خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 16

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-16 14:42:06

خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 16كۋانت نەزەرىيىسى تەلەپ قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق تەسۋىرلەش ئۆزگىرىشى شۇكى، تەھلىل قىلىش قارىشىدىن ۋاز كېچىپ، دۇنيانى نىسبىي مۇستەقىل قىسىملارغا ئايرىپ، ئۇلارنى ئايرىم ھالدا...



     خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 16

    كۋانت نەزەرىيىسى تەلەپ قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق تەسۋىرلەش ئۆزگىرىشى شۇكى، تەھلىل قىلىش قارىشىدىن ۋاز كېچىپ، دۇنيانى نىسبىي مۇستەقىل قىسىملارغا ئايرىپ، ئۇلارنى ئايرىم ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا يەنە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم. ئەكسىچە، ھازىر ھەممىدىن بەك تەكىتلىنىۋاتقانلىقىنى ئايرىماس بىر پۈتۈنلۈكتىن ئىبارەت. بىر پۈتۈن دۇنيادا، كۆزىتىش قۇرالى كۆزىتىلىدىغان نەرسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

    بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، دۇنيا بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان، ئەكسىچە يەنە ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى ئەمەس، بەلكى بىر مۇناسىۋەت تورىدىن ئىبارەت. ماكرو دۇنيا مىكرو چىنلىقنى بەلگىلەيدۇ، ماكرو دۇنيا يەنە كېلىپ مىكرو چىنلىقتىن تەشكىل تاپىدۇ، بۇ غەلىتە ئايلىنىشنى قانداق يېشىش كېرەك؟ بىز كۋانتنى ئۆلچىگەندە ئەمەلىيەتتە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگىنىمىزدە، شۇئان مۇشۇ مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز. كۆزەتكۈچى قانداقسىگە مۇقمەل مىكرو دۇنيانى كونكېرت چىن ھالەتكە كىرگۈزىدۇ؟

    كۋانت «ئۆلچەش مەسىلىسى» ئەمەلىيەتتە روھ-تەن ياكى يۇمشاق دېتال-قاتتىق دېتال مەسىلىسىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ئىبارەت. اىزىكا ئالىملىرى ۋە پەيلاسوپلار ئۇنىڭ بىلەن نەچچە ئون يىل تىركەشتى. قاتتىق دېتال ـــ زەررىچە –دولقۇندىن پايدىلىنىپ تەسۋىرلىنىدۇ. دولقۇن بولسا بىر كۆزەتكۈچى زەررىچىنى كۆزەتكەندە بايقىغان زەررىچە توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى شىاىرغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن. كۆزىتىش دولقۇننى «يىمىرىپ» بىرخىل كونكېرت ھالەتكە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ خىل كونكرېت ھالەت بىر ئېنىق بەلگىلەنگەن قىممەتنى كۆزىتىلگەن نەرسىگە ئاتا قىلىدۇ.

    مۇبادا ئۆلچەش ھەرىكىتى باشتىن-ئاخىرىغىچە پۈتۈنلەي قاتتىق دېتال قاتلىمىدا تەسۋىرلەنسە، زىتلىق بارلىققا كېلىدۇ. بىر دانە ئېلېكترون بىر نىشاندىن تارقىلىپ چىقىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى. ئۇ ئوڭ تەرەپكە بېرىشىمۇ، سول تەرەپكە بېرىشىمۇ مۇمكىن. سىز دولقۇننى ھېسابلاپ، ئۇنىڭ قايسى تەرەپكە بارىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ. دولقۇن نىشاندىن تارقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر قىسمى ئوڭ تەرەپكە تارقىلىشى، بىر قىسمى سول تەرەپكە تارقىلىشى مۇمكىن، مەسىلەن ئېيتقاندا، ئوڭ، سول تەرەپلەرگە تارقىلىش كۈچلۈكلۈكى ئوخشاش بولىدۇ. بۇ، سىز كۆزەتكەن چاغدا، ئېلېكتروننىڭ ياكى ئوڭ تەرەپتە، ياكى سول تەرەپتە بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەمەلىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، ئېلېكتروننى ئەمەلىيەتتە نىشاننىڭ قايسىبىر تەرىپىدە دەپ ئېيتقىلى (ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھاكىمە قىلغىلىمۇ) بولمايدۇ. سىز ئەمەلىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، مەزكۇر ئېلېكترون ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ تاللىشىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئېھتىمالدىكى ئىككى دۇنيا بىر خىل ئارىلاش، مۈجمەل، قەۋەتلەنگەن شەكىلدە ئورتاق مەۋجۇت بولىدۇ.

    مەسىلەن: ئېلېكتروننىڭ سول تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بايقىدىڭىز دەيلى، ئوڭ تەرەپتىكى «ئەرۋاھ» دەرھال يوقىلىدۇ. دولقۇن تۇيۇقسىز يىمىرىلىپ، نىشاننىڭ سول تەرىپىگە بۇرۇلىدۇ، چۈنكى ھازىر ئېلېكتروننىڭ نىشانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كومىدىيىلىك يىمىرىلىش يۈز بېرىدۇ؟

    كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئېلېكتروننى بىرخىل سىرتقى قۇرۇلما ياكى بىر قاتار قۇرۇلمىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇش لازىم. بۇ قۇرۇلمىلار ئېلېكتروننىڭ قەيەردىلىكىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە ئېلېكتروننىڭ مەۋجۇتلۇق سېگنالىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇنى ماكرو قاتلامغىچە چوڭايتىپ بېرىدۇ. ئەمما بۇ تۇتاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ رولىنىڭ ئۆزىمۇ ئاتومنىڭ مېخانىكىلىق ھەرىكىتىگە چېتىلىدۇ (گەرچە چېتىلىدىغان ئاتوم ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ)، شۇڭا ئۇمۇ كىۋانت ئامىلىغا بېقىنىدۇ. بىز بىر دولقۇننى ئۆلچەش قۇرۇلمىسىغا ۋەكىل قىلايلى. ئۆلچەش قۇرۇلمىسىنىڭ بىر ئىستىرېلكىسى بار، ئىستىرېلكىنىڭ ئىككى ئورنى بولۇپ، بىر ئورنى ئېلېكتروننىڭ سول تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر ئورنى ئېلېكتروننىڭ ئوڭ تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ پەرەز قىلايلى. ئۇ ھالدا، ئېلېكترون ۋە ئۆلچەش قۇرۇلمىسىدىن تەشكىل تاپقان پۈتكۈل سېستىمىنى بىر كۋانت چوڭ سىسىتېمىسى دەپ قارىساق، مۇنداق بىر يەكۈن چىقىرىشقا مەجبۇر بولىمىز: ئوڭ، سول تەرەپتىكى مۇقىملاشمىغان ئېلېكتروننىڭ ئارىلاش خۇسۇسىيىتى ئۆلچەش قۇرۇلمىسىنىڭ ئىستىرېلكىسىغا يۆتكىلىدۇ. ئۆلچەش قۇرۇلمىسى بىر خىل كۋانتلىق ئارىلىقتىكى ئۆتكۈنچى ھالەتكە كىرىشى لازىم، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئىستىرېلكىسىنىڭ سول تەرەپنى ياكى ئوڭ تەرەپنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى نامايان قىلالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۆلچەش ھەرىكىتى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كۋانت دۇنياسىنى تەجرىبىخانا چوڭلۇقىچىلىك ئۆلچەمدە چوڭايتىدۇ.

    ماتېماتىكا ئالىمى جون ۋون نېۋمان ( ۋېنگىرىيىلىك ماتېماتىكا ئالىمى) بۇ بىر قىيىن مەسىلىنى تەتقىق قىلغان. ئۇ بىر ئاددىي ماتېماتىكىلىق مودېلدىن پايدىلىنىپ، ئېلېكتروننى ئۆلچەش قۇرۇلمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن ئېلېكتروننىڭ ئوڭ تەرەپنى ياكى سول تەرەپنى تاللىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ پەقەت ئېلېكتروننىڭ ئارىلاش، چىن ئەمەس ھالىتىنى ئۆلچەش قۇرۇلمىسىغا يۆتكىيەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ۋون نېۋمان يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: ناۋادا ئۆلچەش قۇرۇلمىسى يەنە باشقا بىر قۇرۇلما بىلەن تۇتاشتۇرۇلسا، بۇقۇرۇلما بىرىنچى قۇرۇلمىنىڭ ئۆلچەش نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئۇ ھالدا، بىرىنچى قۇرۇلمىنىڭ ئىستىرېلكىسىمۇ بۇنىڭ بىلەن تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھازىر، ئارىلىقتىكى ئۆتكۈنچى ھالەتكە كىرىدىغىنى ئىككىنچى قۇرۇلمىدىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىر قاتار ماشىنىلار ئۆزئارا ئۆلچەپ، «بۇ بولمىسا، ئۇ شۇ» دېگەن ئەھمىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئەمما ۋون نېۋماننىڭ ماشىنا زەنجىرىدە ھامان بىر ئەڭ كەينىدىكى ماشىنا بىر خىل چىن ئەمەس ھالەتتە تۇرۇشى زۆرۈر.

    شىرۇدىنگېرنىڭ بىر داڭلىق تەجرىبىسى كىۋانت نەزەرىيىسىدىكى چۈشىنىش قىيىن بۇ مەسىلىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ تەجرىبىدە، بىر چوڭايتىش قۇرۇلمىسى بىر خىل زەھەرلىك دورىنى چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ زەھەرلىك دورا مۈشۈكنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئوڭ، سول ئىستىرېلكىنىڭ ئىككى ياقلىمىلىقى مۈشۈكنىڭ تىرىك-ئۆلۈكلىكىدىن ئىبارەت ئىككى ياقلىمىلىققا ئالمىشىدۇ. ناۋادا بىر مۈشۈك بىر كىۋانت سىستېمىسى دەپ تەسۋىرلەنسە، ئۇ ھالدا، بىز مۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا مەجبۇر بولىمىز: بىر ئادەم ياكى باشقا بىرەر نەرسە مۈشۈكنى كۆزىتىشتىن ئىلگىرى، مۈشۈك بىرخىل ئۇمۇ بولىدىغان «تىرىك-ئۆلۈك» ھالەتتە تۇرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىل ھالەت بىمەنىدۇر.

    مۈشۈكنىڭ ئورنىغا ئادەم ئالماشتى دەپ پەرەز قىلايلى. بۇ ئادەم بىرخىل تىرىك-ئۆلۈك ھالەتنى باشتىن كەچۈرەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە كەچۈرەلمەيدۇ. ئۇنداقتا، بۇ كىۋانت مېخانىكىسى ئادەم كۆزەتكۈچىگە كەلگەندە رولىنى يوقىتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ؟ ئەجەبا، ۋون نېۋماننىڭ ماشىنا زەنجىرى ئادەم ئېڭىغا كەلگەندە ئاخىرقى چېكىگە يېتىدۇ دېيىش كېرەكمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، كۆزگە كۆرۈنگەن كۋانت اىزىكىسى ئالىمى ئېۋگېن ۋىگنېر ( ۋېنگىرىيىلىك فىزىكا ئالىمى) كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋىگنېر مۇنداق دەپ قارايدۇ:

    كىۋانت سىسىتېمىسىدىكى ئۇچۇر كۆزەتكۈچىنىڭ روھىغا كىرىپ، كىۋانت دولقۇنىنى يىمىرىپ تاشلايدۇ ھەمدە تۇيۇقسىز ھالدا  ئۇ خىل ئارىلاش، ئۇمۇ بولىدىغان، بۇمۇ بولىدىغان، ئەرۋاھقا ئوخشاش ھالەتنى ئېنىق، كونكرېت، چىن ، چىن ھالەتكە ئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تەجرىبە ئىشلىگۈچى قۇرۇلمىنىڭ ئىستىرېلكىسىغا قارىغاندا، ئىستىرېلكىغا سولغا ياكى ئوڭغا بۇرۇلۇش قارارىنى چىقارغۇزىدۇ. شۇڭا، ماشىنا زەنجىرىنىڭ ئۆتكۈزىشىگە تايىنىپمۇ ئېلېكترونغا قايسى تەرەپكە بېرىش قارارىنى چىقارغۇزۇشقا بولىدۇ.

    (قىسقارتىلدى)

    شۇنى ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، گەرچە بەزى فىزىكا ئالىملىرى كىۋانت نەزەرىيىسىنىڭ روھ ماددىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەن پىكىر يولىنى قۇبۇل قىلىپ، بەزى تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىلەر، مەسىلەن: خىيال  بىلەن جىسىمنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە يىراق ئارىلىقتا خىيال بىلەن جىسىمنى ئېگىش دېگەنلەرنى مۇمكىن بولىدۇ دەپ تەشەببۇس قىلىدىغان بولسىمۇ، ۋىگنېرنىڭ قارىشىغا قوشۇلىدىغان فىزىكا ئالىملىرى ئىنتايىن ئاز. («مۇبادا روھ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى قوزغىتالىسا، نېمە ئۈچۈن قوشۇقنى ئېگەلمىگۈدەك؟»)

    (قىسقارتىلدى)

    بەزىلەر بىر دادىل تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ مەسىلىنى ئۇدۇلدىن ھەل قىلماقچى بولدى، بۇ تەسەۋۋۇر پاراللېل ئالەم نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت. بۇ نەزەرىيىنى خۇگ ئېۋېرېت1957-يىلى بەرپا قىلغان. مەزكۇر نەزەرىيە، مۇمكىن بولىدىغان بارلىق كۋانت دۇنياسىنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا چىن، بەلكى پاراللېل ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ. بىر قېتىم ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ ئۆلچىگەن ھامان، مەسىلەن: مۈشۈكنىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈكلۈكىنى ئېنىقلىغان ھامان، ئالەم  ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بىر ئالەم تىرىك مۈشۈكنى، يەنە بىر ئالەم ئۆلۈك مۈشۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى ئالەم ئوخشاشلا چىن  بولپ، ھەر ئىككىلىسىمۇ ئىنسانالردىن ئىبارەت كۆزەتكۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئەمما ھەرقايسى ئالەمدە ئولتۇراقلاشقانلار پەقەت ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئالەمنىلا سېزەلەيدۇ، دەپ  قارايدۇ.

    ئالەم بىر دانە ئېلېكتروننىڭ غەلىتە ھەرىكىتى سەۋەبىدىن بۆلۈنۈپ، بىرى ئىككىگە ئايرىلىدۇ دېگەن بۇ خىل ئادەتتكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇقۇمنى كىشىلەرنىڭ ئۇمۇمىي ساۋاتىنىڭ قۇبۇل قىلىشى تەس. لېكىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسەك، بۇ خىل نەزەرىيىنىڭ خېلىلا پۇت ت ىرەپ تۇرالايدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئالەم بۆلۈنگەن چاغدا، بىزنىڭ روھىمىزمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۆلۈنۈپ، ئىككى نۇسخا بولۇپ، بىر ئالەمدە بىردىن تۇرىدۇ. ھەربىر روھ نۇسخىسى ئۆزىنى بىردىنبىر دەپ قارايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ بۆلۈنگەنلىكىمىزنى سېزەلمىدۇق دەپ قارايدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يەر شارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىش ھەرىكىتىنى سېزەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ كۆرسە بولىدۇ. بارلىق ئاتوم، بارلىق ئىككىلەمچى ئاتون زەررىچىلىرىنىڭ ھەرتەرەپكە سەكرەپ يۈرۈشىگە ئەگىشىپ، بۆلۈنىدىغان ئىشلارمۇ بىرىنىڭ  كەينىدىن بىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئالەم ھەربىر سېكونت ئىچىدە سانسىز قېتىملاپ نۇسخىلىنىدۇ. بۇ خىل نۇسخىلىنىشنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن ھەر بىر قېتىم ئەمەلىي ئۆلچەش ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت بىر دانە مۇستەقىل مىكرو زەررىچە مەلۇم خىل شەكىلدە بىر ماكرو سىستېما بىلەن ئۆزئارا تەسىرلەشسىلا كۇپايە.

    چىنلىق تۆلىگەن بەدەلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چىنلىقنىڭ كۆپ تەكرارلىنىشچانلىقى ــــ سانى غايەت زور، بەلكى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بېرىۋاتقان پاراللېل ئالەملەر ئۆزلىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارماق لىنىيىلىرىنى بويلاپ يىراقلىشىپ كېتىۋېرىدۇ.

    باشقا ئالەملەر قانداق ياڭزىدا بولىدۇ؟ بىز ئۇلارغا بارالايمىزمۇ-يوق؟ باشقا ئالەملەردىن نامەلۇم ئۇچار جىسىم ياكى بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايونى ئادىمى، غايىب بولغان كېمىلەرنىڭ سىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى تاپقىلى بولامدۇ؟ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسسلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېۋېرېتنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ بۇ بىر قاتار مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيىسى ئېنىق. پاراللېل ئالەملەر بۆلۈنگەندىن كېيىن، فىزىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كەتكەن بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن تۇتاشمايدۇ. ئۇلارنى قايتىدىن بىر يەرگە يىغىش ئۈچۈن، ئۆلچەشنىڭ جەريانىنى تەتۈرسىگە ياندۇرۇشقا، يەنى ۋاقىتنى ئارقىسىغا ياندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چېقىلىپ كەتكەن بىر دانە تۇخۇمنى بىر ئاتومدىن-بىر ئاتومدىن يىغىپ ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە ئوخشايدۇ.

    ئەمما، بۇ باشقا ئالەملەر قەيەردە؟ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز تۇرۇۋاتقان ئالەمگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان ئالەملەر بىزگە ناھايىتى يېقىن تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئالەملەرگە كىرىش تامامەن مۇمكىن ئەمەس. بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋاقىت-بوشلۇقىمىزدا قانچىلىك يىراققا بارساقمۇ، بۇ باشقا ئالەملەرگە يېتىپ بارالمايمىز.

    ھەرقايسى ئالەملەر بۆلۈنۈپ بىر-بىرىدىن قانچىكى يىراقلاشقانسېرى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى  بىلەن بولغان پەرقىمۇ شۇنچە چوڭىيىپ بارىدۇ. بەزى ئالەملەرنىڭ پەرقى بەكلا چوڭ بولۇشى، بولۇپمۇ ۋاقىت باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۆلۈنگەن ئالەملەرنىڭ تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان بارلىق ئىشلار بۇ خىل كۆپ شاخلىق چىنلىقنىڭ مەلۇم بىر شېخىدا يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى  مۇمكىن.

    ئېھتىمالدىكى بارلىق ئالەملەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇشى، ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان مۇنداق بىر مەسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، يەنى نېمە ئۈچۈن بەزىلەر مۇشۇ كىتابنى ئوقۇۋاتقاندىكى بۇ ئالەم ئوخشاش بولمىغان شاختىكى باشقا ئالەم بولماستىن، بەلكى ھازىرقى مۇشۇ ئالەمدىن ئىبارەت بولىدۇ؟ ئېنىقكى، مەزكۇر كىتابنىڭ كىتابخانىلىرىنىڭ بارلىق ياكى كۆپ ساندىكى باشقا ئالەملەردە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئالەملەردە ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان شەرت-شارائىتى يوق ( ئون ئۈچىنچى بابتا بۇ مەسىلىنى يەنە مۇھاكىمە قىلىمىز)

    نۇرغۇن كىشىلەر، كۋانت نەزەرىيىسى ئىنتايىن تۈپ شەكىلدە روھ بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەنلىكتىن، ئۇ بىزنىڭ ئەركىن ئىرادىنى چۈشىنىشىمىزگە يول ئېچىپ بەردى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇرۇن كىشىلەر ئالەمگە دېتېرمىنىزملىق قاراش بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، ئالەمدە بىز قىلىدىغان بارلىق ئىشلار بىز تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ئالەمنىڭ تۈزۈلۈشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ بولغان بولىدۇ، دەپ قارايتتى. ھازىر، بۇ خىل قاراش كۋانت ئامىلى تەرىپىدىن سۈپۈرۈلۈپ تاشلاندى. ئەجەبا بۇ، ئەركىن ئىرادە ھازىر يەنىلا ئوبدان تۇرۇۋاتىدۇ دېگەنلىكمۇ؟ بۇ مەسىلىنى رەسمىي مۇھاكىمە قىلماقچى بولساق، ئالدى بىلەن ۋاقىتنىڭ سىرىنى چوڭقۇرراق تەتقىق قىلىشىمىز لازىم.

    (داۋامى  بار)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا فىزىكا _