لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى(ئابدۇقادىر جالالىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 08:11:17

لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىئابدۇقادىر جالالىدىن ئاپتوردىن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم. بۇ سىزلەرگە ئەنگلىيىدىكى بىر يىللىق مۇساپىرچىلىقنى تۈگىتىپ كەلگەندىن بۇيانقى تۇنجى مەتبۇئ...

    لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى
    ئابدۇقادىر جالالىدىن

     
    ئاپتوردىن:
         ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم. بۇ سىزلەرگە ئەنگلىيىدىكى بىر يىللىق مۇساپىرچىلىقنى تۈگىتىپ كەلگەندىن بۇيانقى تۇنجى مەتبۇئات سالىمىم. بەزىلەر ئېلخەت، بەزىلەر تېلېفون بىلەن نېمە يېزىۋاتقانلىقىنىمنى سوراشتى؛ خېلىدىن بېرى بىزنى تەرك قىلىۋەتتىڭىز، دەپ رەنجىش ئىزھار قىلىشتى. بۇنىڭدىن خېجىل بولدۇم، سەۋەبى، راست شۇنداق بولدى. يەنە بۇنىڭدىن خۇشھال بولدۇم. سەۋەبى، ئوقۇرمەنلىرىم مېنى سېغىنىپتۇ. مەندە باشقىلارنى ئاز-تولا سېغىندۇرغۇدەك قىممەت بار ئوخشايدۇ.

        «بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي-دۆڭى كۆپ» دېگەندەك، يات مۇھىتنىڭ تۇرمۇشى زېھنىڭىزنى يەيدۇ. بۇنداق يەردىكى ماڭغان-تۇرغاننىڭ ھەممىسى تۇيغۇرلىرىڭىزنى يېڭىلاپ، پىكىر جەھەتتە بىر قېتىم قاسراق تاشلاتقۇزىدۇ. بىر يىل جەريانىدا تەنھا ئۆزۈمنى تىڭشىدىم، ئاڭلىغانلىرىم نەچچە ئەسىر تەنھالىقتا يوقاتقانلىرىمىزدىن ئاپىرىدە بولغان يوقلۇق شىۋىرغانلىرى بولدى. قىزىق يېرى، ئاڭلىغانلىرىمنى يەنىلا يالغۇزلۇق ھەسرەتلرىنىڭ پىنھان ھاڭلىرىغا تاشلىۋەتتىم.
     
         ھازىرچە سىزلەرگە «لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى» ناملىق شېئىرىم بىلەن دىدارى ئايان قىلىپ تۇراي، ئېھتىمال، لوندون ھەققىدىكى بۇ شېئىر سىزنىڭ ياۋروپا ھەققىدىكى شېرىن تەسەۋۋۇرلىرڭىزنى بۇزۇپ، ئەندىكتۈرۈپ قويار. بۇنداق شېئىرىي تەسىرات گەرچە يېقىمسىز بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن پاكىتنىڭ ئىچىدىكى مۇزدەك چىنلىققا ئېرىشىسىز. چىنلىق دېگەن بەرىبىر چىنلىق-تە، ئۇ ھامان ئەقىل كۆزىڭىزنى ئېچىپ قويىدۇ. ناقىس قەلىمىم بۇ قېتىمقى مۇساپىرەتتىن ئىبرەتلىك تەسىرات سۇنۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگۈسى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك. قېنى، بىز ھازىرچە مۇشۇنداقلا كۆرۈشۈپ تۇرايلى.
     

    قارا ھىجران، دەردكە قېلىپ ئانىلار،
    پۇل تاپىمان دەپ چىڭقىلىپ دادىلار،
    كىرىپ چۈشكە ۋەتەندىكى دالىدا،
    سېغىنىشتىن چوڭايسىمۇ يارىلار،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    كېلەي راسا ئوقۇي دېگەن نىيەتكە،
    كېلەي دەپ ھەم كەلگۈسىدە كېرەككە،
    ئىلىم-پەندە قاتنىشاي دەپ كۆرەككە،
    ئارمانلىرى ئارام بەرمەي يۈرەككە،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.

     

    سۈرۈشتۈرسەم، سانى يۈزدىن ئاشارمىش،
    ھەر تەرەپتە، ھەر شەھەردە ياشارمىش،
    يالغۇزلۇقتا پىغانلىرى تاشارمىش،
    قاتتىقلىقتا ھايات گويا ھاشارمىش،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    لوندون دېگەن بەكمۇ يوغان شەھەركەن،
    پۇرسەتكىمۇ شۇنچە تولغان شەھەركەن،
    ھەر قەدىمى پۇلغا تۇرغان شەھەركەن،
    پۇلى يوقنى يەرگە ئۇرغان شەھەركەن،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    خېنىملاردەك تارتتى مېنى جىلۋىسى،
    تەمتىرەتتى پۇلپەزلىكتە ھىيلىسى،
    توپلىنىپتۇ ئادەملەرنىڭ لولىسى،
    دەردمەن ئىكەن كەلگىندىنىڭ تولىسى،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.

     

    «زىيارەتچى ئالىم» دېگەن ئاتاقتا،
    كېلىپ ياتتىم كاتەكچىلىك ياتاقتا،
    پۇلۇم يەتمەي قالامدىم دەپ چاتاقتا،
    غەم قاينايدۇ كاللا دېگەن قاپاقتا،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    بىلگەنلىرى مېنى ھۆرمەت قىلىشتى،
    بوسۇغامغا زىيارەتكە كېلىشتى،
    بەزىلىرى تۇز ھەم تائام بېرىشتى،
    قولى يەتمەس ھىممەتكىمۇ ئېرىشتى،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    بۇ شەھەردە كۈننى ئالماق تەس ئىكەن،
    بالىلارنىڭ ھالى شۇڭا پەس ئىكەن،
    گۈلدەك چىراي ئالتە كۈندە خەس ئىكەن،
    ياشاش دېگەن بەك مۇرەككەپ دەرس ئىكەن،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    بۇ جاھاندا دەردى يوقلار نەدە بار،
    گەپ سورىساڭ ھەممىسىنىڭ دەردى بار،
    بەزىسىنىڭ بەزىسىدىن ئەرزى بار،
    يۈرىكىدە شەلۋەرىگەن دەزى بار،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    يىگىتلەرمۇ قۇرامىغا يېتىپتۇ،
    تەنھالىقنىڭ مۇڭلىرىغا پېتىپتۇ،
    كېچىلىرى خىيال سۈرۈپ يېتىپتۇ،
    ئۇيقۇلىرى نەلەرگىدۇر قېچىپتۇ،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    قاراپ باقسام، قىزلارمۇ بەك ياش ئىكەن،
    قاش-كۆزلىرى چىرايلىقكەن، شاش ئىكەن،
    قىلغانلىرى بىر-بىرىگە پاش ئىكەن،
    شۇڭا بەزەن كۆزلىرىدە ياش ئىكەن،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    قىز-ئوغۇللار بىر-بىرىنى ياراتماي،
    بىر-بىرىنى بوسۇغىغا يولاتماي،
    ئوغۇل تۇرۇپ قىز بالىغا ئۇناتماي،
    قىزلارمۇ ھەم تەمەننانى غولاتماي،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    پۇل تاپمىساڭ ئوقۇشلارغا نە چارە،
    خەق ئالدىدا بوپقالىسەن بىچارە،
    تاپشۇرمىساڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىجارە،
    تالادىسەن، سەرسانلىقتا ئاۋارە،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    ئىشلىگەندە، قاپتۇ ئوقۇش بىر ياقتا،
    غايىلەرمۇ دەسسىلىپتۇ ئاياقتا،
    مەن ئۆزۈمنى تاپالايمەن نە ۋاقتا؟-
    كېلەچەككە ئاخىرى يوق سوراقتا-
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    گۇرۇھ بولۇپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ،
    بەزى تۇتۇق، بەزىلەردە ئېچىلىپ،
    ئۆزىدىن بەك باشقىلارغا ئېچىنىپ،
    خىزمەت چىقسا قىزغىنىشتا ئېتىلىپ،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    ئوقۇمىسا كېلەچەككە چارە يوق،
    ئوقۇي دېسە، ياندا ئاقچا-پارە يوق،
    خوتۇن ئالاي دېسە قىز بار، يارى يوق،
    قىزلارنىڭمۇ بۇ ئىش بىلەن كارى يوق،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.

    تورغا چىقىپ ئېلخەتلەرنى يوللىشىپ،
    يىراقتىكى بىرسى بىلەن مۇڭدىشىپ،
    تەسەللىدە بىر-بىرىنى قوللىشىپ،
    روھلانسىمۇ ئاخىر يەنە سولىشىپ،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    مۇساپىرلىق ھەممىمىزنى تاسقايدۇ،
    بىرەر كۈنمۇ ھايات كۈلۈپ باقمايدۇ،
    يات شەھەردە جان قىينىلىپ قاقشايدۇ،
    شۇنداق قىلىپ بېلى بوشنى تاۋلايدۇ،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    ياشاشقىمۇ ياراپ قاپتۇ بالىلار،
    ئانچە-مۇنچە بىلىم ئاپتۇ بالىلار،
    پۇلمۇ يىغىپ، يۇرتقا ساپتۇ بالىلار،
    جۆرىسى يوق، قاراپ قاپتۇ بالىلار،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.

    ئاجىر قىلساڭ كۆيۈپ بىرەر ئارماندا،
    مۇرادىڭنى تاپالايسەن جاھاندا،
    قالسىمۇ گەر مۇساپىرلىق- تۇماندا،
    ئەپلەشمىسە يەنە يېڭى پىلاندا
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
     
    دەيمەن، ئانا ۋەتىنىڭنى ئۇنۇتما،
    ۋەتەندىكى يىلتىزىڭنى قۇرۇتما،
    ئۆز ئېلىڭگە ئاسىيلىقنى يولاتما،
    يۈرىكىڭدە مۇھەببەتنى سوۋۇتما،
    ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.

     
    2006- يىل دېكابىر، لوندون
    «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2007- يىللىق 6- ساندىن ئېلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.