چالا تەككەن ئوق(ئابدۇللا تالىپ) -تارىخىي رومان - 2-باپ

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-15 01:46:28

ئابدۇللا تالىپنىڭ چال تەگكەن ئوق ناملىق رومانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى       ئىككىنچى باپ   يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ سىرى دەھشەتلىك تارىخىي تىراگېدىيە «ئالتۇن يېغىلىغى» غا بېرىپ تاقىلاتتى. بۇ تىراگېدىيە بو...


    ئابدۇللا تالىپنىڭ چال تەگكەن ئوق ناملىق رومانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى

     

     

     

    ئىككىنچى باپ

     

    يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ سىرى دەھشەتلىك تارىخىي تىراگېدىيە «ئالتۇن يېغىلىغى» غا بېرىپ تاقىلاتتى. بۇ تىراگېدىيە بولسا 1942 – يىلى ئىيۇندا يۈز بەرگەن ئىدى.

     

    تۈمەن دەرياسى بويىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىكتە بىنا بولغان ئەزىزانە قەشقەر ھېساپسىز تارىخىي قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، پامىر ئېتىگىدە يەنىلا مەردانە قەد كۆتۈرۈپ تۈرماقتا ۋە يەنىلا پۈتۈنتارىم ئويمانلىقىنىڭ مەنىۋى مەشئىلى بولۇشتەك پارلاق ۋە ئۇلۇغۋار شۆھرىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى.ھەر يىلى پەسىللەرنىڭ مۇناسىپ مەۋسۈمىدە بۈك – باراقسان تاللار ۋە تۈرلۈك شېرىن مېۋىزار باغۇ –بوستانلار بىلەن ئاجايىپ رەڭدار كىيىنگەن بۇ مۇقەددەس دىيارنىڭ گۈزەل مەنزىرسى ئىختىيارسىز ھالداھەر بىر كۆز ۋە كۆڭۈلنىڭ زەۋقىنى جەلپ قىلاتتى.بۈگۈن ئىيۇننىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى چوڭ بازار بولىدىغان پەيشەنبە كۈنى. زۇمرەتتەك سۈزۈك ئاسمانخۇددى ئىسىل ئەينەكتەك يالتىرايتتى. شەھەرنىڭ قايناق مەركىزىدىكى ھېيىتكار مۇھىتىغا نۇر سېپىپ تۇرغان قۇياشنىڭ جىلۋىسى ئارات رەستە – كوچىلاردا سىماپتەك ۋىلىلداپ جۇلا قىلاتتى.شەھەرگە ئەتراپلاردىن تۈرلۈك – تۈمەن مېۋىلەرنى چوڭ – كىچىك سىۋەتلەرگە قاچىلاپ ئېلىپكىرگەن ئىشچان ۋە پاراسەتلىك باغۋەن – دېھقانلارنىڭ پەيزىلىك توۋلاشلىرى ھەم شېرىن مېۋە –چىۋىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى كىشىنىڭ كۆڭلىنى ھوزۇرلاندۇراتتى.ھېيتكارنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر مەدىنى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتىياتىر كۈلۈبى ئالدىدىكى ئازادە كەڭ مەيدانغا قاتارمۇ – قاتار قويۇلغان كاۋاپدانلار ھەم تۆتتەرەپتىكى ئاشخانا ۋە ناۋايخانىلاردىن تارقىلىۋاتقان تاتلىق تاماقلارنىڭ مېزىلىك پۇراقلىرىمۇ ئىشتىھا ئەلنەغمىلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچاتتى.مەيدانىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە توپلىشىپ تۇرغان بېشىغا گىجىم رومال، تور رومال ۋە داكىلارنى ئارتىۋالغان سۇچۇك سۆزلۈك قىز – چوكانلارنىڭ باش، قول ۋە قولتۇقلىرىدىكى رەڭگارەڭ چىرايلىق دوپپىلاركۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ، كۆڭۈللەرنى كۆيدۈرەتتى.قوللىرىدا زىخچا ئالتۇن ۋە تىللالارنى جىرىڭلىتىپ، ئۆتكەن –كەچكەنلەرگە كۆز – كۆز قىلىپ يۈرۈشكەن بىر مۇنچە مەككار سەرراپلار ھېدىيىپ ۋە ھېجىيىپ، تاپان توزاقلىرىغا جاي ۋە جان كۆزلەپ باراتتى. زەرگەر ئۇستىلار كۆزلىرىگە غۇۋالاشقان ئەينەك تاقىۋېلىپ، رەستىنىڭ پىنھان يەرلىرىدە ھە دەپ ئىشلەپ، ھاجەتمەنلەرنىڭ بۇيرۇتمىلىرىنى قولىدىن چىقىرىشقا ئالدىرىماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا توپلىشىۋالغان جۇۋانلارنىڭ بەزىلىرى بىزەكلەرنىڭ سەرخىلىنى تاللاش بىلەن بەنت بولاتتى. يەنە بەزىلىرى بولسا قولىدىكى بىزەكلىرىنىڭ جىڭ – جالىغىنى ئېنىقلىتىش ئۈچۈن زەرگەرلەرگە تەكلىپ تەۋەززۇرلارقىلاتتى .ئەجەپكى، ئۇلارنىڭ قاتارىدىكى ئورۇق، سەل دۈمچەكرەك كەلگەن بىر ئۇستام بىر كىشى كۆرسەتكەن ئالتۇن ساپاقنىڭ ساپ ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بېرىش بىلەن، بۇ خالىسانە خىزمىتى ئۈچۈن ئەتىگەندىلا ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىگە تەڭ قىسلىق تېپىۋالدى. بۇ، بىر توي تەرەددۇتنىڭ مېلى ئىدى. يىگىت تەرەپنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلگەن سېمىز جۇۋان گىجىمرومىلىنىڭ تۆشۈگىدىن زەرگەر ئۇستامغا ھۆمىيىپ بىر ئالايدى – دە، زەردىسى بىلەن تېگىش قىلغىلى باشلىدى :-ئۇستام،

    -نېمە دەپ يۈرىدىلا، كۆزلىرىگە تور باغلاپ قالدىمۇ، نىمە؟ لىللا گەپ قىلغۇلۇق ئەمەسمۇ؟

    -ئادىل سۆز قىلمىسىلا ئاخىرەتكە نېمە دەپ بارىلا؟ مۇشۇنداق جىڭ ئالتۇننى جا دېيىشكە نېمە ھەدىللىرى؟

    زەرگەرنىڭ غۇژژىدە كەيپى ئۆرلىدى – دە، سېمىز جۇۋانغا كۆزەينىگنىڭ تېگىدىن تازا بىر ئالىيىپ

    قارىۋېتىپ :

    -خېنىم،

    نېمە ئەتىگەندە ماڭا بۇنچە قاۋاپ بېرىدىلا، مەن سىلىنى دۇكىنىمغا چىللاپ كەلدىممۇ؟ سىلى ئاخىرەتنى بىلسىلە خەقنىڭ بۆكىگە جىگدە سالماقچى مىدىلە، دېدى.

    زەرگەر قارىماققا 6 0 لاردىن ئاشقان دىلى نازۇك، سەپرا مىجەز كىشى ئىدى. «باپكا قېرىسا بۆزدىن، زەرگەر قېرىسا كۆز دىن »دېگەندەك، ئۇنىڭ ئىككىلا كۆزى ئۆمچۈك تور باغلاپ قويغاندەك بىر ئاز خىرە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ پات -پاتلا» كۆزۈم تورلىشىپ بولالمايۋاتىمەن« دەپ زارلىنىپ يۈرەتتى. سېمىز جۇۋاننىڭ «كۆزلىرىگە تور باغلاپ قالدىمۇ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇستامنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ، مىجەزى چېچىلىپ كەتكەن ئىدى. زەرگەرنىڭ كۆسى بېسىلماي ھېلىقى جۇۋانغا يەنە تېگىش قىلىپ : خېنىم« لايدىن ياسىغان خام كوزا، سۇغا چۈشسە ساق چىقالمايدذ» ئەمەسمۇ؟ ناباپ مال بىلەن نائىنسابلىق ئەمەسمۇ؟ ياكى «قىزىڭنى ئالغىچە قىرىڭدىن ئۆتەي، ئېلىۋېلىپ جېنىڭدىن ئۆتەي » قىلماقچىمۇ، يە؟..... دېدى.

    بۇ يەردە قىز تەرەپنىڭ ۋەكىلىمۇ ھازىر ئىدى. ئىگىز بويلۇق ئۇ جۇۋان زەرگەرگە قۇشۇمچە قىلىپ :

    -ئۇستام راست ئېيتىدۇ، نېمە ئانچىۋالا كۆپۈپ كەتكۈلۈك؟ كۆڭلىمىز توغرا بولسا، ئالتۇن جابدۇقسىزمۇ ئىش ئەپلىشىۋېرىدذ. ئانىمىز بىزنى ئالتۇن ئۈستىگە تۇغمىغان

    «ياغاچ قازاندا ئاش بىر قېتىملا پىشىدۇ» دېد ى.

    گەپنىڭ مېغىزىنى دىسىلە خېنىم، زەرگەر قىز تەرەپ ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە ماز بولۇپ « توي دېگەن ئۆمۈر سودىسى» دېگەننى قوشۇپ قويدى. تاپا – تەنىلەرنى ئاڭلىغان سېمىز جۇۋان خۇددى گېلىگە سۆثةك قادالغاندەكلا غىققىدە بولۇپ قالد ى.

    كېيىن ئۆزىچە ھار ئېلىپ، قورسىقى ئېسىلدى – دە، يەنە باشقىدىن ۋالاقلىغىلى تۇردى :

    ، ۋاي، جېنىمەي، ماڭا نېمىتى؟ بېرىپلا يىگىتنىڭ ئانىسىغا ئېيتىمەن – دە «بوي يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق» ئىكەن، دەيمەن ۋەسسالام. شۇنىڭ بىلەن توينى بۇزۇپ تاشلايمەن. «توينىڭ ئەلچىسى بولغىچە، باينىڭ غالچىسى بول» دېگەننى ئۇقماپتىمەن. «

    -چاپسان بارسىلا خېنىم، زەللىلىرى سوۋۇپ قالمىسۇن. بۇنداق دوقلىرىغا پەرۋايىم پەلەك. قىزىمىز ئۆزىگە ئۆزى ئالتۇن.

    سېمىز جۇۋان دوق قىلىپ، پىشىنى قاققان پېتى دۇكاندىن چىقىپ كەتتى. زەرگەر ئۇستام بىر كۈلۈپ، بىر تېرىكىپ:

    -توۋا بۇ جۇۋان «ئۆزۈم يالغانچى ئەمەس، يارىغىم يالغانچى»، دېسىلا ئىش پۈتمەسمىدى،دېدى – دە، يەنە ئىشىنى قىلىۋەردى.

    چۈش مەھەل ۋاقتى. شەھەرنىڭ كوچىلىرى ئادەم قاينىمىغا ئايلىنىپ، بازار تېخىمۇ قىزىماقتا ئىدى.

    سۈپ – سۈزۈك ئاسماندا توپ – توپ كەپتەرلەر ئەركىن پەرۋاز قىلىشماقتا. بەزى كوچىلاردا بالىلار

    ئىككى تەرەپ بولۇشۇپ، خوراز سوقۇشتۇرۇپ يۈرۈشەتتى. تۈمەن دەرياسى بويىدىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر

    مەشىق مەيدانىغا يېقىن كەڭ تۈزدە بىر توپ ئادەملەر ھەدەپ ئىت تالاشتۇرۇش بىلەن مەسخۇش ئىدى.

    بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاللىقانداق نادانلار ئىتنىڭ كەينىگە كىرىپ، گاھىدا تالىشىپ، بىر دەمدىلا ئېغىز-بۇرۇنلىرى قانغا مىلىنىپ كېتىشەتتى. كۈن قىيامىدىن قايرىلغان مەھەلىدە ھېىيتكاردىكى مىغ – مىغ ئادەملەر توساتتىنلا ئاسمانغا قاراشقىلى باشلىدى.بىر جۈپ لاچىن قاياقتىندۇر غةزەپ بىلەن ئېتىلىپ كەلگەن پېتى ئىگىزدە پەرۋاز قىلىۋاتقان ھېلىقى كەپتەرلەرنى ئارىغا ئېلىۋالدى – دە، قېچىشقا ئۇرۇنغانلىرىنى سوقۇپ، بىر – بىرلەپ تېرە – پىرەن قىلاتتى. دەل شۇ چاغدا ھېيتكار پەشتىقىنىڭ ئۈستىدىكى يېڭى ئاي مەشئىلى بىكىتىلگەن مۇناردا بىخارامان سايراۋاتقان بىر جۈپ كاككۇكمۇ ئاسماندا يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن چۆچۈپ ھۈركىگەن پېتى نەزەرباغ تەرەپكە بەدەر قاچتى.

    مۇشۇ پەيىتتە، بىر توپ ئادەملەر چوڭ خانىقا ئالدىغا چاپلانغان بىر چوڭ ئېلا ننى ئوقۇماقتا ئىدى.

    قىستا – قىستاڭ ئىچىدە ئېلانغا يېقىن بارالمىغانلار بىر – بىرىدىن تەقەززالىقتا سورايتتى :

    ئوقۇيالىدىڭىزمۇ،

    نېمە گەپكەن؟

    ئوقۇغانلار ئېيتىپ بىرەتتى :

    ياشلارنى ئالتايغا ئالتۇن كولاشقا-« باي بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئېلانى... « ئىكەن.

    -قاسساپ جان قايغۇسىدا، ئۆچكە جان قايغۇسىدا دېگەن شۇ دە ! – دەيتتى كىشىلەر، ئاستا پىچىرلىشىپ.

    ئادەملەر جىددى ساراسىمىگە چۈشمەكتە ئىدى.

    شۇ ئەسنادا ئۇيغۇر ئۇيۇشما تەرەپتىن ئىگىز بويلۇق جارچى كارنىيى يىرتىلغىدەك ۋارقىراپ، ھېيتكار مەيدانىغا كىرىپ كەلمەكتە ئىدى :

    ئالتايدا تولا ئالتۇن،

    بارساڭ بىلىسەن باللا ؛

    ئالتۇنغا تويۇپ كۆزۈڭ،

    باي بوپ كېلىسەن باللا.

    غةم – دەرتتىن خالاس بولۇپ،

    ئويناپ كۈلىسەن باللا.

    يول يىراق دىمە ھەرگىز،

    راھەت كۆرىسەن باللا.

    مەيلىڭ بولسا ئالتۇنغا،

    نىمىشكە تۇرىسەن باللا.

    بارمىساڭ قىلى پ پۇشايمان،

    ھەسرەت چېكىسەن باللا...

    «ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق» جارچىنىڭ ئويناۋاتقان سىرلىق كومېدىيىسى ئىنتايىن يوشۇرۇن ۋە رەزىل پىلان يېتەكچىلىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى كۇلۇبىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىگىز ۋە ھەيۋەتلىك پەشتىغىدا بىر ھەربى ۋە بىر ساقچى ئوفىتسىر ھېيتكار مەيدانىغا قاراپ تەكەببۇرانە قىياپەتتە غادىيىپ تۇراتتى. مانا شۇ ئىككى ئوفىتسىر بۈگۈندىن باشلانغان «ئالتۇن تىراگېدىيسى» نىڭ «ماھىر» رېژىسسورلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى ئىگىز بويلۇق، شوينا بەل ئادەم بولۇپ، يىڭجاڭلىق ھەربى ئۇنۋانىغا ئىگە ئىدى. ئىككىنچىسى غوللۇق، دوغىلاقراق بولۇپ، ساقچىنىڭ شۈڭگىنى ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھېيتكار مەيدانىدىكى ئادەملەر خۇددى بۆرىدىن ھۈركىگەن قويدەك تەرەپ – تەرەپكە پېتىراپ كېتىشكە باشلىدى. شۇندىن كېيىن كوچا ئېغىزلىرىدا قوراللىق بىر نىمىلەر پەيدا بولدى – دە، جېجاڭ، گەيجاڭلارنىڭ ئارىلاشما زوراۋانلىقلىرى بىلەن ياشلارنى تۇتۇش ئىشى باشلاندى. ئۇلار ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان مەخسۇس گازارمىلارغا ئېلىپ بېرىلىپ، نەزەر بەنت قىلىناتتى. ھازىر ھېيتكاردا يۈز بېرىۋاتقان بۇ تىرورلۇق تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەممە شەھەر – يېزىلاردا بىردەك داۋام قىلماقتا. بالا – قازانىڭ قازىنى كەمبەغةل بىچارىلەرنىڭ بېشىدا قاينىماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ نالە – زار، ئاھۇ پەريادى پەلەك پەيمانلىرىنى زىلزىگە كەلتۈرۈپ باراتتى. بەگلەر بىلەن باي غوجاملار بولسا، ئۆز پەرزەنتلىرىنى بۇ ئىشقا يېقىن يولاتمىغاننىڭ ئۈستىگە كەمبەغةللەرنىڭ بالىلىرىنى تۇتۇپ بېرىشتە ئەڭ ئەشەددى قەللاپ (ئادەم سودىگىرى) سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن ئولجا – ئۈنۈملەرگە ئىگە بولماقتا ئىدى. بالا قازا « باينىڭ يېنىغا كېلەر، كەمبەغةلنىڭ جېنىغا» دىگەن ئەھۋاللار ئەمەلدە ئىسپاتلانماقتا ئىدى.

    بىر يىگىت ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي زبەردەسىت دەسسەپ ھېيتكارغا كېلىپ توختىدى – دە، ئەتراپقا نەزەر تاشلاشقا باشلىدى.

    ئۇزۇن ئۆتمەي يىگىتنىڭ يېنىغا ئاق ساقال بىر بوۋاي پايدا بولۇپ، غةمخورلۇق ئاھاڭىدا :

    ، بالام بۇ يەردە تۇرما، تېزرەك كېتىۋال « ھۆپۆپ دۆڭگە چىقسا قۇش يەر، يىتىم دۆڭگە چىقسا مۇشت» دەيدىغان گەپ بىكار ئەمەس، ھازىر خەتەرلىك، ساڭا بىر پالاكەتچىلىك چاپلاشمىسۇن.

    -رەھمەت ئاتا، دېدى يىگىت، بوۋايغا مۇلايىم تەلەپپۇز بىلەن – راست، ھازىر خەتەرلىك، ئاسمان چوغ، زىمىن قوغ بولماقتا. جىنايەتكار ئالتۇن مېنىڭ بەختىمگىمۇ ئىبلىس قولىنى سوزماقتا، شۇڭا ئالتۇن كولاشقا ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بارىمە ن، « يە بايدىن چىقارمەن، يە سايرامدىن »

    يىگىت بىلەن بوۋاينىڭ سۆزى تېخى ئۈزۈلمىگەن پەيىتتە، توساتتىن بىر قىزنىڭ يىگىتنى چاقىرغان يېقىملىق ئاۋازى ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزدى :

    ئىر پان ئاكا ...

    يىگىت دەرھال قىز تەرەپكە قارىدى . 12 ياشلار چامىسىدىكى ئوماققىنە قىز كىچىككىنا بىر پارچە خەتنى ئىرپانغا سۇنۇپ تۇرۇپ :

    ئەتىگەن سىزنى ئىزلەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى، بۇ خەتنى ئاچام ئەۋەتتى. خوش، ئەمىسە مەن كەتتىم ... ، دېدى.

    قىز ناھايىتى ئىلدام ماڭدى. ئۇ كېلىشى بىلەن بوۋاي ئىرپان بىلەن خەيرلىشىپ كېتىپ قالغان ئىدى.

    ئىرپان تەقەززالىق بىلەن خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى :

    ...»باشپانايىم ئىرپان، سىز ھەرگىزمۇ كېتىپ قالماڭ، ھەر نېمە كۆرسەك تەڭ كۆرەيلى، سىز بولمىسىڭىز بۇ جاھان ماڭا بولىدۇ زىندان «...

    خەتنى ئوقۇغان ئىرپاننىڭ پىشانىسىدىن تەر مونچاقلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇددى قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك، بىر ھازا جىمىپ كەتتى، ئۇنى خېلىدىن بۇيان يىتىملىك -يوقسىزلىق بىلەن ئىشقى ئازابى قىينىماقتا ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ « يە جاندىن كەچ ياكى جاناندىن » دېگەن رەھىمسىز سىناق گىرۋىكىدە بېشى قېيىپ تېڭىرقىماقتا ئىدى. ماقۇل، دېدى ئۇ، ئاخىرى قەتئىي قارارغا كېلىپ، چولپاننىڭ رايىغا باقاي. ئىرپان ئۆزىنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىيالىغىدەك پىچىرلاپ، ئاشۇ سۆزنى دېدى – دە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، يارباغ كوچىسى تەرەپكە كەتتى.

     

     داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.