بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 19

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-02 20:10:41

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) پيېرونىڭ چىرايىدا يېڭى تىكىلگەن دوستلۇقنىڭ شاتلىقى بىردەم چاقنىغان بولسىمۇ، تېزلا ئۆچتى ۋە نىمىشقىدۇ كەمكىنلىك ۋە قەيسەرلىك ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.-قۇلاق سال، - دىدى ...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    پيېرونىڭ چىرايىدا يېڭى تىكىلگەن دوستلۇقنىڭ شاتلىقى بىردەم چاقنىغان بولسىمۇ، تېزلا ئۆچتى ۋە نىمىشقىدۇ كەمكىنلىك ۋە قەيسەرلىك ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.

    -قۇلاق سال، - دىدى ئۇ كەسكىن ھالدا، - مېنىڭ دادام كاكونگو مەملىكىتىنىڭ سۇلتانى ئىدى. ئۇ ئۆز ئوردىسى قارىمىقىدا ئەدلىيە تەشكىل قىلىپ، پۇقرالارنى ئادىل ئىدارە قىلاتتى. سۇلتاننىڭ ئادىتى بويىچە، ئۇ بىرەر ھۆكۈم چىقارغان ۋاقىتتا لىپمۇ – لىپ بىر چىنە خورما ۋىنوسى ئىچەتتى. بىز بەختلىك ۋە قۇدرەتلىك ئىدۇق. ئەپسۇسكى، ئېلىمىزگە ياۋروپالىقلار كېلىشتى. سېنى ھەيران قالدۇرغان ئاشۇ مەنىسىز بىلىمنى مەن ياۋروپالىقلاردىن ئۆگەنگەن ئىدىم. ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىسپانىيىلىك بىر كاپىتان بولۇپ، دادامغا بىزنىڭ يېرىمىزدىنمۇ كۆپرەك يەر بېرىشنى ۋە ئاق تەنلىك ئاياللاردىن ئېلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى. دادام پۈتۈن ئائىلە بىلەن ئۇلارغا ئەگىشىپ كەتتى.... ئۇكا، ئۇ ياۋروپالىقلار بىزگە خائىنلىق قىلدى!

    پيېرو ئېغىر خۇرسىندى، كۆزلىرى چاقناپ كەتتى ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا يېنىدىكى ياش بىر كۆچەتنى شۇنچىلىك قاتتىق تۇتتىكى، كۆچەت سۇندى. ئاندى گويا ماڭا قاراپ ئەمەس، ئۆزىچە سۆزلەۋاتقاندەك سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

    -كاكونگو مەملىكىتى ھۆكۈمدارى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان خوجايىنلار پەيدا بولۇپ قالدى. ھۆكۈمدارنىڭ ئوغلى بولسا، سان – دومىنگو دالىلىرىدا قۇلغان ئايلاندۇرۇلدى. ياش شىرنى قېرى ئاتىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، كاكونگو مەملىكىتىنى ئۇلار ئاسانلا بويسۇندۇرۇۋالدى. ياش ئايالنى ئۆز ئېرىدىن تارتىۋېلىشتى. كۆپرەك پايدا ئېلىش ئۈچۈن بىزنى باشقىلارغا قويۇۋېتىشتى، بوۋاقلار سۈت بەرگەن ئانىسىنى، بالىلار تاغ سۈيىگە چۆمۈلدۈرىدىغان دادىسىنى ئىزلەشتى. لېكىن ئۇلار ئەشەددىي زالىملارغا دۇچ كېلىشتى، بالىلار خۇددى ئىت – ئىشەك قاتارىدا مۇئامىلىگە ئۇچرىدى.

    پيېرو جىم بولۇپ، لەۋلىرىنى مىدىرلاتتى، ئۆتكۈر كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكتى ۋە بىردىنلا مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -ئۇكا، بىلەمسەن؟ مېنى خۇددى ھايۋانغا ئوخشاش ھەرخىل خوجايىنلارغا سېتىشتى... ئوژېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئىسىڭدە بارمۇ؟ قۇلاق سال، ئۇكا، شۇ كۈنى مەن دادامنى يەنە بىر قېتىم كۆردۈم.... ئۇ چاقپەلەككە باغلانغان ئىدى!

    پيېرونىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى.

    -ئاق تەنلىكلەر، - دىدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - مېنىڭ ئايالىمنى قاتتىق ئاھانەت قىلدى. ئايالىم ئىنتىقام ئېلىشنى ماڭا قەتئىي ۋەسىيەت قىلدى! بۇ ساڭا چۈشىنىشلىك بولسا كېرەك – ھە؟ - ئۇ تەۋرىنىپ تۇرۇپ كۆزلىرىنى ئەتراپقا تىكتى، - مەن ئايالىم ئالدىدا ئەيىپلىكمەن، چۈنكى، مەن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. خەير، بۇ گەپنى قويۇپ تۇرايلى... مېنىڭ يولداشلىرىم ئۆزلىرىنى ئازاتلىققا چىقىرىشىمنى ۋە ئىنتىقام ئېلىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. راسك ماڭا ئۇلار تەرەپتىن خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇراتتى، مەن ئۇلارنىڭ ئارزۇسى يولىدا ئىشلەشكە ئامالسىز ئىدىم، بۇ ۋاقىتتا مەن تاغاڭنىڭ تۈرمىسىدە ئىدىم. سەن مېنىڭ ئەپۇ قىلغانلىقىم ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن كۈنى مەن ئۆز پەرزەنتلىرىمنى زالىم خوجايىنلارنىڭ قولىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچتىم، مانا، مەن كەلدىم. ئاڭلا، ئۇكا، كاكونگو سۇلتانىنىڭ ئاخىرقى نەۋرىسى ئاق تەنلىكلەرنىڭ زۇلمى ئاستىدا تېخى يېقىندىلا قۇربان بولدى! قالغانلىرى ئۇنىڭدىن بۇرۇن شېھىت بولغان ئىدى!

    -پيېرو سۆزىنى توختىتىپ، سوغاققانلىق بىلەن مەندىن سورىدى:

    ئۇكا، سەن مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭ قانداق قىلغان بولاتتىڭ؟

    ئۇنىڭ يۈرەكنى لەززىگە كەلتۈرىدىغان بۇ ھېكايىسى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. مەن ئۇنىڭ سۇئالىغا غەزەپلىك قىياپەتتە جاۋاپ بەردىم، ئۇ مېنى چۈشەندى – دە، ئىستېھزا بىلەن كۈلۈپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -ئاق تەنلىك خوجايىنلار مېنىڭ بالىلىرىمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، قۇللار ئۆز خوجايىنلىرىغا قارشى قوزغىلىپ، ئۇلارنى جازالىدى. ئۇلار مېنى ئۆزلىرىگە داھىي قىلىپ سايلاشتى. بۇ قوزغىلاڭنىڭ قانچىلىك بالايى – ئاپەت كەلتۈرگەنلىكىنى سەن بىلىسەن. تاغاڭنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى نېگىرلار بۇ ئىشتا ئۈلگە يارىتىشقا تەييارلانغانلىقىنى مەن بىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتىرىلگەن كۈنى كېچىدە ئاكيۇلغا باردىم، سەن يوق ئىكەنسەن. تاغاڭ تېخى يېڭىلا ئۆز ئورنىدا بوغۇزلاپ تاشلانغان، قارا تەنلىكلەر ئېتىز – مەيدانلارنى ئاللىقاچان كۆيدۈرۈپ تاشلىغان ئىكەن. مەن ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە دەرغەزەپ بولۇپ قوزغالغان ۋە تاغاڭنىڭ يەر – مۈلكىنى كۆيدۈرگەن قۇللارنى توختىتىۋېلىشقا ئىمكان بولمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، سېنىڭ ئائىلەڭدە ئامان قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا كىرىشتىم، مەن پورتقا بۇرۇن ئۆزەم بەلگە سېلىپ قويغان خۇپىيانە يول بىلەن كىردىم. ئايالىڭنىڭ تەربىيىچىسىنى قۇتۇلدۇرۇشنى مەن ئىشەنچلىك بىر يولداشقا تاپشۇردۇم. مارىيەنى قۇتۇلدۇرۇش بەكمۇ قىيىن بولدى. ئۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان بىردىن – بىر قېرىندىشى بولغان ئۇكىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پورتنىڭ كۆيۈۋاتقان قىسىمىغا ئۆزىنى ئاتماقتا ئىدى. قارا تەنلىكلەر ئۇنى قورشىۋالدى. ئۇلار مارىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتاتتى، مەن ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ، مارىدىن ئۆزەم ئۆچ ئالىمەن، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دەپ بويرۇدۇم، نېگىرلار تارقاپ كېتىشتى. مەن ئايالىڭنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېتىلەپ، بالىنى راسكقا بېرىپ، بۇلارنى ئۆزەمدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان مۇشۇ غارغا ئەكەلدىم. مېنىڭ جىنايەتلىرىمنىڭ ھەممىسى مانا شۇ، ئۇكا!

    مىننەتدارچىلىق بىلەن ۋىجدان ئازابى قوشۇلۇپ ماڭا يېڭى كۈچ بېغىشلىدى، مەن يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلماقچى بولدۇم، لېكىن ئۇ مېنى خىجالەت بولغان قىياپەتتە توختىتىۋالدى.

    -يېتەر ئەمدى، يۈر، كېتەيلى، - دىدى – دە، قولۇمدىن تۇتتى، - ئايالىڭنى قولۇڭغا ئال، ھەممىمىز بىرلىكتە كېتەيلى!

    مەن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭدىن بىزنى يەنە قەيەرگە ئاپىرىدىغانلىقىنى سورىدىم.

    -ئاق تەنلىكلەر لاگىرىغا، - دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ – بۇ ئورۇن ئەمدى ئىشەنچلىك ئەمەس، ئەتە تاڭ سەھەردە ئاق تەنلىكلەر بىئاسۇ لاگىرىغا ھۇجۇم باشلايدۇ. ئېھتىمال، ئورمانلار كۆيدۈرۈپ تاشلىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەسلىكىمىز كېرەك. مەن ئۈچۈن ئون نەپەر ئادەم گۆردە تۇرىۋاتىدۇ، مەن بارمىسام، ئۇلار بېشىدىن ئايرىلىدۇ. سەنمۇ ئازات بولدۇڭ، ئەمدى بىز ئالدىرىشىمىز كېرەك، بىز چوقۇم كېتىشىمىز زۆرۈر. مەن تېخى ئازات بولغىنىم يوق.

    ئۇنىڭ سۆزى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. مەن ئۇنىڭدىن گەپنىڭ تېگىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى سورىدىم.

    -سەن بيۇگ – ژارگالنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى تېخىچە ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ - دەپ سورىدى ئۇ سالماقلىق بىلەن.

    -ئاڭلىغان ئىدىم، لېكىن سېنىڭ بۇ بيۇگ – ژارگال بىلەن نىمە ئالاقەڭ بار؟

    بۇ سۆزۈمگە ئۇمۇ ھەيران قالدى ۋە مەغرۇرلۇق بىلەن دىدى:

    -بيۇگ – ژارگال دىگەن مەن بولىمەن!

    47

    شۇنداق دىسەم بولىدۇكى، بۇ ئادەمدە كۆرۈلىدىغان ھەرقانداق تاساددىپىي ھالەتكە مەن ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدىم. بۇنىڭدىن بىر مىنۇت ئاۋۋال مەھكەم پيېرونىڭ ئافرىقىلىق شاھزادە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەيران قالغان بولسام، ئەمدى ئۇنىڭ قىزىلتاغ نېگىرلىرىنىڭ ئاشۇ جەسۇر ۋە ئالىيجاناپ داھىيىسى بيۇگ – ژارگال ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تېخىمۇ ئەجەپلەندىم. بارلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەتتا بىئاسۇنىڭمۇ بۇ داھىي بيۇگ – ژارگالغا يەنى كاكونگو سۇلتانىغا نىمە ئۈچۈن چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئاخىرى چۈشەندىم.

    ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى مەندە نەقەدەر چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانلىقىنى، ئېھتىمال، ئۇ سەزمىگەن بولسا كېرەك، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ شۇنداق دىدى:

    -سېنىڭ بىئاسۇ لاگىرىغا ئەسىر چۈشكەنلىكىڭنى ماڭا ئېيتىشتى، شۇڭا مەن سېنى ئازات قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن.

    -ئۇنداقتا، سەن ھازىرلا ماڭا مەن ئازات ئەمەس، دىدىڭغۇ؟ - دەپ سورىدىم.

    مېنىڭ بۇ ئورۇنلۇق سۇئالنى نىمە ئۈچۈن سورىغانلىقىمنىڭ سۋەبىنى بىلمەكچى بولغاندەك، ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ دىدى:

    -ماڭا قارا، بۈگۈن ئەتىگەندە مەن سېنىڭ ئادەملىرىڭ ئىچىدە ئەسىرلىكتە ئىدىم. ئاقلار لاگىرىدا، بىئاسۇ كۈن پېتىشتىن بۇرۇن لېوپولددې ئوۋېرنە ئىسىملىك بىر ياش ئەسىرنى ئۆلتۈرمەكچىمىش، دىگەن پاراڭنى ئاڭلاپ قالدىم. مېنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى ۋە ماڭا سەن ئۆلتۈرۈلسەڭ، ئاندىن كېيىنلا مېنىمۇ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى، ئەگەر مەن قېچىپ كەتسەم، مەن ئۈچۈن ئون نەپەر يولدىشىمنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئاڭلىدىڭمۇ؟ شۇڭا مەن تېزرەك قايتىشىم كېرەك!

    مەن يەنە سورىدىم:

    -دىمەك، سەن قېچىپ كەلگەنمۇ؟

    -قېچىپ كەلمىسەم، بۇيەرگە قانداق پەيدا بولاتتىم؟ ئۆز ھاياتىم ئۈچۈن ساڭا قەرزدار بولۇپ تۇرۇقلۇق، مېنىڭ سېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزماسلىقىم كېرەكمىدى؟ ئەمدى سەن مەن بىلەن كەتكىن. بىز بىئاسۇ لاگىرىدىنمۇ، ئاق تەنلىكلەر لاگىرىدىنمۇ بىر سائەتلىك مۇساپىدە تۇرىمىز. كۆرۈۋاتامسەن. خورما دەرەخلىرىنىڭ سايىسى بارغانسېرى ئۇزىرىۋاتىدۇ، غۇژمەك يوپۇرماقلارنىڭ دۈگلەك سايىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ، يەنە ئۈچ سائەتتىن كېيىن كۈن ئولتۇرىدۇ. يۈر، ئۇكا، كېتەيلى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.

    «يەنە ئۈچ سائەتتىن كېيىن كۈن ئولتۇرىدۇ» دىگەن بۇ ئاددىي سۆز مېنىڭ ئالدىمدا ئەجەل ئۇپۇقىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. يۈرۈگۈم گۈپۈلدەپ تېپىشكە باشلىدى. بۇ سۆز – مېنىڭ بىئاسۇغا بەرگەن ۋەدەمنى تەقدىرىمنى ھەل قىلىدىغان ئاشۇ ۋەدەمنى ئېسىمگە سالدى. ئۇھ! مارىنى كۆرۈپلا، يېقىنلاپ كېلىۋاتقان جۇدالىقنى، مەڭگۈلۈك ھىجراننى تامامەن ئۇنتۇغان ئىدىم، مەن بۇ ئۇچرىشىشقا تامامەن مەپتۇن بولۇپ كەتكەنلىكىمدىن ھوشۇمنى يوقىتىپ، ئۆز بەختىمنىلا ئويلاپ، ئۆلۈمنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى ئەستىن چىقارغان ئىدىم. دوستۇمنىڭ سۆزى مېنى بىردىنلا چوڭقۇر بەختسىزلىك ئازگىلىغا ئىتتىرىۋەتكەندەك بولدى، «يەنە ئۈچ سائەتتىن كېيىن كۈن ئولتۇرىدۇ!» بىئاسۇ لاگىرىغا بېرىش ئۈچۈن بىر سائەت ۋاقىت كېتەتتى. ۋەدەمنى ئورۇنلاش بۇرچى شەپقەتسىزلىك بىلەن كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىشكە باشلىدى: مەن ئۇ قاراقچىغا ۋەدە بېرىپ قويغان ئىدىم! ئۆز ۋەدەمگە ۋاپا قىلماي، بىر ۋەھشىينىڭ ئالدىدا كەمسىتىلىشتىن، بولۇپمۇ فرانسۇز مىللىتىنىڭ بىئاسۇ ئىشەنگەن شۆھرىتىگە داغ چۈشۈرۈشتىن كۆرە ئۆلگىنىم ياخشىراق ئىدى! مەن ئۆز ۋەدەمنى ئورۇنلاش، مەردانىلىك بىلەن شەنىمنى قوغداش يولىنى تاللىدىم، بۇ يول دەھشەتلىك ئىدى! لېكىن، جاناپلار، شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، دەسلەپ مەن بىر ئاز تەۋرەندىم، بۇ قارارىم ئۈچۈن مېنى ئەيىپلەش مۇمكىنمۇ؟

    48

    ئاخىرى، مەن قاتتىق خۇرسىنىپ تۇرۇپ، بىر قولۇم بىلەن بيۇگ – ژارگالنىڭ قولىنى، يەنە بىر قولۇم بىلەن قاتتىق ئەنسىزلىك ئىچىدە مېنىڭ سۇلغۇن چىرايىمغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان بىچارە مارىنىڭ قولىنى تۇتتۇم.

    -بيۇگ – ژارگال، - دىدىم تەسلىكتە، - دۇنيادا سەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان بىردىن – بىر ئادىمىم بولغان مارىنى ساڭا تاپشۇرىمەن، سىلەر بىللە ئاقلار لاگىرىغا قايتىپ كېتىڭلار، مەن سىلەر بىلەن كېتەلمەيمەن!

    -ئاھ، خۇدا! يەنە نىمە دىگەن بەختسىزلىك بۇ! – دەپ ۋارقىرىدى مارى ئاران نەپەس ئېلىپ.

    بيۇگ – ژارگال تىترەپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزىدىن ھەسرەت ئۇچقۇنى چاقنىدى.

    -نىمىلەرنى دەۋاتىسەن، ئۇكا؟

    يېڭىدىن باشلىنىدىغان پالاكەتنى ئويلاپ، دەھشەت ئىچىدە قالغان مارىنىڭ چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتىنى بايقىغانلىقىمدىن، بىچارە قىزنىڭ يۈرىكىنى زىدە قىلماسلىق ئۈچۈن، ھەقىقىي سىرنى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇشقا ۋە خوشلاشماسلىققا مەجبۇر بولدۇم – دە، بيۇگ – ژارگالغا ئېگىلىپ ئاستا شۇنداق دىدىم:

    -مەن – ئەسىرلىكتىكى ئادەم، مەن بىئاسۇغا قايتىپ كېلىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەن ۋە كۈن پېتىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئۇنىڭ ئىختىيارىدا بولۇشقا لەۋزە قىلغان ئىدىم.

    بيۇگ – ژارگال غەزەپتىن تېپىرلاپ كەتتى ۋە قاتتىق ۋارقىراپ تۇرۇپ دىدى:

    -بىئاسۇنىڭ سەن بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشمەكچى بولغىنى شۇ ئىكەن – دە! ئۇ سەندىن ئاشۇ ۋەدىنى ئېلىۋالغان ئىكەن – دە، ئەبلەخ! مەن قانداقلارچە ئۇ ئىپلاس بىئاسۇغا ئىشەندىمكىن! مەن بۇنداق ھىيلە – مىكىرنى ئالدىنئالا بايقىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇ قارا تەنلىك ئەمەس، بەلكى مۇلات!

    -سەن نىمە دەۋاتىسەن، قانداق ۋەدە ئۇ؟ قانداق ھىيلە – مىكىر؟ - دەپ ۋارقىرىدى مارى ۋەھىمە بىلەن، - بىئاسۇ دىگىنىڭ كىم؟

    -بولدى، قوي، سۆزلىمە! – دىدىم مەن بيۇگ – ژارگالغا پىچىرلاپ تۇرۇپ، - مارىنى ئەندىشىگە سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق!

    -خوپ، - دىدى بيۇگ –ژارگال غەمكىن ھالدا، - لېكىن بىئاسۇنىڭ گېپىگە نىمىشقا ماقۇل بولغانسەن؟ ئاشۇنداق ۋەدە بېرىشكە قانداقمۇ ئاغزىڭ بارغاندۇ؟

    -مەن سېنىڭ توغراڭدا، بىزگە ۋاپاسىزلىق قىلدى، مارىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلدىم، ئەمدى ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، دەپ ئويلىغان ئىدىم.

    -ئەمما، ئېغىزدا بەرگەن بىرلا ۋەدە بىلەن ئۆزەڭنى ئۇ قاراقچىغا تۇتۇپ بەرسەڭ بولمايدۇ!

    -مەن ئۇنىڭغا لەۋزە قىلدىم – دە!

    قارىماققا، بيۇگ – ژارگال سۆزۈمنىڭ ئەسلى مەنىسىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنىۋاتسا كېرەك.

    -لەۋزە قىلغان؟ خوش، لەۋزى دىگەن نىمە؟ سىلەر بىر قاچىدىن شاراپ ئىچىشتىڭلارمۇ، بىرەر ھالقىنى ياكى چىچەكلەپ تۇرغان كىليون شېخىنى سۇندۇرۇشتۇڭلارمۇ؟

    -ياق.

    -ئەمىسە، نىمىنى ۋەدە، لەۋزى دەپ ھېسابلاۋاتىسەن.

    -ئۆز شەنىمنى.

    -چۈشەنمىدىم. بۇ ھېچقانداق مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. سېنى بىئاسۇغا باغلايدىغان ھېچقانداق ۋەدە يوق! يۈر، بىز بىللە كېتەيلى!

    -كېتەلمەيمەن، ئاكا، مەن لەۋزى قىلىپ قويغان.

    -ياق، سەن ھېچقانداق لەۋزى قىلمىغان! – دەپ ۋارقىرىدى ئۇ سىلكىپ، ئاندىن مارىغا قاراپ پەس ئاۋاز بىلەن دىدى:

    -سىڭلىم، ماڭا ياردەملىشىڭ، ئېرىڭىزنىڭ بىزنى تاشلاپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلماڭ! ئۇ قارا تەنلىكلەر لاگىرىغا قايتىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، مەن ئۇنى ئاشۇ يەردىن قۇتۇلدۇرۇپ كەلگەن ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇكى، ئۇ قارا تەنلىكلەرنىڭ داھىيسى بىئاسۇغا، ئۆلۈشكە رازى بولىمەن، دەپ ۋەدە بېرىپتۇ!

    -قانداق قىلغىنىڭ بۇ! – دەپ ۋارقىرىدىم مەن بيۇگ – ژارگالغا.

    ئەمما، پۇرسەت ئۆتكەن ئىدى. مەن بيۇگ – ژارگالنىڭ ئۆز رەقىبىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئىلتىجا قىلىشنى ۋە بۇنىڭدىن پەيدا بولغان نازۇك ھاياجاننى ئالدىنئالا باسالمىدىم. مارى پەريات چەككەن ھالدا ئۆزىنى ماڭا تاشلپ، كۆكرىكىمگە باش قويدى. بوينۇمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ مەھكەم يېپىشتى، ئۇنىڭ نەپسى بوغۇلغان، ئۆزى مادارسىز ئىدى.

    -ئاھ، جېنىم لېوپولد، ئۇ نىمە دەۋاتىدۇ؟ - دىدى ئۇ ئاران – ئاران سۆزلەپ، - بۇنداق قىلما، بىز يەنە قايتىدىن دىدار كۆرۈشكەن مۇشۇنداق پەيتتە مېنى تاشلاپ ئۇ ياققا بارمىغىن، تاشلاپ كېتىش دىگەن سۆز – ھالاك قىلىش دىگەن سۆز! قېنى، تېزرەك گېپىمگە ماقۇل بول، بولمىسا، مەن ئۆلىمەن! سېنىڭ پەقەت ئۆزەڭنىلا ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشكە ھەققىڭ يوق! مېنىمۇ ئۆلۈمگە بىللە ئاپار! سەن مېنى تاشلاپ، مەندىن ئەبىدى جۇدا بولۇشنى خالامسەن!

    -مارى! – دىدىم مەن، - ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمە، راستىنى ئېيتسام، مەن سېنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇرمەن. شۇنداق قىلمىسام بولمايدۇ. بىز يەنە باشقا جايدا سەن بىلەن ئۇچرىشىمىز...

    -باشقا جايدا... قەيەردە ئۇچرىشىمىز؟ - دەپ تەكرارلىدى ئۇ قورقۇنچ ئىچىدە.

    -ئۇ دۇنيادا! – دىدىم مەن پەرىشتەمنى ئالداشقا تىلىم بارماستىن.

    مارى بىھۇش بولۇپ يىقىلدى. بۇ قېتىم ئۇ ھەسرەت ئىچىدە ھوشۇدىن كەتكەن ئىدى. مېنىڭ قارارىم قەتئىي ئىدى. شۇڭا ۋاقىتنى سوزۇپ تۇرالمايتتىم. مەن مارىنى بيۇگ – ژارگالغا تاپشۇردۇم. ئۇ كۆزىدىن تارام – تارام ياش ئاققۇزۇپ تۇرۇپ ماڭا قارىدى.

    -دىمەك، سېنى ھەرقانداق قىلىپ تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىكەن – دە؟ ئۆزەڭ كۆرۈپ تۇرغان بۇ ئەھۋالغا مەن ھېچنىمە دىيەلمەيمەن. مارىنىڭ رايىنى قايتۇرۇشقا يۈرۈگۈڭ قانداق چىدايدۇ؟ مەن ئۇ ئېيتقان ھەر بىر ئېغىز سۆزگە پۈتۈن ئالەمنى سەدىقە قىلغان بولاتتىم، ئەپسۇسكى، سەن ئۇنىڭ سۆزىگە ھەتتا شەنىڭنىمۇ پىدا قىلالمىدىڭ؟

    -جېنىمنى پىدا قىلدىم! – دەپ ئېتىراز بىلدۈردۈم، - خەير، بيۇگ – ژارگال، خەير، ئاكا! مەن مارىنى ساڭا تاپشۇردۇم، ۋەسىيىتىم شۇ!

    -بيۇگ – ژارگال قولۇمنى تۇتتى. ئۇ چوڭقۇر ئويغا پاتقانلىقتىن سۆزۈمنى تولۇق ئاڭلىمىغاندەك كۆرۈنەتتى.

    -ئۇكا، دىدى ئۇ، - ئاقلار لاگىرىدا سېنىڭ بىر قېرىندىشىڭ بار ئىكەن، مارىنى شۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ماڭا نىمە قويۇپتۇ، سېنىڭ ۋەسىيىتىڭگە قاراپ مارىغا ئىگىدارچىلىق قىلالمايمەن.

    ئۇ ماڭا قىيا تاشلىق ئىگىز بىر چوققىنى كۆرسەتتى. بۇ چوققا ئەتراپتىكى ھەممە جايدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

    -ئاۋۇ چوققىنى كۆردۈڭمۇ؟ سەن ئۆلتۈرۈلگەن ھامان ئاشۇ چوققىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىڭ ھەققىدە بەلگە كۆرۈنىدۇ، خۇددى شۇ پەيتتە ئېتىلغان مىلتىق ئاۋازى مېنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىمدىن خەۋەر بېرىدۇ، خەير!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.