زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى 13

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-18 17:27:46

زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى 13ھەسەن بىزنىڭ ئۆيىمىز شەھەر ئىچىدە بولغىنى ئۈچۈن شەنگەن يامۇلغا يېقىن ئىدى. بىر كۈنى مەن بىر قانچە ئادەمنىڭ شۇ تەرەپكە ئالدىراپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ: «بى...



     

    زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى 13

     

    ھەسەن
        بىزنىڭ ئۆيىمىز شەھەر ئىچىدە بولغىنى ئۈچۈن شەنگەن يامۇلغا يېقىن ئىدى. بىر كۈنى مەن بىر قانچە ئادەمنىڭ شۇ تەرەپكە ئالدىراپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ: «بىرەر ئىش بولدىمۇ نېمە» دەپ ئويلىدىم–دە، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ باردىم. شەڭگەن يامۇلنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسى ئادەم بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ھويلىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى سولاقخانا تەرەپكە كىشىلەر قىسىلىپ بېرىپ، بىر–بىرىنىڭ مۆرىسىدىن بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ قاراۋاتاتتى.
       - پەي كېسىدىغان توكۇر ئاشۇ!
       - راست، ئۇنىڭ قولىدا ئۇستۇرا، ئىلمەك تۆمۈردەك بىر نەرسىلەر تۇرىدۇ؟
      - نەشتەرمۇ نېمە؟
      - ھەسەن ئوغرى ماتا يىرتىۋاتىدىغۇ، نېمە قىلىدىغاندۇ؟
      - پۇتىنى تاڭىدۇ – دە...
         كۆپچىلىك ئارىسىدا ئەنە شۇنداق گەپلەر بولۇۋاتاتتى، شۇ ئارىدا پالكۆز، قارا ساقال بىر ئادەم گەپنى بۆلدى:
       - راست، بۇرادەرلەر، پۇتىنى تاڭىدۇ. نېمىشقا پۇتىنى تاڭىدۇ، ئۇقامسىلەر؟ ئەگەر پۇتنى پاچاقتىن تىزىغىچە راسا مەھكەم تېڭىۋەتمىسە، كېسىۋېتىلگەن ئوشۇقنىڭ ئاستىدىكى لىپەك پەي ساقىيىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ بوينى ئالدىغا ئېگىلىپ، بېشى ساڭگىلاپ قالىدۇ. ھەسەن قالتىس چېچەن يىگىت جۇمۇ، بۇنى ئۇ ياخشى بىلىدىكەن. ئەنە قاراڭلار، ئۇ تازا كېلىشتۈرۈپ، چاپراس قىلىپ مەھكەم تېڭىۋاتىدۇ، ئەمدى پېيىنى كەسسىمۇ بېشى ئالدىغا ساڭگىلاپ قالمايدۇ...
    مەن پەي كەسكەننى كۆرۈش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ پۇتلىرى ئارىسىدىن ئۆمىلەپ ئۆتۈپ، سولاقخانىنىڭ ئىشىكىگە يېقىنراق بىر يەرگە بېرىپ قاراپ تۇردۇم. ئىشىكى ئۇلۇغ ئېچىلغان تاشقىرىقى سولاقخانا دالىنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان بورا ئۈستىدە سول يېنىنى بېسىپ، ئوڭ پۇتىنى سوزۇپ ياتقان ئوتتۇز نەچچە ياشلاردىكى ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، قايرىما قارا بۇرۇت، يالتىراق قارا كۆزلۈك بىر كىشىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ باش تەرىپى ئالدىدا ئىككى – ئۈچ مەھبۇس «پاڭ»مۇ ياكى قاتارمۇ ئىشقىلىپ، بىر تاختىچاققا ئۇرۇق تىزىۋاتاتتى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار ھەسەن بىلەن پاڭ ئويناشنى باشلىۋەتتى. جازانى ئىجرا قىلىدىغان پەي كەسكۈچى توكۇرمۇ ئۇنىڭ پۇتىنى تىلىپ، پېيىنى تارتىپ كېسىۋەتتى. ھەسەن پەرۋا قىلماي، غىڭ قىلغان ئاۋازمۇ چىقارماي، ئوڭ قولى بىلەن پاڭ ئۇرۇقلىرىنى قاتتىق–قاتتىق ئۇرۇپ، كۈلۈمسىرەپ تۇتۇپ ئويناۋاتاتتى.
       - پاھ، نېمىدېگەن ئوغۇل بالا بۇ!
       - ئەزىمەت، باتۇر ئىكەنسەنغۇ؟
       - ئاغزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمايدا...
         ھەر خىل ماختاشلار ھەر تەرەپتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى، مەن ئاۋۋال ھەسەننىڭ مەردانە كەيپىياتىغا قاراپ ھودۇقماي قاراپ تۇرغانىدىم، كېيىن ئۇنىڭ پۇتىدىن ئاققان قاننى كۆرۈپ، قورققىنىمدىن يىغلىۋەتتىم. كېين پەي كەسكۈچىلەر ھەسەننىڭ يارىسىغا ئەسكى مازنى كۆيدۈرۈپ بېسىپ قويۇشتى.
         1920– يىللىرى ھەسەن بايلارنى قورقۇتىدىغان خېلى ئاتاقلىق «ئوغرى» ئىدى. ئۇ ئاددىي پۇقرالارنىڭ ھېچنېمىسىنى ئالمايتتى. ئەكسىچە بايلارنىڭ ئامبارلىرىدىن ئوغرىلىۋالغان ماللارنى ماكانسىز، تېنەپ يۈرگەن غېرىپ–غۇربالارغا بۆلۈپ بېرەتتى ياكى ئاچ–يالىڭاچ قالغانلارنى تويۇندۇرۇپ، كىيىم–كېچەكلىك قىلىپ قوياتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى كەمبەغەللەر ياخشى كۆرەتتى، ھىمايە قىلاتتى. بايلار بولسا، ئۇنى ناھايىتى يامان كۆرەتتى، ئۇنىڭدىن قورقاتتى. شۇڭا ئۇلار شەڭگەنگە پات–پاتلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز بېرىپ تۇراتتى. شەڭگەن يامۇلمۇ ئۇنى بىر نەچچە يىلغىچە تۇتالماي، «كىمكى ئۇنىڭ بار يېرىنى خەۋەر قىلسا، ئۈچ يۈز سەر تەڭگە، ئەگەر تۇتۇپ بەرسە، مىڭ سەر تەڭگە مۇكاپات بېرىلىدۇ» دېگەن ئېلانلارنى ئارقا–ئارقىدىن چىقىراتتى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ھەسەننى تۇتالمىغانىدى.

    بىر كۈنى ھەسەن چوڭ كۆۋرۈكتىكى ساماۋارخانىدا چاي ئىچىپ ئولتۇرغاندا، ئۈچ  يۈز سەر پۇلغا ئىگە بولۇشنى خالىغان بىر دەللال ئۇنىڭ ساماۋارخانىدا ئولتۇرغانلىقىنى شەڭگەن يامۇلغا بېرىپ دەپ قويۇپتۇ. شەڭگەن يامۇل دەرھال ئىككى لوزۇڭ بىلەن ئون چېرىكنى ساماۋارخانىغا ئەۋەتىۋېتىپتۇ. بۇنى سەزگەن ھەسەن ئۇلاردىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلاۋاتقاندا، ساماۋارخانا خىزمەتچىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا ئارقىدىكى كۆمۈرخانىنىڭ پەنجىرىسىدىن چۈشۈپ قېچىپ كېتىشنى ئېيتىپتۇ. ھەسەن بۇ مەسلىھەت بويىچە قېچىپ چىقىپ، چېرىكلەرگە تۇتۇق بەرمەپتۇ. لوزۇڭلار بىلەن چېرىكلەر ئۇنى تۇتالمىغاندىن كېيىن، ساماۋارخانىدىكى خىزمەتچىلەرنى ئۇرۇپ، چىنە–چەينەكلەرنى سۇندۇرۇپ، قايناۋاتقان چوڭ ساماۋارلىرىنى ئۆرۈۋەتكەنىكەن. يەنە بىر كۈنى ھەسەن بىر قانچە غېرىپ، مۇساپىرلارنى ئاشپۇزۇلغا يىغىپ ئۇلارغا تاماق ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، شەڭگەن يامۇل خەۋەر تېپىپ، ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن يىگىرمىچە چېرىك چىقارغان. ئۇلارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ھەسەن ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ چوڭ كوچا بىلەن قاچقان. چېرىكلەر ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ، شەھەر سېپىلى تۈۋىگە قاپسىۋالغاندا، سېپىلنىڭ ئاستىغا كېلىپلا غايىب بولۇپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ، ھەسەن بۇ قېتىممۇ چېرىكلەرگە تۇتۇق بەرمىگەن.
         مۇنداق ۋەقە بىر قانچە قېتىم بولغاندىن كېيىن خەلق ئاغزىدا: «ھەسەن ئوغرى خىسلەتلىك ئادەم، ئۇنىڭغا غايىبتىن مەدەت بار» دېگەندەك گەپ–سۆزلەر تارقىلىپ يۈرەتتى. ئەسلىدە ھەسەننىڭ ئەۋلىيا ياكى جىنلار بىلەن نېمە ئالاقىسى بولسۇن. ئۇنىڭ خەلققە يېقىپ كەتكەن ئىككى كارامىتى بار: بىرىنچىسى، ئۇ يوقسۇللارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ، جازانىخور بايلارنىڭ بولسا جاجىسىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئاددى ئادەملەر ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغۇچى دەپ قاراپ، ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇ ناھايىتى چەبدەس چامباشچى. مەسىلەن، ئۇنىڭ قارا مەخمەلدىن كىيىۋالغان شىم–تۇجۇركىسى ھىم، چاققان قىلىپ تىكىلگەن، تېز ھەرىكەت قىلىشىغا ھېچقانداق پۇتلاشمايدۇ. پۇتىغا كىيىۋالغان ئېسىل رەختتىن تىكىلگەن يىس پاشنىلىق پارقىراپ تۇرىدىغان چاققان ئۆتۈكىنىڭ ئىككى قونچىدا ئىككى ئۆتكۈر خەنجىرى بار. ئۇنى ئەگەر بىر نەچچە ئادەم قورشىۋالسا، ئۇ دەرھال ئىككى قونچىدىن ئىككى خەنجەرنى بىراقلا سۇغۇرۇۋېلىپ، ئوينىتىپ ياكى ئېتىپ يۈرۈپ، بۆسۈپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە شۇنىسى ئاجايىپكى، ئېگىز تام ياكى سېپىلغا دۇچ كېلىپ قالسا، خەنجەرلىرىنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى سانجىپ، ئېسىلىپ ياكى موللاق ئېتىپ ئۈستىگە چىقىپ كېتىدۇ. دېمەك، ھېلىقى يىگىرمە چېرىك سېپىل تۈۋىگە قاپساپ ئالغاندا، ھەسەننىڭ غايىب بولۇپ كېتىشىمۇ مانا شۇنداق خەنجەر ئويۇنىنىڭ كارامىتىدىن بولغان.
         ئەمىسە ھەسەن قانداق بولۇپ يامۇلغان چۈشۈپ قالدى؟
         ھەسەن ياز كۈنلىرى ئىلى دەرياسى تەرەپتىن ئاتلىق شەھەرگە كېلىۋېتىپ، ئايدۆڭ مەھەللىسىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى دۆڭلۈكلەر ۋە ياداڭلىقلاردىن ئۆتۈپ، كېرەم بەگنىڭ ھويلىسىنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ ئۆستەڭ بويىغا كېلىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆستەڭ بويىدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ئوت–چۆپنى كۆرۈپ، ئاچ قالغان ئېتىنى بىردەم ئوتلىتىۋېلىشنى ئويلاپ ئەتراپقا نەزەر سالىدۇ، ھېچكىم كۆرۈنمەيدۇ. ئۇ ئاتنىڭ بېشىدىن يۈگەننى چىقىرىپ، پۇتىنى چۇلۋۇر بىلەن چۈشەپ ئوتلاشقا قويۇۋېتىدۇ. ئۆزى بولسا، خاتىرجەم ھالدا ئۆستەڭ بويىدا سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ھەسەننىڭ بۇ يەرگە كېلىپ خاتىرجەم ياتقىنىنى ئۈجمە ئۈستىدىكى بالىلار يىراقتىن كۆرۈپ قالىدۇ-دە، كېرەم بەگكە بېرىپ خەۋەر قىلىپ قويىدۇ. گەۋدىلىك، گوپەي، يوغان قورساق يالاقچى كېرەم بەگە بىر مۇنچە پۇل ھەم ئابرويغا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە، ھەسەننى تۇتۇۋېلىشنىڭ چارىسىنى ئويلايدۇ. ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق بىر ئامالنى تاپىدۇ: دېھقانچە ياسانغان، قوللىرىدا كەتمەن تۇتقان ئىككى كىشى سۇ ياقىلاپ ھەسەننىڭ يېنىغىراق كەلگەندە سۇ تالاشقان بولۇپ مۇشتلىشىدۇ، ھەسەن ئۇلارنى ئاجراتماقچى بولىدۇ. شۇ پەيتتە سوقۇشۇۋاتقان ئىككى دېھقاننىڭ قايسىسىغا ئەپ كەلسە، شۇ كىشى كەتمەن بىلەن ھەسەننى ئۇرۇپ يىقىتىدۇ. ئىش كېرەم بەگنىڭ ئويلىغىنىدەك باشلىنىدۇ. ئۇنى دېمىسىمۇ كېچىدىن بېرى يول يۈرۈپ ئۇيقۇسىز قالغان ھەسەننىڭ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ يىغىلىدۇ، ئۇ ئۆستەڭ بويىدا مۈگدەپ يېتىپ بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كېتىپ قالىدۇ. كېرەم بەگ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پىلان بويىچە كەتمەنلىك ئىككى كىشى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇلار ھەسەندىن يىگىرمە–ئوتتۇز قەدەم نېرىسىدا ۋارقىراپ–جارقىراپ مۇشتىلىشىدۇ. ھەسەن چۆچۈپ قوپۇپ، ئۇلارنى ئاجرىتىشقا كېلىدۇ. ئۇ سوقۇشۇۋاتقانلارغا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ باقسىمۇ، ئۇلار بېسىلمايدۇ، بەلكى ئاجراتقانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ، كەتمەنلىرىنى كۆتۈرۈپ بىر–بىرىگە دىۋەيلىشىدۇ. شۇ چاغدا ھەسەن ئۇلاردىن بىرىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ مېڭىشىغا يەنە بىرى كەتمەننىڭ چۇلدىسى بىلەن ھەسەننىڭ غولىغا بىرنى ئۇرىدۇ. ھەسەن دەلدەڭشىپ ئارقىسىغا ئۆرۈلىدۇ–دە، ئۇنىڭ ئۆزىگە دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، قونچىدىكى خەنجەرگە قول سوزىدۇ. بۇ چاغدا كۆتۈرۈپ نېرى ئاپارغىنى كەتمەن بىلەن ئوڭ جەينىكىگە ئۇرۇۋېتىدۇ. ھەسەن ئەمدىلا سول قولىنى ئىشقا سالغۇچە يېتىپ كەلگەن كېرەم بەگ بار كۈچى بىلەن ھەسەننىڭ تىزىغا كەتمەننىڭ چۇلدىسى بىلەن بىرنى ئۇرىدۇ. ھەسەن تىزلانغان پېتى يىقىلىپ چۈشىدۇ. مانا شۇنداق مۇناپىقلىق ھىيلە–مىكرى بىلەن مەرت يىگىت ھەسەن قولغا چۈشۈپ قالىدۇ.
         گۇناھكار ئۈچۈن بىرلا قېتىم جازا ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى شەڭگەن ھەسەنگە پۇتىنىڭ پېيىنى كېسىش ۋە ئەڭ ئالىي جازا ـــ قەپەسدارغا ئېسىش جازالىرىنى ھۆكۈم قىلىدۇ. ھەسەننىڭ پېيىنى كېسىشنى شەڭگەن ئۆزى ئالدىراپلا ھۆكۈم قىلغان. ئەمما نامەرت شەڭگەن ھەسەننىڭ ساقىيىۋېلىپ يەنە ھەرىكەت قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى جىنغا ئوخشاش قورقۇنچلۇق ئادەم سۈپىتىدە تەرىپلەپ، ئۈرۈمچى جاڭجۇڭىغا مەلۇم قىلغان. ئۈرۈمچى جاڭجۇڭى ھەسەننى دارغا ئېسىپ قىيناپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈمنامە ئەۋەتكەن. بۇ ھۆكۈمنامە كەچكۈزنىڭ بىر كۈنى شەڭگەن يامۇلنىڭ تاشقى دەرۋازىسىغا چاپلانغانىدى.
         شۇ كۈنى بۇ ھۆكۈمنامىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئادەملەر يامۇل تەرەپكە كەينى–كەينىدىن كېتىپ باراتتى. بۈگۈن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن مەنمۇ كىشىلەرگە ئەگىشىپ شەڭگەن يامۇلىغا باردىم. يامۇلنىڭ ئېلان چاپلىنىدىغان يېرىدە بىر توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغان، ئۇلار ھەسەننى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى ھۆكۈمنامىنى ئوقۇشماقتا ئىدى. كۆپچىلىك ئىچىدە:
       - توۋا خۇدايىم، بۇ نېمە ئىش؟
       - خاننىڭ ھۆكۈمى بىر دەيدىغان ئىدىغۇ؟
       - ھەي... خان ئاغزى مايمۇن دېگەن مۇشۇ–دە.
       - بىزنىڭ ھەسەتخور، نامەرتلەرنىڭمۇ تەلىپى شۇ.
       - ھەسەندەك قورقماس، مەردانە يىگىتنى كۆزدىن يوقىتىش ئاچكۆز، قورققاق، جازانىخور بايلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن–دە! دېگەندەك شاۋ–شۇۋ گەپلەر بولۇۋاتاتتى. بەزى كۆڭلى يۇمشاق ئادەملەر كۆز يېشى قىلىپ، تۈكۈرۈكىنى تەستە يۇتاتتى. بەزىلەر ياقىسىنى تۇتۇپ خۇداغا سېغىناتتى.
        يامۇلنىڭ بىرىنچى دەرۋازىسىدىن كىرگەندىن كېيىن، ئىككىنچى دەرۋازىسىنىڭ تاشقىرىقى ئىككى تەرىپىدە ئادەمنىڭ بويىدىن بىر گەزچە ئېگىز، ئۈستى تار، ئاستى تەرىپى كەڭ ئىككى قەپەس تۇراتتى. بۇ، ئادەمنىڭ پاچىقىدەك چەنزىلەر بىلەن سالاسۇن قىلىپ ياسالغان، ئۈستىدىن ئادەم بېشىنى چىقىرىپ ئېسىپ قويسا، پۇتى يەردىن بىر غۇلاچچە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەم قەپىسى ئىدى. مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن بېرى شۇ قەپەسلەر ئەتراپىدا مۆكۈ–مۆكۈلەڭ ئويناپ يۈرگەن بولساممۇ، بۇنىڭ نېمىگە كېرەك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مانا بۈگۈن ئۇنى ياغاچچىلار يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ ئادەم بوينى كىرگۈزۈلىدىغان تۆشۈكىنىڭ كىرىشتۈرۈلىدىغان قىسىملىرىنى ۋە شالاقلاپ قالغان چەنزە ياغاچلىرىنى رېمونت قىلىۋاتاتتى.
         ئەتىسى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە، مەن كوچىغا چىققانىدىم. بۈگۈن كىشىلەر تۈنۈگۈندىنمۇ تولا ئىدى، ئۇلار توپ–توپ بولۇپ شەڭگەن يامۇلغا كېتىپ باراتتى. مەنمۇ خەلققە ئەگىشىپ ماڭدىم. يامۇلنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ھويلىلىرىغا ئادەم لىق تولۇپتۇ. ئۈچىنچى ھويلىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە شەڭگەن ئىچكىرىكى ھويلىدىن چىقىپ سوراق قىلىدىغان داتاڭ دەپ ئاتىلىدىغان پاكار سەھنە بار ئىدى. داتاڭنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاشتىن ياساپ قويۇلغان، ئاغزىنى ئېچىپ چىشلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرغان ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى ئادەمگە خىرىس قىلىپ تۇرىدۇ. داتاڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە ئىككى ياققا ئېچىلىدىغان دەر پەردە ئىشىك قاناتلىرىغا ئىككى ئەجدىھانىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. بۇ ئەجدىھالارنىڭمۇ ئاغزى ئېچىلىپ، زەھەرلىك قىزىل تىلى چىقىپ تۇرىدۇ. ئادەملەرنى ئەيمەندۈرىدىغىنى يىلان ۋە چايان سۈرەتلىك داتاڭنىڭ ئالدىغا قىزىل پەرەڭ تارتىلغان ئۈستەل قويۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە تۆت تەخسە سەي (قورۇما) ۋە بىر ھېجىر ھاراق قويۇپ قويۇلغان.
    لوزۇڭ، يايى، تۇڭچى ۋە مۇلازىملار داتاڭنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلىپ، ئاجايىپ سۈرلۈك بىر ئاۋازدا نېمىدۇر بىر نېمە دەپ ۋارقىرىغانىدى، داتاڭنىڭ يۇقىرى ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، شەڭگەن چىقىپ كەلدى. ئۇ ئالچاڭلاپ ئۈستەل يېنىدىكى ئالاھىدە ھازىرلانغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن: «گۇناھكار كەلتۈرۈلسۇن!» دېگەن بۇيرۇق ئاڭلاندى. شۇ چاغدا ئىككى تەرەپتىكى ئاتارمەن–چاپارمەنلەرنىڭ «خوپ!» دېگەن ئاۋازىمۇ تەڭ ئاڭلاندى.
         شۇنىڭدىن كېيىن بوينىدا قوۋۇق، زەنجىر، قولىدا كويزا، پۇتىدا كىشىنى بار بىر مەھبۇس ئېلىپ كىرىلدى. پەستىكى ئۈستەل ئالدىغا تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇۋالدى. بۇ مەھبۇس ھەسەن ئىدى. شەڭگەن جاڭجۈندىن كەلگەن ھۆكۈمنامىنى ئوقۇپ بەردى. تۇڭچى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بەلگە ــ «خان ئوقى»نى ئىككى ئىجراچى ھەسەننىڭ دۈمبىسىگە قاداپ قويدى. شەڭگەن ئورنىدىن تۇرۇپ:
       - سېنىڭ ئۆمرۈڭ بۈگۈن ئاخىرلاشتى. كۆڭلۈڭدە قالغان ئارزۇ–ئارمانلىرىڭ باردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى ئۆمرۈڭدە سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بۇ زىياپەتنى تەييارلىدۇق. ھاراقنى ئىچىپ، سەيگە (قورۇمىغا) ئېغىز تەگ!- دېدى قولى بىلەن ئۈستەلدىكى ھاراق، سەيلەرنى كۆرسىتىپ. شۇ چاغدا بىر ئىجراچى ھاراقنى، يەنە بىر ئىجراچى بىر چوكا سەينى ھەسەننىڭ ئاغزىغا يېقىن ئەكىلىپ تۇتقانىدى، ھەسەن بېشى بىلەن بىرنى ئۈسۈپ، ھاراق قاچىسىنى پارە–پارە قىلىۋەتتى. شەڭگەن «سا» دەپ ۋارقىراپ ئۈستەلنى بىر تېپىپ ئۆرۈۋەتتى. يايىلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ھەسەننى تۇتۇپ قەپەزگە سولىدى. ھەسەن شەڭگەننىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان كېرەم بەگكە ۋارقىرىدى:
       - ھاي كېرىم بەگ دېگەن مۇناپىق، غالچا! مەن بۇ قېتىم قۇتۇلالمىدىم. تەلىيىڭ ئوڭ كەلدى. مېنىڭ بىردىنبىر ئارمىنىم سېنى چەيلەپ، مىجىپ تاشلاش ئىدى، ئورۇندىيالمىدىم...
         پۈتۈن ئادەم كېرەم بەگكە نەپرەت بىلەن كۆز تىكتى. ئۈچ ئات قېتىلغان تۆت چاقلىق يەمچۈك ھارۋىغا ھەسەن سولانغان قەپەس سېلىندى. ئۇنى تۆت يايى تۆت تەرەپتىن تۇتۇپ ئولتۇرغۇزدى. ھارۋىنىڭ ئالدى–كەينىدە سەككىزدىن ئون ئالتە چېرىك گۇناھكارنى يالاپ ماڭدى. ھارۋا بازار كوچىلىرىنى ئارىلاپ كېتىپ باراتتى. نەچچە مىڭلىغان ئادەم ھارۋىنىڭ ئالدى–كەينىدىن ئەگىشىپ كېلەتتى. ھارۋا غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى ــ تاشلەپكىنىڭ يېنىدىكى تۆت كوچىغا كەلگەندە، ئادەملەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، كوچىلارغا پاتماي قالدى. مەن ئەمدى بىر تەنزىكەشنىڭ ئېگىز بىر ساندۇقى ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ھەسەنگە قارىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىدە قارا مەخمەل شىم–تۇجۇركا، پۇتىدا توم تۇمشۇق «ئېنگىلىزچە» پارقىراق ئۆتۈك (ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق ئۆتۈكنى شۇ نامدا ئاتايتتۇق)، قولىدا كويزا بولسىمۇ، قارا مەخمەل قالپىقىنى (بىرىگە قىرلاتقان بولسا كېرەك) قىرلاپ كىيىۋالغانىدى.
       - ھاي خالايىق،- دېدى ئۇ بېشىنى تىك تۇتۇپ ۋارقىراپ،- مەندىن رازى بولۇڭلار! رەنجىتكەن يېرىم بولسا كەچۈرۈڭلار،- ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ خوشلاشتى، يەنە بېشىنى كۆتۈرۈپ،- ئەمما مېنى تۇتۇپ بەرگەن مۇناپىقلاردىن، جازانىخور بايلاردىن، مېنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان دارىنلاردىن ھەرگىزمۇ كەچۈرۈم سورىمايمەن. خوش بۇرادەرلەر، ئامىن!... ئەتراپتىن «ئامىن» دېگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى.
         ھارۋا چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ قارا دۆڭگە قاراپ ماڭدى. ھارۋا تەسلىكتە قارا دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى ئېگىز–پەس بىر مەيدانغا چىقىپ توختىدى. شەڭگەنمۇ مەپە بىلەن بىر قانچە چېرىكنىڭ ھىمايىسىدە شۇ جايغا كېلىپ توختىدى. ئۇ مەپىدىن چۈشۈپ، راسلاپ قويۇلغان بىر تەيزىگە چىقىپ ئورۇنلاشتى. ئاندىن كېيىن، ھەسەن سېلىنغان قەپەس جازا مەيدانىغا كەلتۈرۈلدى. تۆت ئىجراچى شەڭگەننىڭ «ئاس» دېگەن قول ئىشارىتىنى كۆرۈپ، قەپەس ئۈستىدىكى تاختاينى ئىككى ياققا سېيرىدى–دە، ھەسەننىڭ بېشىنى يېرىم دائىرىلىك ئورنىدىن چىقىرىپ، بوينىنى تاختاي بىلەن كىرىشتۈرۈپ قىستى، ئاندىن ئۇنى ساڭگىلىتىپ قويۇۋەتتى. ھەسەننىڭ بېشى بوينىغىچە تۆشۈككە قىسىلىپ، پۇتى يەردىن بىر گەز ئېگىزرەك كۆتۈرۈلۈپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈش ئۈچۈن نەچچە مىڭلىغان ئادەم دۆڭگە چۈمۈلىدەك يامىشىپ چىقىۋاتاتتى.
       - يائاللا، يائاللا!
       - پەرۋەيدىگارىم، ئۆزۈڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانسەن – ھە!
       - خۇداۋەندە كېرەم، بۇ قانداق جازا؟
       - توۋا، توۋا!
       - ۋاي ئېسىت!- دېگەندەك ھەسرەتلىك، نادامەتلىك زارلاش ئاۋازلىرى ھەر ياقتىن قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى. مەن قورقۇپ، توپا-چاڭ ئىچىدە ئۇسساپ گېلىم قۇرۇپ، تۈكۈرۈكۈمنى يۇتالماي قالغان بولساممۇ، نېمە ئۈچۈندۇر خەلقتىن قالماي دۆڭگە يامىشاتتىم.
         يەڭلىرى جەينىكىگىچە تۈرۈلگەن بىر پالكۆز جاللات قەپەستىكى پەننىڭ بىر چېتىگە بولغان بىلەن پانا ئۇراتتى، پانا قىسقانسېرى يېرىم دائىرە كىرىشىپ، ھەسەننىڭ بوينىنى سىقاتتى. جاللاتنىڭ پانىغا توك – توك قىلىپ ئۇرغان بولقىسى گويا قاراپ تۇرغۇچىلارنىڭ يۈرىكىگە ئۇرۇلغاندەك يۈرەكنى قاتتىق سىلكىتەتتى. ئاخىر ھەسەننىڭ بوينى بىلەكتەك ئىنچىكىرەپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقتى، كۆزلىرى تېشىغا تېپىپ، يۈزى كۆكەردى. شۇنداق قىلىپ، بۇ قەيسەر ئادەم بۇ بىۋاپا دۇنيادىن خوشلاشتى...

    (زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹خاتىرىلەر › ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر زۇنۇن قادىرى _