۋازى تىترەپ، سۆزىنى ئارانلا دەۋالدى،- ئۆي خوجايىنى بىزنى كۆچۈڭلار دەۋاتىدۇ، چۈنكى ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىگەنىدۇق...
     
    سىنىپتا قاقاقلىغان كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلگەندە، ھۈسەيىن پارتىسىدا بېشىنى ئىككى بىلىكى ئارىسىغا ئېلىپ ئولتۇرۇۋالدى.
     
    مۇئەللىم ھېلىقى جۈملىنى ئوقۇدى: «قىزچاق ئۇدۇلدىكى ئالتۇن روجەكلىك ئۆينى كۆرگىنىدە...»
    - سەن ئېيتىپ باق، دېمىر، بۇ يەردە «ئۆي» قايسى ھالدا؟
    - چۈشۈم كېلىش ھالىدا، مۇئەللىم...- دېدى دېمىر.
     
    مۇئەللىم يەنە ھۈسەيىندىن سورىدى:
    - «ئۆي» قايسى ھالدا ئىكەن؟
     
    ھۈسەيىن يەنىلا چۈشىنەلمىگەنىدى:
    - ياخشى ھالدا ئىكەن...- دېدى.
     
    سىنىپتا يەنە بىر قاقاقلىغان كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
    - «ئۆي»نىڭ قانچە تۈرلۈك ھالى بار، ھۈسەيىن؟- دەپ سورىدى مۇئەللىم.
    - ياخشى ھالى ۋە ياخشى بولمىغان ھالى بار...
     
    ھۈسەيىننىڭ ئائىلىسىدە ھېچقاچان ياخشى ھال بولمايدىغانلىقىنى مەن بىلەتتىم.
     
    مۇئەللىم ھۈسەيىننىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى كېيىن چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن سۆز تېمىسىنى ئۆزگەرتتى:
    - يەنىلا ئەڭ ياخشى ئۆي ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئۆي، شۇڭا ئۆيىمىزنىڭ قەدرىنى بىلىشىمىز كېرەك...
     
    كەچقۇرۇن مەكتەپتىن قايتقاندا، ھۈسەيىنگە بىر ئاز تەسەللى بېرىشكە تىرىشتىم.
     
    ئەنقەرەدە ھاۋا قانداق؟ بۇ يەر قاتتىق سوغۇق بوپكەتتى. تۈنۈگۈن بىر ئاز قار ياغقان، يەرگە چۈشۈپلا ئېرىپ كەتتى. بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەھۋالى ياخشى، ئەمما مېنىڭ ھۇجرامنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. زالدىكى مەش مەن ياتىدىغان ھۇجرىنى ئانچە ئىسسىتالمايدۇ. سىلەرنىڭ ئۆينىڭ ئەھۋالى قانداق؟
     
    خېتىڭنى كۈتىمەن، زەينەب. سېنى ئۇنۇتمىغان ساۋاقدىشىڭ:
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1969-يىلى 26-فېۋرال، ئىستانبۇل
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.