ئەينى ئاۋات كېچىكى 1

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-19 17:39:04

ئەينى ئاۋات كېچىكى(راست ئىشلار خاتىرىسى)ئېزىز ساۋۇت1ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئاساسلىق ئېقىنى- «قۇمئېرىق دەرياسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئاقىدىغان بۇ دەريا تەڭرىتېغىنىڭ تۆمۈر چوقق...



     

    ئەينى ئاۋات كېچىكى 

    (راست ئىشلار خاتىرىسى)

    ئېزىز ساۋۇت

    1ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئاساسلىق ئېقىنى- «قۇمئېرىق دەرياسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئاقىدىغان بۇ دەريا تەڭرىتېغىنىڭ تۆمۈر چوققا ئېتىكىدىن باشلىنىپ، تۈزلەڭلىككە چىقىدۇ-دە، ساھىللىرىدا گۈزەل باغۇ بوستان، يېشىللىقلارنى ھاسىل قىلغىنىغا قانماي، يەنە ئىككى قىرغاق تۆپىلىكىدىكى مۇنبەت چىلان توپىلىق تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقان زىرائەت، ھاياتلىقنى ئابىھايات سۈيى بىلەن قاندۇرۇپ ئۆتىدۇ. سەلكىن شامالدا ئىككى تەرەپكە ئىرغاڭلاپ، بۈدۈر-بۈدۈر دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان ئورمان ۋە باغباراڭلار قورشاۋىدا تارىم دەرياسى تەرەپكە-جەنۇبقا قاراپ تۇتاش سوزۇلۇپ كەتكەن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى، قويۇق مەھەللە، كەنت، يېزىلار قۇياش نۇرىدا ئاجايىپ جازىبىدارلىقى بىلەن قەلىبلەردە ھوزۇر، ئىپتىخار، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ.

     

    قۇمئېرىق دەرياسى«لاتا جاي» دېگەن يەردە غەربىي يۆنىلىشتىن ئېقىپ كەلگەن يەنە بىر دەريا«توشقان دەرياسى» بىلەن«تۇشۇق تاغ» دېگەن يەرگىچەكېلومىتىرچە قوشۇلۇپ بىللە ئېقىپ، ئاشۇ يەردىن يەنە ئىككىگە ئايرىلىدۇ. شەرق، غەرب تامان ئېقىپ جەنۇبىي يۆنىلىشكە-تارىم دەرياسىغا قۇيۇلۇپ كېتىدۇ.

    ئاقسۇ دەرياسىنىڭ «جا كۆۋرۈك» دېگەن يېرىدىن باشلانغان شەرقىي قىرغاق ساھىلىدا جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان باغ، ئورمان، چاتقاللار، زىرائەت بىلەن تولغان مۇنبەت زېمىن«بەشتۈگمەن» يېزىسى يېيىلىپ ياتىدۇ. بۇ يېزىنىڭ شەرق تەرىپى قۇم، شورلۇق، چەكسىز چۆل-دالا بولۇپ، شىمالى«ئىگەچى» يېزىسى، جەنۇبىي تەرىپى«قارا تال يېزىسى»، غەربىي بولسا دەريانىڭ قارشى قىرغاق تۆپىلىكىدىكى«قۇمباش»، «بەشئېرىق» يېزىلىرى بىلەن چىگرالىنىدۇ. بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەربىي پاسىلىغا چىگراداش قاراتال يېزىسىنىڭ«دوسقول»دېگەن كەنتىگە تۇتاش يېرىدە، شۇ چاغدىكى بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ«يېڭى باغ» باشقۇرۇش رايونىنىڭ 16-كەنت2-مەھەللىسىنى بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ «ياقۇت كۆزى» دېيىشكە بولىدۇ. بۇ جاي بەك گۈزەل، مۇنبەت بولۇپ، شور، زەيكەش، قۇملۇقلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. قىزغۇچ چىلان تۇپراق زېمىن ئۆز باغرىدا بولۇق ئاشلىقلارنى، كۆجۈم باغلارنى، ئۆي-جاي، چارۋا-ماللارنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مەھەللىلەرنىڭ غەربىي قاپتىلى ئاقسۇ دەرياسى چوڭ ئېقىنىنىڭ شەرقىي قىرغىقى بولۇپ، دەريالار ھاسىل قىلغان7-8مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئاقۇچ سېغىز تۇپراقلىق جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلۈپ كەتكەن يار-قىرغاق كېرىلىپ تۇرىدۇ. شور-زەيكەش سۇ يەر ئاستى ئارقىلىق دەريالارغا«بۇلاق»تەرىقىسىدە سىڭىپ، سىرغىپ چۈشۈپ كەتكەچكە بۇ ئەۋزەللىك بۇ زېمىننى ئاشۇنداق مۇنبەتلىككە ئىگە قىلغان.

    «ئەينى ئاۋات مەھەللىسى» نىڭ دەريا قىرغىقىدا«ئەينى ئاۋات كېچىكى»دەپ ئاتىلىدىغان بىر كېچىك بار بولۇپ، ئەتراپى باغۇ بوستانلىق، يېشىل ئېتىز-دالالار، ئاھالىلەر بىلەن تولغان. دەريانىڭ قارىمۇ قارشى ئىككى قاش ساھىللىرى ئوتتۇرىسىدا سىماب ئېرىتمىسىدەك ئاپئاق كۆۋەجەپ، لۆمۈلدەپ تارىم دەرياسى تەرەپكە قاراپ ئېقىپ تۇرغان دەريا بويى ئاندىنمۇ گۈزەل. سازلىق، يىكەن، قۇمۇش، دىلپىد(ئاق نېلۇپەر)، ئازغان، جىغان، زىرىق چاتقاللىرى، يەلپۈنۈپ تۇرغان شىۋاق، پىيزەك ئوتلىرى، ئۇچقات؛ سازلىق سۇلاردا بېلىجان، قۇرت، پاقىلارنى تېرىپ يەپ تېرىكچىلىك قىلىپ يۈرگەن ئاق قۇ، لەيلەك، تۇرنا، غاز، ئۆردەك، چايكىلار توپى... بۇ يەرنىڭ كىشى خاتىرىسىدە ئەبەدىي ساقلىنىدىغان گۈزەل سۈرىتىدۇر.(ھازىر بۇ مەنزىرىلەر ئاساسەن يوق، تېرىلغۇلىشىپ كەتتى) ياز كۈنلىرى بىر كېلومېتىر كەڭلىكتىكى دەريانىڭ ھېلىقى«ئەينى ئاۋات»دەپ ئاتالغان كېچىكىدە ئىككى دانە زور كېمە، كىچىك ئېغىزى-دەريا سۈيى ئىچىدە چوڭ قوزۇقلارغا باغلاقلىق ھالدا شالاقشىپ، داۋالغۇپ تۇرىدۇ. ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇنىڭ شەھەر يېزىلىرى، بەشتۈگمەن، قاراتال، قارشى قىرغاقتىكى ئاۋات ناھىيەسى، بەشئېرىق، يىڭئېرىق، قۇمباش، ئايكۆللەردىن ھەتتا قەشقەر، خوتەنلەردىن كېلىپ-كېتىپ يۈرىدىغان دېھقان، كاسىپ، سودىگەر، ھۆپىگەرلەر، ئەل كېزەر ساياھەتچىلەر بېيىش، تېرىكچىلىك ئۈمىدى بىلەن ئاشۇ كېچىكتىن كېمىگە ئولتۇرۇپ ئۇ قات-بۇ قاتقا ئۆتۈشۈپ پائاليەت قىلىشىدۇ. كېمىلەر ئادەم، ئات-ئىشەك، چارۋا-ھارۋىلار،ئاشلىق، يەل-يىمىش، ھۈنەرلىك مەھسۇلاتلار، شىرە-ئورۇندۇق، كات، سودىلىق مال-گەزلىمىلەر بىلەن لىق تولىدۇ ھەم قۇلاققىچە سۇغا پېتىپ، ئېغىر ئىرغاڭلاپ ھاجەتمەنلەرنى مەنزىلىگە يەتكۈزىدۇ. بەزى چاغلاردا كېمە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ كۆڭۈلسىز ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ. قىش كۈنلىرى دەريانىڭ سۈيى تارتىلىپ مۇز قاتقان چاغلاردا ھېلىقى ھاجەتمەنلەر، ئاتلىق، ئېشەكلىك، ھارۋىلىق، پىيادە ھالدا ئاشۇ كېچىكنىڭ مۇز تۇتقان يېرىنى كۆۋرۈك قىلىپ(يەرلىكلەر بۇنداق مۇز كۆۋرۈكنى«دەرياغا چۈشتى»دىيىشىدۇ)ئۇياق بۇياققا ئۆتۈشۈپ ئۆز ھەلەكچىلىكىنىڭ غېمىغا پاتىدۇ. بەزىدە ئويلىمىغان يەردىن مۇز ئويۇلۇپ كېتىپ كۆڭۈلسىز ھادىسىلەرمۇ ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ قالىدۇ.

    1961-يىلى1-ئايدا بەشتۈگمەن يېزىلىق(ئۇ چاغلاردا يېزىنى «كوممۇنا-گۇڭشى»، كەنتنى«دادۈي»،مەھەللىنى«شاۋدۈي»دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان ئىدى)ھۆكۈمەت ئورگىنى مېنى«يېڭى باغ»(ئەسلىدە«ۋەخپە»دەپ ئاتىلاتتىكەن)باشقۇرۇش رايونىنىڭ 16-كەنتىدە نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەش ۋەزىپىسى بىلەن خىزمەتكە ئەۋەتتى. شۇ چاغلاردا مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشقانىدى. مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن2-مەھەللىدە(«ئەينى ئاۋات»مەھەللىسى)تۇرۇپ ئىشلەيدىغان بولدۇم.

    يېڭى خىزمەت ئورنۇمنىڭ تۇپرىقىغا قەدەم بېسىش بىلەنلا بۇ يەرنىڭ ئاجايىپ تەبىئىي گۈزەللىكىگە ھەيران قالدىم. يۈرىكىم ھوزۇر-ھاياجانغا تولدى. بۇ يەردە ئاھالىنى تۈزۈك ئۇچراتقىلى بولمايتتى، قاياققا قارىسا مېۋىلىك باغلار، ئۈزۈم بېدىشلىرى قورونىڭ ئالدى-ئارقىسىدا زۇمرەتتەك ياپراقلىرىنى يالتىرىتىپ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بۈككىدە ئورمانلار بىلەن قاپلانغان خىلۋەت يوللاردا كىشى تەسەۋۋۇرى ئاجايىپ دولقۇنلايتتى. ئىشىك ئالدىدا قاچان قارىساڭ بۇيلىرى خۇشپۇراق يالپۇز، پاقيوپۇرماق ئوتلىرى قاپلىغان قۇمساڭغۇ ئېرىقلاردا سۇ ئۆكسۈمەي شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. ھەممە ياق ياپيېشىلچىلىق، دەل-دەرەخ، چاتقال، باغلار، زىرائەت، كۆكتاتلار سەلكىن شامالدا مەيىن يەلپۈنۈپ، قۇياش نۇرىدا ئۆزگىچە يالتىرايتتى. ئەگرى-بۈگرى ھارۋا يوللىرى، ئىككى چېتىنى يۆگمەچ، مامكاپ ئوتلىرى بېسىپ كەتكەن چىغىر يوللاردا ئات-ئىشەكلىك ياكى پىيادە ھالدا ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. توپىلىق يول ئۈستىدە بىر توپ ئاق قۇشقاچلارنىڭ چۇۋۇلداشلىرى بىلىنىپ قالىدۇ. چىغ تۈۋىدە مۆككىنىچە مۈگدەپ قالغان تورغايلار كۈشەندىسى كىرپىنىڭ شىپىرلاپ مېڭىپ، ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ بىزار بولىدۇ-دە، «چۇۋ-چۇۋ» قىلىپ سايراشقىنىچە ئېگىزگە ئۆرلەپ، بۇلۇتسىز كۆك ئاسماننىڭ قەرىدە كۆزدىن غايىب بولىدۇ. يول بويى ياكى چەتتىكى بوش يەرلەرگە دۆۋىلەپ قويۇلغان، يىراقتىن قارىيىپ كۆرۈنگەن قىغ دۆۋىلىرى ئۈستىدە تۆئمە ئىزدەپ تاتلىشىپ يۈرگەن قارا قاغىلار كۆڭۈلسىز قاقىلدىشىدۇر. باش تارتاي دەپ قالغان پايانسىز بۇغدايزارلىق ئىچىدىن قىرغاۋۇللارنىڭ كاكىلداشقان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. مانا بۇ مەھەللىنىڭ ئەتىياز، ياز، كۈز، پەسىللىرىدىكى كۆرۈنۈشلىرى... قىش پەسلىدە بولسا ھەممە ياقنى ئاپئاق قار قاپلاپ، دەل-دەرەخلەر ياپراقسىز شادىغا ئايلىنىدۇ. قۇشلار نەلەرگىدۇر غايىب بولىشىدۇ. ئېرىق-ئۆستەڭ، دەريالارنىڭ سۈيى تارتىلىپ، مۇزغا ئايلىنىدۇ. ھەممە ياقتا جىمجىتلىق، كۆڭۈلسىزلىك ھۆكۈم سۈرىدۇ...

    مېنىڭ بۇ مەھەللىگە كېلىشىم، ئاشۇنداق يالىڭاچلىق، سوغ، قارا قىش پەسلىگە توغرا كەلدى. ئەترەتنىڭ بوغالتىرى مېنى مەھەللىگە باشلاپ ئەكەلدى-دە، سېرىق ساقال، ئورا كۆز، ئورۇقراق بىر مەھەللە باشلىقىغا«تۇتقۇزۇپ قويۇپ» قايتىپ كەتتى. مەھەللە باشلىقى مېنى«ئەينى ئاۋات»مەھەللىسىنىڭ ئاقسۇ دەرياسى بويى شەرقىي قاش قىرغاق7-8 مېتىر ئېگىز تۆپىلىكىگە يانداشقان بىر چوڭ خامانغا باشلاپ كەلدى. خامانچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سېلىنغان ئۆينىڭ قارىماققىلا سەل ئىلگىرى تازىلانغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۆيگە بىر كونا ئىشىكتىن قوراشتۇرۇلغان كارىۋات قۇيۇلغان ئىدى. مەن قېلىن سوقما تاملىق ئىككى ئېغىز ئۆينىڭ ئالدىنقى دالان ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم. ھەر ھالدا ئۆيگە بىر كونا مەش قۇيۇلغان بولۇپ، ئىشىك تۈۋىدىكى تام تەرەپتە ئىسلىشىپ كەتكەن بىر كونا ئوچاقمۇ بار ئىدى. كونا، دات باسقان بولسىمۇ كىچىكرەك بىر جۈپ قازان، كىرلىشىپ كەتكەن تۇۋاق، پۇچۇق چۈمۈچ، چېلەك، نوگايلارغىچە تەييارلاپ قويۇلغان بولۇپ، كونا ھەم ئىسكەتسىز قىياپەتتىكى بۇ ئىمتىيازلار شۇ چاغدىكى شارائىتقا نىسبەتەن ماڭا قىلىنغان ئالاھىدە غەمخورلۇق سانىلاتتى. نېرىقى ئۆيدە تورۇسقىچە لىقلاپ دۆۋىلەنگەن قوناق مەدىكى بار ئىكەن. بويۇن سوزۇپ قارىشىمغا بىر توپ چاشقانلار ئوپۇر-توپۇرلىشىپ، ئۇۋىلىرىنىڭ «ئىشىك تۈۋى»دە چېكىت كۆزلىرىنى ماڭا ھەيرانلىق بىلەن تىكىشكەن ھالدا يېڭى قوشنىسىنى قارشى ئالدى. تېقىمىمغا ئالىقانلىرىم بىلەن تېقىمىمغا ئالقانلىرىم بىلەن«پاق-پۇق»ئۇرۇپ، تاپىنىم بىلەن يەرگە گۈسسىدە بىرنى تىپىۋىدىم، چېكىت كۆزلەر دەرھال قېچىپ ئۇۋىلىرىغا كىرىپ كېتىشتى. «قورقۇتۇپ قويمىسام كېيىن ئانىي تاپمىسۇن»دەپ شۇنداق قىلىپ قويغان ئىدىم. بىراق، كېيىنغۇ بەرىبىر بوزەك ئەتتى. ئەيمەنمەيدىغان، كارىۋات ئۈستىگە چىقىپ ھۆپپەك ئوينىشىدىغان، ھەتتا مېنى زاڭلىق قىلىپ، چاقچاق ئارىلاش ۋىچىرلىشىدىغان، كېچىلىرى ئۇخلىغاندا قۇلىقىمنى، قول، پۇت بارماقلىرىمنىڭ ئۇچىنى غاجاپ بىئارام قىلىدىغان دەرىجىدە ئەركىنلىشىپ كەتتى. «ھايت-ھۇيت»دەپ ۋارقىراپ-جارقىراپ، تاختىمۈشۈكلەرنى قۇرۇپمۇ ئۇلارنى تەزدۈرەلمىدىم-دە، ئاخىرى تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدۇم.

    كارىۋاتقا يوتقان-كۆرپە تاشلىشىم بىلەنلا سەگەنچۈكتەك تەۋرىنىپ غىچىرلاپ كەتتى. مېنى باشلاپ كىرگەن مەھەللە باشلىقى:

    -ئېزىز ساۋۇت ئۇكام،«سەھرا يېرى قىيامەت»دەپ، تەييارلىقىمىز شۇنچىلىك، ماۋۇ مەدەكلەر ئەترەتكە قاراشلىق، خالىغانچە ئالسىلا. يەنە جىگدە، تېرەك كۆتەكلىرىنى يېرىپ ئوتۇن ئەكىلىپ بېرىمىز. تاماقلىرىنى يېزا ئوپچە ئاشخانا قازىنىدىن يەيلا،-دېدى-دە، چىقىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ جايلىشىپمۇ قالدىم.ناچارراق بولسىمۇ ئوڭچە ماكانىم بولدى.

    ئەترەتكە كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، سەھەر تۇرۇپ دەريا بويىغا چۈشتۈم.چۈنكى ياتىقىم دەريانىڭ ئېگىز قاش-يار لىۋىدە ئىدى. بۇ 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، سوغوق ئەۋجىگە چىققان، دەريا مۇز قاتقان چاغ بولسىمۇ مەشكە ئوت قالاپ سۇ ئىسسىتىشتىن ئېرىنىپ، مۇزدىن ئېغىز ئېچىپ سوغوق سۇدا يۈزۈمنى يۇيماقچى بولدۇم. قوللىرىمنى سۇغا چىلىدىم. ئۈستۈمدە سوغوق شىۋىرغان ۋىشىلدايتتى. قۇياشنىڭ قىزىل شەپەق نۇرلىرى دەريادىكى مۇز ئۈستىگە چۈشۈپ ئىۋىر-چىۋىر جۇلالىنىپ كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى. مۇزدەك سۇدا بارماقلىرىم قېتىشىپ كەتسىمۇ چىداپ يۈزۈمنى يۇيۇپ، ئېغىز-بۇرۇنلىرىمنى تازلىدىم. شۇ چاغ دەريانىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن:

    -ھەي كادىر! كادىر دېگەن شۇنداق مەينەت بولامدۇ؟ مەن ئاياغدا چامغۇر يۇيۇۋاتسام باشقا چىقىۋېلىپ سۇغا مىشقىرىپ، تۈكۈرۈپ يۈرگىنىنى!-دېگەن غەزەپلىك، قوپال بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ گەپنىڭ ئاچچىقلىقىدىن تولغىنىپ كەتتىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، مەندىن 50 مېتىرچە تۆۋەندە 17 ياشلار چامىسىدىكى، دېھقان قىزلىرىدەك ئاددىيغىنا كىيىنگەن، بېشىغا قىزىل ياغلىق ئارتقان، مەڭزلىرى قىزارغان، بەك چىرايلىق بىر قىز ماڭا ئالايغىنىچە قوللىرىنى شىلتىپ سۆزلەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ھاقارەتلىرى كۈچەيگەنچە ماڭا ھار كېلىشكە باشلىدى.

    -ئارىلىق شۇنچە يىراق تۇرسا، مۇشۇنداق ئولۇغ دەريادا مەن يۈز يۇيغان سۇ، سىزنىڭ تۇرغان يېرىڭىزگە يېتىپ بېرىپ كۆكتاتلىرىڭىزنى مەينەت قىلىۋېتەمتى؟ تاراپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟-دەپ جاۋاب ياندۇردۇم مەنمۇ قاراپ تۇرماي.

    -نېمىشقا مەينەت بولمايدىكەن؟ مېنىڭ يۇيۇۋاتقىنىم كۆكتات، ئادەم يەيدىغان نەرسە، قانداقلا بولمىسۇن بۇ مەينەت يۇندىلىرىڭ كۆڭلىمىزگە شەك چۈشۈرىدۇ-دە؟-دېدى قىزمۇ بوش كەلمەي. قارىسام قىزنىڭ گېپى يوللۇقتەك قىلاتتى. كىشىلەر ئاڭلىسا ئەلۋەتتە مېنى ئەيىبلىشى تۇرغانلا گەپ. يەنە ياشقىنا بىر دېھقان قىز بىلەن تاكاللىشىش، مەندەك بىر دۆلەت كادىرىغا مۇناسىپ ئەمەس ئىدى. شۇئان ئاچچىقىمدىن يىنىپ قىزدىن ئەپۇ سورىدىم:

    -خاپا بولماڭ قىزچاق، خاتا قىپتىمەن. بولدى سىز بۇ يەرگە كېلىپ كۆكتاتلىرىڭىزنى يۇيۇڭ. مەن ئاياغقا ئۆتەي،-دېدىم-دە، ئورنۇمدىن قوزغالدىم.قىزمۇ مېنىڭ رايىشلىقىمدىن رازى بولغان ئاچچىقىدىن يېنىپ، يەر ئاستىدى كۈلۈمسىرەپ قويغىنىچە، مېنىڭ ئورنۇمغا كېلىپ كۆكتاتلىرىنى يۇيۇشنى داۋاملاشتۇردى. مەنمۇ ئالمىشىپ قىزنىڭ ئورنىغا بېرىپ چالا ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم.

    -سىلەر دېھقانلار يىمەك-ئىچمەك تازلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىسىلەر-ھە؟!-دەپ ئېغىز ئاچتىم مەن قىزنىڭ سەمىمىيلىكىدىن تەسىرلىنىپ.

    -شۇنداق بومايزە! ئۇ دېگەن ئادەم يىمەكلىكى. سىلەر كادىرلار كۆرۈنۈشتە تازلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، سىرتىڭلارنى ياساپ يۈرگىنىڭلار بىلەن، باشقا ئىشلارغا كارىڭلار يوق...دېدى قىز مەغرۇرلۇق بىلەن.

    مەن كەتمەكچى بولۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. بىردىنلا قىزنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىغاندەك قىلىپ، تەق-تۇرقۇمغا نەزەر ئاغدۇرۇۋاتقان ھالىتىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.

    -مەن بىلىمەن، سىلىنىڭ ئىسىملىرى ئېزىز ساۋۇت شۇنداقمۇ؟ بىز سەھرا ئادەملىرى بەك سەزگۈر كېلىمىز. مەھەللىگە يېڭىدىن كېلىپ قالغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىسمى، ئىش-ئەمالىنى بىلىپ بولىمىز،-دېدى ئۇ«سەنلەشتىن» «سىلە ئۆزلىرى» دېگەن ئىلتىپاتقا ئۆتۈپ.

    -ھەئە، ئېزىز ساۋۇت،-دېدىم ھەيران بولغان ھالدا.

    -سىزنىڭ ئىسمىڭىزچۇ؟-مەنمۇ سورىدىم.

    -مېنىڭ ئىسمىمنى بىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟-دىدى قىز مارجاندەك چىرايلىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ.

    -ھەي قىز، دەپ چاقىرسام قوپاللىق بولمامدۇ؟

    -غۇنچەم!- دېدى قىز ئىسمىنى ئېيتىپ،- ئەقىللىق ھەم راستچىل ئىكەنلا، ھەي... كەنتتىكىلەرمۇ سىلىنى «يېڭى كەلداخۇن» دەپ، تۇرمۇشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرمىدى. كەنت كادىرلىرى باشقىلارنى «يېزىنىڭ ئوپچە ئاشخانىسىدا تاماق يەيسىلەر» دەپ بۇيرۇپ قويۇپ، ئۆزلىرى خۇپىيانە ئايرىم ئۆيلەردە ئەترەت ئىسكىلاتىدىكى كوللېكىتىپ ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇقىغا قالدۇرۇلغان ئۇن، ياغ، گۈرۈچلەردىن نورمىسىز ئاچىقىپ تاماق ئەتتۈرۈپ يىيىشىدۇ. سىلە نېمىشقا ئۇلارغا قېتىلمايلا؟ يالغۇز چالما سوقما تامدا سوغوق يەپ يېتىپ، دېھقانلار بىلەن داش قازاننىڭ تامىقىنى يەپ...-قىزنىڭ بۇ سەمىمىي غەمخورلۇقى دەريا سۈيىنىڭ بايىقى سوغۇقىنى ئۇنتۇلدۇردى.

    -ئۇنداق قىلساق توغرا بولمايدۇ. پارتىيەمىزنىڭ سىياسەت، يوليورۇقى-بارلىق ھەرىكەتلىرىمىزدە ئامما بىلەن بىرگە بولۇش.

    -ئەمىسە ئۇلارغا بولىدىكەنۇ؟...

    -...

    گەپ تاپالماي تۇرۇپ قالدىم. قىزنىڭ ئېيتقانلىرى مەن ئاڭلىغان، ئەمما مەن كۆرۈپ باقىمىغان يېڭى بىر مەسىلە بولۇپ، مەن دەل يېزا پارتىيە، خەلق، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا ۋاكالىتەن دۆلەت كادىرى سۈپىتىدە كەنت، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ خىزمەت، ئىنتىزام، ئىستىلىغا يات شۇنداق مەسىلىلەرگە كۆز-قۇلاق بولۇپ، خىزمەتلەرنى توغرا ئىزىغا سېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئادەم ئىدىم. قىزنىڭ ئېيتقانلىرىدىن كەنت، مەھەلىلەرنىڭ ئەھۋالىدا يۆنىلىش خاراكتېرلىك بىر مۇرەككەپلىكنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلغان بولساممۇ ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم. خىزمەتكە قاتناشقان تۇنجى يىلى باشقا بىر يېزىنىڭ بىر كەنتىدە مۇشۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىپ، ئۆزۈمگە بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىكلەرنى تېپىۋالغان ئىدىم. شۇڭا بۇ كەنت، مەھەلىلەرنىڭ ئەلمى-تەلمىنى بىلىپ بولغىچە ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلاشماي، ئۆز ۋەزىپەمنى ئېقىشىغا ئىشلەپ تۇرۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. مېنىڭ شۈكلەپ تۇرۇپ قالغىنىمنى سەزگەن قىز:

    -ئېھتىيات قىلۋاتىلا-ھە؟ سىرتتىن كەلگەن كادىرلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق. بۇمۇ بىر جەھەتتىن يوللۇق تەدبىر،«ئۇمىچىڭنى ئىچ، يولۇڭغا ماڭ!»-دېدى ئىللىق كۈلۈپ.

    -...

    -ئىسسىق سۇدا يۈزلىرىنى يۇسىلا بولمامدۇ؟ بۇنداق قىلسىلا ھەپتىگە قالماي يۈز-قوللىرى يېرىلىپ، كادىرلىق ئىسكەتلىرىمۇ قالمايدۇ. بۇ دېگەن قارا قىش تۇرسا!

    -سىزمۇ سوغۇق سۇغا قولىڭىزنى چىلاپ كۆكتات يۇيىدىكەنسىزغۇ؟ لېكىن يۈز، قوللىرىڭىز قىپقىزىل، قارىيىپمۇ كەتمەپتۇ؟

    قىز گېپىمنىڭ تەسىرىدىن كۈلۈمسىرىگىنىچە خىجالەت ئارىلاش ۋىللىدە قىزىرىپ كېتىۋېدى، خۇددى يېڭى ئېچىلماقچى بولغان قىزىلگۈل غۇنچىسىغا ئوخشاپ كەتتى. ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق، گۈزەل، شۇنىڭغا ياندىشىپ ئىپپەت-نومۇسلۇق، ساددا كۆرۈنەتتى.

    -بىز دېگەن،-دېدى ئۇ، دەريانىڭ قارشى قىرغىقىغا قاراپ تۇرۇپ،-مۇشۇ يەرلىك، شارائىتقا كۆنۈك، شۇڭا يەكلەنمەيمىز دەپ قارايمىز،-ئۇ بىردىنلا گەپنى يۆتكىدى،-بىزنىڭ ئۆي ئاۋۇ كۆرۈنگەن شۇ.-دېدى قولى بىلەن خاماننىڭ جەنۇبىدىن 400مېتىرچە يىراقتىكى دەريا قىرغىقىدا يۇپۇرماقسىز يالىڭاچ دەرەخلەر ئارىسىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر چالما تامنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،- ئاتا-ئانام ھەممىمىز يېزا ئەزاسى. بىز بەش جان، مېنىڭدىن كىچىك بىر ئىنىم، بىر سىڭلىم بار. ئەترەتنىڭ كوللېكتىپ ئەمگىكىگە قاتنىشىپ تىرىكچىلىك قىلىمىز. بوش ۋاقىت، ئەتىگەن-كەچلەردە دادام ياغاچچىلىق قىلىپ، ئىشىك، رام، كىشەك، شىرە-ئورۇندۇقلارنى ياساپ سېتىپ بىزلەرنى باقىدۇ. دادام ئۇستا ياغاچچى. ۋاقىتلىرى چىققاندا ئۆيىمىزگە بېرىپ، ئاش-تاماق يەپ كەتسىلە. داش قازاننىڭ ئوپچە تامىقى تازا ياخشى ئەمەس. دادام-ئاپام مېھماندوست، ياخشى ئادەملەر، بولۇپمۇ سىلىدەك سىرتتىن خالىس كەلگەن مۇساپىر كادىرلارغا خەيرخاھ قىلىشقا ئامراق. خوش!-ئۇ سۆزىنى تاماملاپ، سىۋەت بىلەن يۇيغان كۆكتاتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

    ۋۇجۇدۇم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر ئىللىقلىققا تولدى. غۇنچەم ھەقىقەتەن بىر گۈل غۇنچىسى ئىدى. ئۇنىڭ شامال ئەسكەن گۈل غۇنچىسىدەك ئىككى ياققا يېنىك تەۋرىنىپ ئۇزاپ كېتىپ بارغان تۇرقىغا نەزەر سالغىنىمچە دەريا قىرغىقىدا بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم...

    داۋامى  بار

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.