بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگو) 6

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-13 12:15:47

بيۇگ ژارگال(ۋىكتور گيوگو)6-بۆلۈم بىراق، قاتتىق يانغىن مىنۇتسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى ۋە لىمبېي تەرەپكە يېقىنلىشىپ كەلدى. تۇيۇقسىز لىمبېي تەرەپتىن گۈمبۈرلىگەن توپ ئاۋازى ۋە مىلتىق ئۈنى ئاڭلاندى. ك...

     

     


    بيۇگ ژارگال
    (ۋىكتور گيوگو)
    6-بۆلۈم

     

    بىراق، قاتتىق يانغىن مىنۇتسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى ۋە لىمبېي تەرەپكە يېقىنلىشىپ كەلدى. تۇيۇقسىز لىمبېي تەرەپتىن گۈمبۈرلىگەن توپ ئاۋازى ۋە مىلتىق ئۈنى ئاڭلاندى. كېچە سائەت ئىككىلەردە مەن تاغامنى ئويغاتتىم. تاغام قاتتىق ۋەزىمە ئىچىدە غال – غال تىترەپ تۇرۇپ، ئاكيۇلدا لېيتنانت قوماندانلىقىدا بىر بۆلۈم ئەسكەر قالدۇرۇپ مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى بويرۇدى. شۇ تاپتا، بەلكىم، مارى ئۇخلاپ قالغان ياكى مېنى كۈتۈپ ئولتۇرغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مەن بولسام، ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزاسى بولغان تاغامنىڭ بويرۇقى بويىچە قالغان ئەسكەرلىرىمنى ئېلىپ كاپقا جونىدىم.

    بىز كاپقا يېتىپ كەلدۇق، بۇ شەھەرنىڭ مۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى زادىلا ئۇنتۇيالمايمەن. مول ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى قاپلىغان دەھشەتلىك يانغىننىڭ بۇرۇقسىغان قاپ – قارا ئىسى پۈتۈن شەھەر كوچىلىرىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى، شەھەر گويا قىپ – قىزىل چوققا ئايلانغان، قۇترىغان ئوتتا كۆيۈپ چۇچۇلە بولۇپ كەتكەن شېكەر قومۇشلىرىنىڭ ئۇچقۇنلىرى شەھەر ئاسمىنىدا بۇلۇتتەك لەيلەپ يۈرەتتى، قار – يامغۇردەك ۋال – ۋۇل قىلىپ چۈشۈۋاتقان ئۇچقۇنلار ئۆگزىلەرنى، دېڭىزدا ئۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان كېمىلەرنى كۆمۈۋەتكەن ئىدى. شەھەر ئەتراپىدا كۆيۈۋاتقان ھەيۋەتلىك يانغىن ھە دىگەندە پۈتۈن شەھەرنى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش خەۋپىنى تۇغدۇرۇپ تۇراتتى. شەھەرنىڭ بۇ كۆرۈنۈشى دەھشەتلىك ۋە ئۇلۇغۋار ئىدى.

    شەھەردىكى ئاق تەنلىك ئاھالە ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قېلىشىغا قارىماي، بۇ دەھشەتلىك بالا – قازاغا قارشى كۆرۈشۈپ، ئامان قالغان بىردىن – بىر بايلىقى بولغان ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتاتتى، دېڭىزدا تۇرغان كېمىلەر ئۆز تەقدىرىنىڭ يامان ئەھۋالدا قېلىشىدىن قورقۇپ، ئوڭۇشلۇق چىققان شامالنىڭ ياردىمى بىلەن تېزرەك يولغان راۋان بولۇشىغا ئالدىراۋاتاتتى. كۈتۈلمىگەن پالاكەتكە يولۇققان شور پېشانە مۇستەملىكىچىلەر ئالدىراپ – تېنەپ كېمىلەرنىڭ يەلكەنلىرىنى كۆتىرىپ، چەكسىز يانغىننىڭ قىپ – قىزىل شولىسىدا پارقىراپ تۇرغان دېڭىز ئارقىلىق قۇيرۇقىنى تىكىشمەكتە ئىدى.

     

    پورت تەرەپتىن ئېتىلىۋاتقان زەمبىرەكنىڭ قاتتىق گۈمبۈرلىشى، قېچىۋاتقان ئادەملەرنىڭ قىيا – چىياسى، ئۇرۇلۇۋاتقان ئىمارەتلەرنىڭ گۈرسۈلدەشلىرى ئاستىدا تەمتىرەپ يۈرۈپ، ئاخىر بىزگە يول باشلىغۇچى قىلىپ تەيىنلەنگەن يېشىل كىيىملىك چەۋەندازلار كاپىتانىنى مەشق مەيدانىدىن تاپقىچە ئەسكەرلىرىمنى قاياققا ئېلىپ بېرىشنى بىلمەي قالدىم.

    جاناپلار، مەن بۇ يەردە كۆيۈۋاتقان دىھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ قىياپىتىنى تەسۋىرلەپ ئولتۇرمايمەن، كاپتا يۈز بەرگەن بۇ يىگانە بالايى – ئاپەت توغرىسىدا باشقىلار نۇرغۇن ھىكايىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى، مەن بۇ قانلىق ۋەقەلەر توغرىسىدىكى خاتىرىلەرنى قايتا تەكرارلىماقچى ئەمەسمەن، سىلەرگە پەقەت شۇنى سۆزلەپ بېرىمەنكى، ئىسيان كۆتۈرگەن قۇللار ئاللىقاچان دوندون، تىريې-روژ تەرەپلەرنى ۋە ئۇئانامېنت شەھەرچىسىنى، ھەتتا لىمبېيدىكى قاغىش تەككەن دىھقانچىلىق مەيدانلىرىنى ئىگەللەپ بوپتۇ، دىگەن خەۋەرلەر تارقىلىۋاتقان ئىدى. بۇ جايلارنىڭ ئاكيۇلغا ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكى مېنى تەشۋىشلەندۈرمەكتە.

    مەن ۋالىي دې بلانىشلاندنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ئالدىرىدىم. بۇ يەرگە توپلانغانلارنىڭ ھەممىسى، ھەتتا ئەڭ چوڭ خوجايىن ھېسابلىنىدىغان ۋالىمۇ قاتتىق ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭ قانداق بۇيرۇقلىرى بارلىقىنى سورىدىم. ئاكيۇلنى قوغداش توغرىلىق تېزدىن بىرەر تەدبىر قوللىنىلسا كېرەك، دەپ ئىشكەنگەن ئىدىم. ھەممە كىشىنىڭ ئاغزىدا ئاكيۇل ئاللىقاچان خەۋپ ئاستىدا قالدى، دەپ ھېسابلانماقتا ئىدى. ۋالىنىڭ ئۆيىدە مەن بۇ ئارالدىكى ئەڭ كاتتا يەر ئىگىسى بولغان گېنېرال – مايوردې رۇۋرې، كاپ پولكنىڭ قوماندانى پود پولكوۋنىك دې تۇزار ۋە مۇستەملىكە كېڭەش، ئۆلكىلىك كېڭەشلەرنىڭ باشقا بىر نەچچە ئەزالىرىنى ھەمدە مەشھۇر يەر ئىگخلىرىنى ئۇچراتتىم.

    مەن ئۆيگە كىرگەن ۋاقتىمدا كېڭەش ئەزالىرى ۋاڭ – چۇڭ كۆتىرىپ تالاش – تارتىش قىلىشىۋاتاتتى.

    جانابى ۋالى، - دىدى ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزالىرىدىن بىرى، - مەسىلە شۇكى، ئىسيان كۆتىرىۋاتقانلار ئەركىن مۇلاتلار بولماستىن، بەلكى قۇللار، بىز مۇنداق بولۇشنى خېلى بۇرۇنلا بايقىغان ۋە ئالدىنئالا ئېيتىپ كەلگەن ئىدۇق، ئەپسۇسكى....

    توغرا، ئالدىنئالا ئېيتىپ كەلگەن ئىدىڭلار، لېكىن ئۆزەڭلار دىگەن گەپكە ئۆزەڭلار ئىشىنەلمىگەن ئىدىڭلار، - دەپ كەسكىن رەددىيە بەردى ئۆزىنى مۇستەملىك كېڭەشنىڭ «باش ئەزاسى» دەپ ئاتىغان بىر كىشى، - سىلەر پەقەت بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئىناۋىتىڭلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنلا بۇ گەپنى قىلغان ئىدىڭلار، سىلەرنىڭ كاللاڭلار ھەقىقىي ئىسياننىڭ كۆتىرىلىش ئېھتىمالى توغرىسىدىكى پىكىرلەردىن خېلىلا يىراق ئىدى. ئالايلۇق، 1789 – يىلى سىلەرنىڭ كېڭىشىڭلارنىڭ ھەرخىل ھىيلە – نەيرەڭلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىشى – ئىغۋا پەيدا قىلىش نەتىجىسىدە ئۈچ مىڭ نىگىرنىڭ كاپ ئىگىزلىكىدىكى مەشھۇر ۋە كۈلكىلىك ئىسيانى كىلىپ چىققان ئىدى. بۇ كۈلكىلىك ئىسيان جەريانىدا بار – يوقى بىرلا توپىلاڭچىلار باشلىقى ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، خالاس!

    لېكىن، مەن سىزگە تەكرار شۇنى ئېيتىمەنكى، - دەپ ئۆز پىكىرىنى قۇۋۋەتلىدى ھېلىقى ئۆلكىلىك ۋەكىل، - بىز سىزگە قارىغاندا ئەھۋالنى ياخشىراق پەرق قىلالايمىز، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە، سىزنىڭ كېڭىشىڭىز مىللىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەسخىرىلىك گۈلدۈرۈس ئالقىشلار ئاستىدا، پۈتۈن تەركىبى بىلەن فرانسىيىگە جۇنۇپ كەتكەندە، بىز بۇ مۇستەملىكىنىڭ ھاياتىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەردە قالغان ئىدۇق، سىلەر مىللىي ھۆكۈمەت ئالدىدا بەئەينى «قارىغۇ چاشقان» بولغان ئىدىڭلار.

    مۇستەملىكىلىك كېڭەكشنىڭ ئەزاسى بۇ گەپلەرگە ناھايىتى نەپرەتلىك ھالدا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى:

    بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز بىزنى بىر ئېغىزدىن قايتا سايلىدى!

    شۇنداق، لېكىن ھېچبىر ئامال – چارەڭلار قالمىغاندا، ئۈچ خىل رەڭدىكى ھەربىي بەلگىنى تاقىماي، قەھۋەخانىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن بىر بىچارە ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى كوچىمۇ – كوچا سازايى قىلغان ھەمدە مۇلات لوكۇمبانى «ئاتىمىزنىڭ ۋە ئوغۇللىرىمىزنىڭ شەنى ئۈچۈن، مۇقەددەس روھىمىز ئۈچۈن» دىگەن «غەلىتە» سۆزلەرنى ئىشلىتىپ تەلەپنامە يازغانلىقى ئۈچۈن دارغا ئاسقان خۇددى سىلەر ئىدىڭلار! – دىدى ھېلىقى ۋەكىل رەددىيە بېرىپ.

    توغرا ئەمەس، - دەپ ۋارقىرىدى مۇستەملىكىلىك كېڭەش ئەزاسى، - بۇ – پىرىنسىپلىق كۈرەش، ئىمتىيازلار كۈرىشى، بۇ «قەددى ئىگىلگەنلەر» نىڭ ھەقىقىي دوكلارغا قارشى كۈرىشى ئىدى!

    سىز مەمەدانە ئىكەنسىز، تەقسىر، مەن دائىم سىزنى شۇنداق ئويلاپ يۈرەتتىم!

    ئۆلكىلىك كېڭەش ۋەكىلىنىڭ بۇ تەنىسىگە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى تەنتەنىلىك قىياپەتتە رەددىيە بېرىپ شۇنداق دىدى:

    ھە، بارىكاللا، مانا سىز بۇ سۆزىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ «ئاق تەنلىك كۆلەڭگە» ئىكەنلىكىڭىزنى ئاشكارىلاپ بەردىڭىز. ئۆزىڭىزنىڭ بۇ «ئىقرارى» غا تامامەن ئىگە بولۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    ئەگەر ۋالى ئارىلاشمىغىنىدا، بۇ جېدەل، ئېھتىمال، ئۇزاققا سوزۇلغان بولاتتى.

    قويۇڭلار جانابلار، بۇنداق جېدەلنىڭ نىمە ھاجىتى بار؟ ھازىر ھەممىدىن مۇھىم ئىش – بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى خەۋپ ماجرانى توختىتىپ، ماڭا نىمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىلىق مەسلىھەت بېرىڭلار! مانا، مەن ئالغان مەلۇماتتا شۇنداق دېيىلگەن: بۈگۈن كېچە سائەت ئونلاردا تيورپېن ئەتراپىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئەنگىلىيىلىك نېگىر بوكمان قوماندانلىقى ئاستىدىكى قۇللار كلېمان، ترېمىس، فلاۋېل ۋە توئىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان قۇللارنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ، بارلىق دىھقانچىلىق مەيدانلىرىنى كۆيدۈرۈپ، مۇستەملىكىچىلەرگە مىسلى كۆرۈلمىگەن شەپقەتسىزلىك بىلەن زەربە بەرگەن. تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن سىلەر ۋەقەنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىلەر: نەيزىگە سانچىپ كۆتىرىلگەن بىر بالىنىڭ جەسىدى ئۇلارغا بايراق بولۇپ خىزمەت قىلغان.

    ۋالىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى تىترىشىپ كەتتى.

    شەھەر ئەتراپىدا ئەنە شۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ۋالىي- شەھەردە بولسا، ئومۇمىي تەرتىپسىزلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە. كاپنىڭ نۇرغۇن ئاھالىسى ئۆز قۇللىرىنى ئۆلتۈرۋەتكەن، قاتتىق ۋەھىمە ئۇلارنى شەپقەتسىز بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. شەھەر ئاھالىسى ئىچىدىكى ئەڭ رەھىمدىل، ئەڭ قورقۇمسىز كىشىلەر بولسا، ئۆز قۇللىرىنى كىشەنلەپ قويۇشقان، «ئۇششاق ئاق تەنلىكلەر» بۇ بالا – قازا ئۈچۈن ئەركىن مۇلاتلارنى ئەيىپلىمەكتە. كۆپلىگەن مۇلاتلار خەلق غەزىپىنىڭ قۇربانى بولۇشقا ئاز قالغان. مەن ئۇلارغا چېركاۋدىن باشپاناھ بېرىشكە ۋە ئەسكەرلەر بىلەن ئۇلارنى قوغداپ تۇرۇشقا بۇيرۇق بەردىم. ھازىر ئۆزلىرىنىڭ نېگىرلار قوزغىلىڭىغا ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇلاتلار قورال بېرىشنى ۋە بىرەر قورغاننى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشماقتا.

    ھەرگىز بۇنداق قىلماڭ، - دەپ ۋارقىرىدى ماڭ تونۇش بىر ئاۋاز، ئۇ مەن ماجرالىشىپ دۇئېلغا چۈشكەن ۋە «شالغۇت» دەپ كەمسىتىدىغان ھېلىقى بايۋەچچە ئىدى، - ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ، ۋالىي جاناپلىرى! مۇلاتلارغا قۇرال بەرمەڭ!

    سىز ئۇرۇش قىلىشنى خالىمامسىز، نېمە؟ - دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن باشقا بىر مۇستەملىكىچى.

    ئۇ بۇ سۇئالنى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    مۇلاتلار بىزنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىز. ئۇلارمۇ بىز ئۈچۈن بىر خەۋپ. مەن قوزغىلاڭ قۇللار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى مۇلاتلار تەرىپىدىن كۆتىرىلىشى مۇمكىن دىگەن كۆز قاراشقا قوشۇلىمەن. قۇللارنىڭ قولىدىن نىمە كېلەتتى؟

    بۇ بىچارە بەندە مۇلاتلارغا قارشى ئېيتقان بۇ سۆزى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇلات ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئۇنى مۇلاتلار تائىپىسىگە قوشۇپ نەپرەت بىلەن قارايدىغان ئاق تەنلىكلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقماقچى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ پەسكەش خىيالى ئەمەلگە ئاشمىدى، بۇ توغرىلىق ئومۇمىي نارازىلىق كۆتىرىلدى.

    بۇ گېپىڭىز توغرا ئەمەس، ئەپەندىم، - دىدى ئۇنىڭغا جاۋابەن قېرى گېنىرال رۇۋرى، - توغرا ئەمەس! قۇللارنىڭ قولىدىن نۇرغۇن ئىشلار كېلىدۇ. بىزنىڭ ھەر ئۈچ كىشىمىزگە ئۇلارنىڭ قىرىق ئادىمى توغرا كېلىدۇ. نېگىرلارغا ۋە مۇلاتلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سىزگە ئوخشاش ئاق تەنلىكلەرنى ئەۋەتىدىغان بولساق، بىزنىڭ كۈنىمىز تازىمۇ يامان ئەھۋالدا قالغان بولاتتى.

    مۈلۈكدار لېۋىنى چىشلىدى.

    سىزچۇ، جانابى گېنېرال، مۇلاتلارنىڭ تەلىپى توغرىسىدا نىمە دەيسىز! – دەپ سورىدى ۋالىي.

    ئۇلارغا قورال بېرىڭ، جانابىي ۋالىي!- دەپ جاۋاب بەردى گېنېرال، - ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، - ئۇ ھېلىقى گۇمانخور مۇستەملىكىچىگە بىر قاراپ قويدى – دە، ئاڭلىدىڭىزمۇ، ئەپەندىم؟ قوراللىنىشقا تەييارلىنىڭ! – دەپ سۆزىنى تۈگەتتى.

    رەسۋا بولغان مۇستەملىكىچى غەزىپىنى يۇتۇپ نېرى كەتتى. شۇ ئارىدا شەھەر تەرەپتىن دات – پەريات ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە بۇ دەھشەتلىك ۋاڭ – چۇڭ بۇ كېڭەشنىڭ نىمە مەقسەتتە چاقىرىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئېسىگە سالدى. جانابىي دې بلانىشلاند قېرىنداش بىلەن تەستىق سېلىنغان بۇيرۇقنى ئاديۇتانتقا بېرىۋېتىپ، سىرتتىن ئاڭلىنىۋاتقان ۋاي – داتلاردىن ئالاقزادە بولۇشۇپ، تۇنجۇقۇپ ئولتۇرۇشقان كېڭەش قانتاشقۇچىلىرىغا قاراپ شۇنداق دىدى:

    شۇنداق قىلىپ مۇلاتلار قوراللاندۇرۇلىدۇ، جانابلار، ئەمما بىز يەنە باشقا تەدبىرلەرنىمۇ قوللىنىشىمىز لازىم.

    ئۆلكىلىك كېڭەش يىغىنىنى چاقىرىش كېرەك، - دىدى ھېلىقى مەن كىرگەندە سۆزلەۋاتقان «ئۆلكىلىك ۋەكىل».

    ئۆلكىلىك كېڭەشنى دەمسىز؟ - دەپ سۆزىنى ئېلىۋالدى ئۇنىڭ رىقابەتچىسى بولغان ھېلىقى مۇستەملىكىلىك كېڭەش ئەزاسى، - ئۆلكىلىك كېڭەش دېگىنىڭىز ئۆزى نېمە؟

    سىز مۇستەملىكىچىلىك كېڭەش ئەزاسى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا بۇ گەپنى قىلىۋاتىسىز، - دەپ نارازى بولدى «ئاق تەنلىك كۆلەڭگە».

    «مەمەدانە» ئادەم ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ:

    مەن «مۇستەملىكىلىك»، «ئۆلكىلىك» دىگەن كېڭەشلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى ئېتىراپ قىلمايمەن، پەقەت بىرلا كېڭەش بار، ئۇ بولسىمۇ باش كېڭەش، چۈشەندىڭىزمۇ ئەپەندىم؟

    ھە؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا، پارىژدا پەقەت بىرلا كېڭەش – مىللىي كېڭەش مەۋجۇتلۇقىنى سىزنىڭ ئېسىڭىزگە سېلىپ قوياي! – دىدى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ «ئاق تەنلىك كۆلەڭگە»

    ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ يىغىنىنى چاقىرىش ئۇخلاپ چۈشىڭىز! – دىدى «تەكەببۇر ئادەم» مەسخىرە كۈلكىسى بىلەن، - تېخى يېڭىلا بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن باش كېڭەشنىڭ قاراى بويىچە ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز!

    شۇ ۋاقىتتا بۇ قۇرۇق تالاش – تارتىشتىن زېرىككەن بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى غۇلغۇلا كۆتىرىپ قارشى چىقىشقا باشلىدى.

    ۋەكىل ئەپەندىلەر، - دەپ ۋارقىرىدى بىر مۈلۈكدار، - سىلەر قۇرۇق گەپلەر بىلەن ۋاقىتنى زايا قىلىۋاتىسىلەر، مېنىڭ پاختا ئېتىزلىرىم ۋە ھاشارەتلەر مەيدانىمنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟

    مېنىڭ لىمبېيدىكى تۆت يۈزمىڭ تۈپ نىل بويىقى كۆچەتلىرىمچۇ؟ - دىدى يەنە بىرسى.

    مەن ھەربىرىنى ئوتتۇز دوللاردىن سېتىۋالغان نېگىر قۇللىرىمنى قانداق قىلىمەن؟ - دەپ ۋارقىرىدى قۇل سودىسى قىلىدىغان كېمە كاپىتانى.

    سىلەر قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىر مىنۇت ماڭا، ئاز دىگەندە ئون سېنتىنېر شېكەر زىيان كەلتۈرىدۇ، - دىدى يەنە بىر مۇستەملىكىچى، - بۇ، بىزنىڭ ھىسابىمىز بويىچە، ئەگەر بىر سېنتىنېر شېكەرنى ئون يەتتە سومدىن ھېسابلىنغاندا، جەمئىي بىر يۈز يەتمىش سوم، يەنى فرانسىيە پۇلىغا سۇندۇرغاندا توققۇز يۈز ئوتتۇز سوم ئون تىيىن زىيان دىگەن سۆز!

    سىلەر باش كېڭەش دەپ ئاتىغان مۇستەملىكىلىك كېڭەش خۇددى بىر مۇشتۇمزورغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، - دەپ ۋارقىرىدى دەسلەپكى جىدەلچى باشقىلارنىڭ يارىسىغا تۇز سەپمەكچى بولۇپ، - سىلەرنىڭ بۇ كېڭىشىڭلر پورت – ئوپرېنسىدا ئولتۇرۇپ، كەڭلىكى ئىككى گەز كېلىدىغان ئوبلاستلار ئۈچۈن ئىككىلا كۈن ئۆتىدىغان قارارلارنى چىقىرىۋەتمىسۇن، بىزنى بىئارام قىلمىسۇن، كاپ شىمالىي ئۆلكىلىك كېڭەشكە قارايدۇ. ئۇنى بۇ كېڭەش ئۆزى باشقۇرىدۇ!

    مەن شۇنداق ھېسابلايمەنكى، - دىدى نارازىلىق بىلەن ۋارقىراپ «تەكەببۇر ئادەم» - ۋالىي جانابىي ئالىيلىرىنىڭ جانابى دې كاديوش رەئىسلىكىدىكى مۇستەملىكە ۋەكىللىرى باش كېڭىشىنىڭ يىغىندىن باشقا ھەرقانداق بىر كېڭەشنىڭ يىغىنىنى چاقىرىشقا ھەققى يوق!

    خوش، سىزنىڭ رەئىسىڭىز ئۆزى قەيەردە؟ دې كاديوش دىگەن كىشىنىڭ ئۆزى قەيەردە؟ - دەپ سورىدى «ئاق تەنلىك كۆلەڭگە» - سىزنىڭ يىغىنلىرىڭىزچۇ؟ سىلەردىن بۇ يەرگە ئارانلا تۆت ئادەم كەلدى، بىزدىن بولسا، ھەممىسى تولۇق قاتنىشىۋاتىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ، بۇ يىغىننى ۋە پۈتۈن مۇستەملىكىنى ئۆز چاڭگىلىڭىزغا ئېلىۋالماقچىمۇ؟

    ئىككى قارىمۇ – قارشى كېڭەشنىڭ ھەقىقىي كانىيى بولغان بۇ ئىككى ۋەكىلنىڭ ماجراسىغا ۋالىي يەنە بىر قېتىم ئارىلاشماي تۇرالمىدى:

    سىلەر بۇ ئۆلكىلىك كېڭەش، مۇستەملىكىلىك كېڭەش، باش كېڭەش، مىللىي كېڭەش دىگەن چەكسىز كېڭەشلەرنىڭ يىغىنى ئارقىلىق نىمىنى ھەل قىلماقچى، جانابلار؟ سىلەر بۇنداق كېڭەشلەردىن يەنە ئۈچ – تۆتنى چاقىرىش بىلەنمۇ مەسىلىنى ھەل قىلالامسىلەر، زادى؟

    قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق لەنىتى يىغىن! – دەپ ۋارقىرىدى گېنېرال دې رۇۋرى مۇشتۇمى بىلەن جوزىنى ئۇرۇپ،- مەن بۇنداق ئالا – توپىلاڭدىن كۆرە، يىگىرمە تۆت ديۇملۇق زەمبىرەكتىن ئوق ئۈزۈشنى ئەۋزەل كۆرگەن بولاتتىم! خۇددى ئىككى چەۋەنداز بەسلىشىپ ئات چاپتۇرغاندەك، بىر – بىرى بىلەن بەس – بەستە گەپ تالىشىدىغان، رىقابەتلىشىدىغان بۇنداق يىغىننى ئېچىشنىڭ نىمە ھاجىتى بار؟ نىمىگە قاراپ تۇرىسىز، جانابىي ۋالىي، ھەر ئىككىلا كېڭەشنىڭ يىغىنىنى چاقىرىۋېرىڭ. مەن ئۇلاردىن ئىككى ئەترەت ئەسكەر تۈزۈپ نېگىرلارغا قارشى جەڭگە ئەۋەتەي، قېنى، كۆرۈپ باقايلى. ئۇلارنىڭ مىلتىقلىرى ھازىرقى ۋارقىراش – جاقىراشلىرىدەك جاراڭلامدىكىن!

    بۇ قاتتىق رەددىيە سۆزىدىن كېيىن، گېنېرال يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە قارىدى (بۇ مەن ئىدىم) ۋە ئاستا شۇنداق دىدى:

    سان – دومىنگوغا فرانسىيە پادىشاسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بۇ ۋالىيغا ۋە بىر – بىرىنى ئالىي ھاكىمىيەت دەپ ھېسابلىشىۋاتقان بۇ ئىككى كېڭەشكە نىمە قىلىشنى تاپشۇرىسىز؟ بۇ مەمەدانىلەر خۇددى فرانسىيىدىكىگە ئوخشاش بۇ يەردىمۇ ھەممە ئىشنىڭ بېلىگە تېپىدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر مەن پادىشاھ ۋارىسى بولۇش شەرىپىگە ئىگەن بولغان بولسام، بۇ بىكار تەلەپلەرنىڭ كۆتىگە تەپكەن بولاتتىم! ئۇلارغا شۇنداق دىگەن بولاتتىمكى، «پادىشاھ تەختىدە ئولتۇرىۋېرىدۇ، مەن بولسام ھەممىنى باشقۇرۇۋېرىمەن!» بۇ شەيتانلارنى، ئالا – توپىلاڭچىلارنى خەلق ۋەكىللىرى ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىپ، بۇلارنى ئۆتمۈشتە مۇشۇنداق قاراقچىلار ياشىغان تاشپاقا ئارىلىغا قوغلىۋېتىشكە ئۇلۇغ ليۇدۋىك نامىدىن قەسەم ئىچكەن بولاتتىم! مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئەستە تۇتۇڭ. ياش يىگىت. «پەيلاسوپلار»، «فلانتروپلار» نىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولدى. ئۇلار بولسا، «نېگىر نەسلى» دىگەن ئۇقۇمنى يەر يۈزىگە يامرىتىۋەتتى. بۇ ئۇقۇم ھازىرغا قەدەر «ئاق تەنلىك» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ۋە لاتىنچە ياكى يۇنانچە سۆزلەر ئىچىدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن باشقا بىرەر ياخشىراق ئاتالما تاپالماي يۈرگەن كىشىلەرنىڭ تويمىغۇر نەپسىنى كېڭەيتىۋەتتى. فرانسىيىدە ھەممىنى مەستانە قىلغان لبىراللىق كۆز قاراشلار – بۇ ئىسسىق ئىقلىم ئۈچۈن بىر زەھەر. نېگىرلارغا ئېھتىياتلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇلار ھازىرلا ئازاتلىقنى تەلەپ قىلىشقا تەقەززا بولمىغان بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە – سىلەر سان – دومىنىگودا ئۇچرىغان بۇ پاجىئەلەرنىڭ ھەممىسى «ماسساك» لار كۇلۇبى تەرىپىدىن بىخ سۈرۈپ چىققان، قۇللارنىڭ قوزغىلاڭلىرىمۇ باستىلىيە تەسلىمىچىلىكىنىڭ ئەكس ساداسى.

    بۇ پىشقەدەم جەڭچى قىسقا بولسىمۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى توغرىلىق ماڭا قەتئىي ۋە سەمىمىي ھالدا سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا، كەسكىن جاڭجاللار داۋام قىلىۋاتاتتى. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ كىچىكرەك بىر گۇرۇھىغا مەنسۇپ بولغان بىر مۈلۈكدار «ئىنقىلابىي قىزغىنلىق» بىلەن سۆزلەپ، بىر نەچچە قېتىملىق قانلىق باستۇرۇشلارغا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى ۋە شۇندىن بۇيان ئۇنى «پەخرى گېنىرال» دەپ ئاتىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇنداق دىدى:

    ئولتۇرۇش – جەڭ قىلىشتىنمۇ مۇھىم! خەلق قانلىق باستۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى كۈتمەكتە. نېگىرلارنى قورقۇشقا مەجبۇر قىلىش كېرەك. مەن ئەللىك نەپەر قۇلنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئۆيۈمگە كىرىدىغان يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى خورمىلارغا ئېسىپ قويۇش ئارقىلىق ئىيۇن، ئىيۇل ئايلىرىدىكى قوزغىلاڭنى تىنجىتقان ئىدىم. ھەممەيلەننىڭ مېنىڭ تەكلىپىمگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كېلىڭلار، قولىمىزدىكى ھەممە نېگىرنىڭ كاللىسىنى كېسىپ، قالغانلارنىڭ شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىشىدىن مۇداپىئە كۆرەيلى!

    قانداق ئادەم سىز! نىمە دىگەن ئېھتىياتسىزلىق بۇ! – دىگەن ئاۋاز ھەممە تەرەپتىن ئاڭلاندى.

    سىلەر مېنى چۈشەنمەيۋاتىسىلەر، ئەپەندىلەر، - دىدى «پەخرى گېنىرال» - بىز پىكۇلى پورتىدىن تارتىپ قاراكول تۇمشۇقىغىچە بولغان جايلارغا نېگىرلارنىڭ كاللىسىدىن قورغان سوقماق، ئۇلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن يولداشلىرى قورقۇپ بىزگە چېقىلالمايدۇ. بۇنداق جىددىي ۋاقىتلاردا ئومۇمىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئاز – تولا قۇربان بەرمەي بولمايدۇ! مانا، بىرىنچى بولۇپ مەن قۇربان بېرىمەن: مېنىڭ قولۇمدا قوزغىلاڭغا قاتناشمىغان بەش يۈز نېگىر بار. مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى قۇربانلىققا ئاتىدىم!

    ھەممەيلەن بۇ قەبىھ تەكلىپتىن سەسكىنىپ كەتتى، «نىمە دىگەن رەزىللىك بۇ! نىمە دىگەن ئىنساپسىزلىق بۇ – ھە!» دىگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى.

    بۇنداق چارە – تەدبىر ھەممە ئىشنى ۋەيران قىلىدۇ! – دىدى باشقا بىر مۇستەملىكىچى، - ئەگەر سىز ئىيۇن، ئىيۇل ئايلىرىدىكى ئىسياننى باشقۇرۇشتا ئانچە قىينالمىغان بولسىڭىز، دىمەك، سىز پالتا بىلەن باش كېسەلەيدىغان ئۇستا جاللات ئىكەنسىز!

    «پەخرى گېنىرال» رەنجىگەندەك بىر نەچچە مىنۇت جىم بولۇپ قالدى – دە، كېيىن زەردە بىلەن سۆزگە كىرىشىپ شۇنداق دىدى:

    ئەمما، لېكىن مەن شۈبھىلىك ئادەم ئەمەس. مېنىڭ نۇرغۇنلىغان نېگىر نەسلى تەرەپدارلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىم بار، مەن فرانسىيىدىكى برىېسو ۋە دې پوم – گۈژ بىلەن، ئەنگلىيىدىكى گانىس سىلا ئۇن بىلەن، ئامېرىكىدىكى مىگوۋو بىلەن، گېرمانىيىدىكى پېتسىلېم، دانىيىدىكى ئالىۋاررىئۇس، شۋېتسىيىدىكى ۋادىستىرېم، گوللاندىيىدىكى پېتىر، پاۋىليۇس ئىسپانىيىلىك ئاۋندانئو ۋە ئىتالىيىلىك پېتروتامبورنى ھەزرەت قاتارلىقلار بىلەن خەت – ئالاقە قىلىشىپ تۇرىمەن!

    يۇقۇرىدىكى نېگىر نەسلى تەرەپدارلىرى بولغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ نامىنى ئاتىغانسېرى ئۇنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ كۆتۈرىلىشكە باشلىدى، ئاخىرى:

    ئەمما، بۇ يەردە پەيلاسوپلار يوق! – دەپ ۋارقىراپ سۆزىنى تۈگەتتى.

    ۋالىي ئۈچىنچى قېتىم سۆزلەپ، ھەركىمنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

    مۆھتىرەم ۋالىي، - دىدى كىمدۇر بىرى، - مېنىڭ مەسلىھەتىم مۇنداق: ھەممىمىز مېڭىش ئالدىدا تۇرغان «لېوپارد» ناملىق كېمىگە چۈشەيلى – دە، كېتەيلى!

    بۇكماننىڭ كاللىسى ئۈچۈن مۇكاپات بەلگىلەيلى، - دەپ تەكلىپ قىلدى يەنە بىرى.

    ھەممە ئەھۋال توغرىسىدا يامايكا ۋالىيسىغا خەۋەر قىلايلى، - دىدى ئۈچىنچى بىرى.

    خەۋەر قىلساق، ئۇ يەنە بىزنى زاڭلىق قىلىپ، قوغدىنىش ئۈچۈن بەش يۈز مىلتىق ئەۋەتىپ بەرگەن بولاتتى، - دەپ قىستۇردى ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ بىر ۋەكىلى، - جانابى ۋالىي، فرانسىيىگە خەۋەرچى كېمە ماڭغۇزۇڭ، جاۋاب كەلگۈچە كۈتۈپ تۇرايلى!

    كۈتۈپ تۇرايلى؟ شۇمۇ گەپمۇ! – دەپ كەسكىن رەت قىلدى بۇ پىكىرلەرنى جانابى دې رۇۋرى، - نېگىرلارمۇ كۈتۈپ تۇرامدۇ؟ ئاللىقاچان شەھەرگە تۇتاشقان يانغىنمۇ كۈتۈپ تۇرامدۇ؟ جانابى دې تۇزار، ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشقا بۇيرۇق بېرىڭ، زەمبىرەكلەرنى ئېلىپ، چەۋەندازلارنى ۋە ئوقچىلارنى باشلاپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئاساسىي كۈچلىرىگە قارشى جەڭ قىلىڭ! جانابىي ۋالىي، شەرقىي رايونلاردىكى لاگىرلارنى بۇزۇپ تاشلاشقا بۇيرۇق بېرىڭ. تىرو ھەم ۋاليېرلاردىكى پوسلارنى تولۇقلاڭ. مەن دوفېن پورتى ئەتراپىدىكى ۋادىلارنى قوغداشنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن. ئۇ يەرگە ئىستىھكام ياسىتىمەن. مېنىڭ بوۋام نۇرماند پولكنىڭ پولكوۋنىكى بولۇپ، مارشال ۋۇباننىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن. مەن ئۆزەممۇ قۇللار ۋە بىزولارنىڭ ھەربىي تەلىماتىنى ئۈگەنگەن. بۇ ئەلنى مۇداپىئە قىلىش جەھەتتە مەلۇم تەجرىبەممۇ بار. بۇنىڭ ئۈستىگە بىر تەرىپى دېڭىزغا، يەنە بىر تەرىپى ئىسپانىيە تەۋەسى چېگرىسىغا تۇتىشىدىغان دوفېن ۋادىسى خۇددى يېرىم ئارالغا ئوخشايدۇ. بۇ جاي تەبىئىي تۈزۈلۈشى جەھەتتىن مۇداپىئەگە ناھايىتى قولاي، مول بېرىم ئارىلىمۇ شۇنداق، بۇ قولاي شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت بېرىپ بارىمىز!

     

     


    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.