قىپچاق ۋە ئۇيغۇر -ئوغۇز تىللىرى ھەققىدە

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-25 03:32:00

قىپچاق ۋە ئۇيغۇر-ئوغۇز تىللىرى ھەققىدەئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۈركىي تىللار ئائىلىسى تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى سىبىرىيە تىللىرى گۇرۇپپىسى(ياقۇت، دولگان، تۇۋا، خاقاس، ئالتاي، شور)،قارلۇق تىل...

    قىپچاق ۋە ئۇيغۇر-ئوغۇز تىللىرى ھەققىدە
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


       تۈركىي تىللار ئائىلىسى تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى سىبىرىيە تىللىرى گۇرۇپپىسى(ياقۇت، دولگان، تۇۋا، خاقاس، ئالتاي، شور )، قارلۇق تىللىرى گۇرۇپپىسى(ئۇيغۇر ، ئۆزبېك)، بىلەن ئوغۇز  تىللىرى گۇرۇپپىسى(تۈركىيە تۈركلىرى، ئازەربەيجان، تۈركمەن، قىرىم تۈركلىرى، قاشقاي، سالجۇق، خۇراسان تۈركلىرى،  سالار، گاگائۇز ) ۋە  قىپچاق تىللىرى گۇرۇپپىسى(تاتار، باشقىرت، قازاق، قىرغىز، قارا قالپاق، نوغاي،  قۇمىق، قاراچاي- بالقار)  بۇلغار(چۇۋاش)  تىللىرى گۇرۇپپىسىغا بۆلىنىدۇ. بۇلارنى چوڭ جەھەتتىن قىپچاق(قىپچاق، بۇلغار،) ۋە ئۇيغۇر ئوغۇز(سىبىرىيە، قارلۇق، ئوغۇز) ئىككىلا تۈرگە بۆلۈش مۈمكىن. يەنە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى قىرىم تۈركلىرى ئەسلىدە ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەركىبىدىكى قىپچاق تۈركۈمىگە تەۋە بولسىمۇ 17-ئەسىردىن كېيىنكى تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن تەۋەلىك مۇناسىۋىتى تۈپەيلى ئوغۇزلىشىپ كەتكەن.
      قىپچاق قەبىلىلىرى قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى III ئەسىردە ھۇن قوشۇنىنىڭ باتۇر (مەتە، ؟) تەڭرىقۇت باشچىلىقىدىكى جەنۇبىي يۈرۈشلىرىدە دىڭلىڭ، جەنكۇن (قىرغىز)لار بىلەن بىللە چىنسا (؟) قەبىلىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغانىدى، بېرنىشتام قاتارلىقلارنىڭ پىكىرىچە چىنسا-قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ قەدىمكى نامى بولغان. بىز قەدىمكى مەنبەلەردە قىپچاقلارنىڭ ناملىرىنىڭ كۆپىنچە قىرغىز، باسمىل، ئوسكاك، سىرغۇچلار بىلەن بىللە يېزىلغانلىقىنى كۆرىمىز. تارىخچىلار ئانتوروپولوگىيىلىك مەلۇماتلار ئاساسىدا ئالتاي تۈركلىرىنى شىمالىي ئالتاي ۋە جەنۇبىي ئالتاي تارماقلىرىغا بۆلىدۇ، ھازىرقى زامان جەنۇبىي ئالتاي تۈركلىرى: چۇي ۋە ئارغۇت دەريالىرى ئېقىنىدىكى تىلېكتىللار (چۇي كرېلىرى)، باش كاۋوس ۋە ئولاگان دەريالىرى ساھىلىدىكى تېلسلار (ئولاگان كرېلىرى)، چىرىك دەرياسى بويىدىكى تېلىۋۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، قىپچاق تىلى گۇرۇپپىسى تەركىبى بويىچە قازاقلار، قىرغىزلار، باشقىرتلار، تۈبورلار، بارابىن تاتارلىرى، قىسمەن (ئەمما دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى چۈشەنچىسىدىكى) ئەسلىدىكى ئۆز بېكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، ئۆزبېك خان نامىنى قوبۇل قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆز بېك مىللىتىنى بۇ چۈشەنچىدىن پەرقلەندۈرۈش لازىم.
      ھازىرقى زامان شىمالىي ئالتاي تۈركلىرى، سۇرلار، كەركەنلەر، كوشتىنلار ۋە تۇبالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۇبالاردا شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئارىلاشمىچىلىقى خېلىلا روشەن، تىل گۇرۇپپىسى نۇقتىسىدىن ئالغاندا مانا مۇشۇ شىمالىي ئالتاي تۈركىي خەلقلىرى تىللىرى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىل گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئانتروپولوگىيىلىك جەھەتتە ئۇلاردا مۇڭغۇلوئىد ئالامەتلىرى تولىمۇ سۇس. ئۇلار فىن-ئۇگۇر ۋە سامويىدلار بىلەن بىللە ئاسىياچە ئاق جىنس ئالامەتلىرى ئۈستۈن بولغان خەلقلەردۇر. مېنىڭچە، قىپچاق قەبىلىلىرى ئەڭ دەسلەپ تۈركلەشكەن يايلاق قەبىلىلىرى ياكى مۇڭغۇلوئىد تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان تۈركىي خەلقلەر بولۇپ، ئۇلار دىڭلىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇر-ئوغۇز تىل گۇرۇپپىسىدىكى خەلقلەرگە بۇ تەسىرىنى يەتكۈزۈش جەريانىغا قاتناشقان.
      قىپچاق قەبىلىلىرى «قەننامە»نىڭ 94- جىلدى بىلەن «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىزىسى»نىڭ 30- جىلدىدا تىلغا ئېلىنىپ قالماستىن، ئورخون مەڭگۈ ئابىدىلىرىمۇ باشقا قەبىلىلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغانىدى. قىپچاق قەبىلىلىرى قانداق شەكىللەنگەن. ئۇلار مەركىزىي ئاسىيادا ئەسلىدىن بارمىدى ياكى دەشتى قىپچاق دالىسىدىن بۇياققا كەلگەنمۇ دېگەن مەسلىلەرگە كەلگەندە بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن كونكرېت تارىخىي تېمىلار تېخى روشەن ئەمەس. شۇنداقمۇ قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ موڭغۇلوئىد تەسىرىگە يېقىن ياشىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. دەشتى قىپچاق قەبىلىلىرىگە كەلگەندە شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، شىمالىي ئالتاي تۈركىي قەبىلىلىرى يەتتەسۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا سۈرۈلگەندە جەنۇبىي ئالتاي تۈركىي قەبىلىلىرى قىپچاق دالىسىغا (قەدىمكى ئوغۇز دالىسىغا) سۈرۈلگەنىدى.
       لوبلوك (Loblok) مەيلى ئورخوندا ياكى جەنۇبىي ئالتايدا بولسۇن قىپچاق قەبىلىرىدە دەپنە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ بىر خىل قائىدە بويىچە ئورۇندالغانلىقىنى، قەبرە توپىسىغا ئۇدۇل قىلىنىپ ياغاچ قونچاق قادىلىپ، بىر دۆۋە توپا ئىچىدە شەرققە قاراپ ياتقۇزۇلغان جەسەتنىڭ قولىدا بىر تاۋاقنى تۇتۇپ ياتىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. لوبلوكنىڭ ئېيتىشىچە، قىپچاقلار بىردىن «قاپچاق» (قاپچىق) ئېسىۋالىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تېرىدىن ياسالغان قاپچۇققا بىر كىچىككىنە تاش ھەيكەل سېلىنغان. بۇ ئادەت كېيىنچە ئالتايدىكى باشقا ئوۋچى قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ كېڭەيگەن. شۇڭلاشقا كۆپلىگەن تارىخچىلار «قىپچاق» دېگەن نام «قاپچۇق»، «قاپچىق»، «قاپچاق» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دەپ ھېسابلىشىدۇ. مۆلدوس ‹؟›لارنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، قىپچاقلار ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدە بىر قىز ئاغزىغا ئۈچ پارچە مۆلدۈرنى ئېلىشى بىلەن تەڭلا ھامىلدار بولۇپ مۆلدۈسلارنىڭ ئاتا-بوۋىسىنى تۇغقانمىش، ماركوپولونىڭ «ساياھەتنامە»سىدە يېزىلىشىچە، قىپچاقلاردا ناتىگەي (؟؟؟) ئىسىملىك ئىلاھ بولغان. ھەربىر تۈتۈندە بىردىن ناتىگەي نامىغا ياسالغان قونچاقلار ساقلانغان. ناتىگەينىڭ بىر خوتۇنى ۋە بىر قانچە ئوغۇللىرى بولغان. قىپچاقلار تاماق يېگەندە بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ بۇ قونچاقلارنىڭ ئاغزىغا سۈركەپ قويۇشنى ئۇدۇم قىلغان. تىلكت قەبىلىسىدىمۇ كېگىزدىن ياسالغان مۇشۇنداق قونچاقلار بولغان. VIII- ئەسىردە قىپچاق يايلاقلىرىغا كەلگەن غەربىي ياۋروپا ساياھەتچىسى لوتانىن مۇشۇنداق ناتىگەي قونچاقلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە «ئەمىدگىل» (ئاتا-بوۋىلار) ناملىق باشقا ئاتىلىشىنىڭىمۇ بارلىقىنى يازغان. XI- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەرەب جۇغراپىيىچىسى ئىبن خەلدات بىگانىڭ يېزىشىچە، بىر قىسىم قىپچاقلار كەمەك (؟؟؟) دەپ ئاتىلىدىكەن. گەردىزى VIII- ئەسىردىلا كەمەكلەرنى قىپچاقلارنىڭ غەربىي تارمىقى بولۇپ، قوي-كالا باقىدىغان، قىمىز ئىچىدىغان خەلق دەپ يازغان.
       «موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى» دا كەرەي ۋە ئۇنىڭ غەربتىكى قوشنا قەبىلىسى بولغان قەدىمكى نايمانلار موڭغۇل قەبىلىلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان، «نايمانلار موڭغۇل قەبىلىلىرى ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىك بولغان... ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» دەپ قەيت قىلىنغان. «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» ناملىق كىتابتا ئالتايغا كىرگەن نايمان قەبىلىلىرىنىڭ تۈركلەشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۈرك تىلىنى قوبۇل قىلىپ ئالتايغا يەرلىكلەشكەنلىك جەريانى تەپسىلىي سۆزلەنگەن. مەنبەلەردە بۇ بىر قىسىم موڭغۇللار تۇرمۇش جەھەتتە تۈركلەشتى، ئىلگىرى قوينى ياكى قورساقتىن يېرىپ، ياكى قان تومۇرىنى كېسىۋېتىپ ئۆلتۈرەتتى، كېيىن ئالتاي تۈركلىرى يوسۇنىدا قوي بوغۇزلايدىغان بولدى، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى ۋە ئوغۇزلارنىڭ غەربكە سۈرۈلۈشى بىلەن بۇ قىپچاقلاشقان خەلقلەر ئارال دېڭىزىدىن كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان ھازىرقى قازاقستان دالىسىغا قەدىمكى ئوغۇز دالىسىغا يۆتكەلدى، دەپ كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ چوڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئۇيغۇر-ئوغۇز ۋە ھەرقايسى قىپچاق قەبىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تەرەققىيات گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.
        X-XV ئەسىرلەر ئارىسىدا تۈركىي خەلقلەر بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىشكە كىرگەن بىر جەريان ئۆزىنى كۆرسەتكەنىدى. ئەمما چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى بۇ جەرياننى توختاتتى، ئارقىدىنلا ئالتۇن ئوردا خانلىقى ۋە چاغاتاي ئۇلۇسلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەكىللىنىشى بۇ جەرياننى پارچە-پارچە ھاكىمىيەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۇ جەرياننىڭ تارىخىي ئاقىۋىتى نەتىجىسىدە موڭغۇلوئىد تەسىرىگە زور كۆلەمدە ئۇچرىغان ۋە يېڭى ئېتنىك ناملار بىلەن ئاتالغان بىر قاتار قېرىنداش تۈركى مىللەتلەر كېلىپ چىقتى. موڭغۇلوئىد تەسىرىگە ئەڭ كەم ئۇچرىغان خەلقلەرمۇ (مەسىلەن: قەشقەرىيە ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى) كېيىنچە جۇڭغارلارنىڭ بۇنداق تەسىرىدىن خالىي قالالىغان ئەمەس. موڭغۇل ۋە تاتار قەبىلىلىرى موڭغۇلوئىد تەسىرىنى يەرلىك تۈركىي خەلقلەرگە ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، ئاقىۋەت يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن تىل، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك جەھەتتە ئۆزلەشتۈرۈۋېتىلدى ۋە ھەتتا ۋولگا-قىرىم بويىغا كەتكەن موڭغۇل-تاتارلىرى ئۆز يىلتىزىدىن پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان ئېتنىك ئالامەتلەرگە ئىگە بولسى. بۇ رايونلاردا ئەينى زاماندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۈچلۈك تەسىرى تۈپەيلى، ئۇلار يەنىلا تۈركىي ئالامەتلەردىن ھالقىپ كېتەلمىگەنىدى. XVI ئەسىردە ياشىغان ئەرەب تارىخچىسى جەلىل ئۆمەر ئالتۇن ئوردا خانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: قەدىمدە بۇ قىپچاقلار دۆلىتى ئىدى. تاتارلار بېسىپ كىرىپ قىپچاقلارنى بېقىندۇرۇۋالدى. كېيىنچە قىپچاقلار بىلەن تاتارلار ئۇرۇقلىشىپ، موڭغۇللارنىمۇ قىپچاقلاشتۇرۇۋەتتى، دەپ يازغان.
    ئۇيغۇر-ئوغۇزلارنىڭ ئېتنىك گەۋدىسى ۋە تارىخىي قىسمەتلىرىگە باغلىق ھالدا تىل گۇرۇپپىسىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر-ئوغۇز تىللىرى ئەڭ دەسلەپ تۈركلەشكەن ئاندرونوپ - ئارىيان تىلىنىڭ بىر تارمىقى بولۇشى ئېھتىمال. ئاندۇرونوپ دىڭلىڭلىرى ئەۋلادلىرى سىماچيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر» ناملىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان. بەن گۇنىڭ «خەننامە» ناملىق كىتابىنىڭ «سۇئۇ شەجەرىسى» قىسمىدا: «دىڭلىڭلار ھۇنلارنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز (بايقال كۆلىنى كۆرسىتىدۇ- ئاپتور) ساھىلىدا ياشايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» نىڭ 30- يىلدىلا شىمالىي دىڭلىڭلاردىن باشقا يەنە يارىش يازىقى (جۇڭغارىيە) ۋە يەتتە سۇدا ياشىغۇچى دىڭلىڭلار توغرىسىدىمۇ بىر قەدەر ئېنىق جۇغراپىيىلىك مەلۇمات بېرىلگەن. «ۋېي خانلىقى تەزكىرىسى» (؟؟؟) «غەربىي بەدەۋىلەر شەجەرىسى» قىسمىدا كانگىيىنىڭ شىمالىدا، يىنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا دىڭلىڭلار بار، بۇ «غەربىي دىڭلىڭلار» دەپ يېزىلغان. چاۋاننېس (chavannes) دىڭلىڭلارنى شىمالىي دىڭلىڭلار ۋە غەربىي دىڭلىڭلار دەپ ئاتاش سۈنئىي بولۇپ، ئەسلىدە ئۇلار بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ كۆرسەتكەنىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگلىرى جەنۇبىي سىبىرىيىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپ ئۇگلا دەرياسىدىن يىنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغىچە بولغان جايلاردا دىڭلىڭلار ياشىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدىكى «شىمالىي دىڭلىڭ» ۋە «غەربىي دىڭلىڭ» قەبىلە ناملىرى ئەسلىدىن بىر خەلقنىڭ نامىدىن ئىبارەت ئىدى. ئامېرىكا تارىخچىسى مىكگوۋېرننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېگىز ھارۋىلىقلار ‿خۇيخېلار (؟؟؟) دەپ ئاتالغان خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بولغان دىڭلىڭلار «ھىند ‿ياۋروپا تىلى» دا سۆزلىشىدىغان ئارىيانلاردىن ئىدى. ئۇلار كېيىن تۈركىي تۈس ئالغان. «خەننامە» نىڭ 94- جىلدىدا گۇاجۇ (؟؟؟ داش ئاتا) نىڭ غەربىي شىمالىدا خۇجيە (قوجۇ ئۇيغۇرلىرى)، ئۇسۇندىن ئىبارەت ئۈچ ئەلنى بېسىۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىپ ئانچە ئۆتمىگەندىن كېيىنكى ئىش. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» نىڭ 98- يىلدىلا دىڭلىڭلار بىلەن خۇجيەلەرنىڭ بىر پۈتۈن خەلق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ ئېگىز ھارۋىلىقلار دەپ ئاتالدى. «يېڭى تاڭنامە» نىڭ 217- جىلدىدا گاۋجۈي گاۋگۇي (ئېگىز ھارۋىلىقلار)نىڭ VII ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
    ھازىرقى كۈندە ئۇيسۇن قەبىلىلىرىنى ھۇنلار تەسىرىدىكى «ھىندى-ياۋروپا تىلى» دا سۆزلەشكۈچى خەلق ئىدى دېگۈچىلەر كۆپەيمەكتە. كىرائۇسي، چارپنېتىر قاتارلىقلار «خەننامە» دە ئۇسۇنلار «كۆك كۆز، قوڭۇر چاچ» ئىدى دېگەن مەلۇماتقا ئاساسلىنىپ، ئۇلارنى كاۋكاز تىپىدىكى ئاق جىنىس خەلق بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىشماقتا. «خەتنامە، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە ئۇسۇنلار ئۇلۇغ ياۋچىلار بىلەن بىللە دۇنخۇاڭ (داش ئاتا) ئەتراپىدا ياشىغان دەپ يېزىلغان. شۇ كىتابنىڭ «ھۇنلار تەزكىرىسى» قىسمىدا ئۇرۇشقاق دۆلەتلەر دەۋرىدە ئۇسۇنلار گۇاجۇ (دۇنخۇاڭ) دا ياشىغان دەپ تەكىتلەنگەن. ئۇسۇنلارنىڭ بىر قىسمى كېيىنچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كانگىيە، ئوغۇز ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سىڭىپ كەتتى. بىر قىسمى كاڭئەيسەن تاغلىرى بىلەن كىنتى تاغلىرى ئارىسىدىن، ئورخۇن ۋە تورا دەريالىرى ساھىلىدىن جەنۇبىي ئالتايغا يۆتكەلگەن كەرەي، نايمان ۋە باشقا قەبىلىلەر بىلەن قوشۇلۇپ ھازىرقى قازاق مىللىتىنىڭ ئېتنىك مەنبەلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.
      ياۋچىلار «خەننامە»دە كۆرسىتىلگەن «ئورا كۆزلۈك، بومبا ساقاللىق، ئاق يۈزلۈك» غەربىي يۇرت تىپىدىكى خەلق ئىدى. بەزىلەر ياۋچى-توخارلارنى ئۇلارنىڭ «توخرى» دەپ ئاتىلىشىغا قاراپ «تۇغلى» ئىبارىسىگە ۋە ئۇنى دىڭلىڭ - «تۇغلۇق» ئىبارىسىگە باغلايدۇ. ياۋچىلارنىمۇ ئاندرونوپ - ئارىيان تىپىدىكى خەلق دېگەن كۆز قاراش ھېلىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە. كۇشان  ئۇلۇغ ياۋچى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئالتۇن ئاقچىلىرىدا ئىپادىلەنگەن كۇشان خانلىرىنىڭ تۈسىگە قاراپ گاردنېر ۋە كېنېدىلار كۇشانلارنى «تۈرك قىياپەتلىك كاۋكاز تىپىدىكى خەلق» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. لېكوك تۇرپان يارغۇل قەدىمكى شەھىرىدە ساقلىنىپ قالغان بۇددا تام رەسىملىرىگە قاراپ ئۇنىڭدا «كۆكۈش كۆزلۈك، ئاق يۈزلۈك» كىشىلەر تەسۋىرلەنگەن، دېگەنىدى.
      بېرنىشتام ياۋچىلار بىلەن ئۇيغۇر - ئوغۇزلارنى بىر خەلق دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ تۈركمەنلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ماقالىلىرىدە تۈركمەنلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى مەسىلىسىنى ئۇيغۇر-ئوغۇزلار بىر مىللىي ئېتنىك گەۋدە دېگەن قاراش ئاساسىدا ئىزاھلىغان. ئۇ كاۋكاز قەدىمكى قەبرىلىرىدىن تېپىلغان ھۇن ئادەم سۆڭىكىنىڭ تۈركمەنلەرگە يېقىنلىقىنى، ھۇنلاردا باش سۆڭەكنى كىچىكىدە زاكىلاپ ئۆزگەرتىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى، مۇنداق ئادىتى بولمىغان ئۇيغۇرلار كېيىنچە بۇ ئادەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بېرنىشتام تۈركمەنلەر -ئوغۇزلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ياۋچىلار ۋە ساكلارغا باغلايدۇ. ئۇ تۈركمەن رىۋايەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېپوسى «ئوغۇزنامە» ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، جۈملىدىن «سۈينامە» 84- يىلىدىكى ئوغۇزلارغا ئائىت خاتىرىلەر بىلەن VIII ئەسىردىكى توخارچە ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ، تۈركمەنلەرنىڭ كونا يۇرتلىرى ئىسسىقكۆل بويىدا بولغانلىقى، تۈركمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئورتاق ئىسىم ۋە ئورتاق خان _ ئوغۇزخان بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بېرنىشتام تۈركمەنلەرنىڭ بىۋاسىتە ئاتا-بوۋىسى تۈركلەشكەن ئۇيغۇر-ئوغۇزلار دېگەن پىكىرگە كېلىدۇ. بېرنىشتام ئوغۇزخان ئوبرازىنى باتۇر تەڭرىقۇت ۋاقتىدىمۇ مەۋجۇت بولغان قەدىمكى ئوبراز ئىدى، دەپ كۆرسەتسە، تولىستوف «ئوغۇز شەھەرلىرى» دېگەن ماقالىسىدە سىر دەريا بويىدا ئوغۇزلار ھۇن _ ياۋچىلار زامانلىرىدا (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى III - VI ئەسىرلەر) پەيدا بولغان دەپ كۆرسىتىدۇ.
      شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئورخۇن  -يەنسەي ئابىدىلىرى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىل گۇرۇپپىسى لەھجىسىدە يېزىلغان. كۆكتۈرۈك خانلىرى ھەشەمەتلىك شەھەر-قەلئە مەدەنىيىتى مۇھىتىدا تۇرغان زامانلىرىدا ئۇيغۇر  - ئوغۇز تىلىنى خانلىق تىلى قىلغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سەلتەنەت سۈرگەن ۋاقىتلاردىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداق ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتتىت تۈرك» ناملىق تىل خەزىنە كىتابىنىمۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇر - ئوغۇز  - تۈركمەن تىللىرىنى سېلىشتۇرۇپ يازغان. «ئوغۇزنامە»، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئەتەبۇتۇل ھاقايىق» داستانلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلى بويىچە، باشقىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇر  -قارلۇق تىلى بويىچە يېزىلغان. بىز تەڭرىتاغلىرى ئېتىكىدىكى قەدىمكى قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر  -ئوغۇز -قارلۇق ئېتنىك ناملىرىنىڭ بىردەكلىكىنى كۆرىمىز. پۈتكۈل چاغاتاي دەۋرى ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەرەققىياتىنىڭ بىر دەۋرىنى تەشكىل قىلدى. بۇ دەرۋردە ئالتۇن ئوردا تۈركىي ئەدەبىياتىدىمۇ «ئۇيغۇرىزىم» (سامايلوۋىچ سۆزى) ئۈستۈنلۈكنى ئالغان بولۇپ، مۇھەممەت خارەزمىنىڭ «مۇھەببەتنامە» داستانى، رابغوزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا» نەزمە-نەسرى ئەسىرى، ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «ھېكمەتنامە» ناملىق ئەسىرى ئۇنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. موڭغۇل خانلىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىغا ھېرىسمەن بولغانىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتى سۈپىتىدە بىر قىسىم موڭغۇل ئەۋلادلىرى تۈركلىشىپ كەتتى. تۈركلەشمىگەن موڭغۇللار تاكى كەڭ موڭغۇل يايلاقلىرىغىچە ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىشتى.
      تېلى بىلەن تۆلۆس ئىبارىسىنىڭ بىر ياكى بىر ئەمەسلىكى ھېلىمۇ ئېنىقلانمىغان بىر سىر. رادلوف ۋە يامسۇنلار ئۇنى بىر دېسە، بارتولد ۋە مىلۇرانسكي مۇنداق دېيىشتىن شۈبھىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ما چاڭشۇ «كۆكتۈركلەر ۋە كۆكتۈرك خانلىقى» ناملىق كىتابىدا: «دىڭلىڭ، سۇلى (؟؟؟)، ئېگىز ھارۋىلىقلار، تېلىلار دېگەن ناملار بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. «سۈينامە، پېيجۈ (؟؟؟) تەزكىرىسى» دا ئېگىز ھارۋىلىقلار دۆلىتى «تېلى دۆلىتى» دەپ ئېلىنغان. ئورخۇن ئابىدىلىرىدە «تېلېس» سۆزى ئىشلىتىلگەن.
      ھازىرقى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ ئېتنىك نامى موڭغۇل نەسەبىدىن بولغان ئۆزبېك خاننىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت شەيبانخان باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قوراللىق دەشتى قىپچاق ئۆزبېكخان قوۋمىنىڭ ماۋەرائۇننەھر ۋە شىمالىي خوراساننى ئىستېلا قىلىشى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزبېك مىللىتىنىڭ ئېتنىك گەۋدىسى يەنىلا قىسمەن سوغدى  -توخار، ئاساسەن ئوغۇز  -تۈركىي خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تىلى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلى گۇرۇپپىسىغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېقىنلىقى روشەن. ئەگەر كېيىنكى زامانلاردا يەتتە سۇ ۋە قىپچاق دالاسىدىكى قىپچاق تىللىرى موڭغۇل ۋە ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپ قېتىم ئۇچرىغان بولسا، ئۆزبېكخان قىپچاقلىرى ئېتنىك جەھەتتە پۈتۈنلەي يەرلىك «كونا ئۆزبېك» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر  - ئوغۇز تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرگە سىڭىپ كەتتى. دەرۋەقە، مۇستەقىل ئۆزبېك خانلىقى ۋە قازاق خانلىقىنىڭ شەكىللىنىشى، خۇددى ۋىلادىمىرزوف ئېيتقاندەك چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىنكى ھادىسە بولدى.
      شۇ نەرسىنى تەكىتلەش ھاجەتكى، قىپچاق ۋە ئۇيغۇر  -ئوغۇز تىللىرىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېتنىك گەۋدىسى ھېچقانداق ئەۋزەلىيلىككە ئىگە ئەمەس. ئۇ تارىخىي يوسۇندا ئۆزگىرىپ بارغان كۆپ قاتلاملىق ئۇزاق جەرياننىڭ مەھسۇلى. بۇ خەلقلەرنىڭ ئاساسىي ئورتاقلىقىنى، قىسمەن پەرقلىرىنى، مۇنداق ئورتاقلىق ۋە پەرقلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. مىللەتلەر تارىخى، بولۇپمۇ قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى ئۆزگەرمەس قېلىپتىن چىققان خىش بولماستىن، بەلكى ھەمىشە ئارىلىشىپ تۇرىدىغان كۆپ قاتلاملىق تارىخىي ئېقىندىن ئىبارەت.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-1 9:41:17][abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-25 22:57:34][abduhelil تەستىقلىدى . 2010-8-11 3:44:20]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.