ئىگەرلىك ئات-تاغبۇلاق ھېكايىلىرى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-12 07:20:23

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپئونىنچى بابتاغبۇلاق ھېكايىلىرىتاغنىڭ باغرىدىن، ئاقىدۇ بۇلاق،تاغلىرى سېپىل، ئىچى يۇمىلاق.(«تەبىئەت تەسۋىرى»دىن)1ئوتبېشىدىن تاڭ سەھەرلىكتە قوزغا...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

    ئونىنچى باب
    تاغبۇلاق  ھېكايىلىرى

     



     

    تاغنىڭ باغرىدىن، ئاقىدۇ بۇلاق،

    تاغلىرى سېپىل، ئىچى يۇمىلاق.

     

    («تەبىئەت تەسۋىرى»دىن)

    1

     

    ئوتبېشىدىن تاڭ سەھەرلىكتە قوزغالغان سەرۋازلار غەرب تامان ئۆرلىگەنسېرى قاقشال تاغلىرى ئىچىگە كىرىپ باراتتى. يانتۇ يوللارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كەڭ چوڭقۇرلۇقتا ئۇچ دەرياسى تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلۇپ، ھەيۋەت شاۋقۇنلىرى بىلەن شەرققە قاراپ ئاقاتتى.

    يول ئايرىلىدىغان ئاچا دوقمۇشىغا كەلگەندە ئابدۇنىياز كامال بىردىنلا تورغۇت دۇلدۇلىنىڭ تىزگىنىنى قەشقەر - كەلپىن يولىغا تارتتى-دە، ئۇنىڭ لەشكەرلىرىمۇ ئەگىشىپ كەينىدىن ئىلگىرىلىدى. ئېگىز-پاكار داۋانلار، يانتۇ يوللار ئارىلاپ غىڭ سايلار ئاتلىقلارنىڭ كەينىدە قالاتتى. تاغ چوققىلىرىغا چىقىۋالغان تېكىلەر، تاغ باغرىدا ئۇچۇپ يۈرگەن قاغا-قۇزغۇنلار، تۈز كەتكەن سايلاردا توپ-توپى بىلەن يۈگۈرۈشۈپ يۈرگەن جەرەن-كېيىكلەر سەرۋازلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلاتتى. لېكىن، قوراللىق ماڭغان بۇ گۇرۇھ گاھىدا سايلار ۋە تاغ يامزاللىرىدا ئەركىن سەيلە قىلىپ يۈرگەن ئاشۇ بىگۇناھ جانلارغا زامىن بولاتتى.

    - ئېتىۋالغان جەرەنلەر يىگىرمە نەچچىگە يېتىپتۇ!- دېدى ھىدايى، كوماندىر ئاغىنىسى ئابدۇنىياز كامالنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ،- ئاتلار چارچىدى، ئادەملەرمۇ ھاردى، بۇ جاي يول ئوتتۇرىسى ئىكەن، ئوتۇنمۇ، سۇمۇ تېپىلىدىكەن. جەرەنلىرىمىز بىلەن ئوزۇقلىنىپ، ئاتلىرىمىز ئەس ئالدۇرۇپ ماڭساق.

    ھىدايىنىڭ بۇ پىكرىگە كوماندىر ماقۇل بولدى-دە، ھەممەيلەن قويۇق چاكاندا قاپلىغان كەڭ سايغا توپلىنىپ ئوزۇقلانغاچ بىمالال ھاردۇق ئېلىشتى.

    ئۇلارغا يا ئالدىدىن، يار ئارقىسىدىن ھېچقانداق كۈشەندە ئۇچرىمىغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ھەمىشە سەزگۈر تۇراتتى. ئارقا تەرەپكە ھەم ئالدى تەرەپكە مۇنتىزىم تىڭتىڭچى قويۇپ ھەر ئېھتىمالنىڭ ئالدىنى ئالاتتى.

    سەرۋازلار ئىككىنچى كۈنىسى تاغبۇلاق يۇرتىنىڭ ئىككى تاغ ئارىسىدىكى قىسىل دەپ ئاتىلىدىغان ئارىچوقىغا يېتىپ باردى. تاغبۇلاق سۈيى مۇشۇ ئارىچۇقتىن ئۆتۈپ بىرلىشىپ، چوڭ بىر غول ئۆستەڭ ھاسىل قىلىپ، تۆۋەن تەرەپتىكى مەھەللە-ئايماقلارغا ئاقاتتى.

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئاتلىق سەرۋازلىرىنى قىسىل ئېغىزىدىكى ئۆستەڭ بويىدا بىرنەچچە يۈز كىشى كۈتۈۋالدى. سەرۋازلار قارشى ئالغۇچى توپنىڭ ئالدىدا رەت-رېتى بىلەن تىزىلىپ سەپ تۈزۈپ، كوماندىرىنىڭ دىرىژورلۇقىدا «ئاچىل» مارشىنى جاراڭلىق ئوقۇدى.

    ناخشا ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال چەبدەسلىك بىلەن تورغۇت دولدۇلىدىن چۈشۈپ قارشى ئالغۇچىلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، سالام بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن:

    - بىز ھەربىرلىرىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى، ئالدىلىرىدا تىزىلىپ تۇرغان بۇ يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى يۇرتلاردىن جەم بولغان دېھقان بالىلىرى. بىز سىلەرگە مېھمان بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە قەدەم تەشرىپ قىلدۇق. بىز بىرنەچچە كۈنلا تۇرۇپ خوشلىشىمىز. يۇرتتىكى ئەھلى جامائەت خاتىرجەم بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىش-ئوقەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋەرسۇن، بىز كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزمەيمىز،- دېدى.

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ بۇ سۆزىدىن قارشى ئالغۇچىلار تەسىرلەنگەنىدى. بەزىلىرى قىزغىن چاۋاك چېلىشتى، ياشانغانلاردىن بەزىلىرى ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ كۆڭۈل دوستلۇقىنى ئىپادىلەشتى، يەنە بەزىلىرى ئىككى ئالىقىنىنى جۈپلەپ پېشانىسىگە ئۇدۇللاپ تۇتۇپ ئامانلىق ئىزھار قىلىشتى.

    - بىزنىڭ بۇ تۆت تاغ ئارىسىدىكى ياق يۇرتىمىزنى،- دەپ جاۋاب سۆزىنى باشلىدى ھاپىز داموللا جامائەتكە ۋاكالىتەن،- بىزلەرنى قەدىرلەپ ۋە ياد ئېتىپ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقلىرىنى ئەھلى جامائەتنىڭ ھەممىسى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ھەر بىرلىرىدەك ئەزىزلىرىمىزنى كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولالىغانلىقىمىزدىن ھەممىمىز ئىنتايىن خۇش. يۇرت ئاقساقاللىرى كېڭەش قىلىپ ھەرقايسىلىرى ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن چۈشكۈن تەييارلىق قويغانىدۇق. ھازىر ئالدى بىلەن دەم ئېلىش ئورنىغا بارىمىز، قالدى مۇلازىمەتلىرىگە بىز تەييار.

    ياش قورامى ئەللىكتىن ھالقىغان، بېشىغا قىزغۇچ سەرپۇش تۇماق، ئۇچىسىغا قىزىل چەكمەن توي كىيگەن؛ قوي كۆزلۈك، سېرىق ساقال، ئوتتۇرا بوي كەلگەن بۇ ناتىق كىشى ئۆز زامانىسىدا بۇ تاغلىق دىيارنىڭ يېتۈك ۋە داڭلىق مەرىپەتپەرۋەر ئالىمى ئىدى.   ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى قىسقا ۋەزىنلىك سۆزىگە قارىتا ئابدۇنىياز كامالنىڭ سەرۋازلىرى قىزغىن چاۋاك چېلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

    بىرنەچچە مىنۇتلۇق قىسقا مۇراسىمدىن كېيىن سەرۋازلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ چۈشكۈنخانىلارغا قاراپ ماڭدى. ئارا ئايماقتىكى ئەھمەد بەگنىڭ قورۇسى شتاب مەركىزى قىلىپ سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى، تولۇق قوراللانغان بىر بەن قاراۋۇل بۇ قورۇنى كېچە-كۈندۈز مۇھاپىزەت قىلىشقا تەيىنلەندى.

    بىر-ئىككى كۈنگىچە ئابدۇنىياز كامالنىڭ ۋاقتى زىيارەت قىلغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە قىسىملارنى نازارەت قىلىش بىلەن بەند بولدى. بۇ ئىشلاردىن قولى بوشىغان بىر كۈنىسى ئورنىغا مۇشاۋىرىنى مەسئۇل قىلىپ قويۇپ، تاغبۇلاق يۇرتىنىڭ مۇداپىئە يەر-شارائىتىنى كۆزىتىپ چىقىش قارارىغا كەلدى-دە، ھاپىز موللا ۋە مۇھاپىزەتچىسى ھىدايى بىلەن بىرلىكتە ئاتلىنىپ تاڭ سەھەر بىلەن تېرەكئاۋات تامان يۈرۈپ كەتتى. ئۇچقۇر ئارغىماقلار قۇياش ئارغامچا بويى ئۆرلىگەن مەھەلدە مەنزىلگە يېتىپ باردى. تېرەكئاۋاتنىڭ خوجىدارى ناسىربەگ ئىسىملىك كىشىنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بۇ ياش ساھىبخانا يىگىتلەر ئۆزىنىڭ بۇ ئەزىز مېھمانلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ساھىبخانا ئالدى بىلەن ئۇلارنى قورۇسىدىكى باراقسان شاخلىنىپ كەتكەن تېرەكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سايىۋەن سۇپىغا باشلاپ بېرىپ، شىرداق پايانداز ئۈستىگە تەكلىپ قىلدى. مېھمانلار تەكلىپ بويىچە گۈللۈك شىرداق ئۈستىگە سېلىنغان دۇخاۋا كۆرپىلەر ئۈستىگە چىقىشتى. داستىخان يېيىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن دەستىلەنگەن چاپتى، قوناق زاغرىسى، ھېجىر چىنىدە قېتىق، تېرەكئاۋاتنىڭ كەنجى پىشقان خۇۋەينى ئۆرۈكى قاتارلىق مەزە-مېۋىلەر قويۇلدى.

    - قېنى مەرھەمەت، ئەت پىشقىچىلىك ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ تۇرايلى،- دېدى ساھىبخانا، مېھمانلارنى تەكلىپ قىلىپ.

    تېرەكئاۋاتلىقلار ھاپىز داموللامنىلا تونۇيتتى. يولدا كەلگۈچە ئابدۇنىياز كامال ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى باشقا كىشىلەرگە دېمەسلىك توغرىسىدا چېكىلەپ قويغانىدى، شۇڭا ئۇلار توغرىسىدا ھازىرغىچە لام-جىم دېيىلمىدى.

    - تېرەكئاۋاتنىڭ سوغۇق زەمزىمىدىن ئازراق ئىچىپ كۆرسەك،- دېدى ھاپىز داموللا خوجىدارغا تۈزۈت قىلمايلا،- ئۇنى ئىچمىسەك خۇماردىن چىقماي قالىمىز ئەمەسمۇ، يىگىتلەر.

    - خوش، تەقسىر، قولىمىز كۆكسىمىزدە.

    ساھىبخانا ئاشۇ جاۋابى بىلەن تەڭ يۈگۈرگەن پېتى ھويلىسىدىكى سالقىن جايدا سوغىلارغا قاچىلاپ تىندۇرۇلغان مۇزدەك سۇدىن بىرقانچە قاچىغا تولدۇرۇپ ئۇسۇپ داستىخان ئۈستىگە قويدى. مېھمانلار بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ مەززە قىلىشتى.

    - پاھ، پاھ، ئەجەب ياخشى سۇ ئىكەن، بىزنىڭ يۇرتنىڭ كارىز سۈيى بىلەن تەمى ئوپمۇ-ئوخشاش.

    مۇھاپىزەتچى ھىدايى تېرەكئاۋات سۈيىنى ئىچكەن ھامان ئەنە شۇنداق ماختاپ كەتتى ۋە «بەئەينى ئابىھاياتنىڭ ئۆزى ئىكەن» دەپ قوشۇپ قويدى.

    ھاۋا سۈزۈك، ئاسماندا ئالىقانچىلىكمۇ بۇلۇت پارچىسى كۆرۈنمەيتتى. ئابدۇنىياز كامال پات-پاتلا تۆت تەرەپكە نەزەر تاشلايتتى. چوڭقۇرلۇققا جايلاشقان مەھەللە-ئايماقلارنى قورشاپ تۇرغان تاغلار سېپىلى بۇ يەردىن ئىنتايىن روشەن گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ، بۇ يۇرتنىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشى توقسۇنغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشاپ كەتكەنلىكىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلاتتى، داستىخان ئۈستىگە پىشۇرۇلغان قوي گۆشىنىڭ كەلتۈرۈلۈشى ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى بۆلۈۋەتكەنىدى.

    تۇخۇمنىڭ چوڭلۇقىدا پارچىلاپ دۆۋىلەنگەن گۆشلەرنى چاپىتىغا  ئوراپ يېيىش - ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ توقسۇنلۇق دوستى ئۈچۈن يەنە بىر يېڭىلىق ئىدى. دېمىسىمۇ، ئۇ ئىككىيلەن تەكلىماكاننىڭ ھېچقانداق يېرىدە چاپىتى ئىسىملىك بۇ ناننى ئۇچراتمىغانىدى. بۈگۈن ئۇلار بۇ يېڭىلىققا داخىل بولۇپ، تېخىمۇ ھۇزۇرلاندى.

    ئارقا-ئارقىدىن كەلتۈرۈلگەن مەززىلىك غىزالار ئىشتىھانى قاندۇرغاندىن كېيىن، دۇئا ياندۇرۇلۇپ، داستىخان يىغىلدى-دە، ئۇلار پۇت-قوللىرىنى سوزۇپ ئارام ئالغاچ پاراڭ باشلىدى.

    ئالدى بىلەن ئابدۇنىياز كامال سوئال قويۇپ دېدى:

    - ئۈلۈشكۈن قىسىلدىن كىرگەن ۋاقتىمىزدىكى مۇراسىمىمىزدا بەزىلەرنىڭ ئالىقانلىرىنى جۈپلەپ پېشانىسىگە باراۋەر قىلىپ تۇتۇپ تۇرغانلىقى ماڭا ئۆزگىچە بولۇپ تۇيۇلدى، بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ يەنە بېرى، چاپىتى نېنى مۇشۇ يەردىلا ساقلىنىپ قاپتۇ. نېمە سەۋەبتىن؟

    - ئۈلۈشكۈن قىسىلدىن كىرگەن ۋاقتىمىزدىكى مۇراسىمىمىزدا بەزىلەرنىڭ ئالىقانلىرىنى جۈپلەپ پېشانىسىگە باراۋەر قىلىپ تۇتۇپ تۇرغانلىقى ماڭا ئۆزگىچە بولۇپ تۇيۇلدى، بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ يەنە بىرى، چاپىتى نېنى مۇشۇ يەردىلا ساقلىنىپ قاپتۇ. نېمە سەۋەبتىن؟

    كۆپ ئوقۇغان، كۆپ ئاڭلىغان زېرەك ئالىم ھاپىز داموللا تېنىمەيلا جاۋاب بېرىپ دېدى:

    - جاھان بازارلىرىدا كۆرۈشۈشنىڭ ھەرخىل شەكىللىرى ئۇچرايدۇ. ئۈلۈشكۈنى سەرۋازلار ئالدىدا ئەھلى جامائەتنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئالىقان بارماقلىرىنى جۈپلەپ پېشانىسىگە تەڭ تاناسىپ قىلىپ تۇرغانلىقى ئىككى تەرەپنىڭ روھى، ۋۇجۇدى قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ تۇرغانلىقى ئىككى تەرەپنىڭ يۈرىكى بىر-بىرىگە تەقەززا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئەكسىچە قوينىغا خەنجەر يوشۇرۇپ كېلىپ، زاھىرەن ھىجىيىپ قول ئۇزاتقان قىياپەت - قارا نىيەتلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.

    قەشقەردە ئابدۇلقادىر داموللا كاشغەرىدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئىلىدا مۇتەپەككۇر جىرجىس ھاجىدىن تەلىم ئالغان بۇ ئالىمنىڭ ئېغىزىدىن قويۇلۇۋاتقان چوڭقۇر پىكىرلەر شۇ تاپتا ئابدۇنىياز كامالنىڭ قەلبىنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالغانىدى. ئۇ، ئارقىدىن ئىككىنچى مەسىلىگە كۆچۈپ «چاپىتى»نى ئىزاھلاپ دېدى:

    - ئەسلىدە «چاپات»تىن تۈرلەنگەن بۇ يېمەكلىكنىڭ لۇغەت مەنىسى «نېپىز، يۇپقا، يېيىشلىك» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ، تارىختىن بېرى يوقسۇللارنى، ھالال مېھنەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگۈچىلەرنىڭ، چۆل-جەزىرىلەردە ھىجرەت قىلغۇچى ئىرادىلىك سەرگەردانلارنىڭ ھايات تايانچىسى بولۇپ كەلدى. ئۇ چىداملىقلىقنىڭ سىمۋولى. ئوتۇن-ياغاچلىرى قىس، سۈيى ۋە يايلاقلىرى قىس، ئوزۇق-تۈلۈكى قىس، ئادەملىرى چىداملىق بۇ يۇرتتا ئۇنىڭ ئەزىز بولۇشى ۋە قەدىرلىنىشى بۇ يۇرت خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان.

    سەركەردە ئابدۇنىياز كامال بۇ سالقىن ۋە پاك ھاۋالىق سورۇندا بولۇۋاتقان سۆھبەت-مۇھاكىمە مەزمۇنىغا تېخىمۇ قىزىقىپ باراتتى. ئۇ موللا ھاپىزغا يېڭى بىر سوئالنى قويۇپ ئېنىقلاپ باقماقچى بولدى:

    - قارايدىغان بولساق، بۇ يۇرت خەلقىنىڭ تىلى باشقا قوشنا ناھىيىلەردىن پەرقلىنىدىكەن. ئۆزى بىلەن چېگرىداش بولمىغان خوتەن، چاقىلىقلارنىڭ زۇۋانىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ تارىخىي يىلتىزى بارمۇ، قانداق؟

    - راست سورىدىلا، گېنېرال. بۇ ھادىسىنىڭ تارىخىي يىلتىزى بار. قىلىچ بۇغراخان دەۋرىدە (بۇنىڭدىن توققۇز ئەسىر بۇرۇن) خوتەن بۇددىستلىرى بىلەن يىگىرمە يىل جەڭ بولغانىكەن. ئەسىرگە چۈشكەن جاھىل بۇددىستلاردىن بىرنەچچە مىڭى كەلپىنگە ھەيدەپ كېلىنىپ ئەمگەككە سېلىنىپتۇ. ئۇلار ئاخىرى يەرلىشىپ قاپتۇ ۋە كېيىنچە ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانىكەن. شۇڭا «كەلپىن» دېگەن سۆز «ئىمانغا كەلتۈرمەك» دېگەن مەنىدىن كېلىپ چىققان. تىلىنىڭ چۇس بولۇشى، سىپايى سۆزلەرنى ئىستېمال قىلىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىمۇ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

    ئۇلار قىزىق پاراڭ بىلەن بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنى سەزمەي قېلىشتى. مېھمانلارنىڭ ئۆزىمۇ، ئاتلىرىمۇ قانغۇدەك دەم ئالغانىدى. ساھىبخانا بىلەن كۆڭۈللۈك خوشلىشىپ بۇ يەردىن قوزغىلىپ ماڭدى.

    ئۇلار تېرەكئاۋاتتىن ئايرىلىپ غەرب تەرەپتىكى قاراتاش تېغىنى كۆزلەپ ئىلگىرىلەيتتى. بىر مەھەلدىن كېيىن ئۇچتۇرپانغا ماڭدىغان يولنى كېسىپ ئۆتۈپ، تېرەكئاۋات سۈيىنىڭ ئەڭ يۇقىرىقى باشلىمىغا يېتىپ باردى-دە، بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان بۇلاق قاينىمىغا بىردەم قاراپ تۇرۇشتى. ئابدۇنىياز كامال سىنچىلاپ قاراپ بۇ يەرنىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشىگە ئىنچىكىلەپ نەزەر تاشلايتتى.

    - دادام چىكەن قازىنىڭ دەپ بېرىشىچە،- دېدى ھاپىز داموللا دەرھال ئابدۇنىياز كامالنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ،- بىر تىلماچنىڭ سەۋەنلىكىدىن مۇشۇ بۇلاق چىقىۋاتقان بۇ تاغنىڭ بۇرۇنقى «قاڭشا تاغ» دېگەن نامى «توڭگۇز بۇرۇن» بولۇپ قالغان. مەن ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ كونا نامىغا خۇشتار. بۇ جەھەتتە قەدىمكىلەرنىڭ ئەقلىنى ئۈستۈن چاغلايمەن.

    ئۇلار كۆزىتىش ۋە مۇلاھىزە پىكىرلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئارغىماقلىرىنىڭ تىزگىنلىرىنى ساقا-ساغان تاغلىرى تامان بۇراپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى.

    ئاۋغۇست كۈنلىرى، ئالتۇن كۈزنىڭ ئىللىق غۇر-غۇر شاماللىرى ئاندا-ساندا ساغىرىشقا باشلىغان شىۋاق بەرگىلىرىنى يېنىك تەۋرىتىپ تۇراتتى. تاغ يولىنىڭ سالقىن ھاۋاسى دىللارغا راھەت بېغىشلايتتى. ئاسمان-پەلەك ئېگىز ئۇچۇپ يۈرگەن قارا غىلجىرلار قاناتلىرىنى سوزۇپ، سارەم سايلىقنى ئايلىنىپ يۈرۈشەتتى. ئۇلار سايلىقتا ئۆلۈپ قالغان ئېشەك تاپىنى ئىزدەيتتى.

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىدىن بارچۇق سېپىلى ئۈستىدە ئۆزى ئېتىپ چۈشۈرگەن قاراغىلجىر ئوبرازى ئۆتۈشكە باشلىدى ۋە موللا ھاپىز داموللىغا بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. ھېكايىنىڭ كەينىدىن ھېكايىلەر شاخلىنىپ ئۇلارنىڭ يولىنى قىسقارتقانىدى، ئۇلار باغلىق ئايمىقىنىڭ غەرب تەرىپىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ساقا-ساغان تېغى يېنىغا ئۇدۇل كېلىپ قالغىنىنى تۇيماي قېلىشتى. ئۈچەيلەن ئاتتىن چۈشۈپ، ئارغىماقلىرىنى كۈنجۈتزارلىققا قويۇۋەتتى-دە، ئۆزلىرى بىر ئېگىز قۇم دۆۋىسى ئۈستىگە چىقىپ دەم ئالغاچ، يەنە ئەتراپنى كۆزىتىشكە باشلىدى.

    - ئەنە ئاۋۇ تەرەپكە قاراڭلار،- دېدى موللا ھاپىز داموللا ئوڭ قولى بىلەن ساقا چوققىسىنى كۆرسىتىپ،- ئۇ خۇددى ئۆكۈزنىڭ ساقىسىغا ئوخشايدۇ. «ساقا» دەپ ئاتىلىشى شۇ سەۋەبتىن بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن پەسىيىپ شەرققە سوزۇلغان پاكار تاغچاقلار «ساغان» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدە ئاتۇش ۋە مارالبېشى يۇرتلىرى بار. ساغان تاغلىرى مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق دېگەن يېرىگىچە بېرىپ ئاندىن شىمال تەرەپكە سوزۇلۇپ، تاغبۇلاق يۇرتىمىزنى ئاياغ تەرەپتىن ئوراپ تۇرىدۇ.

    - دەرۋەقە، بۇ يۇرت گويا بىر چوڭ قاپقا ئوخشايدىكەن،- دېدى كوماندىر تەمسىل قىلىپ.

    - بۇ تەمسىللىرى جايىدا بولدى. تەبىئىي قىياپىتىدىن بۇ يۇرتنى ئاشۇ تەمسىلگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.

    ئۇلار قىزغىن پاراڭلىشىپ تۇرغاندا باغلىق تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ئاتلىقنىڭ قارىسى كۆرۈندى-دە، ئۈچەيلەننىڭ دىققىتى بىردىنلا شۇ تەرەپكە بۇرۇلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ھېلىقى ئاتلىق كىشى يېتىپ كەلدى ۋە ئاتتىن چۈشۈپ ئۈچەيلەنگە تەزىم قىلدىيۇ، ئاۋاز چىقارماي يەرگە قارىغىنىچە جىمىپ كەتتى. ئۇ بېشىغا سېرىق ماتا ياغلىق ئورىۋالغان، ئۇچىسىغا ئاق تاشلىق قىسقا كەمزۇل، پۇتىغا كونا كەش كىيىۋالغان بولۇپ، خۇددى چارۋا باقىدىغان چوپانغا ئوخشايتتى.

    - سىز مالچىمۇ، نەدىن كېلىۋاتىسىز؟- سورىدى ھاپىز داموللا.

    ھاپىز داموللىنىڭ ئاشۇ سوئالىدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى ئاشكارىلاپ دەردىنى تۆكۈشكە باشلىدى:

    - مەن مالچى ئەمەس، ئاقسۇ كونىشەھەردىن. ئىسمىم غايىبە، «نىيازىيە» ناملىق قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئاتام مىرزا ئابابەكرى قارايۇلغۇن سوقۇشىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئاپاممۇ ئاتامنىڭ دەردىدە كېسەل بولۇپ ۋاپات بولدى. ئۇستازىم سوپىزادىنى نەزەربەند قىلىپ ئۈرۈمچىگە ئەكېتىشتى. ئاتامدىن قالغان مۇشۇ بىر ئاتتىن باشقا ھېچنېمەم يوق. يېشىم ئون سەككىزگە كەلدى. ئابدۇنىياز سىجاڭ كەلپىنگە چۈشۈپتىمىش دەپ ئاڭلاپ ئاقياردىن كېلىۋاتىمەن. لەشكەرلىككە ياراپ قالسام ھېچ گەپ ئەمەس. ئاتامنىڭ مۇشۇ يۇرتتا موللا ھاپىز داموللا دەيدىغان بىر دوستى بار دەپ ئاڭلىغان. ئۇ كىشىنىڭ قورۇسىغا بارسام «تاغقا بارىمىز دەۋاتقان» دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزدى.  تىڭتىڭلاپ يۈرۈپ ئاخىرى مۇشۇ جايغا يېتىپ كېلىشىم...

    مەسۇمە قىزنىڭ بۇ تەسىرلىك بايانلىرى ئابدۇنىياز كامالغا بىرنەچچە يىل بۇرۇن «نىيازىيە» مەكتىپىدە بىر قىزنىڭ قازا تاپقان ئاتىسى ئۈچۈن دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن بىر پارچە مەرسىيە شېئىرىنى ئەسلەتكۈزدى. مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ ئالدىدا گەۋدىلىنىپ تۇرغان يارقىن ئوبرازى - دەل شۇ غايىبە ئىسىملىك قىزنىڭ ئۆزى ئىدى.

    موللا ھاپىز داموللا غايىبەنىڭ ئاتىسى مىرزا ئابابەكرى بىلەن ئاقسۇدىكى مەدرىسىدە بىللە ئوقۇغان ۋە دوست بولۇپ ئۆتۈشكەن. مىرزا ئابابەكرى قازا قىلغاندا، ئۇ ئېغىر ھازىدار بولغان. مانا بۈگۈن ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا مەرھۇم دوستىنىڭ يېتىمە قىزى بويۇن قىسىپ تۇرغاندا، ئۇ ئۆز ھاياجىنىنى باسالماي قالدى.

    ئارىدا بىرمەھەل داۋام قىلغان سۈكۈتتىن كېيىن موللا ھاپىز داموللا ئېغىز ئېچىپ دېدى:

    - ئاڭلاپ تۇرۇڭ، قىزىم، سىزگە مانا مەن باشپاناھ  بولىمەن. تەلەپلىرىڭىز بولسا ماڭا دەڭ. بۇ تاغىلىرىڭىزنىڭ ئىشى ئالدىراش. بۇلار ھازىر چۈشكۈنخانىغا قايتىدۇ. قالدى گەپنى كېيىن دېيىشەيلى.

    قۇياش ساقا تاغنىڭ كەينىگە پەسلەپ باراتتى. كەڭ كەتكەن قۇملۇق دۆۋىلىرىنىڭ ئۈستىدە ئالا-سېرىق نۇرلار ئەكس ئېتىشكە باشلىغانىدى.

     

    2

     

    تۈنۈگۈنكى بىر كۈنلۈك كۆزىتىش سەپىرىدىن مەمنۇن بولغان سەركەردە بۈگۈن قاق سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇ، چاققانلىق بىلەن يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ، كىيىم-كېچىكىنى كىيدى. ئارقىدىن يان ھۇجرىدا ئۇخلاۋاتقان مۇھاپىزەتچى ھىدايى بىلەن ئابدۇقادىرھاجى مۇشاۋىرغا شەپە بېرىپ، ئۇلارنىمۇ ئورنىدىن تۇرغۇزدى.

    شەرقتە شەپەق قىزىرىپ قۇياش ئۇپۇق سىزىقىدىن ئەمدىلا بېشىنى كۆتۈرۈشكە باشلىغانىدى. ئۈچەيلەن ئەھمەدبەگ قورۇسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، يېڭىدىن بېشى ئاقىرىشقا باشلىغان ئاق قوناق ئېتىزلىقى يېنىدىكى ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ توختاشتى. ئۆستەڭنىڭ ئىككى قىرغىقىدا قاتار ئۆسكەن تال-سۆگەتلەرنىڭ باراقسان شاخلىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. سان-ساناقسىز ئاق قۇچقاچلار تاللىق بىلەن قوناقلىق ئوتتۇرىسىدا نۆۋەتلىشىپ توختىماي ئۇچۇشاتتى. بۇ مەنزىرىنىڭ توقسۇنغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى شۇ تاپتا ئابدۇنىيازنىڭ خىيال ئېكرانىدا ئاقتاش مەنزىرىسى پەيدا قىلىۋاتاتتى.

    - تۈنۈگۈن ئاخشام بىر قىپچاق،- دېدى مۇشاۋىر ئابدۇقادىرھاجى، سەركەردىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ،- بىر جىددىي ئاخباراتنى يەتكۈزمەكچى بولۇپ كەلگەنىدى. بىز ئۇنى بىر ئۆيدە تۇتۇپ تۇردۇق. بىز ئالدى بىلەن ئاشۇ ئايغاقچى بىلەن كۆرۈشۈپ باقساق، ئۇنىڭدىن سىرت، بۈگۈن چۈشكە يېقىن يۇرت مۆتىۋەرلىرى چۈشكۈنخانىمىزنى زىيارەت قىلىپ، بىزدىن ھال سوراشقا كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. شۇڭا بىز...

    - ئۇنداقتا،- دېدى ئابدۇنىياز كامال دەرھال مۇشاۋىرنىڭ مەسىلىھىتىگە ماقۇل بولۇپ،- بىز شىتابقا قايتىپ بارايلى. مەن ئاۋۋال ھېلىقى قىپچاق ئاخباراتچى بىلەن سۆزلىشىپ باقاي، سىلى يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى كۈتۈش ھازىرلىقىنى قىلسىلا.

    شۇنداق قىلىپ ئۇلار شىتابقا قايتىپ كېلىشتى. بىر خاس ھۇجرىغا مۇلازىملار ئەتىگەنلىك چاي تەييارلىغانىدى. مۇشاۋىر ھېلىقى قىپچاق ئاخباراتچىنى ھۇجرىغا باشلاپ قويۇپ ئۆز ئىشلىرىغا يۈرۈپ كەتتى. ھۇجرىدا ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ھىدايى بىرلىكتە ناشتا قىلغاچ قىپچاق بىلەن سۆھبەت باشلىدى.

    بېشىغا ئاق كىگىز قالپاق، پۇتىغا چورۇق كىيىۋالغان ئوتتۇرا بوي، ئوتتۇرا ياشلىق مۇھەممەد قۇلى ئىسىملىك بۇ قىپچاقنىڭ ئوزايىدىن بىر مالچى ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. ئابدۇنىياز كامال ئۇنىڭغا سىلىق-سىپايە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ئالدى بىلەن چاي-مەززەگە تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىمالال، ئەركىن سۆزلىشىگە بېشارەت بەردى. مۇھەممەد قۇلى يۈرىكىنى توختىتىپ، كېلىش مۇددىئاسىنى ئىزھار قىلدى:

    - مەن سۇ بېشى دېگەن يەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى تاغدا چارۋا باقىدىغان پادىچى ئىدىم. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا سۇ بېشىغا ئۇشتۇمتۇت «تۆتىنچى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇھ ئاتلىق ئادەملەر كېلىپ چۈشتى. ئۇلار ھەرخىل كىشىلەردىن قوشۇلغان شالغۇت گۇرۇھ ئىكەن. ئۇلار مېنى تۇتۇۋېلىپ: «چارۋىلىرىڭغا بىز قاراپ تۇرىمىز، سەن قىسىلنىڭ ئاستىدىكى يېزىلارغا بېرىپ ئىسيانچىلارنىڭ ئادەم سانىنى، قورال-ياراغ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ بىزگە خەۋەر يەتكۈزىسەن. ئەگەر بۇ سىرنى ئاشكارىلاپ قويساڭ، جېنىڭنى ئالىمىز» دېدى-دە، مېنى ئۇلارنىڭ ئىككى ئادىمى تۈن تەڭ بىلەن قىسىلدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئارقىسىغا قايتىپ كېتىشتى. مەن بىر كېچە-كۈندۈز تەمتىرەپ يۈردۈم، گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمىدى. قارىسام ئىسيانچى دېگەنلەر مېنىڭ قېرىنداشلىرىم ئىكەن. سىلەرگە خائىنلىق قىلىشقا مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. شۇڭا يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتقىلى كەلدىم. مەن سىلەردىن ئايرىلمايمەن...

    - قانچىلىك چارۋىڭىز بار ئىدى؟

    - يۈزدىن ئارتۇق،- دېدى قىپچاق جاۋاب بېرىپ.

    - ھەممە ئەھۋال،-  دېدى ئابدۇنىياز كامال سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش نىيىتىدە تەكىتلەپ،- بىزگە بەش قولدەك ئايان. سىزنىڭ ساداقىتىڭىزدىنمۇ گۇمان قىلمايمىز. بىراق، سىز كەتمەي بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ مال-ۋارانلىرىڭىز قولىڭىزدىن ئاجراپ كەتسە، بىز بۇنىڭغا زامىن بولۇپ قالىمىز. شۇڭا سىز ھازىر ئوبدان غىزالىنىۋېلىپ ئۆز يولىڭىزغا راۋان بولۇڭ، مېلىڭىزنى تېپىۋېلىڭ. ئۇلارغا يالغان-ياۋىداق سۆز قىلىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ...

    ئابدۇنىياز كامال بۇ يەردە دانالىق قىلغانىدى. مۇبادا قىپچاق ئاخباراتچىنى يولغا سېلىۋەتمىگەندە، بايىقى «تۆتىنچى» دېگەنلەرنىڭ «بىزنىڭ ئادىمىمىزنى تۇتۇپ قالدىڭلار» دەپ تۆھمەت قىلىشىدىنمۇ ساقلانغىلى بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ، قىپچاق مۇھەممەد قۇلى غىزالىنىپ بولدى-دە، چۈشتىن بۇرۇن بۇ يەردىن غايىب بولدى.

    ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتەر-ئۆتمەي مۇشاۋىر كېلىپ يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ ساراي ئۆيدە ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئابدۇنىياز كامال چەۋەنداز پاسوندا كىيىنىپ، مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن بىللە مۇشاۋىرى ئابدۇقادىر ھاجىنىڭ باشلامچىلىقىدا ساراي ئۆيدە تەقەززا بولۇپ كۈتۈپ تۇرغان يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئالدىغا ئەنئەنىۋى ھۆرمەت سالامىنى قىلىپ كىردى. يۇرت كاتتىلىرىمۇ ئورۇنلىرىدىن تەڭ تۇرۇشۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇلار سۆھبەت ئىپتىداسىغا تېخى ئېغىز ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا ساھىبخانا ھەمراھبەگ ئوتتۇرىغا چوڭ بىر گۈللۈك داستىخاننى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئالدى ۋە ئارقىدىنلا داستىخان ھەرخىل مېۋە-چېۋە، چاپىتى-مەزە، بېشەكچى، كۆچى قاتارلىق شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن تولدۇرۇۋېتىلدى.

    تورۇسى ۋاساجۈپ قىلىپ يېپىلغان، تاملىرىنىڭ ئىچ تەرىپى پاكىز ئاقارتىلغان، تۆت تامنىڭ ئاستىغا قىزىل گۈل دۇخاۋىدىن زەدىۋال تۇتۇلغان بۇ ساراي ئۆينىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچىلىك ھەرخىل نۇسخىلىق زىلچا ۋە شىرداق، تەڭلىمات ھەمدە مېھمانلارنىڭ ئورۇن جايلىرىغا گۈللۈك يېكەنداز، كۆرپىلەر سېلىنغانىدى.

    - قېنى، مېھمانلار، «ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام» دەپتىكەن بۇرۇنقىلار، شۇڭا ئاشقازانلىرىمىزنى ئوزۇقلاندۇرغاچ ئازادە پاراڭلىشايلى.

    ساھىبخانىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھەممەيلەن مەزەگە قول ئۇزاتتى. بۈگۈن بۇ ئۆيگە يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن مۇھەممەد ھاجى، موللا ھاپىز داموللا قاتارلىق ئونغا يېقىن كىشى كەلگەنىدى.

    - بىز بۈگۈن يۇرت ۋەكىللىرى جەم بولۇپ ئابدۇنىياز سىجاڭ باشلىق پىدائىيلىرىمىزدىن ھاردۇق سوراش نىيىتىمىز بىلەن ھۇزۇرلىرىغا كېلىۋاتىمىز. ھەربىرلىرى كۆپ جاپا تارتىشتىلا، ھاردىلا، چارچاشتىلا، بىز بۈگۈن ھەر بىرلىرىدىن ئىنتايىن سەمىمىي ھال سورايمىز...

    دەسلەپ ئېغىز ئېچىپ سۆز قىلغۇچى بۇ شەخس - تاغبۇلاق يۇرتىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق سەردارى - مۇھەممەد ھاجى دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ ھازىر ئەللىك ياشلارغا كىرگەن، بەستى قامەتلىك، ھۆسىن-تەلەتى كېلىشكەن، مەرىپەتپەرۋەر ۋە ئوقۇمۇشلۇق زات ئىدى. ئۇ - 30- يىللارنىڭ بېشىدا دېھقانلار ھەرىكىتىنى قوللاش يۈزىسىدىن بۇ يۇرتتا بىرىنچى بولۇپ پىدائىيلار ئەترىتىنى تەشكىللىگەن ۋە بۇ يەردە تۇنجى يېڭى مەكتەپنى تەسىس قىلغانىدى.

    - ھەربىرلىرىگە ھەم پۈتۈن يۇرت خەلقىگە رەھمەت،- دېدى ئابدۇنىياز كامال، مۇھەممەد ھاجىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىگە جاۋابەن،- يۇرت خەلقىنىڭ جاپاسى ئالدىدا بىز تارتقان جاپالار ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بىز ۋە پىدائىيلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېھقانلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى. شۇڭا ئەل-يۇرت ئۈچۈن بىز جاپا تارتىش تۈگۈل ھەتتا جان پىدا قىلىشقىمۇ تەييار. كىچىكىمدە مەن ئاقتاش دېگەن يەردە موللا زاكىر دېگەن ئۇستازنىڭ مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئۇ كىشى بىزگە مۇنداق بىر كۇبلىت شېئىرنى ئوقۇپ بەرگەن:

     

    ئەل ئۈچۈن تارتقان جاپانى،

    شاھ تەختىگە تەڭ بىلگۈلۈك.

    ئەل كۈلۈپ، كۆرسە بەخت،

    تاج-بەختىگە تەڭ بىلگۈلۈك.

     

    مانا بۇ بىر كۇپلېت يادىكار تەلىماتىنىڭ روھى بويىچە بىز ھەرقانداق جاپاغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز.

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ بۇ ھازىر جاۋاب مەنتىقىسىدىن تاغبۇلاق يۇرتىنىڭ مۆتىۋەرلىرى ھەيران قېلىشتى. لېكىن، ئۇلار توپلانغان جايلاردا كۆپ ھاللاردا، جامائەت مۇھەممەد ھاجىنىڭ ئېغىزىغا قاراپ، لەۋزە سۈرۈشمەي جىم ئولتۇرۇشاتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى.

    - تۈنۈگۈن موللا ھاپىز داموللام بىلەن بىرگە،- دېدى مۇھەممەد ھاجى پاراڭ تېمىسىنى يېڭى مەزمۇنغا يۆتكەپ،- يۇرتنىڭ ئەتراپىنى كۆزىتىپ كەپتىلا. چەۋەندازلارنىڭ بۇرچى ئەلۋەتتە شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك. لېكىن بىزنىڭ بۇ يۇرتىمىزنىڭ سۈيى قىس. «بىر تامچە سۇ - بىر تامچە قان بىلەن باراۋەر» دەيدىغان تەمسىلىمىز بار. جايلاشقان ئورنىمۇ ياقا-بۇلۇڭدا بولۇپ ھەجمى كىچىك. يۇقىرى تەرەپتە قىسىل مازار، ئاياغ تەرەپتە قىسماق مازار، ئوتتۇرىسى قازناق بازار، يۇرتىمىزنىڭ شارائىتى مانا مۇشۇنچىلىك.

    - بىز بۇنى چۈشىنىپ يەتتۇق،- دېدى ئابدۇنىياز كامال،- ئەمما بۇ يۇرتنىڭ ھاۋاسى ساپ، ئادەملىرى زېرەك ۋە ساغلام ئىكەن. بۇ ئامىل ئۇنىڭ قاپچىغايلىق نۇقسانىنى تولدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. بىز يەنە ھەربىرلىرى ئارقىلىق يۇرت خەلقىگە كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلىمىزكى، بىز بۇ يەرگە ئازلا بىر قىسىم ئاتلىقلار كەلدۇق. بىزنىڭ ئاساسىي بازىمىز ۋە پىدائىيلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئايكۆل، ئاۋات تەرەپلەردە؛ شۇڭا تاغبۇلاق دېھقانلىرى ئالۋان-ياساق ئەندىشىسىدىن خاتىرجەم بولغاي.

    ساھىبخانا ھەمراھبەگنىڭ مۇلازىملىرى تۇنجى داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ يېڭى داستىخان ئېچىۋاتقان چاغدا، سورۇن ئۈستىگە خۇرسەن تۈەنجاڭ سالام بېرىپ كىرىپ كەلدى-دە، ئابدۇنىياز كامالغا دوكلات بېرىپ دېدى:

    - تۈنۈگۈن مۇھەممەد ھاجىم جانابلىرى ئون نەچچە بورداق قوي كىرگۈزگەنىكەن، بۈگۈن ئەتىگەن بۇ قويلارنى سويۇپ، باغلاردىكى چەۋەندازلىرىمىزنى چۈشلۈك غىزا بىلەن ئوبدان كۈتۈۋالدۇق. بارلىق پىدائىيلىرىمىز نامىدىن ھاجىم ئالىيلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

    - بۇ بىزنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىمىز،- دېدى مۇھەممەد ھاجى ئورنىدىن تۇرۇپ،- بىز بۈگۈن يەنە ھۇزۇرلىرىغا ئازراق سوۋغات ئەكەلدۇق. ئازنى كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قوبۇل كۆرۈشكەيلا.

    مۇھەممەد ھاجى مۇلازىمى ناسىرغا كۆتۈرگۈزۈپ كىرگەن پەتەر خۇرجۇن ئىچىدىن ئەللىك يامبۇنى چىقىرىپ ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئالدىغا قويدى. ئابدۇنىياز كامالمۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، مۇھەممەد ھاجىغا سەمىمىي مىننەتدارلىق ئىزھار قىلدى.

    ئارقىدىنلا مۇھەممەد ھاجى يەنە ئۆز خىراجىتى بىلەن تەشكىللىگەن دېھقانلار ئەترىتىدىن ئەھمەد پەيجاڭ باشلىق ئون يىگىتنى ئات جابدۇقلىرى بىلەن ئابدۇنىيازنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ھىممىتىگە ئابدۇنىياز كامال باشلىق ھەممەيلەن ئۇزۇنغىچە چاۋاك چېلىپ تەشەككۈر ئىزھار قىلىشتى. مېھمانخانا بىردىنلا ھاياجان ۋە شادلىق كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلغان بۇ كەيپىيات ھەممەيلەننىڭ ئىشتىھالىرىنىمۇ سازلاشتۇرۇۋەتكەنىدى. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى يېڭى داستىخان ئۈستىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە قاتار-قاتار تىزىلغان لېگەنلەردىكى گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىشقا كىرىشىپ كېتىشتى. ئارقىدىن توخۇ گۆشى بېسىلغان پولۇ، كەينىدىن ئۈگرە ئاش... بۈگۈن تاغبۇلاق يۇرتىنىڭ مېھمان كۈتۈش مەمۇرچىلىقى ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سېلىۋەتكەنىدى.

    داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال ساھىبخانىغا ۋە مۇھەممەد ھاجى باشلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرىگە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلغاندىن كېيىن يۇمۇرلۇق تەمسىل كەلتۈرۈپ دېدى:

    - بىز تۈنۈگۈن سارەم يايلىقىدا تاپ ئىزدەپ ئېگىز ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن قارا غىلجىرنى كۆردۇق. بۇنداق غىلجىرلارنى مارالبېشى، ئاقسۇ ئايكۆل، ئاۋاتلاردىمۇ كۆرگەنىدۇق، ھەتتا بەزىلىرىنى ئېتىپمۇ چۈشۈرۈۋالدۇق. ناۋادا تاغبۇلاق ئاسمىنىدا شۇنداق غىلجىرلار پەيدا بولۇپ قالسا خالايىقنىڭ ئەندىشە قىلماسلىقىنى ئۆتۈنىمىز. بىزنىڭ پىدائىيلىق بۇرچىمىز - ياردەم بېرىشكە موھتاج بولغان يەرگە بېرىشتىن باش تارتماسلىقتا، مۇبادا ئاشۇنداق ياردەمگە كېچىدە ئاتلىنىپ قېلىپ، جامائەتچىلىك بىلەن خوشلىشىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالساق، ھەربىرلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىشلىرىنىمۇ ئۈمىد قىلىمىز.

     

    3

     

    يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كۆڭۈللۈك سۆھبەتتىن مەمنۇن بولغان ئابدۇنىياز كامال نېمىشقىدۇر بۈگۈن كېچە زىنھار ئۇخلىيالماي تاڭ ئاتقۇزدى. ئادەتتە ئاسمان يېقىلسىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان بۇ پالۋاننىڭ كاللىسىغا سۇ بېشى ئەتراپىدا پەيدا بولغان «تۆتىنچىلەر»نىڭ ۋەھىمىسى كىرىۋالغانىدى. ئۇ ئەتىسى بامدات ۋاقتى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى-دە، مۇشاۋىرى ئابدۇقادىر ھاجى بىلەن مۇھاپىزەتچىسى ھىدايىنى ھۇجرىسىغا قىچقىرىپ كىرىپ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جىددىيەتلەر ئۈستىدە كېڭەش يۈرگۈزگەنىدى.

    - قىپچاق ئايغاقچىنىڭ مەلۇماتىغا،- دېدى ئابدۇنىياز كامال دوستلىرىنىڭ سەمىگە سېلىپ،- سەل قارىغىلى بولمايدۇ. مەن بۈگۈن قىسىل ئەتراپىنى كۆزىتىپ كېلەي دەۋاتىمەن. دوستۇم ھىدايى ھازىرلا ئاتلىنىپ يۇقىرىستىكى مۇئەررىخ موللا ئەرشىدىن بىلەن بىللە غوجىلا دېگەن يەردە مېنى ساقلاپ تۇرسۇن. ئابدۇقادىر ھاجىم، سىلى شتاب ۋە چەۋەندازلار ئىشىغا مۇئەككەل بولۇپ تۇرسىلا. يەنە بىر ئىش، مېنىڭ ھېلىقى تورغۇت دۇلدۇلۇمنىڭ بېشىنى بوشىتىپ قويارلا، مەن يۇرت ئارىلىغاچ ياياغ كېتىۋېرىمەن، ئېھتىياج بولغاندا ئۇنىڭغا شەپە بېرىمەن.

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىككىيلەن تەڭلا قوشۇلدى. ئەتىگەنلىك كېڭەش ئاشۇنداق ئىخچام ئاياغلاشتى. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ تارقىشىدىغان چاغدا:

    - ئالدىرىماڭلار، يەنە بىر مۇھىم ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى،- دېدى سەركەردە دوستلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ،- بىزگە كاچۇڭ، ئۇچتۇرپان ۋە تاغبۇلاق مۆتىۋەرلىرى نۇرغۇن ئالتۇن، يامبۇ قاتارلىق ئېسىل بايلىقلارنى ئىنئام قىلدى. گېزى كەلگەندە بۇ نەرسىلەرنىڭ كېرىكى بولىدۇ. بۇ پىششىق ماللارغا ئابدۇقادىر ھاجىم سىلى ئىگىدارچىلىق قىلسىلا. چۈنكى ئالتۇننىڭ قەدرىنى ئاتۇشلۇقتىن باشقىلار تازا بىلەلمەي قالىمىز.

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ بۇ يۇمۇرلۇق سۆزى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇۋەتتى. كۈلكە توختىغاندىن كېيىن:

    - ناشتىدىن بۇرۇن بۇ ماڭا ئىنتايىن ياخشى سوۋغات بولدى،- دېدى ئابدۇقادىرھاجى.

    شۇنداق قىلىپ، ناشتىدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال يان قورالىنى ئېسىپ ئۆزى تەنھا پىيادە يۇرت ئارىلىغاچ قىسىل تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىگە نۇرغۇن بالىلار ئەگىشىۋالغانىدى.

    ئابدۇنىياز كامال بۈگۈن بېشىغا يۇلتۇز نۇسخىلىق ئاق شاپاق دوپپا، ئۇچىسىغا ئاق چەكمەن كۆڭلەك، پۇتىغا قارا شىبلىت كىيگەن، كۆڭلەك يېڭىنى جەينىكىگىچە تۇرۇۋالغان، بېشىغا كىيگەن شاپاق دوپپىسىنىڭ سول گىرۋىكىنى بىر ئىلىكچە كەڭلىكتە يۇقىرىغا قاتلاپ قويغانىدى.

    ئۇ، - يۇقىرىس ئايمىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا ئوڭ تەرەپتىكى توقنىياز ھاجىنىڭ خالتا كوچىسىدىن قۇشقاچلار توپ-توپى بىلەن ئۇچۇشۇپ، چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، سول ياندىكى ئېتىزلىق تەرەپكە شۇڭغۇپ ئۆتۈپ تۇراتتى.

    - قېنى، مەرگەن تاغا، ئاۋۇ تىز ئۇچۇۋاتقان قۇشقاچتىن بىرنى چەنلىيەلەمسىز، كۆرۈپ باقمايلىمۇ؟

    بالىلار ئارىسىدىكى شوخراق بىرى ئابدۇنىياز كامالغا تارتىنماستىن سوئال قويدى.

    - بولىدۇ، شاكىچىك، مانا قاراپ تۇر ئەمىسە...

    ئابدۇنىياز كامال چاققانلىق بىلەن يان قورالنى قېپىدىن سۇغۇرۇۋالدى-دە، دەل چەنلەپ ئېتىپ قۇشقاچنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى. ئۆلگەن قۇشقاچ چوڭ يولنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا دومىلاپ چۈشتى. بالىلار يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ ئۆلۈك قۇشقاچنى چىۋىق بىلەن ئۇياقتىن-بۇياققا دومىلىتىپ ئويناش بىلەن بەند بولۇپ كېتىشتى.

    شۇ ئەسنادا ئابدۇنىياز كامال بالىلار ئارىسىدىن ئايرىلىپ «غوجىلار» دېگەن يەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ يول ئۈستىدە بۇرۇنقىدەك تاش تۇمارنىڭ خاسىيەتلىك نۇرى ئارقىلىق تورغۇت دۇلدۇلىغا شەپە ماڭغۇزدى. ناھايىتى بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە دۇلدۇل يېتىپ كەلدى-دە، ئابدۇنىياز كامال دۇلدۇلغا مىنىپ بۇ يەردىن يېقىنلا جايدىكى «غوجىلا» دېگەن يەرگە بېرىپ ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان موللا ئەرشىدىن ۋە ھىدايىلار بىلەن ئۇچراشتى.

    مۇئەررىخ موللا ئەرشىدىن «غوجىلار» تەزكىرىسى توغرىسىدا ھىدايىغا ھېكايە سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. ئابدۇنىياز كامال يېتىپ بارغاندىن كېيىن ھېكايىنىڭ ئايىغىنى يەنە داۋام قىلىۋەردى:

    - شۇنداق قىلىپ،- دەپ داۋام قىلدى مۇئەررىخ موللا ئەرشىدىن،- جۇڭغار قىسىملىرى ئالتە شەھەرگە بېسىپ كىرگەندە، ئۇلارغا قارشى چىققانلارنى مۇشۇ جايغا توپلاپ نەزەربەند قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپئاق غوجىغا  قارشى مەيداندا بولغان مەھمۇت غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ بار ئىدى. جۇڭغار قىسىملىرىنىڭ باشلىقى داۋاچ مەھبۇسلارنى ئىشلىتىپ قىسىلنىڭ ئىككى تەرىپىگە مازار سالدۇردى، بۇ يەردە جۇڭغار قىسىملىرى قاراۋۇللۇق قىلاتتى. مەھبۇسلار يەنە مۇشۇ جايدا بىر تۈگمەن بىنا قىلدى. بۇ تۈگمەن كېيىنكى كۈنلەردە «غوجىلار تۈگمىنى» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. تاغبۇلاق يۇرتىدا نەزەربەند قىلىنغان قارا تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ ئىشانى مەھمۇت خوجا قاچماقچى بولۇپ ھەرىكەتلەنگەندە، جۇڭغار قىسىملىرى ئۇنى ئاشۇ تۈگمەننىڭ كولىسىدىن تېپىۋېلىپ باغلاپ ئىلىغا ئەكەتتى. كېيىن چيەنلۇڭنىڭ قىسىملىرى كېلىپ جۇڭغارلارنىڭ باشلىقى داۋاچنى يوشۇرۇنۇۋالغان قىسىل مازىرى ئىچىدىن تۇتۇۋالغانىدى، دېمەك، بىز بىلمەكچى بولغان «غوجىلار» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ئەنە شۇنداق.

    مۇئەررىخ موللا ئەرشىدىن ئارقىدىن دەۋر تارىخىنىڭ يۇقىرىقىدەك سېھىرگەرلىكىنى يەكۈنلەپ تۆۋەندىكى نەزمىنى ئوقۇدى:

     

    دەۋرانى پەلەك بەرھەق،

    چىنە چېقىلسا كوزىغا كېلەر.

    مىزانى پەلەك بەرھەق،

    كۈلگىنى يىغلار، يىغلىغان كۈلەر.

     

    ھېكايە ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۈچەيلەن ئاتلىنىپ قىسىل تامان يۈرۈپ كەتتى. ئابدۇنىياز كامال قىسىلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مازارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ جۇغراپىيىلىك شارائىتنى سىنچىلاپ كۆزىتەتتى. تاغبۇلاق سۈيىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى چوڭقۇرلۇققا جايلاشقان مەھەللىلەرنىڭ باغۋارانلىرى يىراقتىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مازار بىلەن مەھەللە ئارىلىقىدا تۈپتۈز كەڭ سايلىق سوزۇلغانىدى. چوڭقۇرلۇقتىن ئۆرلەپ چىققان ئىسسىق ھاۋا بىلەن قىسىل تېغىنىڭ سالقىن شامىلى مۇشۇ سايلىقتا ئۇچرىشىپ ئاسمان-پەلەك قۇيۇنتازلارنى ھاسىل قىلاتتى. كۈزدە ساغىرىپ چۈرۈپ قالغان ساينىڭ شىۋاقلىرىنى قۇيۇنتازلار ئۇچۇرۇپ يىراق جايلارغا چۆرۈۋېتەتتى. تاغ قۇشقاچلىرى قۇيۇنتازلارنىڭ ھەيۋىسىدىن ئۈركۈپ تاغنىڭ كامارلىرىغا كىرىشىۋالاتتى.

    ئابدۇنىياز كامال ھەمراھلىرى بىلەن بىللە تاغبۇلاق سۈيىنى ياقىلاپ مېڭىپ «ئىككى تۇمۇ» نىڭ بېشىغا كېلىپ بىرمەھەل دەم ئالدى. ئۇلار تۇمۇ قۇرۇلۇشىنى كۆزىتىپ، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈۋاتقان چاغدا ئۇشتۇمتۇت «ئەسسالام!» دېگەن ياڭراق سادا بىلەن بىللە بىر پەرىزاتنىڭ پەيدا بولۇپ تۇمۇ بېشىدا نازىنىن قىياپەتتە تۇرغانلىقى ئۈچەيلەننى بىردىنلا ھەيران قالدۇردى. پەرىزات ئابدۇنىياز كامالغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ تەخىرسىزلىك بىلەن خىتاب قىلىشقا باشلىدى.

    - مەن ھاۋا ئاتامنىڭ پۇشتىدىن تۆرەلگەن غايىبە ئاتلىق قىز بولىمەن، مەن سىزگە جۇپلۇققا ۋە سەپداشلىققا مۇناسىپ ئىدىم. ساغان تېغى باغرىدا بۇ مۇراجىئىتىمنى ئىلىك ئالماي كېتىپ قالدىڭىز، بىراق، مەن ھاۋا ئانامنىڭ بېشارەتچىلىك تەلىمىدىن ماھارەت ئىگىلىدىم. بېشارەت بېرەلەيمەنكى: سىزمۇ مېنىڭدەك يېتىم-يېسىرلىكتە چوڭ بولدىڭىز. مۇشتۇمزورلارغا قارشى يولىڭىزدا سەۋەنلىك يوق. سىز خەلقپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ كەلدىڭىز. زامان سىزنى باتۇر قىلىپ كۆتۈرگەنىدى. ئەمما زامان يەنە بۇ ئۇنۋاننى قولىڭىزدىن تارتىۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەن پەيتتە مەن يەنە يېنىڭىزدا پەيدا بولىمەن، خەير خوش!...

    ئاخىرقى تاۋۇش ئۈزۈلۈشى ھامان پەرىزات بىردىنلا ئىزىدىن ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب بولدى. ئابدۇنىيازنىڭ كۆزىگە قانداقتۇر بىر ئالا بويۇن، ئاچ قۇيرۇق قارلىغاچنىڭ ساغان تېغى تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقى گويا بىر سېھىرگىرىمدەك مەلۇم بولدى. قالغان ئىككىيلەننىڭ كۆزلىرى گىرىمسەنلىشىپ ھېچنېمىنى پەرق ئېتەلمەي گاڭگىراپ قېلىشتى. بۇ مۆجىزە تەقدىرنىڭ ئويۇنىمۇ، يا پەلەكنىڭ سېھىرگەرلىكىمۇ ۋە ياكى زاماننىڭ ھىيلىگەرلىكىمۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ ئەقلى يەتمەيتتى.

     

    4

     

    «ئىككى تۇمۇ» بېشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال پەرىزات مۆجىزىسىنىڭ تەسىرىدىن خېلى ئۇزۇنغىچە خامۇش بولۇپ يۈردى. قانداقتۇر بىر غەشلىك ئۇنىڭ روھىنى غىدىقلايتتى. لېكىن، ئۇ، بىلىندۈرمەسلىككە سالاتتى. تاڭلا ئەتىسى ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ياللانما شورا ئايروپىلانلىرى تاغبۇلاق يۇرتىنى بومباردىمان قىلىشقا كىرىشتى-دە، بۇ ۋەقە تۈپەيلى كېلىپ چىققان جىددىيەتلىك ئۇنى باشقىدىن سەگەكلەشتۈردى.

    ئىككى يىل بۇرۇن تاسادىپي بىر قوش قاناتلىق ئايروپىلان يېقىلغۇسى تۈگەپ ۋە يولدىن ئادىشىپ بۇ يۇرتنىڭ ئاسمىنىدا پەيدا بولغان. ئۇ يەرگە قونالماي تەمتىرەپ قالغاندا، تاغبۇلاقلىقلار كېگىز-گېلەملەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇزۇن سايغا پايانداز سېلىش ئارقىلىق «مېھمان» ئايروپىلانغا بەلگە بېرىپ ئارا سايغا قوندۇرۇۋالغانىدى.

    مانا ئەمدى ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ «مېھمان» ئايروپىلان ئۆزىگە يەنە ئىككى ھەمراھىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ ساھىبخانا تاغبۇلاق يۇرتىنى بومبا بىلەن كاچاتلىغىلى تۇردى.

    «يۇقىرىسىنىڭ قوناقلىقىغا بىر بومبا تاشلاپتۇ!»

    «قاراكۈتنىڭ قورۇقىغا بىر بومبا چۈشۈپتۇ!»

    «بومبا چۈشكەن ئېتىزلىق چوڭ كۆلدەك ئويۇلۇپ كېتىپتۇ!»

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ شىتابىغا كۈندە دېگۈدەك مۇشۇنداق ئاخباراتلار كېلىپ تۇراتتى. تاغبۇلاق يۇرتىنىڭ ئىچىنى بىردىنلا تەشۋىق تۈتەكلىرى قاپلىۋالدى. ئۇششاق-چوڭ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ساراسىمە-ئەندىشىگە چۈشۈپ، بەزىلىرى باغ ئىچىگە، بەزىلىرى قوناقلىق ئارىسىغا، بەزىلىرى يەنە ئۇدۇل تۈگمەنلەرنىڭ كولىلىرىغا قېچىشاتتى. ئەمما ئابدۇنىياز كامال روھى ئۈستۈنلۈكنى نامايان قىلاتتى-دە، بىر تەرەپتىن پىدائىي قىسىملىرىنىڭ ئىنتىزامىنى كۈچەيتىشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوڭ قولىدا قىلىچنى كۆتۈرۈۋېلىپ، كوچىمۇ كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ:

    - خالايىقلار، قورقماڭلار، ئۇلار ياقا ئالالماس غىلجىرلار، خاتىرجەم يۈرۈۋېرىڭلار!- دەپ ئۈنلۈك جار سالاتتى، ئۇنىڭ دېگىنىدەك ئايروپىلان ئۈچ كۈندىن كېيىن كەلمەيدىغان بولدى. كىشىلەرنىڭ بىساتلىرى زىيان-زەخمەتتىن ئامان قالدى.

    لېكىن، «بالا-قازا يالغۇز يۈرمەيدۇ» دېگەن گەپ بىكار چىقمىغان. 1937- يىل 8- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغان چاغدا ۋاقىتلىق شتاب - ئەھمەدبەگنىڭ قورۇسى ئالدىغا ئاقسۇ تەرەپتىن داۋۇت شەمشەر باشلىق تۆت نەپەر ئاتلىق كېلىپ توختىدى. داۋۇت شەمشەر قالغان ئۈچ ئاتلىقنى قورۇ ئالدىدا توختىتىپ قويۇپ، ئۆزى ئاتتىن چۈشكەن پېتى شتاب ئىچىگە ئالدىراش كىرىپ كەلدى-دە، ئابدۇنىياز كامالنىڭ قولىغا بىر پارچە جىددىي مەخپىي خەتنى سۇنۇپ تۇرۇپ ئالاقزادىلىك كەيپىياتتا دوكلات قىلىشقا باشلىدى:

    - ئاقسۇ دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ ساپئېرىق تەرىپىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان قاراۋۇللار قەشقەر يۇمىلاق شەھەر تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن ئايغاقنى تۇتۇۋالغان. ئۇنى نازارەت ئاستىدا بۈگۈن بۇ يەرگە ئەكەلدۇق.

    ئايغاقچىنىڭ يېنىدىن چىققان مەخپىي خەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:

     

    «ھۆرمەتلىك مويىدىن تۈەنجاڭ: دوكلاتىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بارلىق ھەرىكىتىڭىزنى قوللايمىز. ئەسىر ليۇتچىكلارنى قويۇۋېتىپ تۆھپە ياراتتىڭىز. ئابدۇنىيازلارنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش يولىدىكى ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيىتىڭىزگە تىلەكداشلىق قىلىمىز ۋە سىزگە ياردەم بېرىمىز.»

     

    ئابدۇنىياز كامال مەخپىي خەتنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى-دە، شتاب ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا بىرنەچچە رەت مېڭىپ، ئارقىدىن يەنە ئاچچىقىنى بېسىۋالدى ۋە ئۆز ئورنىغا قايتىپ بېرىپ داۋۇت شەمشەرگە تەشەككۈر ئېيتتى:

    - سىزنىڭ سەزگۈرلۈكىڭىزگە ئاپىرىن. «يېغى ياندىن چىقار» دېگەن كونىلارنىڭ ئۇلۇغ تەمسىلى مانا ئەمدى ئەمەلىيەت بولۇپ چىقتى. ئۇنداقتا بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ كوزىرىنى كۆرسىتىپ باقايلى، ئۇ بولسىمۇ «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ».

    چۈشلۈك تاماققا ئابدۇنىياز كامالدىن باشقا مۇشاۋىر ئابدۇقادىرھاجى، خۇرسەن تۈەنجاڭ، مۇھاپىزەتچى ھىدايى ۋە داۋۇت شەمشەر قاتارلىق بەش كىشى جەم بولدى. ئۇلار تاماق يېگەچ ھېلىقى مەخپىي خەتنىڭ خەۋپى ئۈستىدە مۇزاكىرە يۈرگۈزدى ۋە جىددىي قارار ماقۇللاشتى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.