قۇم باسقان شەھەر(مەمتىمىن ھوشۇر) 7-باپ

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-12 20:20:39

يەتتىنجى بابسېپىلسىز شەھەرشۇنىڭدىن كېينكى يوللارنى سۈپۈرگە يالغۇز باستى. ئەمدى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چەكسىز قۇملۇقلار، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان توغراقلىق جاڭگاللار تۇنۇش يوللار يېيىلىپ ياتاتتى. بۇ يە...


    يەتتىنجى باب

    سېپىلسىز شەھەر

    شۇنىڭدىن كېينكى يوللارنى سۈپۈرگە يالغۇز باستى. ئەمدى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چەكسىز قۇملۇقلار، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان توغراقلىق جاڭگاللار تۇنۇش يوللار يېيىلىپ ياتاتتى. بۇ يەردە بولسا ئادەم ئاز خىيال سۈرۈشكە  ۋاقىت يېتەرلىك ئىدى. تۇغۇلغان شەھىرىگە يېقىنلاشقانسىرى سۈپۈرگە ھېلىقى سىرلىق چوكان ۋە بالا شاھزادە توغرىسىدىكى ئىشلارنىئۇنتۇپ قالدى. سۈپۈرگە ئۆزىنىڭ جاھانكەزدىلىك ئۆمرىدە نېمىلەرنى كۆرمىگەن دەيسىز؟

    چوكان بىلەن بالا شاھزادە ۋەقەسى ئۇنىڭ كۆڭۈل دەپتىرىدە بىر نەتچە قۇرلا ئاددى خاتىرە بولۇپ يېزىلىپ قالدى خالاس. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىنى يۇرتىنى كۆرۈش يۇرتداشلىرى بىلەن دىدارلىشىش شادلىقى قاپلىغانىدى. ئۇ ئېشەكنىڭ ئۈستىدە قىيپاش ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتاتتى. ئۆز ناخشىسىدا ئاددىي دېھقان  قىزىنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى بىر كۈنلۈك ئېغىر ئەمگەكتىن كېيىن ئۆيىگە ئالدىراۋاتقان ئىشلەمچىنى قويلىرىنى چۆپكە قويىۋېتىپ خىيالغا پاتقان چوپاننى ........ تۇل خوتۇننىڭ يالغۇزلىقى يىراق بىر جاڭگالدىكى يالغۇز ئاياغ يول خىلۋەت بۇلاق بېشىدا ئېچىلغان يا ۋاگۈللەر چەكسىز ئالەم قۇدىرەتلىك ئىلاھ  شاھنىڭ قەھرى ۋەزىرلەرنىڭ ئەخمەقلىقى ئامىتى قاچقان قىمارۋازنىڭ نادامىتى ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا ......... يەنە شۇنداق نۇرغۇن نەرسىلەر توغرىسىدا كۈيلەيتى.   

    سۈپۈرگە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەر باشقا ھېچبىر شەھەرگە ئوخشىمايتى. ئۇنىڭ نە ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان ئېگىز سېپىلى نە ئادەملىرىگە دەھشەت سېلىپ تۇرىدىغان پادىشاھى يوق ئىدى .

    تەكلىماكاننىڭ ئەتراپىدىكى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئورنىنى ھازىرقى زاماننىڭ ھېچبىر خەرىتىلىرى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. بەلكى ئۇ دە ھشەتلىك بورانلار تەسىرىدە قۇم - بارخانلىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغاندۇر ياكى باشقا بىرەر تەبىئىي ئاپەت ئۇرۇش جاڭجاللار سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇپ يوقالغاندۇر ئەمما بىر زامانلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاۋاتلىقى،

    ئادەملەرنىڭ مەرد خۇشخۇي مېھماندوستلىقى بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ سودىگەرلىرىنى جەلىپ قىلغانىدى .

    كېچىلىرى شە ھەر مەسچىتلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك راۋاقلىرى ئۈستىدىكى ھىلال ئاي بەلگىلەر ئۇچلۇق ئۇچلىرى بىلەن يولتۇزلۇق كۆككە سانجىلىپ سۇس پارقىرايتى. تاش پەلەمپەيلەر،  سودىگەرلەر ئايۋانلىرىنىڭ نەقىشلىك تۈإرۈكلىرى غۇ ۋاقاراڭغۇلۇقتا كىشىگە سىرلىق تۈس بېغىشلايتى. سەھەردە مەسچى تلەرنىڭ ئېگىز پەشتاقلىرى ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەن مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى بىلەن تەڭ شەھەر ئويغىنىپ ھەركەتكە كىلەتتى. قايسىبىر ئىشىكلەر غىچىرلاپ ئېچىلىپ بوۋايلار يأتەلگىنىچە تەرەت چۆگۈنلىرىنى كۆتۈرۈپ تالاغا چىقاتتى. شەھەر مەدىكارلىرى پۈتۈن شەھەرنى چۆڭغا كۆمۈپ كوچىلارنى سۈپۈرۈپ سۇ چېچىشاتتى. شەھەرنىڭ بىر چېتىدىكى ئېگىز يارلىق ئۇستىگە كەمبەغەللەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ بۇ يەردىكى ئاددىي بۈگرى تار كوچىلار - توپا تام ئۆيلەر، شورلىشىپ پاكارلاپ كەتكەن كونا تاملار، ئۇششاق بالىلار تولا چىقىۋىلىپ مۈكچەيتىۋەتكەن قېرى ئەگرى ئۈژمە دەرەخلىرى يەنە ئۆزىگە خاس بىر مەنزىرە ھەسىل قىلغاندى.
        تاڭ
    يورۇشى بىلەنلا يارلاردىن تۆۋەندىكى بۇلاقلارغا بارىدىغان ئاياغ يوللاردا قىزلارنىڭ ئاليېشىل كۆڭلەكلىرى كۆزنى چاقنىتاتتى. قىزلار كوزىلىرىنى يار ئاستىدىن بولدۇقلاپ چىقىۋاتقان مۇزدەك بۇلاق سۈيىگە پاتتۇرۇپ ئېلىپ قەددىنى روسلىشاتتى،-دە كوزىلىرىنى كۆتۈرۈپ يەنە يۇقىرىلاپ كېتىشەتتى. ئادەملەر ئەتىگەنلىك نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا بازارغا ئالدىرايتى. بازار ئىچىدە ئاشپۇزۇلنىڭ مورىسىدىن چىققان قويۇق كۆكۈش ئىسلار تولغىنىپ يۇقۇرى كۆتۈرىلەتتى چايچىلارنىڭ ئوچاق بېشىدىكى چەينەكلىرى كۆڭۈللۈك شىڭىلدايتى. شەھەر كەمبەغەللىرى ئادەتتە مۇشۇنداق چايخانىلارنىڭ ئاددىي بورا تاشلانغان سۇپىلىرىدا ئولتۇرۇپ سەھەرنىڭ سالقىنىدىن ھوزۇرلىنىپ ناشتا قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى .

    ئېگىز قۇم بارخانلىرىدىن ھەلقىپ ئۆتۈپ يىراقلاردىن بۇ شەھەرگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان كارۋانلارنىڭ كۆزىگە ئالدى بىلەن ئېگىز سېپىللار ئەمەس چوڭ بىر يېشىل بوستانلىق كۆرۈنەتتى. مۇنداق چۆغلاردا چۆل يوللىرىدا چۆڭقاپ ھەلسىزلانغان يولوچىلارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ تۆگىلەر ئىتىيارسىز قەدەملىرىنى ئىتتىكلىتەتتى. كارۋان كولدومىلىرىنىڭ ئاۋازى يەنە باشقىچە ياڭرايتى. مۇنبەت ئېتىزلار سۇغا تولۇپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭلەر خۇش پۇراق مېۋىلىك باغلارنى ئارلاپ ئۆتكەندىن كېيىن شەھەرنىڭ ئۆي ئىمارەتلىرى كۆرۈنۈشكە باشلايتى. ئاز ئۆتمەي بۇ كارۋانلار تأگە قېچىرلارنى ھەيدەپ سەھەرنىڭ كوچىلىرىنى قوڭغۇراق ۋە كولدۇرمىلارنىڭ ھەر خىل سادالىرى بىلەن جانلاندۇرۇپ كىرىپ كېلەتتى .

    تەجىربىلىك سارايۋەنلەر ئۇزۇن چۆل يوللىرىنى بېسىپ كەلگەن بۇ ئادەملەرنىڭ كىيملىرىگە قونغان چۆڭدىنلا قايسى يۇرتنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى پەملەپ بولاتتى .

    جاھانكەزدى سۈپۈرگە نەق چۈش مەزگىلىدە ئۆز شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. شەھەر مەيدانىنى ئالارمەن ساتارمەنلەرنىڭ قىزغىن چوقانلىرى بىلەن تەۋرەپ تۇراتتى . سۈپۈرگە ئېشىگىنى يېتىلەپ كىشىلەر توپىنى ئارلاپ بۇرادەرلىرى بىلەن قىزغىن ئامانلىشىپ ماڭدى .

    -قار اڭلار بىزنىڭ جاھانكەزدى سۈپۈرگە قايتىپ كەپتۇ -دەپ ۋارقىرىۋەتتى بىر باققال

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاياقتىن كېلىشىڭ ؟

    -ھەي سۈپۈرگە - دەيتى يەنە بىر سودىگەردۇكانغا مەرھەمەت قىل ئۈستۈڭدىكى چاپان چۆرىلىرىڭ ئۆڭۈپ كېتىپتۇ رەختلىرىمدىن خالىغانچە يىرتىۋال.......ھېچبولمىغاندا، -نىمە قىززىقچىلىقلارنى كۆردۈڭ بىزنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قوي- سۈپۈرگە ئاخۇن دەپ دۇكىنىنى شەرەتلەيتى قورساقلىق ئاشپەز-ھارغانسەن دۇكىنىمدىن بەش مانتا يەپ كەت.

    -سۈپۈرگىغۇ بۇ؟- دەپ قىزغىن توۋلىۋەتتى تۇمۇرلىرى كۆپۈپ چىققان بىلەن بولقىسىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان تأمۈرچى - توختا ئېشىكىڭنىڭ تاقىسى ئۇپراپ تۈگىگەندۇر ؟ مەن ئەڭ ياخشى مىخلار بىلەن تاقا ئۇرۇپ بېرەي ........

    سۈپۈرگە ھەممەيلەن بىلەن سالاملىشىپ ئۇلارغا ئۆز لايىقىدا ئۆزرىسىنى ئېيتىپ ئۆتەتتى .

    ئۇ خېرىدارلار بىلەن تولۇپ تۇرغان چايخانىلارنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى .

    ئېشەكنى ئىشىك ئالدىدىكى موم ياغاچقا باغلىدى.  ھاردۇق يەتكەن ئېشەك كىملەرنىڭدۇر ئۇلاغلىرىدىن ئېشىپ قالغان بىدە قالدۇقىلىرىنى قېلىن كۆلپۇكىلىرى بىلەن يىغىپ  ئېرىنچەكلىك بىلەن يالمىغىلى تۇردى .

    جاھانكەزدى جاھانكەزدى سۈپۈرگە قايتىپ كەپتىغۇ دېيىشىپ تھەرەپ كەتتى  چايخانىدىكىلەر .

    سۈپۈرگە چۆپانلىرىنىڭ پەشلىرىدىكى چۆڭلارنى قېقىپ سالام بىلەن چايخانىغا قەدەم قويدى .

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەھىرىمىزنىڭ بىغەم پۇقرالىرى.

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام يۇقۇرى ئۆت سۈپۈرگە.

    ئادەملەر سىغدىلىپ سۈپۈرگىگە ئورۇن بوشاتتى. بۇ يۇرتتىكىلەر ئۈچۈن چايخانا چاي  ئىچىپ ئارام ئېلىش مۇڭدىشىش سورۇنى ئىدى. سز ئارىسىدا يەنە بەزى سودا سېتىق ئىشلىرىمۇ پۈتۈپ تۇراتتى. شۇ تاپتا ھەممە جىمىپ چۆپان لىرىنىڭ پەشلىرىنى يىغىپ، قىستىلىپ ئولتۇرىۋاتقان سۈپۈرگىگە كۆز تىكىشتى .

    خوش سۈپۈرگە ئۇزۇن بولدى كۆرمىدۇققۇ ؟ سەپەر قاياقتىن ؟

    جاھان كەزدىم.

    -شۇنداق ساڭا «جاھانكەزدى» دىگەن نام بىكار قويۇلمىغان دە نەلەردە بولدۇڭ. ؟

    ئاجايىپ شەھەرلەرنى خىلمۇ خىل خەلىقلەرنى ئارلىدىم، لېكىن دۇنيادا ئۆز يۇرتۇم  بۇلاقلىرىنىڭ سۈيىدەك تاتلىق سۇنى تېتىپ باقمىدىم. سىلەردەك باياشات بىغەم ياشاۋاتقان ئەلنى كۆرمىدىم .چايخانىدىكى ئادەملەر بۇ ماختاشتىن ھوزۇرلاندى. چاققان چايچى سۈپۈرگىگە ئەڭ ياخشى دەملەنگەن چاي،  يېڭى قۇمۇرۇلغان گىردىلەرنى كەلتۈردى. ئادەملەر توختىماي سۈپۈرگىدىن سورىشاتتى .

    قېنى ئېيتقىنا بۇ قېتىمقى سەپىرىڭدە قانداق ئاجايىپ ۋەقەلەرگە يولۇقتۇڭ ؟

    قۇياشنىڭ ھەممە يەردە ئەتىگىنى مەشرىقتىن چىقىپ كەچتە مەغرىپكە پېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، -دېدى سۈپۈرگە قولىدىكى نان ئۇۋاقلىرىنى كاپ ئېتىپ تۇرۇپ،-قولى باغلانغان پالۋانلار دار ئالدىدا تۇرۇپتۇ،  ھېكمەت ئىگىلىرى زىندانلاردا چىرىۋىتىپتۇ .

    بىلىمسىز مەككارلار جاھان سوراۋىتىپتۇ. بىر نانغا زار يوقسۇللارنى ئەركىنلىىنى يوقاتقان قۇللارنى كۆردۈم : ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان شاھ ئوردىلىرىدا مۇھەببەت ۋە قۇياش نۇرىغاتەشنا بولۇپ ياتقان نازىنلارنىڭ ھەسرەتلىرىنى ئاڭلىدىم

    نىمە سېنى بىر پادىشاھنىڭ ھوزۇرىدا بوپتۇ دەيدىغۇ....دەپ سورىدى بىرەيلەن.- ئېسىمدە يوق دېدى سۈپۈرگە ئالدىدىكى قىزىق چاينى ئوتلاپ تۇرۇپ.

    بىز شۇنداق ئاڭلىدۇق سەن شاھ ھوزۇرىدا كۆتتا ھەرمەتكە ئېرىشىپتۇدەكسەن. پادىشاھ   سېنى ئەمەلدار بولۇشقا تەكلىپ قىپتۇ،  ھەتتا ئۇنىڭ قىزىنى بەرمەكچىمۇ بولۇپتۇدەك

    -چاسىت شۇنداقمۇ بىر ئىش بولغان-دەپ ئېسىگە ئالدى سۈپۈرگە يىراق بىر يەردە ئېگىز تاغلارنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بىر يۇرتنى كەزدىم بۇ كىچىك پادىشاھلىققا قارايدىغان يەرلەر ئىكەن، شاھ مېنى ئۆز ھوزۇرىغا چاقىردى. ناھايىتى ئوبدان مىھمان قىلدى. ئۇ مېنى يىراق بىر ئەلدىن كەلگەن ئۇستا تىۋىپ ياكى بىر سېھرىگەر دەپ قالغان ئوخشايدۇ. ئاخىرىدا ئازاپ چېكىۋاتقان بىر قىزىم بار ئىدى كۆرۈپ باقساڭ دېدى. مېھماندارچىلىقنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ماقۇل بولدۇم. ئوردا ئىچىدىكى خاس بىر باغچىغا كىردۇق. قىز شۇ يەردە گۈللەرنىڭ ئىچىدىكى ھۇجىرىسىدا تۇرىدىكەن. قىزنىڭ گۈزەللىكىگە ئادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالىدۇ .

    ئەمما ئەقلى جايىدا ئەمەس ئىكەن،  تاماق بەرسە يەيدىكەن بولمىسا بىر نوقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرىۋىرىدىكەن. ياراتقان ئىگەم بېكىتكەن تەقدىرگە مېنىڭ نىمە ئامالىم بار دەيسىلەر ؟

    پادىشاھقا: ئاللا ئەڭ يېقىن بەندىلىرىنىڭ بېشىغا ئەڭ مۈشكۈل كۈنلەرنى سېلىپ سىنايدۇ .ئۇنىڭ داۋاسىنى يەنە ياراتقان ئىگەم بىز ئويلىمىغان بىركۈنى خىلمۇ خىل سەۋەپلەر بىلەن يەتكۈزىدۇ. سەۋرى قىلسىلا شاھىم  دەپ تەسەللى بەردىم. شاھ: گېپىڭ توغرا ئۇنى كۆرسەتمىگەن تىۋىپ قىلمىغان داۋايىم قالمىدى دوست دۈشمىنىم كۆپ قىزىمنىڭ ئەھۋالىنى بۇ يەردىكىلەرگە كۆرسىتىپ كۈلكىگە قېلىشنى خالىمايمەن خالىساڭ شۇ قىزىمنى سەن ئىلكىڭگە ئال ساڭا يېتەرلىك مال دۇنيا بېرەي قىزىمنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە يىراقلارغا ئەكەت دېدى

    سەن نىمە دېدىڭ دىدى بىرنەچچەيلەن تەڭلا

    سەپەردىكى ئادەممەن دەپ ئوشۇقچە ئاۋارىچىلىقنى يۈكلىۋىلىشنى خالىمىدىم

    -ئەمدى سەييۋەلىق تۇرمۇشۇڭنى قوي يېشى دېدى. سۈپۈرگە بىلەن دېمەتلىك بىرەيلەن قارا سەن بىلەن تەڭتۇشلىرىمىزنىڭ ھازىر ئۈچ تۆتتىن بالىمىز بار ، ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىپ  نەۋرە كۆرگىلى تۇردۇق.  جاھاننىڭ خوتۇن بالا چۆقىلار بىلەنمۇ بولىدىغان قىززىقىنى كۆر. قىز چوكانلىرىمىز بىر بىرلەپ يېتىشىۋاتىدۇ،  ھېچ ئەلنىڭكىدىن قالغۇچىلىكى يوق -شۇنداق دېدى يەنە بىرەيلەن-مانا خالىساڭ مەن ساڭا قىزىمنى بېرەي.

    -ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت -دېدى سۈپۈرگە-مەن قىز بالىغا لايىق بولىدىغان ياشتىن ئۆتۈپ كەتتىم .

    -تو ۋا دېدى بىر بوۋاي-مانا بىزنىڭ سۈپۈرگە شۇنچە كۆپ جاھانلارنى كېزىپتۇ مەن  بولسام شۇ ياشقا كىرگۈچە يېقىن ئەتىراپتىكى سەھرالارغىمۇ بېرىپ باقماپتىمەن .

    بولمىسا سۈپۈرگە ئېيتقان ھېلىقى پادىشاھلىققا بىر بېرىپ شاھنىڭ قىزىنى ئېلىپلا كېلەمسەن يە  بوۋا دەپ چاخچاق قىلدى بىرى.

    -راست دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىىدى بىر سودىگەر -سەن ئۇنى شاھ بەرگەن مال دۇنيا بىلەن ئەكىلىپ ئۆيۈڭگە تاشلاپ قوي بىر يەرگە تىكىلگىنىچە ئولتۇرسا ئوتۇرىۋەرسۇن. سەنمۇ مال دۇنيانى بولۇشىغا خەجلەپ ئويۇنۇڭنى ئويناۋەر تاماق يېمەيدىغان خوتۇن بولسا تېخى ياخشىدە،

    شۇنىڭ بىلەن چايخانا ئىچىدە كۈلكە چاقچاق قايناپ كەتتى.

    سۈپۈرگە يۇرتداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ چۆي ئىچىپ ئولتۇرغان شۇ پەيىتتە ياقا يۇرتتىن كەلگەن غەيرى ئۈچ تۆت ئادەم بازار مەيدانىنى ئارلاپ يۈرەتتى. بۇ شەھەرنىڭ بەگلىرى كىم ؟

    بۇ شەھەر قايسى پادىشاھلىققا قارايدۇ ؟ دېگەن سۇئاللار ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتتۇراتتى  .

    ئۇلارنىڭ شەھەر چېتىدىكى بىر سارايغا چۈشۈپ ئات ئۇلاغلىرىنى سارايۋەنگە تاپشۇرۇپ قويۇپ بۇ شەھەرنى شۇنداق ئارلاپ يۈرگىنىگە ئىككى ئۈچ كۈن بولۇپ قالغانىدى .

    ئۇلار بۇ يەردىكى ھەممە نېمىگە ھاڭۋاققىنىچە ھەيران بولۇپ قارايتى سېخىي قۇياش ئۆز نۇرىنى شەھەر ئۈستىگە تۆكۈشى بىلەن تەڭ بۇ شەھەرنىڭ رەستىلىرى ئادەملەرنىڭ ۋاڭ چۇڭىغا چۆمەتتى. كارۋان باشلىرى سارايلاردا ئېغىر تېڭىقلىرىنى يېشىشكە باشلايتى. بىردەمدىلا ئۇلار ئۆز ماللىرىنى شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كەڭ بازار مەيدانىغا ئاچىقىپ يېيىپ سودا سېتىقنى باشلىۋىتەتتى. بازار تەرەپتىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىۋاتقان كاسىپلار دېھقانلار،  مەدىكارلارنىڭ ۋاڭ چۇڭى ئېلىپ-ساتارلارنىڭ خېرىدار چۆقىرىپ ۋارقىراشلىرى بىلەن جانلىنىپ كېتەتتى. بۇ يەردە يىراق شەرىقنىڭ جانان چىنە قاچۆ ئۈنچە مەرۋايىت تاۋار دۇردۇنلىرى كۆزنى قاماشتۇرسا ئۇ يەردە ھېندى تىبەت سودىگەرلىرىنىڭ ھەر خىل بوياق دورا

    دەرمانلىرىنىڭ خۇش پۇرىقى دىماغنى ياراتتى. بىر يەردە قەشقەر چەكمەنلىرى كۇچا ئەلتېرىلىرى خوتەننىڭ گېلەم ئەتلەسلىرى قۇياش نۇرىدا ئوتتەك تاۋلىنىپ تۇرسا يەنە بىر يەردە كۇلالچىلار چىۋىق بىلەن كوزىلىرىنى جاڭلىدىتىپ ئۇرۇپ ماختايتى. : قايسىبىر ئۈستى يېپىق سالقىن رەستىلەردە ئاجايىپ گۈللەر كەشتىلەنگەن دوپپىلارنى كۆتۈرىۋىلىشقان ئاياللار خېرىدارلىرى بىەن قىزغىن سودىلاشسا يەنە قانداقتۇر بىر كوچىلاردا بولسا مىسكەر، تۈنكىچىلەرنىڭ جاڭىلدىتىپ ئۇرغان بولقا ئاۋازلىرى قۇلاقنى زىڭىلدىتاتتى. ...

     بۇ بازاردا   مېۋە چېۋىلەر دانىلاپ ئەمەس سېۋەتلەپ سېتىلاتتى. نىپىز شاپاق سوپپىسىنى قىرلىۋالغان باققاللار ئۈنىنى بولۇشىغا قويىۋىتىپ : يەۋال ئوغۇل بالىلار، بىر تويۇشۇڭ مانچە پۇل  دەپ ۋارقىرىشاتتى. باققاللارنىڭ ئالدىدىكى يوغان شىرنىلىك شاپتۇللاردىن ھەرقانچە ئىنجىقلاپ ئولتۇرۇپمۇ ئون تالدىن ئوشۇق يەپكەتكىلى بولمايتى .

    ھېلىقى ياقا يۇرتلۇقلار ئۆز ئۆمرىدە بىرىنجى قېتىم ئۇچىراتقان بۇ غەلىتە شەھەر توغرىسىدىكى دەسلەپكى سۇئاللىرىنى ئۆزلىرى چۈشكەن ساراينىڭ خوجايىنىغا قويدى :

    - سىلەرنىڭ بۇ شەھىرىڭلارنىڭ نىمىشقا سېپىلى يوق دەپ سورىدى ئۇلار سارايۋەندىن.

    -نىمە دېدى سارايۋەن ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىنى چۈشۈنەلمەي.

    -سىلەرنىڭ بۇ شەھىرىڭلار نىمىشقا ئىگىز تاملار بىلەن قورشالمىغان دەپ قايتا چۈشەندۈردى ئۇلار .

    - ھە سېپىل دەمسىلەر دېدى سارايۋەن،- مەنمۇ بۇ شەھەردىن باشقا يەرگە بېرىپ باقمىغان باشقا يۇرتلارغا بىرىپ قايتقانلاردىن ئۇ يەردىكى شەھەرلەرنىڭ شۇنداق ئېگىز تاملىرى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمەن .

    -شۇنداق شەھەر دىگەننىڭ مۇستەھكەم سېپىللىرى يوغان دەرۋازىلىرى بولىشى كېرەك دە .

    ئۇنىڭ نىمە ھاجىتى دېدى ھەيران بولغان سارايۋەن تام بىلەن قورشاپ دەرۋازا  قويىدىغانغا شەھەر دىگەن بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسىي قورو جايى ئەمەس،دە. -

    ئەگەر شەھىرىڭلارغا دۈشمەن كەلگۈدەك بولسا قانداق قىلىسىلەر ؟

    - دۈشمەن ؟ تېخىمۇ ھەيران بولدى سارايۋەن- نىمە دەپ دۈشمەن بېسىپ كەلگۈدەك؟  

    خۇداغا شۈكرى شەھىرىمىزنىڭ ئادەملىرى ھازىرغىچە ھېچكىم بىلەن ئازارلىشىپ باققان

    ئەمەس. نۇرغۇن ئەللەردىن شەھىرىمىزگە ئادەملەر كېلىپ كېتىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ مېھماندوستلىقىمىزنى شەھىرىمىزنىڭ ئاۋاتلىقىنى ماختىمايدىغىنى يوق .

    بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى كىم ؟

    پادىشاھ؟ .ھازىرغىچە بىزنىڭ ئۇنداق ئادەمگە ھەجىتىمىز چۈشۈپ باقمىدى.  شەھىرىمىزنىڭ ئاقساقاللىرى متىۋەرلىرى بار. پادىشاھسىزمۇ ئۇلار بىلەن ئىشلىرىمىز پۈتۈپ تۇرىدۇ .

    ھېچ بولمىغاندا بۇ شەھەرنىڭ بىرەر ئىگىسى بولسىمۇ باردۇر. ؟

    ئىگىسى دېدىڭلارمۇ ؟ ئىگىسى ئۆزىمىز. مۇشۇ شەھەرنىڭ خەلىقلىرى .......

    ھېلىقى ئادەملەر ھەيران بولۇپ بىر بىرگە قارىشىپ قويدى. سارايۋەننىڭ جاۋابلىرى ئۇلارنى

    تازا قانائەتلەندۈرەلمىگەنىدى. ئىككىنجى بىرى يەنە سۇئال سوراشقا باشلىدى : .

    مەسلەن سىلەر كىمگە سېلىق تۆلەيسىلەر؟

    سېلىق ؟ بىز نىمە دەپ سېلىق تۆألەيتتۇق ؟ ...... بىز ھېچكىمگە قەرىزدار ئەمەسمىز.

    نىمانداق بىر بىرىدىن غەلىتە سۇئاللارنى سورايدىغان ئادەملەر سىلەر دەپ ئازىراق تېرىككەندەك بولدى سارايۋەن .

    -بىزنىڭ دېگىنىمىز دەپ سەۋرىلىك بىلەن چۈشەندۇردى يەنە بىرەيلەن_ مەسلەن ئالايلى جامائەت ئورتاق پايدىلىنىدىغان بىرەر يول ياكى بىرەر كۆۋرۈك بۇزۇلغان بولسا ئۇنى سىلەر قانداق قىلىسىلەر ؟

    -ئېيتتىمغۇ دېدى سارايۋەن بىزنىڭ ئۆز ئاقساقاللىرىمىز بار ئۇنداق چاغلاردا ئۇلار ئوتتۇرغا چىقىپ : ھەي خالايىق پالانى يول ياكى كۆۋرۈك بۇزۇلۇپتۇ. ياكى بولمىسا پالانى مەزلۇم بەش بالىسى بالىسى بىلەن تۇل قاپتۇ ياكى پالانى ئۆستەڭنى يار ئېلىپ كېتىپتۇ، قېنى خۇدا يولىدا ئاتىغىنىڭلارنى تاشلاڭلار دەيدۇ دە ھەر قايسىمىز ئۆز قۇربىمىزغا لايىق تاپقىنىمىزنى بېرىمىز ئىش مانا مۇشۇنداق پۈتىدۇ .

    سارايۋەننىڭ گەپلىرى ھېلىقىلارنىڭ بۇ شەھەرگە بولغان قىززىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى .

    دۇنيادا مۇشۇنداق نە پادىشاھى نە بىرەر ئىگە بولغۇچىسىنىڭمۇ تايىنى يوق شەھەرنىڭ بارلىقىغا ئۇلارنىڭ ئەقلى يەتمەيتى. ئۇلار شەھەر ئارلاپ سورىغان ئادملەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ سۇئالىغا سارايۋەننىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان جاۋاپ بېرىشتى.

       يىراق بىر ئەلدىن كېلىپ بۇ يەردە ماللىرىنى يېيىپ قويۇپ سودا قىلىۋاتقان سودىگەرلەردىن ئۇلار :

    - سىلەر ئالغان پايداڭلاردىن بۇ شەھەرگە قانچىلىك ئولپان تاپشۇرىسىلەر دەپ سورىۋىدى -ھېلىقى سودىگەر ئۇنىڭغا ئا لىيىپ قارىدى دە -سەنلەر نىمە ئادەم بۇ يەرگە قەيەردىن كېلىپ قېلىشتىڭ ؟ ... بۇ شەھەردە سودىگەرلەردىن -ئولپان ئالىدىغان قانۇن يوق، يوق ئىشلارنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالماي ئاغىزىڭنى يۇمۇش، دەپ زەردە بىلەن سىلكىۋەتتى .

     

    بۇ غەيرى ئادەملەر « قۇياش شاھى »پايتەختىدىن كەلگەنلەر ئىدى. «قۇياش شاھى» ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئوردىدىكى بارلىق رەقىبلىرىنى قانلىق قېلىچ بىلەن بويسۇندۇرۇپ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان ئەڭ كىچىك شاھزادىنىڭ ئوردا ئىچىدىن غايىپ بولغانىلىقىنى سېزىپ تەرەپ تەرەپكە ئايغاقچىلارنى ئەۋەتىپ ئايغاقچىلارنىڭ قاچقان شاھزادىنى تاپماستىن ھېچ بولمىغاندا خەۋىرىنى ئالماستىن ئوردىغا قايتماسلىقىنى پەرمان قىلغانىدى .

    كىمكى شاھزادىنى تىرىك تۇتۇپ ياكى كۆللىسىنى ئېلىپ ئوردىغا يەتكۈزۈپ كەلسە يۇقۇرى مەنسەپ ۋە كۆپ ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى .

    سۈپۈرگىنىڭ شەھىرىدە ئايلىنىپ يۈرگەن بۇ غەيرى ئادەملەر شاھزادىنى ئىزدەپ چىققان ئايغاقچىلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇلارنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى شەھەر سىرتىدا ھەر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بەزمىلەر بولدى .ھەر كۈنى قۇياش شەرىبكە قىيسىيىپ سايىلەر ئۇ زىراشقا باشلىغاندا شەھەرگە يىراق يېقىندىن سودا سېتىققا كەلگەن ئادەملەر ئالىدىغىننى ئېلىپ ساتىدىغىننى سېتىپ بولۇپ،  شەھەر سىرتىدىكى ھەۋالىق جايلارغا ئارام ئېلىشقا يىغىلاتتى. بۇ يەردە ناخشا ئۇسۇل،  نەغمىلەر ئەۋىج ئالاتتى. كىشىلەر ئوتتۇرىغا كەڭ مەيدان قالدۇرۇپ دۈپدۈگلەك دائىرە بولۇپ تاماشا كۆرۈشەتتى. نەغمىچىلەر داپ ساتار تاش قوشۇق لېگەن تاۋاق ........ ئىشقىلىپ قولىغا چىققان ھەرقانداق نەرسىدىن رېتىملىق سادا چىقىرىپ بىر بىرىگە تەڭكەش قىلاتتى .كىملەردۇر سۇ تەڭشەلگەن چىنىلارنى چىۋىق بىلەن ئۇرۇپ زىل ئاۋاز چىقىرىپ جور بولاتتى .ناخشىچىلار خۇدىنى يوقاتقان ھەلدا بېرىلىپ ناخشا ئېيتاتتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى گويا بوراننىڭ گۈركىرىشى بۇقىلارنىڭ ھۆركىرىشى بۆرىلەرنىڭ ھۇإۋلىشىغا بەزىدە بولسا قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى تاغ سۇلىرىنىڭ شىلدىرلاپ ئېقى شلىرىغا ئوخشاپ كېتەتتى. بۇ ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىدە چۆللەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۇ ئادەملەرنىڭ ئۆتمۈشى،  بۈگۈنى كەلگۈسى مۇھەببەت نەپرىتى ئارزۇ ئارمان چۈش ۋە خىياللىرىنىڭ ھەممىسى سۆزلىنەتتى. نەغمە تازا ئەۋجىگە چىققاندا مەيدانغا ئەر ئايال ئۇسۇلچىلار چۈشەتتى. قىران يىگىتلەر قوللىرىنى بۈركۈتنىڭ قانتىدەك كېرىپ تاغ تېكىلىرىدەك سەكرەپ پەرۋاز قىلىشاتتى .لىۋەن چوكانلار قۇملۇققا تۆكۈلگەن توغراق ياپراقچىلىرىنى شامال ئۇچۇرغاندەك تىپتىنىچ سۇ يۈزىدىن ئۇششاق دولقۇنلار جىمىرلاپ ئۆتكەندەك يىنىك قەدەم ئېلىشاتتى. سازەندىلەر گاھ ئىككى تەرەپكە ئىرغاڭلاپ گاھ ئۆزىنى ئالدى كەينىگە تاشلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نەغمە قىلاتتى. ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازى كۆنىتىدىن ئەمەس نەق يۈرىكىنىڭ قات قېتىدىن ئۇرغۇپ چىقاتتى. ئۇسۇلچىلارنىڭ ھەممە ئۈگىلىرى ھەركەتكە كېلىپ گويا شۇ نەغمە ساداسى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرى ئېرىپ يۇمشاپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. نەغمە تازا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندە ئەتىراپتا تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلارمۇ بىر بىرلەپ مەيدانغا چۈشۈپ قاينام ھاسىل قىلاتتى. مۇنداق چۆغلاردا ئاسماندىكى بۇلۇت ئەتىراپتىكى تاغ داۋان چۆللۈكلەر ھەتتا پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئۆزىمۇ شۇ ئادەملەر بىلەن بىللە پىرقىراۋاتقاندەك قىلاتتى. كىشىلەرنىڭ قېنى تومۇرلاردا پۇرۇقلاپ قاينايتتى. دۇنيادا ئۆلۈم جاھاندارچىلىق ئىش ئوقەت ئۇيقۇ، تاماق دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ پەقەت ئاشۇ سەبىي ھەركەتلا قالغاندەك قىلاتتى. .. بەزى كۈنلىرى مۇنداق بەزمىلەر قاراڭغۇ چۈشۈپ تاكى تاڭ يورىغىچە داۋام قىلاتتى .

    بىر كۈنى ئەنە شۇنداق بەزمە مەيداننى ئارلاپ يۈرگەن ئايغاقچىلارنىڭ كۆزى سۈپۈرگىگە چۈشۈپ قالدى. مەيداندىكى ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭغا سالام سائەت قىلىپ ئۆتۈشىگە قارىغاندا، بۇ ئادەمنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى خېلىلا ھەرمەتلىك ئادەم ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى .

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۈپۈرگە قاياقتىن كېلىشىڭ دەپ سورايتى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلەر .

    قانداق ئەللەرنى كەزدىڭ ؟

    نىمە يېڭىلىقلارنى ئۇچىراتتىڭ ؟

    ھەرقاچان شەھىرىمىزنىڭ بۇ كۆڭۈللۈك بەزمىلىرىنى سېغىنغانسەن .؟

    مەن ساڭا ئېيسام مۇنداق ئاجايىپ بەزمە شاھ ئوردىلىرىدىمۇ بولمايدۇ ............

    بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئايغاقچىلار بىر بىرنى نوقۇشتى .

    ئاڭلاۋاتامسىلەر ئۇ يىراق ئەللەرنى كېزىپ كەلگەن ئادەم ئوخشايدۇ.

    ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ رەڭگى يېتىلىۋالغان ئېشىكىگە قارا ئۇ سەپەردىن يېڭىلا قايتىپ كەلگەندەك قىلىدۇ .

    ئۇنىڭدىن شاھزادە ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلاشقا بولماسمىكىن .........

    ئايغاقچىلار سۈپۈرگىنىڭ ئارقىسىدىن قالماي ئەگىشىپ مېڭىپ ئاخىر ئۇ بەزمە مەيدانىدىن يىر اقلىشىپ شەھەرنىڭ تېرەكلىك خالىي كوچىسىغا قايرىلغاندا ۋارقىراپ توختىتىشتى .

    ھەي ھۆرمەتلىك ئادەم توختىغىنا.

    سۈپۈرگە بۇرۇلۇپ قاراپ ئارقىسىدىن پايپاسلاپ كېلىۋاتقان ناتونۇش ئادەملەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .

    مېنى چاقىرىۋاتامسىلەر ؟

    - ھە  سېنى -دېدى ئايغاقچىلار سۈپۈرگىگە ئەگىشىپ كېلىپ قارا ھۆرمەتلىك ئادەم ، بىز سېنى ئاۋارە قىلىپ بىر ئىشنى سورىماقچى قارىغاندا سەن يىراق سەپەردىن كەلگەن ئوخشىمامسەن ؟

    شۇنداق مېنىڭ بۇ شەھەردىن چىقىپ كەتكىنىمگە بىر يىلچە بەلكىم ئۇنىڭدىن ئوشۇقراق بولغاندۇر .

    كۆپ يەرلەرنى ئارىلىدىڭ ھە قاچان ؟

    شۇنداق ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟

    بىز يىراق بىر پادىشاھىقتىن كەلدۇق سەن«قۇياش شاھى» دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟

    نىمىشقا ئاڭلىمايدىكەنمەن ؟ مەن كۆپ ئەللەرنى ئارلىغانمەن شۇڭا بۇ شەھىرىمدىكى  يۇرتداشلىرىم مېنى «جاھانكەزدى سۈپۈرگە» دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشىدۇ. مەن كۆرگەن پادىشاھلىقنىڭ ئىچىدە« قۇياش شاھى» ئەڭ بۈيۈك. سۈپۈرگىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغانلار ئۇنىڭ ماختاشلىرىدىن خوشال بولدى .

    بەلكىم سېنىڭ خەۋىرىڭ يوقتۇر دەپ سۆز باشلىدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شالاڭ ساقال. -ياشتا چوڭراق بىرى،-ئەنە شۇ ئۇلۇغ شاھىمىز« قۇياش شاھى »  ئالەمدىن ئۆتتى.

    -بۇ خەۋىرىڭنىڭ ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك يېرى يوق دېدى سۈپۈرگە،- شاھمۇ، گادايمۇ ھەممىمىز بەرىبىر بىر كۈنى ئۆلىمىز .

     - شۇنداق ھەممىمىز ئۆلىمىز. ۋاپات بولغان شاھىمىزنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى  تەخىتكە چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇبارەك نامىنى«قۇياشتىن ئۇلۇغ» قويدى. دېمەك ئىسمىدىنلا بىلسەك بولىدۇكى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى دادىسىنىڭكىدىنمۇ بۈيۈك .... بىز ئەنە شۇ يېڭى

    شاھىمىزنىڭ پەرمانى بىلەن بۇ يۇرتلارغا كېلىپ قالدۇق. سەن بۇ تەرەپكە كېلىۋاتقىنىڭدا بىرەر بازار ياكى قانداقتۇر خالىي بىر - شۇنداق بۇ تەرەپكە كېلىۋاتقىنىڭدا سەپەر ئۈستىدە يەردە بالا كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بىرەر ئايالنى ئۇچىراتمىدىڭمۇ ؟

     

      - بالا كۆتۈرگەن ئايال ؟ .... دۇنيادا بالا كۆتۈرۈپ يۈرىيدىغان ئاياللار ئازمۇ ؟ سىلەر قايەردە  قانداق بالا كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئايالنى دەيسىلەر دېدى سۈپۈرگە.

    ئەمما ئۇ كۆڭلىدە ئۇلارنىڭ كىمنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقىنىنى بىلىپ بولدى.  ھە شاھزادە بىلەن ھېلىقى چوكانغا باغلىق ۋەقەرلەرنىڭ داۋامى تېخى تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى ئۇ. كۆڭلىدە، شۇنداق بۇ ئالەمدىكى ئىشلار ئېقىن سۇدەك بىر بىرگە ئۇلىشىپ كەتكەن بولىدۇ، بىر ۋەقەنىڭ داۋامى ھامان ئىككىنچى بىر ۋەقەنىڭ بېشى بولۇپ چىقىدۇ -مەسلەن سەن

    مېڭىش تۇرىشى غەيرى رەك بەستلىك كەلگەن -دەپ چۈشەندۈردى شالاڭ ساقال ئايغاقچى - چىرايلىق بىر خېنىمنى كۆردۈڭمۇ ؟

    بۇ ئەتىراپتىكى يۇرتلاردا چىرايلىق خېنىملار ناھايىتى كۆپ ئەتىراپىڭغا قارا ئەنە ئاۋۇ كوزا كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان خوتۇن نىمە دىگەن قاۋۇل ھە؟ يولنىڭ چېتى بىلەن يۈزىنى توراپ - كېلىۋاتقان مۇنۇ قىز قانداق چىرايلىق........

    ئوبدانراق ئېسىڭگە ئال بەلكىم سەن ئالاقىزادىلىك ئىچىدە كېتىۋاتقان بىرەر چوكاننىڭ مېڭىش تۇرىشىدىن بىرەر گۇمانغا كەلگەنسەن ؟

    سىلەر زادى نېمىنى ئۇقماقچى بولىۋاتقىنىڭلارنى نىمىشقا ئوچۇق ئېيتمايسىلەر دېدى سۈپۈرگە،بالا كۆتۈرگەن ئايالنىڭ يېڭى پادىشاھىڭلار بىلەن نىمە ئالاقىسى بار ۋە ئۇنى مۇنچە سۈرۈشتۈرۈپ كېتىشىنىڭ سىلەرگە نېمىگە لازىمى بولۇپ قالدى. ؟

    -ساڭا ئېيتمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ دەپ سۈپۈرگىگە يېرىنراق سىلجشتى ئايغاقچىلار،-

    ئەنە شۇ مەرھەمەتلىك يېڭى شاھىمىزنىڭ كىچىك ئىنىسىنى ئۇنىڭ ئانىسى، ئوردىدىكى بىر ئايال خىزمەتكارغا قوشۇپ قاچۇرىۋىتىپتۇ. شاھىمىز بىزنى شۇ كىچىك شاھزادىنى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن چىقارغانىدى. يول بويى قاتتىق ئات چۆپتۇرۇپ ماڭدۇق كۆپ يەرلەرنى ئىزدىدۇق. دېرىكىنى ئالالمىدۇق. شاھزادىنىڭ خەۋىرىنى ئالمىغۇچە شاھىمىزنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپمايدۇ .

    نىمىشقا ؟

    بىرىنچىدىن شاھزادە تېخى بوۋاق شاھىمىز ئۆز قېرىندىشىنىڭ ساق سالامەت قايتىپ كېلىشىنى تىلەيدۇ. ئىككىنچىدىن شاھزادىنىڭ ئوردا سىرتىدا تۇرۇشى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس كېيىنكى چاغلاردا ئۇنىڭدىن يامان نىيەتلىك ئادەملەر پايدىلىنىپ، شاھلىق تەختىگە خەۋىپ سېلىشى مۇمكىن .

    -چۈشەندىم دېدى سۈپۈرگە- شۇ تاپتا ئېسىمگە بىر ئىش كېلىۋاتىدۇ- بىر كۈنى مەن مانا بۇ ئېشىگىم بىلەن پاراڭلىشىپ بىر يېزىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم. مەن شۇ چاغدا  ئېشىگىمدىن : ئەگەر ئاللا ساڭا شۇنداق ئامەت ئاتا قىلىپ بىرەر شەھەرگە پادىشاھ بولۇپ

    قالغۇدەك بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ ؟ دەپ سورىغانىدىم. ئېشىكىم كۈلۈپ : ئەگەر راستىنلا ماڭا شۇنداق ئامەت كېلىپ پادىشاھ بولىدىغان بولسام. شەھەرلەرنى تۇزلەپ ئېشەكلەر ئېغىنايدىغان توپىلىق مەيدان ياسىتاتتىم. ئېتىزلارنىڭ ھەممىسىگە بېدە بىلەن قوناق تېرىگۈزەتتىم دەپ تۇرىۋىدى شۇ چاغدا يېزا چېتىدىكى كۆۋرۈك بېشىغا ئولىشىۋالغان ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭى بىزنىڭ سۆھپىتىمىزنى بۇزىۋەتتى. نىمە گەپكىن دەپ بېرىپ قارىساق بىر نارسىدە بالىنىڭ جەسىتى توپىغا مىلىنىپ يېتىپتۇ .

    جەسەتنىڭ بېشىنى كىمدۇر بىرى كېسىپ ئەكىتىپتۇ. سىلەر ئىزدەپ يۈرگەن بوۋاق شۇ بولۇپ يۈرمىسۇن يەنە ؟

    سەن ئۇنى قاچان قەيەردە كۆردۈڭ دەپ ئايغاقچىلارنىڭ ھەممىسى كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە سۈپۈرگىنىڭ ئاغىزىغا تىكىلدى .

    بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئالدىدىمىكىن نەدە كۆرگەنلىكىم تازا ئېسىمدە يوق.

    ئەگەر سەن كۆرگەن جەسەت شاھزادىنىڭ جەسىتى بولغان تەقدىردە ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئايالمۇ بولىشى كېرەكتىغۇ ؟

    ئايال دېدى سۈپۈرگە نېمىشقىدۇر ئەندىكىپ توغرا شۇ جەسەتنىڭ ئەتىراپىغا ئولاشقانلار ئايالنىڭمۇ گېپىنى قىلغاندەك قىلىۋىدى،

    - ئۇلار نىمە دىيىشكەن

    ئۇلارنىڭ دېيىشىچە . بوۋاقنى بىر ئايال كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانىكەن . دەل ھهېلىقى كۆۋرۈكنىڭ بېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاتلىق لەشكەرلەر يېتىشىپ كېلىپ قاپتۇ .

    كۆۋرۈك يېنىدا ئازىراق ئېلىشىشمۇ بولغان ئوخشايدۇ. ھىچكىم ئۇ يەرگە بېرىشقا پېتىنالماپتۇ .

    لەشكەرلەر كەتكەندىن كېيىن يېزىلىقلار بېرىپ قارىسا، ئۇيەردە بوۋاقنىڭ كاللسى يوق جەسىتى ياتقۇدەك، ھهېلىقى ئايالنىڭ نەگە يوقالغىنىنى ئۇلارمۇ ئاڭقىرالماي قاپتۇ ... .

    بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئايغاقچىلار بىر-بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى. دېمەك، شاھزادىنىڭ كاللىسىنى باشقىلار كېسىپ ئەكىتىپتۇ . مۇكاپاتتىن قۇرۇق قاپتۇق دەپ ئويلاشتى ئۇلار .

    شۇنداق بولسىمۇ، سۈپۈرگە يەتكۈزگەن خەۋەر ئايغاقچىلارنى ئازىراق خوشال قىلدى . چۈنكى ھهېچبولمىغاندا ئۇلار ئوردىغا شاھزادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېلىپ بولسىمۇ قايتالايتى . ئۇلار سۈپۈرگىگە رەھمەت ئېيتىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئالدىراپ ئارقىسىغا قايتىشتى .

     

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.