بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گىيوگو) 3

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-10 14:03:23

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) بيۇگ ژارگال(3)ۋىكتور گىيوگو ناخشىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى چوڭقۇر ھەسرەت ئىچىدە گىتارنىڭ مۇڭلۇق ساداسىغا تەڭكەش بولۇپ ئاياقلاشتى مەن دەرغەزەپ بولۇپ ئۆزەمنى يوقاتتىم. «شاھم...


    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)

    بيۇگ ژارگال(3) 

     ۋىكتور گىيوگو

     

       ناخشىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى چوڭقۇر ھەسرەت ئىچىدە گىتارنىڭ مۇڭلۇق ساداسىغا تەڭكەش بولۇپ ئاياقلاشتى مەن دەرغەزەپ بولۇپ ئۆزەمنى يوقاتتىم. «شاھمىش، قارا قۇل!» بۇ چۈشىنىكسىز ناخشىنىڭ تەسىرى بىلەن مىڭ ياڭزا ئوي-خىياللار مىڭەمنى چۇلغىۋالدى، يارقىن مۇھەببەت ھەم دوق قىلىش تۇيغۇسى بىلەن ئېيتىلغان بۇ ناخشىدا مارىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىغا جۈرئەت قىلغان بۇ نامەلۇم رەقىپنى ھازىرلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ئارزۇسى ماڭا ئارام بەرمىدى. مەن بىر سەسكەندىم-دە، تىترەپ تۇرغان قولۇمغا مىلتىق ئېلىپ، شىپاڭدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتىم. قورقۇپ كەتكەن مارى مېنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن قولىنى ئۇزاتقاندا، مەن ئاللىقاچان ھېلىقى ناخشا ئاڭلانغان ئورمانزارلىققا كىرىپ بولغان ئىدىم. مەن ئورماننىڭ ھەممە تەرىپىنى ئىزلىدىم، مىلتىقنى ھەربىر باراقسانلىققا، ھەربىر قويۇق شاخ-پۇتاقلارغا تەڭلەپ، يوغان-يوغان دەرەخلەرنى ئايلىنىپ ئۆتتۈم، ئىگىز چۆپلەرنى قايرىپ قارىدىم، ھېچنەرسە يوق، ئىنسى-جىنمۇ كۆرۈنمىدى! ئاڭلىغان ناخشىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدىكى پايدىسىز مۇلاھىزىلەر نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بۇ پايدىسىز ئىزلەش غەزىپىمنىڭ ئۈستىگە تاقەتسىزلىنى قوشتى: «ئەجىبا، مەن بۇ ئەخلاقسىز رىقابەتچىنى ئىزلەپ تاپالمىسام! ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلالمىسام! مەن ئۇنى ئۇچرىتالماي، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەي ئۆتۈپ كېتەرمەنمۇ؟» شۇ خىياللار بىلەن تۇرغىنىمدا، تۈڭگە-مارجانلارنىڭ شالدۇر-شۇلدۇر پىكرىمنى بۆلدى، بۇرۇلۇپ قارىسام، پەتەك خەبىبرا يېنىمدا تۇرۇپتۇ.

    -ياخشىمۇسىز، خوجايىن،-دىدى ئۇ ماڭا ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، ئەمما ئۇنىڭ ھىيلىگەر كۆزلىرى ئاستىرتتىن مېنى كۆزىتىپ تۇراتتى. بۇ كۆزلەردە مېنىڭ چىرايىمدىكى تەشۋىشلىك ئالامەتلىرىگە نىسبەتەن تەسۋىرلىگۈسىز تەنتەنە ۋە ئىستىھزا ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

    -ئېيتقىنچۇ، بۇ ئورمانلىقتا بىرەر ئادەم كۆردۈڭمۇ؟-دەپ ۋارقىرىدىم ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن.

    -سىزدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرگىنىم يوق، تەقسىر-دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ خاتىرجەم ھالدا.

    -بىرەر ئاۋازمۇ ئاڭلىمىدىڭمۇ؟

    قۇل جاۋاپ ئىزلەۋاتقاندەك بىردەم جىم تۇرۇپ قالدى، مېنىڭ تېخىمۇ ئوغام قاينىدى.

    -جاۋاپ بەرمەمسەن!-دەپ ۋارقىرىدىم ئۇنىڭغا،-جاۋاپ بەرمەمسەن، بەدبەخت! بۇ يەردە بىرەر ئاۋاز ئاڭلىمىدىڭمۇ زادى؟

    ئۇ مولۇننىڭكىدەك دۈگلەك كۆزلىرى بىلەن ماڭا دادىل تىكلىپ قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى:

    -نىمە دىمەكچىسىز خوجايىن؟ ئاۋاز دىگەن ھەممە يەردە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ھەممە نەرسىدە بار، قۇشلارنىڭ سايرىشى، سۇنىڭ شارقىرىشى، يوپۇرماقلارنىڭ شىلدىرلىشى-ھەممىسى ئاۋاز....

    مەن ئۇنى قاتتىق سىلكىشلەپ سۆزىنى بۆلدۈم:

    -لەنىتى مەسخىرىۋاز، مەن بىلەن ئوينىشىمەن دەپ ئويلىما! پىشانەڭدە مىلتىق ئوقى ئوينىمىسۇن يەنە! تىلىڭنى چاينىماي تۈزۈك گەپ قىل، سەن بۇ ئورمانلىقتا ئىسپانچە ناخشا ئاڭلىمىدىڭمۇ؟

    -ئاڭلىدىم، تەقسىر،-دىدى ئۇ قىلچىمۇ تەپ تارتماي،- ئۇ ناخشىنىڭ سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىدىم... خوپ، مەيلى، خوجايىن، مەن سىزگە ئەھۋالنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەي: مەن ئورماننىڭ بىر چېتىدە قالپىقىمدىكى كۈمۈش قوڭغۇراقلارنىڭ ئاۋازىغا مەسلىكىم كېلىپ تاماشا قىلىپ يۈرەتتىم. ناخشا ئيتىلىۋاتقان تەرەپتىن چىققان شامال بىردىنلا ھېلىقى سىز ئېيتقان ئىسپانچە ناخشىنىڭ بىرنەچچە ئېغىز سۆزىنى قۇلىقىمغا يەتكەزدى. مەن تېخى ياشقا توشمىغان بىرنەچچە ئايلىق ۋاقتىمدىلا بۇ تىل بىلەن بىلجىرلاپ سۆزلەشنى ئۆگەنگەن ئىدىم، ئۇ چاغدا ئانام مېنى قىزىل – يېشىل يۇڭدىن توقۇلغان پوتىلار بىلەن دۈمبىسىگە تېڭىپ كۆتىرىپ يۈرەتتى. مەن بۇ تىلنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ تىل ماڭا بالىلىق ۋاقتىمنى ئەسلىتىدۇ، ئۇ چاغلاردا مەن پەتەك ئەمەس ئىدىم، مەسخىرىۋازلىقنىمۇ بىلمەيتتىم. مەن ئاشۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ۋە ناخشىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىدىم.

    -خوش، يەنىچۇ، شۇلىما؟-دەپ سورىدىم مەن تاقەتسىزلىك بىلەن.

    -شۇلا، مۆھتىرەم چىرايلىق يىگىت، ئەگەر خالىسىڭىز، مەن ئۇ ناخشىنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېيتىلغانلىقىنى سىزگە ئيېتىپ بېرىشىم مۇمكىن.

    خۇشاللىقىمدىن بىچارە مەسخىرىۋازنى قۇچاقلاشقا ئازلا قالدىم.

    -ھە، ئېيتقىنا، قېنى؟-دەپ ۋارقىرىدىم،-ئېيتقىنا، خەبىبرا! مانا، مەن پۇلنى ئال-دە، ئۇ ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەر، مە، تاراقلاپ تۇرغان ئون سوم، مە، ئال!

    ئۇ پۇلنى ئالدى ۋە سىلاپ كۆرۈپ كۈلدى.

    -ئون سوم، تاراقلاپ تۇرىدىغان ئون سوم! ھەي ئەتتەڭ، بۇ پۇللار جادىگەر ئالتۇر نىنونىڭ ھەممە يېرىگە چىرايلىق ئەمەن دەرىخىنى تېرىۋېلىشقا يېتەتتى-دە! لېكىن، خوجايىن يىگىت، كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، مەن جىڭ گەپ قىلاي، ناخشىنىڭ، «سەن ئاق تەنلىك، مەن بولسام قارا تەنلىك. ئەمما كۈندۈز-كېچە بىلەن قوشۇلۇپ تۇرىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ قوشۇلۇشىدىن كۈندۈزدىن نەچچە ھەسسە گۈزەلرەك بولغان تاڭ سەھەر تۇغۇلىدۇ» دىگەن ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئەسلەپ كۆرۈڭ. غوجام ئەگەر ناخشىنىڭ بۇ سۆزلىرى توغرا بولسا، دېمەك، نېگىر بىلەن ئاق تەنلىك ئوتتۇرىسىدىن تۆرەلگەن سىزنىڭ مۆمىن قۇلىڭىز-پېقىر زامبو خەبىبرامۇ سىزدىن گۈزەلرەك بولغان بولىدۇ. چۈنكى، مەن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ قوشۇلۇشىدىن يارالغان! ئاشۇ ئىسپانچە ناخشىدا ئېيتىلىشىچە، كەمىنىڭىز تاڭ سەھەر ياكى سۈبھى بولۇپ، سىز پەقەت كۈندۈزلا ئىكەنسىز-دە! مەرھەممەت قىلسىڭىز، شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن سىزدىن يەنى ئاق تەنلىكلەردىن گۈزەلرەك ئىكەنمەن! ھا، ھا، ھا....!

    بۇ پەتەك ئۆزىنىڭ بىمەنە سەپسەتىسىنى قاقاقلىغان كۈلكە بىلەن توختاتتى.

    مەن ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئالدىم:

    -نىمە ئۈچۈن سەن بۇنداق تېتىقسىز يالغان سۆزلەر بىلەن مېنى ئالدايسەن؟ بۇ گەپلىرىڭ ئورماندىكى ناخشا ئېيتقان كىشىنىڭ كىملىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتتىمۇ؟-دىدىم ئۇنى دۈشكەنلەپ.

    -ئەلۋەتتە، چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، غوجام،-دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى مەسخىرىۋاز كۈلكىلىك ھالدا ماڭا قاراپ تۇرۇپ،-روشەنكى، بۇ «تېتىقسىز» ناخشىنى ئېيتقان ئادەممۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش بىر مەسخىرىۋاز بولۇشى مۇمكىن، مانا مەن بولسام، قاراپ تۇرۇپ ئون سوم پۇلغا ئىشلىدىم!

    ماڭا بۇنداق قوپال چاخچاق قىلغان بۇ ئۇياتسىز مەسخىرىۋازنى ئۇرۇش ئۈچۈن قولۇمنى كۆتىرىشىمگە دەريا قىرغىقىدىكى شىپاڭ تەرەپتىن دەھشەتلىك بىر چىقىراش ئاڭلاندى. بۇ مارىنىڭ ئاۋازى ئىدى. مەن شىپاڭ تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك چاپتىم، يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ: «بىزگە يەنە قانداق بەختسىزلىك قارا قانىتىنى ياپقاندۇ؟» دەپ سۇئال قويدۇم ئۆزەمگە.

    ھاسىرىغان پېتى شىپاڭغا كىرىپ كەلدىم. بۇ يەردە مېنى قورقۇنچلۇق ھادىسە كۈتۈپ تۇرۇپتۇ: ناھايىتى دەھشەتلىك، يوغان بىر تىمسھاھ شىپاڭغا چىرمىشىپ كەتكەن يېشىل باراڭ ئارىسىدىن شىپاڭغا كىرىپتۇ! ئۇنىڭ گەۋدىسىنىڭ يېرىمى دەريا قىرغىقىدىكى قويۇق ئوت – چۆپلەر ئارىسىدا، بېشى بولسا، شىپاڭدا ئىدى. بۇ يىرتقۇچ يىرگىنىشلىك ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، ياش ۋە بەقۇۋۋەت بىر نېگىرغا خرىس قىلىپ تۇراتتى. نىگىر بىر قولىدا ئۆلگۈدەك قورقۇپ كەتكەن مارىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولىدىكى جوتۇنى ۋەھشى تىمساھنىڭ يوغان ۋە نەيزىدەك چىشلارغا تولغان ئېغىزىغا تىقىپ، ئۇنىڭ ھۇجۇمىدىن باتۇرلارچە قوغدىنىۋاتاتتى. تىمساھ بولسا ئۆزىنى توساپ تۇرغان بۇ قۇدرەتلىك قۇل بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ تىنىمسىز قىمىرلاۋاتاتتى. مەن شىپاڭنىڭ بوسۇغىسىدا كۆرۈنۈشۈم بىلەنلا مارى خۇشاللىقىدىن ۋارقىراپ كەتتى-دە، نېگىرنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ قۇچىقىمغا ئۆزىنى تاشلىدى ۋە «شۈكرى مەن قۇتۇلدۇم!» دەپ ۋارقىرىدى.

    نېگىر مارىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، شىددەت بىلەن بۇرۇلدى-دە، ئىككى قولىنى كۆكسىگە گىرەلەشتۈرگىنىچە مەھبۇبىم مارىغا غەمكىن قاراپ تۇردى. شۇ تاپتا ئۇ يىرتقۇچ تىمساھنىڭ جوتۇدىن ئازاد بولۇپ، ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى! مەن دەرھال مارىنى تەربىيىچى موماينىڭ تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ (مومايمۇ يىرتقۇچتىن قورقۇپ، ئۆلۈك-تىرىك ئارىلىقىدا ئولتۇراتتى)، تىمساھنىڭ ئالدىغا كەلدىم-دە، ئاغزىغا قارىتىپ مىلتىقتىن ئوق ئۈزدۈم. مېنىڭ بۇ ھەركىتىم باتۇر نېگىرنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالدى. قاتتىق يارىلانغان ۋەھشىي ھايۋان جان تالىشىپ، قانغا تولغان ئاغزىنى بىر-ئىككى ئاچتى-دە، خۇنۇك كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ سىلكىندى ۋە بىر تولغىنىپ، ئېغىر گەۋدىسى بىلەن پالاققىدە ئوڭدىسىغا ئۆرۈلدى، يىرگىنىشلىك پۇتلىرى لاسسىدە يەرگە چۈشتى، تىمساھ ئۆلدى.

    بەختكە يارىشا، مەن ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى نېگىر تىمساھقا بۇرۇلۇپ قاراپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى جان تالىشىشىنى كۆرۈپ، ئاستا يەرگە قارىدى، ئاندىن بېشىنى كۆتىرىپ، ئاللىقاچان مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، مەندىن پاناھ ئىزلەپ، كۆكرىكىمگە بېشىنى قويۇپ تۇرغان مارىغا نەزەر تاشلىدى-دە، ماڭا قاراپ چوڭقۇر خۇرسىنىش بىلەن:

    -نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرىسەن؟ - دەپلا، جاۋابىمنى كۈتمەي، چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلاپ ئورمان ئىچىگە كىرىپ غايىپ بولدى.

    9

    بۇ دەھشەتلىك ھادىسىنىڭ ئاجايىپ ئاقىۋىتى ھەمدە چەكسىز ھاياجان قوزغىدى. مېنىڭ ئورمان ئىچىنى ئاقتۇرۇشۇم بىھۇدە ئۇرۇنۇش بولۇپ چىقتى. ئەھۋال مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى. مارى قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن، تېخىچە ئۆزىگە كېلەلمەيۋاتاتتى. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىلا بىز ئاندىن بۇ چىگىش ۋەقەلەر توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشالىدۇق. مەن مارى بىلەن قول قىسىشىپ كۆرۈشتۈم ۋە ئۇنىڭدىن ھال سورىدىم-دە، بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ گەپ باشلىدىم:

    -بۇ يەردىن كېتەيلى، مارى،-دىدىم ئۇنىڭغا،-بۇ جاي ماڭا نىمىشقىدۇر ناھايىتى ۋەھىمىلىك تۇيۇلىۋاتىدۇ.

    مارى خۇددى مېنىڭ رۇخسىتىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك دەرھال ئورنىدىن قوپتى – دە، مېنىڭ قولتۇقۇمغا كىردى، بىز كەتتۇق.

    مەن مارىدىن خەتەرلىك پەيتتە خۇددى مۆجىزىدەك پەيدا بولۇپ، ئۇنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزغان ئاشۇ نېگىرنىڭ قانداقلارچە كېلىپ قالغانلىقىنى، بۇ قۇلنى تونۇيدىغان – تونۇمايدىغانلىقىنى سورىدىم. نېگىرنىڭ توشىنى ئارانلا يېپىپ تۇرىدىغان قوپال كىيىملىرىگە قارىغاندا، ئۇ بۇ ئارال ئاھالىسىنىڭ ئەڭ كەمبەغەل قاتلىمىغا مەنسۇپ كىشىدەك كۆرۈنەتتى.

    - بۇ ئادەم دادامنىڭ مۇشۇ دەريا بويىدىكى يەرلىرىدە ئىشلەيدىغان نېگىر بولسا كېرەك، دىدى مارى،- مەن تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەن تىمساھنى كۆرۈپ چىرقىراپ كەتكەندە، ئېھتىمال، ئاۋازىمنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن، مەن پەقەت شۇنى ئېيتالايمەنكى، شۇ مىنۇتتا ئۇ ئورمانلىقتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ مېنى قۇتقۇزدى.

    - ئۇ قايسى تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كىردى؟- دەپ سورىدىم.

    - ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ناخشا ئاڭلانغان تەرەپنىڭ قارشىسىدىن يۈگۈرۈپ كەلدى، سەن ناخشا ئاڭلانغان تەرەپكە ئىزلەپ كەتكەن ئىدىڭغۇ.

    مارىنىڭ بۇ سۆزى مېنى ھېلىقى نامەلۇم رەقىپنىڭ ئېيتقان ئىسپانچە ناخشىسى بىلەن بۇ نېگىرنىڭ ماڭا دىگەن ئىسپانچە سۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەن ئىختىيارسىز ھالدا بۇ ئىككى ئىش ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق بار، دەپ قارىغان ئىدىم. لېكىن مەن يەنە باشقا بىر خىل ئوخشاشلىقنىمۇ سەزدىم، بۇ نېگىر بەك كۈچلۈك ۋە تەمبەل ئىدى، بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇ مەن ئۆتكەن كېچە ئېلىشقان ھېلىقى خەتەرلىك رەقىپ بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ يېرىم يالىڭاچ ھالىتىمۇ بۇ كۆز قارىشىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئورماندىكى ناخشىچى «مەن قارا تەنلىك» دەپ ناخشا ئېيتقان ئىدى، بۇمۇ بىر ئوخشاشلىق، توغرا، ئۇ، ناخشىدا «مەن-شاھ» دەپ ئۆزىنى بىلدۈردى. بۇ – بىر قۇل ئىدى. ئەمما مەن ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك قامىتىنى ئەسلەپ كۆردۈم، ئۇ ئافرىقا نەسىلىدىكى نېگىرلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشىگە سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ ئۇلۇغۋار ئىدى: ئۇنىڭ قاپ – قارا يۈزىدە چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى، ئاپپاق چىشلىرى، كەڭ پېشانىسى، نېگىرلاردا كەمدىن – كەم ئۇچرايدىغان مەنمەنىلىك بىلەن ھىملەنگەن لەۋلىرى ئۇنىڭ چىرايىدا ئادەتتىن تاشقىرى مەغرۇرلۇق ۋە قەيسەرلىكنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

    ئۇنىڭ كىلىشكەن بەستى ئېغىر ئەمگەك زەپتىدە جۇدىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەزىمەت قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ مەردانە ئىدى. بۇ قۇلنىڭ ئاشۇ ھەممە ئۇلۇغۋار تەقى – تۇرقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قەددى – قامىتى ھەقىقەتەنمۇ شاھلىققا مۇناسىپ ئىكەن، دەپ بىلمەي ئىلاجىم يوق ئىدى. يەنە باشقا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى بىر – بىرىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرگەنسېرى غەزىپىم قوزغالدى ۋە ھەممە گۇمانىم ئاشۇ جەسۇر نېگىر ئۈستىگە كېلىپ توختىدى. مەن ھازىرلا ئۇنى ئىزلەپ تېپىشقا ۋە جازالاشنى جەزىم قىلدىم... بىراق، يەنە ئىككىلەندىم: مېنىڭ گۇمانىمدا قانداق ئاساس بار؟ سان – دومىنگۇ ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىسپانچە ئىدارە قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق زاماندىن بۇيان يەرلىك دىھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ئىشلەيدىغان ياكى بۇ ئۆلكىدە تۇغۇلغان نېگىرلار ئۆز تىلىغا ئىسپان تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيتتى. شۇنداق ئىكەن، بۇ قۇلنىڭ ماڭا بىر نەچچە ئېغىز ئىسپانچە سۆز قىلغانلىقىغا قاراپلا ئۇنى ئىسپانچە ناخشىنىڭ ئاپتورى دەپ ئەيىپلەشكە بولاتتىمۇ؟ ئۇنىڭ روھى ھالىتىنىڭ شۇ دەرىجىدە يېتىلگەن بولۇشى بۇنىڭغا دەلىل بولالايتتىمۇ؟ ئۇنىڭ مەن تىمساھنى ئۆلتۈرگەندە، ماڭا قىلغان تەنىسى پەقەت بۇ قۇلنىڭ تىمساھقا ئىچ ئاغرىتقانلىغىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنى چۈشىنىش ئاسان. بىر قۇلنىڭ ئۆز خوجايىنىنىڭ قىزىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىنى پەرەز قىلىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. چۈنكى، بۇنداق مۇھەببەتنىڭ ۋىسالىغا يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ شىپاڭ ئەتراپىدىكى ئورمانزالىقتا يۈرۈشى ئادەتتىكى بىر تاساددىپىيلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ كۈچلۈك ۋە تەمبەل بولغانلىقى كېچىدە مەن بىلەن ئېلىشقان رەقىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. بۇنداق تۇتامسىز خۇلاسىگە تايىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن مارىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغان بۇ بەختسىز قۇلنى تاغامنىڭ ئالدىدا ئەيىپلەشكە ۋە ئۇنى تەكەببۇر خوجايىنىنىڭ رەھىمسىز جازاسىغا تۇتۇپ بېرىشكە قانداقمۇ قولۇم بارىدۇ؟، مېنىڭ بۇ خىيالىم غەزىپىمنى بوشاتتى. مارىمۇ تۆۋەندىكى سۆزلەر ئارقىلىق گۇمانىمنى تارقىتىۋەتتى:

    - جېنىم لېوپولد،- دىدى ئۇ، - بۇ جەسۇر نېگىرغا بىز، ئەلۋەتتە، رەھمەت ئېيتىشىمىز لازىم. ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، مەن ئاللىقاچان ھالاك بولغان بولاتتىم. سەن، بەرىبىر، ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەيتتىڭ.

    بۇ بىر نەچچە ئېغىز سۆز مەن ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. بۇ سۆزلەر مېنىڭ جىنايىتىمنى تېپىش مۇددىئايىمنى ئۆزگەرتتى، ئەمما، مارىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان قۇلنى ئىزلەش نىيىتىمنى ئۆزگەرتكىنى يوق ئىدى. دەسلەپتە مەن ئۇنى جازالاش مەقسىتىدە ئىزلىمەكچى بولغان بولسام، ئەمدى ئۇنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئىزلىمەكچى بولدۇم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.