زۇنۇن قادىرى خاتىرىلىرى 12

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-17 11:27:27

زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى 12مەن 16 ياشقا كىرگەن يىلى تاغام قۇملۇق مەھەللىسىگە قوغۇن–تاۋۇز تېرىغانىدى. يازلىق تاۋۇزى خېلى ئوخشىدى. ئۇنى شەھەرگە ئەكىرىپ سېتىپ بېرىش ئۈچۈن تاغام مېنى تا...



     

    زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى 12

     
          مەن 16 ياشقا كىرگەن يىلى تاغام قۇملۇق مەھەللىسىگە قوغۇن–تاۋۇز تېرىغانىدى. يازلىق تاۋۇزى خېلى ئوخشىدى. ئۇنى شەھەرگە ئەكىرىپ سېتىپ بېرىش ئۈچۈن تاغام مېنى تاۋۇز باسقان ھارۋىنى ھەيدەشكە تۇتۇۋالدى:
          - مەن چوڭ كۆۋرۈك يېنىدىكى باققال قاۋۇل ئاخۇن بىلەن سۆزلىشىپ قويدۇم، بۇ تاۋۇزنى ئۇدۇل شۇنىڭ دۇكىنىغا ئاپىرىپ چۈشۈرۈپ بەر،-  دەپ ئېرگىلو ھارۋىغا يۈز تاۋۇز بېسىپ بەردى.
          تېخى تاڭ سۈزۈلمىگەنىدى. تاغام ھارۋىنى قېتىپ مېنى شەھەرگە يولغا سالدى. مەن بۇ يولدا خېلى كۆپ ماڭغىنىم ئۈچۈن قورقماي ھارۋىنى ئىتتىكلەتتىم. چوڭ يولغا چىققاندا تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىدى، يۈزۈمگە تاڭ شامىلى ئۇرۇلدى، مۈگدەك باسقان كۆزلىرىم ئېچىلىپ، ھارۋىنى تېخىمۇ ئىتتىك ھەيدەشكە باشلىدىم.
         شەھەرگە ئىككى چاقىرىمچە قالغاندا، يېرىلغان يار دېگەن يەرگە بارغىنىمدا، تورغات مىنىپ قولىدا سېمىز بىر كۆك ئاتنى يېتىلىگەن، ئۈستىگە جەندە پىرىجە، بېشىغا توقۇما كۇلا كىيگەن، چېچى يەلگىسىگىچە چۈشكەن سېرىق ساقاللىق قەلەندەر ئاشىق ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ كېلىپ ھارۋامنىڭ يېنىدا توختىدى – دە:
         -سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى يەر، ھەي ياخشى ئوغۇل، تاۋۇزىڭدىن بىر – ئىككىنى بەر،- دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈردى.
         -بۇ ساناقلىق يۈز تاۋۇز، بىز بىرى بىلەن سۆزلىشىپ قويغان. ئۇ تاۋۇزدىن بىرى كەم چىقسا ئالمايدۇ،- دېدىم چۈشەندۈرۈپ.
         -غەۋسىلئەزەم ھەققىدە بەرسەڭ ھەرگىز كەم بولمايدۇ، مانا بۇنى بەر،- دەپ قامچىسىنىڭ سېپى بىلەن ھارۋىنىڭ ئالدىدىكى يوغان بىر تاۋۇزنى تۈرتۈپ كۆرسەتتى.                                      مەن قولۇمدىكى تايىقىم بىلەن قامچىسىنى ئىتتىرىۋېتىپ:
         -ياق، ياق ، بەرمەيمەن،- دەپ ئاتنىڭ بېقىنىغا بىرنى ئۇرۇپ، ھارۋىنى ھەيدەپ كەتتىم.
         قەلەندەر قامچىسىنى پۇلاڭلىتىپ ئېتىنى دېۋىتىپ كەلدى – دە:
        -سېخى جەننىتى، بېخىل دوزىخى، بەرمەمسەن؟- دېدى ۋارقىراپ.
        -بەرمەيمەن،- دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە قادىلىپ.
        -بېخىل بەدبەخت، بەرمىسەڭ مانا ئەمىسە،- دەپ ئۈستىبېشىمغا قامچا بىلەن بىر مۇنچە ئۇرۇۋەتتى. مەن يەرگە چۈشۈپ يىغلاپ يۈرۈپ ئۇنىڭغا چالما ئاتتىم. زومىگەر قەلەندەر مېنى ئاتلىق قوغلاپ يۈرۈپ يەنە بىر نەچچە قامچا ئۇرۇۋەتتى ۋە بىر نەچچە تاۋۇزنى چېقىۋەتتى. ئۇ يىراقتىن كېلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆردى – دە، ئات سالدۇرۇپ يېزىغا قاراپ كېتىپ قالدى.
         مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرمۇ تاۋۇز بەرمەي تاياق يېدىم؟ ئۇ مېنى تونۇمىغىنى بىلەن مەن ئۇنى تونۇيتتىم. ئۇنىڭ قارا دۆڭدىكى قەلەندەر مەھەللىسىدە خېلى ئوبدانلا بەش–ئالتە ئېغىز ئۆيلۈك گۈلزارلىق بىر ھويلىسى، ئىككى ئېشەك، بىر نەچچە بورداق قوي ۋە سېمىز ئىككى ئېتى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى قوللىرىغا ئالتۇن ئۈزۈك، قۇلاقلىرىغا ئالتۇن ھالقىلارنى سېلىپ پۇزۇر يۈرۈشەتتى. قەلەندەر ھويلىسىدا يوغان بىر ئۆينى مەيدانخانا قىلىۋالغان. مەيدانخانا دېگىنىمىز، قاپاق چىلىمدا نەشە چېكىدىغان ئورۇن، بۇ يەردە ھەر كۈنى ئۆزىگە ئوخشاش ئاشىق دەپ ئاتالغان نەشىخورلار ۋە باشقا بەڭگىلەر توپلىنىپ نەشە چېكىشەتتى. ئۇلار كۆپىنچە ئازنا كۈنلىرى توپلىشىۋېلىپ مۇقام مەشرەپلىرىنى مەشق قىلاتتى. ئاندىن كېيىن رامىزان ئېيىدا بىر ئايغىچە مەھەللە–مەھەللە گۈلخان يېقىپ، تاڭ ئاتقۇچە مەشرەپ ئوقۇپ، مەھەللە جامائەتلىرىدىن بىر مۇنچە نەرسىلەرنى يىغىۋالاتتى. بىز ياش بالىلار مەشرەپ ناخشىلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، قارا دۆڭ ۋە روشەنباغلارغا چىقىپ تۇراتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ قەلەندەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلەتتىم. شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ سېرىق ساقال ھارامتاماققا تاۋۇز بەرمىگەنىدىم. ئەمما ئۇ مېنى تونۇماي كىچىك كۆرۈپ، يۈزىدىكى ئەۋلىيا، ئاشىق، بىچارە، قەلەندەرلىك نىقابىنى قايرىپ قويۇپ بوزەك قىلغانىدى. بىراق مەنمۇ كېيىن ئۇنىڭدىن كېلىشتۈرۈپ ئىنتىقامىمنى ئالدىم.
          بۇ ۋەقە مۇنداق بولغانىدى:
         كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مەن قۇملۇق مەھەللىسىدە تولۇق ھەيدەپ يۈرگەندە، مېنى قامچىلىغان ھېلىقى سېرىق ساقاللىق ئاشىق قەلەندەرنىڭ مەھەللىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ خامانلاردىن كەپسەن ئالغان بىر تاغار بۇغدىيىنى تورغىتىغا، خەقلەردىن يىغقان يېرىم تاغارچە نېنىنى يېتەكلىكىتىكى كۆك ئېتىغا ئارتىپتۇ. مەن دەرھال قورۇق–تاملاردىن ئارتىلىپ، يۈگۈرگەن پېتى قوشنىمىز روزاخۇننىڭ ئوغلى- ئاغىنەم نورۇزنىڭ يېنىغا باردىم–دە، ھېلىقى ئاشىقنىڭ مەھەللىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتىم. ئۆتكەندە مەن ئۇنىڭغا بۇ ئاشىقنىڭ مېنى بوزەك قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەندە، پىرىزىخان موماينىڭ بۇ نەۋرىسى: «خەپ، بىر كۈنى قولغا چۈشسە، سېنىڭ ئۆچىڭنى ئېلىپ بېرىمەن» دېگەنىدى. نورۇز مەندىن ئىككى ياشلا چوڭ، ئەمما بەك قورقماس، قاۋۇل بالا ئىدى. بىز نورۇزلارنىڭ قورۇسىدا كالتەك تۇتۇپ ماراپ ئولتۇردۇق.
         -ھەي شەيدىبىئىللا، قەلەندەر كەلدى، بالا كەلمىسۇن ھەر قايسىلىرىغا، سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى يەر، ئاتىغىنىڭلارنى بەرگەيسىلەر،- دەپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، مەن سۇپىنىڭ يېنىدىكى قارىياغاچنىڭ ئارقىسىدىن سەكرەپ چىقىپ:
         -مانا ساڭا ئاتىغىنىمىز،- دەپ كالتەكنى تەڭلەپ ئالدىغا باردىم. ئۇ مېنى تونۇپ، قېتىپ تۇرۇپ قالدى. نورۇز كېلىپ، كالتەك بىلەن ئۇنىڭ غولىغا بىرنى ئۇرۇپ، ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىدىن تارتىپ ئالدى.
         -تۆرەم بالىلىرىم، مېنىڭ نېمە گۇناھىم بار، مەن غەۋسىلئەزەمنىڭ مۇرىدى، پېقىر ئاشىق مەن،- دەپ يالۋۇردى.
         -ھەي زومىگەر، سەن قانداق ئاشىق بولىسەن، سەن مېنى يېرىلغان ياردا بۇلاپ ئۇرغىنىڭنى بىلەمسەن، بۇلاڭچى ئوغرى،- دەپ ئۇنىڭ ئەۋلىيالارنى شېپى كەلتۈرۈپ يالۋۇرغىنىغا قارىماي، قارىياغاچقا باغلاپ قويدۇق. ئۇ بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ ۋارقىراۋەرگەندىن كېيىن، مەھەللىدىكى كىشىلەر يىغىلىپ، ئاخىر ئۇنى قويغۇزىۋەتتى. بىز ئۇنىڭ بىر تاغار بۇغدىيىنى ئۆزىگە قالدۇردۇق، يېرىم تاغار نېنىنى شۇ مەھەللىدىكى ئىككى يېتىم بالىسى بار بىر كەمبەغەل تۇل خوتۇنغا ئاپىرىپ بەردۇق. باي قەلەندەر بولسا، بىزدىن قۇتۇلغىنىغا خۇش بولۇپ، نانمۇ تىلىمەي، شەھەرگە قاراپ بەدەر قاچتى.
     

    ئانارچى قارى

    بىزنىڭ ئوردا مەھەللىمىزنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە بىر قورۇ بار، بۇ قورۇنىڭ ئىگىسى بىر سودىگەر ئادەم. ھەممىلا كىشى بۇ ئوتتۇرا بوي، ئالدىغا ئېڭىشىپرەك كەلگەن، كەكە ساقال، قويۇق ئۇزۇن قاشلىق ئادەمنى ئانارچى قارى دېيىشەتتى. بۇ ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمىمۇ ئەمەسمۇ، خەۋىرىم يوق، مەن پەقەت ئانارچى قارى دېگەننى ئاڭلىغان، ئەسلى ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئانارچى قارىنىڭ ئۈچ بۇرجەك ھويلىسىدا يەتتە – سەككىز ئېغىز ئۆيى، موي بازىرىدا بولسا 11 ئېغىز دۇكىنى بار، پەقەت بىر دۇكىنىدىلا ئوغلى ئانچە – مۇنچە مويپۇرۇچلۇق قىلىدۇ. قالغان ئون دۇكاننى قىممەت باھادا ئىجارىگە قويىدۇ. ئۆزى بولسا ئۆي ئەتراپىدىن نېرى كەتمەيدۇ. ئاڭلىشىمىزچە، بۇ ئادەمنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش، دۇنياسى ناھايىتى كۆپمىش. نۇرغۇن تىللا ئاقچا ۋە ئالتۇن سېلىنغان بوپىسىنى كۈندۈزى ساندۇققا سېلىپ، ئۈستىگە ئۆزى ئورۇن يىغىپ، كېچىسى ئۇنى ياستۇق شەكىلدە بېشىغا قويۇپ ياتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىدىن باشقا كىشى بىلمەيدىغان كۆمۈپ قويغان ئالتۇن ۋە يارچەن تەڭگىلىرىمۇ نۇرغۇنمىش. دېمىسىمۇ بۇ ئادەم ھېچقاچان ئۆيلىرىنى باشقا كىشىگە رېمونت قىلدۇرماي، پەقەت ئۆزىلا يالغۇز رېمونت قىلاتتى.
         غۇلجا شەھىرىدە ئەتىيازلىقى بىز كىچىك ۋاقىتلاردا كوچىلار ئادەمنىڭ تىزىغا چىققۇدەك پاتقاق بولۇپ كېتەتتى. تۆتىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاران قۇرۇپ بولاتتى. توڭ تېشىلگەندىن كېيىن سۇيۇلۇپ ئوماچتەك بولۇپ كەتكەن لاي بىرەر ئايغىچە ئات – ھارۋىلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چولتۇكلاپ، پىشىپ، تۆتىنچى ئاينىڭ ئىچىدە قويۇقلىشىپ، يۇمشاق قارا مومدەك بولۇپ قالاتتى. مانا شۇنداق تەييار بولغاندا، ئانارچى قارى ئاتمىش ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي، كوچىدىكى لايغا ئازراق ساماننى چېچىۋېتەتتى – دە، يالاڭ تامبىلىنى يوتىسىغىچە تۈرۈپ، كۆڭلىكىنى سېلىۋېتىپ لايغا چۈشەتتى. ئاندىن لاينى كىچىك بالىنىڭ بېشىدەك كومۇلاچ قىلىپ ئۆگزىسىگە ئاتاتتى.
         ئۆگزىگە لاي سېلىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاستىغا قانداق نەرسىلەرنى سالىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەپ ئۆتەي.
         ئانارچى قارىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا سول بىلىكىگە بىر كونا سوقا سېۋەت، ئوڭ قولىدا ئۇچىدا بىر غېرىچچە ئۇچى ئۇچلۇق تۆمۈر بېكىتىلگەن ھاسا تۇتقان ھالدا كۆرىسىز. ئۇ ئۇچرىغان ئەسكى لاتا، ئەسكى كېگىز پارچىسى، تاشلىنىپ كەتكەن چەم، كەش ۋە مازغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ھاسىسىنىڭ ئۇچىدىكى ئۇچلۇق تۆمۈر بىلەن سانجىپ ئېلىپ سېۋەتكە سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئانارچى قارىنى كۆپرەك ئەخلەت دۆۋىسى بار جايلاردا كۆرۈپ قالىسىز.
         ئانارچى قارى ئېغىل يېنىدىكى ئەسكى ئۆيگە توپلىغان ھېلىقى ئەسكى – تۈسكى نەرسىلەرنى ئۆگزىسىنىڭ ئېگىز – پەس جايلىرىغا تەكشىلەپ جايلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆگزىگە لاي كومۇلاچلىرىنى ئېتىپ ئاندىن ئۈستىدىن سۇۋايدۇ. ئۇستىدىن سۇ چېچىپ تۇرۇپ ئالقىنى بىلەن ياكى كوزا پارچىسى بىلەن سىلىقلاپ چىقىدۇ. لاي قۇرۇپ قاتقاندىن كېيىن، خۇددى ئاسفالىت ياتقۇزۇلغان يوللاردەك قارامتۇل بولۇپ يالتىراپ تۇرىدۇ. كوزا پارچىلىنى يامغۇر سۈيى چۈشىدىغان نو ئورنىدا پېشايۋان قىرلىرىغا چاپلاپ قويىدۇ.

    ئۇ ئۆگزىسىگە ھېچكىمنى دەسسەتمەيدۇ، ھەتتا بىرەر قاغا كېلىپ قونسىمۇ، ئۇنى بار جېنى بىلەن ۋارقىراپ، چالما ئېتىپ قوغلايدۇ.
         بىر قېتىم مەن ئۆزىمىزنىڭ ئۆگزىسىدە لەگلەك ئۇچۇرۇۋېتىپ لەگلەكنى ئۆرلەتمەكچى بولدۇم–دە، قىزىقچىلىقتا ئۇنىڭ ئۆگزىسىگە ئۆتۈپ كېتىپتىمەن. ئانارچى قارى مېنى كۆرۈپ قېلىپ تۇيدۇرماي شوتا بىلەن ماراپ چىقىپتۇ. مەن بولسام، ئۇنى كۆرمەي تانىنى قويۇپ بېرىپ لەگلىكىمنىڭ ئېگىز ئۆرلىگىنىگە قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن. شۇ چاغدا بېشىمغا تارس قىلىپ بىر تاياق تەگدى. چۆچۈپ ئارقامغا قارىسام، ئانارچى قارى ئىكەن. ئۇ كۆزۈمگە قادىلىپ:
         -ھوي بەدبەخت، ھارامزادە شۇم، بۇ ئۆگزىدە نېمە قىلىپ يۈرىسەن. پۇتۇڭنى چېقىۋېتىمەن،- دەپ پاچىقىمغا ئۇرغىلى تۇردى. ئۇنىڭ پارقىراپ تۇرغان غەزەپلىك كۆزىنى ۋە دىڭگىيىپ كەتكەن كەكە ساقىلىنى كۆرۈپ، قورققىنىمدىن لەگلەك تانىسىنى تاشلىدىم-دە، ئۆلە–تىرىلىشىمغا قارىماي ئۆزىمىزنىڭ ئۆگزىسىگە قاراپ قاچتىم. ئەمما ئۇمۇ ئارقامدىن قوغلاپ كەلدى. مەن ھويلىمىزغا چۈشىدىغان شوتىغا بارغۇچە تۇتۇلۇپ قېلىشىمدىن قورقۇپ ئۇدۇل كەلگەن جايدىنلا ھويلىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. شۇ چاغدا يەرگە پاققىدە كېرىلىپ چۈشكىنىمنى بىلىمەن، ئەمما ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. دەھشەتلىك قارى بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ غىپپىدە تىكىۋېتىپتۇ.
         ھوشۇمغا كېلىپ كۆزۈمنى ئاچسام، پېشايۋاندا يېتىپتىمەن. ئاغزىمدىن كۆپۈك چىقىپ، قوۋم–قوشنىلىرىمنى خېلى ئەنسىزچىلىككە سالغان ئوخشايمەن. مېڭەم چايقىلىپ، دوسۇنۇم ئىششىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئاي يېتىپ ساقايدىم. شۇنىڭدىن كېيىن يىلان چېقىۋالغان ئادەم ئالا ئارغامچا پارچىسىنى كۆرسە تېنى ئەيمىنگەندەك، مەنمۇ ئانارچى قارىنى يىراقتىن كۆرۈپ قالسام، تېنىم جۇغۇلدايدىغان بولۇپ قالدى.
          ئانارچى قارى ناھايىتى پىخسىق ئادەم ئىدى. شۇڭا ئۇ «خەسىس» دەپ نام ئالغان. ئۇ يەيدىغان يەل–يېمىش، قەنت–گېزەك، دورا–دەرمانلارنى تۈرلۈك تۈگۈچلەرگە چىگىۋېلىپ، بىر نەچچە خىل ساندۇققا سېلىپ قوياتتى. ئاچقۇچلىرىنى بولسا، بېلىگە ئېسىپ يۈرەتتى. ھەتتا كېلىپ ئىچىدىغان چېيىنىمۇ سەرلەپ ئېلىپ، كىچىك بىر خالتىغا ئۈگىتىپ سېلىپ، پوتىسىغا تۈگۈۋالاتتى. چۆگۈندىكى سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئۆزى پوتىسىدىن چاينى ئېلىپ ئۆلچەم بىلەن سېلىپ بېرەتتى. ناننى بولسا، ساندۇققا سېلىپ ئاغزىدىن قۇلۇپلاپ قوياتتى. چاي ۋاقتىدا ناننى ئۆزى ئېلىپ كېلىپ بۆلۈپ بېرەتتى.
         شۇ چاغلاردا كىشىلەر پىششىق، بېخىل ئادەملەرنى كۆرسە، بۇ نەق «ئانارچى قارى» نىڭ ئۆزىكەن دەپ مەسخىرە قىلىشاتتى. شۇنداق قىلىپ، مەن بۇ قوشنامنىڭ «ئانارچى قارى» دەپ نام ئالغانلىقىنى ماھىيىتىنى كېيىنچىرەك ئۇقۇۋالدىم. ئۇ ياش ۋاقتىدا خېلى قاۋۇل ئادەم بولۇپ، ئىككى داڭكاڭ سېۋەتكە ئانار قاچىلاپ، ئەپكەشنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، جەنۇبتىن مۇزداۋان بىلەن ئىلىغا پىيادە ئېلىپ چىقىپ ساتقانىكەن. ئۇ ئەنە شۇ يول بىلەن دەسمايە توپلاپ، سودىگەرچىلىك قىلىپ باي بوپتۇ. «ئانارچى قارى» دېگەن ئىسىم ئۇنىڭغا ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن سىڭىپ قالغانىكەن.

    زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹خاتىرىلەر › ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر زۇنۇن قادىرى _