فىرىدجوف نانسېن 1922-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-09 12:15:45

فىرىدجوف نانسېن1922-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىنورۋىگىيە (1930-1861)مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى فىرىدجوف نانسېن 1861-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى نورۋىگىيىنىڭ ئوسلۇ شەھىرىدە دۇنياغا ك...



     

    فىرىدجوف نانسېن

    1922-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

    نورۋىگىيە (1930-1861)

    \ 

    مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

        فىرىدجوف نانسېن 1861-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى نورۋىگىيىنىڭ ئوسلۇ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1880-يىلى كىرىستىئان ئانتونىيا ئۇنۋېرسىتېتىغا ھايۋاناتلار ئىلمىنى ئۆگىنىشكە كىرگەن. 1882-يىلى گېرلاندىيە ئارىلىغا تەكشۈرۈش ئۈچۈن كېمىگە ئولتۇرۇپ بارغىنىدا، بۇ يەر ئۇنىڭ شىمالىي مۇز ئوكياننى تەتقىق قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. 1888-يىلى ئۇ مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە گېرلاند مۇز قاپلىمىسىدىن ئۆتكەن. 1893-يىلىدىن 1896-يىلغىچە «فىرېمىر» ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ شىمالىي مۇز ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن. نانسېن بۇرۇن يەنە سىبىرىيە، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن 500 مىڭ نەپەر ئەسىرنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇۋەتكەن. 1921-يىلى، ئۇ نانسېن قۇتقۇزۇش مەركىزىنى قۇرۇپ، خەلقئارا روسىيىنى ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ نوبېل تېنچلىق  مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىچىدىكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان مەشھۇر شەخىستۇر.

    مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى: ئۇ شىمالىي قۇتۇپتا ئېكىسپىدسىيە قىلغىنىدا، قىيىنچىلىقتا قالغان خەلققە ۋە ئەسىرلەرنى ئازاد قىلىشتا ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى تەرەپتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان.

    \

     

    ئېغىر كۈلپەتتىكى ياۋروپا خەلقى

    1922-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى

       رىمدىكى كاپىتولاين مۇزىخانىسىدا مەرمەر تاشتىن ياسالغان بىر ھەيكەل، ئۆزىنىڭ ساپلىقى ۋە ئۆزىدىكى ئۆزگىچە پۇراق بىلەن مېنىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ھەيكەل دەل «ئۆلۈم ئالدىدىكى گاللولىق»دۇر. جاننى ئالىدىغان جاراھەت بىلەن جەڭ مەيدانىدا يانتۇ يېتىپ قالغان بۇ جەڭچىنىڭ ئەمگەك ۋە كۈرەشلەردىن تاۋلانغان كۈچلۈك بەدەنلىرى قانسىرىغانلىقتىن تولىمۇ ئاجىز كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئوخشاش چىدامچان، پولاتتەك چاچلىرى ئوراپ تۇرغان بېشى ئاستا چۈشكەن. توم بويۇنلىرى ئېگىلگەن، تېخى بايىلا يالتىراق شەمشىرىنى ئوينىتىپ تۇرغان كۈچلۈك، قوپال قوللىرى توپىلىق يەردە قىينىلىپ تۈگۈلگەن ھالدا ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىنى يىغىپ بەدىنىنىڭ پۈتۈنلەي يىقىلىشىدىن تەسلىك بىلەن تىرەپ تۇرماقتا.

       بۇ گاللولىق جەڭچى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىمۇ تونىمايدىغان چەت ئەللىك بىر ئاتالمىش ئىلاھنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن جەڭ قوينىغا كىرىپ كەلگەن. شۇڭلاشقىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈشى مۇقەررەر بولغان بۇ تەقدىرگە دۇچار بولغان. ئۇ ھازىر شۇ يەردە يېتىپ، ئۇ دۇنياغا ئاستا-ئاستا كېتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىيالايدىغىنى ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۇرۇشنى مالىمانچىلىقى ئەمەس. ئۇنىڭ بارغانسېرى خۇنۇكلىشىپ كېتىپ بارغان كۆز نۇرلىرى ئەمدى ئۆز قەلبىگە تىكىلمەكتە. بەلكىم، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغىنى ئاشۇ بىغۇبار ۋاقىتلىرىدىكى غەمسىز كۈلكىلىرى بولۇپ، قەلبىنى زىلزىلىگە سېلىۋاتقىنى، كاللىسىدا ئەڭ ئوچۇق قالغىنى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ئانا ماكانى ـــ گاللو ئورمانلىقى.

       مەن ئېغىر كۈلپەتتە قالغان خەلققە دەل مانا مۇشۇنداق قارايمەن. مەن ئېغىر كۈلپەتتە قالغان ياۋروپا خەلقىگە دەل مانا مۇشۇنداق قارايمەن، ئۇلار دەل مۇشۇ گاللو جەڭچىسىنىڭ، قوراللىق كۈچلەرنىڭ توقۇنىشىدىن كېيىنكى ئىنسۇجىنسىز ئۇرۇش مەيدانىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىنى ئېقىتقىنىچە ھالاك بولغىنىغا ئوخشايدۇ، ھالبۇكى ناھايىتى چوڭ نۇقتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قوراللىق كۈچلەرنى توقۇنۇشى بۇ قۇربان بولغۇچىلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز.

       ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق كۈلپەتلىرى پەقەت شۇ جاھانگىرلارنىڭ، مىلتارىزىمچىلارنىڭ مەڭگۈ تويماس ھوقۇق نەپىسىنى قوغلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ھوقۇق ئۈچۈن، ئۇلار يەرشارىدا ۋەھشىيلىك بىلەن خالىغانچە ئەسكىلىك قىلدى. يەر شارىدىكى بارلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىنسانىيەت مېۋىلىرى ئۇلارنىڭ تۆمۈر تاپانلىرى ئاستىدا يوققا چىقتى. كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندەك، ھەممىسى ئۇرۇش ئوتىدىن كېيىنكى خارابىچىلىق، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى غولاشقا باشلىدى. ئۈنسىز ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، كىشىلەر باشلىرىنى ساڭگىلىتىشتى، ئۇرۇش مەيدانىدىكى قۇلاقنى پاڭ قىلىدىغان يىغا-زارە ئاۋازى بۇرۇنقىدەكلا مېڭىنى غىدىلدىتىدۇ، ئەمما بۇ يەردىكى سەكراتتىكى ۋە ياكى ئۆلگەن كىشىلەر بولسا بۇ ئاۋازلاردىن خالىي. پەقەت ئۇلار جەننەت باغلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىلا، ئاندىن ئاددىي تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. دۇنيانىڭ روھىيىتى ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولدى، ئۇنىڭ جاسارىتى بېتچىت بولدى، ئۇنىڭ غايىسى سۇسلاشتى، تۇرمۇشتىكى ئىرادىسى غايىپ بولدى؛ خارابلاشقان ئۇرۇش ئوتلىرى ئۇپۇق سىزىقلىرىنى ئورىۋېلىپ ئۇنى خۇنۇكلەشتۇرۈۋەتتى، ئىنسانلار ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدىغان بولدى.

       دۇنيانى قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسى نەدە؟ سىياسىيونلارنىڭ قولىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەلكىم بەزىلىرىدە ھەقىقەتەن مۇشۇنداق دۇنيانى قۇتقۇزۇش گۈزەل ئويى بولىشى مۇمكىن، مەيلى قانداقلا بولسۇن، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك بولمايدۇ. ئەمما، سىياسىي باش پىرىسىپ ۋە يېڭى سىياسىي پىرىنسىپلار دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىشنى ھەرگىز تىلغا ئالمايدۇ ـــ بۇنداق سىياسىي پىرىنسىپلار ھەقىقەتەنمۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. بىز پەقەت مۇشۇ سىياسىي پىرىنسىپلارنى ئۈزۈل-كېسىل ئانالىز قىلىپ باقساق، بىز مۇنداق بىر يەكۈنگە ئېرىشىمىز: سىياسىي ئۇرۇشلار ئەمەلىيەتتە ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدىن ئىبارەت، خالاس.

    \

       دۇنيانى قۇتقۇزۇشنىڭ ئەۋزەل چارىسى دېپلوماتىيەمۇ؟ دېپلوماتىيىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بەلكىم ناھايىتى ياخشى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ مەڭگۈ ياخشى بىر نەتىجە چىقىرالمايدۇ، بۇنداقلا بولۇپ قالماي ئۇلار يەنە ئىنسانىيەتنى تېخىمۇ يامان ئەھۋالغا ئەكىلىپ قويىدۇ. ئويلاپ بېقىڭلارچۇ، ھەر قېتىمقى چوڭ ئۇرۇشلاردىن كېيىنكى تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە قاراڭلار، ـــ «ۋېستىفالىيە شەرتنامىسى». ۋېينا بىلەن مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئاچقان يىغىنلىرى مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مىسال. رەڭگارەڭ دېپلومات يىغىنلىرىدا، كىممۇ قايسى بىر يىغىندىكى، قايسى بىر ئېغىز گەپ، قايسى بىر نەتىجىسى دۇنيانىڭ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي تۆھپە قوشالىغان، دەپ ئېيتالايدۇ؟ بۇ پەيتلەردە، مەن ئىختىيارسىز ھالدا ئوكېنسىتىيېرنا گىرافنىڭ ئوغلىغا دېگەن شۇ مەشھۇر سۆزىنى ئويلاپ قالدىم، ئۇنىڭ بۇ سۆزىدە ئۇنىڭ ۋېستىفالىيە سۆھبىتىگە بولغان نارازى ھېسسىياتى ئىپادىلىگەن: «ئوغلۇم، ئەجەبا سەن تېخى بىلمەمسەن؟ بۇ دۇنيا ھەرگىزمۇ ئەقىل-پاراسەت تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنمايدۇ.»

       بىز ھازىر ئەنئەنىۋىي مەنىدىكى ھاكىمىيەت يىغىنلىرىنىڭ ئىنسانلارغا ھېچقانداق بىر قۇتقۇزۇش ئۈمىدى ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىدىن ئاللىبۇرۇنلا ئۈمىدىمىزنى ئۈزۈپ بولدۇق. بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بولۇۋاتقان دېپلوماتىيە ۋە سىياسىي يىغىنلاردىن كېيىن، بىزدە ئاخىرى سۆھبەتكە بولغان ئۈمىدسىزلىك بىلىپ-بىلمەي شەكىللەندى؛ بۇ دېپلوماتىيە ۋە سىياسىي يىغىنلارنىڭ بىرەرىدە، ھېچ بولمىغاندا بىرەسىدە مەسىلىنىڭ ھەقىقىي يوسۇندا ھەل بولۇشىغا قارىتا ئازراق بولسىمۇ رول ئوينىلىدىغان گەپ-سۆز بولۇپ باقتىمۇ؟ نۆۋەتتە، لاۋساننىدا بىر يىغىن ئېچىلىۋاتماقتا. بىز مۇشۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئۇزۇندىن بۇيان ئىنتىزار بولۇپ  كېلىۋاتقان تېنچلىقنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھېچ بولمىغاندا، ئۇلار ئۈچۈن ئەرزىمەس بىرەر ئىشنى بىز ئۈچۈن قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

       ئۇنداقتا، لاۋساننىدىكى بۇ يىغىننىڭ ئۆزىدىكى ئاساسىي جىنايەت نېمە؟ ئۇنىڭدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسلىق نەدىن پەيدا بولدى؟ بۇ توغۇرلۇق مىش-مىش گەپلەر ھەم بار: فىرانسىيە تەرەپ گېرمانىيە بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىشنى خالىمايدۇ، ئۇلار گېرمانىيىنىڭ فىرانسىيىگە ئۇزۇندىن بۇيان قەرز بولۇپ قالغان بارلىق قەرززلىرىنى بىراقلا تۆلىۋېتىشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى، گېرمانىيە فىرانسىيىگە قەرزدار بولمايدىكەن، فىرانسىيە رېيىن دەرياسى غەربىي قىرغىقىنى ئىگىلىۋېلىشتىن ئىبارەت باھانىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ-دە، فىرانسىيە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن گېرمانىيىنىڭ سانائىتىگە ئارىلىشالمايدۇ. بۇ تەبىئىيلا بىر يامان نىيەتلىك تۆھمەت، ئەمما، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۇشۇنىڭدەك پوزىتسىيە بىلەن بۇ قېتىمقى ئاتالمىش «سۆھبەت»كە كېلىشىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟

        يەنە باشقا ئېقىپ يۈرگەن سۆزلەرمۇ بار: فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئىككىلا تەرەپنىڭ ئاخىرقى كېلىشىشكە قوشۇلۇش نىيىتى يوق، چۈنكى گېرمانىيىنىڭ ماگنات سانائىتى فىرانسىيە بىلەن ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنى تۈزۈشنى خالىمايدۇ، گېرمانىيە ماركىنىڭ ئىزچىل ھالدا پاخالىشىشى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن گېرمانىيە سانائىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، گېرمانىيە سانائىتىنىڭ ماگناتلىرى نۆۋەتتىكى خۇنۇك ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى، كېلىشىمنامە ئىمزالىنىدىكەن، گېرمانىيە ماركىنىڭ پاخالىشىشى توختايدۇ ھەتتا قىممىتى ئۆسىشىمۇ مۇمكىن بولۇپ قالىدۇ، ئۇنداق بولىدىكەن، گېرمانىيە سانائىتى رىقابەت كۈچىنى يوقىتىپ ھالاك بولۇش ئەھۋالىغا بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.

       مەيلى يۇقىرىدىكى سۆز-چۆچەكلەرنىڭ راست-يالغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر، جەمئىيەتتە پەقەت مۇشۇنداق ئېغۋالارنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تارقىلىش ئىمكانىيىتى بولغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتلا مۇنداق بىر نۇقتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ: ياۋروپانىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي كەيپىياتى ھەمدە ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى ئىزچىل تۈردە ئاشۇ يولسىزلىقتا ئۇچچىغا چىققان سىياسىي ۋە مالىيە ھايانكەشلىرىنىڭ قوللىرىدىكى يىپتا ھەرىكەتلەندۈرىدىغان قورچاق بولۇپ  كەلمەكتە ـــ بۇ كىشىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئالجىپ قالغان دۆت مويسىپىتلار، بۇلاردىن كېيىنكىلىرى ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جەمئىيەتكە قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئويلاشمايدۇ، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ماھىر بولىدىغىنى ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئەو قىممەتلىك مەنپەئەتىنى ھايانكەشلىككە ۋە تەۋەككۈلچىلىك پائالىيەتلىرىگە سېلىشتۇر.

        بۇنچە چاكىنا، دىتسىز ھايانكەشلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مۇددىئاسى نېمە؟ مۇددىئاسى پەقەت ھوقۇق تالىشىشلا. بۇ بەخىتسىز كۈرەشلەر ـــ ھوقۇق كۈرەشلىرى ـــ بارلىق شەيئىيلەرنى، بارلىق ئىنسانلارنى دەپسەندە  قىلىدىغان، ۋەيران قىلىدىغان، ئوخشىمىغان پېرولتارىيەت سىنىپى ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى خارابلىق توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى بولغاچقىلا قىممەتكە ئىگە بولۇپ تۇرۇۋاتقان.

        بىر ئادەم ئاچارچىلىققا يۈزلەنگىنىدە، ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغىنىدا، شۇ چاغدىكى ئۇ ئادەم ئاندىن كۆزىنى يوغان ئېچىپ، بۇ بەختسىزلىكنىڭ (ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى) پۈتكۈل بەتبەشىرە سىڭا قىياپىتلىرىنى كۆرەلەيدۇ. مۇبادا بىر كىشى تۈن قاراڭغۇلىقى يېيىلغاندا بۇرۇن تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالغان ئاچ قالغان بىر بالىنىڭ يۈزىدىكى بىر جۈپ كۆزىنى، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان ئانىنىڭ ـــ ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالاي دېگەن بوۋىقىنى سۈتسىز باغرىغا باسقىنىچە بالىسىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاستا-ئاستا ئۆلۈپ كېتىشىنى كۈتۈۋاتقان ــــ ئازابتىن ئۈمىدسىزلەنگەن كۆزلىرىنى كۆز ئالدىغا ئەكەلسە، ۋەيرانە كەپىلەردىكى داق يەرلەردە ياتقان، ئاخىرقى تىنىقلىرىلا قالغان ياكى ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولسا، ـــ بۇ كىشىلەرنىڭ بىردىنبىر ئۈمىد قىلىدىغىنى شەپقەتلىك ئەزرائىلنىڭ ئۆزىنى بۇ شەپقەتسىز دۇنيادىن چاققانراق ئېلىپ كېتىشتۇر. ـــــ ئۇنداقتا، ئۇ كىشى شۇنى تولۇق چۈشەنگەن بولاتتىكى، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنى قەيەرگە ئاپىرىدۇ، شۇندىلا ئۇ كىشى مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەن بولاتتى. ھوقۇق تالىشى كۈرىشى بىلەن بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئازراقمۇ مۇناسىۋېتى يوق، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇلارنىڭ كۈلپەتلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالىدىغانلار كىشىلەرگە بولغان قان-يانلىق شىكايەت، بۇ ئاجىز كىشىلەر توپىنىڭ بىردىبىر ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئارزۇسى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغۇچىلارنىڭ مېھىر-شەپقىتى، ئۇلارغا ياشاش يولى قويىشىدۇر.

    \

       ھەقىقەتەنمۇ، نامۇۋاپىق ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ياۋروپا خەلقىنى ــ بۇلار ھەممىلا يەرنى قاپلاپ كەتكەن نامراتلىق ئىچىدە تۇرماقتا ــــ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەم، توختىماي ئازابلاشقا ئۇچراپ باققان كىشىلەر چوقۇم، دۇنيانى بىر ئەجىر بىلەنلا ساقىيىپ كېتىدىغان كارامەت دورا بىلەن ياكى ئاغزىدا شەھەر ئېلىش بىلەن قۇتقۇزغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە قەتئىي بوشاشماي، مىسلىسىز مۇشەققەتتىكى تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بۇ جەمئىيىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئەڭ ئاساسىدىن باشلىشىمىز كېرەك.

       ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى خۇددى دېڭىز دولقۇنىدەك بىردە كۆتۈرۈلۈپ بىردە پەسىيىپ تۇرىدۇ، بىزنىڭ ياۋروپا تارىخىمىز نۆۋەتتە دەل دولقۇن ئويمىنى ھالەتتە تۇرماقتا. 100 يىل بۇرۇنقى ناپالىئون ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش مۇشۇنداق دولقۇن ئويمىنى ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى. ۋورم مىلېرنىڭ نورۋىگىيىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئەھۋالىنى سۈرەتلىگەن مەشھۇر ئەسىرىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغان كىشى چوقۇم شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ بىزنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيەت ئەھۋالىمىز بىلەن كىشىنى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئوخشايدىغانلىقىغا چوقۇم دىققەت قىلىدۇ. نورۋىگىيىنىڭ ئۆزىنىڭ شۇ دولقۇن ئويمىنىدىن ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈستىگە قاراپ تىرىشقىنىدا، كىشى ئۆزىنى تولىمۇ خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ؛ ئەمما، كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بۇ خىل تۆۋەن دولقۇن ئويمىنىمۇ خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقان، تەخمىنەن 30-40 يىل ئەتراپىدا!

        مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ قېتىمقى بۇ دولقۇن ئويمىنى ھەتتا شۇ 100 يىل بۇرۇنقى ھېلىقى قېتىملىقىدىنمۇ بەك چوڭقۇر، بەك كەڭ كۆلەمدە بولۇپ، ئەتراپىدىكى نۇرغۇن يەرلەرگە تەسىر قىلغان، ھەتتا، 100 يىل ئىلگىرىكى ھېلىقى قېتىملىقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەت شەكىللەندى. دۇرۇس، گەرچە شۇ ۋاقىتتا سانائەت ئاللىقاچان پەيدا بوولغان بولسىمۇ، ئەمما، شۇ ۋاقىتتىكى زور كۆپچىلىك كىشىلەر يەنىلا يەرگە تايىنىپ جان باقاتتى. ھالا بۈگۈنكىك كۈندە سانائەت بىز بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، كاساتچىلىك دەۋرگە كىرىپلا قالىدىغان بولسا، سانائەتنىڭ ئەسلىگە قايتىشى دېھقانچىلىقتىمۇ تەس بولىدۇ. دېھقانچىلىقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن بىز كۆپ دېگەندىمۇ بىر، ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىمىز، ئەمما سانائەت مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالسا، نەچچە ئون يىلسىز سانائەتتىكى يېڭى بازارنى قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ. ئوخشاشلا، بىز كۆپچىلىك ھەممىمىزنىڭ  مۇنداق بىر ئوخشاش غايىنى كۆڭلىمىزگە پۈكىشىمىز تولىمۇ ئەقىلگە سىغىشلىق: بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە، نۆۋەتتە ئۆزىمىزدە بار بولغان كەڭ كۆلەمدە ئەۋزەللەشكەن ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلىرىمىز مۇناسىۋىتى بىلەن، ھەر بىر ئىشىمىزنىڭ قەدىمى تېزلەشتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇ قېتىمقى ئويغىنىش سۈرئىتىمىزنىڭمۇ باشقا قېتىمقىلاردىن تېزراق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما، بۇ خىل ئويغىنىشنىڭ ئالامەتلىرى ھازىرغىچە تېخى كۆرۈلۈپ باققىنى يوق، بىز يەنىلا دولقۇن ئويمىنىدىكى پەسكە سېيرىلىش ھالىتىدە تۇرماقتىمىز.

       بۇنىڭغا نىسبەتەن، پۈتۈن ياۋروپادىكى كىشىلەر قانداق ھېسىياتتا؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قەلبى ئاغرىنىش ۋە ھەسەتكە تولۇپ كەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زور كۆپچىلىكى بارلىق ئادەملەرگە ۋە  بارلىق شەيئىلەرگە ئۈمىدسىزلىك بىلەن، ئىشەنچىسىزلىك بىلەن پوزىتسىيە تۇتىدۇ. دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدا، سىنىپ بىلەن سىنىپ ئارىسىدا، بىز ھەركۈنى ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ئاغرىنىش تۆكۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

    ئەمما، بىزنىڭ كېلەچىكىمىز ئۈمىدسىزلىك، ئىشەنچسىزلىك، ئاغرىنىش ئۈستىگە قۇرۇلسا قەتئىي بولمايدۇ.

        ھەقىقەتەنمۇ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ئۈستىگە كېلەچەك قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چۈشىنىش ـــ ئالدى بىلەن، بىز چوقۇم كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئېنىق قىلىۋېلىشىمىز كېرەك؛ ئاندىن، بىز پۈتكۈل دەۋر يۆنىلىشىنى ئېنىق چۈشىنىشىمىز كېرەك؛ ئەڭ ئاخىرىدا، بىز خەلق رايىنى تولۇق سىنىشىمىز كېرەك، يىغىپ ئېيتقاندا، بىز ياۋروپانىڭ كەينى-كەينىدىن بولۇۋاتقان مۇرەككەپ ھازىرقى ھالىتىنى يۈرىگىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن تولۇق، ئۈزۈل-كېسىل چۈشىنىشىمىز كېرەك.

         ئارتۇق گەپنىڭ ھاجىتى يوق، بىز بۇخىل چۈشىنىشكە كۆزنى-يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتىلا يېتەلەيمىز دەپ ئۈمىد قىلمايمىز. ئەمما، بۇ مۇددىئاغا يېتىش ئۈچۈن، ئالدىنقى شەرت بىزدە چوقۇم « تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشىنىش» تىن ئىبارەت سەمىمىي ئارزۇ بولۇش كېرەك. بۇ بىزنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قاراپ ئالغان چوڭ بىر قەدىمىمىز  بولىدۇ. ھەر كۈنى گېزىت ئاختۇرغىنىمىزدا، بىز ھەر دائىم ھەركىم ئۆزگېپىنى يورغىلاتقان شەخىس ۋە كوللېكتىپلارنىڭ مەڭگۈ توختاۋسىز ھالدا ئۆزئارا تىل تەكگۈزۈپ ۋە ھۇجۇم قىلىپ گەپتە چېقىۋېلىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جەمئىيەت ھەرگىزمۇ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىمەيدۇ. ئۆزئارا تىل تەككۈزۈش ۋە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك چېقىۋېلىشلار كىشىنى قايىل قىلىشقا ھەرگىزمۇ يېتەرلىك بولالمايدۇ؛ ئۆزئارا تىل تەككۈزۈش ۋە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك چېقىۋېلىشلار چۈشكۈنلۈكنى، ياۋۇزلۇق، ۋەھشىلىكنى تېخىمۇ چوقۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يالغان-ياۋىداق گەپ، تۆھمەت چاپلاپ ئەرز قىلىشلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئۈنۈملىرىگە يەتكەن ئەمەس؛ بارلىق الغان-ياۋىداق گەپ، تۆھمەت چاپلاپ ئەرز قىلىشلار ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

    \

         مەيلى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردە ياكى كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە بولسۇن، مەيلى فاشىزىمچى ئۇنسۇرلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت ياكى ئۆتمۈشتىكى بولشىۋېكلار پارتىيىسى ھوقۇقدارلىقىدىكى دۆلەتلەردە بولسۇن، دۇنيا ھەرقانداق بىر ئىلگىرىلەش ياكى ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئۆز سەۋەبى ياكى ئۆزىدىكى قانۇنىيىتى بولىدۇ، بىز چوقۇم مانا مۇشۇ بىر نۇقتىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك. ئەمما، دەل كىشىلەرنىڭ قارىغۇلارچە ئەگىشىشى ۋە قارىغۇلارچە قارشى تۇرۇشى ــــ بولۇپمۇ قارىغۇلارچە قارشى چىقىشى ــــ توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن كىشى  قەلبىنى ئازابقا سالىدىغان ئۇرۇش ۋە ۋەيران قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەمما ئۆزئارا چۈشىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە كەڭ قورساق بولۇش بۇ توغرا يەرگە سەرپ قىلىنمىغان ئېشىنما زېھنىي كۈچلەرنى ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ.

        بۇ يەردە، مېنىڭ مۇشۇ مەسىلىنىلا تولۇق ئېچىپ چۈشەندۈرۈشۈم  مۇمكىن ئەمەس: مەنچە، مۇنداق بىر ئەقلىيە سۆزنىڭ بىشارىتى ئارقىلىقلا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىمنى تولۇق ئىپادىلىيەلەيدۇ: كىشىلەر دائىم باشقىلاردىكى تولىمۇ كىچىك كەمچىلىكلەرنى كۆزىنى يوغان ئاچقىنىچە كۆرەلەيدۇ، ئەمما ئۆزلىرىدە ساقلىنىۋاتقان تاغدەك كەمچىلىككە كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ، بۇ پەقەت  بىزنىڭ دەۋرىمىز ئۈچۈنلا ئېيتىلغان ھېكمەتلىك سۆز  بولماستىن، ھەرقانداق بىر دەۋرگە ماس كېلىدىغان ھېكمەتتۇر.

        ئەمما، چۈشىنىش بوش بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بولۇپمۇ ئىنسانلاردا چىن كۆڭلىدىن چىققان ئۆز-ئارا چۈشىنىش ئارزۇسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەممە نەرسىلەر خۇنۇكلىشىشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ئېنىق بولمىغان ھالەت ھامان بىر كۈنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھېچكىم ئەتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چۈشكۈنلىشىشكە، ئۆزىنى بولىشىغا قويۇۋېتىشكە باشلىغان خۇددى ئۇلار ياشاۋاتقان ھەر بىر كۈننىڭ ئۆزىلا زامانە ئاخىرىدەك. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، رودېمېنىتلىشىپ كېتىش مۇقەررەر داۋاملىشىدۇ ھەمدە ساقلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

         ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىشىلەر ۋۇجۇدىدىكى قورقۇنچ ۋە خۇنۈك ۋەزىيەت ئاستىدىكى خارابلىشىش پىسخېكىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ ناچار ئاقىۋەت شۇكى: كىشىلەر خىزمەت قىلىشتىن زېرىكىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ خىزمەتتىن زېرىكىشى ئۇرۇش ۋاقتىدى باشلانغان بولۇپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئاخىرىدا كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئۇرۇش دەۋرلىرىدە، كىشىلەر كۆپچىلىككە تونۇش بولغان پاي چېكى ئويناش ۋە ھايانكەشلىك بىلەن بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتەلىگەن، ھەمدە بۇ ھايانكەشلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ تاسادىپىي كېلىپ قالغان بايلىقى بىلەن قالغان ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيمەن دەپ ئويلىغاچقا، ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق ھالدا جاپا بىلەن پۇل تېپىپ ياشاشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇرۇش دەۋرلىرىدە بىخلانغان خىزمەت قىلىشتىن يىرگىنىشتەك ناچار ئادەت تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، مەن يەنە ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلىپ، پۈتۈن نىيىتى بىلەن ھالال ئەمگىكى بىلەن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىمۇ كۆرگەن. ئەمما، مەن مۇشۇنداق كۆڭلىنى خىزمەتكە بەرگەن كىشىلەرنى كۆرگەن بىردىنبىر يەر دەل ھەممە يەرنى ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەر قاپلاپ كەتكەن يەر بولۇپ، بۇيەردە، روھنى ئەكەتكۈچى پەرىشتىلەر ھەر كۈنى ھارۋىلىرىنى لىق توشقۇزۇپ قايتىدۇ.

       ئېسىمدىن پەقەت كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدىغىنى ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى بىر كىچىك كەنت، بۇ كەنتتىكى پۈتۈن ئاھالىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىلا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلەلىگەن، قالغان ئۈچتىن ئىككى قىسم ئاھالىلەر بولسا سىرتلارغا قېچىپ كەتكەن يا بولمىسا قەھەتچىلىكتە ئۆلۈپ كەتكەن. گەرچە، كەنتتىكى چارۋا-ماللارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلۈپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ قەيسەرلىكى يوقاپ كەتمىگەن. گەرچە ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى خۇنۇك بولسىمۇ، لېكىن، بۇ كەنت ئاھالىلىرى كېلەچەككە يەنىلا ئۈمىد  بىلەن قارىغان. «بىزگە ئۇرۇق بېرىڭ» ئۇلار شۇنداق دېدى «بىز ئۇلارنى تۇپراققا تېرىيمىز.» «ھىم،» مەن جاۋابەن دېدىم «سىلەرگە ياردەمدە بولۇپ يەر ئاغدۇرىدىغان چارۋىلارمۇ يوق تۇرسا، سىلەر قانداق قىلارسىلەر؟» «ھېچنىمە بولمايدۇ» ئۇلار دېدى «گەرچە بىزدە يەر ئاغدۇرىدىغان چارۋىلار بولمىسىمۇ، بىز ئۆزىمىز، بالا-چاقا ۋە ئاياللىرىمىز بىلەن يەر ئاغدۇرساق بولىدىغۇ؟!» مەن بۇ سۆزلەرنى قىلچە مۇبالىغىلەشتۈرمىدىم ياكى يوقنى قوشمىدىم، يا بولمىسا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا شەكىلۋازلىق قىلغىنىم ئەمەس ـــــ بۇ كىشىلەردە پەقەت داۋاملىق ياشاشقا ئىنتىلىدىغان ناھايىتىمۇ ئاجىز بىر ئۈمىد-ئارزۇ بار بولغاچقىلا، ئۇلار ھېچقانداق ب ىر ئازاب-ئوقۇبەت، قىيىنچىلىق-كۈلپەتكە باش ئەگمىگەن.

        ئەجەبا، بىز ئۆزىمىز شۇ ئاچارچىلىقنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ باققاندىلا، خىزمەت قىلىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىپ يېتەلەرمىزمۇ؟

         مەن بۇيەردە يەنە گېرمانىيە توغۇرلۇقمۇ توختالغۇم كېلىۋاتىدۇ. مەن شۇنداق ئاڭلىدىم: قانۇندا بېكىتىلگەن خىزمەت ۋاقتى بىراز قىسقا ھەمدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا چەك قويۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، گېرمانىيە ئكزى ئىشلەپچىقارغا كۆمۈر زاپىسى ئۆز دۆلىتىنى تەمىنلەشكە يەتمەي، ئەنگىلىيىدىن ئېمپورت قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. ــــ مەن كىشىلەر ئېيتىپ بەرگەن ھېلىقى سانلارغا ئىشىنىمەن: ھەر ئايدا مېليون توننىلاپ كۆمۈر ئېمپورت قىلىنغان ــــ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كۆمۈرلەرنى ئېمپورت قىلىشتا يە چوقۇم تاشقى پېرېۋورت نەق پۇل تۆلەش كېرەك. ئەمما، مۇبادا گېرمانىيە ئۆز قانۇنىدا بېكىتىلگەن خىزمەت ۋاقتىنى ھەر كۈنىگە ئون سائەت قىلىدىغان بولسا، گېرمانىيە ئۆزىگە تايىنىپلا، دۆلەت ئىچىدىكى كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياقنى قامدىيالىغان بولاتتى، بۇ نۇرغۇنلىغان مىساللار ئىچىدىكى كىچىكلا بىرى، خالاس.

         شىۋېتسارىيىدە، ھەممە ئىشلار توختاپ قېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتماقتا. شۇ يەرنىڭ سانائەت تارماقلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى خەلقئارا بازارلاردا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولالمىغانلىقتىن، ھالاكەت گىردابىغا بارماقتا. مەن يەنە، مۇبادا شىۋىتسارىيىنىڭ ھەر كۈنلۈك قانۇنىي خىزمەت ۋاقتى ئون سائەتكە ئۇزارتىلىدىغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشچىلارغا ئىش ۋاقتى بىلەن ئوڭ تاناسىپتىكى ئىش ھەققى بېرىلىدىغان بولسا ئىشچىلارمۇ يېرىم  كۈن ئىشلەپ يېرىم كۈن ئۆيدە ئىشسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ ئولتۇرغاننىڭ ئورنىغا، تىجارەت ئەھۋالى مالىماتاڭ، نۆۋەتتىكى بىردىنبىر مەقسىتى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشلا بولغان شۇ زاۋۇتلاردىن پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتكە ئېرىشكەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىشچىلارنىڭ مۇشۇنداق ئىرىدىسى بار، ئۇلار شۇ نەچچە سائەت ئارتۇق ئىشلەشنى خالايدۇ؛ ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇلار .ۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۇلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بۇزۇپ قويۇشتىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ. شىۋېتسارىيىنىڭ ۋەزىيىتى مانا مۇشۇنداق.

       ئەمەلىيەتتە، ئىشلارنىڭ بۇنداق پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا پۇل قىممىتىنىڭ مۇقىم بولماي ئۆرلە-پەسىيىپ تۇرغانلىقىنىڭمۇ سەۋەبى بار. مەن شەخسەن، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار دەپ قارايمەن، ھەتتا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭمۇ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا كىشىنى قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلىشى ناتايىن.

         شۈبھىسىزكى، ئاشكارا ئامىللارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاستىدا، تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان ئىچكى ئامىللارمۇ بار. ھېچقانداق بىر كىشى بۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىز: كىشىلەر خىزمەت قىلمىسا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز، ئەمما بۇ دۇنيادا مۇقىم ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت ئازدىن ئاز. بەزىلەر مۇنداق سورىشى مۇمكىن: «ئەگەر ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ بازىرى بولماي قالسا، خىزمەت قىلىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟» ھەقىقەتەن، بازار دائىملا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايدا  بولماي قالىدۇ. ئەمما، كىشىلەر پەقەتلا خىزمەت قىلمىسا، ئۇنداقتا، قانداقلا بولمىسۇن، بازار ئۆزلىگىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. مۇبادا كىشىلەر خىزمەت قىلىشنى خالىمىسا، مۇبادا بازارمۇ ئۇ بولۇشقا تېگىشلىك يەردە بولمىسا، ئۇنداقتا، سېتىۋېلىش كۈچىمۇ قوزغالمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا، كىشىلەر ئۆز قىلغىنىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۇنيادىكى ھەممە رەزىللىكنىڭ مەنبەيى كىشىلەرنىڭ ئەمگەك قىلىشنى خالىمىغانلىقىدا. تېنچلىق ۋە ئىشەنچكە تولغان يەردىلا: ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، باشقىلارغا بولغان ئىشەنچ، كېلەچەككە بولغان ئىشەنچ بولغان يەردىلا ئەستايىدىل خىزمەت قىلغاننىڭ نەتىجىسى بولىدۇ، بولمىسا، بۇ ئەمەەكلەرمۇ نەتىجىسىز بولىدۇ.

        ھازىر، بىز ئاخىرى مەسىلىنىڭ مەركىزىگە باردۇق. ئۇنداقتا، بىزنىڭ تېنچلىققا بولغان ئىشەنچىمىز نەدىن كېلىدۇ؟ بىز شۇ سىياسەتۋازلار ۋە شۇ دېپلوماتلارنىڭ بىزگە تېنچلىق ئىشەنچىسىنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئۈمىد كۈتىمىزمۇ؟ مەن بۇرۇن بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشىمنى بايان قىلىپ بولغان. بەلكىم، ئۇلار بەلكىم بۇنىڭ ئۈچۈن بەزىبىر ئىشلارنىقىلىپ بېرەلىشى مۇمكىن. ئەمما، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، مەن ئۇلاردىن ھېچقانداق چوڭ ئۈمىدنى كۈتمەيلا قالماستىن، بەزى دۆلەتتىكى سىياسەتۋازلارنىڭ ئىقتىدارىغىمۇ چوڭ تەسەۋۋۇرلارنى قىلمايدىغان بولدۇم. مېنىڭ قارىشىمچە، دۇنيا قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدىغان بولسا، بىردىنبىر يول ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىي تىرىشچانلىقى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش يولىدۇر.

    \

        مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، دۇنيا قۇتقۇزۇشقا ئېرىشىدىكەن، بىردىنبىر يول خەلقئارا ئىتتىپاق. ئەگەر  بىز خەلقئارا ئىتتىپاق ئارقىلىقمۇ يېڭى بىر دەۋرنى قۇرۇپ چىقالمايدىغان بولساق، نۆۋەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، مەن دۇنيانى قۇتقۇزۇشقا ئېرىشتۈرەلەيدىغان باشقا ھېچقانداق ئېھتىماللىقنى ئويلاپ تاپالمايمەن. ئەمما، بىز خەلقئارا ئىتتىپاققا شۇنچە زور ئۈمىدنى باغلىشىمىز كېرەكمۇ؟ بۈگۈنگە قەدەر، خەلقئارا ئىتتىپاق دۇنيا تېنچلىقى ۋە ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈش قانداق تۆھپىلەرنى قوشتى؟ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان گۇمانلار ئارقىلىق، بىز مۇنۇلارنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك: خەلقئارا ئىتتىپاق ئۇ بىر يۇمران نوتا. ئۇ گۇماننىڭ شىۋىرغانلىرىغا ئۇچرايدىكەن، شۇ زامانلا ئۆسۈشتىن توختايدۇ. بىز شۇنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەك: بىز بىز پۈتۈن دۆلەتلەرنى ــــ بولۇپمۇ ھېلىغىچە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ سىرتىدا يۈرگەن دۆلەتلەر ـــ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرغىنىمىزدىلا، بۇ ئىتتىپاق ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەممە كۈچىنى كۆرسىتەلەيدۇ. گەرچە خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇلغان كۈنلەرگە بەك ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ ئاللىقاچان بىر يۈرۈش پارلاق ئىستىقبال نۇرلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى قىلدى. قىسقا ۋە ئاكتىپ بولغان ھاياتىدا، خەلقئارا جەمئىيەت توقۇنۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. مۇبادا مۇشۇ مەسىلىلەر ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىنماي ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇلغان بولسا، ئۇنداقتا، ئەڭ ئاخىرىدا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى ئۇرۇش بولمىسىمۇ، پاراكەندىچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىق بولغان بولاتتى.

       شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە ئارىسىدىكى جېدەل-ماجىرا دەل بۇنىڭ مىسالى، گەرچە ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىنىش چارىسى ھەممىلا ئادەمنى رازى قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما، كىشىلەر بۇ قارارنى ئاىىرى قۇبۇل قىلدى ھەمدە بىر قېتىملىق تالاپەتنىڭ ئالدى ئېلىندى.

        يۈگۈسلاۋېيە بىلەن ئالبانىيە ئارىسىدا ئېغىر بولغان چېگرا ماجراسى يۈز بەردى. سېربىيە تەرەپ ئەسكەر تارتىپ ئۆز چېگرىسىدىن ئاتلىدى، ئۇرۇش كۆز بىلەن قاشنىڭ ئارىسىدا قالدى. بەختكە يارىشا بۇ ۋاقىتتا خەلقئارا ئىتتىپاق ئارىغا كىرىپ، تېنچ يول بىلەن بۇ ماجرانى تۈگەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، توقۇنۇشتىكى ئىككىلا تەرەپ خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ كېلىشتۈرۈش لايىھىسىگە قوشۇلۇپ، قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلاندى.

        مەن بۇ يەردە يەنە سىتسىلىيە مەسىلىسىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمەن، چۈنكى بۇ مەسىلە گېرمانىيە بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ تېنچ ئۆتۈۋاتقان ۋەزىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلەلەيدىغان چوڭ قىيىن مەسىلە. بۇ مەسىلىمۇ ھەل قىلىشقا ئېرىشتى. ــــ كىشىلەر يا بۇ مەسىلىنى رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان دەپ ئويلىشى، يا بولمىسا بۇرۇن ئىمزالانغان بۇ «ۋېرسايىل شەرتنامىسى»نىڭ يەنە ئىمزالىنىشى ئەڭ ئاخىرقى ھەمدە بىردىنبىر ئامال دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئەڭ ئاخىرىدا توقۇنۇشقان  ئىككى تەرەپ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان لايىھە مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلاپ قالدى.

         يەنە بىر مىسال لىتۋا بىلەن پولشا ئارىسىدىكى ماجرا مەسىلىسى. بۇ مىساللاردىكى مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ ھەممە يەرنى بىر ئېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەن بۇ يەردە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈشنى خالىمايمەن، چۈنكى شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ خەلقئارا جەمئىيەت بۇلارنى كېلىشتۈرۈش مەقسىدىگە يېتەلمىگەن. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، خەلقئارا جەمئىيەت باشلىغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا جەڭ ئېچىشىنى ئارانلا توسۇپ قالالىغان.

    بەلكىم، كىچىك دۆلەتلەر ئارا بۇنداق توقۇنۇشلاردا ھەركىمنىڭ ئۆز پىكرىدا تۇرۇش ھوقۇقى بار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، چوڭ دۆلەتلەر ئارا مۇشۇنداق پىكىر ئىختىلاپى كېلىپ چىقسا قانداق قىلغۇلۇق ــــ ئۇلار خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ھەكەملەر سوتىغا بويسۇنۇشنى خالامدۇ؟ ھىم!  مېنىڭ سىتسىلىيە مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم مىسالغا ئېلىشىمغا يول قويغايسىلەر! گېرمانىيە ھەرگىزمۇ بىر كىچىك دۆلەتلەردىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان بارلىق چوڭ دۆلەتلەرمۇ كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق ئۆزى بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ماجرانى ھەل قىلىشنى خالىمايدۇ؛ شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق مەسىلىلەرنى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قويۇپ بېرىدۇ. ئەمما، يېقىندىن بۇيان، بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ فىرانسىيە بىلەن بولغان مەسىلىدە دەرىجىدىن چوڭ دۆلەتلەرنىڭمۇ خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ھەكىم سوتىغا بوي سۇنغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.

    1921-يىلى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بىر دانە بۇيرۇق ئېلان قىلدى، بۇ بۇيرۇقتا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۇنىس ۋە ماراكەشتە ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشى چوقۇم ھەربىي مەجبۇرىيەتنى ئۆتىشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، فىرانسىيە قوغداش رايونىدا ياشاۋاتقان ئەنگىلىيىكلەرنىڭمۇ فىرانسىيە ئۈچۈن ھەربىي مەسئۇلىيىتىنى ئۆتىشىگە توغرا كەلدى. بۇ بۇيرۇق ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. شۇنداق تەقدىردىمۇ، فىرانسىيە تەرەپ قەتئىي ھالدا، بۇ دېگەن فىرانسىيىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىسى دەپ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇردى. ئىختىلاپتا تۇرغان ئىككىلا تەرەپ يول قويۇشنى خالىمىغاچقا، ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ماجرا بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقتى. مۇبادا بۇ ماجرا توققۇز يىل بۇرۇن يۈز بېرىپ قالغان بولسا، بىزنىڭ ئارزۇ قىلالايدىغان  بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى ئۇرۇش بولغان بولاتتى. ياكى ئەڭ بولمىغاندا بىرقاتار ئەمگەكچىلەرنىڭ قان-تىرىەە قۇرۇلغان دېپلوماتىيە سۆھبىتى بولغان بولاتتى، خالاس. چۈنكى، ئۇ چاغدا بىنىڭ ھازىرقى ۋاقتىمىزدىكىدەك بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان خەلقئارا تەشكىلاتلار يوق ئىدى. ئەمما ھازىر، بۇنداق مەسىلىلەرنى بىز خەقئارا ئىتتىپاقنىڭ ھەكىم سوتى چىقىرىشىغا تامامەن تاپشۇرۇپ قويالايمىز، شۇنداق قىلىپ فىرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيە ئارسىدىكى بۇنداق جىددىي ۋەزىيەت ئازراق ئوڭشىلىشقا ئېرىشتى.

    پەقەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭلا مۇشۇنداق مۇقىم ھالدىكى خەلقئارا سوتنى تەسىس قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتلا، پۈتۈن دۇنيانى تېنچلىقنىڭ تەرتىپىگە ۋە دۆلەتلەر ئارا ئىشەنچىلەرنىڭ قۇرۇلىشىغا قاراپ چوڭ ۋە مۇھىم بولغان بىر قەدەمنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

    مۇبادا كىشىلەر خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنىغا يەنىلا گۇمانى نەزەردە بولىدىغان بولسا، بىز ئالدىنقى قېتىم ئەنگىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنى تەقلىد قىلىپ كۆرۈپ باقساقمۇ بولىدۇ. 1386 نەپەر پارلامېنت نامزاتلىرى ئىچىدىن، پەقەت ئۈچ كىشىلا ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاققا قارشىتۇرغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېيتالىدى، ئىككى-ئۈچ كىشىنىڭ بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھەممە نامزاتلارنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاققا ئىشەنچىسى بار ئىكەن.

    ئەمما، مېنىڭ قارىشىمچە، خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئېرىشكەن ئەڭ زور ھەمدە پۈتۈن ياۋروپا ئۈچۈن چىن، تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئىستىقبال مەزىلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن نەتىجىسى جەنۋەدىكى چوڭ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان ئاشۇ تەدبىرلىرى. شۇ قېتىمقى چوڭ يىغىندا، خەلقئارا ئىتتىپاق يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئاۋىستىرالىيىگە مۇئەييەن سوممىدىكى خەلقئارا قەرز سوممىسى بېرىشكە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئاۋستىرالىيىنى داۋاملىق ياشاپ كېتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە ئاۋىستىرالىيىنى ئىقتىسادىي يىمىرىلىش گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەن ئەھمىيىتى بار،ئۇ ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىدە ئىشەنچكە تولغان يېڭى بىر يۈزلىنىشنى بولغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلاپ بەردى.

    مەن شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمەن: مۇنادا گېرمانىيە مەسىلىسى خەلقئارا ئىتتىپاققا تاپشۇرۇپ بېرىلمەيدىغان بولسا، گېرمانىيە بىلەن باشقا رەقىبلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مۇرەككەپ ئىختىلاپ بۈگۈنمۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز ئوڭشالمايدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى قېتىملىق جەنۋە چوڭ يىغىنى ھەربىي قوشۇن ۋە فىلوتلارغا قارىتا تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ۋە قىسمى ھالدا تۇنجى ئوپېراتسىيە تىغىنى تەككۈزدى. خەلقئارا ئىتتىپاق پائالىيىتىدىكى ئەڭ نەتىجىلىك بولغان باشقا ساھەلەر ئىچىدە، مەن بۇ يەردە پەقەت تولىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان بىر ئىسىمنى تىلغا ئالماقچىمەن، ئۇ بولسىمۇ روبېرت. لورد ئۇنۋانى. بولۇپمۇ بىز قىسمەن قوراللىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە، بىز چوقۇم شۇنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىشىمىز كېرەككى، ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرمۇ مۇنداق بىر ئەمەلىيەتتتىن كېلىدۇ: بۈگۈنگە قەدەر، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مۇھىم ھەربىي ئىشلار دۆلەتلىرى تېخىچە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئەزاسى ئەمەس.

    ئەمما، ئەمەلىيەتتە، ھەربىي قوشۇن ۋە فېلوتلارنى قىسمەن بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكەتلەردىنمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، قانداق ق ىلغاندا ھېسداشلىق ئارقىلىق ھەربىي قوشۇننى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىسىيىنىڭ روھىنىي كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش. مەن بۇ يەردە كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرماقچى، نۆۋەتتە يولغا قويۇلغان بىر قاتار خىزمەتلەردە خەلقئارا ئىتتىپاق ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

    ئەمما، بۇ يەردە مېنىڭ ئالدى بىلەن چوقۇم تىلغا ئېلىشىم كېرەك بولغىنى، خۇۋېر كەنتى (ئەخلەت دۆۋىلىرى ئارىسىدىكى قالايمىقان سېلىنغان ئۆيلەر) يەنى مۇشۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ئۈستىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ پارلاق دەۋرلىرى ئامېرىكا ئۈستىگە ئالغان مۈشكۈل ۋەزىپىدۇر. بۇ ۋەزىپە ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بېلگىيە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن باشلانغان. ئۇ چاغدا، مىڭلاپ ھېسابتىكى بېلگىيىلىكلەر، چوڭلار ۋە بالىلار، ئامېرىكىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، قۇتقۇشۇش پىلانى كېڭىيىپ ئوتتۇرا ياۋروپاغىمۇ باردى. ئامېرىكىدىن كەلگەن قىممەتلىك قۇتقۇزۇش ئوتتۇرا ياۋروپادىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان سەبىيلەر ئۈچۈن ئۈمىد نۇرى ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى روسىيىگىچە ئىلگىرى سۈردى، ئامېىكىنىڭ بۇ ئۇرۇش دەۋرلىرىدە قىلغان بۇ خىزمەتلىرى تارىخى بەتلىرىگە يېزىپ كىرگۈزۈلگىنىدە، ئۇ پەخىرلىك ھېسىياتتا ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئابىدە ئورنىنى ئالدى، بۇ ھەرىكەتنىڭ مېھىر-مۇھەببەتلىك روھىي ئۇزۇن زۇلمەتلىك كېچىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا ئوخشاش، نۇر چېچىپ چاقنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ۋە يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش تەشكىلى قاتارلىق خەلقئارا ئورگانالر ئارقىلىق، ئامېرىكا بالقان يېرىم ئارىلى، ئاسىيا مىنوردا، ھازىر يەنە گىرىتسىيەدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىز يەنە ياۋروپادىكى بەزى تەشكىلاتلارنى ئۇنتۇپ قالساقمۇ بولمايدۇ، بۇلاردا مېنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىدىغىنىم خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمىيىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تارماق جەمئىيىتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز دۆلىتىمنىڭمۇ قىزىل كىرىست جەمئىيىتى بار، ئەلۋەتتە، بۇ جەمئىيەتلەر ئۇرۇش ۋاقتىدا ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنمۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

    خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىنلا،ئۇ دەل مۇشۇ خىلدىكى ساخاۋەتلىك ئىشلارنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە بولسا، ئۇرۇش توختاپ ئىككى يىلغىچىمۇ باشقا دۆلەتلەردە سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان ــــ ئاساسلىقى سىبىرىيە، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپالاردا ــــ نەچچە مىڭلىغان ئەسىرلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قۇيتۇرۇۋېتىش ئىشى. بۇ تېما نوبېل كوممېتىتىنىڭ يىغىنىدا تىلغا ئېلىنىپ بولغان بولغاچقا، مەن  بۇ يەردە ئارتۇق سۆزلەپ يۈرۈشنى توغرا تاپمىدىم. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم پەقەت، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەل مۇشۇنداق تىرىشچانلىقى بولغاچقىلا، 500 مىڭغا يېقىن ئەسىرلەر ئۆز يۇرتىغا قايتالىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپ ساندىكىلىرى ئىجادىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالىدى.

    يۇقىرىقى ھەرىكەتلەرنىڭ خۇش خەۋىرىدىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت يەنە دەرھاللا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر بىلەن بولغان كۈرەشكە چۈشۈپ كەتتى. ئوتتۇرا ياۋروپادىن كەلگەن شۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەچكە، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىگە تارقىلىپ كېتىش خەۋپى بولدى. شۇڭلاشقا، خەلقئارا جەمئىيەت تىرىشىپ يۇقۇملىنىشنىڭ پورتىگالىيە، روسىيە چېگرىلىرى ۋە روسىيە دۆلەت ئىچىدە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە كىرىشىپ كەتتى. كارامەت، قالتىس بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كوممېتىتىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، خەلقئارا ئىتتىپاق تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسىيالىدى ھەمدە نامراتچىلىق ۋە خارابىچىلىق ئىچىدىن نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ ئالالىدى.

    ئۆزلىرى تەسىس قىلغان بىر ئالاھىدە تەشكىل ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەت ياۋروپادا سەرگەردان بولۇۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرلارنى تۇرمۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

    مېنىڭ يەنە بىر تەكىتلەيدىغىنىم، خەلقئارا جەمئىيەت نۆۋەتتە ئاچارچىلىق كۈلپىتىنى تارتىۋاتقان ئاسىيا مىنورلۇقلار ۋە گىرىتسىيىلىكلەرنى ياردەم  بىلەن تەمىنلەشنى قوللىماقتا. مەن شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەنكى، بۇ خىزمەت پۈتۈنلەي تۇتۇلمىدى، ئەمما، ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، يۇقىرىدا ئېيتىلىپ ئۆتۈلگەن رايونلاردىكى گۇمرانلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئەھۋالى ياۋروپادىكى ھەرقانداق بىر جاينىڭكىدىن ئېغىر. مۇبادا مۇشۇندا تەھدىتلەردىن ساقلانغىلى ياكى بىر ئاز بولسىمۇ يېنىكلەتكىلى  بولغان  بولسا، مۇبادا بۇ خىل تەھدىتنىڭ قەبىھلىك بىلەن ئېشىشىنى ئۈنۈملۈك توسىيالىغان بولساق، ئۇنداقتا، ياۋروپا جەمئىيىتىدە بىر زەھەرلىك ئۆسمە يوقالغان  بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەلگۈسىدىكى دۆلەتلەر يۈزلىنىدىغان پاراكەندىچىلىك، قوزغىلاڭ ۋە پارچىلىنىشلار يۇقىرى دەرىجىدە كېمەيگەن بولاتتى.

    گەرچە مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ خىلدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن بولساممۇ، ئەمما، مەن بۇيەردە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتۈشنى خالىدىم. ئون مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان دادىسىنىڭ ياكى بالىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان ئائىلىلەرنى قۇتقۇزۇش، كۈلپەتتە قالغان شۇ كىشىلەرگە ياردەم قىلىش قاتارلىق ئىش-پائالىيەتلەر خەلقنىڭ كۆڭلىدە تەشەككۈر ھېسسىياتلىرىنى قوزغىدى ھەمدە مۇشۇ ياردەمگە، ك ۆيۈنۈشكە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە باشقىلارغا ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ قايتىدىن بىخ سۈرۈپ، ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى خىزمەت شارائىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى. ـــ مەن ئىشىنىمەن، تېنچلىق ئىشلىرىغا نىسبەتەن، بۇ بارلىق ئىشلار ياۋايى نىيىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىدىن يۇقىرىراق ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى ئاشۇ سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىر قىلىش دائىرىسى شۇ دېپلوماتلار ۋە سىياسىيونلاردىن تەركىپ تاپقان گۇرۇھتىن ھالقىپ كېتىشى ئازدىن-ئاز.

    ئاخىرىدا، مەن روسىيە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتەي. خەلقئارا ئىتتىپاق روسىيىگە ياردەم قولىنى سۇنالمىدى، بۇ مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. چۈنكى، مەن ئىختىيارسىز مۇنداق ئويلاپ قالىمەن: خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى يۈكسەك شۆھرىتىگە ئاساسلانغاندا، مۇبادا خەلقئارا ئىتتىپاق روسىيىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا ئۈلگۈرەلىگەن بولسا، روسىيىنىڭ ۋەزىيىتىدە چوقۇم بىر بۇرۇلۇش بولغان بولاتتى. ئۇنداق بولغاندا، ھازىرغا قەدەر، ياۋروپا بىلەن روسىيىنىڭ ھالىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان بولاتتى. ئەلۋەتتە، چوڭ ياخشىلىنىشلار يۈز بەرگەن بولاتتى.

    مەن خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ روسىيىگە ياردەم قىلالمىغانلىق مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ توختىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت بىر نۇقتىنى كۈچەيتىپ ئۆتمەكچى. ھەقىقىي قىيىنبولغىنى ھەرگىزمۇ بىز ئاشلىقلارغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئاشلىقلارنى ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغانلارغا بېرىشتە ئەمەس، ئىش ھەرگىز بۇنداق ئاددى ئەمەس. شۇ چاغدا، دۇنيادىكى ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق زاپىسى پۈتۈن دۇنيا ئىستىمالىغا تامامەن يېتەتتى. ئوخشاشلا، شۇ ۋاقىتتا يەنە تىرانسپورت قوراللىرىمۇ بۇ ئاشلىقلارنى شۇ ئاشلىققا جىددىي ئېھتىياجلىق يەرلەرگە ئاپىرىشقىمۇ تامامەن يېتەتتى. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇ ئاشلىقلارنى قايسى پۇلغا سېتىۋېلىش ھەمدە شۇ ئاشلىقلارنى توشۇيدىغانلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش مەسىلىسىدىلا قالدى. ــــ تا بۈگۈنگە قەدەر، بۇ خىل مەسىلىلەر ئازراقمۇ ھەل قىلىشقا ئېرىشمىدى.

    ياۋروپا ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا ئىتتىپاققا 10 مىليون فوندسىتېرلىڭ قەرز بېرىپ تۇرۇشقا ئۇنىمىدى. ئەمما، مۇبادا روسىيىدىكى نەچچە مىليونلىغان ئاممىنى ئاچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى خالىساق، مۇبادا روسىيىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ روسىيىدىكى تىراگىدىيە بولۇپ قالماي، ئۇنىڭ ياۋروپا كىشىلىرىنىڭمۇ تىراگىدىيىسى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى خالىساق، ئۇنداقتا بۇنچىلىك پۇل ئەلۋەتتە زۆرۈر بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا خەلقئارا ئىتتىپاق بۇ پۇللارنى شەخسىي ئىئانىلەردىن كۈتتى ھەمدە خەير-ساخاۋەت نامى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى  بارلىق  كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلدى.

    مۇراجىئەتنىڭ نەتىجىسى بىزنى تاڭ قالدۇردى. پۇل ۋە ماددى ئەشيا ئىئانە قىلىش پەقەت بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلكۈن سۈيىدەك ئېقىپ كېلىشكە باشلىدى. گەرچە بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە بىزنىڭ ئىئانە يىغىش پىلانىمىزغا قارشى چىقىدىغان كىشىلەر كام بولمىسىمۇ، ئەمما، پەقەت بىزنىڭ مۇشۇ كىچىككىنە دۆلىتىمىزدىنلا تاپشۇرۇپ ئالغان ئىئانىمىز تولىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەن نورۋىگىيە پارلامېنتىغا، نورۋىگىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇش كوممېتىتىنىڭ قوشقان كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلىرىگە سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. مۇبادا ئاشۇ قۇدرەتلىك دۆلەتلەر، بىزنىڭ دۆلىتىمىز چىقارىلىغان ئىئانىنىڭ نىسبىتىچىلىك ئىئانە ياردىمىنىقوشالىغانبولسا، روسىيىدىكى ئاچارچىلىق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاللىبۇرۇنلا تارىخ بولۇپ كەتكەن بولاتتى.

    مەن بۇيەردە چوقۇم ياۋروپانىڭ سىرتىدىكى بايانىتى بىلەن شۆھرەت تاپقان بىر مىسالنى تىلغا ئالىمەن. ئامېرىكا خەلقى يەنە بىر قېتىم باشقا ئايرىم دۆلەتلەر ئاھالىسى قوشقان تۆھپىدىنمۇ كۆپرەك تۆھپە تەقسىم قىلدى، بۇ ئىئانىلەر دەسلىپىدە خۇۋېر پىرىزدېنتنىڭ تەشكىللىشى  بىلەن، كېيىنچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئارقىلىق يېتىپ كەلدى ـــ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەمئىي 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ روسىيە ئاچارچىلىقىغا تاقابىل تۇردى، بۇ ئىئانىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا: روسىيە ھۆكۈمىتى بۇ 20 مىليون ئىئانىنىڭ يېرىمىنى يەنى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى چوقۇم ئۇرۇق سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەك. شۇ قېتىمقى ئاچارچىلىقتا ئومۇمىي ھېسابلىغاندا، ئامېرىكا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 50 مىليوندىن 60 مىليونغىچە ئامېرىكا دوللىرى  بىلەن روسىيىنىڭ ئاچارچىلىققا قارشىتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەچچە مىليون كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

    ئەمما، نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەر يەنىلا ئۆزىنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خالىمايدىغاندۇ؟ سىلەر ئۇلاردىن سوراپ باقساڭلار بولىدۇ! بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىق شۇكى: ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مۇددىئاسى پەقەت ئۆزىنىڭ سىياسىي يامان غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. بەلكى بىزنىڭ ھەقىقىي ياخشىلىققا بولغان ــــ گەرچە بىزنىڭ رەقىبىزنىڭ قەلبىدە بولسىمۇ، بۇنداق ھەقىقىي، چىن بولغان ياخشىلىق پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتمىگەن ــــ ئېتىقادىمىز يەنىلا ساقلىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن. ياكى بىز، ئاقكۆڭۈلللۈكنىڭ رەزىللىك ئۈستىدىن غەلبە قىلالايدىغانلىقىغا يەنىلا ئىشىنىپ كېلىۋاتقانلىقىمىز سەۋەبىدىن، بۇنداق ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خالىمايدىغان شەخسىيەتچى كىشىلەر تەرىپىدىن رومانتىزىمچىلار، ئاجىزلار، دۆت-ئەخمەقلەر، ھېسسىيات بىلەن ئىشقىلغۇچىلار، غايىۋىزىمچىلار دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بولىشىمىز  مۇمكىن. بەلكىم بىز راستىلا شۇلار دېگەندەك كاللىمىز ئاددى بولىشىمىزمۇ مۇمكىن. ئەمما، مەنچە بىز ھېلىمۇ ياخشى ئۇلارغا ئوخشاش خەتەرلىك ئۇنسۇرلاردىن ئەمەسمىز. ئەمما، پەردە ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ سىياسىي سۈيقەستلىرىنى ھازىرلاۋاتقان شۇ كىشىلەر، بىزگە ئازاب-ئۇقۇبەت ئېلىپ كېلىشتىن باشقا، نەچچە مىليون كىشىلەرنىڭ شۇلارنىڭ سىياسىي غەرىزى تۈپەيلىدىن ئاچارچىلىققا قېلىپ، ئەزرائىل ئالدىدا ئازابلىق ھالدا تولغۇنىشتىن باشقا، ئىنسانىيەتكە ھېچنىمە قالدۇرالمايدۇ ـــ ئۇلار ياۋروپا ئۈچۈن بىر كىرزىس.

    روسىيە ھەرگىزمۇ بىردىنبىر بۇ يېڭى ئاچارچىلىقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان دۆلەت ئەمەس. پۈتۈن ياۋروپانىڭ ۋەزىيىتى قارىماققا يەنىلا شۇنداق خۇنۈك. ھېچكىم بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. نامراتلىق مانا مۇشۇنداق كۈچلۈك، خۇددى بېسىپ ئۆتكىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ۋەزىيەت  بولسا كىشى كۆڭلىنى شۇنچە مىسكىنلەشتۈرىدۇ، ئەزەلدىن باي دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان روسىيىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى كىشىنى ئۈمىدسىزلىك ھاڭىغا ئىتتەرەەن يەردە باشقا دۆلەتلەردىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. گەرچە، ھەممە ئەتراپتىن سېخىيلەرچە كەلگەن ئىئانىلەر بولسىمۇ، ھېلىھەم بەخىتسىزلىك ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، بۇ ئىئانىلەر ھېچنىمىگە دال بولالمايدۇ.

    ھەر بىر ئادەم بۇ خىل خىزمەتكە كىرىپ كېلىشى كېرەك، بىچ وقۇم كۆيۈپ تۇرغان م ەشئەللىرىمىزنى كۆتۈرىشىمىز ھەمدە ھەر بىر چوققىلاردا نۇرلۇق ئوت ئۇچقۇنلىرىنى ياندۇرىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم ھەممە دۆلەتلەردە ئۆز بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىمۇ مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ، ھەرگىزمۇ ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئىتتىپاقىنى تۈزمەي، بەلكى يېپيېڭى بىر دەۋر قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ سەمىمىي تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

    روژېستىۋا  بايرىمى كېلىش ھارپىسىدا، ئىنسانىيەتنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلغان خۇش خەۋىرى: دۇنيا تېنچلىقى بولغاي.

    كۈلپەتلەرگە ۋە تېڭىرقاشلارغا ئۇچرىغان ئىنسانىيەت تېنچلىق بوۋىقىنىڭ تۇغۇلىشىغا ھەمدە بۇ تېنچلىق شاھزادىسىنىڭ قولىدا نۇر چاقناپ تۇرىدىغان: ئەمگەك، دېگەن خەت بېسىلغان ئاق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك تەشنا بولۇپ باققان ئەمەس.

    تېنچلىق شاھزادىسىنىڭ دەۋىتى ئاستىدا،  بىز ھەربىرىمىز چىن دىلىمىزدىن ئەمگەك قىلغۇچىلارغا ئايلىنىمىز ھەمدە ئۇنىڭ زەپەر قۇچقان مۇراسىمىغا قوشۇلۇپ، يەرشارىنى ھالقىپ تۇرۇپ، پۈتۈنلەي يېپيېڭى بولغان مەنىۋىيەتلىككە، يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويىمىز. ــــ بۇ خىل دەۋر ۋە روھ كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيۈشكە ھەمدە تېنچلىققا سەمىمىي بولغان ئىنتىلىشكە چاقىرىدۇ ــــ بۇ خىل دەۋر ۋە روھ  كىشىلەرنى ئۆز رازىلىقى  بىلەن ئەمگەك قىلىشقا ھەمدە شۇ ئەمگەكتىن خۇشاللىق تېپىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ــــ بۇ خىل دەۋر ۋە روھ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە  بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

    \

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.