سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 9

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-19 19:06:30

سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 9بېشى ئالدىنقى ساندا ئىدارىنىڭ پاراۋانلىقى راست ياخشىكەن، بۇنىڭغا قاناسقا ساياھەت ئورۇنلاشتۇرغىنىغا قاراپ راست ئىشەندىم بۈگۈن. يا ئۆزۈمنىڭمۇ بىر يەرلەرگە بېرىپ ئايلىنىپ ك...



     

    سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 9

    بېشى ئالدىنقى ساندا

       ئىدارىنىڭ پاراۋانلىقى راست ياخشىكەن، بۇنىڭغا قاناسقا ساياھەت ئورۇنلاشتۇرغىنىغا قاراپ راست ئىشەندىم بۈگۈن. يا ئۆزۈمنىڭمۇ بىر يەرلەرگە بېرىپ ئايلىنىپ كەلگۈم بولغاچقا شۇنداق بىلىندىمۇ، ئىشقىلىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەت ماڭا بەك خوشياقتى. شۇ يەرلەردە يۈرۈپ، كۆڭلۈمدىكى شۇ قاراڭغۇ سايىلەرنى قوغلىۋېتىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس! بارىدىغانغا نەچچە كۈن بولسىمۇ، كومپىيوتېرىمنى ئېچىپ، قاناس توغۇرلۇق ماتېرىياللارنى كۆرۈپ باققۇم كېلىپ، قوللىرىم ئېختىيارسىز ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقۇمنى ئېچىپ سالدى. فۇئاتتىن كەلگەن خەتلەر، كۈندە بىر پارچە، ھېلىقى كۈندىن باشلاپ ھەركۈنى ئۇنىڭ بىر پارچىدىن خېتى ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقۇمنى لىقلاپ مېڭىۋاتىدۇ. مۇنداقلا قىلىپ خالىغان بىر خېتىنى ئاچتىم، يەنە شۇ كونا گەپلەر مېنىڭ مۇنداق قىلماسلىقىمنى، ئۇنىڭغا بىر پۇرسەت بېرىشىمنى... قاتارلىق نەسىھەت ئارىلاشقان ئۆتۈنۈشلەر، ئۇف... باشقىلىرىنى كۆرۈشكە تېخىمۇ رايىم بارمىدى، ھەممە خېتىنى تارتىپ ئەكىلىپلا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتىمدە، ئەخلەت ساندۇقۇمنىمۇ بوش قىلىۋەتتىم.

        ماڭىمۇ ئاسان دەمسىز؟ يۈرۈگۈمدىكى ئازاپ، سېغىنىش، مۇھەببەت، نەپرەت بىراقلا بوغۇزۇمغا كەپلەشكەندە، ئىشخانىدىن ئوقتەك چىقىپ، ھاجەتخانىغا كىرىمەن، ھەتتا ئاپتوبۇسلاردا كېتىۋېتىپمۇ كۆزۈمدىن بىلىپ بىلمەي چىقىپ كەتكەن ياشنىمۇ تۇيماي قالىمەن. بۇرۇنقى نۇرغۇن نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئىچىمگە يۈتۈۋەتكەن ئۆزۈمگە ئىچىم ئاغرىيدۇ، شۇنچىلىك چارچىدىمكىن، ئۈمىدىمنى ۋاقىتقا باغلاپ، ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئازابىنى ئاستا ئاستا يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمەن.

        فۇئات بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈپ، نەچچە ھەپتىدىن كېيىنكى بىر جۈمە كۈنى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتتىم، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئۇ باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ تۇراتتى:

    - سىزنى ساقلىغىلى خېلى بولدى،لەيلى!

    ئاۋازلىرىمۇ ئۆزىدەك سۇلغۇن ئىدى.

    - بۇ يەردە ساقلاپ دېگۈدەك مەندە نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟

       ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ يۈرۈگۈمنىڭ بىر يەرلىرى تارتىشقاندەك بولدى. ئەمما ئۆزۈمگە توختىماي ئەسكەرتتىم،ئەمدى بۇنداق كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلساڭ بولمايدۇ، لەيلى ئەلى!

    - ئۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشنى تۈگىتىپ كەلدىم، ماڭا ئىشىنىڭ!

    ئۇنىڭغا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، ئۇمۇ چارچىغاندەك قىلاتتى، قارىغاندا بۇ يەردە مېنى ساقلىغىلى خېلى بولغاندەك قىلاتتى،

    - ئۇ ئىشلارنىڭ ئەمدى مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق!

      ھېچقانداق ئىپادىسىزلا دېدىم.

    - بۇنداق رەھىمسىزلىشىپ كەتمەڭ، لەيلى!- ئۇ ئىچىگە تىنىپ قويۇپ، سۆزىنى داۋام قىلدى.- نەچچە يىللىق مۇھەببىتىمىزدىن مۇشۇنداقلا كېچىپ چىدامسىز؟!

    - مۇشۇنداق دېيىشتىن ئۇيالمىدىڭىز ھە؟! ئىختىيارسىز تىترەشكە باشلىدىم. شۇنچە يىللىق مېھرى مۇھەببەت ئېسىڭىزدە بولغان بولسا، سىز.. سۆزۈمنى توختاتتىم. ئۇ ئىشلارنى ئەسلىگىم پەقەتلا يوق.

    - ماڭا بىر قېتىممۇ پۇرسەت بېرەلمەمسىز؟

    - بولدى قايتىڭ! -سومكامدىن ئاچقۇچۇمنى چىقاردىم.- سىزنى ئەمدى بۇ يەردە كۆرگۈم يوق.

       ئاسمانغا گۇگۇم پەردىسى يېيىلىش بىلەن تەڭلا، كۆزۈمگىمۇ يىغا ئولىشىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇ كەينىمدىن قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىگە تارتتى.

    - قويىۋېتىڭ. قويىۋېتىڭ دەيمەن.

    - ياق! قويىۋەتمەيمەن ھەرگىز.. ئۇنىڭ تۆمۈردەك بىلەكلىرىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن چىشلىدىم، ئاخىرى ئاغرىغان بولسا كېرەك، قولىنى بوشاتتى، چىشلىرىمنىڭ ئىزى پېتىپ قان ئۇيىغان يەرلىرىنى سىلىغىنىچە ئازابلىق كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى.

    - خوش، ئامان بولۇڭ، فۇئات! دەرۋازىدىن كىرىپ، ئىشىكنى چىڭ ياپتىم.

       ئىدارىدىن خىزمەتچىلەرنى ئىككىگە بۆلۈپ ئاپىرىدىغان بولدى، بۆلۈملەردىكىلەرمۇ ئىككىگە بۆلۈندۇق، مەن ئالماس، تەلئەت... بىرنەچچىمىز بىرگۇرۇپپا بولىۋالدۇق. ئەتە ماڭىمىز دېگەن كۈنى، نەرسە - كېرەكلىرىمنى يىغۇشتۇرغاچ، كۆڭلۈم چۈشىنىكسىزلا يېرىم بولۇشقا باشلىدى، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ساياھەتكە چىققان گۈزەل كارتىنىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ چىقماقتا، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلەيدىغانلىقىمغا تازا ئىشەنچ قىلالمايۋاتىمەن. قانچىلىك بەرداشلىق بەرسەم شۇ ھېساب!

       ئەتىسى ئەتىگەندە، ئىدارىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك بىنادەك ئېگىز ئاپتوبوسىغا 4050ىمىز ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىپ ئورۇنلىشىۋالدۇق. ئالماس بىلەن تەلئەت يېنىمغا كېلىپ،ئىككى يولداش بىلەن ئورۇن ئالماشتى.  بىر ۋاقىتتا

    - بىردەم غەيۋەت قىلىشىۋالمامدۇق؟! تەلئەت بويۇنلىرىنى سوزۇپ ھىجارىدى، ئالىيىپ قويدۇم.

    - ھە راست،،لەيلى.. ئۇ يەردە مېھمانخانىدا كىم بىلەن تۇرىدىكەنسىز؟! بۆلۈملەربويىچە تۇرىدۇ دەيدۇ، سىز بىرلا قىز بالا بولۇپ قالدىڭىز دەيمىنا؟! دېدى تەلئەت چىرايىنى بىردەمدىلا ئەستايىدىل قىياپەتكە كىرگۈزۈپ.

    - تاڭ جۇمۇ! ھەجەپ دىققەت قىلماپتىمەن، توختاڭ ھە؟ دەپلا ئارقامدىكى بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يولداشتىن ئورۇنلاشتۇرۇش سېتكىسىنى ئالدىم - ئالمىرە بىلەن نازاكەت ھەدەم بىللە تۇرىدىكەن، مالىيە بۆلۈمدىكىلەر ھەممىسى ئىككى ئىككىدىنكەنغۇ؟! ھە مانا مەن نىگارە دېگەن قىز بىلەن بىللىكەنمەن...

     ئۈچىلىمىز دەقىقە تۇرۇپلا قالدۇق. ئۇ نىگارە دېگەن قىز ھېلىقى ئالماس قوغلاشقان قىز شۇغۇ، قولاشمىغانلا بىر ھەرىكەت بىلەن قەغەزنى قاتلاپ سومكامغاسېلىۋەتتىم، تەلئەت گەپنى بۇرىدى، ئالماسمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ پاراڭ سېلىپ ئولتۇرىۋەردى. قارىغاندا تەلئەت ئىككىمىز سەل پەل جىق ئويلاپ ساپتۇق!

       ئەتىسى ئاپتوبۇس قاناسقا يېتىپ كەلگەندە، ئاپتوبۇستىن چۈشكەندە ھېچقانداق ئالاھىدە ھاياجانلانمىغىنىمغا قاراپ، ئۆزۈمنى يەنىلا شۇ قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ بولالمىغاندەك ھېس قىلدىم، ھەي... بۇ سىرلىق قاناس كۆلىدىكى بىرنەچچە كۈنلۈك ساياھىتىمىز باشلىنىپ كەتتى، ئەتىگەن ئاخشامدىكى تاغنىڭ سوغۇق ھاۋاسى دۈگدەرەتسە،چۈشتىكى ساپ قۇياش نۇرى قەلبىمنى ئىللىتاتتى. ئىدارىدىن بىللە كەلگەن بىر نەچچە قىز - چوكانلار قاچانلا قارىسىڭىز بىللىلا يۈرۈيدۇ، نېمە قىلسا تەڭ قىلىپ، سايىدەك ئايرىلىشمايدۇ بىربىرىدىن. مەنما؟! كۈندۈزى شۇ ئىككىسى بىلەن تەڭ پائالىيەت قىلىمەندە، كېچىسى ياتاققا ھېرىپلا كىرىمەن. يۈزۈمنى چالا - پۇلا يۇيۇپلا يوتقانغا ئاران ئۈلگۈرىمەن.

    بىر كۈنى كارىۋىتىمنى يىغۇشتۇرۇپ ئەمدىلا ياتاي دېيىشىمگە، نىگارە كېلىپ كارىۋېتىمدا ئولتۇرۇپ سورىدى

    - لەيلى. سىز لايىھىلەشتە ھە؟!

    - ھەئە،

    قىززىقتە! ئورۇنلاشتۇرۇش سېتكىسىدا ھەممە نەرسە يېزىقلىق، ئارخىپتىن پەرقى يوق تۇرسا، شۇنىڭغىلا قارىسا بولمىدىمۇ؟!

    - شۇ، قارىسام كۈندىلا تەلئەت، ئالماسلار بىلەنلا دەيمەن سىزنى،

    بۇ قىزنىڭ خۇددى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن بىر ئىشلارنى ئېنىقلىغۇسى ۋە ياكى ئايدىڭلاشتۇرۋالغۇسى باردەك قىلاتتى، بۇنداق تۇيغۇ كىشىنى سەل بىئارام قىلىپ قويىدىكىنا؟!

    - بولىدىغۇ ئىشقىلىپ، بىر بۆلۈمدىكىلەر بولغاندىن كېيىن، ئىپادىسىزلا سۇس دېدىم.

    - ئالماس.... ئۇنىڭ قىز دوستى بارمۇ؟ نىگار يوغان كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ماڭا قاراپ ھاڭقىيىپلا سورىدى.

    -ئۇنداق گەپ ئاڭلىمىدىمغۇ؟!

    - ھە....دېدى ئۇ ئەمدى خاتىرجەم بولغاندەك ئاھاڭدا. ئۇ مۆرىمەسقۇ قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلمەيدۇ. دەپ قوشۇپمۇ قويدى.

    - ئۇنداقمۇ ئەمەسقۇ؟! ئالماس بەك قىززىق گەپ قىلىدۇ پات پاتلا، ئادەتتە ئاز گەپ قىلغان بىلەن. چىقىشىپلا قالسابەك ئېسىل بالا بۇ، ناتونۇشلارغا مۆرىمەس تۇيۇلغىنى بىلەن.

    - قارىغاندا ئۇنى بەك چۈشىنىدىغان ئوخشايسىز ھە؟ قارىساممۇ خېلى يېقىندەك كۆرگەن سىلەرنى!

     بۇ خېنىم خۇددى بىرلىرىگە ناز قىلىۋاتقاندەك چاچلىرىنى ئوينىغاچ دېدى،

    - راستنى راست دېدىم شۇ!

    - ھەي، لەيلى! ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىز چۈشۈپ قالمىغاندۇ ھە؟ بۇ سۇئالدىن مەندى بەكرەك ئۇ ئۆزى ئەندىككەندەك تۇراتتى.

    - ھە؟!

    ئالدىمدىكى بۇ لىن خېنىم چىراي قىزغا تۇيۇقسىزلا ئۆچلۈگۈم كەلدى.

    - ئالماسنىڭلا گېپىنى قىلىپ قالدىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى بارمىتى يا؟! ئاۋازىم يۇقىرىراق چىقىپ كەتتىمىكىن، زالدىكى پاراڭلىشىپ تۇرغان قىزلاردىن بىرى ئوچۇق ئىشىكتىن ماراپ قويدى.

    - شۈ!! نىگارە بارماقلىرىنى ئاغزىغا تەگكۈزدى، دەل ئەكسىچە، ئەسلىدە ئۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان.-دېدى ئۇ كەينىدىن قوشۇپ

    - ۋاييەي.. ئۆتمۈش نېمىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەيسىز؟! 

    گەپنى ئەمدى ئۇزارتقۇم يوق ئىدى. بۇنداق قىزلارنىڭ زادى نېمىنى ئويلايدىغىنىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ..

    -ھە؟! بۇ ئىشلارنى مۇبىلىدىكەنسىزدە! ھەيران بولۇپ كۆزلىرىنى چەكچەيتتى.

    - ئۇنداقمۇ ئەمەس، بىللەئىشلىگىلى خېلى بولسىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئىسى - بۇسىنى ئاڭلىمىدىمچۇ! شۇڭا بەك بەك بۇرۇنقى تارىخمىكىن دەيمىنا.

    - ھە.. مۇنداق دەڭ.

    ئاۋازى پەسىيىپلا قالدى.

     - باشقا گەپ بولمىسا،- دېدىم ياستۇقلىرىمنى ئوڭشاپ يېتىشقا تەمشەلدىم.- مەن سەل چارچاپ قاپتىمەن، ئۇخلاۋېرەي ھە؟!.

     (ئاخىرى كېيىنكى ساندا)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران گۈليارە _