تەۋارىخى مۇسىقىيۇن-كىرىش سۆز(2)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 01:13:50

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى2«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»نىڭ ئاپتورى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ھازىرغىچە مۇشۇ ئەسەرد...



     

    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

    2

     


    «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»نىڭ ئاپتورى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ھازىرغىچە مۇشۇ ئەسەردىكى بايانلاردىن باشقا مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. بىراق، مۇشۇ ئەسەردىكى ماتىرياللارنىڭ ئۆزىمۇ بىزنىڭ مۆجىزى ئوبرازىنى خېلى روشەن ھالدا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىزگە ئىمكانىيەت بېرىدۇ.


    مۆجىزى ئۆز رىسالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا مەزكۇر رىسالىنى يېزىش ئۈچۈن «تارىخى رەشىدى»، «تەۋارىخى رەۋزەتۇسسەفا» ۋە «تەۋارىخى ئەجەم» قاتارلىق پارىس تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن ۋە «تەۋارىخى تەبىرى»، «تەۋارىخى ھۆكەما»، «تەۋارىخى ئەرەپ» قاتارلىق ئەرەپچە يېزىلغان ئەسەرلەردىن پايدىلانغانلىغىنى، فارابىنىڭ ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان «رىسالەئى مۇغەننىيۇن» ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىگىنى يازىدۇ. بىز بۇ بايانلاردىن ئۇنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەپ، پارىس تىللىرىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن مەلۇماتلىق بىر كىشى ئىكەنلىگىنى بىلىمىز.


    مۆجىزى ئۆز ئەسىرىنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئەلىشىر نەۋايىنى «پىرىم»،«ئۇستازىم» دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇنىڭ «كۇللىيات»، «چاھار دىۋان»، «خەمسە»لىرىدىن ھەم بۇلاردىن باشقا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يازغان 36 پارچە كىتابىدىن بەھرىمان بولۇپ، ئۇنىڭ خىسلەت ۋە ئىشقى مۇھەببىتىدىن خەۋەردار بولدۇم، دەپ يازىدۇ. ئۇ يەنە لۇتفى، ئابدۇراخمان جامى، مۇھەممەت كۈشتىڭىرلەرگە باھا بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئالىجاناپلىغىغا نەۋايىنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى پاكىت قىلىدۇ. مانا بۇلاردىن مۆجىزىنىڭ نەۋايىغا چەكسىز ئىخلاس قويغانلىغىنى، نەۋايىنىڭ يۈكسەك بەدىئى ماھارىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەرەققىپەرۋەر ئىدىيىسى بىلەن ئالىجاناپ پەزىلىتىگە قايىل ئىكەنلىگىنى كۆرگىلى بولىدۇ.


    مۆجىزى فىساغۇرس (پىپاگور) ئۈستىدە توختالغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاغزىدىن «ئۆزەڭنى تۈزلىمەي تۇرۇپ كىشىگە نەسىھەت قىلما؛ ئەيىبىڭنى ساڭا كۆرسەتكەن كىشىنى دوست بىلىپ ئەزىز تۇت؛ چىرايلىق لىباس كىيىپ يۈرگۈچە چىرايلىق سۆز قىلىپ يۈرۈشنى ئۆرگەنگىل؛ ياخشى سۆزنى ئەيتۇرغە قۇدرەتىڭ بولماسا، ياخشى سۆزنى ئېيتقۇچىدىن ئۆرگەنگىل؛ ئىلىم ئۆرگەنىشدىن نومۇس قىلما، ئىلىمسىزلىكتىن نومۇس قىل» دېگەن ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كەلتۈرىدۇ. فارابى ئۈستىدە توختالغىنىدا بولسا، ناھايىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭ « يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان فەيزنى مېنىڭ قانۇنۇمنىڭ (قالۇنۇمنىڭ) سىملىرىدىن ئاڭلىغايسىزلەر»دېگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغان بۇ ھىكمەتلىك سۆزلەر ئەمىلىيەتتە مۆجىزىنىڭ ئۆز دۇنيا قارىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنى ئەينى زاماندىكى نادانلىق، تەركى دۇنيالىق ۋە قۇللۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى جاھىل كۈچلەرگە قارىتىپ ئېتىلغان ئوق، خەلق ئاممىسىغا بېرىلگەن سەمىمى مەسلىھەت سۈپىتىدە قوللانغان.


    مۆجىزىنىڭ فېئوداللىق- دىنىي چەكلىمىلەر بولۇپمۇ تەرىقەتچىلىكنىڭ چەكلىمىلىرى تۈپەيلى تارىختا كۆمۈلۈپ قالغان مۇزىكا ئالىمى ۋە شائىرە ئاماننىساخان نەفىسىنى تارىختىكى 17 نەپەر مۇزىكا پىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، زور ھۆرمەت بىلەن خالايىققا تونۇشتۇرىشىمۇ ئۇنىڭ شۇ دەۋردىكى تەرەققىپەرۋەر زىيالىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا پۈتۈنلەي مۇناسىپ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.


    مۆجىزى «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاللاغا مۇناجەت قىلىپ «ئاسى قۇلۇڭدۇرمەن فەقىر، جافى قۇلۇڭدۇرمەن ھەقىر، غەم ئىلكىدە بولدۇم ئەسىر، سەنسەن ماڭا فەريادىرۇس»دېگەن مىسرالارنى يازىدۇ ۋە ئۆز ئەسىرىنى «تۈگەت سۆزنى مۆجىز غەرىب بىناۋا، ئۇلۇغ يولغە كىرگىل بولۇپ ناسىۋا» دېگان بېيىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بىز بۇ مىسرالاردىن ئۇنىڭ يوقۇرقىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسىنى يازغانلىغىنىڭ فېئوداللىق دىنىي پىرىنسىپلارغا بولۇپمۇ تەرىقەتچىلىك پىرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدىغانلىغىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلىپ تۇرغانلىغىنى ۋە شۇ چاغلاردا يەنىلا خېلى سالماقنى ئىگەنلەپ تۇرغان مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئۆز ھەركىتىنى مۇشۇ يول بىلەن ئاز-تولا نىقاپلىغانلىغىنى كۆرىمىز.


    «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»نىڭ تەشەببۇسچىسى ئەلىشىر ھېكىم بەگ مۆجىزىنى ''سەنكىم كەسبىڭ ھەم مۇسىقىدۇر ھەم ئەبيات مەملىكىتىنىڭ بۇلبۇلۋار سۇلتانى، ئەدەبىيات مۈلكىنىڭ تۇتى شەرىن لىسانىدۇرسەن ھەم خۇش پۈتكۈچى ھەم دىلكەش ئەيتقۇچى سەندۇرسەن'' دەپ تەرىپلەيدۇ. گەرچە بۇ سۆزلەر ئىنتايىن مۇبالىغىچىلىك بىلەن ئەيتىلغان بولسىمۇ، ھەرھالدا مۆجىزىنىڭ شۇ دەۋىردە داڭلىق كەسپىي مۇزىكانت ھەم نۇرغۇن ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر شائىر بولۇپ ئۆتكەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلالمىگەن ياكى تەخى قولىمىزغا چۈشمىگەن.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.