خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 10

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 13:38:52

دىنغا ئىشىنىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر، ھاياتلىق يەر شارىدا توساتتىن پەيدا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ كېيىنكى كۆپىيىپ بېرىش ۋە تەرەققىي قىلىشنى فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك قانۇنلارنى دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرە...

     

    دىنغا ئىشىنىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر، ھاياتلىق يەر شارىدا توساتتىن پەيدا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ كېيىنكى كۆپىيىپ بېرىش ۋە تەرەققىي قىلىشنى فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك قانۇنلارنى دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تولۇق چۈشەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن: جانلىق ئورگانىزمنىڭ كۆپىيىشى DNA بۇرمىسىمان تەنچىسىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى نۇسخىلىشىدىن ئىبارەت. بۇ بىرخىل ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل مېخانىكىلىق جەرياندىن ئىبارەت، گەرچە مۇرەككەپ بولسىمۇ، لېكىن، ھاياتلىق قانداق پەيدا بولغان؟

    ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئىزچىل تۈردە ئىلىم-پەندىكى چوڭ سىر بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىكى مەركىزىي مەسىلە كىرىتىك قىممەت مەسىلىسىدۇر. ئورگانىك مولېكولىلار يۈكسەك دەرىجىدە مۇرەككەپلىشىپ، مۇرەككەپلىكى مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن، بىز ئاندىن ئۇلارنى «تىرىك» دەپ قارايمىز، بۇنىڭ مەنىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇلار بىر خىل مۇقىم شەكلىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى شىفىرغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ساقلاش، نۇسخىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش كېرەك. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ئادەتتىكى فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك جەريانلار مەلۇم خىلدىكى تەبىئەتتىن تاشقىرى تەسىر يوق ئەھۋالدا قانداقسىگە بۇ بىر كىرىتىك قىممەتتىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ؟ يەرشارىنىڭ يېشى تەخمىنەن تۆت مىليارد 500 مىليون يىل. تاشقاتمىلاردىن بايقالغان تەرەققىي تاپقان ھاياتلىق ئالامەتلىتى ئاز دېگەندىمۇ بۇنىڭدىن ئۈچ مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا يەر شارىدا ئۈچ مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرىلا مەلۇم شەكىلدىكى ئىپتىدائىي ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان. گېئولوگىيىلىك سۆز بويىچە ئېيقاندا، قۇياش سىستېمىسىنىڭ دۇنياغا كېلىش تولغىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھاياتلىق دەرھال ئەمدىلا سوۋۇغان بۇ پلانېتىمىزدا پۇت دەسسەپ تۇرغان. بۇ ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مېخانىزمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مېخانىزملار خېلىلا ئۈنۈملۈك بولغان، دېگەنلىكتۇر. بۇ نۇرغۇن ئالىملارنىڭ پەقەت مۇۋاپىق فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك شەرت-شارائىتلار بولسىلا، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىدىن  ساقلانغىلى بولمايدۇ، دەپ يەكۈن چىقىرىشىغا تۈتكە بولدى.

    بەزىلەر، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولغان نەرسە «ئىپتىدائىي شورپا»دىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتتى. ئىپتىدائىي يەرشارىدا سۇ يېتەرلىك بولۇپ، سۇدا ئاددىي ئورگانىك ماددىلار بولغان، ئۇلار ئاتموسفىرادىكى خىمىيىلىك رېئاكسىيىدە شەكىللەنگەن. ئىپتىدائىي يەرشارىدا سانسىزلىغان كۆل، كۆلچەكلەر بولۇپ، ئۇلاردىمۇ ھەرخىل خىمىيىلىك رېئاكسىيىلەر يۈز بېرىپ تۇرغان. بىرقانچە مىليون يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، بارغانسېرى مۇرەككەپ مولېكۇلىلار شەكىللەنگەن. ئەڭ ئاخىرىدا، كرىتىك قىممەتتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مۇرەككەپ ئورگانىك مولېكۇلىلارنىڭ تاسادىپىي ھالدا ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى نەتىجىسىدە ھاياتلىق پەيدا بولغان.

    يىغىپ ئېيتقاندا، ئىپتىدائىي شورپا تەركىبىدىكى بارلىق جانلىقلارغا لازىملىق تەركىبلەر سىرتتىن كەلگەن تەسىرنىڭ قوزغىتىشى بىلەن ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىدىغان، ئۆز-ئۆزىنى چوڭايتىدىغان زەنجىرسىمان ھالەتتىكى «تەتۈر باغلىنىشلىق» دەۋرىيلىككە كىرگەن، بۇنىڭ بىلەن تەرتىپلىكلىك دەرىجىسى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، ھاياتلىق كلاپانىدىن ھالقىپ ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. ئەمما مىللېر-يۈرىي تەجرىبىسىدىن تامامەن ئۆز-ئۆزىنى نۇسخىلىيالايدىغان مولېكولا شەكىللىنىشكىچە بولغان بۇ ئارىلىقتا نۇرغۇن باسقۇچلار بولىدۇ. كىمكى بىزنى بۇ باسقۇچلارنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ دەپ قارىسا، ئۇ خاتالاشقان بولىدۇ. ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى تا ھازىرغا قەدەر يەنىلا بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا، ئۇ ھەتتا ئالىملار ئارىسىدا يەنە بەس-مۇنازىرە قوزغىشى مۇمكىن. فىرانسىس كرىك 20-ئەسىرنىڭ 50 –يىللىرىدا  (ئەنگىلىيىلىك بىئوخىمىيە) DNA مولېكۇلىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېچىپ، مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم بايقاشقا ئېرىشكەن دەپ تەرىپلەندى. ھەتتا ئۇمۇ ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە توختالغاندا ئېھتىيات قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ يەر شارىدا ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ زادى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش ئىكەنلىكى ياكى جەزمەن يۈز بېرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.... ئۇ بىر قاتار مۇمكىن بولمايدۇ دېگۈدەك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا بىر سانلىق قىممەت بېرىش مۇمكىن ئەمەس.

    بىراق، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشەنمەسلىك، ھاياتلىقنىڭ ئىلاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. كەلگۈسىدىكى باشقىلار بىزنى ھازىر بىلمەيدىغان نۇرغۇن تەپسىلاتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

    (قىسقارتىلدى)

    ھاياتلىقنى، ھاياتلىقنىڭ وەيدا بولۇشىنى ھەمدە ھاياتلىقنىڭ ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىش خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىن ئېتەمدۇ؟ بىز، ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ ھاياتلىقنى بىرخىل مېخانىزم دەپ قارايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچ توغرىسىدىكى ياكى غەيرىي ماددىي خۇسۇسىيەتلىك ھەرقانداق ئەمەلىي دەلىل-ئىسپات تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. كىشىلەر ھازىرمۇ يەنىلا ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشىنىپ يەتكىنى يوق، گەرچە ھازىر ئەۋج ئېلىۋاتقان ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىدىغان سىستېما توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار بەزىلەرنى ھاياتلىق ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان دەپ قاراشقا ئاساس بارلىقىنى ھېس قىلدۇرغان بولسىمۇ، ھاياتلىق قالتىس ئىقتىدارغا ئىگە، ئۇ مەنپىي ئېنتروپىيىنى يىغالايدۇ، بۇ تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىغا خىلاپ ئەمەس. جانلىقلارنىڭ .ىقتىدارىنى تىزگىنلەيدىغان ۋە بىلگىلەيدىغان فىزىكىلىق قانۇنلار يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرغان چاغدا، جانلىقلار سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان مەلۇم بولغان فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك قانۇنلار بىلەن قارىمۇقارشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولمايدۇ.

    بۇلارنىڭ ھەممىسى ياراتقۇچى خۇدانىڭ ماۋجۇتلۇقىنى يوققا چىقىرالمىسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن ساتۇرننىڭ گەردىشى ۋە يۇپىتىرنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى نەقىشلەرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى فىزىكا ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولغانغا ئوخشاش، جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ خۇدانىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. خۇدانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى يا ھەممىلا جايدا بار، يا ھېچيەردە يوق. ھاياتلىقنىڭ باشقا تەشكىللىك مۇرەككەپ تۈزۈلۈشلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاھىدە پەرقى يوق، دەرىجىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن ئازراق بار بولۇشى مۇمكىن، بىزنىڭ ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىنى بىلەلمەسلىكىمىز گەرچە ئىلاھ ياراتقان دەيدىغان قاراشقا كەڭ سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلاھنىڭ ھاياتلىقنى ياراتقانلىقىنى تەشەببۇس قىلىش ھەقىقەتەن بىرخىل پاسسىپ پوزىتسىيىدۇر. چۈشەندۈرەلمىگەن ئىشقا دۇچ كەلگەن چاغدا، خۇدانى سۆرەپ چىقىپ مەدەت تىلەش ھامانكەلگۈسىدە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ئالدىدا چېكىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ھاياتلىقنى ئالەمدىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى دەپ قارىشىمىز لازىم.

    ئالىملار ئومۇميۈزلۈك ھالدا، ھاياتلىق ماددىنىڭ بىرخىل تەبىئىي ھالىتى، بىراق، ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بىرخىل ھالىتى دەپ قارايدۇ. ئالىملارنىڭ بۇخىل قارىشى كىشىلەرنى ئالەمنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ھاياتلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئۈندىمەكتە. بۇ ئەلۋەتتە بەس-مۇنازىرە قوزغىغان بىر تېما، كىتابىمىزدا ئۇنىڭغا باھا بېرىپ ئولتۇرمايمىز. تا بۈگۈنگە قەدەر، باشقا پلانېتىدىكى ھاياتلىق ھەققىدە جەزملەشتۈرۈشكە بولىدىغان دەلىل-ئىسپات يوق، گەرچە بەزىلەر مارسقا يېقىنلاشقان «دېڭىز قاراقچىسى» ناملىق تەكشۈرۈش ئۈشكۈنىسى بىر تەجرىبىدە ھەقىقەتەن ئۇ يەردە بىر خىل بىئوخىمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، بىز تۇرۇۋاتقان سامانيولى سىستېمىسىدىلا نەچچە ئون مىليارد پلانېتا بار. شۇڭا، بەزى ئالىملار ئالەم ھاياتلىققا باي دەپ قارايدۇ. ىويل (ئەنگىلىيىلىك ئاسترونومىيە ئالىمى) بىلەن كرىك يەر شارىدىكى ھاياتلىق ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن دەپ پەرەز قىلىدۇ.

    باشقا پلانېتلاردا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدىكى پەرەزلەر كىشىنى باشقا پېلانىتىلاردا ئىنسانلاردىنمۇ ئەقىللىق جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. چۈنكى يەرشارىنىڭ يېشى ئالەمنىڭ يېشىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ، شۇڭا بەزى پلانېتىلاردا ئەقىللىق جانلىقلار بىر قانچە ىليارد يىللار ئىلگىرىلا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئەقلىي ۋە تېخنىكىسى بىزنىڭكىدىن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئۈستۈن بولۇشى، مانا مۇشۇنداق تەرەققىي تاپقان ئىقتىدارلىق جانلىقلار كەڭ دائىرىدىكى ئالەمنى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان بولۇشىمۇمكىن. گەرچە بىز ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىزلىرىنى ھېس قىلالمىساقمۇ.

    باشقا پلانېتلاردا ئەقىللىق ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات تېپىلسا، ئۇ ھالدا خۇدا بىلەن ئادەمنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى قاراش ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ. بۇنىڭ خىرىستىئان دىنىغا نىسبەتەن تەسىرى تېخىمۇ چوڭ، چۈنكى خىرىستىئان دىنىنىڭ قارىشى بويىچە، خىرىستوس ـــ ئەيسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ نامايەندىسى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى يەرشارىدىكى ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇشتىن .ىبارەت. ناۋادا بىر توپ «ئالەمنىڭ سىرتىدىكى پەيغەمبەر»لەر بار بولۇپ، ئۇلار پىلانلىق ھالدا ئۆز قەرەلىدە ئەقىللىق ھاياتلىق تۇرۇشلۇق ھەرقايسى پلانېتىلارغا بېرىپ، شۇ يەردىكى جانلىقلارنىڭ سىياقىغا ئۆزگىرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارسا، بۇ مەنزىرە سەل بىمەنە بولىدۇ. ۋاھالەنكى، ئەگەر مۇنچىۋالا بىمەنە بولمىسۇن دېسەك، ئۇنداقتا باشقا پلانېتىلاردىكى ئەقىللىق ھاياتلىقنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟

    بۈگۈنكى بوشلۇق دەۋرىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئېنىق ھالدا ھەقىقەتەن نامەلۇم ئۇچار جىسىم مەۋجۇت دەپ قارايدۇ. لېكىن دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلار «باشقا پلانېتا»دىكى ئىشلارنى ناھايىتى ئاز نەزەردە تۇتىدۇ. ئېرنان ماك مۇللىن بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلغان ئاز ساندىكى ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ بىرى. ئۇ، «مۇبادا دىن خۇدا بىلەن ئالەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرگەن چاغدا، باشقا پلانېتىلاردىكى ئىنسانلار ئۈچۈن بىرەر ئورۇن تېپىپ بېرەلمىسە، ئۇ ھالدا، كەلگۈسىدىكى دەۋرلەردە، دىن ئۆزىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىنىڭ بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەگەر باشقا پلانېتىلاردىكى ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولسا، بۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق ئىش بولغان بولاتتى.

    خۇدا ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش جەريانىدا، بىز ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە توختالدۇق، مەيلى تەبىئىي تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولسۇن ياكى ىۇدانىڭ ئارىغا چۈشۈشى شەرت قىلىنسۇن، ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەقىقەتەن كۈچلۈك دەلىل بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئالەمدە مەلۇم خىل مەقسەتچانلىق بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. لېكىن ھاياتلىق مۇرەككەپلىك دەرىجىسىدىكى بىر باسقۇچتىن ئىبارەت، خالاس. ھاياتلىقنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى، ئۇ روھنى پەيدا قىلىدىغان شوتا، شۇنداقلا روھنىڭ توشۇغۇچىسى. تۆۋەندە بىز روھ مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىمىز.

    (ئاخىرى بار)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا فىزىكا يېڭى _