خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى2(خوتەندە)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 09:39:07

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى2 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت ت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى2 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى

     

     خوتەندە

     

       يۈ يىڭخەن دارىن خوتۇنى لى مېيزى ئاغىچا ۋە ئوغلى يۈ شۇنچىڭ بەگزادىنى باشلاپ يىراق چېگرا رايونغا يېتىپ كەلگەندە، بۈگۈنكى خوتەن ۋىلايىتى دائىرىسىدە پەقەت ئۈچلا ئامباللىق بار ئىدى. ئەسلىدىكى كېرىيە ئامباللىقىغا قارايدىغان رايونلاردىن 17 كەنت ئاجرىتىلىپ، تېخى يېقىندىلا، بەش-ئالتە يىلنىڭ نېرىسىدىلا «لوپ ئامباللىقى» تەسىس قىلىنغانىدى. ئاشۇ ئۈچ ئامباللىقنىڭ ئەڭ كۆجۈمى ۋە بۈگۈنكى قارىقاش ناھىيىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان خوتەن ئامباللىقىغا چىڭ يۇڭچىڭ−چىڭ دارىن ئامباللىق قىلاتتى. ئۇ قەشقەردىكى دوتەي ما فۇشىڭ (ماتىتەي)گە قارايتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا «خوتەن قەييى» يولى ئارقىلىق كۆپرەك ئۈرۈمچىدىكى باش تۇتۇق ياڭ زىڭشىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلاتتى. خوتەن ئامباللىقىدا ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن، ئەتكىنى ئەتكەن بولۇپ، خوتەننى يامان ئەمەس باشقۇرۇپ كېلىۋاتاتتى، ئەنە شۇ ئامبال چىڭ دارىن ئۆزى خۇنەندىن تەكلىپ قىلغان يۇرتدىشى يۈ يىڭخەن دارىننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئالدىغا ئاتايىتەن سەككىز كىشى كۆتۈرىدىغان بىر جۈپ تەختىراۋان ئەۋەتتى ۋە ئۆزىمۇ ئاتلىنىپ خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي دەرۋازىسى ھېسابلىنىدىغان جېگۇەنتىڭ (ئەمەلدارلارنى كۈتۈۋېلىش راۋىقى)غىچە يۈ دارىننىڭ ئىستىقبالىغا چىقتى، يۇرتداشلار ئاشۇ يەردە قوللىرىنى كۆكرەكلىرىگىچە كۆتۈرۈپ، سول مۇشتىنى ئوڭ ئالىقانلىرى بىلەن قاماللاپ، ئىززەت-ھۆرمەت ئىچىدە بىر-بىرىنىڭ دىدارىغا تويماي قاراشتى، ئارقىدىن يەرگە تىزلىنىپ بىر-بىرىگە باش ئۇرۇشتى، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كۆكرەك ئېچىپ قۇچاقلاشتى...
       ھۆرمەت «شورباغ»، «نەزەرباغ»، «ئاقتاش» تەرەپتىن ئۇرغان شامالدەك يەلپۈدى. ئىززەت «قارىقاش»، «يورۇڭقاش» دەريالىرىدا ئاققان سۇدەك قەلبلەرگە سىڭىپ كىردى، يۈرەكلەر ساداقەتتىن دۈپۈلدىسە، تىل ۋە لەۋلەر ۋاپادارلىقتىن قەنت-شېكەر تۆكەتتى. چىڭ دارىن ئاشۇ «جېگۇەنتىڭ» دېگەن يەرنىڭ ئۆزىگىلا كۈتۈۋېلىش زىياپىتى تەييارلاتقانىدى، زىياپەت سورۇنىدا چىڭ دارىننىڭ ئىلتىجالىق سوئاللىرى كۆپرەك يۈ دارىننىڭ سالامەتلىكىگە، سەپەر ئەھۋالىغا، ئانا يۇرتى خۇنەن ۋە چاڭشاغا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارانلارغا تالىق بولدى. يۈ دارىننىڭ رەھمەت ۋە بارىكاللىدىن رەڭلەنگەن جاۋابلىرى بولسا كۆپرەك چىڭ دارىننىڭ كۆڭۈل رايى تەرەپكە ئاقتى، دوست ۋە يۇرتداشلارنىڭ مۇساپىرەتتىكى مۇڭ-سۆھبەتلىرى بىر قېتىملىق مۇڭدىشىش، بىر قېتىملىق سىردىشىش بىلەن تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. چىڭ دارىن بۇنى چۈشىنەتتى. ئۇ ئۇزاق سەپەردىن كەلگەن يۈ دارىننى يەنە تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى تەختىراۋاننىڭ يېنىدا ئاتلىق مېڭىپ ئۇنى ئامبال ئوردىسىغا باشلاپ كىردى. چىڭ دارىن ئامراقلىق قىلىپ، يۈ شۇنچىڭ بەگزادىنى ئۆزى مىنگەن ئاتنىڭ ئالدىغا مىنگەشتۈرۈۋالغانىدى. شۇنداق قىلىپ يۈ دارىن تەختىراۋان بىلەن قەدىمىي خوتەن شەھىرىگە كىرىپ كەلدى.
    بىزگە يېتىپ كەلگەن «يۈ دارىن تەكلىپكە بىنائەن تەختىراۋانغا ئولتۇرۇپ خوتەنگە يېتىپ كەلگەنىدى» دېگەن ئۇچۇر ئەنە شۇ ئەڭ ئاخىرقى مۇساپىنى تەختىراۋاندا تاماملاشنى كۆرسىتەتتى.
    يۈ دارىن بىلەن چىڭ دارىن يىراق خۇنەن توغرىسىدا ۋە تۇرۇۋاتقان خوتەن توغرىسىدا ئۈچ كۈن پاراڭلاشتى، بۇنى ئۈچ كېچە-كۈندۈز مۇڭداشتى دېيىشكىمۇ بولاتتى. دېيىشمىگەن گەپ، ئېچىشمىغان سىر قالمىدى. چىڭ دارىن ئۆزىنىڭ قانداقلارچە يىراق چېگرا رايونغا كېلىپ قالغانلىقىنى، ئاۋۋال كېرىيەنىڭ ئامباللىقىنى سېتىۋېلىپ، ئۇ يەردە بىر يىلچە ئامبال بولغانلىقىنى، كېيىن خوتەن ئامباللىقىغا يۆتكەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. چېگرا رايوننى قوغداش پىلانلىرىنى تونۇشتۇردى، ئۇلار چاڭشادىكى چاغدا، ئاشۇ قېتىم خانلىق ئىمتىھانىغا جەم بولغان چاغدا  تونۇشقان بولسا، ئەمدى تولۇق بىلىشىشكە ئېرىشتى. بولۇپمۇ چىڭ دارىن يۈ دارىننى تولۇق بىلىپ يەتتى. ئۇنىڭ ئاجايىپ مول بىلىمىنى، قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بىلمەيدىغىنى يوقلۇقىنى تونۇپ يەتتى. چىڭ دارىننىڭ كۆڭلىدە ئازراق ھەسەت ۋە ئەندىشە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغانىدى. يۈ دارىن بولسا ئۆزى مۇيەسسەر بولۇۋاتقان ئىززەت-ھۆرمەتلەردىن تولىمۇ مەمنۇن ئىدى، ئۇ چاڭشادىن چىققاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆز تاللىشىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىۋاتاتتى.
       يۈ دارىن خوتەنگە يېتىپ كېلىپ تۆتىنچى كۈنى چىڭ دارىننىڭ يارلىقىغا بىنائەن ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى «شەھەر مىڭلىكى»، «شيا (تۆۋەن) توساللا مىڭلىكى»، «شاڭ (يۇقىرى) توساللا مىڭلىكى»، «شيا بورزان مىڭلىكى»، «شاڭ بورزان مىڭلىكى»، «شياڭ سۇفا مىڭلىكى»، «شيا سۇفا مىڭلىكى»، «خانئېرىق مىڭلىكى»، «تاغ مىڭلىكى» ۋە قارىقاش دەرياسىنىڭ غەربىي قاسنىقىدىكى «بەھرام سۈيى مىڭلىكى»، «زاۋا مىڭلىكى»، «كۇيا مىڭلىكى»، «ماكۇي مىڭلىكى»، «قارىساي مىڭلىكى»دىن مۇھەممەتنىياز بەگ زەگەر، ئەپرۇزى گۇڭ خوجا، توختى تۇڭچى بەگ، سۇلايمان ئەلەم باشچىلىقىدىكى بەگ، شاڭيۇ، مىراپ-قازىلار يۈز كۆرۈشۈش ئۈچۈن يۈ دارىننىڭ ئىستىقبالىغا كېلىشتى، يۈز كۆرۈشۈش مۇراسىمى كاتتا داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. توققۇز قېتىم ئېتىلغان «پو» گۈمبۈرلەپ ياڭرىدى. توققۇز تىزىق پوجاڭزا قوماچ قورۇغاندەك پاراسلاپ كەتتى. توققۇز دۇمباق، توققۇز جاڭنىڭ ساداسى ئالەمنى بىر ئالدى. يۇرت كاتتىلىرى رەتلىك تىزىلىپ، سوۋغات شىرەسى يېنىدىن ئۆتۈپ يۈ دارىننىڭ ئالدىدا تىزىلىشتى ۋە ئارقىدىن گەۋدىلىرىنى رۇسلاپ مۇشتۇملىرىنى جۈپلەپ ھۆرمەت ۋە ساداقەت ئىزھار قىلىشتى. كۆرۈشۈش-تونۇشۇش دېگەنلەر ئەنە شۇ ئىدى. يۈز كۆرۈشۈش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوۋغات شىرەسى يېنىغا باشلاپ كېلىنگەن يۈ دارىن ئۆزىنىڭ گويا شېرىن چۈش كۆرگەندەك بىردىنلا بېيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شىرە ئۈستىگە پاتماي قالغان زىخچا ئالتۇنلار، تەڭگە-يامبۇلار، ئۈنچە-مەرۋايىتلار ئۇنىڭغا ئېلىپ كېلىنگەن يۇز كۆرۈشۈش سوۋغاتلىرى ئىدى. يەنە ئاجايىپ كۆركەم زىلچا-گىلەملەر، توپ-توپ شايى-دۇردانىلەر، تۈلكە ۋە قاما تېرىلىرى، تېخى يەنە ئېگەرلەنگەن، كۈمۈش يۈگەنلىك ئات-ئارغىماقلارمۇ بار ئىدى. چىڭ دارىن ئامراقلىق قىلىپ، يۈ دارىننىڭ ئوغلى يۈ شۇنچىڭ بەگزادىنى ئاشۇ ئاتلارنىڭ بىرىگە مىنگۈزۈپ يۈرگەندە، يۈ دارىننىڭ قەلبىدە ھەيرانلىق ئارىلاش خىجىللىق ھۆكۈم سۈرەتتى. «بۇنداق قىلماسلىق كېرەك ئىدى، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى» دەپ ئويلايتتى ئۇ. خۇنەندىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش راسا ۋايىگە يېتىۋاتاتتى. مېھمانلار بىرەر ھەپتە دەم ئېلىپ ھاردۇقلىرى چىققان، سەپەر جاپالىرى ئۇنتۇلغاندىن كېيىن، چىڭ دارىن ئۇلارنى ئامباللىقنىڭ بىپايان زېمىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. قول تىقسىلا قاشتېشى چىقىدىغان ئىككى دەريا بويلىرىنى سەيلە قىلدۇردى. دەريا بويلىرىنى سەيلە قىلغاندا پاراڭ كۆپرەك قاشتېشى ۋە ئۇنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە بولدى. بۇ جەھەتتىمۇ يۈ دارىننىڭ بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى. ئۇ ئۇماي ئانا پادىشاھنىڭ سېرىق پادىشاھقا قاشتېشى تەقدىم قىلغىنىدىن باشلاپ، قاشتېشىدىن تامغا تۇتقان پادىشاھلارنىڭ روناق تېپىشلىرىغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي ھېكايىلەرنى سۆزلەيتتى. چىڭ دارىن بولسا ئۆزى ئامبال بولغاندىن كېيىن تېپىلغان ۋە سوۋغات قىلىنغان قاشتېشىلىرى ھەققىدە ھېكايە قىلاتتى. پاراڭ تۈگىمەيتتى، كۆزدىن كەچۈرۈش سەيلە-ساياھەتلىرى ئاتلىق بولدى، چىڭ دارىن يۈ دارىننىڭ ئوغلى يۈ شۇنچىڭ بەگزادىنى ئۆزى مىنگەن ئاتنىڭ ئالدىغا مىنگەشتۈرۈۋالاتتى، ۋەھالەنكى، ئاشۇ كىچىك بەگزادىنىڭ نە گۈزەل مەنزىرىلەر بىلەن، نە قىزىقارلىق پاراڭ-ھېكايىلەر بىلەن خۇشى بولسۇن؟ بالا تورۇق ئاتنىڭ يايلىنى ئويناش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئاتنىڭ كىچىك ۋە گۈزەل بېشىغا، دائىم تىك تۇرىدىغان قۇلاقلىرىغا، شېشىدەك پارقىرايدىغان كۆزلىرىگە قاراپ تويمايتتى، بالىنىڭ قەلبىدە مۇشۇ ئېگىز، ئىنچىكە پاچاقلىق گۈزەل ھايۋانغا نىسبەتەن قىزىقىش ۋە يېقىنچىلىق ئويغانغانىدى.
       شۇ كۈنلەردە خوتەن ئاسمىنىدا «يېڭى دارىن كەپتۇ، چىڭ دارىن كەتكۈدەكمىش، يېڭى دارىن ئامبال بولغۇدەكمىش» دېگەن گەپلەر ئۇچۇپ يۈرەتتى. يەنە بەزىلەر «يېڭى دارىن چىڭ دارىننىڭ تۇغقىنىمىش، خوتەننى بىرلىكتە سورىغۇدەكمىش» دېيىشەتتى. ۋەھالەنكى، چىڭ دارىن يۈ دارىننى نېمە ئىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېنىق ئېسىدە ساقلىغاندەك، يۈ دارىنمۇ ئۆزىنىڭ نېمە ۋەزىپىگە قويۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى، ئامبال ئوردىسىدىكى خادىملار ئۇنى باشتىن-ئاياغ «يۈ لاۋسى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتاتتى، بۇ خىل ئاتاش چىڭ دارىننىڭ ئېنىق يوليورۇقى بىلەن بولغانىدى، ھالا شۇ كۈنلەردە چىڭ دارىننىڭ يۈ دارىننى ئامبال مەھكىمىسىدىن يىراقراق تۇرغۇزۇش پىكرى تېخىمۇ چىڭىۋاتاتتى. دېمىسىمۇ، بىلىملىك ئادەملەرنىڭ سەل چەتتە تۇرغىنى تۈزۈك ئىدى. بىر كۈنلەر كېلىپ بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز كۈچلۈك بولۇپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟
       كۆپ ئۆتمەي يەرلىكلەرنىڭ قىياس ۋە مىش-مىشلىرىنى خوتەندە شۆتاڭ «مەكتەپ» ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى رەسمىي خەۋەر بېسىپ كەتتى. خەۋەردە يۈ دارىن «يۈ لاۋسى»غا ئۆزگەرگەنىدى. چىڭ دارىننىڭ قاتتىق يارلىقىغا بىنائەن 14 مىڭلىكتىن 14 ئوقۇغۇچى يېتىپ كەلدى. يەرلىكلەر بۇنى «مەكتەپكە تۇتۇۋېلىش» دەپ ئاتىدى. «خانئېرىق مىڭلىكى»دىكى قايىدىن بەگ «سېرىغىز»لىق دېھقاننىڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەتنى؛ «شاڭ توساللا مىڭلىكى»دىكى توختى بەگ (موزاي) ئابابەكرى دېگەن بالىنى؛ «شيا بورزان مىڭلىكى»دىكى روزىمۇھەممەت بەگ سالىي دېگەن بالىنى؛ «تاغ مىڭلىكى»دىكى غوجى ئەخمەت بەگ (ئۇ چاغلاردا خوتەن، لوپ، چىرا تاغلىرى بىر مىڭلىك بولۇپ، خوتەن ئامباللىقىغا قارايتتى) غوجى ھاشىم دېگەن بالىنى ئوقۇشقا ئەۋەتتى. باشقا مىڭلىكلەرمۇ بىردىن بالا ئەۋەتتى. ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، مىڭلىك خەلقى پۇل يىغىش قىلىپ ئاتا-ئانىسىدىن سېتىۋېلىپ «شۆتاڭ»غا ئەۋەتىپ بەرگەنىدى. 14 مىڭلىكتىن كەلگەن 14 بالىغا كوچىدىن يىغىۋېلىنغان يېتىم-يېسىرلار قوشۇلۇپ 20 بولدى، بۇ بىر سىنىپ ئوقۇغۇچى دېگەن گەپ ئىدى. ئۇلار خۇنەندىن تەكلىپ بىلەن كەلگەن «يۈ لاۋسى»نىڭ ئوقۇتۇشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.
       لاۋسىلىققا تەيىنلەنگەن يۈ يىڭخەن دارىن قانداق تەسىراتتا بولدى؟ يېڭى يۇرت، يېڭى مەنزىرە، يېڭى ھاۋا ئۇنىڭغا ياقتىمۇ؟ ئۆزىنىڭ ياقا يۇرتتىكى ھەم جاپالىق، ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىسىدىن مەمنۇن بولدىمۇ؟ ۋە ياكى بۇ يەردىكى تۆۋەن سەۋىيىلىك كىشىلەرنى كۆرۈپ چوڭراق ئەمەلگە ئېرىشىش تەمەسىدە بولدىمۇ؟ بۇلار نامەلۇم، ئۇزۇن يىللارنىڭ چاڭ-توزانلىرى بۇلارنىڭ بىزگىچە يېتىپ كېلىشىگە ئىمكان بەرمىگەن. ۋەھالەنكى، يۈ دارىنغا كۆرسىتىۋاتقان ئىززەت-ھۆرمەتلەر جايىدا ئىدى. مائاش تەمىناتىمۇ ياخشى بەلگىلەنگەنىدى. توق ۋە باياشات تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولاتتى. تېخى ئېشىنىپ، ئالتۇن-كۈمۈش يىغقىلى، يۇرتقا قايتقاندا بىللە ئېلىپ كەتكىلى بولاتتى.
       شۇنداق قىلىپ يۈ لاۋسى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا كىرىشتى، باشقا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى-تۇڭچىلارمۇ بار ئىدى، يۈ لاۋسى ئاشۇلار بىلەن بىرلىكتە 14 مىڭلىكتىن كەلگەن بالىلارنىمۇ، ئامبال ئوردىسى ۋە سېپىل ئىچىدىكى لەشكەرلەرنىڭ بالىلىرىنىمۇ ئوقۇتۇشقا كىرىشتى، لەشكەرلەرنىڭ بالىلىرى ئۆز تىللىرى بولغاچقا ئوقۇتۇش ئاسان ئىدى. مىڭلىكلەردىن كەلگەن بالىلار يات تىللىق بولغاچقا ئوقۇتۇش تەس ئىدى. يۈ لاۋسىغا كۆپ ھەرەج تارتىشقا توغرا كەلدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.