تىرە پۈتۈك(ئۆز كامالىتىنى قانداق نامايان قىلىش كېرەك)

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-26 04:13:25

تىرە پۈتۈك2ئۆز كامالىتىنى قانداق نامايان قىلىش كېرەكبەش تۈرلۈك نېگىزلىك ئامىلغا ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئۇتۇق قازىنىش زادىلا مۇمكىن ئەمەس.-ئېدۋارد ھوتمانمۇشۇ كۈنلەردە دۇنيادا قانچىلىك ئادەم بولسا...



     

     تىرە پۈتۈك
    2
    ئۆز كامالىتىنى  قانداق نامايان قىلىش كېرەك
     
     
     
     بەش تۈرلۈك نېگىزلىك ئامىلغا ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئۇتۇق قازىنىش زادىلا مۇمكىن ئەمەس.
    -ئېدۋارد ھوتمان
     
     
     مۇشۇ كۈنلەردە دۇنيادا قانچىلىك ئادەم بولسا، ئۇتۇقنىڭ تەدبىرىمۇ شۇنچىلىكتۇر. بۇنىڭدىن دېيىلمىشكى، «قاغىمۇ بىلگىنىگە سايرايدۇ ». ھەتتا بەزىلەر ھەر تەرەپلىمە دەلىللەش ئارقىلىق، دەۋرىمىزدىكى ئەڭ زور مەغلۇبىيەت « ئۇتۇق » دەيدۇ. چۈنكى، بارغانسېرى كۆپ ئادەملەر ئۇتۇقنى  ھە دېسىلا ماددىي بايلىقلار بىلەن باغلىۋالدى.
     
    ‹‹ مەن بايلىقنىڭ تەمىنىمۇ، نامراتلىقنىڭ تەمىنىمۇ تېتىپ كۆرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە پۇللۇق بولۇش ئەلۋەتتە ياخشى ».  شادلىق سەيناسىدىكىلەر مەيلى ياڭراق ئاۋازدا، مەيلى تۆۋەن ئاۋازدا بولسۇن، ئارقا-ئارقىدىن ئەنە شۇنداق دېيىشمەكتە، بىزمۇ بىر ياندا تۇرۇپ تەبەسسۇم قىلماقتىمىز، بېشىمىزنى لىڭشىتىپ شۇ سادالارغا جور بولماقتىمىز.
     
     ئەجىبا ئۇتۇقنىڭ بىردىنبىر  مەزمۇنى ئاشۇمۇ؟ ئېدۋارد (1905-1976- يىللىرى ياشىغان ئامېرىكىلىق سودىگەر، كىنو-فىلىم ئىجادچىسى، ئۇچقۇچى) قولىدا بار بولغان دەسلەپتىكى بىر مىليون دوللار ھەسسىلەپ ئاشقاندا، ئىچ- ئىچىگە پاتماي خۇشال بولۇپ كەتتىمۇ ياكى يۈرىكىنى پىچاق تىلغاندەك ئازابلاندىمۇ؟ بىخەتەرلىك ساندۇقىغا ياقۇت- جاۋاھىراتلىرىنى تولغۇزغان كىنو چولپانلىرى تۆتىنچى ئەرنى تاشلاپ بەشىنچى ئەرگە تەگكەندە، تېخىمۇ مەمنۇن بولدىمۇ ياكى ئالاقزادە بولۇپ كەتتىمۇ؟
     
     بۇنداق ئىكەن، سىز ئۇتۇققا قانداق تەبىر بېرىسىز؟ بەلكىم سىز بەك ئالدىراش، مۇنداق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا ۋاقتىڭىز چىقىمىغاندۇ. لېكىن بۇنىڭ ھېچ ۋەقەسى يوق. ئەگەر سىزنىڭ بىزنىڭ بۇ جەمئىيەت  مەكتىپىگە كىرىشتىكى مەقسىتىڭىز تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلاش بولىدىغان بولسا، بىز سىزگە كۆڭلىمىزدىكى گەپنى ئېيتىمىزكى، سەمىمىي نەسىھەتنى قانچە بۇرۇن ئاڭلىسىڭىز شۇنچە ياخشى. ئۇنداقتا سىزنىڭ ئويلىرىڭىز تېخىمۇ ئوچۇق، ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئاڭلىق بولىدۇ.
     سىز ھەقىقەتەن  مېنىڭ تەكلىپىمنى قوبۇل قىلىشنى خالايسىز، شۇنداقمۇ؟ سىز  بۇ كىتابنى ئوقۇشقا باشلىغاندا قولىڭىزغا قەلەم ئالدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ مەن سىزنىڭ شۇنداق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى، داڭلىق شەخس ئېدۋارىدتىن بىز ئۆگىنىشىمىز لازىم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ بىزگە يەتكۈزگەن بىباھا ئۇچۇرلارنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلىشىمىز كېرەك. « ئۇتۇق قازىنىش قازانماسلىق ئۆزىڭىزگە باغلىق » دېگەن ئەسىرىدە ئېدۋارىد بىزگە ئۇتۇق قازىنىشتا كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم بولغان تۈپ ئامىللارنى بايان قىلغان.
     
       ئۇتۇقنىڭ تارازىسى ئىككى: 1. باشقىلار سىزنى ئۇتۇق قازاندى دەپ ھېسابلىدىمۇ قانداق؟ 2. سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۇتۇق قازاندىم  دەپ ھېسابلىدىڭىزمۇ قانداق؟
     بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى سۈمۈرۈش نەيچىسى بىلەن كوۋاس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ. كوۋاستىن تازا ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرسىنى تاللاش توغرا كەلسە، ئەلۋەتتە كوۋاس يالغۇز سۈمۈرۈش نەيچىسى بولغاندىن  كۆپ ياخشى.  چۈنكى يالغۇز سۈمۈرۈش نەيچىسى بولغاندا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئانچە زور بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر سىز ئۇتۇق قازانمىدىم دەپ ئويلىسىڭىز، پۈتۈن دۇنيا سىزنى ئۇتۇق قازاندى دېسىمۇ ھېچنېمىگە  پايدىسى يوق. چۈنكى بۇ كوۋاس پەقەت سىزنىڭ يۈرۈكىڭىزدىلا  ھۇزۇر ۋە تەم ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، ئېرىشكىنىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش- ئېرىشەلمەسلىكى مۇتلەق شەرت ئەمەس.
     
     لېكىن مەسىلە شۇ يەردىكى، بىز ھەمىشە باشقىلار تۈزگەن ئۆلچەملەر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئۇتۇقىمىزنى ئۆلچەيمىز. ئەمما بۇنداق ئۆلچەملەر بىزنى نەزەردە تۇتۇپ  ياكى بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز بويىچە تۈزۈلمىگەن بولغاچقا، بۇ بىزنىڭ بېشىمىزغا پىت تېرىيدۇ. بىز زادى كىم ئۈچۈن ئۇتۇق قازانماقچى؟ ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ ياكى باشقىلار ئۈچۈنمۇ؟ مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇتۇق ھەقىقەتەنمۇ خاراكتېرىگە باقىدىغان بىر ۋەقە بولۇپ، ئۇ شەخسنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تۈرلۈكچە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇتۇق خاراكتېرىنىڭ بېيىشىغا ئەگىشىپ  باش كۆتۈرىدۇ؛ شۇڭا، ھەر قاچان بىز ئۆزىىمىزنى تەپتىش قىلىش نەزىرى بىلەن ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇتۇققا بولغان قارىشىمىزنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بايقىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بىز دائىم باشقىلار ئۇتۇق دەپ قارىغان نەرسىلەرگە بويسۇنۇپ، شۇ ئەندىزىلەرگە ئۆزىمىزنى سالىمىز- دە، خۇددى تۇرمۇشتىكى باشقا ئىشلارغا ئوخشاش ئۆزىمىزدە مۇستەقىل تەپەككۈر ۋە ھۆكۈم كەم بولىدۇ. كىشىگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغىنى شۇكى، ئارىمىزدىن ئاز بولمىغان جىگىرى بار ئادەملەر چىقىپ تۇرىدۇ- دە، بۇنداق مەسىلەرنى ئويلاپ  كۆرىدۇ ھەمدە مۇمكىنچىلىكى بولغاندا ئۆز ئالدىغا  يېڭى ئۇتۇق ئەندىزلىرىنى لايىھىلەپ چىقىدۇ. بۇلار شۇ ھامان ئادەمگە ئۆزىنىڭ ساداقەت، مەردۇ- مەردانە، ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئەزىمەتلىكىنى تونۇتۇپ قويىدۇ.
     
     نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋىليام فولكېنىر مۇنداق دېگەنىدى: « مەن ئەسلىي تۇغما بىر سەرگەردان بولۇپ، ھېچنېمەم يوق چاغلاردا ئەڭ بەختلىك ئىدىم. شۇ چاغلاردا يوغان يانچۇقى بار بىرلا پىلاش كىيىۋالاتتىم - دە، ئۇ يانچۇقلارغا بىر جۇپ پايپاق، شېكىسپىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما ۋە بىر بوتۇلكا ۋىسكىنى سېلىۋېىلىپ كېتىۋېرەتتىم. ماڭا مۇشۇلار بولسىلا كۇپايە قىلاتتى. چۈنكى مەن ئۇلاردىن باشقا  ھېچنېمىگە ھاجاتمەن ئەمەستىم. ھېچقانداق ۋەزىپەممۇ يوق ئىدى ››.
     
     بەزىلەر ئۇتۇققا بېرىلگەن بۇ تەبىرگە نەزەر كۆزىنى سالماسلىقى مۇمكىن. لېكىن باشقىلار ئۆزىنىڭ  نەزىرى بىلەن قانداق ئىنكار قىلىشتىن قەتئىينەزەر، فولكىنېرنىڭ ئورنىدا بۇ تەبىرنى ئىنكار قىلالمايدۇ. چۈنكى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بېرىلگەن بۇنداق تەبىردە تىپىك مىسسىپلاردا بولىدىغان  يېگانە ساداقەت ۋە مەردانىلىك ئەكس ئەتكەن.
     ئالبېر ژىۋوگ (1875 − 1965 ئاۋستىرىيە يازغۇچىسى، تەرىقەتچى، دوختۇر، مۇزىكانت، 1952 - يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان ) كىشىلەرنىڭ ئۆز نامىغا ئوقۇغان مەدھىيىلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى ئاڭلاپ  ھەيران قالغان ۋە بۇنداق مەدھىيىدىن زېرىككەن. 1955- يىلى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ژىۋوگ مەستانىلىرى ئۇنىڭ 80 ياشقا  كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ ناھايىتى كۆپ پۇل توپلاپ ( يالغۇز ئامېرىكىدىلا 20000 مىڭ دوللار ئىئانە قىلىنغان،  باشقا ئەللەردىمۇ شۇنداق كۆپ پۇل توپلانغان) بويى پاكار، مىجەزى يېقىملىق بۇ دوختۇر بوۋايغائەكىلىپ بەرگەن. لېكىن ژىۋوگ شۇ كۈنى دۇنيانىڭ بۇنداق شان- شەرەپلىرىدىن قېچىپ ئافرىقىنىڭ ئەڭ يىراق يېرى     فرانسىيىگە  قاراملىق ئېكۋاتورغا بېرىپ مۈكۈۋالغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەردىكىلەردىن 500دىن ئارتۇق ئادەم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ناخشا ئوقۇش، دۇمباق چېلىش، گۈل تەقدىم قىلىش ئارقىلىق تەبرىكلىگەن. چۈنكى يۈرىكى ساپ بۇ دوختۇرنىڭ بېشىدىكى نۇر چەمبىرىكى ئافرىقا قۇرۇقلىقىدا ياۋروپادىكى ھەرقانداق ئاۋات شەھەرلەردىكى رەڭلىك چىراغلاردىن بەكرەك كىشىلەرنىڭ كۆزىنى چاقناتقان. لېكىن شۇ  كۈنى  ژىۋوگ ئۆكۈنۈپ: « ھەي، ئەپسۇس، نېمىدېگەن كۆپ ئاللاچۇقان بۇ - ھە! راستىنلا ھېرىپ قالدىم» دېگەن.
     
     دۇرۇس بىز بۇنىڭدىن ژىۋوگنىڭ ئۇتۇق ھەققىدىكى ئىسىللىق توقۇلۇپ تۇرىدىغان بۈيۈك قارىشىنى ئىلغا قىلالايمىز. لېكىن كىشىلەربۇنى قوبۇل قىلالارمۇ؟
     ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئەنسىز  ياۋروپادا يوسۇن- قائىدىلەرگە پىسەنت قىلماي ياشىغان گىئورگى ساد دېگەن خانىم ئۆزىنىڭ بىر پارچە مەشھۇر خېتىدە ئۇتۇققا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر تەبىرنى بەردى:
    ئۇتۇق شەخسىي تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە تولۇق بەخت ھېس قىلىشتۇر. بەختنىڭ زۆرۈر ئامىللىرى     ساددا ئۆزگىچىلىك، تېگىشلىك شىجائەت، مۇۋاپىق تەمكىنلىك، كۆڭلى تارتقان خىزمەت  شۇنداقلا پاك بىر ۋىجداندۇر. -شۇ چاغدىلا ئۇتۇق خىياللار دۇنياسىدىكى چۈش بولۇپ قالمايدۇ. ھەر بىر ئادەم ئەگەر ئۆز تەجرىبىلىرىنى مۇۋاپىق ئىشقا سالسا تەپەككۈر يۈرگۈزسە، ئوخشاشلا ئۆز ۋۇجۇدىدىن  ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى قېزىپ چىقىرالايدۇ، بۇنىڭغا ئىرادە ۋە تاقەت قوشۇلسا، ساغلام  بىر غەرەز ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا دەيمەنكى، بۈگۈنكى تۇرمۇشنى ئوبدان ئىگىلەش كېرەك. ئۇنچىۋالا ئاچ كۆز، نەپسانىيەتچى بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك.
      يۇقىرىدىكىلەرنى يەكۈنلىگەندە بىز شۇنداق بىر  خۇلاسىگە  كېلەلەيمىزكى، ھەر بىر ئادەمنىڭ كامالىتى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە بولۇپ،  ئۇ  شەخسىي قىممەتكە ئىگە كۆرگىلى ۋە تۇتقىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر. ماھاندىرا گەندىنىڭ دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن يېرى شۇ  بولدىكى، ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت ئۇنىڭ ھاياتلىقىدىكى بارلىق مۈلكىنىڭ بىر كۆزەينەك، بىر نەچچە چىغ كەش، بىر نەچچە ياقا  كىيىم، بىر چاق (يىپ ئىگىرىدىغان) بىر پارچە كىتابلا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. لېكىن پۈتۈن دۇنيا شۇ چاغدا يەنە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي بىر ئادەمنى ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قويىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇردى.
     بەلكىم ھېنرى داۋىدنىڭ ئاددىي  ئەمما ئۇلۇغ سۆزى ئاندا- ساندا كىشىلەرنىڭ  يادىدا باردۇر. ئۇ: « بىر ئادەمنىڭ موللۇق دەرىجىسى شۇ ئادەم پىسەنتىگە  ئالمىغان، ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمىگەن نەرسىلەر بىلەن توغرا تاناسىپ   بولىدۇ » دېگەن. ماھاندىرا گەندى ئەنە شۇنداق بولۇپ، ئۇ ھەر قاچان ھەۋىسىنى ئازايتىش، تەلەپ، ھاجەتلەرنى ئازايتىشنى تەكىتلەپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇرمۇش تەلەپ ۋە ھاجەتلەردىن تەدرىجىي ۋاز كېچىش مۇساپىسى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇش بۆشۈكتە ياتقان بىھاجەت بىر بالىنى تەدرىجىي ھالدا چوڭ ئادەمگە، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان مۇستەقىل ئادەمگە، ھېچنېمىگە قايتا موھتاج بولمايدىغان ئادەمگە ئايلاندۇراتتى. گەندى مانا مۇشۇنداق ئۆسۈش جەريانىنىڭ ئۈلگىسى بولدى. ئۇنىڭ شۇنچە مەشھۇر بولۇپ كېتىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ شۇنچە مول، كومىدىيىلىك تۈس ئېلىشى ھەقىقەتەن بىزدەك نۇرغۇن ئادەملەرنى چاندۇرۇپ قويىدۇ.
     
     بۇنداق دېگىنىم ھەرگىز شۈكرى قانائەت قىلىش، بىزنىڭ تۇرمۇش نىشانىمىز بولۇشى كېرەك ياكى تەركى دۇنيا راھىبلاردەك  ماددىي مەئىشەتلەرگە نەپرەتلىنىشى لازىم. دەل مانا مۇشۇنداق قىلغاندا بىزمۇ گەندىدەك ئۇلۇغ ئادەم  بولالايمىز دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئاندىرېى كارنىگقا ئوخشاش بۈيۈك كىشىلەر كاتتا بايلاردىن ئىدى. بۇنداق ئادەملەرنى تاغاردا بىر ساناپ بېرەلەيمىز. شۈبھىسىزكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز كامالىتىنى نامايان قىلالىغان ئادەملەردۇر. ئۇلارنىڭ ئۇتۇقى ھەم باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ھەم ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا قانائەت ھاسىل قىلغان. شۇڭا، ئۇلارنى  ھەم كوۋاسقا، ھەم سۈمۈرۈش نەيچىسىگە ئېرىشكەن ئادەملەر دېيىشكە بولىدۇ.
     
      بىز مەيلى كارنىگقا  ياكى گەندىگە نەزەر سالايلى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەقىقي ئۇتۇقنىڭ ئورتاق ئامىللىرىنى كۆرەلەيمىز. ئۇتۇق ئۈچۈن  يادرولۇق  رول ئوينايدىغان بۇ ئامىللار بايلىق ياكى ئاتاقتىن  بولۇپ، نامراتلىق ۋە تەقىب قىلىشلارنىڭ تەسىرىدىن ئۇجۇقۇپ كەتمىگەن، چۈنكى بۇ ئامىللار ئۇتۇق مەنزىللىرىنىڭ  جەۋھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
     
     ئۇتۇقنىڭ بىرىنچى ئورتاق ئامىلى نىشاندۇر. مەيلى نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئېنىق  نىشانغا ئىگە بولۇش كېرەك. چۈنكى ئۇتۇقنىڭ ئەڭ زور دۈشمىنى  نىشان بولماسلىقتۇر. سازلىق ۋە  پاتقاقلاردا تۇرغاندا كىممۇ ئۇتۇقلارنى ھېس قىلالىسۇن، لېكىن نىشان تۇرغۇزۇلغان ھامان بىزدە  قۇۋۋەت ۋە ھاياتي كۈچ  بولىدۇ. تەسەۋۋرى ۋە ئارزۇلارغا تولۇپ تاشىمىز. بۇ كوچىلار بىزنى « مەلۇم يۆنىلىش »كە قاراپ ئىلگىرىلەشكە مەجبۇرلايدۇ. لېكىن بۇ يوللاردا ھەم ئادەملەرنىڭ دىلىنى يايرىتىدىغان، ھەم ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدىغان ئىشلار يۈز  بېرىدۇ. شۇنداق ئەھۋاللاردا بىز ھەرگىز نىشاندىن ئادىشىپ كەتمەيمىز.
      مىسسىپى شتاتىنىڭ بىروس شەھىرىدىن يېقىندا كەلگەن خەۋەر، « نىشان » دېگەن بۇ ئامىلنىڭ تۇرمۇشقا قانداقسىگە يېڭىۋاشتىن  نۇر چاچىدىغانلىقىنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. گويا سىزىپ قويغان رەسىملەردەك گۈزەل بۇ بازارنىڭ پرېستانىدا 24 ياشلىق  بىر ئۇسسۇلچى دېڭىزغا سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولغان. بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ « ھاياتتىن زېرىككەنلىكتىن » شۇنداق قىلغان. لېكىن بۇ قىز دېڭىزغا سەكرىمەكچى بولۇۋاتقاندا بىر يىگىت ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى سېزىپ  قالغان. يىگىت دەرھال يېشىنىپ سۇغا  شۇڭغۇپ كىرىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرماقچى بولغان. لېكىن بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ زادىلا سۇ ئۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان. يىگىت جان- جەھلى بىلەن تىپىرلاۋاتقىنىدا، ھېلىقى قىز ئۇنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلگىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىدىكى ئۈمىدسىزلىكنى ئۇنتۇپ يىگىت تەرەپكە قاراپ ئۈزگەن.  يىگىت ھە دېسىلا سۇ پۈركەپ تىنالماي ھۆمۈدەپ كېتىۋاتقاندا، قىز ئۇنى كاپلا تۇتۇپ قىرغاققا  ئېلىپ چىققان. دېمەك، ئۆلۈۋاماقچى بولغان قىز ئەكسىچە بىر  ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.
     يەنى، يىگىتنىڭ ئاشۇ ھالقىلىق پەيتتىكى ھاياتلىق ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش روھى بۇ قىزنى  ئۆز ھاياتىنى توساتتىن نىشانغا ئىگە قىلىپ قويغاندەك تۇيغۇغا چۆمدۈرگەن. پىرىستان ئاستىدىكى دېڭىز  سۈيى پەقەت ئۇنىڭدىكى  ئۈمىدسىزلىكنى تۇنجۇقتۇرغان. ئېلېكتىر نۇرى يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتكۈچە  ئارىلىقتا ئۇ « نېمىشقا ياشاشنى بىلمەسلىك » بىلەن قانداقتۇر بىر نېمىلەر ئۈچۈن ياشاشنىڭ پەرقىنى بىلىپ يەتكەن. مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن  قىز ھاياتلىق سەھنىسىگە قايتا قەدەم  تاشلاپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىغان.
     
     دەرۋەقە ھەممىلا ئادەم نىشان بولمىغاندا  ئاشۇنداق رادىكال ھەرىكەتلەردە بولۇپ كەتمەيدۇ. لېكىن ھەر بىر ئادەمدە ئوخشاپ كېتىدىغان كەچۈرمىش بولىدۇ: بەزىدە ھاياتىمىز  ھاياتي كۈچ ۋە ئىنتىلىش بىلەن تولۇپ  تاشىدۇ، چۈنكى بۇنداق  چاغلاردا بىز مەلۇم بىر يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەشنى ئايدىڭلاشتۇرغان  بولىمىز؛ يەنە بەزىدە گويا چېلەكلەپ تۆكۈلگەن يامغۇردا قالغاندەك ماڭارغا يول تاپالماي قالىمىز. شۇڭا، ئۇتۇقنى مەنىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن بەلگىلىك نىشاننى بويلاپ مېڭىشقا  توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلمايدىكەنمىز، بىز خۇددى گىياھ ئادەمگە ئوخشاش ھاياتىمىزنى داۋام قىلدۇرساقمۇ،   قىلچىلىكمۇ  ئۇتۇق ھۇزۇرىنى  سۈرەلمەيمىز.
     
     ئۇتۇقنىڭ ئىككىنچى ئورتاق ئامىلى ئۇتۇق قازىنىشچانلىق. ئۇ ئۇتۇقنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىك. ئۇتۇق بىزگە قاچانلا بولسا مەنسۈپ بولىدىغان تۆمۈر قاچا ئەمەس، ئەكسىچە ئۇتۇق ئوڭغۇل- دوڭغۇللۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر جانلىق جەريانكى ئۇنىڭدا مەغلۇبىيەت ھاڭلىرى مۇۋەپپەقىيەت چوققىلىرىغا گىرەلەشكەن بولىدۇ. يېقىندا مەن تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەيدىغان بىر ئادەمگە ئۇچراپ قالدىم.  ئۇ ھەر كۈنى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى نومۇرلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل ئىكەن. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
        ئەگەر مېنىڭ ھەر كۈنلۈك نەتىجەمنى مۇتلەق مۇكەممەل  بىر  ئۆلچەم بىلەن باھالاش توغرا كەلسە،  مەن جەزمەن ساراڭ بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن. شۇڭا، مېنىڭ تىرىشىپ ئېرىشىدىغىنىم نامخالىسى يوق  بىر ئۇتۇق- قازىنىشچانلىقدىن ئىبارەت. بۇنى كالتەك توپ  مۇسابىقىسىگە ئوخشاتساق، بەزىدە قائىدىدىن چىقىپ كېتىشىم ئۆزۈمگىمۇ ناھايىتى ئېنىق. لېكىن ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى پۇختا ئىگىلىۋالغان ئىكەنمەن، مەۋقەيىم بويىچە تەكرار ئۇرۇپ كۆرىمەن - دە، ساقلانغىلى بولمايدىغان خاتالىقلار ۋە قائىدىدىن چىقىپ كېتىشلەرنى پىسەنتكە ئالمايمەن.
     
      شۇڭا نەزەر سېلىڭكى، ئۇتۇقلۇق تۇرمۇشنىڭ شادىيانلىرىنى بەلكىم نەچچە كۈنلۈكلا بولىدۇ. لېكىن مەغلۇپ بولغان كۈنلەر بىر نەچچە يىلنىڭ شىللىسىگە مىنىپ تۇرىدۇ، ھەتتا تۇرمۇشتا نەچچە قېتىملا تەكرار  مەغلۇبىيەتلەرگە يولۇقىدىغان ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تۇرمۇشنى تۈگەشتۈرۈۋەتمەيدۇ، بەك ئاشۇرۋەتكەندىمۇ ئۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان مەغلۇبىيەت دەپ ھېسابلاش مۇمكىن. بۇلار پەقەت ئۇتۇقنىڭ ئۇنچىۋالا ئوڭاي قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ، خالاس.
     
      پسىخىك دوختۇرلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇردۇكى، « ئۆپكىسىنى باسالمايدىغان » ئادەملەر ھەمىشە مەغلۇبىيەتنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئادەملەر ئۇتۇقنىڭ تەمىنىمۇ تېتىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىغا دائىم « ئەلنەرقى » بولۇشنىڭ تۇغى قارالغان بولۇپ ئۇلار كىچىككىنە مەغلۇبىيەتلىرىدىنمۇ قورقۇپ كېتىدۇ- دە، ئىرادە جەھەتتە مەزلۇملاردىن بولغاچقا « قېنى يەنە بىرقېتىم سىناپ باقاي » دېيەلمەيدۇ.  بۇلارنىڭ ئەكسىچە ئۆز نىيەت ئىرادە قىلغان ئىشنى مۇستەھكەم تۇتقۇچى  ئاندا - ساندا بولۇپ تۇرىدىغان  مەغلۇبىيەتلەرنى  قوبۇل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدىغان بولساق، ئەمەلىيەت داۋامىدا شۇڭغۇپ يۈرۈپ، پىشقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە ناھايىتى ئېنىقكى، مەغلۇبىيەت دېگەندىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار مۇنداق كىچىك ئىشلار ئۈچۈن زېھنىنى ئۇپرۇتۇپ ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ يۈرمەيدۇ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئۇتۇق- غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
     ئۇتۇقنىڭ ئۈچىنچى ئورتاق ئامىلى ئۇتۇق ئوچۇق تۆلىنىدىغان بەدەلدۇر. بۇ بىكارغا كېلىدىغان ئۇتۇق يوق دېگەنلىكتۇر. ئاۋام جامائەت ئىچىدە كىشىنى چۆچىتىدىغان، ھەتتا كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان بىر ئىش شۇكى، تۇغما بولغان بىر كەمتۈكلۈك بىزنى ئۆزىمىز ئېرىشمىگەن نەرسىدىن  بەھرىمان بولۇشتىن مەھرۇم قىلغان. پسىخىك دوختۇرلارنىڭ ساپاسى دائىم كىسەل كۆرسىتىشكە كېلىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئارزۇلۇق چوكانلارنىڭ تولىىغىدىن ئويۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئەجەبكى ئۇلار نېمە دېسە شۇنىڭغا ئىگە بولالايدىغان چوكانلار تۇرۇقلۇق، تۇرمۇشتىكى ھەممە خۇشاللىقتىن  مەھرۇم بولغان. بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە پسىخىك دوختۇرلار ناھايىتى نازۇك تارازا بىلەن ئىنسان تەبىئىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى مۇمكىن. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، شۇنداق  بۇ تارازىنىڭ بىر تەرىپىگە « خۇشاللىق »، يەنە بىر تەرىپىگە « تىرىشچانلىق » دېگەن چۈشەنچە يېزىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بىز شۇنداق قارايدىغان بولساق، ئۇتۇق شادلىق جەزمەن ئۇتۇق يولىدىكى  تىرىشچانلىققا تەڭ بولىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئىش دەلمۇدەل ھەر بىر ئادەم خاراكتېرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان بىر خىل  تۇغما ئامىلغا باغلىنىدۇكى، بۇ يەردە ئۇتۇق بىلەن ئۇتۇق ئۈچۈن  تۆلەنگەن بەدەل بۆلۈنمەس بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ.
     ئۇتۇقنىڭ تۆتىنچى ئورتاق ئامىلى مەمنۇنلۇق دەرىجىسىدۇر. مەمنۇنلۇق بولمايدىكەن، قازانغان ئۇتۇقنى ئۇتۇق دېگىلى بولمايدۇ.  چۈنكى سەن تۇتىيا بىلىۋاتقان نەرسە، مېنىڭ نەزىرىمدە ئەخلەت دوۋىسىدىكى نىجاسەت  بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم بىر ئادەمدىكى مەمنۇنلۇق بايلىقنىڭ جۇغلىنىشىدىن  ھاسىل بولسا، يەنە  بىر ئادەمدىكى مەمنۇنلۇق بىر نەزمە ئىجادىيىتىدىن  ھاسىل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، مەيلى بايلىققا ياكى نەزمىگە مەپتۇن بولايلى، مەمنۇنلۇق بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ھېچكىم ئۇتۇق تۇيغۇسىغا كېلەلمەيدۇ.
     بىز ئۇتۇقتىن ھۇزۇرلىنىشىمىز كېرەك.  بەزىدە ئۇتۇق ئېھتىمال كۆز يېشى ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. لېكىن چوقۇمكى شادلىق كۈلكىسى ئۇنىڭغا تاج كىيدۈرىدۇ. مانا مۇشۇنداق  تىرىشچانلىقلا ئەرزىيدۇ.  بۇنداق بولمىغاندا، قازانغان ئۇتۇق بەلكىم ناھايىتى خەيرلىك، ھەتتا ناھايىتى ئۇلۇغ بولۇش مۇمكىن. لېكىن ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەلب جامىدىكى تەبەسسۇم، يەنە بىر نامى بىلەن ئېيتقاندا « مەمنۇنلۇق » بولمايدىكەن بىز ئۇنىڭدىن ھەقىقىي ئۇتۇقنىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلالمايمىز. بۇنداق ئىش ھەتتا دەۋرىمىزنىڭ غەلىتە بىر ھادىسىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇتۇق تونىغا ئورىنالسىمۇ، لېكىن تېگى- تېگىدىن ئىچكى شادلىققا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ، يەنە ئۇلار ئۇتۇقنى كۆڭلىدە  ھېس قىلالمايۋاتىدۇ، قەلبى ئىللىماي ئەكسىچە مۇزلاپ كېتىۋاتىدۇ. قاغجىراپ ياتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا سورايدۇكى: « مەن ھەممە تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتىم، خۇددى قۇللارچە ئىشلەپ، ئۆزۈمنى ئۆزۈم  سىقىپ سۈيۈمنى قۇرۇتتۇم، بۇنىڭ بەدىلىگە نېمىگە ئېرىشتىم؟ ››.
     
     ئۇتۇقنىڭ مەمنۇنلۇق دەرىجىسىنى باشقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ كۆرۈشى ۋە ئاڭلىشى ھاجەت ئەمەس، پەقەت ئۆزىمىز غەلىبە قىلغانلىقىمىزنى بىلسەكلا كۇپايە. ئوقۇتقۇچىلار ئازغىنا مائاش ئېلىپ جاپالىق ئىشلەيدۇ، بەزى ھاماقەت ئادەملەردە ھەتتا ئۇلارغا قارىتا ھۆرمەت ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە  ئوقۇتقۇچىلار ئۇتۇق قازانمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار قەلبىدە ئۆز  خىزمىتىدىن مەمنۇن بولۇپ، روھىي ھالىتى ياخشى بولسا، ئۆزلىرى  چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئاشۇ خىزمەت ئورنىدا خالىس ئىشلەۋاتىمەن دەپ  رازى بولسا، تەبىئىيكى مانا بۇ ھەقىقىي ئۇتۇق بولىدۇ. بۇنداق نېگىزلىك ئامىل پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئۇتۇقنى بىلىش- بىلمەسلىكىمىز بىلەن  مۇناسىۋەتلىككى، باشقىلارنىڭ بىزنىڭ قانداق ئۇتۇق قازانغانلىقىمىزنى بىلىش- بىلمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بۇ خېلى زور دەرىجىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىگە باغلىقكى، ئۇ ھەرگىز باشقىلار ئورتاقنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىش - قىلماسلىقىغا باغلىق ئەمەس. مەسىلەن، بىر ياغاچچى ئېھتىمال مەغلوپ بولدۇم دەپ كۈن بويى ۋايسىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ئىش قىلىدۇ يۇقىرىدىن زاكاس ئالىدۇ، باشقىلار  كاتىپلارغا بۇيرۇق سوقۇپ قويۇپ ئىشخانىسىدا ئولتۇرىدۇ، يەنە بىر ياغاچچى ئېھتىمال كۈچلۈك ئۇتۇق تۇيغۇسىدا بولۇپ، ناھايىتى ئۆزىدىن بەك مەمنۇن. چۈنكى ئۇنىڭ « گۈلدەك  ھۈنىرى بار، كاتتاۋاشلارنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ ھەشەمەتلىك خىزمەت ئۈستەللىرىنى دەل ئاشۇ ھۈنەرنىڭ كۈچىدىن بولغان » دەپ ئويلايدۇ. مەن مانا شۇنداق بىر ياغاچچىنى تونۇيتتۇم، ئۇ ھېچكىمگە سالام بېرىپ تەزىم قىلىپ كەتمەيتتى. چۈنكى ئۇ ئەنە شۇنداق كوزۇرلۇق ھۈنەرنىڭ ئىگىسى ئىدى.
     
     پوپمۇ ئۆز قەلبىدە  ئۇتۇق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ  ئەنە شۇ جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن ئاشۇ مۇھىتتا ئىلاھنىڭ رەھىمدىللىقلىرىنى جامائەتكە يەتكۈزىدۇ؛ تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى  سودىگەرمۇ ئۇتۇق تۇيغۇسىدا بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆزى شەرەپ  ھېس قىلىدىغان بىر بولاقنى ئاچتى؛ كەسپىي كالتەك توپچىمۇ ئەلۋەتتە ئۇتۇق تۇيغۇسىدا بولىدۇ،  چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە خۇشتار؛ ئائىلە ئايالىمۇ ئەلۋەتتە ئۇتۇق تۇيغۇسىدا بولىدۇ،  چۈنكى ئۇنىڭ  ھەر كۈنلۈك ھەرىكىتى ئىجادىي تۇيغۇلارغا تولغان. مەمنۇنلۇق كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ پوزىتسىيىسىدىن كېلىپ چىقىدۇكى، ئۇ ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن كەم نەرسە ئەمەس.  چۈنكى ئۇ ئىنسان قەلبىدىن ئۇرغۇيدۇ، ئۇ ھەممىمىزنىڭ روھىي دۇنيايىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئەنگۈشتەر سۈپىتىدە يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ.
     ئۇتۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئورتاق ئامىلى مەنىۋى دۇنيادىكى پىكىر ۋە ئەقىدىدۇر. جانابىي ھەقنى ۋە ئۆزغايىسىنى تاپالماسلىقنى تەسەۋۇر قىلىش تولىمۇ تەس. تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلالمىغان، نىشاننى تاپالمىغان كىشىلەرنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ نېمىمۇ ئەھمىيىتى بولسۇن؟ مەيلى ئۇتۇق قازانغان تۇراقلىق كەسىپى يوق ئاققۇن ياكى كاتتا بانكىر بولسۇن، ئۇتۇقنىڭ خۇشپۇراق گۈللىرىنى  پۇراش ئۈچۈن جەزمەن مۇستەھكەم بىر ئەقىدە تۇرغۇزۇشى لازىم. ئەقىدە بەك ئۇششاق بولۇپ كەتسىمۇ مەيلى، لېكىن ئۇ جەزمەن جانابىي ھەق ۋە ئېتىقاد بىلەن ماس قەدەملىك بولۇشى كېرەك. ئىنسان جانابى  ھەقنىڭ كائىناتنىڭ ھەممە يېرىگە چېچىلغان مېھىر ئېقىمىغا ئازدۇر-كۆپتۇر چۆمۈلگەندىلا، ئاندىن ئۆز ۋۇجۇدىيىتىنى مۇشۇ ئېقىمغا سىڭدۈرۈۋېتەلەيدۇ.
     
     بۇ تولىمۇ خۇسۇسلاشقان ئىش، ئەلۋەتتە. ئۇتۇق قازانغان تۇراقلىق كەسىپى يوق ئاققۇن بىلەن ئۇتۇق قازانغان  كاتتا بانكىرنىڭ كاللىسىنى بىر ئۇدارغا سېلىش ناھايىتى تەس، لېكىن بۇلارنىڭ قانچىلىك پەرقلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار يەنىلا گارمونىك ماسلىق ھاسىل قىلالايدۇ. بۇنداق ماسلىق ئوخشاش بولمىغان دۇنيا قاراش ۋە ئوخشاش بولمىغان  كەسىپلەرنىڭ تەسىرلىرىگە ئۇچرىمايدۇكى، ھەر قاچان  ياراتقۇچىنىڭ مۇقامىغا تەڭكەش بولىدۇ.
     
     ئۇتۇق  ھەرگىز جىنايەتچىلەرگە سېلىنغان كىشەن ئەمەس. ھەممىنى بىر قېلىپقا سولايدىغان ئەندىزىمۇ ئەمەس، كۆرۈنۈشىدىن مۇز يېغىپ تۇرغان رەھىمسىز تامغىمۇ ئەمەس. ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ بارماق ئىزى، جىلۋىسى، خاسلىقنىڭ نامايان بولۇشى ۋە ئاشكارىلىنىشىدۇر. بىزگە كېرەكلىك بولغىنى جاسارەتكە كېلىپ ئۆزلۈكنى چۈشىنىش، ئۆزلۈككە يېتىش.
     
    داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى.
    مەنبەسى:كۆكنۇر تورى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىرە پۈتۈك _