خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى19 (مۇھەممەت يۈشۈنچىڭ ئاخۇنۇم

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 11:10:12

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى19 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت ت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى19 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
     نۇرمۇھەممەت توختى

     

     مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ پەزىلەتلىرى

     

       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. تۆھمەت يېشى بىلەن قوشقاندا 90 يىل ئۆمۈر كۆردى. 40 ياشقا بارماي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتكەن دادىسى يۈ يىڭخەن دارىننىڭ، ئانىسى لى مېيزى ئاغىچىنىڭ ئۆمرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 90 يىل ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر ئىدى... باشقىلار بەك قىسقا ياشاپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۆمرى بەك ئۇزۇن تۇيۇلدىمۇ ياكى ئۇ بەك ئۇزۇن ياشىغانلىقتىن باشقىلارنىڭ ئۆمرى بەك قىسقا بىلىنىپ قالدىمۇ، بۇ ئانچە مۇھىم مەسىلە ئەمەس. بېشىدىن كەچۈرگەن كەچمىشلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ياكى ئەمەلىي بېسىپ ئۆتكەن يىللار سانى بويىچە قارىغاندىمۇ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ھەقىقەتەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنىدى. ئۇ يەنىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولاتتى. ئەپسۇسكى، 1953-يىلى ئاتتىن يىقىلىپ سۇنۇپ كەتكەن پۇتى 2000-يىلى پەشتاقتىن مۇدۈرۈپ كېتىپ يەنە سۇنۇپ كەتتى. 90 ياشقا يېقىنلاشقاندا سۆڭەك سۇنۇپ كېتىش ھەقىقەتەنمۇ ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىدىغان ئىش ئىدى. بەلكى بۇنى ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇش دېيىشكە بولاتتى، سۆڭەك ئۆسۈشتىن، ھۈجەيرىلەر كۆپىيىشتىن توختىغاندا پۇت سۇنۇپ كەتسە قانداق ساقىيىدۇ؟ پەرزەنتلىرى ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاتتى، خوتەنگە يۆتكەپ كېلىپ داڭلىق سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ئوبۇل ئاخۇن دوختۇرغا كۆرسەتتى، ئاتاۋۇللا ئىسلام ھاجىمغا كۆرسەتتى، كۆز كۆرگەن، قۇلاق ئاڭلىغان بارلىق ئاماللارنى قىلىپ باقتى، ئەمما سۇنغان سۆڭەك قايتا تۇتمىدى، 2001-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى.
        پەرزەنتلەر ۋە نىيە مەسچىتىنىڭ جامائىتى مەرھۇمنى مەرھۇم ئېتىقاد قىلغان دىننىڭ قائىدە-رەسمىيەتلىرى بويىچە ئاخىرەتكە ئۇزاتتى. مەرھۇم ياتقان لەھەتنىڭ ئاغزى ئېتىلىپ، ئىمام ئاخۇنۇم «سۈرە ياسىن»نى مۇڭلۇق ئاۋازدا قىرائەت قىلىپ، جامائەت مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ ئاخىرقى قېتىم دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئوغۇللىرى «جامائەت، دادىمىز قانداق ئادەم ئىدىكىن» دەپ سوراشتى. جامائەت «ياخشى ئادەم» ئىدى، «مۆمىن بەندە ئىدى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىشتى. تىلى بىلەنلا ئەمەس، دىلى بىلەنمۇ گۇۋاھلىق بېرىۋاتاتتى، ئەمەلىيەتتىمۇ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ھېچ ئىككىلەنمەي گۇۋاھلىق بېرىشكە ئەرزىگۈدەك ئادەم ئىدى. ئۇ سەمىمىي-سادىق ئىنسان ئىدى، ئۇ ئۆمرىدە بىر ساندۇق كىتاب يىغقانىدى. ئۇنىڭ كىتابلىرى ئەرەبىي، پارسى، تۈركىي ۋە خەنزۇ تىللىرىدىكى كىتابلار ئىدى، ئوردۇچە كىتابلارمۇ بار ئىدى، ئۇ ئاشۇ تىللارنىڭ ھەممىسىنى پىششىق بىلەتتى، ئاشۇ تىللاردا يېزىلغان شەرھى كىتابلارنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، قايتا-قايتا مۇتالىئە قىلىپ، دىنىي ئىلىمنىڭ تېرەن-چوڭقۇرلۇقىغا شۇڭغۇپ كىرەتتى. ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلىدىغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەرەبچىسىنى ئوقۇش بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىمۇ، خەنزۇچە نۇسخىسىنىمۇ ئوقۇيتتى. ئاشۇ يىلى نىيە ناھىيىسىنىڭ سابىق ھاكىمى، خوتەن ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى مەرھۇم ھاشىم تۇرسۇن ھۆكۈمەت راسخوتى بىلەن ھەج-تاۋاپ قىلىپ قايتقاندا، ئاتايىتەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمغا ئاتاپ بەش تىزىق تەسبى ۋە ھەرەمدە بېسىلغان خەنزۇچە «قۇرئان كەرىم»نى سوۋغات قىلىپ ئەكەلگەنىدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئاشۇ كۈنلەردىكى مەمنۇنلۇقىنى بىر دېمەڭ، ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى قولىغا بىر ئالغانچە ئاخىرغىچە ئوقۇپ چىققانىدى. ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەرخىل تىللاردىكى نۇسخىلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ بىر-بىرىگە سېلىشتۇراتتى ۋە چۈشەنچىسىنى مۇستەھكەملەيتتى.
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ قىرائىتى بەك مۇڭلۇق ئىدى، ئاشۇ بىر يىلى كېرىيەدە تۇخان خېنىمغا تۇغقان بولىدىغان قاسىم يۈسۈپ ۋاپات بولدى، تۇغقان ۋاپات بولسا ئۇنىڭ ماتىمىگە ھازىر بولۇش كېرەك، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم يىراق نىيەدىن ئوغۇللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ھازىغا كەلدى، تۇخان خېنىمنىڭ ھەممە تۇغقانلىرى جەم بولغانىدى، قاسىم يۈسۈپنى يەرلىككە قويغان تۇپراق بېشىدا، لەھەتنىڭ ئاغزى ئېتىلگەن چاغدا، كېرىيەلىك موللىلار قىرائەت قىلىشنى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمغا ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالدى. باشقىلار ئىززىتىڭنى قىلىۋاتسا، رەت قىلىۋېرىشكە يۈزۈڭ چىدامدۇ؟ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئاشۇ تۇپراق بېشىدا «سۈرە ياسىن»نى قىرائەت قىلدى. قىرائەت ئاۋازى قەبرىستانلىقنى مەڭگۈلۈك مۇڭ، مەڭگۈلۈك غېرىبلىق، مەڭگۈلۈك سۈكۈنات ئىچىگە غەرق قىلدى. قەبرىستانلىق ئاسمىنىدا ئاھ-زار، نالە-پەرياد، دەرد-ئەلەم ھۇۋۇلدىدى، بۇ ئىنسان بالىسىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى مەڭگۈ بىچارىلىقى، بىقۇۋۇللۇقىدىن، ھاياتقا بولغان مەڭگۈلۈك ئىنتىلىش-قانماسلىقىدىن، ئايرىلىش-جۇدالىققا بولغان ئاخىرقى تىركىشىشىدىن چىققان سادا ئىدى. ئاھ، ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالايدىغان كىم بار؟ ئى ئاللاھ، ھەممىمىز دەرگاھىڭغا قايتقۇچىلارمىز، ھەممىمىز ئۆلۈم شارابىنى تېتىغۇچىلارمىز، بىزنى توغرا يولدا قىل، بىزگە رەھمەت ئاتا قىل، ئىگەم...
       مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى كېكىردەكلەرنى بوغاتتى، ۋۇجۇدلارنى شامال سوققان ياپراقتەك تىترىتەتتى، يۈرەكلەرنى پارە-پارە قىلىۋېتەتتى... شۇ كۈنى قەبرىستانلىققا چىققانلاردىن يىغلىمىغان، ياش تۆكمىگەن ھېچكىم قالمىدى، كىشىلەر بوقۇلداپ يىغلاشتى، بۇ قاسىم يۈسۈپتىن ئايرىلىش جۇدالىقىدىن كۆرە، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ قىرائىتىنىڭ مۇڭىدىن پەيدا بولغان ھالەت ئىدى.
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ھالال-توغرا ۋە دۇرۇس ئادەم ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى ھاراق، تاماكا، قىمار، زىنا ۋە كىشى ھەققىگە كۆز ئالايتىدىغان قىلىقلاردىن يىراق بولدى، ئۇ كەمتەر، ئاددىي-ساددا ۋە سىلىق-سىپايە ئىدى، كىشىلەرنى باي-نامرات، يۇقىرى-تۆۋەن دەپ ئايرىمايتتى. تەبىقە ۋە مىللەت سۈرۈشتۈرۈش بولسا ئۇنىڭغا تېخىمۇ يات ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلچىمى بىرلا−يەنى ياخشى ۋە يامان ئىدى، ياخشىلارنى ھۆرمەتلەيتتى، يامانلارغا نەسىھەت قىلاتتى، توغرا يولغا دەۋەت قىلاتتى، سودا-سېتىقتا زادىلا باھا تالىشىپ يۈرمەيتتى. ھەرىكەت قىلىشقا بەكلا ئامراق ئىدى. ھېچقانداق ئىشى بولمىسىمۇ ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن كۈندە بىر قېتىم «قۇمباغ مەھەللىسى»دىكى ئۆيىدىن بازارغا كىرىپ چىقاتتى، بازاردىن نېمىلەرنىدۇر ئالاتتى. «ئۆيدە بار نەرسىنى ئاپسىز» دېسە، «بىچارىلەر يىراق يېزىدىن ئېلىپ كېلىپ ساتىمەن دەپ تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ، ئىچىم ئاغرىپ ئالدىم» دەيتتى.
       ئۇ بەك سەھەر تۇراتتى، مەسچىتتىن قايتىپ كېلىپ ناشتىلىق تەييار بولغۇچە ھويلا-ئارامنى سۈپۈرۈپ بولاتتى، تاماققا كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزى تۇتۇش قىلاتتى، بىرقانچە خىل قورۇما تەييارلاپ تاماق يەيتتى، كۆكتاتنى كۆپ، ئاشلىقنى ئازراق يېيىشكە ھېرىسمەن ئىدى. پوشكال سېلىپ ئارىسىغا لازا-مۇچ يۆگەپ يېيىشكە ئامراق ئىدى، بۇ ئاشۇ خۇنەن چاڭشادىن چىققان يۈ يىڭخەن دارىننىڭ ئادىتى ئىدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمغا دادىسىدىن قالغان ئادەت ئىدى. ئۇنىڭدا دادىسىدىن قالغان ئادەتلەر كۆپ ئىدى، ئۇ ئۆمۈر بويى داستىخان ئىشلەتمەي شىرەدە تاماق يېيىشنى داۋاملاشتۇردى. گىلەم-كىگىزدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرماي، ئورۇندۇق-كۇرسىدا ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. دادىسى يۈ يىڭخەن دارىندىن، ئۆگەي دادىلىرى شاڭ سى ھەم لى جاڭگۈيدىلەردىن ئۆگەنگەن خۇنەن شېۋىسىدە سۆزلەشنى بەك ياخشى كۆرەتتى. خۇنەن شېۋىسىدە سۆزلىشىدىغان بىرەر ئادەم تېپىلىپ قالسا مۇڭدىشىپ قانمايتتى. 90-يىللاردا نىيە ناھىيىلىك پارتكومدا ئىشلىگەن لى دىڭزۇ ئىسىملىك خۇنەنلىك بىر ئادەم بولىدىغان، ئۇ پات-پات مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى يوقلاپ تۇراتتى، يۇرتداشلىق مېھرى دېگەن شۇنداق ئىسسىق بولسا كېرەك. ئىككىسى كۆرۈشسىلا مۇڭدىشىپ قانمايتتى. خۇنەن شېۋىسىدە شۇنداق قىزغىن كالدىرلىشىپ كېتەتتىكى، نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئۆيدىكى بالىلار زادىلا ئاڭقىرالمايتتى. ئۇلار بەلكىم ئاشۇ يىراقتا قالغان گۈزەل شاڭجياڭ دەرياسى بويلىرى ھەققىدە، چاڭشانىڭ ئاۋات كوچىلىرى ھەققىدە، خۇنەندىن چىققان داڭلىق كىشىلەر ھەققىدە سۆزلىشىدىغاندۇ، ئاھ تۇغۇلغان يۇرت ئىشقى، ئۇنىڭغا نېمە يەتسۇن؟
        90-يىللارنىڭ باشلىرىدا نىيە ناھىيىسىگىمۇ تېلېۋىزور ئاتلىق «جاھاننەما ئەينىكى» يېتىپ باردى. بەزى قاناللاردا ئارىلاپ-ئارىلاپ خۇنەن تىياتىرى-شاڭجۈي قويۇلۇپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا تېلېۋىزورغا ئانچە ھەۋەس قىلىپ كەتمەيدىغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ قۇلاقلىرى دىڭ بولاتتى، كۆزلىرى تۆت بولۇپ تېلېۋىزور ئېكرانىغا تىكىلىپ قالاتتى. نېمە دەيمىز؟ ياڭراۋاتقىنى تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ ئاۋازى تۇرسا، ئوغۇل ئانا يۇرت ئاۋازىغا مەستخۇش بولۇپ ئولتۇرۇپ كەتمىسۇنمۇ؟ بۇ تەبىئىي ھال ئىدى. قاندا ساقلىنىپ قالغان، تومۇرلاردا ئېقىۋاتقان ئاجايىپ بىر نەرسە ئىدى، ئىنسان ۋۇجۇدىدا دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بولغاندەك، مەڭگۈ ئۆگەرمەيدىغان نەرسىلەرمۇ بولىدۇ، يۇرت مېھرى، ئاتا-بوۋىلار قېنى ئارقىلىق ئۆتكەن مىجەز-خۇلق، ئۆرپ-ئادەت، ئىنتىلىش كۆپ ھاللاردا ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەنە شۇ نەرسە مىللىي روھنى ھاسىل قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئېتىقادى، دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش شارائىتى ئۆزگىرىشى مۇمكىن. پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، ياشاش شەكلى ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئەمما، مىللىي روھ ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدۇ. كىمدۇر بىرى باسقان پولات تامغىدەك ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ قالىدۇ، تاشقا ئويغان نەقىشتەك بوران _چاپقۇنلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ ئاشۇ روھ ئۆزگەرمىگەنىدى. دائىم گۈرۈچ تامىقى يېيىشكە ئادەتلەنگەن يۈ يىڭخەن دارىننىڭ ئوغلى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بۇغداي ۋە قوناق تامىقى يېيىشكە ئادەتلەندى. ئەمما، ئۇنىڭدا لازا-مۇچقا بولغان خۇنەنلىكلەرچە ئامراقلىق ساقلىنىپ قالدى. بۇتساتۋاغا ئېتىقاد قىلىدىغان يۈ يىڭخەن دارىننىڭ ئوغلى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تەقۋادار مۇسۇلمانغا ئايلاندى، ئەمما ئۇنىڭدا خۇنەنلىكلەرگە خاس بولغان ئۆز ئېتىقادىغا بولغان جاھىلانە سادىقلىق، تاغدەك چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەملىك ساقلىنىپ قالدى. نىمچە كىيىپ، بېشىغا ئۇزۇن چاچ قويۇپ يۈرىدىغان يۈ يىڭخەن دارىننىڭ ئوغلى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يەكتەك، تون كىيىپ، چېچىنى پاكىز قىردۇرۇپ سەللە تەلپىكى كىيىدىغان خوتەنلىك ئادەمگە ئايلاندى. ئەمما، ئۇنىڭدا خۇنەنلىكلەرچە خۇنەن يۇرتۋازلىقى باشتىن-ئاخىر ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. يۈ يىڭخەن دارىن ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئوغلىدىمۇ ئاشۇ ئادەت ساقلىنىپ قالدى. ئۇ يورۇڭقاش، كېرىيە، نىيە دەريالىرىنىڭ گۈل-چىمەنلىك قىرغاقلىرىدا ئاز كەم بىر ئەسىر ياشىدى. ئەمما، شاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دولقۇنلۇق سۇلىرىنى ئۇنتۇيالمىدى، ئۇ سۇلايمان ئاخۇن قالۇن بىلەن ئېيتقان ۋە مەڭلەشخان مۇقامچى ئورۇندىغان يەرلىك مۇقاملارنى ئاڭلاپ ئۆستى ۋە ياشىدى. لېكىن، «شاڭجۈي»نىڭ ئۆزگىچە رېتىمىنى ئۇنتۇيالمىدى. ئەنە شۇ كېيىنكى نەرسىلەر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مىللىي روھنى تەشكىل قىلاتتى. ئۇ خوتەنلىك بولۇشقا مۇناسىپ بولغاندەك، يەنە خۇنەنلىك بولۇشقىمۇ مۇناسىپ ئىدى، ھەرقانداق دىن، ھەرقانداق ئىدېئولوگىيە دۆلەت ۋە مىللەت چېگرىسىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئەگەر بىزمۇشۇ قاراشنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولساق، ئەمدى بىزگە ئەڭ ئاخىرقى بىر سۆزنىلا ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ھەقىقىي بىر ئىنسان ئىدى، دېگەندىن ئىبارەت.
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم 90 يىل-ئاز كەم بىر ئەسىر ياشاپ ئۆزىنىڭ ئادەملىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ، يىلتىزى قۇراي-قۇراي دەپ قالغان يۈ جەمەتىنى قايتا گۈللەندۈرۈپ، يۈزى يورۇقلۇق بىلەن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. بىزنىڭ ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى بايانلىرىمىزمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا بىز يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى شەجەرىسىگە بىر قۇر نەزەر ئاغدۇرساقلا ھەممە ئاخىرلىشىدۇ.

     

    (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.