بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 5

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-11 18:34:34

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى خۇددى ئاشۇ ۋاقىتتا كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ ئەنزىسى مېنى بەكمۇ تەشۋىشلەندۈرۋەتتى. قايتا – قايتا ئىلتىماس قىلىشىمغا قارىماي، تاغام ج...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى خۇددى ئاشۇ ۋاقىتتا كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ ئەنزىسى مېنى بەكمۇ تەشۋىشلەندۈرۋەتتى. قايتا – قايتا ئىلتىماس قىلىشىمغا قارىماي، تاغام جاھىللىق بىلەن ئۇنى جازالاش نىيىتىدىن يانمىدى. مەن پيېروغا بۇ خەۋپ – خەتەر توغرىسىدا ئوچۇق سۆزلەپ بەردىم. ئۇ مېنىڭ سۆزلىرىمنى تامامەن خاتىرجەملىك بىلەن ئاڭلىدى.

    بىر قېتىم بىز كۆرۈشۈپ تۇرغاندا، راسك ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىردى. ئۇنىڭ بوينىدا يوغان خورما يوپۇرمىقى باغلاقلىق تۇراتتى. پيېرو ئۇنىڭ بوينىدىكى خورما يوپۇرمىقىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغان قانداقتۇ بىر نەرسىلەرنى ئوقۇدى. مەن ئۇنىڭ تونۇيالمىدىم، ئاندىن شۇ زاماتلا يوپۇرماقنى يىرتىۋەتتى. بۇنداق پەيتلەردە ئۇنىڭدىن سۇئال سورىماسلىققا كۆنۈكۈپ كەتكەن ئىدىم.

    بىر كۈنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگىنىمدە، گويا ئۇ مېنى كۆرمىگەندەك كامېرىنىڭ ئىشىكىگە كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ، ئاستا غىڭشىپ، «مەن بىر ئەتكەسچى» دىگەن ئىسپانچە ناخشىسىنى ئېيتىۋاتاتتى، ناخشا تۈگىگەندە، بۇرۇلۇپ قاراپ شۇنداق دىدى:

    -  ئۇكا، ناۋادا مەندىن گۇمانلانغان پەيتىڭدە بۇ ناخشىنى ئيېتسام، ئاڭلىغان ھامان ماڭا نىسبەتەن ئۆچمەنلىكىڭنى ۋە گۇمانىڭنى كۆڭلۈڭدىن چىقىرىۋېتىشكە ۋەدە بېرەلەمسەن؟

    ئۇ ماڭا تەنتەنىلىك ھالدا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.

    مەن شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەردىم، لېكىن ئۇنىڭ «ناۋادا مەندىن گۇمانلانغان پەيتىڭدە» دىگىنىنىڭ تېگىدە نىمە مەنە بارلىقىنى چۈشەنمىدىم. ئۇ مەن دەسلەپ كەلگەن كۈنى تالادىن ئەكىرگەن يوغان كوكىس ياڭىقىنىڭ يېرىم كاسسىنى قولىغا ئالدى – دە، ئۇنىڭغا لىپمۇ – لىپ خورما ۋىنوسى قويدى ۋە ماڭا تەڭلىدى. مەن ئۇنى ئېلىپ بىر يۇتۇم ئىچتىم، قالغىنىنى ئۆزى بىر كۆتىرىپلا ئىچىۋەتتى. شۇندىن باشلاپ مېنى ھەر دائىم «ئۇكا» دەپ ئاتايدىغان بولدى.

    شۇ ئارىدا مەندە، قانداقتۇ بىر ئىشەنچ پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدى: تاغامنىڭ ئاز – تولا ئاچچىقى ياندى، پات يېقىندا قىزى بىلەن ئىككىمىزنىڭ تەنتەنىلىك تويىمىز بولىدىغانلىقى ئۈچۈن تاغام ناھايىتى مۇلايىم بولۇپ قالغان ئىدى. مارىمۇ خۇدددى ماڭا ئوخشاش، دادىسىغا كۆپ يېلىنىپ، پيېرونىڭ «گۇناھى» نى تىلىمەكتە ئىدى. مەن ھەر كۈنى دېگۈدەك تاغامغا پيېرونىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنى ھاقارەتلەش نىيىتى يوقلۇقىنى، بەلكى ئۇ مەسىلىدە تاغامنىڭ كۆپ قان تۆكۈپ قويۇشىنى توسىماقچى بولغانلىقىنى، ئەگەر پيېرو ئارىلاشمىغان بولسا، ئۇ ھېلىقى نېگىرنى ھەقىقەتەنمۇ قاتتىقراق جازالىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تاغامنى يۇمشىتىشقا ھەرىكەت قىلىپ تۇردۇم، شۇنداقلا بۇ باتۇر نېگىرنىڭ تىمساھ بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ، مارىنى كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى، مارىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن تاغام ئۇ نېگىرغا قەرزدار ئىكەنلىكىنى، مەنمۇ مەھبۇبەم ئۈچۈن ئۇنىڭغا قەرزدار ئىكەنلىكىمنى، شۇڭا پيېرونى ئەپۇ قىلىش لازىملىقىنى سوراپ تۇردۇم (دەرۋەقە، بۇ تاپتا ئۇنى ئازاد قىلىۋېتىش توغرىسىدا خىيال قىلغىلى بولمايتتى، چۈنكى، مەسىلە ئۇنىڭ ھاياتىغا تاقىلىپ تۇراتتى).

      شۇنىڭدەك پيېرو قۇللار ئىچىدە ئەڭ قاۋۇل ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئونلىغان قۇلنىڭ ئىشىنى قىلالايدىغانلىقىنى، شېكەر تۈگمىنىنىڭ چاقىنى بىر ئۆزى يالغۇز چۆرىيەلەيدىغانلىقىنىمۇ تاغامغا ئەسكەرتتىم. تاغام ئەمدى بۇ سۆزلىرىمگە بىر ئاز قايىل بولۇپ، كەچۈرۈم قىلىش تەرىپىگىمۇ ئۆتۈپ قالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بۇنچىلىك يۇمشاپ قالغانلىقى ۋە يېقىندا پيېرونىڭ ئازاد بولۇش مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى بۇ خۇشخەۋەرنى ئۇنىڭغا ھازىرچە ئېيتماي تۇردۇم. مەن شۇ ئىشقا بەكمۇ ھەيران ئىدىمكى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۆلتۈرىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ۋە قېچىپ كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلمايدۇ؟

    بۇ توغرىدا مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم.

    -  ياق، مەن ئۇنداق قىلمايمەن، - دىدى ئۇ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن، - ئەگەر مەن قاچسام، باشقىلار، مېنى قورقتى، دەپ ئويلاشلىرى مۇمكىن.

    14

    بىر كۈنى ئەتىگەندىلا مارى قېشىمغا كەلدى. ئۇنىڭ گۈزەل چىرايىدىن پاك مۇھەببەت تۇيغۇلىرىدىنمۇ يۈكسەك شاد – خوراملىق چاقناپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ قىياپىتى ياخشىلىقتىن دېرەك بېرەتتى.

    -  ماڭا قارا، - دىدى ئۇ، - يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاۋغۇستقا يىگىرمە ئىككى بولىدۇ. بىز ئەنە شۇ كۈنى توي قىلىمىز، بىز پات يېقىندا....

    -  مارى، - دىدىم مەن ئۇنىڭ سۆزىنى بولۇپ، - پات – يېقىندا دىگەن گەپنى ھازىرچە قىلما، ئارىدا تېخى تولۇق ئۈچ كۈن بارغۇ!

    مارى كۈلۈپ، قىزىرىپ كەتتى.

    -  ھە، بوپتۇ، كىشىنى ئىزا تارتقۇزمىغىنا، لېوپولد، - دىدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - مېنىڭ كۆڭلۈمگە بىر پىكىر كەلدى، بۇ ساڭىمۇ ياقىدىغان پىكىر، تۈنۈگۈن مەن دادام بىلەن بىللە تويىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن شەھەرگە بارغىنىمنى بىلىسەن، نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قالدىم، قىممەتلىك بىرليانت ۋە مەرۋايىتلارنى شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ، بەرىبىر، ئۇلار مېنى سېنىڭ ئالدىڭدا چىرايلىق كۆرسىتىش قىممىتىگە ئىگە ئەمەس. مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە گۆھەر – ياقۇتلارنى سېنىڭ ھېلىقى رىقابەچى شىپاڭدا چەيلەپ تاشلىغان بىر تال گۈلۈڭگە تىگىشمىگەن بولاتتىم. ئەمما، گەپ بۇنىڭدا ئەمەس. دادام مېنى ھەرخىل قىممەت باھالىق سوۋغىلار بىلەن كۆمۈۋەتمەكچى بولدى. مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەپ، ئەتەي ئۆزەمنى بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە زوقلىنىۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسەتتىم. تۆنۈگۈن بىزگە بازاردا چوڭ گۈللۈك ئېسىل جۇگگو شايىسىدىن تىكىلگەن ۋە خۇشبۇي ئىپار ساندۇقچىغا قاچىلانغان كۆينەكنىمۇ كۆرسىتىشتى، كۆينەكنى قولۇمغا ئېلىپ كۆردۈم، بۇ ئادەتتىن تاشقىرى قىممەت باھالىق كۆينەك ئىكەن. دادام بۇ كۆينەككە قىزىقىۋاتقانلىقىمنى بايقىدى. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دادامدىن تويۇمغا قەدىمقى بەگزادىلەرگە ئوخشاش داغدۇغىلىق ھەدىيە تەقدىم قىلىشنى سورىدىم، دادام ئۆزىنى دائىم قەدىمقى بەگزادىلەرگە ئوخشىتىشقا خۇشتار ئىكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ؟ دادام، ماقۇل، دىدى. ئۇ مېنى ھېلىقى قىممەت باھالىق كۆينەكنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما مەن باشقىچە نەرسىنى تەلەپ قىلدىم. بۇ نىمە، بىلەمسەن؟ بۇ – پيېرونىڭ ھاياتى! كۆردۈڭمۇ، لېوپولد، مەن تويۇمغا ئەنە شۇنداق سوۋغا تەلەپ قىلدىم!

    مەن ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي، بۇ پەرىشتەمنى مەھكەم قۇچاقلىدىم. تاغامنىڭ ۋەدىسى مۇقەددەس ئىدى. مارى تاغامنىڭ ئالدىغا ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەندە، مەن پيېرونىڭ قۇتۇلۇشى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، گالېفى پورتىغا قاراپ چاپتىم. چۈنكى، ئۇنىڭ ئازاد بولۇشى ئەمدى شۈبھىسىز ئىدى.

    -  ئاكا، - دەپ ۋارقىرىدىم مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگەن ھامان، - ئاكا، خۇشخەۋەر، سەن قۇتۇلدۇڭ! مارى تويىغا قىلىنىدىغان سوۋغا سۈپىتىدە دادىسىدىن سېنىڭ ھاياتىڭنى قۇتۇلدۇرۇپ، سېنى ئەپۇ قىلىشنى سورىدى!

    تۇتقۇن تىترەپ كەتتى:

    -    مارىيە! توي! مېنىڭ ئامان قېلىشىم! – بۇ ئىشلارنىڭ بىر-بىرىگە نىمە ئالاقىسى بار؟

    -    بۇ چۈشىنىشلىك ئىشقۇ، - دىدىم مەن، - سەن ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان ھېلىقى مارى ياتلىق بولماقچى.

    -    ھە، ياتلىق بولماقچى؟ كىمگە؟- دەپ ۋارقىراپ كەتتى پيېرو. ئۇنىڭ كۆزلىرى دەھشەتلىك چاقنىدى.

    -    بۇنى تېخىچە بىلمەمسەن! ئۇ ماڭا ياتلىق بولىدىغۇ! – دىدىم ئاستا.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ غەمكىن چىرايى ئېچىلدى.

    -    ئاھ، راست ساڭا ياتلىق بولاتتىكەن – دە! توي قاچان؟

    -    يىگىرمە ئىككىنچى ئاۋغۇست كۈنى.

    -  يىگىرمە ئىككىنچى كۈنى؟ نىمە، سەن ئەقلىڭدىن ئازدىڭمۇ؟ - دەپ ۋارقىرىدى پيېرو. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدا جىددىي خەۋپ – خەتەرنىڭ دېرىگى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

    ئۇ سۆز تاپالماي، بىردەم دۇدۇقلىدى، مەن ھەيرەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. بىردەم شۇ ھالدا تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ قۇلۇمنى مەھكەم قىسىپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى:

    -  ئۇكا، سەن ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا مەسلىھەت بېرىشىم كېرەك. سۆزۈمگە ئىشەنسەڭ، سىلەر كاپقا كېتىڭلار، تويۇڭلارنى يىگىرمە ئىككىنچى ئاۋغۇسستىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈڭلار!

    بۇ تېپىشماقتە گەپنىڭ مەنىسى نىمە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭدىن سورىشىم بىكار ئاۋارىچىلىق بولدى.

    -  خەير – خوش – دىدى ئۇ تەنتەنىلىك ھالدا، مەن ساڭا خېلى كۆپ گەپ قىلدىم، بىراق مەن ئۆز قەدرىمنى بىلمەسلىكنى ۋاپاسىزلىقتىنمۇ يامان كۆرىمەن.

    كۆڭلۈمدە، قانداقتۇ، ئەندىشە ۋە خەۋپ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىن قايتىپ چىقتىم. لېكىن بەختلىك سائەتلەرنىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خىيال بىر ئازدىن كېيىن ئەندىشىلەرنى كۆڭلۈمدىن سىقىپ چىقارغان ئىدى.

    شۇ كۈنى تاغام سوتتىن ئۆزىنىڭ شىكايەت ئەرزىسىنى قايتۇرۋالدى. مەن پيېرونى تۈرمىدىن بوشىتىش ئۈچۈن يەنە پورتقا كەلدىم. تادېمۇ ئۇنىڭ بوشىتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ كامېرىغا مەن بىلەن بىللە كىردى. پيېرو كامېرىدا يوق ئىدى. كامېرىدا يالغۇز تاشلاپ كېتىلگەن راسك قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ ئالدىمغا كەلدى. ئۇنىڭ بوينىدا خورما يوپۇرمىقى ئېسىقلىق تۇراتتى. مەن يوپۇرماقنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يېزىلغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئوقۇدۇم: «رەھمەت ساڭا! سەن مېنى بۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالدىڭ. ئۇكا، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭنى ئۇنتۇپ قالما! تۆۋەن تەرەپتە ئىسمى ئورنىغا ئىسپانچە ناخشىنىڭ (مەن ئەتكەسچى) دىگەن سۆزلىرى يېزىلغان ئىدى.

    بۇ ھادىسىگە تادې مەندىنمۇ بەكرەك ھەيران قالدى. چۈنكى، ئۇ تۈڭلۈكنىڭ سىرىنى بىلمەيتتى، شۇڭا نېگىر بىر دومىلاپلا ئىتقا ئايلىنىپ قالغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قاپتۇ. مەن ئۇنىڭغا: نىمە دەپ ئويلىساڭمۇ مەيلى، لېكىن بۇ سىر ھەققىدە ھېچكىمگە ئىندىمە، دەپ بۇيرۇق قىلدىم.

    مەن راسكنى بىللە ئېلىپ كەتمەكچى ئىدىم، لېكىن بىز پورتتىن چىقىشىمىز بىلەنلا ئۇ ئورمان تەرەپكە قاراپ قېچىپ كەتتى ۋە ئورماننىڭ ئىچىگە كىرىپ غايىپ بولدى.

    15

    تاغام پيېرونىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى ۋە ئۇنى ئىزلەپ تېپىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. تاغام ۋالىغا خەت يېزىپ، ئەگەر پيېرو تۇتۇلسا، ئۇنى تامامەن ۋالىنىڭ جازالىنىشىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    سەككىزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى. بىزنىڭ نىكاھ مۇراسىمىمىز ئاكيۇل چېركاۋىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ھاياتىمدىكى پۈتۈن بەختسىزلىك باشلانغان بۇ كۈن قالتىس بەختىيار ئۆتكەن ئىدى. مېنىڭ شات – خۇراملىقتىن قانچىلىك مەس بولغانلىقىمنى پەقەت ئاشۇنداق كۈننى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلا چۈشىنەلەيدۇ. مەن پيېرونى ۋە ئۇنىڭ ۋەھىمىلىك گەپلىرىنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم.

    مانا تەقەتسىزلىك بىلەن كۈتكۈن كېچىمۇ يېتىپ كەلدى. مېنىڭ تۇنجى خوتۇنۇم نىكاھدىن كېيىن ھۇجرىمىزغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدىغان ھۇجرىمىزغا تېزرەك يېتىپ بېرىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلساممۇ، ئەپسۇسكى، يېتىپ بارالمىدىم: پىدائىي قىسىمنىڭ كاپىتانى بولغانلىقىم ئۈچۈن شۇ كۈنى ماڭا ئاكيۇل پورتىنىڭ كېچىلىك قاراۋۇللۇقىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق ئېھتىياتچانلىق بەكمۇ زۆرۈر ئىدى، چۈنكى، بۇ مۇستەملىكىنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى داۋالغۇپ تۇراتتى، قۇللارنىڭ ئانچە چوڭ بولمىغان قوزغىلاڭلىرى گەرچە ئۆز ۋاقتىدا باستۇرۇلۇپ تۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىيۇن، ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ بېشىدا تىبو ۋە لاگۇسېتا رايونلىرىدا يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ئىدى. بولۇپمۇ يېقىندا قوزغىلاڭچىلار باشلىقى ئوژىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبىدىن ئەركىن مۇلاتلارنىڭ دۈشمەنلىك كەيپىياتى  كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى. بىرىنچى بولۇپ تاغام ماڭا ئۆز ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلىشنى جىكىدى. مەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم –دە، ھەربىي كىيىملەرنى كىيىپ خىزمەتكە كەتتىم. بىرىنچى قاراۋاۇللۇقنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ھېچقانداق ئەندىشىلىك ھالەت يوق دەپ ھېسابلىدىم. لېكىن، يېرىم كېچە ئەتراپىدا قالغان قاراۋۇللۇقنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، توپچى قىسىم جايلاشقان يەرنىڭ نېرىسىدا، قولتۇق تەرەپتە قىپ – قىزىل يالقۇن شولىسىنى كۆرۈپ قالدىم، يالقۇن بارغانسېرى لاۋۇلداپ كۈچەيدى ۋە لىمونادى، سېن لۇي، ديۇمورىن تەرەپلەرگە قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلىدى. بىز ئەسكەرلەر بىلەن دەسلەپتە قانداقتۇ بىر يەرگە ئوت كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدۇق. لېكىن يالقۇن بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك ھالدا كېڭىيىشكە باشلىدى. دۇت پۇراقلىرىنى شامال ھەيدەپ كېلىپ دىماققا ئۇراتتى. يالقۇن تېخىمۇ ئۇلغايدى. مەن جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈش ۋە كىشىلەرنى ياردەمگە چاقىرىش ئۈچۈن ئالدىراش پورتقا قايتتىم. بىزنىڭ قۇللىرىمىزنىڭ ياتىقى ئالدىدىن ئۆتكەندە، بۇ يەردە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان چوڭ مالىماننى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. نېگىرلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇخلىمىغان ئىكەن. ئۇلار بىر – بىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى ۋە مەن چۈشەنمەيدىغان تىلدا بىرنىمىلەرنى دىيىشىپ ۋارقىرىشىۋاتاتتى. ئۇلار ھە دىسىلا، قانداقتۇ «بيۇگ-ژارگال» دىگەن غەلىتە ئىسمىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشىۋاتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ سۆزىدىن بىر نەچچە ئېغىزىنى تۇتۇۋالدىم. بۇ سۆزلەرگە قارىغاندا، شىمالىي رايونلاردىكى نېگىرلار بىردەك قوزغىلىپ، دىھقانچىلىق مەيدانلىرىنى، قورغانلارنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. مەن ساسلىقتىن ئايلىنىپ كېلىۋېتىپ، قومۇشلۇق ۋە ئوت – چۆپلەر ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان نۇرغۇن پالتا، جوتۇلارنى ئۇچراتتىم. بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق ۋەھىمىەە چۈشەنلىگىمدىن شۇ زامان ئاكيۇل پىدائىيلىرىغا تەييار بولۇپ تۇرۇشنى ۋە قۇللارنى قاتتىق نازارەت قىلىشنى بۇيرۇدۇم. ئەھۋال ۋاقتىنچە تىنجىپ قالغاندەك بولدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.