بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)12

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-28 21:10:18

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) ئەمدى يېڭى مەنزىرە، يېڭى ئالدامچىلىك-ھىيلىگەرلىك ھادىسىلىرى دىققىتىمنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى: يارىدارلارنى داۋالاش-ئەملەش باشلاندى.قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى ئىچىدە ھەم...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    ئەمدى يېڭى مەنزىرە، يېڭى ئالدامچىلىك-ھىيلىگەرلىك ھادىسىلىرى دىققىتىمنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى: يارىدارلارنى داۋالاش-ئەملەش باشلاندى.

    قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى ئىچىدە ھەم ئىماملىق ھەم دوختۇرلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىدىغان باخشى، يەنى OBI جەڭچىلەرنى دىنى جەھەتتىن داۋالاپ بولغاندىن كېيىن، كېسەل – يارىدارلارنى جىسمانىي جەھەتتىن ئەملەشكە ئۆتتى. ئۇ ئۈستىدىكى چېركاۋ كىيىملىرىنى يېشىۋېتىپ، چوڭ ساندۇقنى ئەكىلىشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭ بۇ ساندۇقى بىرنەچچە قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دورا – دەرمەك ۋە جەرراھلىق سايمانلىرى ساقلىناتتى. باخشى بۇ سايمانلاردىن پات – پات پايدىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ بېلىق قوۋۇرغىسىدىن قىلىنغان ئۆتكۈر نەشتەرلەر ئارقىلىق ماھىرلىق بىلەن قان ئالاتتى. بۇ ھەرىكەتلىرىدىن ئۇنىڭ پىچاق، ئامبۇر ياكى قىسقاچلار بىلەن يارىنى يېرىشنى بىلمەيدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ كېسەللەرگە تولاراق دالا ئاپلىسىنلىرى، ھەرخىل گىياھ يىلتىزلىرى ۋە ئوت – چۆپلەردىن قاينىتىلغان دورىلارنى ياكى بىرنەچچە يۇتۇم قەنت ئارىلاشتۇرۇلغان شاراپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنەتتى. ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھەممىگە داۋا دەپ ھېسابلايدىغان بىردىن – بىر دورىسى ئۈچ ئىستاكان قىزىل ۋىنو ئىدى، ۋىنوغا ئۇۋىتىلغان بادام مېغىزى ۋە پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرەتتى. بۇ قىممەتلىك دورا ئەڭ ئېغىر كېسەللەرگە ۋە يارىدارلارغىلا بېرىلەتتى. سىلەر باخشىنىڭ بۇ دوختۇرلۇق ماھارىتىنىڭ خۇددى ئۇنىڭ دىنىي كارامەتلىرىگە ئوخشاشلا كۈلكىلىك، ئىپتىدائىي ئىكەنلىكىنى، ئەلۋەتتە، چۈشىنىسىلەر. ئۇنىڭ ئۆزىگە تاساددىپىي يولۇقۇپ قالغان ئازغىنا دورا ئۆسۈملىكلىرى بىلەن كېسەللەرنى سەللىمازا ساقايتىپ، نېگىرلارنىڭ ئىشەنچ – ئىخلاسىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ كېسەللەرگە دورا بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمارنىڭ ئېڭىغا، روھىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرخىل سېھرىگەرلىكلەردىنمۇ پايدىلىناتتى. ئۇ بەزى چاغلاردا كىشىلەرنىڭ يارىسىغا قانداقتۇ سىرلىق ئىما – ئىشارەتلەر بىلەن كۇف – سۈف قىلىپ قوياتتى. بەزىدە بولسا، ئۆتمۈشتىن قېپقالغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىىپ كەتكەن بەزىبىر خۇراپىي دىنىي تەسەۋۋۇرلاردىن ۋە ئىرىم – سىرىملاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، بىمارنىڭ يارىسىغا ھېكمەتلىك لاتىغا ئورالغان قوماچ قىستۇرۇپ قوياتتى – دە، بىر پارچە تاشقا ئاغرىق پەسەيتىدىغان ئۇلۇغ ئايەتلەرنى يېزىپ بېرەتتى. ئەگەر پالانچى كېسەل ساقىيالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ ياكى بەرگەن دورا پايدا قىلماپتۇ دېيىلسە، ئۇ تەنتەنىلىك ھالدا مەن ئۇنىڭ ساقىيالماي ئۆلىدىغانلىقىنى بۇرۇندىنلا بىلەتتىم. چۈنكى ئۇ خائىن ئىدى، پالانى چاغدىكى ئوت قويۇشتا ئۇ بىر ئاق تەنلىكنى قۇتقۇزۇۋالغان، ئاشۇ خائىنلىقى ئۈچۈن جازالىنىپ ئۆلدى! دەپ جاۋاب بېرەتتى. بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان قوزغىلاڭچىنىڭ كۆڭلىدە ئۆلگۈچىگە نەپرەت، ئاق تەنلىكلەرگە تېخىمۇ ئۆچمەنلىك قايغۇسى قوزغىلاتتى. بۇ ئالدامچى باخشىنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى يەنە بىر ئۇسۇلى ماڭا باشقىچە تەسىر قىلدى، ئۇ ئاخىرقى جەڭدە ئېغىر يارىلانغان بىر قارا تەنلىك باشلىقنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىچە ئۇسۇل قوللاندى: دەسلەپ ئۇنىڭ يارىسىغا ئۇزۇن سىنچىلاپ قاراپ، ئۆزى بىلگەنچە يارىنى تاڭدى، ئاندىن كېيىن ئۆمىلەپ مېھراپقا چىقىپ: يارا زادىلا خەتەرلىك ئەمەس! دەپ خىتاپ قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن دىنىي كىتاپنىڭ ئۈچ – تۆت ۋارىقىنى يىرتىپ ئالدى – دە، ئۇنى ئاكيۇل چېركاۋسىدىن ئولجا ئالغان ئىسرىقدانغا سېلىپ كۆيدۈردى، بۇ مۇقەددەس ۋاراقلارنىڭ كۈلىنى ئىبادەت قاچىسىدىكى بىرنەچچە تامچا ۋىنوغا ئارىلاشتۇرۇپ، يارىدارغا شۇنداق دىدى: ئىچ ئاغرىقىڭغا شىپالىق بېرىدۇ!

    گالۋاڭ نېگىر ئالدامچى باخشىغا ئىخلاس بىلەن تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرۇپ ۋىنونى ئىچىۋەتتى، باخشى بولسا مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، تەڭرىدىن ئۇنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلىدى. ئېھتىمال، بىمارنىڭ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچى كېسىلىنىڭ تۈزىلىپ كېتىشىگە ياردەم بەرسە كېرەك.

    31

    يۇقۇرىدىكى ھادىسىلەرگە ئۇلىشىپ يېڭى ھادىسىلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇ ھادىسىلەردىمۇ ئاشۇ نىقاپ تارتقان باخشى باش رول ئوينىدى. ئۇ باخشىلىقتىن ئىماملىققا، ئىماملىقتىن دوختۇرلۇققا ئۆزگەرگەن بولسا، ئەمدى رەمچىگە ئايلاندى،

    -ئاڭلاڭلار، خالايىق!- دەپ خىتاپ قىلدى باخشى قەن ساندۇقىدىن ياسالغان مېھراپنىڭ ئۈستىگە چاققانلىق بىلەن سەكرەپ چىقىپ ۋە پۇتلىرىنى ئېتەكلىرىدە يۆگەپ ئولتۇرۇپ، - خالايىق، قۇلاق سېلىڭلار! كىمكى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تەقدىر كىتابىدىن بىلىشنى خالىسا، مېنىڭ ئالدىمغا كەلسۇن، مەن ئۇنىڭغا كەلگۈسىنى سۆزلەپ بېرىمەن، مەن لولىلارنىڭ رەمچىلىك ئىلىمىنى ئۆگەنگەن كىشىمەن.

    بىر توپ نېگىر بىلەن مۇلاتلار گۈررىدە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشتى.

    -بىر – بىردىن كىلىڭلار، ئەگەر ھەممىڭلار بىراقلا يېپىلىپ كەلسەڭلار، يامان بولىدۇ، ھەممىڭلار بىراقلا گۆرگە ماڭىسىلەر!- دىدى باخشى ئۈنلۈك ئاۋازدا. ئۇنىڭ ئاۋازى قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا ئاڭلىغان چىقىراق ئاھاڭنى ئېسىمگە سېلىپ، مەندە چۈشىنىكسىز ئەسلىمىلەرنى قوزغىدى.

    نېگىرلار توختاپ قېلىشتى. شۇ پەيتتە بىئاسۇنىڭ ئالدىغا ئاق شىم – تۇجۇركا كىيگەن بىر مۇلات كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ بېشى باي يەر ئىگىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش يىپەك ياغلىق بىلەن تېڭىلغان ئىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن قورقۇنچ ئالامىتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

    -خوش، نىمە گەپ؟- ئاستا سورىدى باش قوماندان، - نىمە بولدىڭىز، رىگو؟

    بۇ كىشى كېيىنكى ۋاقىتلاردا گېنېرال رىگو دەپ داڭ چىقارغان كەي ئوبلاستىدىكى مۇلاتلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۆزىنىڭ زالىملىقى ۋە قاتتىق قوللۇقلۇقىنى ساختا مۇلايىملىق بىلەن نىقاپلاپ يۈرىدىغان ۋە ساددا، ئاقكۆڭۈل قىياپىتىدە كۆرۈنىدىغان كىشى ئىدى.

    مەن ئۇنىڭغا دىققەت بىلەن سەپسالدىم.

    -گېنېرال، - دىدى رىگو (ئۇ ناھايىتى ئاستا سۆزلىسىمۇ، مەن بىئاسۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىمدىن ھەممە سۆزىنى ئاڭلىدىم) – ژان فرانسۇئا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر چاپارمەن لاگىرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇكمان تۇزار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ يېڭىلا ئۆلتۈرۈلگەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاق تەنلىكلەر بۇكماننىڭ كاللىسىنى ئولجا ھېساپلاپ، شەھەردە سازايى قىلىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ.

    -شۇلىما؟ - دەپ سۇئال قويدى بىئاسۇ. ئۇنىڭ باشلىقلار سانىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىشى نەتىجىسىدە، مەن تېخىمۇ ئابرۇيلۇق بولىمەن، دىگەن يوشۇرۇن خۇشاللىقىنى كۆزلىرىدىن روشەن بىلىنىپ تۇراتتى.

    -ژان فرانسۇئانىڭ چاپارمىنى سىزگە يەنە مەكتۇپ ئېلىپ كەلگەن.

    -ياخشى، - دىدى بىئاسۇ، - سادىغاڭ كېتەي، رىگو، ماڭا گۆردىن چىققان ئۆلۈكتەك قارىماڭا!

    -ئەجىبا، گېنېرال، بۇكماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۆز قوشۇنىڭىز ئىچىدە بىرەر ئالاقزادىلىك قوزغىشىدىن ئەندىشە قىلمىسىڭىز....؟ - دىدى رىگو.

    -ئۆزىڭىزنى سادىقلىققا سالماڭ، رىگو، - دىدى باشلىق، - بىئاسۇنىڭ قانداقلىقىنى ھازىر بىلىسىز. چاپارمەننى چارەك سائەت توختىتىپ تۇرۇڭ!

    بىئاسۇ باخشىنىڭ ئالدىغا كەلدى. پەقەت مەنلا ئاڭلاپ تۇرغان بۇ سۆھبەت بولۇۋاتقاندا، باخشى ھە دەپ ئۆزىنىڭ كارامەت كۆرسىتىشى بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۇ كارامەتلەرگە ھەيران بولۇپ ئاغزىنى ئېچىپ قالغان نېگىرلارغا بىرنەچچە ئېغىز سۇئال قويۇپ، ئۇلارنىڭ پېشانىسى ۋە ئالقان سىزىقلىرىغا قاراپ، كەلگۈسىدە بەختلىك ياكى بەختسىز بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بېرىدىغان بىشارىتى نېگىرلار تاۋاققا تاشلىغان كۈمۈش، ئالتۇن پۇللارنىڭ جاراڭلىغان ئاۋازىغا، پۇلنىڭ ئاز – كۆپلىكىگە قاراپ بەلگىلىنەتتى. بىئاسۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلدى، رەمچى بولسا، چىرايىغا قاراپ تەلەينى سۆزلەپ بېرىشنى داۋام قىلىۋەردى.

    -كىمنىڭ پېشانىسىدىكى قورۇقلار كۈن نۇرىدا تۆت بۇرجەك ياكى ئۈچ بۇرجەك كۆلەڭگە ھاسىل قىلسا، ئۇ ئادەم جاپا چەكمەيلا چەكسىز بايلىققا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر پېشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى بىر چېتىدە S ھەرىپىگە ئوخشايدىغان بەلگە پەيدا بولسا، بۇ – شۇملۇق بەلگىسى. كىمنىڭ پېشانىسىدە مۇشۇنداق بەلگە پەيدا بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم سۇغا چۆكۈپ ئۆلىدۇ. ئۇنداق ئادەم زادىلا سۇ بويىغا كەلمەسلىكى كېرەك.

    بۇرۇننىڭ ئۈستى تەرىپىدىن پېشانە تەرەپكە قاراپ كەتكەن تۆت سىزىق جۈپ ھالدا كۆزىنىڭ ئۈستىگە سوزۇلغان بولسا، بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇنىڭ ھىمايىسى ئۇرۇشتا ئەسىر چۈشۈپ قالىدۇ ۋە دۈشمەن قولىدا قاتتىق ئازاپلىنىدۇ.

    رەمچى بىرئاز توختىدى.

    -بۇرادەرلەر، - دىدى ئۇ تەنتەنە بىلەن، - مەن بۇنداق بەلگىنى باتۇر قىزىلتاغ قوشۇنىنىڭ داھىيىسى بيۇگ-ژارگالنىڭ پېشانىسىدە كۆرگەن ئىدىم.

    باخشىنىڭ بۇ سۆزى بيۇگ – ژارگالنىڭ ئەسىر چۈشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى يەنە بىر نۆۋەت تەستىقلىدى. بۇ سۆز ئېيتىلىشى بىلەنلا قىزىل ئىشتان كىيگەن نېگىرلار چۇقۇرۇشۇپ كەتتى، بۇلار قىزىلتاغ قوشۇنىنىڭ جەڭچىلىرى ئىدى.

    رەمچى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -ئەگەر پېشانەڭلەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنى ئايغا قارىغان تەرىپىدە ئارىغا ئوخشايدىغان بەلگە بولسا، بايرام قىلىشتىن ھەزەر قىلساڭلار، ئەيشى – ئىشرەتتىن ئۆزەڭلارنى تارتىڭلار، پېشانىنىڭ كۈنگە قارىغان تەرىپىدىكى ئەرەپچە ئۈچ رەقەمگە ئوخشايدىغان كىىچك، ئەمما ئەڭ گەۋدىلىك بەلگە قاتتىق تاياق ئاستىدا ئازاپلىنىشتىن بىشارەت بېرىدۇ....

    شۇ پەيتتە ئىسپانىيە دومىنگوسىدىن بولغان بىر قېرى نېگىر رەمچىنىڭ سۆزىنى بۆلدى. ئۇ رەمچىنىڭ ئالدىغا ئۆمىلەپ كېلىپ يارىسىنى تېڭىپ قويۇشنى ئۆتۈندى، ئۇىڭ پېشانىسى قاتتىق يارىلانغان. بىر كۆزى قويۇلۇپ ساڭگىلاپ قالغان، يۈز – كۆزى قىپ – قىزىل قالغان بويالغان ئىدى. كېسەللەرنى داۋالاش ۋاقتىدا باخشى ئۇنى ئۇنتۇپ قالغان ئىكەن، ئەمدى ئۇنى كۆرۈپ رەمچى شۇنداق دىدى:

    -پېشانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى – ئاي تەرەپتىكى ئىنچىكە سىزىقلار كۆزىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇرادەر، مەن سېنىڭ پېشانەڭدە ئەنە شۇنداق سىزىق بارلىقىنى ئېنىق كۆردۈم، قېنى ئالقىنىڭنى كۆرسەتكىنە!

    -سادىغاڭ كېتەي، تەقسىر، - دەپ يالۋۇردى ئۇ، - كۆزۈمنى بىر كۆرۈپ بېقىڭ!

    -قاقۋاش، - دىدى ئۇنىڭغا باخشى ۋارقىراپ، - سېنىڭ كۆزۈك بىلەن چاتىقىم نېمە! قولۇڭنى بەر، دەۋاتىمەن ساڭا!

    بىچارە يارىدار مېنىڭ كۆزۈم!....دەپ قاقشاپ تۇرۇپ قولىنى چىقاردى.

    -ھەببەللى، - دىدى رەمچى،- ئالقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇششاق چىكىتلىك سىزىق بار ئادەم بىر كۆزىدىن جەزمەن ئايرىلىدۇ. چۈنكى، بۇنداق سىزىقلار قارغۇلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. مانا، سېنىڭ ئالقىنىڭدا ئاشۇنداق سىزىقلار ۋە چېكىتلار بار ئىكەن.... سېنىڭ، بەرىبىر كۆزۈڭ كور بولىدۇ!

    -مېنىڭ بىر كۆزۈم ئاللىقاچان كور بولۇپ بولدىغۇ!-دەپ ۋارقىرىدى قېرى نېگىر ئېچىنىشلىق بىلەن.

    ئەمما ئاللىقاچان دوختۇرلۇق قىياپىتىدىن ئۆزگەرگەن باخشى ئۇنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ، بىچارە قېرى نېگىرنىڭ سۆزىگە ھېچبىر ئەھمىيەت بەرمەيلا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -بۇرادەرلەر، ئەگەر پېشانىدە ئىنچىكە، ئەگرى – بۈگرى، ئۇششاق يەتتە سىزىق بولسا، بۇ شۇ ئادەمنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كىمنىڭ قوشۇمىسىنىڭ ئايغا قارىغان تەرىپىدە بىر – بىرىگە قوشۇلغان كرېست شەكلىدە سىزىقلار بولسا، ئۇ ئادەم جەڭدە ئۆلىدۇ.

    ئالقان سىزىقلار بارماقلار تۈۋىگە كەلگەندە كرېست شەكلىدە قوشۇلغان بولسا، بۇ شۇ ئادەمنىڭ جاللات قولىدا ئۆلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى، قېرىنداشلار، قەھرىمان ئازاتلىق جەڭچىلىرىدىن بىرى بولغان بۇكماننىڭ پېشانىسىگە يۇقۇرىدىكىدەك ئۈچ تەقدىر پۈتۈلگەن ئىدى.

    بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كارامەتلەرگە ھەيران قالغان ساددا نېگىرلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇلار كۆزلىرىنى جامدەك ئېچىشىپ، ھاڭ – تاڭ بولۇشۇپ، تاشتەك قېتىپ قېلىشتى.

    -بۇكماننىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بۇ دەھشەتلىك ئالامەت، - دىدى رەمچى، - بىرلا ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ھەم جەڭدە ئۆلۈش، ھەم جاللات قولىدا ئۆلۈشتەك ئىككى تەقدىرنى كەلتۈرەمدۇ – يوقمۇ، بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن، لېكىن مېنىڭ بىشارىتىم غەلەت چىقمايدۇ.

    ئۇ جىم بولدى ۋە بىئاسۇغا بىر قارىۋالدى. بىئاسۇ ئاديۇتانتلىرىنىڭ بىرىگە ئاستا بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلدى، ئاديۇتانت دەرھال غاردىن چىقىپ كەتتى.

    -ئېغىزى كەلسە – كەلمەس سۆزلەيدىغان شاللاق بولسا، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى رەمچى كۆپچىلىككە ھىيلىگەرلىك ۋە مۇغەمبەرلىك بىلەن قاراپ تۇرۇپ، - بەدەن تۈزۈلۈشى قاملاشمىغان بولسا، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمىسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە سول بارمىقى نىمە ئۈچۈندۇر ئىچىگە ئېگىلگەن بولسا، بۇ بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ كىشىنىڭ ئەزەلدىن پاراسەتسىز يارىتىلغانلىقىنى، ئېسى پەسلىگىنى، بوشاڭلىقىنى ۋە ئەخمەقلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    بىئاسۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. شۇ ئەسنادە ئۇنىڭ ئاديۇتانتى قايتىپ كىردى. ئاديۇتانت توپا – چاڭغا، پاتقاققا مىلەنگەن بىر نېگىرنى باشلاپ كىرگەن ئىدى، ئۇنىڭ تىكەن كىرگەن ۋە تاشلارغا تېگىپ زەخمىلەنگەن پۇتلىرىغا قارىغاندا، ئۇزاق يوللارنى بېسىپ كەلگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ – رىگو ئېيتقان ھېلىقى چاپارمەن ئىدى. ئۇنىڭ بىر قولىدا پېچەتلەنگەن مەكتۇپ، يەنە بىر قولىدا بىر ۋاراق مولجامە قەغەز بولۇپ، ئۇنىڭغا خەت يېزىلغان ۋە ئوقيا ئۆتكۈزۈلگەن يۈرەك سۈرىتى بار چوڭ تامغا بېسلغان، تامغىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىرايلىق خۇشخەت بىلەن M  ۋە N ھەرپلىرى يېزىلغان ئىدى. ئېھتىمال، بۇ ھەرپلەر ئەركىن مۇلاتلار ۋە نېگىر قۇللار ئىتتىپاقى دىگەن سۆزنى ئىپادىلىسە كېرەك. مەن ئىككى ھەرپ ئەتراپىدا يېزىلغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئوقۇدۇم: بىدئەت غەلىبە قىلدى، زەنجىرلەر پاچاقلاندى، ياشىسۇن كارول! بۇ قەغەز ژان – فرانسۇئا تەرىپىدىن بېرىلگەن مەخپىي پارول ئىدى. چاپارمەن ئۇنى بىئاسۇغا بەردى – دە، پېشانىسى يەرگە تەككىچە ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، پېچەتلەنگەن مەكتۇپنى ئۇزاتتى. ياش قومانداق دەرھال مەكتۇپنى ئېچىپ كۆز يۈگۈرتۇپ ئوقۇپ چىقتى. قەغەزلەرنىڭ بىرىنى يانچۇقىغا سېلىپ، يەنە بىرىنى مىجىقلاپ تۇرۇپ، مەيۇس ھالدا شۇنداق دىدى:

    -پادىشاھ پۇقرالىرى!....

    نېگىرلار ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تازىم قىلدى.

     پادىشاھ پۇقرالىرى! نۇسرەت تاپقان دۆلەتنىڭ باش قوماندانى، قوشۇنلارنىڭ گېنېرال – مايورى، كاتولىك دىنىنىڭ ئۇلۇغ ئەربابى ژان – بىئاسۇغا فرانسىيىنىڭ گېنېرال – ئادمىرالى، ئارمىيە فىلد مارشالى، ئىسپانىيە ۋە ھىندىستان شاھىنىڭ يېقىن ئەربابى ژان – فرانسۇئا تۆۋەندىكىلەرنى ئىزھار قىلغان: يامايكا باش ۋالىيسى بېلكوم تەرىپىدىن مۇستەقىل دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بىر يۈز يىگىرمە نەپەر يېشىل تاغ نېگىرلىرىنىڭ داھىيىسى بۇكمان بۈگۈن ئازاتلىق ۋە ئىنسانىيەت ئەركىنلىكى ئۈچۈن، جاھالەت ھەمدە ۋەھشىيلىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان شانلىق جەڭدە قۇربان بولدى، بىزنىڭ بۇ قەھرىمان داھىيىمىز نائىنساپ تۇزارىنىڭ ئاق تەنلىك قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئەبلەخلەر ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ، ئۇنى كاپ شەھىرىنىڭ ھەربىي مەشىق مەيدانىدا – جاللاتلار سەھنىسىدە شەرمەندىلەرچە سازايى قىلىش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىشنى قارار قىلىشتى.

    بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بارلىق نېگىرلار قايغۇلۇق ھالدا جىم تۇرۇشتى. ئەمما، باخشى ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ مېھراپقا چىقتى – دە، ئاق ھاسسىسىنى پۇلاڭلىتىپ تەنتەنىلىك ھالدا ۋارقىراپ شۇنداق دىدى:

    -سۇلايمان پەيغەمبەر، زوھەر خېزىر پەيغەمبەر، كاردانو، ئىلياس پەيغەمبەر، ئەپراسياپ، ئۇلۇغ ئالبىر، بۇئابدىل، ژان دې – خاگىن، ئانار باراترو، دانىيال پەيغەمبەر، راشېل فىلىنتىس، ئالتورنىنو، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا بارىكاللا! سىلەر ياراتقان مۇنەججىملىك ئىلمى مېنى ئالداپ قويمىدى! ئوغۇللىرىم، دوستلار، قېرىنداشلار، گۆدەكلەر، نارىسىدىلەر، ئانىلار ۋە بۇ يەردە مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ تۇرغان بارلىق كىشىلەر، مەن بايا نېمىدىن بىشارەت بەردىم؟ نىمە دىدىم؟ بۇكماننىڭ پېشانىسىدىكى سىزىقلارغا قاراپ، مەن ئۇنىڭ ئۇزاق ياشىمايدىغانلىقىنى ۋە جەڭدە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ ئالقان سىزىقلىرى جاللات قولىدا ئۆلۈشنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. مېنىڭ ھۈنىرىم ھېچقاچان ھېچكىمنى ئالدىغان ئەمەس! بۇكماننىڭ ھالاكىتى، ئەمەلىيەتتە، خۇددى مەن بېشارەت قىلغاندەك بولۇپ چىقتى. مەسىلەن، ئۇ مەن ئېيتقاندەك، ھەم جەڭدە، ھەم جاللات قولىدا ئۆلدى، بۇنىڭغا قايىل بولۇش كېرەك، قېرىنداشلار!

    بۇ نۇتۇق سۆزلىنىۋاتقاندا، نېگىرلارنىڭ قايغۇلۇق كەيپىياتى قانداقتۇ خۇراپىي ئېتىقاد دەھشىتى بىلەن ئالماشتى، ئۇلار باخشىنىڭ سۆزلىرىنى ھەم ئىشىنىش، ھەم قورقۇنچ تۇيغۇسى بىلەن ئاڭلىدى. باخشى ئۆزىنىڭ سۆزلىرىگە مەسلىكى كېلىپ قەنت ساندۇقى ئۈستىدە ئۇياقتىن – بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. مېھراپ قىلىنغان بۇ ساندۇق ئۈستىدە ئۇ ئۇششاق قەدىمى بىلەن مېڭىپ يۈرەلەيتتى. بىئاسۇ مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى، ئاندىن كېيىن باخشىغا قاراپ:

    -ئىمام ھەزرەت، كەلگۈسىنى ئالدىنئالا ئېيتىپ بېرەلەيدىكەنسىز، ئەگەر بىزنى يەنى گېنېرال – مايور ژان بىئاسۇنى قانداق تەقدىر كۈتىدىغانلىقى ئۈستىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز، ئەلۋەتتە، خوشال بولاتتۇق...– دىدى.

    باخشى مەسخىرىۋازلىق مۇنبىرىدە گىدىيىپ ئۆرە تۇردى، چۈنكى، بۇ ھالدا ئۇ نېگىرلارغا گويا ئۇلۇغ زات بولۇپ كۆرۈنەتتى. پەخىرلەنگەن ھالدا بىئاسۇغا شۇنداق دىدى ئۇ:

    -يېقىنراق كېلىڭ، مەرھەمەتلىك تەقسىر،

    شۇ مىنۇتتا باخشى قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر كىشىسى بولۇپ قالدى: ھەربىي ھۆكۈمران روھانى ھۆكۈمران ئالدىدا بويۇن ئېگىپ باخشىغا يېقىن كەلدى. بىئاسۇنىڭ كۆزلىرىدىن خورلۇق ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.

    -قولىڭىزنى بېرىڭ، - گېنېرال، - دىدى باخشى ئۇنىڭغا ئېڭىشىپ، - ئىشنى باشلايمەن. ئالقىنىڭىزنىڭ سىزىقلىرى ناھايىتى ئوچۇق ھەم تۈپ – تۈز ئىكەن. بۇ – سىزنىڭ دۆلەتمەن ھەمدە بەختىيار بولۇشىڭىزنىڭ بەلگىسى. ئالقان سىزىقلىرىنىڭ ئوچۇق ھەم تۈز بولۇشى سىزنىڭ ئۆمۈر بويى كېسەل بولمايدىغانلىقىڭزدىن ۋە تېتىك قېرىيدىغانلىقىڭىزدىن دالالەت بېرىدۇ. سىزىقلارنىڭ ئىنچىكە بولۇشى سىزنىڭ دانىشمەن، پاراسەتلىك ئىكەنلىكىڭىزنى ۋە قەلبىڭىزنىڭ ئالىيجاناپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەن يەنە بۇ سىزىقلاردىن شۇنداق بەلگىلەرنى كۆردۈمكى، بۇنداق بەلگىلەرنى پەقەت ئەڭ بەختلىك رەمچىلەرلا كۆرەلەيدۇ؛ خۇددى قويۇق شاخلىق دەرەخلەرگە ئوخشايدىغان نۇرغۇن ئۇششاق سىزىقلار ئالقاننىڭ يۇقۇرى تەرىپىگە قاراپ سوزۇلغان بولسا، بۇ – رىسقىلىق ۋە ئۇلۇغۋارلىقنىڭ ھەقىقى ئىپادىسى، سالامەتلىكنى كۆرسىتىدىغان سىزىقلار ئۇزۇن بولىدۇ. بۇ سىزىقلارغا قاراپ ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ باتۇرلۇقنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇنداق سىزىقلار چىمچىلاق بارماقنىڭ يېنىغا كەلگەندە كاللەك – كاللەك شەكىلگە كىرگەن بولسا، بۇ ھەم ئادىل، ھەم قاتتىق قول بولۇشنىڭ بەلگىسى، گېنېرال.

    بۇ پاكىنەك باخشى سۆزلەۋېتىپ نىقاپ ئىچىدە پاقىراپ تۇرغان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ماڭا قارىدى، مەن ئۇنىڭ ئادەتتە تەنتەنە بىلەن سۆزلەيدىغان، تونۇشتەك بىلىنگەن ئاھاڭىنى ئاڭلىدىم. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ۋە ھەركىتىدىن نىمىشقىدۇ بىر يوشۇرۇن سىر سېزىلىپ تۇرغاندەك بىلىنىدى:

    -سالامەتلىكنى كۆرسىتىدىغان ئۇششاق سىزىقلار يەنە شۇنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇكى، سىزنىڭ پەرمانىڭىز بويىچە بەزى زۆرۈر قەتىل قىلىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ سىزىقلار ئالقان ئوتتۇرىسىغا توپلىنىپ كىچىكرەك يېرىم دائىرە ھاسىل قىپتۇ. دىمەك، بۇ ئەگەر سىز ۋەھشى ھايۋانلارنى يەن ئاق تەنلىكلەرنى تامامەن يوقاتمىسىڭىز، ئۇلار يەنە ھۇجۇم قىلسا، چوڭ خەتەرگە يولۇقىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. خۇددى ئۆمۈر سىزىقلىرىدەك غۇژمەك بولۇپ ئالقاننىڭ يۇقىرى تەرىپىگە سوزۇلغان تەلەي سىزىقلىرى سىزنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ھاكىمدار بولىدىغانلىقىڭىزنى تەستىقلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ سىزىقلارنىڭ يۇقۇرىغا سوزۇلغانسېرى تۈز ۋە ئىنچىكە بولۇشى سىزنىڭ ئادەملەرنى ئىدارە قىلىشقا ماھىر ئىكەنلىكىڭىزنى سۆزلەپ تۇرۇپتۇ. بەشىنچى سىزىق، يەنى ئوتتۇرا بارماق ئەتراپىدىكى ئۈچ بۇرجەك شەكىل ھاسىل قىلغان سىزىق – سىزنىڭ ھەممە جەھەتتىن پارلاق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىڭىزنىڭ بەلگىسى. ئەمدى سىزنىڭ بارماقلىرىڭىزنى قاراپ باقايلى: باشمالتىقىڭىزدا تۈۋىدىن تاكى ئۇچىغىچە ئۇششاق سىزىقلارنىڭ بولۇشى سىزنىڭ كاتتا مىراسلارغا ۋارىس بولىدىغانلىقىڭىزدىن بىشارەت بېرىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ سىز بۇكماننىڭ شان – شەرىپىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتىسىزغۇ! – دىدى ۋە قوشۇپ قويدى رەمچى ئاۋازىنى كۆتىرىپ، - كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىزنىڭ تۈۋىدىكى كىچىك بولجۇڭ گۆش بىلىنەر – بىلىنمەس سىزىقچىلار بىلەن قاپلانغان. بۇ – مۆتىۋەر ھەمدە شەۋكەتلىك بولۇشنىڭ ئىپادىسى. ئوتتۇرا بارمىقىڭىزدا ھېچقانداق بەلگە يوق. ھەمرا بارمىقىڭىزدا كېسىشكەن نۇرغۇن سىزىقلار بار ئىكەن، دىمەك، سىز ھەممە دۈشمىنىڭىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىسىز ۋە بارلىق رىقابەتچىلىرىڭىزنى بېسىپ چۈشىسىز. بۇ سىزىقلارنىڭ ئاندرېي كرېستلىرى شەكلىدە بولۇشى – دانىشمەنلىك ۋە يىراقنى كۆرەرلىكنىڭ بەلگىسى. چىمالتاقنىڭ ئالقان بىلەن قوشۇلىدىغان يېرىدە نۇرغۇن گادىرماچ سىزىقلار بار ئىكەن، دىمەك، باشتىن – ئاخىرغىچە ئىقبالىڭىز ئوچۇق بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەن كەلگۈسىدە سىزنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە شان – شەۋكەتلىك بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدىغان غۇژمەك سىزىقلارنىمۇ كۆردۈم.

    ھەر كىمنىڭ ئالقىنىدا بۇ سىزىقلر بولسا، - دىگەن ئىدى ئېلېزار تالىپ، - ئۇ بەختلىك بولىدۇ! ئۇنداق كىشىگە تەقدىر ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ. شۇنداقلا بەخت يۇلتۇزى ئۇ ئادەمگە شان – شەرەپ كەلتۈرىدۇ، زور تالانت بەخش قىلىدۇ. ئەمدى، گېنېرال، پېشانىڭىزنى قاراپ چىقىشقا رۇخسەت قىلىڭ.

    ھەر كىمنىڭ پېشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇياش سىزىقلىرى كىچىك تۆت بۇرجەك ياكى ئۈچ بۇرجەك كۆلەڭگە ھاسىل قىلسا، ئۇ ئادەم چەكسىز باي بولغاي.... دىگەن ئىدى. لولى بۇۋى راشېل فىلېنتس. سىزدە بۇ بەلگە ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ بەلگە ئوڭ تەرەپتە ھاسىل بولسا، ئۇ چوڭ ۋارىسلىقنىڭ دەلىلى بولغاي... مانا بۇكمانغا ۋارىسلىق قىلىش بەلگىسى يەنە زاھىر بولدى!

    «ئاي سىزىقلىرى تېگىدىكى قوشۇما تۈرۈلمىسى ئادەمنىڭ زۇلۇم ۋە ھاقارەتكە قارشى ئۆچ ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» مەندە بۇ بەلگە بار، سىزدىمۇ بار ئىكەن.

    باخشىنىڭ مەندە بۇ بەلگە بار دىگەن سۆزىنىڭ تەلەپپۇزى مېنى يەنە ئەجەپلەندۈردى.

    -بۇنداق جۈرئەت، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى رەمچى تەنتەنىلىك قىياپەتتە، - جەڭ قىلىش ئارقىلىق قۇللۇق زەنجىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن دادىل قوزغىلاڭ كۆتۈرەلىگەن باتۇرلادىلا بولىدۇ! سىزنىڭ سول قېشىڭىزدىكى شىر تۇمشۇقىغا ئوخشايدىغان خال چەكسىز باتۇرلۇقىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، گېنېرال بىئاسۇ، مەن سىزنىڭ ماڭلىيىڭىزدا بەخت ئالامەتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇقەددەس بىر ئالامەتنى كۆرۈۋاتىمەن. ئۇ بولسىمۇ M ئالامىتى، مۇقەددەس مەريەم دىگەن ئىسىمنىڭ بىرىنچى ھەرپى، ماڭلاينىڭ قانداق يېرىدە، قايسى تەرىپىدە بۇ ئالامەت بولىدىكەن، ئۇ ھەرقاچان دانىشمەنلىكتىن، شان – شۆھرەتتىن ۋە قۇدرەتلىكتىن بىشارەت بېرىدۇ. بۇنداق بەلگىگە ئىگە بولغان ئادەم ئۆزى ئېلىپ بارغان ئىشتا چوقۇم غەلىبە قازىنىدۇ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە بوي سۇنغان كىشىلەر ھېچقانداق تالاپەت كۆرمەيدۇ. ئۇ ئۆز گۆھىرىنى يەككە – يالغۇز قوغداپ قالالايدۇ. مانا سىز مۇشۇنداق تەقدىرگە سازاۋەر بولغان زات ئىكەنسىز!

    -رەھمەت، ئىمام ھەزرەتلىرى، - دىدى بىئاسۇ ئۆزىنىڭ قىزىل ياغاچتىن ياسالغان تەختىگە چىقىشقا تەمشىلىپ.

    -توختاپ تۇرۇڭا، گېنېرال، - دەپ ئۇنى توختاتتى باخشى، - مەن يەنە بىر ئالامەتنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن: سىزنىڭ پېشانىڭىزدا قۇياش سىزىقلىرى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ، قانداق ياشاشنى بىلىشنى، كىشىلەرگە بەخت كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىشنى، ئالىيجاناپلىق ھەمدە ساخاۋەتلىك بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

    ئېھتىمال، بىئاسۇ خەيرى – ساخاۋەت قىلىشنى رەمچىدىن بۇرۇنراق ئېسىگە ئالغان بولسا كېرەك، دەرھال يانچۇقىدىن بىر تىللا ئېلىپ، قۇياش سىزىقلىرى ھەققىدىكى تەدبىرلەر يالغان بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى باخشىنىڭ ئالدىدىكى كۈمۈش تاۋاققا تاشلىدى. شۇ ئارىدا داھىنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بۇ چەكسىز تەلەي – ئىقبال ئەسكەرلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. بۇكماننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى خەۋەردىن كېيىن باخشىنىڭ ئېيتقان ھەربىر سۆزىنى زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ تونىغان قوزغىلاڭچىلاردا مەيۈسلۈك، غەمكىن كەيپىيات ئورنىنى شىجائەت، كۆتىرەڭگۈ روھ ئىگەللىدى. ئۇلار ئۆز رەمچىسىنىڭ ئالدامچىلىقىغا ۋە قوماندانىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ تەقدىرىنىڭ ئالامەتلىرىگە قارىغۇرلارچە ئېتىقاد قىلىپ، ياشىسۇن باخشى! ياشىسۇن باخشى! دەپ كانايلىرى يىرتىلغۇچە ۋارقىراشتى. باخشى بىلەن بىئاسۇ بىر – بىرىگە قارىشىپ قويدى، بىئاسۇنىڭ پىخىلداپ كۈلۈشىگە جاۋابەن باخشىنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم.

    نىمە ئۈچۈندۇ بۇ باخشى مېنى تەشۋىشلەندۈرمەكتە ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم. ماڭا گويا كىمدۇ بىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك ياكى كۆرۈشكەندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. نىمىشقىدۇ، باخشى گويا ماڭىلا قارىتىپ سۆزلەۋاتقاندەك غەلىتە ھىسسىيات مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالغان ئىدى.

    -جانابى باخشى، ئىمام ھەزرەت، ھۆكۈما دوختۇر BONPER ، - دەپ مۇراجىئەت قىلدىم ئۇنىڭغا.

    ئۇ چاققانلىق بىلەن ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى.

    -بۇ يەردە سىز تەقدىر – قىسمىتىنى يېشىپ بەرمىگەن يەنە بىر ئادەم قالدى، ئۇ – مەن، - دىدىم مەن.

    باخشى قولىنى گىرەلەشتۈرۈپ، يۇڭلۇق مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان كۈن نۇرى ئۈستىگە قويدى – دە، ھېچنىمە دەپ جاۋاپ بەرمىدى.

    مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ دىدىم:

    -مېنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە سىزنىڭ نىمە دەيدىغانلىقىڭىزنى بىلگۈم كېلىدۇ. ئەپسۇسكى، سىزنىڭ بەك ئىنساپلىق يولداشلىرىڭىز سائىتىمنى ۋە تىللالىرىمنى تارتىۋالدى. بۇنىڭ ئۈستىگە، سىز ھەقسىز رەم ئاچىدىغان مۇنەججىملەردىن ئەمەس ئىكەنسىز.

    باخشى دەرھال قېشىمغا كەلدى – دە، قۇلىقىمغا پىچىرلاپ شۇنداق دىدى:

    -سەن خاتالىشىۋاتامسەن! قېنى، قولۇڭنى كۆرسەت.

    مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ، قولۇمنى ئۇزاتتىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنى ئالقانلىرىمغا قاراۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسەتتى.

    -ئەگەر ئۆمۈر سىزىقلىرى ئالقاننىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر – بىرسىنى كېسىشىپ ئۆتكەن ئىككى سىزىق ھاسىل قىلسا، - دىدى ئۇ، - بۇ پات يېقىندا ئۆلۈشنىڭ ئالامىتىدۇر... ئۆلۈشىڭگە ئاز قاپتۇ. ئەگەر سالامەتلىك سىزىقلىرى ئالقاننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولماي، ئۆمۈر سىزىقلىرى ۋە تەلەي سىزىقلىرى بىلەن تۆۋەندە قوشۇلۇپ بۇلۇڭ ھاسىل قىلسا، ئۆز ئەجىلىدە ئۆلۈشتىن ئۈمىد ئۈزۈشى كېرەك... سەن ئۆز ئەجىلىڭدە ئۆلمەيسەن!

    ئەگەر كۆرسەتكۈچ بارماق تۆۋەندىن يۇقۇرىغا ئۇزۇن سىزىقلار بىلەن تولغان بولسا، بۇ – زورلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ ئالامىتى... ئاڭلاۋاتامسەن؟ زورلۇق بىلەن ئۆلۈشكە تەييارلان!

    ئۇنىڭ ماڭا ئۆلۈم چاقىرىدىغان، ئەجەل پۈركۈپ تۇرىدىغان ئاۋازىدا يوشۇرۇن خۇشاللىق ساداسى ياڭراپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بىپەرۋالىق ۋە مەنسىتمەسلىك بىلەن ئاڭلاپ تۇردۇم ۋە؛

    -رەمچى، - دىدىم ئۇنى زاڭلىق قىلىپ، - سەن بەك مەككار ئىكەنسەن، دەل ئۆزىنى تاپىدىكەنسەن!

    ئۇ مېنىڭ قېشىمغا تېخىمۇ يېقىنراق كەلدى.

    -سەن مېنىڭ ھۈنىرىمگە شۈبھىلىنىۋاتامسەن؟ قېنى، ئەمىسە، مۇنۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ باق: سېنىڭ پېشانەڭدە قۇياش سىزىقلىرىنىڭ تارىلىپ تۇرۇشى شۇنىڭدىن بىشارەت بېرىدۇكى، سەن دۈشمىنىڭنى دوست چاغلاپ، دوستۇڭنى دۈشمەن ھېسابلايدىكەنسەن! – دىدى.

    بۇ سۆزلەر گويا مەن ياخشى كۆرگەن پيېرونىڭ ۋاپاسىز بولۇپ چىققانلىقى، مەن يامان كۆرگەن، كەمسىتكەن خەبىبرانىڭ سادىق بولۇپ چىققانلىقى، ئۇنىڭ قانلىق كىيىملىرى ھەقىقىي ۋاپادار بولغانلىقتىن، مەرتلەرچە قۇربان بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە سالغاندەك بولدى.

    -سەن نىمە توغرىلىق سۆزلەۋاتىسەن؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

    -ئاخىرىغىچە ئاڭلا، - دىدى باخشى، - مەن ساڭا كەلگۈسى ھەققىدە سۆزلىدىم. ئەمدى سېنىڭ ئۆتمۈشىڭنى سۆزلەپ بېرەي: پېشانەڭدىكى ئاي سىزىقلىرى بىلىنەر – بىلىنمەس كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، سېنىڭ خوتۇنۇڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەن.

    مەن سەسكىنىپ كەتتىم ۋە ئورنۇمدىن سەكرەپ قوپماقچى بولدۇم، بىراق قاراۋۇل مېنى تۇتۇۋالدى.

    -سەن ئالدىراڭغۇ ئىكەنسەن، - دىدى رەمچى، - سۆزۈمنى ئاخىرىغىچە ئاڭلاپ باقمامسەن! بۇ غۇۋا سىزىقلارنىڭ قويرۇقىدىكى كىچىك ئۆتۈشكەن سىزىقچىلار پىكىرىمنى تېخىمۇ تولۇقلىدى: سېنىڭ خوتۇنۇڭ سىلەر توي قىلغان بىرىنچى كىچىسىلا ئوغرىلاپ كېتىلگەن.

    -مۇتىھەم! – دەپ ۋارقىرىدىم مەن، - سەن بىلىدىكەنسەن، مېنىڭ خوتۇنۇم قەيەردە؟ سەن ئۆزۈڭ كىم؟

    مەن يەنە ئۇنىڭغا ئېتىلىپ، پەرىجىسىنى، نىقابىنى يولۇپ ئالماقچى بولغان ئىدىم، بىراق دۈشمەنلىرىمنىڭ كۈچى ۋە سانىنى ھېسابقا ئېلىشقا توغرا كەلدى. ئاللىقاچان يىراقلىشىپ كەتكەن باخشىغا غەزەپ بىلەن قاراپ قالدىم. ئۇ كېتىش ئالدىدا ماڭا: «مانا ئەمدى ئىشەنگەنسەن؟ يېقىنلاپ قالغان ئۆلۈمىڭگە تەييارلىنىپ قوي!» دىگەن ئىدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.