ھازىرقى بالىلار كارامەت (02)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-24 02:01:17

ئامېرىكىنى بىنا قىلغانمىمار قەدىرلىك ساۋاقدىشىم زەينەپ: خېتىڭنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ساڭا سالامەتلىك تىلەيمەن. راستىنلا ئەنقەرەدىكى مەكتەپكە بېرىپلا بىزنى ئۇنتۇدى، دەپ ئويلىغانى...

     

    ئامېرىكىنى بىنا قىلغان مىمار
     
    قەدىرلىك ساۋاقدىشىم زەينەپ:
     
    خېتىڭنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ساڭا سالامەتلىك تىلەيمەن. راستىنلا ئەنقەرەدىكى مەكتەپكە بېرىپلا بىزنى ئۇنتۇدى، دەپ ئويلىغانىدىم. خېتىڭنى سىنىپتىكى پۈتۈن ساۋاقداشلارغا ئوقۇپ بەردىم، ھەممىسى خۇشال بولۇشتى ۋە ساڭا سالام يوللاشتى.
     
    مەنمۇ بەرگەن ۋەدەمدە تۇرۇپ، بۇ يەردىكى مۇھىم ۋەقەلەرنى ساڭا يېزىپ تۇرىمەن. سەن بۇ يەردىن كېتىپ بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش بولدى، بۇ خېتىمدە شۇنى يازماقچىمەن.
     
    بىر كۈنى ئەتىگەندە مۇئەللىمىمىز مەكتەپكە مۇپەتتىشلەر كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى، بىز تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتۇق.
     
    ئۇكۈنى مۇپەتتىشلەرنىڭ بۇ يەرگە يېقىن باشقا مەكتەپلەرگىمۇ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇق. ئۇ مەكتەپلەردىكى ساۋاقداشلىرىمىزدىن مۇپەتتىشلەرنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇپەتتىشلەر كىرگەنلىكى سىنىپتا ئوقۇتقۇچىغا: "بىر ھېساب سوئالى يازغۇزۇڭ-دە، ئۇنى ئوقۇغۇچىلىرىڭىز ئىشلىسۇن" دەپتۇ، كېيىن يەنە ئوقۇغۇچىلارغا بىر شېئىر يازغۇزۇشنى ئېيتىپتۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە ئوقۇغۇچىدىن ئوخشاش سوئال سوراپتۇ. سورىغان سوئاللىرى مۇنداق ئىكەن: "ئامېرىكا قايسى يىلى تېپىلغان؟"، "سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشى كىم؟"، "ئىستانبۇلنى كىم ئازاد قىلغان؟"، "سۇلايمانىيە مەسچىتىنى كىم بىنا قىلغان؟"
     
    مۇئەللىمىمىز بىرگە يېڭى دەپتەر ئالدۇرۇپ، دوسكىغا ناھايىتى تەس بىر ھېساب سوئالى بىلەن جاۋابىنى يازغاندىن كېيىن:
    - بۇنى دەپتىرىڭلارغا ئەينى بويىچە كۆچۈرىۋېلىڭلار!-دېدى.
     
    ھېسابنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن شۇ دەپتىرىمىزگە شېئىرنىمۇ يازدۇق. كېين مۇئەللىمىمىز دەپتەرلىرىمىزگە قاراپ چىقىپ، توغرا يازغان- يازمىغانلىقىمىزنى تەكشۈردى ۋە خاتا يېزىلغانلارنى تۈزەتتى، ئاندىن بىزگە:
    - بالىلار، مۇپەتتىش سىنىپىمىزغا كىرسە، مەن سىلەرگە مۇشۇ ھېساب بىلەن شېئىرنى يازغۇزىمەن جۇمۇ... - دەپ بولۇپ، ئارقىدىن يەنە،- ئەمدى بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى تېپىڭلار، مۇپەتتىش بىرىڭلارنى تۇرغۇزۇپ سورىسا، ئاپتوماتتەك تېز جاۋاب بېرىڭلار،- دېدى.
     
    ئاندىن بىزگە سوئاللار بىلەن جاۋابلىرىنى يادلاتتى.
    - ئامېرىكا قايسى يىلى تېپىلغان؟
    ھەممىمىز بىر ئېغىزدىن ۋارقىراشتۇق:
    - 1492-يىلى.
    دۇنيادا ھەممىدىن كىمنى ياخشى كۆرىسىز؟
    بۇ سوئالغا ھەر كىم باشقىچە جاۋاب بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن،سىنىپتا ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتىرىلدى. بەزىلىرىمىز: "ئاتا تۈركنى" دېسەك، بەزىلىرىمىز: "ئانامنى" ياكى "دادامنى" دەپ ۋارقىرايتتۇق.
    ئاندىن ئوقۇتقۇچىمىز ئۈچىنچى سوئالنى سورىدى:
    - ئىستانبۇلنى كىم ئازاد قىلغان؟
    غاچچىدە جاۋاب قايتۇردۇق:
    - پاتىخ سۇلتان مەھمەت.
    - سۇلايمانىيە مەسچىتىنى كىم بىنا قىلغان؟
    مۇئەللىمىمىز سوئالنى ئاياغلاشتۇرمايلا، يادلىۋالغان جاۋابنى ھەممەيلەن بىردەك ۋارقىرىدۇق:
    - مىمار سىنان...
     
    ئىككى كۈن پۈتۈنلەي مۇشۇ سوئاللار بىلەن جاۋابلارنى يادلىدۇق. مۇئەللىمىمىز پات-پات: "ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار-ھە!" دەپ تۇراتتى.
     
    مەن ئىچىمدە جاۋابلارنى بىر-بىرىنىڭ كەينىگە تىزىۋالغانىدىم: "1492، دادام، پاتىخ سۇلتان مەھمەت، مىمار سىنان، 1492، دادام، پاتىخ سۇلتان مەھمەت، مىمار سىنان، 1492، دادام ..."
     
    شۇنداق ئادەتلىنىپ كەتتىمكى، قەيەردە بولسام، ئىختىيارسىز ھالدا ئىچىمدە بۇ جاۋابلارنى ئۆز تەرتىپى بويىچە يادلاپ تۇراتتىم.
     
    بىر كۈنى ئەتىگەندە، دادام:
    بىر يېرىڭ ئاغرىمدۇ نېمە؟- دەپ سورىدى.
    - ياق،- دېدىم.
    - كېچىچە "1492، دادام، پاتىخ سۇلتان مەھمەت، مىمار سىنان ..." دەپ جۆيلۈپ چىقتىڭ. قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن تېخى.
     
    ئۇ كۈنى بىرىنچى سائەت دەرستە مۇپەتتىش سىنىپىمىزغا كىردى. خەۋىرىڭ بار، مەن بىر ئىشلارغا ئانچە جىددىيلىشىپ كەتمەيتتىم، لېكىن ئۇ كۈنى نېمىشقىدۇر ئىنتايىن جىددىيلىشىپ تىترەپ كەتتىم. ئېھتىمال، مۇئەللىمنىڭ جىددىيلىشىشى ماڭا يۇققان بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ تىتىرەۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم.
    - ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بىر شېئىر يازغۇزۇڭ،- دېدى مۇپەتتىش.
    بۇنىڭ بىلەن مۇئەللىمىمىز بىزگە:
    - يېزىڭلار!- دېدى.
     
    ئۇ ئۆتكەندە دەپتەرلىرىمىزگە يازغۇزغان شېئىرنى ئوقۇشقا باشلىدى. شېئىر ئالدىنئالا دەپتىرىمىزگە يېزىقلىق ئىدى. ساۋاقداشلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇنى يازماستىن، قوللىرىنى يېزىۋاتقاندەك ھەرىكەتلەندۈرەتتى.
     
    مۇئەللىم شېئىرنى ئوقۇپ تاماملىدى. مۇپەتتىش دەپتەرلىرىمىزگە تەكرار-تەكرار قاراپ، ھېچقايسىمىزنىڭكىدىن ئىملا خاتالىقى تاپالمىدى. ئاندىن مۇئەللىمىمىزگە:
    - سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى ناھايىتى ياخشى ئوقۇتۇپسىز...- دېدى.
     
    سول يېنىمدا ئولتۇرغان چىنگىز دەپتىرىگە قارىمىغانىدى.
    - دەپتىرىڭىزنى كۆرۈپ باقاي،- دېدى مۇپەتتىش.
    چىنگىر دەپتىرىنى ئۇزاتتى.
    - بۇ نېمە؟
    - شېئىر.
    مۇپەتتىش" "بۇ قانداق شېئىر؟" دەپ ۋارقىرىغاندا، مەن ئۇنىڭ دەپتىرىگە كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قارىدىم.  چىنگىز جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن خاتالىشىپ، شېئىر يېزىقلىق بەتنى ئاچتىم دەپ، ئالدىنئالا ھېساب سوئالىنى يېزىۋالغان بەتنى ئېچىۋاپتىكەن.
     
    چىنگىز شېئىر يېزىۋالغان يەنە بىر بەتنى ئاچقىلى ئاز قالغانىدى، مۇپەتتىشنىڭ كەينىدە تۇرغان مۇئەللىم قولى، كۆزى بىلەن شەرەتلەرنى قىلغاندا، چىنگىز ئەھۋالنى چۈشىنىپ:
    - شېئىرنى يازالمىدىم...- دېدى.
    مۇئەللىم يەنە قولى بىلەن چىنگىزنى شەرەت قىلىۋاتقاندا، مۇپەتتىش بىردىن كەينىگە بۇرۇلۇپ:
    - ئەمدى بىر ھېساب سوئالى يازغۇزۇڭ، ئىشلەپ باقسۇن،- دېدى.
    مۇئەللىمنىڭ يۈزى پەرەڭدەك قىزىرىپ كەتتى.
     
    بىز مۇپەتتىشنى ئاۋۋال ھېساب ئىشلىتىدۇ، ئاندى شېئىر يازغۇزىدۇ، دەپ ئويلىغان ھەم شۇنداق دەپ ئاڭلىغانىدۇق. بىراق، مۇپەتتىش سوئال تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەچكە، چىنگىز ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالغانىدى.
     
    چىنگىزنىڭ دەپتىرى مۇپەتتىشنىڭ قولىدا ئىدى. شۇڭا، مۇئەللىم بۇرۇنقىدىن باشقا بىر ھېساب سوئالى يازغۇزدى. مېنىڭ ھېسابتىن دائىم يز نومۇر ئالىدىغانلىقىمنى بىلىسەن. بۇ قېتىم شۇنداق ھودۇقتۇقكى، ھېسابنى مەنمۇ ئىشلىيەلمىدىم. دەپتەرلىرىمىزنى كۆرگەن مۇپەتتىشنىڭ تەرى تۈرۈلۈپ كەتتى. مۇئەللىمىمىز ئىنتايىن خىجالەت بولدى. ئىچىمدە" "ئىھ، جاۋاب بېرىۋەتسەم..." دەيتتىم. مەن مۇئەللىمىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلماقچىدىم. ئىچىمدە يەنە: "1492، دادام، پاتىخ سۇلتان مەھمەت، مىمار سىنان..." دەپ يادلايتتىم.
    گويا كۆڭلۈمدىن كەچكەنلەرنى ئاڭلاپ قالغاندەك، مۇپەتتىش ماڭا قاراپ:
    - سەن تۇر!- دېدى.
    خۇشاللىقتا سەكرەپ تۇردۇم. كېيىن ماڭا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئېىتىشىغا قارىغاندا، مۇپەتتىش مەندىن:
    - قانچە ياشقا كىردىڭ؟- دەپ سوراپتىكەن، مەن جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىمدىن، سوئالنى ئاڭلىمايلا، ئامېرىكىنىڭ تېپىلىشىنى سوراۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ:
    - 1492 ... دەپ ۋارقىراپتىمەن.
    ھاڭ-تاڭلىقتا كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن مۇپەتتىش:
    - قانچە ياشقا كىردىڭ دېدىم؟ دەپ قايتۇرۇپ سورىدى. مەنمۇ توغرا جاۋاب بەردىم دەپ ئويلاپ:
    - 1492 ...- دەپ تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدىم.
     
    مۇپەتتىشنىڭ سوئاللارنىڭ تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى زادى ئويلىماپتىكەنمەن.
    مۇپەتتىش:
    - ئىستانبۇلنى كىم ئازاد قىلغان؟- دەپ سوراپتىكەن، مەن يادلىۋالغان جاۋاب تەرتىپى بويىچە:
    - دادام...- دەپتىمەن.
    مۇپەتتىش پۇتىنى يەرگە ئۇرۇپ ۋارقىرىدى:
    - ئىستانبۇلنى كىم ئازاد قىلغان دەپ سوراۋاتىمەن.
    - دادام.
    - سېنىڭ داداڭ كىم؟
    - مىمار سىنان.
    - ئاغزىڭدىن چىقىۋاتقانلارنى ئاڭلىمايۋاتامسەن، ئوغلۇم. داداڭنى سورىسام، مىمار سىنان دەۋاتىسەنغۇ...
    مانا شۇ چاغدىلا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ قويغانلىقىمنى چۈشەندىم، مۇپەتتىشنىڭ ۋارقىرىشىدىن شۇنداق قورقۇپ كەتكەنىدىمكى، ئېسىمنى يىغىۋالالماي قالدىم.
    - ئەمىسە مىمار سىنان نىمە ئىش قىلغان؟
    ئەمدى پۈتۈنلەي ئۆزۈمنى يوقاتقانىدىم. شۇ ھاڭ-تاڭلىقتا:
    - ئىستانبۇلنى ئازاد قىلغان،- دەپ ۋارقىرىدىم.
    - كىم؟
    خاتا سۆزلەپ قويغانلىقىمنى تۈزىتىش ئۈچۈن:
    - مىمار سۇلايمان...- دېدىم.
    - ئۇنداق بولسا، سۇلايمانىيە مەسچىتىنى كىم بىنا قىلغان؟
    - سۇلتان سىنان پاتىخ...
     
    سۆزلەرنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىقىمنى سېزەتتىم، لېكىن ھازىر ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمايتتىم.
     
    مۇپەتتىش شۇنچىلىك غەزەپلىنىپ كەتتىكى، ئاچچىقىمدا ئۇمۇ ئەقلىدىن ئېزىپ:
    ئوغلۇم،- دېدى،- ئامېرىكىنى بىنا قىلغان مىمار سۇلتان مەھمەت، سۇلايمانىيە مەسچىتىنى تاپقان پاتىخ سىنان بولىدۇ.
    بالىلار ئۆزلىرىنى تۇتالماي خىرىلداپ كۈلۈشكە باشلىغاندا، مۇپەتتىش ئۆزىنىڭ خاتا سۆزلەپ قويغانلىقىنى چۈشىنىپ، خاتالىقىنى تۈزەتمەكچى بولدى:
    - يەنى سىنانىيە مەسچىتىنى مىمار سۇلايمان بىنا قىلغان، پاتىخنى مىمار سۇلتان مەھمەد ئازاد قىلغان دېمەكچىمەن...
    ئۇ يەنە خاتا سۆزلىگىنىنى ئۇقۇپ:
    - مېنىمۇ ئازدۇرۇۋەتتىڭ-دە، بالام!- دېدى.
    مۇپەتتىش غەزەپ بىلەن بېشىنى سىلكىپ، ئىشىكنى "تاققىدە" يېپىپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.
     
    سىنىپنىڭ ئىچى جىمجىت بولۇپ كەتكەنىدى. بىر ھازادىن كېيىن مۇئەللىمىمىز:
    - لەنەت!- دېدى.
    بۇ سۆزنى ماڭىمۇ، مۇپەتتىشكىمۇ ياكى ئۆزىگىمۇ، كىمگە دېگەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم.
    بۇ ۋەقەنىڭ مېنى قانداق بىئارام قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، ھەر بىر ئېسىمگە كەلگەندە خىجالەت بولىمەن.
     
    ۋەدەڭ بويىچە سەنمۇ ماڭا ئۇ يەردە بولۇپ ئۆتكەنلەرنى يازغىن جۇمۇ؟ خەتلىرىڭنى كۈتىمەن. مەنمۇ ساڭا مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن، ساۋاقدىشىم.
     
     
    ساۋاقدىشىڭ: ئەخمەت تارباي
    1963-يىلى 15-نويابىر، ئىستانبۇل

     

    مۇندەرىجىگە قايتىش

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.