ھازىرقى بالىلار كارامەت (20)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-19 00:50:22

مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقىساۋاقدىشىم ئەخمەت:20-يانۋار يازغان خېتىڭنى يېقىندا تاپشۇرۇۋالدىم. تۈنۈگۈن ۋاكسىنا سالدۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن بۈگۈن مەكتەپكە بارمىدۇق. خېتىڭنى ھۇجرامدا ئوقۇۋېتىپ، ئاۋازىمنى ...



     

     
    مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى
     
     
    ساۋاقدىشىم ئەخمەت:
     
    20-يانۋار يازغان خېتىڭنى يېقىندا تاپشۇرۇۋالدىم. تۈنۈگۈن ۋاكسىنا سالدۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن بۈگۈن مەكتەپكە بارمىدۇق. خېتىڭنى ھۇجرامدا ئوقۇۋېتىپ، ئاۋازىمنى چىقىرىپ كۈلۈۋەتكىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن. ئاپام سىرتتا تۇرۇپ ئاڭلاپ قاپتۇ.
    - ئۆزۈڭچە نېمىگە كۈلۈپ كەتتىڭ؟- دېدى ئۇ.
    سېنىڭ خېتىڭگە كۈلگەنلىكىمنى دېدىم.
    ئاپام ھۇجرامغا كىرىپ:
    - نېمىلەرنى يېزىپتۇ؟- دېدى.
    خېتىڭنى ئاپامغا ئوقۇپ بەردىم، ئۇمۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
     
    مەن ئۇزۇندىن بېرى ساڭا مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى يىغىنىمىز توغرۇلۇق يازماقچى بولۇۋاتاتتىم. بۈگۈن ۋاقتىم بولغاچقا خاتىرجەم يازالايمەن. ۋاكسىنا سەل قىزىتتى، لېكىن ئانچە ئەمەس.
     
    ئۆتكەندە مەكتىپىمىزدە مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى يىغىنى بولغانىدى. بۇ يىغىن ھەر ئايدا بىر ئېچىلىدۇ. بەشىنچى سىنىپتىن ئۈچ قىز، ئىككى ئوغۇل بولۇپ بەش ئوقۇغۇچى يىغىنغا كېلىدىغان ئاتا-ئانىلارنى كۈتۈش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم. يىغىندا بولغان گەپ-سۆزلەرنى باشتىن-ئاياق ئاڭلىدىم. بەك قىزىق بولغاچقا، ساڭىمۇ يەتكۈزمەكچىمەن.
     
    ئەسلىدە بىز يىغىندا بولۇنغان گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالماسلىقىمىز كېرەك ئىدى. ئاتا-ئانىلار يىغىن زالىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بىزنى سىرتقا چىقىرىۋەتتى. بىز كارىدوردا ئىشىكنىڭ كەينىدە تۇراتتۇق. يىغىننىڭ ئاخىرىدا چاي، لىمون سۈيى، پرەنىكلەرنى تارقىتاتتۇق. زال ئىچى ناھايىتى قالايمىقان ۋە ئىنتايىن ئىسسىق ئىدى. ئىچىدىكىلەر بىئارام بولۇپ كەتكەچكە، سەل ھاۋا ئالماشسۇن دەپ، ئىشىكنىڭ ئىككى قانىتىنى يوغان ئېچىۋەتتى. بىزمۇ ئىشىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئىچكىرىدە بولۇۋاتقان گەپ-سۆزلەرنى ياخشى ئاڭلىدۇق. ئالدى بىلەن مۇدىر سۆزلىدى، باشتا سىلىق سۆزلەپ، ئاۋازى بارغانچە قاتتىق چىققىلى تۇردى. ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى ياكى ناھايىتى ئاز كۆڭۈل بۆلگەنلىكلىرىنى ۋە ھەممىنى مەكتەپكە ئارتىپ قويغانلىقىنى، ئەسلى ئوقۇشنىڭ ئۆيدە بولىدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلاردىن سوراپ ئىگىلەپ تۇرۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
     
    ئاتا-ئانىلار مۇدىرنىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى، شۇ ۋەجىدىن غۇلغۇلىلار بولدى.
     
    مۇدىر ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن:
    - مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوغلۇم بار. مەن ئوقۇش باشلانغاندىن بۇيان، بۇ يەردىكى ئىشلىرىمدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئوغلۇمنىڭ مەكتىپىگە بىر قېتىممۇ بارالمىدىم، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سورالمىدىم. بالامنىڭ مەكتىپىدىن بىر نەچچە قېتىم باغاقچە ئەۋەتىپ چاقىرتتى، لېكىن بارالمىدىم،- دېدى.
     
    ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالى بىلەن كارى بولمىغانلىقى ۋە مەكتەپكە بارالمىغانلىقىدىن ئاغرىنغانىدى. مۇدىرنىڭ سۆزىدىن كېيىن، مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى رەئىسى بولغان بىر خانىم ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەكلىپ قىلدى. بىر ئاتا سۆز ئېلىپ، بالىسىغا تۈرك تىلىدىن تۆۋەن باھا بېرىلگەنلىكىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.
    - قانداقچە مېنىڭ بالامغا تۈرك تىلى دەرسىدىن تۆۋەن باھا بېرىلدى؟- دېدى ئۇ.
     
    ئۇ بالىنىڭ مۇئەللىمى ئۇ ئاتىدىن، نېمە ئۈچۈن تۆۋەن باھا بەرسە بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. لېكىن، ئۇ ئاتا ئاجايىپ گەپلەرنى قىلاتتى، سۆزلىرىنى باش-ئايىقى قولاشمايتتى. ھازىرقى زامان بىلەن باشلىغان جۈملىنى ئۆتكەن زامان بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ، كېلىدىغان زامان بىلەن ئاياقلاشتۇراتتى.
    - بەرگىلى بولمايدۇ، ئەپەندى،- دېدى مۇئەللىم،- چۈنكى فرانسۇز تىلى بولغان بولسا، ئۇ چاغدا، نېمە ئۈچۈن تۆۋەن باھا بەردىڭىز، دەپ سورىسىڭىز ھەقلىق بولاتتى. لېكىن، تۈرك تىلىدىن تۆۋەن باھا ئالسا بولمايدۇ، بۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىشىڭىز كېرەك دېسىڭىز ناھەقلىق بولىدۇ. ئەگەر مېنىڭ بالام باشقا بىر مىللەت بولسا، تۈرك تىلىنى ئوبدان بىلمەيدۇ دېسىڭىز، بۇ بىر ئاز ئەقىلگە مۇۋاپىق گەپ بولىدۇ.
     
    - ھازىر ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، بۇ مېنىڭ بالام، بىر تۈرك پەرزەنتى. دېمەك، ئۇ تۈركچىنى بىلىدۇ، دېگەن گەپ، ئانا تىلى تۈرك تىلى تۇرسا، نېمىشقا بىلمەيدىكەن؟ ئۇنىڭغا ئەلا باھا بەرسۇن دېمەيمەن... لېكىن ھەر بىر تۈرك پەرزەنتى ئەلا باھا ئېلىشى لازىم. ئەقەللىيسى ئوتتۇرا... مېنىڭ بالام تۈركچە گەپ قىلىدۇ، ئۇنى مەن چۈشىنىمەن، ئانىسىمۇ چۈشىنىدۇ، ساۋاقداشلىرىمۇ ھەم. ھەممە ئادەم چۈشەنگەن يەردە، مۇئەللىممۇ چۈشىنىشى كېرەك-دە... ئەقەللىي ئوتتۇرا باھا ئېلىشى كېرەك،- دېدى ئۇ ئادەم.
     
    بالىنىڭ مۇئەللىمى:
    - كەچۈرىسىز، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم. تۈرك پەرزەنتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئوتتۇرا باھا ئېلىشى كېرەك دېمەكچىمۇ سىز؟- دېدى.
    - شۇنداق، شۇنداق بولۇشى كېرەك دېمەكچىمەن... ھەممە ئادەم بالامنىڭ نېمە دېگىنىنى چۈشەنگەنىكەن، مۇئەللىممۇ چۈشەنسۇن-دە...
    - سىز بالىڭىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشىنىدىكەنسىز-دە؟
    ئەلۋەتتە...
    - بالىڭىزمۇ سىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭىزنى چۈشىنەلەمدۇ؟
    - چۈشىنىشى كېرەك...
     
    زالدىن مەنسىتمىگەن غۇلغۇلىلار ئاڭلاندى. مۇدىر ئارىغا سۆز قىستۇرۇپ، ھېلىقى كىشىنى بېسىقتۇردى.
     
    يەنە بىر ئاتا سۆز ئېلىپ، بالىسى ئۇنىڭدىن دەرسلىرىدىن بەزى نەرسىلەرنى سورىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ سوئاللارنىڭ ھېچقايسىسىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى:
    - مەن نېمىشقا بىلمەيمەن، ئەپەندى؟ نېمىشقا بىلمەيمەن؟ ئېيتسىڭىزچۇ، نېمىشقا بىلمەيمەن؟- دېدى ئۇ.
     
    بۇ كىشىنىڭ نېمىگە ئاچچىقلانغانلىقىنى ئاۋۋال ھېچكىم چۈشىنەلمىدى، لېكىن ئۇ: «مەن بىلمەيدىغان نەرسىنى بالامغا قانداق ئۆگىتىمەن؟» دېگىنىدە، ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقى مەلۇم بولدى.
     
    ئۇ دەرس پروگراممىسىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئاغرىناتتى.
    - مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈردۈم. شۇنداق تۇرۇقلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالام سورىغان نەرسىلەرنى بىلمىسەم توغرا بولامدۇ؟ كىچىك بالىلىرىمىز بۇ قەدەر ئېغىر دەرس پروگراممىسىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
     
    بۇ ئەپەندىگە بىر ئانا جاۋاب بەردى. لېكىن، ئۇ دەل ئەكسىچە، بالىلارغا ناھايىتى ئاز بەرسە ئۆگىتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئاز بىلىم بېرىلگەنلىكىدىن ئاغرىنغانىدى.
    - بالامدىن نېمىنىلا سورىسام بىلمەيدۇ. بىزنىڭ زامانىمىزدا دەرس پروگراممىلىرى ناھايىتى تولۇق ئىدى. مەسىلەن، مېنىڭ قىزىم بىر كۈنى ئاشخانىدا چىشلىرىنى  چىش كولىغۇچ بىلەن كولاۋاتقان بىرەيلەننى كۆرۈپ: «بۇ كىشى كۆشەۋاتامدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، تۆتىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر بالا ئادەملەرنىڭ قېرىنى بولمايدىغانلىقىنى، يەنى كۆشىمەيدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك-دە!
     
    مۇدىر دەرس پروگراممىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئەمەس، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ مىنىستىرلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇ ئايالنىمۇ بېسىقتۇرماقچى بولدى.
     
    لېكىن ئايال ئاسانلىقچە جىمىقمىدى.
    - بىز ھەممىنى ھۆكۈمەتكە ئارتىپ قويىمىز،- دېدى ئۇ،- ئادەملەردە قېرىن بولمايدىغانلىقىنى ئۆگىتىش ھەر ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشى بولمىسا كېرەك...
     
    ماڭا ئۇ يەردىكىلەر گويا قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ شۇنداق دەۋاتقاندەك بىلىندى. بىراق، ئۇلار گەپ قىلغاندا چىرايى ناھايىتى جىددى ئىدى.
     
    بىزنىڭ سىنىپتا مۇرات ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىمىز بار ئىدى، مۇئەللىم قاچانىكى ئۇنى: «ئورنۇڭدىن تۇر!» دېسە، مۇئەللىمدىن: «كىم؟» دەپ سورايتتى.
    - سەن.
    - مەنمۇ، ئەپەندىم؟
    - سەن، ئوغلۇم، ساڭا دەۋاتىمەن...
    - ماڭىمۇ، ئەپەندىم؟
     
    مۇئەللىم ئىسمىنى ئېيتسا ۋە مۇئەللىم ئۇنىڭغا قاراپ دەۋاتسا، مۇرات يەنە شۇنداق قىلاتتى. ئاخىرىدا مۇئەللىمنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ:
    - ئالدىمدا سەندىن باشقا كىشى بارمۇ، مۇرات، ساڭا دەۋاتىمەن!- دەپ ۋارقىرايتتى.
     
    بۇنداق ئەھۋاللاردىمۇ مۇرات گويا كەينىدىكى باشقا بىرىگە دېيىلىۋاتقاندەك، بۇرۇلۇپ كەينىدىكى تامغا قاراپمۇ قوياتتى. بىر قېتىم ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە قارىغانىدى، بىز قاتتىق كۈلۈپ كەتتۇق.
     
    ئۇ كۈنكى يىغىندىكىلەردىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇردى. كېيىن بۇ كىشىنىڭ مۇراتنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.
    - رۇخسەت قىلسىڭىز، مەنمۇ ئىككى ئېغىز پىكىر قىلماقچى،- دېدى ئۇ.
    مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى رەئىسى بولغان خانىم:
    - مەرھەمەت، ئەپەندى، قۇلىقىمىز سىزدە،- دېدى.
    - مەنمۇ؟- دېدى ھېلىقى كىشى.
    - سىز پىكىرىم بار دېمىگەنمىدىڭىز؟- دېدى رەئىس.
    - كىم؟
    - سىز...
    - مەنمۇ؟
    - شۇنداق، مەرھەمەت، سۆزلەڭ، ئەپەندى.
    ئۇ كىشى خۇددى مۇراتتەك قولىنى كۆكسىگىچە كۆتۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم سورىدى:
    - مەن؟
    زالدىكىلەردىن بىرى: «ياق، مەن... » دەپ ۋارقىرىغاندا، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.
     
    مۇراتنىڭ دادىسى سۆزلىدى. ئۇ مەكتەپتە بالىلارغا پۇتبول ئويناتماسلىقنى تەلەپ قىلدى، ئوغلىنىڭ توپ ئوينىغانلىقتىن دەرسلەرگە تىرىشمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
    - بالىڭىز قانچىنچى سىنىپتا؟- دەپ سورىدى مۇدىر.
    - مېنىڭ بالاممۇ؟- دەپ سورىدى ھېلىقى كىشىمۇ ئۇنىڭدىن.
    - شۇنداق، سىزنىڭ بالىڭىز.
    ئۇ كىشى بىر ھازا ئويلىنىپ:
    - بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ،- دېدى.
    - نومۇرى قانچىنچى؟
    - كىمنىڭ؟
    زالدا «ئاياق كىيىمىڭىزنىڭ نومۇرى قانچىنچى؟» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
     
    ئۇ كىشى ئوغلىنىڭ نومۇرىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئىسىم-فامىلىسىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مۇراتنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.
     
    يەنە بىر كىشى سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇ شۇنداق ئۇزۇن سۆزلەپ كەتتىكى، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئىدى. ئۇ: «تۈركىيە پەقەت بالچىلىق بىلەنلا تەرەققىي قىلالايدۇ... » دەپ سۆز باشلىدى.
     
    بالچىلىق بىلەن بۇ يىغىننىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بىز سىرتتا كۈلكىدىن ئۆزىمىزنى تەستە تۇتۇۋالدۇق.
     
    ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ بالچىلىق ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ھەرىلەرنى چۈشەندۈرگىلى تۇردى. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ھەممە كىشى بىلىدىغان ھەقىقەتلەر ئىدى:
    - ھەرە بىر كىچىك ھاشاراتتۇر. ئۇ قاناتلىق بولۇپ، ئۇچالايدۇ... ھەسەل ئىشلەپچىقىرىدۇ. بال ئىنسانغا ناھايىتى پايدىلىق، ناھايىتى قىممەتلىك نەرسە، ناشتىدا يېيىلگىنىدەك، تاماقلاردىن كېيىن يېسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بال شەربىتى ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ. بال ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ...
     
    ماختا ماختا، بالنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ھەرىگە ئۆتتى:
    - ھەرىلەر ياۋا ھەرە، بال ھەرىسى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ...
     
    زالدىكىلەردىن: «ئۇ... »، «ئوش... » دېگەن زېرىكىش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
     
    ئاخىرىدا مۇدىر:
    - شۇنداق قىلىپ ھەرە نېمە بولماقچى، ئەپەندى؟- دېدى.
    - ھەرىنى دەمسىز؟ ھەرىدىن بال ئېلىنىدۇ...
    - بال نېمە بولماقچى؟
    - بالدىن نېمە بولمىسۇن؟ ھەممە نەرسە بولىدۇ...
    - دېمەكچىمەنكى، بىز مەكتەپتە نېمە قىلىمىز؟
    - رۇخسەت قىلسىڭىز، مەن ئۇنىمۇ سۆزلەپ بەرسەم...- دېدى ھېلىقى ئادەم،- بايا بىر ئەپەندى، بالىلىرىمىزغا تۇرمۇشتا كېرەكلىك بىلىملەر بېرىلىشى كېرەك، دەپ راست ئېيتتى. ناھايىتى توغرا... مەسىلەن، مېنىڭ بالام بىر ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ بۇلۇڭىنىڭ يىغىندىسى 180 گرادۇس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھەرە قانداق بېقىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىر ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ بۇلۇڭىنىڭ يىغىندىسى 180 گرادۇس بولسۇن، 300 گرادۇس بولسۇن، بەش مىڭ گرادۇس بولسۇن، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئېيتىڭا، مۇشۇ ياشقا كەلدۇق، قايسىمىزدىن تۇرمۇشتا بىر ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ بۇلۇڭىنىڭ قانچە گرادۇس ئىكەنلىكى سورالدى؟ بالىلىرىمىزنىڭ يۇمران مېڭىلىرى ئەھمىيەتسىز نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇلمىسۇن. ئۇلارغا پايدىلىق بىلىملەر، مەسىلەن، بالچىلىق ئۆگىتىلسۇن... مەكتەپتە بال ساندۇقلىرى بولۇشى كېرەك. تۈركىيە پەقەت بالچىلىق بىلەنلا تەرەققىي قىلالايدۇ. چۈنكى، بال ھەرىسى قوي-كالىلارغا ئوخشىمايدۇ. كالا سۈت بېرىدۇ، لېكىن چۆپ-سامان يەيدۇ. ھەرە ھېچ نەرسە يېمەيدۇ، خالىس بال بېرىدۇ...
     
    يەنە بىرەيلەن ئورنىدىن تۇردى:
    - ناھايىتى توغرا ئېيتىسىز، بىراق ئۇ،- دېدى ئۇ،- شەھەر ئىچىدە ھەرە باققىلى بولمايدۇ. قاراڭا، تۇرخۇنلاردىن چىققان ئىس-تۈتەكلەردىن ئادەملەر تەستە ياشاۋاتسا، ھەرە قانداق ياشىسۇن؟ ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرە ياشىغان يېرىگە قاراپ ھوسۇل بېرىدۇ. شەھەر ئىچىدە ھەرە باققىلى بولسىمۇ، ئۇ بال بەرمەيدۇ، قاراماي، كوكس مېيى بېرىدۇ، ئەپەندى...
     
    زالدىكىلەر ئۈنلۈك ھالدا بۇ كىشىنىڭ دېگەنلىرىنى توغرا تېپىشتى. ئۇ كىشى دېدى:
    - مېنىڭ يەنە بىر تەكلىپىم بار، ھەرە ئەمەس، توخۇ بېقىش كېرەك. توخۇ دەپ سەل قارىماڭلار، بالىلىرىمىز توخۇچىلىقنى ئۆگەنسە...
     
    مۇدىر ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ:
    - ئەپەندى، ھېلىلا دېدىم، بىز ئۆزلۈكىمىزدىن مەكتەپتە بالچىلىق، توخۇچىلىق، كالىچىلىق قىلالمايمىز. دەرس پروگراممىلىرىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈزىدۇ. بۇ يېزا ئىگىلىك مەكتىپى ئەمەس، باشلانغۇچ مەكتەپ،- دېدى.
     
    ياسىنىۋالغان بىر خانىم ئورنىدىن تۇرۇپ:
    - مېنىڭچە، مەزمۇندىن بەك يىراقلاپ كەتتۇقمىكىن. مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشقا بىر تەكلىپ بېرىمەن. مەكتىپىمىزدىكى ياردەمگە مۇھتاج نامرات بالىلار ئۈچۈن نېمە ئويلاش كېرەك؟ بىر لاتارى ئۇيۇشتۇرامدۇق ياكى ئۆتكەن يىلدىكىدەك يەنە مەخسۇس تانسا كېچىلىكى ئۆتكۈزەمدۇق؟- دېدى.
     
    ئۇزۇن تالاش-تارتىشتىن كېيىن، پەيتى بولغانلىقى ئۈچۈن مەخسۇس تانسا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش لايىق تېپىلدى. ئاندىن زالدىكى ئاتا-ئانىلاردىن ياردەم پۇل يىغىشقا باشلىدى.
     
    ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ بالىلىرىنىڭ دەرس ئەھۋاللىرىنى ئۇقۇشقىلى باشلىدى. بىزمۇ زالغا كىرىپ لىمون سۈيى، چاي، پرەنىكلەرنى تارقىتىشقا باشلىدۇق.
     
    راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ كۈنى تازا تاماشا كۆردۇق. مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى يىغىنلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاتناشقان بولسام نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى. سىلەرنىڭ مەكتەپتىمۇ مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى يىغىنى بولسا، بىر ئامال تېپىپ ئۇنىڭدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ باق.
     
    بۇ يىغىنغا ئاپاممۇ قاتناشقانىدى. ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە:
    - نېمىشقا پىكىر قىلمىدىڭ، ئاپا؟- دېدىم.
    - ۋاي، ماڭا پىكىر قىلىشقا نەدىكى پۇرسەت بولسۇن؟ ئاغزىغا كەلگىنىنى دېيىشتى...- دېدى ئاپام.
    - دەيدىغان سۆزۈڭ بارمىدى؟- دېدىم مەن.
    - مېنىڭ ئاغزىم، تىلىم يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇلاردەك سۆزلىيەلەيمەن، مەنمۇ بىر-ئىككى ئېغىز پىكىر قىلاتتىم... بىراق پۇرسەت بولمىدى.
     
    مانا، سېنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن بىر خەت يازدىم.
     
    مىنەگە ئېيتىپ قويارسەن، خېتىمگە تېخى جاۋاب يازمىدى.
     
    مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەپ:
     
     
    زەينەب يالقىر
    1964-يىلى 24-يانۋار، ئەنقەرە
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.