خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (13- گومىنداڭنىڭ كادىرى)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 10:07:34

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە) نۇرمۇھەممەت تو

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
     نۇرمۇھەممەت توختى


    13- گومىنداڭنىڭ كادىرى

     

       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم 30 ياشقا تولغان كۈنلەردە، شېڭ شىسەينىڭ ئىلغارلىق نىقابى يىرتىلىپ، ئىلغار دەپ قارالغان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، قالاق دەپ قارالغان گومىنداڭ بىلەن بىرلەشتى. «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» «ئۈچ مەسلەك»كە ئالماشتى. جياڭ جيېشى شېڭ شىسەينى ئېلىپ كېتىپ، ئورنىغا ۋۇ جۇڭشۈننى ئەۋەتتى. تالايلار كەتتى، تالايلار كەلدى، كەتمىگەن ۋە يېڭىدىن كەلمىگەن كىشى پەقەتلا يۈ شۇنچىڭ مۇھەممەت بېگىم ئىدى. شېڭ شىسەينىڭ ئورنىغا كەلگەن گومىنداڭ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنى «ئويتوغراق» ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقلىقىدىن ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى يەنىلا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە تەرجىمان قىلىپ ئىشلەتتى. تەرجىمان دېگىنىمۇ كادىر ئىدى. شۇنداق قىلىپ شېڭ شىسەينىڭ دەۋرىدە خىزمەتكە قاتناشقان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم ئەمدى گومىنداڭ فىرقىسى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرى بولۇپ قالدى. ئۇ چاغلاردىكى كېرىيەدە جاڭ گىڭيۈي، لى ۋىنلې، چىن لىجۇڭ، شۈي لېسۇڭ، ئىسمايىلخان، سۈي كۇن دېگەن كىشىلەر ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىم ئىدى. ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتىلگەن «دەۋرانى» تەخەللۇسلۇق ياش شائىر ئىمىن تۇرسۇنمۇ مۇئاۋىن ھاكىم ئىدى. ئون نەچچە يىل بۇرۇن كېرىيە دىيارىدا توپىلاڭ چىقارغان، كېيىن ما خۇسەن كېرىيەلىكلەردىن يىغىۋالغان 1000 سەر ئالتۇن سەۋەبىدىن كېرىيەلىكلەرگە 500 سەر ئالتۇنغا قەرزدار بولۇپ قالغان سوپى بەگمۇ گومىنداڭ كەلگەندىن كېيىن خېلىلا جانلىنىپ قالغانىدى. ئۇ ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىملارغا خۇشامەت قىلىپ يۈرۈپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىدى. ما خۇسەن دەۋرىدىن كېيىن كېرىيە خەلقى تارتىۋالغان يەر-زېمىنلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلىپ چىقتى، ئىشقىلىپ، قول تىقمىغان يېرى قالمىدى. شۇ ۋەجدىن بولسا كېرەك، ئۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئارخىپلىرىدا «مىنگونىڭ 34-يىلى كېرىيەگە بىر يىل ھاكىم بولغان» دەپ خاتىرىلىنىپ قالدى.
       بىزنىڭ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم كېرىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە ئاشۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىملار تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلاتتى. بىرىنىڭ سۆزىنى يەنە بىرىگە تەرجىمە قىلىپ بېرەتتى. ئۇ چاغلاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كېرىيەدىكى ئىشى باج يىغىش ۋە ئات سېلىقى سېلىشلا ئىدى. ھەممە نېمىدىن باج ئېلىشقا ۋە ياراملىق ئاتلارنى بىرنى قويماي يىغىۋېلىشقا ئۇرۇناتتى. بۇنى تېخى چېگرا رايوننى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش نامىدا ئېلىپ باراتتى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم بەلكىم ئاشۇ ئىشلارغا دائىر گەپلەرنى تەرجىمە قىلغاندۇر، ۋۇ جۇڭشۈننىڭ ئورنىغا جاڭ جىجۇڭ ئالمىشىپ «11 بىتىم» تۈزۈلگەن يىللاردا دېموكراتىك سايلامغا، ئىسمايىلخاننىڭ ھاكىم بولۇپ سايلىنىشىغا دائىر گەپلەرنى تەرجىمە قىلغاندۇر. كېيىن ئىسمايىلخان كېرىيەدىكى 800 يىللىق چوڭ جامەنى يېڭىلاپ سالدۇرۇشقا تۇتۇش قىلغاندا يەنە شۇنىڭغا دائىر گەپلەرنى تەرجىمە قىلغاندۇر. ئىشقىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئورۇنداپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ گومىنداڭ فىرقىسىگە ئەزا بولۇپ كىرمىدى. گومىنداڭ فىرقىسى ئۇچرىغانلا ئادەمنى ئۆزىگە ئەزالىققا تىزىملاۋاتقان يىللاردىمۇ گومىنداڭغا ئەزا بولۇشنى رەت قىلدى. بۇنىڭغا بەلكىم گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ۋۇجۇدىدا بوقسۇپ تۇرغان چىرىكلىك، پارىخورلۇق، نەپسانىيەتچىلىك، بۇزۇقلۇق قاتارلىق يىرگىنىشلىك ئامىللار سەۋەب بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇ چاغلاردا بۇنداق ئىشلار بەكلا ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىدى. گومىنداڭنىڭ كېرىيەدىكى ھەربىر ئەمەلدارى خەلقنى شىلىپ يېسەملا دەپ تۇراتتى. پارىسىز ھېچقانداق ئىش يۈرۈشمەيتتى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچسىدىنلا ئەمەس، ئۆزىگە ئىشلەۋاتقان ئوقۇمۇشلۇقراق ئادەملەرنىڭمۇ ئىشەنچسىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى. ھارامدىن، نەپسانىيەتچىلىكتىن بەكلا ھەزەر ئەيلەيدىغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم بۇنداق ئىشلاردىن بەكلا نەپرەتلىنەتتى، شۇڭا گومىنداڭغا ئەزا بولۇشنى رەت قىلدى.
    شۇ كۈنلەردە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ بىر ئۆيدە چوڭ بولغان سىڭلىسى ئالتۇنخان (لى گۇيلەن) راسا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك ھۆسنگە تولۇپ، قىزلىق گۈزەللىكىنى نامايان قىلغان يىللار ئىدى. ھەۋزىخان ئانا قىزىنى ياتلىق قىلىشنىڭ تەرەددۇتىغا كىرىشكەن بولۇپ، نەدىن ئەلچى كېلەركىن دەپ كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ئەلچى كەلدى، تېخى خېلىلا چوڭ يەردىن لەڭزىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى جاڭ ليەنجاڭدىن ئەلچى كەلدى. ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان تۇ جۈيجاڭ جاڭ ليەنجاڭغا ئەلچى بولۇپ كەلدى. مەلۇم بولدىكى، جاڭ ليەنجاڭ ئالتۇنخان (لى گۇيلەن)نى كىچىك خوتۇنلۇققا ئالماقچى ئىكەن، جاڭ ليەنجاڭ ئالتۇنخاننىڭ ھۆسن-جامالىغا ئاشىق-بىقارار ئىمىش...
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم جاڭ ليەنجاڭنىڭ كۈيۆ بولۇش تەلىپىنى چورتلا رەت قىلىۋەتتى، ھەۋزىخان ئانىغىمۇ مەسلىھەت سالمىدى، بۇ قائىدىگە ئۇيغۇن ئىدى. ئوغۇل چوڭ بولسا ئائىلىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ، ئانا بولغۇچى ئۇنىڭ رايىغا باقىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەۋزىخان ئانىمۇ بۇنداق كۈيئوغۇلنى قوبۇل قىلمايتتى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىممۇ بۇنى بىلەتتى. شۇڭا، ئانىسىغا ۋاكالىتەن چورتلا رەت قىلىۋەتتى. تۇ جۈيجاڭ باشلاپ كەلگەن ئەلچىلەر ئۇنى دېدى، بۇنى دېدى، ئەمما مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنى قايىل قىلالمىدى. ئارىدا نەچچە قېتىم كېلىپ، كېرىيەدىكى ئەڭ داڭلىق موللا-ئۆلىمالارنى ئەلچىلىككە سېلىپمۇ قايىل قىلالمىدى. بۇ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم راستتىنلا قايىل بولمايدىغان ئىش ئىدى. مۇھەممەت بېگىم قان-قېرىنداش سىڭلىسىنى يوقاتتى. قىمارۋاز شاڭ سى سېتىۋەتكەن ئاشۇ بىچارىنىڭ ھېچيەردىن ئىز-دېرىكى بولمىدى، ئۇنىڭ دەردى يېتىپ ئېشىپ تۇرغان يەردە، ئەمدى ئالتۇنخاننىڭ دەردىنى تارتسۇنمۇ؟ ئالتۇنخاندىنمۇ ئايرىلسۇنمۇ؟ «ئۇ جاڭ ليەنجاڭغا ياتلىق قىلىنسا، ئۇنىڭ بىلەن قانداق باردى-كەلدى قىلغىلى بولىدۇ؟» سەۋەبلەر تالاي ئىدى، شۇ تۈپەيلىدىن جاڭ ليەنجاڭنىڭ ئەلچىلىرى رەت قىلىندى. جاڭ ليەنجاڭنىڭ چالمىسى سۇغا چۈشتى، ئەمما ئۇ تەن بەرمىدى، يېڭى-يېڭى قىلتاقلارنى تەييارلاپ ئالتۇنخاننى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولىغا كىردى. لەڭزىدىكى جاڭ ليەنجاڭ بىلەن ساقچى ئىدارىسىدىكى تۇ جۈيجاڭ ھەرنېمە قىلىپ بولسىمۇ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنى ئالتۇنخاننى بېرىشكە مەجبۇر قىلماقچىدەك قىلاتتى. ئۇلار قانداقتۇر بىر تۆھمەت بىلەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنى قارىلاپ ئۇنى قولغا ئالماقچى، لەڭزىدىكى تۈرمىگە قامىماقچى بولدى، ئۇلار مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنى قامىساقلا ھەۋزىخان ئانا قايىل بولىدۇ، ئوغلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىزىنى بېرىشكە ماقۇل بولىدۇ، دەپ ئويلايتتى. ئۇلار مۇھەممەت بېگىمگە زەھەرلىك قولىنى ئۇزىتىش ئالدىدا، ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان يېقىنلاردىن بىرى بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا خۇپىيانە يەتكۈزۈشكە ئۈلگۈردى. بۇ ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق خەۋەر ئىدى. ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە ئاسان قۇتۇلغىلى بولمايتتى. ئادالەتسىز زاماندىن ئادالەت ئۈمىد قىلىش تۆگىنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇزىراپ يەرگە تېگىشىنى ئۈمىد قىلغانغا باراۋەر ئىش ئىدى. بىرەرسى ئادالەتنى ياقىلاپ چىققۇچە بەل سۇنۇپ بولاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ھەۋزىخان ئانا ئوغلىنى قېچىپ كېتىشكە ئۈندىدى. «سەن كەتسەڭلا بىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ. ئالتۇنخاننى ئۇنىڭغا ھەرگىز بەرمەيمەن» دېدى ھەۋزىخان ئانا. قارىغاندا، قېچىپ كېتىش ئەڭ ياخشى چارىدەك قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم بىر كېچىدىلا نەچچە يىلدىن بېرى يىغقان-تەرگەنلىرىگە 17 ئېشەكلىك مال ئېلىپ، قايسىدۇر بىر كارۋانغا ئەگىشىپ چەرچەنگە قاراپ قاچتى. ئۇنىڭ كېرىيەدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىم تۇيمىدى. خوتەنگە، ئاقسۇغا ياكى شايارغا قاچماي چەرچەن تەرەپكە قېچىشتا ئۇنى خوتۇنى تۇخان قايىل قىلغانىدى. چۈنكى، يىراقتىكى چەرچەندە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ تېخى يۈز كۆرۈشمىگەن قېيناتىسى قاچقۇن ئەسكەر ھەسەن ئاخۇن بار ئىدى ئەمەسمۇ؟ يۈز كۆرۈشمىگەن بولسىمۇ خەت ئالاقىلىشىپ تۇراتتى. ئاشۇ يەردە باشقا خوتۇن ئېلىپ، بالىچاقىلىق بولۇپ قالغان ھەسەن ئاخۇن تېخى كۆرۈشمىگەن كۈيئوغلىغا پاناھ بولۇشى مۇمكىن ئىدى، شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم چەرچەن تەرەپكە قاچتى...
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم چەرچەنگە يېتىپ بارار-بارمايلا ئارقىسىدىن خەتمۇ بىللە باردى. كېرىيەدە ۋەزىيەت ئۆزگەرگەنىدى. جاڭ ليەنجاڭ بىلەن تۇ جۈيجاڭنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى ئەل-جامائەتكە ئاشكارا بولغان، خەلق ئىچىدە غۇلغۇلا كۆتۈرۈلگەنىدى. كىشىلەر مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمگە ھېسداشلىق قىلىپ، جاڭ ليەنجاڭ بىلەن تۇ جۈيجاڭنى تەرەپ _تەرەپتىن ئەيىبلەشتى. تېخىمۇ كۆپ غوۋغا چىقىپ، مالىمانغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن كېرىيە ھاكىمى ئىسمايىلخان يامانغا يان تاياق بولغان تۇ جۈيجاڭنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، جاڭ ليەنجاڭنى پەسكويغا چۈشۈردى. ئۇنىڭغا ئالتۇنخاندىن باشقا، ئۆزى كىمنى خالىسا شۇنى ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى. شۇنداق قىلماي بولمايتتى. ئەگەر جاڭ ليەنجاڭ دېگەن قارا بىس ئادەم ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، قورال كۆتۈرۈپ چىقىپ قالسا، ئىشنىڭ تېخىمۇ يوغىنى چىقاتتى. مانا شۇنداق قىلىپ ئالتۇنخان ئۇنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. ھاكىم مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىمۇ يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن چىقىشقا، ئاۋۋالقىدەكلا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە كېلىپ ئىشلەشكە چاقىردى. ۋەھالەنكى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم بۇ چاغدا ئاللىقاچان چەرچەنگە يېتىپ بارغانىدى. ئارقىسىدىن يېتىپ بارغان خەت ئۇنىڭغا ئاشۇلارنى مەلۇم قىلدى. ئەمدى كېرىيەگە قايتىپ كەتسە بولاتتى. ئۇ ئۆزى ئېلىپ بارغان 17 ئېشەكلىك مالنى قېيناتىسى ھەسەن ئاخۇنغا سېتىپ بېرىشكە قالدۇرۇپ، ئۆزى دەرھال كېرىيەگە قايتىپ كەلدى.

        شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر قېتىملىق بوران-چاپقۇن تىنچ ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ قەلبىدە گومىنداڭ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا نىسبەتەن بىر ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. دېمىسىمۇ، ئۇ بىرەر كىمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىغۇدەك ھاكىمىيەت ئەمەس ئىدى. دائىم گېزىت كۆرۈپ تۇرغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمگە سۇنىڭ بېشىمۇ، ئايىغىمۇ ئايان ئىدى. ھەممە يەردە لاي ئېقىپ يۈرەتتى. ئىچكىرى جۇڭگودا چوڭ ئىچكى ئۇرۇش بولۇۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم ئىدى. كۆپ ئەمەلدارلارنىڭ قېچىشقا، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا باشلىغانلىقىدىنمۇ گومىنداڭنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم بېسىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. گومىنداڭچىلار قېچىۋاتقان بولغاچقا كادىر يېتىشمەيتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنى يەنە ساقچى ئىدارىسىگە يۆتكەپ قويۇشتى، ساقچى ئىدارىسىدىن «لەنگەر» يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا سوجاڭ قىلىپ ئەۋەتتى، مۇقىملىقنى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش كېرەك ئىدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم لەنگەر يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا يېتىپ بارغان كۈنلەردە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭ تۇغۇلدى. تۇنجى ئوغلى ئابدۇراخمان تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا چاچراپ كېتىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم بىلەن تۇخان ئانا چوڭ ئانىسى ھەۋزىخان ئانىنى دەرد-ھەسرەتلەرگە قالدۇرغانىدى. ئىككىنچى ئوغۇلنىڭ تۇغۇلۇشى ئائىلىگە يەنە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. ئىككىنچى ئوغۇل ئابدۇقادىر يۈ خەيشىڭنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.