ياسىر. ئارافات 1994-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-27 13:07:58

ئارافات1994-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىىپەلەستىن (2004-1929)مۇكاپاتلاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىياسىر. ئارافات 1929-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېرۇسالىمدىكى بىر پەلەستىن ئائىلىسىدە دۇنياغا ...

     



     

    ئارافات

    1994-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىى

    پەلەستىن (2004-1929)

    \

     

    مۇكاپاتلاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    ياسىر. ئارافات 1929-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېرۇسالىمدىكى بىر پەلەستىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1950-يىلى، ئارافات مىسىر قاھىرە ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ ياغاچ-تاش قۇرۇلۇشى كەسپىنى ئوقۇغان ھەمدە مىسىر ئەركىن ئوفېتسىر تەشكىلى گۇرۇھىنىڭ بەزىبىر ئەزالىرى بىلەن تونۇشۇپ ناسىرغا ئەگەشكۈچىلەردىن  بولغان. 1959-يىلى ئارافات بىر نەچچە سەبدىشى ئابدۇجىھاد قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ «فاتىخ» تەشكىلىنى قۇرغان. 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئارافات سەبداشلىرى بىلەن «قارا بوران قىسىملىرى» پارتىزان ئەسكەرلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىتا تۇنجى ئوق ئاۋازنى ياڭراتقان. 1968-يىلى، ئارافات دۇنياغا مەشھۇر «كالامازو جېڭى»نى قوزغاپ، داڭقى يىراقلارغا تارقالغان. 1968-يىلى 6-ئايدا، ئارافات «فاتىخ» ئىجرائىيە كوممېتىتىنىڭ رەئىس بولغان. 1989-يىلى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پىرىزدېنتلىقىغا سايلىنىپ، 1991-يىلىغىچە ئۇدا ۋەزىپى ئۆتىگەن. 1996-يىلى مىللەتلەر ھوقۇقى ئورگىنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

    مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى: ئارافات، پېرىس ۋە رابېنلار پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ ئوسلودىكى مەخپىي سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ۋە ئارقىدىنلا تۈزۈلگەن تارىخىي ئەھمىيەتلىك كېلىشىمنىڭ ھەمدە پەلەستىننىڭ تېنچ يول بىلەن مۇستەقىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان.

    زەيتۇن شېخىنى قولۇمدىن چۈشۈرۈۋەتمەڭ

    1994-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

    خارالد پادىشاھ ئالىيلىرى، سونىيا خانىش ئالىيلىرى، نورۋىگىيە نوبېل كوممېتىتىنىڭ ھۆرمەتلىك ھەيئەتلىرى، ھەرقايسى جانابلار، خانىملار، ئەپەندىملەر:

    «قۇرئان»دا مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: «ئەگەر ئۇلار تېنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلسا، ئۇنداقتا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار، بىر ياراتقۇچىغا ئىشىنىڭلار.»

    مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرى يۈتتۈرۈپ قويغان ئائىلىسىنى قايتا تېپىپ كېلىشتىن ئىبارەت جاپالىق ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، مەندە  شۇنداق قەتئىي بىر ئىشەنچ بار ئىدى: ھامان  بىر كۈنى، ئاشۇ ئۆز يۇرتىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى خۇددى ئۆزىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ باشقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەنلەر، ئاشۇ ئۆز يۇرتىدا ئۇچرىغان ئازاب-ئوبەتلەرنى خۇددى يامان بەتنام كۆتۈرۈپ يۈرگەندەك كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان كىشىلەر ئۆزلىرى بەرگەن قۇربانلىقلار بەدىلىگە ھامان ئۆز يۇرتىدا جەم بولىدىغانلىقىغا، قايتىدىن ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىغا، بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئازاب-ئوقۇبەتكە تولغان يولدىكى مۇشەققەتلىك سەپەرنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ ھامان شۇلارنىڭ بەختىيار ئوردا-سارايلىرى بولىدىغانلىقىغا مەن قەتئىي ئىشەنگەنىدىم.

     ھازىر، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ تېنچلىق نۇرلىرىنىڭ بىزگە تۇنجى چۈشۈشىنى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، مەن بۇ مۇنبەردە تۇرۇپ شۇ شېھىد بولغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىماقتىمەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ نۇرلۇق سىمالىرى خاتىرەمدە بارغانسېرى ئېنىقلاشماقتا، ئۇلار مەندىن ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىنى سوراشماقتا، ماڭا ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىلغانلىق ئەھۋالىنى بايان قىلىشماقتا. شۇ تاپتا مەن كۆز يېشىمنى ئاران-ئاران توختىتىپ شۇ شېھىدلەرگە مۇنداق دەيمەن: «سىلەر توغرا قىلدىڭلار. سىلەرنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن مەردانە قۇربان بېرىشلىرىڭلار بىزنى بۇ ئۇلۇغ ماكانغا قايتا قايتۇرۇپ كەلدى، جاپالىق كۈرەش، تېنچلىق ئۈچۈن بولغان جەڭ،  قەيسەرلىك بىلەن قىلىنغا جەڭلەر ئارقىلىق بىز ئاخىرى ئۆز ماكانىمىزنىڭ تۇپرىقىغا تۇنجى قەدىمىمىزنى ئالالىدۇق.»

    ھازىر، ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن تەپچىرەۋاتقان ئىجاد قىلىش كۈچىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ ئۇرۇش ۋەجىدىن ۋەيران بولغان ماكانىمىزغا قايتا ئېرىشكەنلىكىمىزنى تەبرىكلەۋاتقىنىمىزدا ـــــ ئەنە ئاۋۇ يەردە، بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ باشقا بالىلار بىلەن ئويناپ كۈلۈپ، گۈللەر ئۈزۈۋاتقىنىدا ــــ مەن پەلەستىن دۆلىتى ۋە ئاشۇ ئەرەبلىكلىرىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلانماقتىمەن. چۈنكى پەلەستىن دۆلىتى ئەرەبلىكلەرنىڭ سەۋر-تاقىتى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتى، تارىخى ۋە خەلقى ئارىسىدىكى قان-قېرنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك رىشتىسىدۇر، شۇڭا ئۇلار ئۆز يۇرتىنىڭ سىرلىق رىۋايىتى ــ ئۈمىد تارىخى نەزمىسى ــــ گە يېپيىڭى مەزمۇنلارنى قوشالىغان.

    مەن بۇ نوبېل تېنچلىق  مۇكاپاتىنى شۇلارغا، ئاشۇ قەتئىي بوشاشمايدىغان چىدامچانلىق مىللەت روھىغا ئىگە شۇ ئوغۇل-قىزلارغا، ئاشۇ ئۇرۇش ئوتى ۋە قان-تەرگە تويۇنغان زەھەردەك  كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن شۇ مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرىغا ھەدىيە قىلىمەن. مەن يەنە بۇ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنى ئاشۇ دۆلەت سىرتى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ھەمدە دۆلەت ئىچى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنىشنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماي، ئۆز يۇرتىدا ئەركىنلىكتىن، تېنچلىقتىن ۋە خاتىرجەملىكتىن بەھىرلىنىۋاتقان شۇ بالىلارغا بېغىشلايمەن.

    مەن بىلىمەن، رەئىس ئەپەندىم، مەن ناھايىتى ئېنىق بىلىمەن، بۇ ئۇلۇغ ۋە ئەھمىيەتلىك زور مۇكاپات ھەرگىز مەن بىر ئادەمنىڭ ۋە ياكى مېنىڭ ھەمراھلىرىم بولغان ــــ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىسھاق.رابېن ئەپەندىم ۋە دېپلوماتىيە مىنىستىرى شىمسون پېرىسنىڭ ــــ قازانغان نەتىجىلىرىمىزنى تەقدىرلەپ بېرىلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ مۇكاپات بىر خىل ئىلھاملاندۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈشتۇر. بۇ بىزنى تېخىمۇ چوڭ قەدەم بىلەن، تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش  بىلەن، تېخىمۇ چىن بولغان ئارزۇ-ئۈمىد بىلەن تېنچلىق يولىنى بويلاپ ئالغا مېڭىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تېنچلىقنىڭ تىلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، باتۇرلارنىڭ تېنچلىقىنى قۇرۇق سۆھبەتتىن رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكتۇر. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز خەلىقىمىزنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ساۋاق، مۇھەببەت ۋە ئومۇميۈزلۈك بولغان ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتلەرنى يەردە قويماي، ئۇلارنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك.

    ئۇلارنىڭ ئەرەب قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش، ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى تېنچلىق دەرۋازىسىنى ئېچىشنى زىممىلىرىگە يۈكلىگەن پەلەستىن خەلقى «زېمىنغا تېنچلىقنى تېگىشىش» ئاساسىدا، خەلقئارا قانۇنغا ۋە خەلقئارانىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا بوي سۇنۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئادىللىق بىلەن تېنچلىقنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پەلەستىنلىكلەرگە نىسبەتەن، تېنچلىق تېپىلغىلى بولمايدىغان خوشاللىق. ئىنسانىيەت ئىشلەتسە تۈگىمەيدىغان، ئالسا خورىمايدىغان بۇ بايلىققا ئېرىشكەندىلا، ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ھەرقانداق بىر رايوننىڭ، دىننىڭ ۋە ئىرقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. تېنچلىق ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى نۇقسانسىز مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئەركىن كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات-تۇيغۇسى بىلەن، تېنچلىق ئەرەب مىللىتىنى ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان تېراگىدىيىلىرىنى قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

    پەقەت ئادىل ۋە تېنچ كەيپىيات ئاستىدا، پەلەستىن خەلقى شۇندىلا ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللىي ئاپتونومىيە قۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلايدۇ ھەمدە ئىسرائىلىيە خەلقى بىلەن ئىناق بولغان قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش بىلەن بىرگە، ئۆز مىللىتىنى قۇدرەت تاپقۇزالايدۇ ھەم ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سالاھىيىتىنى مۇقىملاشتۇرالايدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا، تېنچلىق ئىسرائىلىيە خەلقىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سالاھىيىتىنى ھەقىقىي تونۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەرەب قوشنىسىگە ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنى ئېچىۋېتىشقا ئۈندەيدۇ. دېموكراتىك، كۆپ خىللاشقان ھەمدە ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن بۇ خىل ۋەزىيەتتە، ئەرەبلەرمۇ ئۇزۇن يىل ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا يۈررۈپ، بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئىلغا قىلالمايۋاتقان شۇ رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەقەززالىق بىلەن ئۈمىد قىلىدۇ.

    ئۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر چوڭ تەۋەككۈلچىلىك بولغىنىغا ئوخشاش، تېنچلىقمۇ بىر خىل جەڭ ئېلان قىلىشتۇر. ئەگەر بىز تېنچلىقنىڭ ئەسلىدىلا بار بولغان شىددەتلىك بوران-چاپقۇندەك غەلىيانلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىسەك؛ ئەگەر بىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن تېنچلىقنى سۇغۇرۇپ ئۇنى كۈچلەندۈرمىسەك؛ ئەگەر بىز تېنچلىقنى ئۆسۈپ يېتىلەلەيدىغان شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرمايدىغان بولساق، بىز قولىمىزدىكى دوغا تىككەننىڭ ھەممىنى يوقىتىپ، بۇ قىماردا پۈتۈنلەي ئۇتتۇرۇپ چىقىمىز. شۇڭا، بۈگۈن مەن بۇ مۇنبەردە تۇرۇپ ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمنى، تېنچلىقنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىشكە؛ ئۇرۇش مەيدانىدىن بالدۇرراق چېكىنىشكە؛ خەلق دېموكراتىك سايلىمىنى ھىمايە قىلىشقا؛ تېنچلىقنىڭ يەنە بىر باسقۇچىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېزلىك بىلەن قەدەم بېسىشقا، شۇندىلا تېنچلىقنى توغرا مەيدانىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى تەۋرەنمەس رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا چاقىرىمەن.

    «زېمىنغا تېنچلىقنى تېگىشىش» پىرىنسىپىغا بىنائەن، ب د ت نىڭ 242 ىنچى، 338ىنچى نومۇرلۇق قارارىغا ھەمدە پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇققا ئېرىشىشىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان باشقا خەلقئارالىق قارارلارغا ئاساسەن، پەلەستىن خەلقى ئۆزلىرىنىڭ تېنچلىق سەپىرىنى باشلىدى. گەرچە ھازىر پەلەستىننىڭ تېنچلىق سەپىرى ھەممە تەرەپتىن ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان يېڭى كەيپىيات، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ تېنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىلىدا ئەمەلگە ئاشقان ئىللىق قەدەم باسقۇچلار ئارىسىدا، تېنچلىقنىڭ ئىستىقبالى تولىمۇ يورۇق. مەن يەنە شۇنىڭغا چاقىرىق قىلىمەنكى، ھەر تەرەپلىمە تېڭىرقاشلارنى يوقىتىپ، تەرتىپ-باسقۇچلارنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. بىز يەنە بەزى قالدى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتى ھەمدە بەزىبىر زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىنى غەربى تەرەپ ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن چېكىندۈرۈشىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسرائىلىيىنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى پەلەستىندىن چېكىندۈرۈپ چىقىرىشىمىز كېرەك. يۇقىرىقى ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى قايتا بىر تۈزۈپ چىقىشىمىزنى يېڭى بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ھەرىكەتنى يەنە ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن  باشلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل –پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. ئۇلار ئارقىلىق، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ يېڭى دۇنياسىنى قۇرغاندا قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

    بۇنداق كونتېكىست ئاستىدا، مەن تېنچلىق يىغىنىنىڭ ئورتاق ئاچقۇچىلىرى بولغان ــــ روسىيە ۋە ئامېرىكىنى تېنچلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىنى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېنچلىق توسالغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىغا ياردەم قىلىپ، دۇنيا تېنچلىق قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىمەن. مەن يەنە مىسىر بىلەن نورۋىگىيىنى تېنچلىقتىن ئىبارەت بۇ ئوسلودا ۋۇجۇدقا كېلىپ، ۋاشېنگتون ۋە قاھىرەدە گۈللەپ ياشنىغان، مۆلچەرلىگۈسىز قىممەتكە ئىگە بۇ ئىجادىي پىكىرنى داۋاملىق قوللاشقا چاقىرىمەن. چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەت ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تېنچلىقىغا ئەڭ ئاۋۋال ياردەم قولىنى سۇنغان دۆلەتلەردۇر. كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتلەرگە ئوخشاش، ئوسلۇدىن ئىبارەت بۇ شەھەرمۇ تېنچلىق سەپىرى، شېھىدلارنىڭ تېنچلىقىنىڭ شاھىدى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختا نامى قالدى.

    بۇ يەردە، مەن يەنە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر، بولۇپمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بەرگۈدەك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئاشۇ دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ياردەم كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىما.ىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پەلەستىن دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش ۋە خىزمەتلەرنى تەقسىملەش ئىشىغا بالدۇرراق قولغا ئېلىشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىمەن.

    مەنمەنچى ئادەم تېنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ئەمما بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئېتىراپ قىلالىسا، ئۇ ئادەم بەلكىم تېنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن. مۇبادا باشقىلارنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلالمىسا، ئادالەتسىزلىك ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا پەيدا بولىدۇ. تېنچلىق بىلەن ھەر نەپەس بىللە بولىدىغانبۇ ئادالەتسىزلىك ئۆچمىگەن چوغقا ئوخشايدۇ. ئۇ ھەرۋاقىت ئوت يالقۇنلىرىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

    كىشىلەر دائىم تېنچلىقنى مەلۇم بىر ئالاھىدە بولغان تارىخى مەزگىل قوللانغان ئەپچىل چارە دەپ ئويلايدۇ، بۇ پۈتۈنلەي خاتا. تېنچلىق ئۇ ئەڭ توغرا بولغا تاللاش، ئۇ ھەرگىزمۇ پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىدىغان تاكتىكا خاراكتېرلىك تاللاش ئەمەس. تېنچلىق جەريانى بىر سىياسىي جەريان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۆلەتنىڭ پۈتكۈل سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك جەريان. تېنچلىق داۋامىدا، مىللىي ئاڭ، ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكىلىق تەرەققىياتتا چوڭ رول ئوينايدۇ. خۇددى مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ بىرلىشىشى، ئىجتىمائىي بىرلىشىش ۋە ئىجادىيەت خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تېنچلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭ رول ئوينىغىنىغا ئوخشاش.

    ئۆتمۈشكە نەزەر سالغىنىمدا مەن، بىزنىڭ قىسقا ئەمما جاپالىق تېنچلىق سەپىرىمىزنى كۆرىمەن، ئالدىمدىكى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇساپىلىك سەپەر ئۈچۈن، بىز چوقۇم يۈكسەك دەرىجىدىكى قەيسەرلىك ۋە كۈچ بىلەن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇشىمىز، شۇنداقلا ئادىللىق ۋە تېخىمۇ كەڭ بولغان تېنچلىقنىڭ ئاساسىغا قاراپ مەردانە تەرەققىي قىلىپ، تېنچلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ۋە ئىجادچانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.

    ھەممە دۆلەتلەر تېنچلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەكىتلىگىنىدە، بىز چوقۇم تېنچلىقنى ۋاقىتنىڭ ۋە كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئاساس ئۈستىگە قۇرۇشىمىز كېرەك. غەربىي تەرەپ ۋە گازا ئەتراپىدىكى ھەربىي كۈچلەرنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈشتە مۇستەملىكە تۇرغۇزۇش مەسىلىسىنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىسرائىلىيە كىشىلىرىنىڭ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ جۇغراپىيە ۋە سىياسىي پۈتۈنلۈكىنى بۇزدى. غەربىي رايون بىلەن گازا ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن بېرىپ-كېلىشكە توسقۇنلۇق قىلىپ، جىددىي ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى؛ بۇ بىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى تېنچلىق روھىمىزغا تەسىر قىلىپ، شۇ يەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزدى. يەنە بىر قول كۆيدۈرىدىغان مەسىلە مۇسۇلمان، خىرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىندىكىلەر ئورتاق يىغىلغان جاي ـــ ئېرۇسالىم مەسىلىسى. بۇ شەھەرلەرنىڭ ئىچىدىكى داڭلىق شەھەر، يەھۇدىيلارنىڭ ھەم شۇنداقلا پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۇقەددەس جايى، ئۇ ئوخشاشلا يەنە خىرىستىئان بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭمۇ مۇقەددەس جايى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنىۋىيلىكنىڭ ماسلىشىشى ئۈچۈن، بىز ۋاقتىنچە ئېرۇسالىمنى پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق بىر شەھەر، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ شانلىق نامايەندىسى ۋە دىنىي مىراس دەپ بىلىپ تۇرىمىز. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە جىددى ۋەزىپىدىن بىرسى بار. بۇ ۋەزىپە تېنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەمدە تېنچلىقنىڭ يۇشۇرۇن قاتلاملىرىدىكى توسالغۇلارنى يېڭىشتا رولى چوڭ. بۇ ۋەزىپە شۇكى: ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن تۈرمىدىكىلەرنى قاماپ قۇيۇلغان تۇتقۇنلارنى قۇيۇپ بېرىش. تۇتقۇن قىلىنغان، تۈرمىگە سولانغان بۇ ئانىلار، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ يۈزلىرىدە قايتا كۈلكە ئىزلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئۇلارنى چوقۇم قويۇپ بېرىشى كېرەك.

    بۇ يېڭىلا تۇغۇلغان بوۋاقنى سۇغۇق شاماللاردىن ساقلايلى، بۇ بوۋاققا ئانىنىڭ ـــ سالون، ئابراھام، ئىشالىم ھەمدە ئانا يۇرت، مۇقەددەس جاي، تېنچ ماكان ـــ نىڭ سۈتىنى بېرىپ باقايلى!

    ئەڭ ئاخىرىدا مەن، مېنىڭ تېنچلىق ھەمراھلىرىمنى ـــ ئىسرائىلىيە پىرىزدېنتى ئىسھاق. رابېن ئەپەندىم ۋە ئىسرائىلىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى شېمسون. پېرىس ئەپەندىم ــــ نىڭ مەن بىلەن بىرلىكتە بۇ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن.

    مەن يەنە بۇ تەبرىكىمنى نورۋىگىيىگە ـــ دوستانە مەملىكەت ـــ ھەم ئۇنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا، ئۇلارنىڭ دوستانە-مېھرىبانلىقىغا بېغىشلايمەن.

    خانىملار، ئەپەندىلەر:

    ئۇرۇش ۋە تالاش-تارتىشقا قارىغاندا، بىز تېنچلىق ئىچىدە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىز؛  ئەكسىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، خۇددى مەن ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭمۇ تېنچلىق ئىچىدە ئۆزلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونالايدىغانلىقىغا ئىشەنگىنىمگە ئوخشاش.

    ھەممىگە قادىر ئاللاھقا رەھمەت،

    تېنچلىق پۈتۈن زېمىنغا تارالسۇن،

    پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە بەخت تىلەيمەن،

    رەھمەت!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.