خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى21 (تۈگۈللىمە)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 11:16:07

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى21 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت ت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى21 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)  
    نۇرمۇھەممەت توختى

    تۈگۈللىمە

     

       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم توغرىسىدىكى گەپنى ئەڭ ئاۋۋال مەرھۇم شائىر روزى سايىت ئېلىپ كەلدى. 1998-1999-يىللىرىمۇ ياكى ئۇ چاغدىن بۇرۇنراقمۇ، شائىر نىيە ناھىيىسىدە نىيە ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى ئويناپ چىقىدىغان 18-ئاۋغۇست سۇ قۇرۇلۇشى باش تېما قىلىنغان ئوپېرانى يېزىپ بېرىش ئۈچۈن بىرەر ئايدەك تۇرۇپ قالغانىدى، شۇ قېتىم شائىرنىڭ ئاغىنىسى ئابدۇقادىر ئاخۇن ئۇنى مېھمانغا چىللاپ ئۆيىگە باشلاپتۇ. شائىر مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى شۇ يەردە كۆرۈپتۇ.
       شائىر خوتەن شەھەر «گۈزەل ئىستىقبال خەلق كوممۇناسى»دا ئىشلەپ يۈرگەن 70-يىللاردا ئەترەتتىكى ئاغىنىلىرى مەمتىمىن روزى، ئابابەكرى راخمان، مەمتىمىن قۇربانلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئابدۇقادىر ئاخۇن بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈشكەن ۋە تونۇشۇپ ئاغىنە بولۇپ قالغانىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ نىيەلىك بايۋەچچە-نىيە ناھىيىلىك سودا ئىدارىسىنىڭ ھەممە يەرگە قولى يېتىدىغان مال سېتىۋالغۇچىسى ئىكەنلىكىنىلا بىلىدىكەن، كىمنىڭ ئوغلى، نەسەب-ئەجدادى كىم، بۇلارنى بىلمەيدىكەن، شۇ قېتىمقى مېھماندارچىلىقتا ئۇ ئابدۇقادىر ئاخۇننىڭ ئاتىسى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ، كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قاپتۇ.
       شائىرنىڭ نىيەدىن قايتىپ كېلىپ سۆزلەپ بېرىشىچە، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، چىراي-تۇرقى بەئەينى جەنۇبلۇقلارغا ئوخشايدىكەن، پاكار، ۋىجىك، ياپما قاپاق، گازىر كۆز، قاڭشىرى پەس، ئاق پىشماق، يۈزىدە بىلىنەر-بىلىنمەس چېچەك ئىزى بارئىكەن، ساقال-بۇرۇتى تولىمۇ شالاڭ ئىكەن، قېلىن كۆزەينىكى تېگىدىن قاراشلىرىمۇ خېلىلا يوچۇن ئىكەن، ئەمما بېشىدىكى سەللە تەلپىكى، ئۈستىدىكى پەشمەت-كەمزۇلى يەرلىكلەرچە ئىكەن، شۇ قېتىمقى چىللاقتا تاماق داستىخاندا ئەمەس، شىرەدە يېيىلىپتۇ، بىرقانچە خىل قورۇما چىقىرىلىپتۇ، تاماقلىنىش ئادىتىمۇ ئۆزگەرمىگەندەك ئىكەن، ئەمما مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم تاماققا چوكا سېلىشنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئەستايىدىل ھالدا «بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم» دەپ باشلىغان بولسا، تاماقتىن كېيىنمۇ شۇنداق ئەستايىدىل قول كۆتۈرۈپ رىزقى-نېمەت بەرگەن ئاللاتائالاغا شۈكرانىلەر ئېيتىپتۇ، بۇ تەرەپلەر ئەينەن يەرلىكلەرچە ئىكەن.
       شائىر شۇ قېتىم 90 ياشقا يېقىنلاپ قالغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ھايات كەچمىشلىرىدىن خەۋەردار بوپتۇ، ئىنسان ھاياتىنىڭ سىرلىقلىقىدىن تەئەججۈپلەرگە چۆكۈپتۇ، قازايى-قەدەرگە ئىشەنچلىرى چىڭىپتۇ، تەقدىر-قىسمەتنىڭ ئىنسان بالىسىنى ياراتقۇچى خالىغان تەرەپكە باشلايدىغانلىقىغا چىنپۈتۈپتۇ.
       شائىر مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم توغرىسىدا ھاياجان بىلەن ھېكايىلەر ئېيتقان ئاشۇ سورۇندا، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشلىرى، ئېتىقادنى تاللاش ئەركىنلىكلىرى، شۇ ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغانلار مىساللىرى بىلەن كەڭ-كۇشادە تولۇقلىنىپ، دەسلەپ پەيدا بولغان تەئەججۈپلەر تولۇق يوق قىلىنغانىدى، ھاياجان قاناتلىرىدا ئۇچقان شائىر مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم توغرىسىدا تەزكىرە تەرجىمىھال يازىدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدى.
       شۇ پاراڭلارنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگە بەش-ئالتە يىللار بولدى، شائىرمۇ خەلق ئارىسىدا ئۆز تەقدىر-قىسمىتىگە مۇناسىپ ھۆرمەت تېپىپ، بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم توغرىسىدىكى يازمىسى يورۇق ئالەمگە دىدار كۆرسەتمىدى، بەلكىم ئۇ بۇ تېمىغا قەلەم تەۋرەتمىگەندۇر، ھايات ئالدىراشچىلىقلىرى قەلەم تەۋرىتىشكە پۇرسەت بەرمىگەندۇر ۋە بەلكىم باشقا سەۋەبلەر يول-ئىمكان بەرمىگەندۇر، قارىغاندا، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم توغرىسىدىكى گەپلەر شۇنىڭ بىلەن ئۇنتۇلىدىغاندەك قىلاتتى، ئۇنتۇلۇپ كەتكەنمۇ بولاتتى، ئەمما تەقدىر شائىرنىڭ ئورنىغا يازغۇچىنى ئەۋەتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ لەۋھەسىنى نۇرلاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى يازغۇچىلىرىغا تاپشۇردى.
    ئىش گويا تەقدىر-قىسمەتتە ئورۇنلاشتۇرغاندەكلا تەبىئىي بولدى. 2004-يىلى 19-سېنتەبىر ئالتە كىشىلىك ساياھەت كومپانىيىسى ئولتۇرغان كىچىك بولكىۋاي 19 كۈن داۋاملاشقان، 6000 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، يەكەن، ئاقسۇ، ئىلى، بورتالا، قاراماي، ئۈرۈمچى، تۇرپان، كورلا ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەكلىماكاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى نىيە بوستانلىقىغا كىرىپ تۇرمۇز باستى، بولكۋاينىڭ تورمۇزى بېسىلغاندا ئالەم تېخى يورۇق − غەربكە ئېگىلگەن قۇياشنىڭ يارقىن نۇرى تېخىچە ناھىيە بازىرىنى يورۇتۇپ تۇراتتى، ئەگەر تورمۇز بېسىلمىغان بولسا، ساياھەت كومپانىيىسىدىكىلەر يەنە ئۈچ-تۆت سائەتلەردىن كېيىن ئاخىرقى نۇقتىغا، خوتەنگە، ئۆيلىرىگە يېتىپ بارغان بولاتتى، ۋەھالەنكى شوپۇر−شۇ چاغدا ماشىنىنى ياسىن ئاخۇن ھەيدەۋاتقانمۇ ياكى سەيداخۇن ھەيداۋاتقانمۇ−بولكۋاينى تۇرمۇزلاپ قالدى، بولكۋاي ھېرىپ ئاچقان ئوتۇنچىدەك ئېغىر پۇشۇلداپ توختىدى، يەرگە دەسسەپ ئۇياق-بۇياقلارغا مېڭىپ بەللەرنى تۈزلىۋېلىشمۇ زۆرۈر ئىدى، شۇ ئەسنادا ساياھەتكە ماشىنا ۋە مەبلەغ چىقارغۇچى تېۋىپ ئابابەكرى راخمان داۋايى مۇشۇ ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاغىنىسى ئابدۇقادىر ئاخۇننى يوقلاپ-دىدارلىشىپ ئۆتۈشنى تەكلىپ قىلىپ قالدى، بۇنى رەت قىلىشقا بولمايتتى. چۈنكى، ساياھەتچىلەر بۇ قېتىمقى سەپىرىدە مەشھۇر ئاسار ئەتىقىلەرنى كۆرۈشنى، تارىختا ئىز قالدۇرۇپ ئۆتكەن ئاتا-بوۋىلارنىڭ قەبرىلىرىگە تاۋاپ قىلىشنى، ئەل ئىچىدە ھېلىمۇ ھايات داڭلىق ئوغلانلارنى زىيارەت قىلىشنى، دوست-ئاغىنىلەرنى يوقلاشنى نىيەت قىلغان ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى، ئەمدى كېلىپ ئابابەكرى راخمان داۋايى بىلەن سەيدى ماخمۇت ھاجىمنىڭ ئاغىنە يوقلىشىنى رەت قىلسا، بۇ ئەدەپكىمۇ، مەقسەتكىمۇ توغرا كەلمەيتتى.
       شۇنداق قىلىپ ساياھەتچىلەر شۇ كېچە نىيە بازىرىدىكى «قۇمباغ مەھەللىسى»دە ئابدۇقادىر ئاخۇننىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى، پاتىھە ۋە ھال سوراشلاردىن كېيىن مەلۇم بولدىكى، ئېگىز بوي، غوللۇق پالۋان قامەت، ئاۋازى پەس ۋە ئىللىق چىقىدىغان، قاراشلىرىغا ئېغىر-بېسىقلىق سۇر بېرىپ تۇرىدىغان مۇشۇ ئابدۇقادىر ئاخۇن ئاشۇ يىلى شائىر روزى سايىت خەۋەر ئېلىپ بارغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ چوڭ ئوغلى ئىكەن. يەنە مەلۇم بولدىكى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم بۇنىڭدىن ئىككى يېرىم يىل ئىلگىرى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپتۇ. ساياھەتچىلەر مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشتى ۋە جەننەت ۋە رەھمەت تىلەكلىرىدە بولۇشتى. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ئاشۇ ئاق يوللۇق زات بىلەن پانىي ئالەمدە دىدارى مۇلاقەت بولالمىغانلىقىنىڭ ئەپسۇس-ئىزتىراپىمۇ ھۆكۈم سۈرەتتى، پاراڭ ئارىسىدا ئابدۇقادىر ئاخۇن شائىر روزى سايىتنىڭ ئاتىسى ھەققىدە تەزكىرە تەرجىمىھال يازماق بولغانلىقىنى، يازغان-يازمىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ قالدى. تېۋىپ ئابابەكرى راخمان داۋايى مەرھۇم شائىرنىڭ بۇ تېمىغا قەلەم تەۋرىتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەنلىكى، شۇڭا بۈگۈن ئاشۇ ئىشنى قايتا قوزغىتىش ئۈچۈن بىر يازغۇچىنى باشلاپ كەلگەنلىكىنى ئىزھار قىلدى، گەپلەر شۇنداق تەبىئىي ئىدى، چاقچاق ۋە ھەزىل پۇرىقى، ياسالمىلىقنىڭ كاززاپلىقى بىلىنمەيتتى، ئۇ، بۇ ئۇچرىشىشنى ئالدىن پىلانلىغانمىدىكىنە؟ ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇ يەردە تاسادىپىيلىق سىرلىق، غايىۋانە، ئەھمىيەتلىك بىر ئورۇنلاشتۇرۇش بار، ئۇنىڭسىزمۇ كۆڭۈللەرنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىگە ئاللىقاچان قىزىقىش−ساماۋى ئوت تۇتاشقانىدى، كۆڭۈللەر مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم توغرىسىدا ئاڭلاشنى، ئۇنىڭ ھايات ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇشنى خالاپ قالغانىدى، شۇ كېچە ئابدۇقادىر ئاخۇن مەرھۇم ئاتىسىنىڭ ھايات يوللىرىغا ئائىت ھېكايىلەرنى سۆزلەپ چىقتى، يازغۇچى يول ھاردۇقى ۋە زۇكامنىڭ ئازابلىرىغا باش ئەگمەي خاتىرە يازدى، بۇلار خاتىرە بەتلىرىدە خېلى ئۇزاق تۇرۇپ قالدى، ئۇزاق تۇرۇپ خۇددى ئۇزاق ساقلانغان گۈلقەنتتەك، ئۇزاق ساقلانغان ئۈزۈم شىرنىسىدەك قىيام ھاسىل قىلدى، ھەر قېتىم ۋاراقلانغاندا خۇش پۇراقلار گۈپۈلدەيتتى. ئۇنىڭدىن قانداقتۇر بىر خىل كېسەللەرگە داۋا، قانداقتۇر بىر خىل سەۋدالارغا شىپا، قانداقتۇر بىر خىل غوۋغالارغا ھايا مەلۇم بولاتتى، شۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ بولسىمۇ خاتىرە بەتلىرىدىكى ھېكايىلەرنى رەسمىي قەلەمگە ئېلىش، ئەۋلادلارنىڭ نىشانىھايات قېلىشىغا سۇنۇش زۆرۈر ئىدى. ئەپسۇسكى، پۇرسەت بولمىدى، بۇ ئارىدا مەرھۇم مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئوغلى ئابدۇقادىر ئاخۇن ئاتىسىنىڭ لەۋھەسىنى نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن پات-پات ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇردى، باشقا دوست-يارانلارمۇ سوراپ-سۈرۈشتۈرۈپ تۇردى، ئاخىر ئەرزىمەس قەلەم قولغا ئېلىندى ۋە بۇ بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە پۈتۈپ چىقىلدى، بۇ تەزكىرە تەرجىمىھال بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا يۈ جەمەتىنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىدىن ئۆزگە ھېچقانداق خۇرۇچ قوشۇلمىدى، رەڭ بېرىلمىدى ۋە پەرداز قىلىنمىدى، پەقەت يۈ جەمەتىدىكىلەر باشتىن كەچۈرگەن ئىشلار بىلەن ئۇلار ياشىغان جاينىڭ تارىخىدىكى يىلنامىلەر، ۋەقەلەر، كىشىلەر ئۇدۇللاشتۇرۇلدى، بۇلارسىز يۈ جەمەتىنىڭ كەچمىشلىرىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش غۇۋا بولۇپ قالغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، ئاجىز قەلەم مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم لەۋھەسىنى يارقىن يورۇتۇشتىن يىراقتا قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى كەچۈرگەي، شۇنداق بولسىمۇ قەلەم ئىگىسى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى 90 يىللىق ھايات يولىنى شۇنچىلىك بولسىمۇ سىزىپ بېرەلىگىنىدىن مەمنۇن ۋە ئۇلارنىڭ رازى بولۇشىنى، ئائىلە تەزكىرىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

     

    تۈگىدى.

    2005-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، خوتەن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.