بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 17

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-02 12:31:16

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) بىز قىزىلتاغ نېگىرلىرىنىڭ قاراۋۇللىرى ئالدىدىن ئۆتتۇق. تېخى تۈنۆگۈنلا ھەربىر قاراقچى مېنىڭ قېنىمنى ئىچىشكە تەشنا بولۇپ تۇرغان بۇ ياۋايىلار قاراگاھىدا ئەركىن كېتىپ ...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    بىز قىزىلتاغ نېگىرلىرىنىڭ قاراۋۇللىرى ئالدىدىن ئۆتتۇق. تېخى تۈنۆگۈنلا ھەربىر قاراقچى مېنىڭ قېنىمنى ئىچىشكە تەشنا بولۇپ تۇرغان بۇ ياۋايىلار قاراگاھىدا ئەركىن كېتىپ بارغانلىقىم ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى. يول بويى بىزگە ئۇچراشقان نېگىرلر ياكى مۇلاتلار بىزنى تۇتۇپ قېلىش – توختىتىپ قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى خوشاللىق بىلەن قىقاس سېلىشىپ، تەئەججۈپلەنگەن ھالدا، بىزنىڭ ئايىغىمىزغا يىقىلاتتى ۋە بىزگە باش ئۇراتتى.

    مەن پيېرونىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇن ئىچىدىكى ئۇنۋانىنى بىلمەيتتىم، شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ قۇل يولداشلىرى ئارىسىدا چوڭ تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە چۈشۈردۈم، شۇنىڭ ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭقۇر ئىززەت – ھۆرمىتى مېنى ئانچىمۇ ھەيران قالدۇرمىدى.

    بىز بىئاسۇ تۇرىدىغان غارغا، مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئەترەت جايلاشقان ئورۇنغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە، مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى مۇلات كاندى بىزگە قاراپ «گېنېرالنىڭ قاراگاھىغا يېقىنلاپ كېلىشكە قانداق پېتىندىڭلار!» دەپ ۋارقىرىغا پېتى ئالدىمىزغا كەلدى. ئەمما، يېقىن كېلىپ، پېيرونى تونۇپلا، گويا ئۇنىڭ قەددى – قامىتىدىن چۆچۈگەندەك، چاققانلىق بىلەن ئالتۇن بەلگە قادالغان شەپكىسىنى ئېلىپ، پېيروغا بېشى يەرگە تەككىچە ئېگىلىپ تازىم قىلىپ ئاندىن بىزنى بىئاسۇنىڭ ئالدىغا باشلاپ ماڭدى ۋە يول بويى بىئەدەپلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ ۋالاقلاپ ماڭدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە جاۋابەن پيېرو مەنسىتمەسلىك بىلەن قولىنى شىلتىپ قويدى.

    ئاددى ئەسكەرلەرنىڭ پيېروغا ئېگىلىپ تازىم قىلىشى مېنى ئانچىمۇ ئەجەپلەندۈرمىگەن ئىدى. لېكىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ باش ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى بولغان كاندىنىڭ تاغامنىڭ قۇلى پيېرو ئالدىدا شۇ قەدەر مۇلازىمەت قىلىپ كېتىشىنى كۆرگىنىمدە، مەن ئۆز – ئۆزەمدىن، ئىناۋىتى بۇنچىلىك يۈكسەك بولغان بۇ ئادەم زادى قانداق ئادەمدۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۆز تەختىدە يالغۇز ۋە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ كاۋا شورپىسى ئىچىۋاتقان باش قوماندان بىئاسۇ پيېرونى كۆرۈپ، بىردىنلا سەكرەپ ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى ۋە چىرايىدىكى ۋەھىمە ۋە ئەجەپلىنىشنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئالاھىدە ئەدەپ بىلەن مېنىڭ ھەمراھىمغا ئېگىلىپ تازىم قىلغانلىقىنى، پيېرونىڭ بولسا سالامنى ئىلىك ئالمىغىنىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ ئەجەپلەندىم.

    -ۋان، بىئاسۇ، مەن سىزنىڭ تەختىڭىزنى ئىگەللەش ئۈچۈن كەلمىدىم، بەلكى، سىزىن خەير – ئىھسان سوراش ئۈچۈنلا كەلدىم، - دىدى پيېرو.

    -ئالىي جاناپلىرى، - دىدى بىئاسۇ ئۇنىڭغا يەنە تازىم قىلىپ تۇرۇپ، - ژان – بىئاسۇغا مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسە، ژان – بىئاسۇنىڭ قول ئاستىدىكى ھەممە بايلىق، ھەتتا كەمىنە ژان – بىئاسۇنىڭ ئۆزىمۇ سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا.

    بىئاسۇنىڭ پيېرونى «ئالىي جاناپلىرى» دىگەن ئىلتىپاتلىق نام بىلەن ئاتىغانلىقى ئەجەپلىنىشىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

    ماڭا بۇنچىۋالا كۆپ نەرسىنىڭ كېرىكى يوق، - دىدى پيېرو جىددىي ھالدا، - مەن سىزدىن پەقەت مانا بۇ تۇتقۇننىڭ قېنىدىن كېچىشىڭىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئازاتلىق بېرىشىڭىزنىلا تەلەپ قىلىمەن.

    پيېرو مېنى كۆرسەتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھامان بىئاسۇ ھولۇققاندەك بولسىمۇ، دەرھال ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ شۇنداق دىدى:

    -سىز سادىق خىزمەتچىڭىز – كەمىنە بىئاسۇنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدىڭىز، جانابىي ئالىيلىرى، ئەپسۇسكى، كەمىنىڭىز بۇنداق چوڭ ئىشنى ئورۇنلاپ بېرىشكە قادىر ئەمەس. بۇ تۇتقۇن پېقىرغا تەئەللۇق بولغانلىقى ۋەجىدىن ئۇنىڭ تەقدىرىنى كەمىنىڭىز بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.

    -نىمە دىمەكچىسىز؟ - دەپ سورىدى پيېرو غەزەپ بىلەن، - ئۇنداقتا، بۇ تۇتقۇننىڭ تەقدىرىنى كىم ھەل قىلىدۇ؟ ئەجىبا، بۇ يەردە سىزدىن باشقا يەنە بىرەر ھۆكۈمران بولسا؟

    -ئەپسۇسكى، بار، جانابىي ئالىيلىرى!

    -ئۇ كىم؟

    -مېنىڭ ئارمىيەم!

    پيېرونىڭ دادىل ۋە توپتوغرا ئوتتۇرىغا قويغان سۇئالىغا جاۋاپ بېرىشتىن باش تارتقان بىئاسۇنىڭ ھىيلىگەر ۋە مەككارلىقى شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، بىئاسۇ ئۆزىنى پيېروغا نىسبەتەن پەقەت تاشقى ئىززەت – ھۆرمەت بىلەنلا چەكلەپ تۇرىدىكەن.

    قانداقلارچە سىزنىڭ ئارمىيىڭىز سىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؟ - دەپ ۋارقىرىدى پيېرو، - سىز ئۆز ئارمىيىڭىزگە قومانداق ئەمەسمۇ نىمە؟

    بىئاسۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردە خوجايىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەدەپلىك قىياپىتىنى بۇزمىغان ھالدا سۈنئىي مۇلازىمەت بىلەن شۇنداق جاۋاپ بەردى:

    -تەئەججۈپكى، جانابىي ئالىيلىرى قۇللۇققا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن كىشىلەرگە بېسىم ئىشلىتىش مۇمكىن، دەپ ئويلىسا؟

    مەن بۇلارنىڭ مۇنازىرىسىگە سەۋەپچى بولغان جېنىمنى ئەرزىمەس بىر نەرسە، دەپ ھېسابلىدىم. تېخى تۈنۆگۈنلا مەن كۆرۈپ ئۆتكەن ھادىسىلەر بىئاسۇنىڭ بارلىق ئىسيانچى لەشكەرلەر ئۈستىدىن چەكسىز ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەتتى. بۇ پاكىت بىئاسۇدىكى ئىككى يۈزلىمىلىكنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىشقا تولۇق ئىمكانىيەت بېرەتتى.

    پيېرو ئۇنىڭغا شۇنداق دىدى؛

    -خوپ، مەيلى، ئەگەر سىز ئۆز ئارمىيىڭىزگە بۇيرۇق بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىسىڭىز، يەنە سىز ئۆز ئەسكەرلىرىڭىزگە بويسۇنسىڭىز، قېنى، ئېيتىپ بېقىڭچۇ، ئۇلار بۇ ئەسىرنى نىمە سەۋەپتىن ئۆچ كۆرىدۇ؟

    -تۈنۆگۈن بۇكمان ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، - دەپ جاۋاپ بەردى بىئاسۇ تەبەسسۇملۈك چىرايىغا غەمكىنلىك تۈس بېرىپ، - مېنىڭ جەڭچىلىرىم بۇ ئاق تەنلىكتىن يامايكا نېگىرلىرىنىڭ داھىيىسى بۇكماننىڭ ئىنتىقامىنى ئالماقچى، ئۇلار بۇ ياش ئوفىتسېرنىڭ كاللىسىنى كېسىپ، قانغا – قان، جانغا – جان ئېلىشنى خالايدۇ. ئۇنىڭ كاللىسى بۇكماننىڭ كاللىسىغا ئوخشاشلا قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى خۇدانىڭ ئالدىدا كۆرسەتمەكچى!

    -بۇ رەزىل ئادالەتسىزلىككە سىز قانداقمۇ يول قويىسىز؟ - دەپ ۋارقىرىدى پيېرو، ماڭا قاراڭ، ژان – بىئاسۇ، مۇشۇنداق زالىملىق بىزنىڭ ھەققانىي ئىشىمىزنى گۇمران قىلىۋاتىدۇ، مەن ئاق تەنلىكلەر قارارگاھىدا ئەسىرلىكتە ئىدىم، ھازىر شۇ يەردىن قېچىپ كېلىۋاتىمەن. بۇكماننىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋىرىم يوق ئىدى، بۇنى بىرىنچى بولۇپ سىزدىن ئاڭلىدىم. بۇكماننىڭ ھالاكىتى – ئۇنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاللاتائالا تەرىپىدىن ئېلىنغان ھەققانىي قىساس! مەن سىزگە يەنە بىر يېڭىلىقنى ئېيتىپ بېرەي:

    ئاق تەنلىكلەرنى «مۇلاتلار بۆشۈكى» جىراسىدا قايمۇقتۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن نېگىرلارنىڭ باشلامچىسى ژانۇمۇ يېڭىلا ئۆلتۈرۈلدى. سىز بىلىسىزكى – سۆزۈمنى بۆلمەي تۇرۇڭ، بىئاسۇ – سىز بىلىسىزكى، زالىملىق مەسىلىسىدە ژانۇ بۇكمان ۋە سىز بىلەن دائىم تاكاللىشىپ تۇراتتى، ئۇنى ئۆلتۈرگەن خۇدانىڭ قەھرى – غەزىپىمۇ ئەمەس، ئاق تەنلىكلەرمۇ ئەمەس، بەلكى ژان – فرانسۇئانىڭ ئۆزى! ئۇ ژانۇ ئۈستىدىن سوت ئويۇشتۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردى، بۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن!

    پيېرونىڭ سۆزىنى جىمجىت، ئەدەپ بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرغان بىئاسۇ بۇ سۆزلەرگە ئەجەپلىنىش ئىپادىسىنى بىلدۈردى. شۇ پەيتتە رىگو كىرىپ كەلدى – دە، پيېروغا ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، ئاندىن بىئاسۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دىدى، تاشقىرىدا چوڭ غۇلغۇلا كۆتىرىلدى. پيېرو سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -ژان – فرانسۇئانىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇ. ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك زىبۇ – زىننەتكە، ئەيش – ئىشرەتكە بېرىلىشتىن، ئالتە ئات قوشۇلغان ياسىداق مەپىدە ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۆز قاراگاھىدىن چىقىپ، ئۇلۇغ دەريا ساھىلىدىكى چېركاۋغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بېرىشتىن باشقا غېمى يوق. ئەنە شۇ ژان – فرانسۇئا ژانۇنى مىسلىسىز زالىملىق بىلەن ئۆلتۈردى. بۇ قاراقچىنىڭ يېلىنىپ – يالۋۇرۇشىغا، ئاخىرقى مىنۇتقىچە پېشىگە مەھكەم ئېسىلىۋېلىشىغا قارىماي، ئۇنى سۆرەپ ئاپىرىپ، ئۇ ئۆزى بۇرۇن كىشىلەرنى ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ھېلىقى چوڭ دەرەخ تۈۋىدە تۈنۆگۈن ئېتىپ تاشلاشتى، بۇ ۋەقە سىزگە ساۋاق بولسۇن، بىئاسۇ! زالىملىقىمىزنى ئاق تەنلىكلەرگە ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بۇنداق بىھۇدە قان تۆكۈشنىڭ نىمە پايدىسى بار؟ شەپقەتسىز زۇلۇمنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بەختسىز يولداشلىرىمىز ئارىسىدا غەزەپ – نەپرەت قوزغىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ھىيلە – نەيرەڭلەرنى قوللىنىشنىڭ نىمە ھاجىتى بار؟ ترى – كوففېدا بىر نەيرەڭۋاز مۇلات بار ئىكەن، ئۇنى «رىم پالچىسى» دەپ ئاتاشقان. ئۇ قارا تەنلىكلەر ئارىىسىدا مۇتەئەسسىپلىك قوزغىتىپ، ئاللاغا تائەت – ئىبادەت قىلىش باھانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ بۈۋى مەريەم بىلەن سۆزلەشكىنىگە، ئۇنىڭدىن ۋەھى كەلگەنلىكىگە باشقىلارنى ئىشەندۈرگەن، ئۆز يولداشلىرىنى ئۇلۇغ مەريەم نامىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشقا دەۋەت قىلغان!

    پيېرو بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، مەن، ئېھتىمال، نازۇك بىر تۇيغۇغا كېلىۋاتقان بولساممۇ، لېكىن بۇ ئېتىقات قىلىش تۇيغۇسى ئەمەس ئىدى، چۈنكى، ئېتىقات تۇيغۇسىدىن خورلۇغۇم كېلەتتى ۋە ئەجەپلىنەتتىم.

    -خوش، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى پيېرو سىلەرنىڭ لاگىردىمۇ ئاشۇ «رىم پالچىسى» غا ئوخشايدىغان قانداقتۇ بىر نەيرەڭۋاز باخشى بار ئىمىش! مەن ھەرخىل مەملىكەت كىشىلىرى، ھەرخىل قەبىلە ۋە ھەرىىل ئىرقلاردىن تەشكىل قىلىنغان ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغاندا، ئۇلار ئارىسىدا بىر خىل ئورتاق مۇناسىۋەت ئورنىتىش زۆرۈر، دەپ ھېسابلايمەن. ئەجىبا، سىز خۇراپىي مۇتەئەسسىپلىك ۋە ئەپسانىۋى ئىرىملاردىن باشقا بىرەر ئورتاق مۇناسىۋەت ئۇسۇلىنى تاپالمىغان بولسىڭىز! شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، بىئاسۇ، ئاق تەنلىكلەر بىزدەك زالىم ئەمەس، مەن ئۇ قۇللارنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قالغان مۈلۈكدارلارنى كۆردۈم. توغرا، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئەمەس، بەلكى، ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ پۇل – دۇنياسىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈنلا ئۆز قۇللىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن قۇللار ھاياتىنىڭ قوغدىلىشى، بەرىبىر، بىز ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇلارغا قارىغاندا شەپقەتلىكرەك بولۇش ئۆزىمىز ئۈچۈنلا پايدىلققۇ. ئەگەر بىز ئاياللارنى ئېتىپ تاشلاپ، بالىلارنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، قېرىلارنى قىيناپ، مۇستەملىكىچىلەرنى تىرىك پېتىچە ئۆيلىرىگە سولاپ كۆيدۈرۋەتسەك، بىزنىڭ ئىشىمىز تېخىمۇ مۇقەددەس، تېخىمۇ ئادىل بولغان بولامدۇ؟ ئەپسۇسكى، بىز ھەر كۈنى شۇنداق قىلىۋاتىمىز! جاۋاپ بېرىڭچۇ، بىئاسۇ، بىز ھەر دائىم باسقان ئىزىمىزدا خانىۋەيرانچىلىق، قان قالدۇرۇپ يۈرۈشىمىز مۇمكىنمۇ؟

    پيېرو جىم بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزى، جاراڭلىق ئاۋازى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە چەكسىز تەسىر ۋە ئىشەنچ بېغىشلاپ تۇراتتى. بىئاسۇ بەئەينى شىرغا دۇچ كەلگەن تۈلكىدەك ئالاقزادە بولۇپ، بۇ قۇدرەتلىك رىقابەتچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەتراپىدىن نىجاتلىق ئىزدەۋاتقاندەك ھالەتتە قالدى. ئۇ ئەنە شۇنداق قۇتۇلۇش ئامالىنى ئىزدەپ تۇرغان پەيتتە، كەي ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۈنۆگۈن كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ياۋۇز جىنايەتلەرگە بېخىرامان قاراپ تۇرغان ھېلىقى رىگو بىردىنلا پيېرو تەرىپىدىن ئەيىپلەنگەن زوراۋانلىققا نارازى بولغان قىياپەتكە كىرىۋالدى – دە، رەزىل ئىككى يۈزلىمىلىك بىلەن ۋارقىرىدى:

    -ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم، غەزەپلەنگەن خەلقنىڭ كۈچى نىمە دىگەن دەھشەتلىك – ھە!

    43

    شۇ ئارىدا تاشقىرىدىكى شاۋقۇن – سۈرەن كۈچەيدى. بىئاسۇ ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالدى. كېيىنرەك بىلىشىمچە، «قىزىلتاغ» نېگىرلىرى پۈتۈن لاگىر بويلاپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، مېنىڭ نىجاتىم بولغان پيېرونىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ۋە ئۇنى قوللاش ئۈچۈن غار ئالدىغا توپلىشىپ غۇلغۇلا كۆتۈرگەن ئىكەن. رىگو بۇ ھەقتە باش قوماندانغا خەۋەر يەتكۈزدى. بىئاسۇ جەڭچىلەر ئىچىدە نىزا تۇغۇلۇشتىن قورقۇپ، پيېروغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى.

    -ئالىي جانابلىرى، - دىدى مۇ مەيۈس ھالدا، - بىز ئاق تەنلىكلەرگە قاتتىق مۇئامىلە قىلغان بولساق، سىزمۇ بىزگە قاتتىق مۇئامىلە قىلۋاتىسىز. مېنى رەھىمسىزلىكتە ئەيىپلىشىڭىز توغرا ئەمەس. رەھىمسىزلىكنى مەن ئۆزەم تاللىۋالغىنىم يوق، بەلكى ئەھۋال مېنى قاتتىق قول بولۇشقا ئۆگەتتى. قېنى، ئېيتىڭچۇ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئەمدى نىمە قىلىشىم كېرەك؟

    -مەن سىزگە ئاللىقاچان ئېيتتىمغۇ، بىئاسۇ ئەپەندىم، - دىدى پيېرو، - مانا بۇ ئەسىرنى قويۇۋېتىڭ ۋە ماڭا قوشۇپ بېرىڭ.

    بىئاسۇ بىردەم ئويلاندى – دە، ئاندىن چىرايىغا ئەدەپلىك تۈس بېرىشكە تىرىشىپ شۇنداق دىدى:

    -ئەسلىدە، جانابى ئالىيلىرى، مېنىڭ سىزگە خىزمەت قىلىش ئارزۇيۇمنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈم بار ئىدى. بۇ تۇتقۇنغا خالىدا يۈز تۇرانە ئىككى ئېغىز سۆز قىلىشقا رۇخسەت قىلىڭ، شۇندىن كېيىن ئۇ سىز بىلەن كېتىشى مۇمكىن.

    -شەرتىڭىز شۇلىما؟ مەرھەممەت! – دىدى پيېرو. ئۇنىڭ غەمكىن چىرايى، مەيۈس قىياپىتى بۇ جاۋاپتىن كېيىن بىر ئاز ئېچىلدى ۋە بىر نەچچە قەدەم نېرى بېرىپ تۇردى.

    بىئاسۇ مېنى غارنىڭ بىر بۇلۇڭىغا باشلاپ بېرىپ، شىۋىرلىدى:

    -مەن سېنىڭ ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىم مۇمكىن، پەقەت بىر شەرت بار، بۇنى سەنمۇ بىلىسەن، قانداق، ئويلاندىڭمۇ؟

    ئۇ ماڭا ژان – فرانسۇئانىڭ خېتىنى تەڭلىدى، مەن بۇ شەرتكە ماقۇل بولۇشنى پەسكەشلىك دەپ ھېسابلاپ، «ياق!» دەپ جاۋاپ بەردىم.

    -سەن تېخىچە جاھىللىق قىلۋاتامسەن؟ - دىدى ئۇ ئادىتى بويىچە ھىجىيىپ تۇرۇپ، - كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سەن ئۆز نىجاتكارىڭغا تازىمۇ ئىشىنىپ كەتكەن ئوخشايسەن، بىلەمسەن، ئۇ كىم؟

    -ھەئە، بىلىمەن، - دىدىم مەن قىزىشىپ، - ئۇمۇ ساڭا ئوخشاشلا بىر ۋەھشىي، پەقەت ساڭا قارىغاندا ۋاپاسىزراق، خالاس!

    بىئاسۇ ھەيران بولۇپ، سەكرەپ كەتتى ۋە مېنى چاخچاق قىلىۋاتامدىكىن، دەپ ئويلاپ، كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىدى.

    -دىمەك، سەن ئۇنى راستىنلا تونۇمايدىكەنسەن – دە؟

    مەن ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك بىلەن شۇنداق جاۋاپ بەردىم:

    -مەن پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، ئۇ تاغامنىڭ پيېرو ئىسىملىك قۇلى!

    بىئاسۇ ئەمدى پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى.

    -ھى، ھى! ئەسلى تاماشا بۇ يەردە، دىگىنە! ئۇ سەن ئۈچۈن ھاياتلىق ۋە ئەركىنلىك تىلەۋاتسا، سەن ئۇنى «ۋەھشىي» دەۋاتىسەنغۇ!

    -باشقا تەرىپى بىلەن چاتىقىم نىمە، - دىدىم مەن، - ئەگەر مەن بىر مىنۇت بولسىمۇ ئەركىنلىككە ئىگە بولالىسام، ئۆزەمنىڭ ھاياتىمغا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئېرىشكەن بولاتتىم!

    -بۇ گېپىڭنىڭ مەنىسى نىمە؟ - دەپ سورىدى بىئاسۇ، - سەن كاللاڭغا كەلگەن خىيالنىڭ ئۆزىنىلا ئېيتىۋاتقاندەك قىلىسەن، لېكىن، ئۆز ھاياتىڭ بىلەن بىھۇدە ئويناشما. بۇ يەردە مەن چۈشەنمەيدىغان بىرەر سىر باردەك قىلىدۇ. سەن ئۆچ كۆرىدىغان ئادەم سېنىڭ ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولۇۋاتسا، سەن ئۇنى ئۆلتۈرىمەن، دەيسەن، مەيلى، ماڭا بەرىبىر، سەن بىر مىنۇت بولسىمۇ ئازاتلىقنى ئارزۇ قىلدىڭ، مۇھىمى شۇ. مەن ساڭا ئازاتلىق بېرىمەن، سېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە قويۇۋېتىمەن. لېكىن، ئالدى بىلەن سەن كۈن پېتىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن مېنىڭ ئالدىمغا قايتىپ كېلىشكە ۋە مېنىڭ ئىختىيارىمدا بولۇشقا ۋەدە بەرگىن، سەن فرانسۇزمۇ؟

    سىلەرگە نىمە دەيمەن، جاناپلار! مېنىڭ ھاياتىم بەكمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىدى: ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى سەۋەپلەردىن كۆرە، مەن ئۆچ كۆرىدىغان پيېرو مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزماقچى بولۇۋاتقىنى مېنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكتە ئىدى. ئېھتىمال، مېنىڭ بىر قارارغا كېلىشىمگە كۆڭلۈمدىكى ئىشەنچمۇ سەۋەپ بولغاندۇر، چۈنكى، قولغا چۈشكەن رىسقىنى ھېچقاچان قويۇۋەتمەيدىغان بىئاسۇ بىكاردىن – بىكارغىلا مېنى ئازات قىلىۋېتىشكە قوشۇلمايتتى، مەن ئۆلۈشتىن ئاۋۋال سۆيۈملۈك مارىنىڭ تەقدىرى – يەنى ئۆز تەقدىرىم ھەققىدە بىرەر نەرسە بىلىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر نەچچە سائەتلا ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. بىئاسۇنىڭ مېنى جىڭ فرانسۇز ھېسابلاپ ۋەدە ئېلىشى، مېنىڭمۇ ۋەدە بېرىشىم ئۆمرۈمنى يەنە بىر كۈن ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە يېنىك ۋاستىسى ئىدى، شۇڭا مەن ۋەدە بەردىم.

    بىئاسۇ ۋەدەمنى ئېلىپ پيېرونىڭ ئالدىغا كەلدى.

    -جانابىي ئالىيلىرى، - دىدى ئۇ، - ئاق تەنلىك ئەسىر ئەمدى سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا، سىز ئۇنى ئېلىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، ئۇ ئازات.

    مەن پيېرونىڭ كۆزىنىڭ بەختىيارلىق بىلەن چاقناپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم.

    -رەھمەت، بىئاسۇ! – دەپ ۋارقىرىدى ئۇ قولىنى سوزۇپ، - رەھمەت، سەن ماڭا شۇنچىلىك چوڭ خىزمەت كۆرسەتتىڭكى، بۇنىڭ بەدىلىگە مەندىن خالىغان نەرسەڭنى سورىشىڭ مۇمكىن، تاكى مەن قايتىپ كەلگىچە مېنىڭ قېرىنداش - «قىزىلتاغ» جەڭچىلىرىمگە داۋاملىق قوماندانلىق قىلىۋەر.

    ئۇ ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى ۋە:

    -مانا، سەن ئازات بولدۇڭ! كەتتۇق، - دىدى.

    پيېرو شىجائەتلىك بىلەن مېنى باشلاپ ماڭدى.

    بىئاسۇ پيېرونى ئەدەپ بىلەن ئېگىلىپ تازىم قىلىپ ئۇزىتىپ قويدى – دە، ئارقىمىزدىن ھاڭ – تاڭ بولغىنىچە قاراپ قالدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.