كۈنىگە بىر ئەقىل ھەققىدە

يوللىغۇچى : enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-18 22:12:39

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} لېۋ تولىستويۋە ئۇنىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل» ناملىق كىتابى ھەققىدەتولستوينىڭ «كۈنىگە بىر


    لېۋ تولىستوي ۋە ئۇنىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل» ناملىق كىتابى ھەققىدە

     

    تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل»ى ئۇنىڭ  ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە- يەنى ئەقىل پاراسەت ۋە تەجرىبىدە پىشىپ يېتىلگەندە يازغان ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرىدۇر. ئۇشبۇ كىتابنى ئۇ ھەتتا باشقا بارلىق ئەسەرلىرىدىنمۇ ياخشى كۆرگەن، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان بىردىن-بىر مۇھىم تۆھپىسى دەپ قارىغان. پەرزەنتىلىرىگە ھەر كۈنى مۇشۇ كىتاپتىكى شۇ كۈنلۈك ئەقلىيە سۆزنى ئوقۇشنى تەۋسىيە-ۋەسىيەت قىلغان.
    بۇ كىتابتا، تولستوي نۇرغۇن مىللەت، مەدەنىيەت ھەمدە تارىخىي دەۋرلەرنىڭ مەنىۋى ئەقىل-پاراسىتىنى تاۋلىغان ۋە بايان قىلغان، بۇ ئارقىلىق ئۇنى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ھەرقانداق بىر ئەسەر ئېشىپ كېتەلمىگۈدەك مۇستەقىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەسەر قىلىپ چىققان. دۇنيادىكى دىنىي ئەللامىلەر، مۇھىم دىنلار، بۈيۈك پەلسەپىۋى سىستېمىلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان 300 دىن ئارتۇق ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىنى مەزكۇر كىتابقا ماتېرىيال مەنبەسى قىلغان.
    تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل» ناملىق كىتابىدا، ئۇنىڭ چوڭقۇر ئەقىل-پاراسىتى، ئېتىقادى ۋە مول بىلىملىرى يارقىن چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخى تەجرىبىلىرىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن، مەيلى ھازىرقىلار ۋە ياكى بۇرۇنقىلار ئۈچۈن بولسۇن، بۇ ئىدىيىلەر ئوخشاشلا يېڭى، سەمىمىي ھەم ئەمەلىيدۇر. تولستوي ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ، ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ، كۈلدۈرىدۇ، مۇھىمى، كىشىلەرگە سۈزۈك، چوڭقۇر ھېسداشلىققا تولغان قەلبى بىلەن ئىنسانىيەت ھاياتىنى چۈشىنىشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ كلاسسىك ئەسەر (بەلكى مەڭگۈلۈك) بىر «مەنىۋى ئوزۇق»تۇر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.