كۈنىگە بىر ئەقىل (خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچىدىن)

يوللىغۇچى : enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-18 22:15:29

لېۋ تولىستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل » كىتابى ھەققىدە ( خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچىدىن) «كۈنىگە بىر ئەقىل» دۇنيا تارىخىدىكى بۈيۈك ئەدىپ لېۋتولستوينىڭ ياشىنىپ قېرىلىق يەتكەن يىللاردا يازغان بۈيۈك...

    لېۋ تولىستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل » كىتابى ھەققىدە
      ( خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچىدىن)

       «كۈنىگە بىر ئەقىل» دۇنيا تارىخىدىكى بۈيۈك ئەدىپ لېۋ تولستوينىڭ ياشىنىپ قېرىلىق يەتكەن يىللاردا يازغان بۈيۈك ئەسىرى، ئۇنىڭ ئاخىرقى ھاياتىدا بىر مەزگىل يېنىدىن ئايرىمىغان زۆرۈر ئوقۇشلۇق، ئۇنىڭ قارىشىچە بولغاندا، ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان بىردىن-بىر تۆھپىسىدۇر. ئۇنىڭدا، «ئەخلاقىي ئۆزلۈكنى تاكامۇللاشتۇرۇش » ۋە «رەزىللىككە زورلۇق كۈچى بىلەن قارشى تۇرماسلىق» ئىدىيىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. تولستوي ئاقساقالنىڭ ئېتىقادىغا قارىشى ئوخشىمايدىغان ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىغا قوشۇلمىسا كارايىتى چاغلىق ئىش، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىن سەزگۈچى پەيغەمبەرلەردەك بۈيۈكلۈكىنى ئىنكار قىلىشىمىزغا بولمايدۇ.
    ئۇ، ئەينى جەمئىيەتتىكى گۇناھىغا توۋا قىلغان ئاقسۆڭەك بولۇپ، دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىكىنى قاتتىق سۆكۈپ، خورلانغان ۋە زىيانكەشلىك قىلىنغان يوقسۇللارغا ھېسداشلىق قىلغان. ئۇ، «ئەخلاقىي ئۆزلۈكنى تاكامۇللاشتۇرۇش» غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېخلىدوفتەك ئۆرنەكلەرنى كۆرسىتىش بىلەنلا قالماي، ئۆز روھىنى دادىل ئوپېراتسىيە قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىكى ئالىقاناتلىقىغا قاتتىق تۆۋە قىلىدۇ، ئوۋ-شىكارلاردىن قول ئۈزۈپ، ئاددىي-ساددا كىيىنىپ، گۆشسىز تاماقلىنىپ، يانچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەكتەپ ئېچىپ بېرىدۇ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئۆز قولى بىلەن قىلىپ، ئاخىرى ياشىنىپ 82 ياشقا بارغاندا بولسىمۇ مەنىۋى تىرىلىش تاپىدۇ. ئۇ، كەلگۈسى غايىۋى جەمئىيەتنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسىدۇر، بۇ مەنىۋى مەنزىلگە ئادەتتىكى ئادەملەر يېتىپ بېرىشتىن يىراق.
    «رەزىللىككە زورلۇق كۈچى بىلەن قارشى تۇرماسلىق» تەشەببۇسى، ئىنسان تەبىئىتى (ماھىيىتى)گە ئىشىنىشتىن ئىبارەت ئابستراكت ئۇقۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ۋىجدانلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئاساس قىلغان؛ زورلۇق كۈچى بىلەن سىياسىي ھوقۇققا ئېرىشىدىغان ۋە قوغدايدىغان قاتلامنىڭ نەزىرىدە، ئۇنىڭدا سىياسىي جەھەتتىكى ساددىلىق ئېنىق ئاشكارىلانغان. ئالىيجاناب كىشى تېگى پەسلەرنى تەربىيىلىمىسە، ئەسكى ئادەم ياخشى ئادەم بولۇپ يېتىلمەيدۇ. بۇ جەھەتتە، رومېن روللان دەل جايىغا تەگكۈزۈپ شۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «ئىنقىلاب ۋە ئۇرۇش مالىمانچىلىقى جەريانىدا، ئىنسانلاردا راستتىنلا تاش يۈرەكلىك پەيدا بولغان، «قورال كۈچىسىز قارشىلىق كۆرسىتىش» بولغان تەقدىردىمۇ ياكى دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كەلگەن پەيتتىمۇ، ھەتتا نەچچە ئەۋلاد خەلقنىڭ قۇربان بېرىش بەدىلىگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، بۇ قۇربان بېرىش غەلىبە ئۈچۈن تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەلدۇر». تولستوي سىياسىئون ئەمەس، بەلكى پەلەكتىن زارلىنىپ خەلقنىڭ غېمىنى يېگەن ئەخلاقشۇناستۇر.
       تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل»ىدە، كۆپ قېتىم لاۋزىنىڭ «ئەخلاق كالامى» ئالدىنقى شەرت قىلىنغان، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تولستوي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئېلىمىزنىڭ ئۆلىماسى لاۋزىغا ئىخلاس قىلغان. 1884-يىلى «ئەخلاق كالامى»نى فرانسۇزچىدىن رۇسچىغا ئاغدۇرغان، ھەمدە 1909-يىلى رۇسچە نەشر قىلىنغان «جۇڭگو ئۆلىماسى لاۋزى سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە، مۇنداق دېگەن: «ئۇ ‹لاۋزى› كىشىلەرنى جىسمانىي تۇرمۇشتىن روھىي تۇرمۇشقا ئۆتۈشكە تەلىم بەرگەن»، «بۇ بىر ئىدىيە ‹يوھان ئىنجىلى›نىڭ بىرىنچى پارسىدە يېزىلغان خرىستىئان دىنى ئەقىدىلىرىنىڭ ئاساسىي ئىديىسىگە يېقىن بولۇپلا قالماي، بەلكى تامامەن بىردەكتۇر. لاۋزى تەلىمىچە، ئادەم بىلەن خۇدانى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىن-بىر يول تەرىقەتتۇر. ھالبۇكى، تەرىقەتكە شەخسنىڭ بارچە جىسمانىيىتىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ». تولستوي «كۈنىگە بىر ئەقىل»ىدە، تەندىن ۋاز كېچىپ، روھ ئۈچۈن ياشاشنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالىدۇ، ھەتتا نەپسىنى يىغىپ پەرھىز تۇتۇش ۋە يالغۇز ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مانا بۇ ماددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى قوغلىشىپ ياشاشتەك تۇرمۇش قارىشىنى  ئوڭشايمەن دەپ چەكتىن ئاشۇرۋېتىشتۇر، شۇنداقلا بۇ ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك غايىۋىلىكتۇر .
    «كۈنىگە بىر ئەقىل» بىزگە تولستوينىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تولۇق ئېچىپ بېرىدۇ. بۈگۈنكى كىشىلىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان بەزى تەشەببۇسلار بەكلا ناتونۇش. تاۋارلاشقان ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ، كىشىلەر قەلبىگە بولغان زىيىنىنى ئەكسىگە قايتۇرۇپ بولمايدۇ: تولستوي ئاقساقال جىسمانىي يېقىدىن ئاۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشقان، بۈگۈنكىلەر بولسا ئاقسۆڭەكلىشىشنى جېنىنىڭ بارىچە قوغلىشىدۇ؛ تولستوي ئاقساقال گۆشسىز ئاددىي-ساددا ئوزۇقلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۈگۈنكى كىشىلىرمىز تېخىچە يىرتقۇچ ھايۋاندەك ئاچكۆزلارچە ياشايدۇ، ئۇچرىغانلىكى نەرسىدىن يېمەيدىغىنى يوق، بىر نەچچە يىل ئاۋۋال بىزدە كۆرۈلگەن «سارس» كېسەللىكى مانا شۇ قىلمىشىمىزنىڭ قىساسىدۇر؛ تولستوي ئاقساقال ئاجىز-مىسكىنلەرگە ھېسداشلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۈگۈنكى باي خوجايىنلار ئاجىز-مىسكىنلەرنى تېخىچە شۈلۈپ يۈرىشىدۇ، گېپىمگە ئىشەنمىسىڭىز، ھەر يىلى دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە قاراپ بېقىڭ؛ تولستوي ئاقساقال «بەختنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر شەرتى، مېھنەتتۇر» دەيدۇ، بۈگۈنكى كۈنلۈكتىكى ئېلانلار ۋە يالتىراق ئېكرانلار بىكار تەلەپلەرنى باي، ئەيش-ئىشرەتنى يوللۇق دەپ جار سېلىشىدۇ. شەخسىي پايدا مەدەنىيىتى، ئۆز-ئۆزىدىن مەست بولۇپ كېتىش تىپىدىكى جەمئىيەتكە نىسبەتەن تولستوي ئاقساقالنىڭ ئىدىيىسى زادىلا سىغىشالمايدۇ. ئاقىلنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نادان نە بىلسۇن، بىز تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل»ىدە تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلارنى ياخشى كۆرمىسەك مەيلى، ئەمما ئۆزىمىز چۈشىنىپ يېتەلمىگىنىمىز ئۈچۈن ئۇ ئەقىل-پاراسەتلەرگە كۆز يۇمساق بولمايدۇ.
       تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل»ىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئوقۇش، ھەر كۈنى ئوقۇش بۇلغانغان قەلبىڭىزنى پاكلايدۇ، ئۇ كىشىگە بۇرۇنقى پېتى ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي كۈيلەرنى ئەسلىتىدۇ. تولستوي ئاقساقالنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىشىم ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بولۇپ، ئوقۇغىنىم تولستوي ئاقساقالنىڭ ئاددىي ئاۋام پەرزەنتلىرى ئۈچۈن يازغان بىر ئوقۇشلۇق كىتابى ئىدى، ئۇنىڭدىكى ئۆرنەكلىك بىر ھېكايىدە، بىر كىچىك بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ بوۋا-مومىلىرىغا ياغاچ تاۋاقتا ئاش ئۇسۇپ بەرگىنىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ كەلگۈسىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇشى ئۈچۈن ياغاچ تاۋاق ياساشنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەنلىكى سۆزلىنەتتى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە، «ئاننا كارېنىنا» رومانىنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇغانلىرىم بەكلا ئۇنتۇلغۇسىز ئىش ئىدى: ئاشۇ تولا ئوقۇلىۋېرىپ مۇقاۋىسىمۇ ئاجراپ كەتكەن قىممەتلىك كىتاب دوستلىرىم ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ، ماڭا بىر كۈندىلا ئوقۇپ تۈگىتىۋېلىشىمغا ئارىيەت بېرىپ تۇرۇلغانىدى. مانا ئەمدىلىكتە تولستوي ئاقساقالنىڭ بۇ ھېكمەت-ئۈزۈندىلىرىنى تەرجىمە قىلىش ماڭا نېسىپ بولدى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، «ئەۋلىيانىڭ كۈيىنى ئاڭلاپ دىلىم يورۇپ» ھاياتىم مېھرىبانلىققا تولدى. بۇنى مەزكۇر كىتابنىڭ سۆز بېشى دېيىش مۇمكىن. قالدىسىنى ئوقۇرمەن ئۆزى كۆرۈپ ھىس قىلغاي...

     

    شياۋ يۈ
    2007-يىلى 7-ئاي، بېيجىڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.