خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 3

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-29 19:25:16

خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 3ھەم كېڭىيىدىغان، ھەم تارىيدىغان بوشلۇقنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئالەمشۇناسلار تەپسىلاتى جەھەتتە ئىنجىلدا ئېيتىلغىنى بىلەن ئوخشاشمايدىغان ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش نەزەرىيىسى...



     خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 3

    ھەم كېڭىيىدىغان، ھەم تارىيدىغان بوشلۇقنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئالەمشۇناسلار تەپسىلاتى جەھەتتە ئىنجىلدا ئېيتىلغىنى بىلەن ئوخشاشمايدىغان ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي نەزەرىيىنىڭ كىشىنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار يالغۇز ماددىلارلا ئەمەس، بەلكى بوشلۇقنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ پاتلاشتىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ. ئەگەر سىز 2.2 رەسىمدىكى كۆپۈۋاتقان ھاۋا شارىنى، يەنى يوقلۇقتىن كۆپۈپ چوڭىيىۋاتقان ھاۋا شارىنى ئوڭدىن-سولغا كىچىكلەپ بېرىۋاتىدۇ دەپ، يەنى ئۇنى ئالەمنىڭ مودېلى دەپ قارىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ئاساسەن چۈشىنەلەيسىز. بۇ يەردىكى بىر مۇھىم كۆز قاراش شۇكى، بىز بۇ يەردە مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئالەم مەيلى ئېينىشتېيننىڭ گېپرسېفراسى (يەنى ھاۋا شارى مودېلى) بولسۇن ياكى سىغىمى چەكسىز ئالەم بولسۇن، بوشلۇقنىڭ چەكسىز تارايغاندىن كېيىن قانداق ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەن ئەڭ دەسلەپكى پەيتتە، بوشلۇق چەكسىز تارايغان، ئاشۇ پەيت بوشلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى توختاتقان ۋاقىت چېگرىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. فىزىكا ئالىملىرى بۇ چېگرىنى «ئاجايىپ نۇقتا» دەپ ئاتايدۇ.

    بوشلۇق ئەسلىدە يوقلۇقتىن پەيدا بولغان دېگەن بۇ غەلىتە قاراشنى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشى تەس، چۈنكى ئۇلار بوشلۇقنى «يوق» دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن. ۋاھالەنكى، فىزىكا ئالىملىرى بوشلۇقنى ھېچ نەرسە يوق «يوقلۇق» ئەمەس، بەلكى ھەم كېڭىيەلەيدىغان، ھەم تارىيالايدىغان ۋاستىدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. فىزىكا ئالىملىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «يوقلۇق»، «بوشلۇق يوق» ھەمدە ماددا يوق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    غەلىتە ئىشلار يەنە تېخى كۆپ. بوشلۇق ۋاقىتتىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا بوشلۇق كېڭىيىپ-تارىيالىغان ئىكەن، ۋاقىتمۇ ئۇزىراپ-قىسقىرالايدۇ. چوڭ پارتلاش بوشلۇقنىڭ پەيدا بولۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بوشلۇق ۋە ۋاقىتنىڭ ئاجايىپ نۇقتىدىن ئىلگىرى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ۋاقىتنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەن پەيتتە باشلانغان.

    بۇ بىرنەچچە ئاجايىپ-غارايىپ نۇقتىئىينەزەرلەرنى ماتېماتىكىنىڭ ياردىمىدىلا ئاندىن تامامەن ئىگەللىگىلى بولىدۇ. ئادەمنىڭ بىۋاستە سېزىمى ئارمانغا تۇشلۇق دەرمانى يوق يول باشلىغۇچىدىن ئىبارەت. بۇمۇ ئىلمىي ئۇسۇلنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئىلىم-پەن ماتېماتىكىنى تىل قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىدىن پۈتۈنلەت ھالقىپ كەتكەن نەرسىلەرنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ كۆ قىسىم مەزمۇنلىرىغىمۇ ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى يەتمەيدۇ. ئەگەر ماتېماتىكا تەمىن ئەتكەن ئابستراكت تەسۋىرلەر بولمىسا، فىزىكا مەڭگۈ ئاددىي مېخانىكىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىگەن بولاتتى، دەرۋەقە، ئادەمگە ئوخشاتساق، فىزىكىنىڭ كاللىسىدىمۇ بەزىبىر ئاتوم مودېلى، يورۇقلۇق دولقۇنى مودېلى، كېڭىيىۋاتقان ئالەم، ئېلېكترون ھەمدە باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ مودېلى بار، ئەمما ئۇنىڭ كاللىسىدىكى بۇ مودېللار ھەمىشە ئانچە توغرا بولماستىن، بەلكى قېلىپتىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، لوگىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ بەزىبىر ئاتوم دېگەندەك فىزىكىلىق سىستېمىلارنى توغرا تەسەۋۋۇر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ فىزىكىلىق سىستېمىلار بىز تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن دۇنيادىن تاشقىرى بەزى نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ (سەككىزىنچى بابتا كۋانت نەزەرىيىسى سۆزلەنگەندە، بۇ نۇقتىنى چۈشىنەلەيمىز).

    ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرى ئەمەلىيەتتىكى بەزى ھالقىلىق نەرسىلەرنى تۇتالمايدۇ، بۇ بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، كۈندىلىك تەجرىبىلىرىمىز ئارقىلىق بوشلۇق، ۋاقىت ۋە ماددا توغرىسىدىكى بەزىبىر ئاددىي ئۇقۇملارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشىمىزغا بولمايدىغانلىقىغا ئاساسلىنىپلا، بەزى مۇھىم دىنىي ھەقىقەتلەرنى (مەسلەن، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش ماھىيىتى)نىڭ ئاساسى بار بولدى، دەپ قارىساق بولمايدۇ.

    كىشىلەر ۋاقىتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئەقىل جەھەتتە چۈشەندۈرۈشتە ئىزچىل تۈردە قىيلىنىپ كەلدى. بۇ يېڭى مەسىلە ئەمەس، ئارىستوتېل (گىرىتسىيىلىك پەيلاسوپ)، ساينىت توماس ئاكۇينا (ئىتالىيىلىك ئىلاھىيەتشۇناس)لار، ۋاقىت يارىتىلغان نەرسە ئەمەس، ئۇنداق بولمىغاندا بىرىنچى ئىش بولغان دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ قارىغانىدى. بىرىنچى ئىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ سەۋەبى يوق. چۈنكى، بىرىنچى ئىشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئىش يوق دېگەنلىكتىن ئىبارەت.

    ۋاقىتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەلۇم بىرىنچى ئىش بارلىقىدىن دېرەك بېرىشى ناتايىن. بىز سان ۋەكىل قىلىنغان بەزى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرسەك بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا نۆل ئاجايىپ نۇقتىغا ۋەكىللىك قىلسۇن. ئاجايىپ نۇقتا بىر ئىش ئەمەس، بەلكى چەكسىز زىچ ھالەت ياكى شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نەرسە بولۇپ، ئاجايىپ نۇقتا ئۈستىدە ۋاقىت ۋە بوشلۇق مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەگەر بەزىلەر «ئاجايىپ نۇقتىدىن كېيىنكى بىرىنچى ئىش نېمە؟» دەپ سورىسا، بۇ «نۆلدىن چوڭ ئەڭ كىچىك سان قايسى؟» دەپ سورىغانغا باراۋەر بولۇپ، دۇنيادا بۇنداق سان مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى بارلىق كەسىر سانلار مەيلى ئۇ قانچىلىك كىچىك سان بولسۇن، ھامان ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئوخشاش قائىدە بويىچە، ئالەمدە بىرىنچى ئىش يوق.

    ۋاقىتنى چەكسىز دېيىشمۇ ئوخشاشلا كىشىلەرنى قىينايدۇ. خۇددى ئىممانۇئېل كانت (گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ) كېيىن تەكىتلىگەندەك:

    ئەگەر بىز ئالەمنى ۋاقىت جەھەتتە باشلىنىشى يوق دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا، ھەربىر بەلگىلىك پەيتتە چەكسىز ۋاقىت ئاللىقاچان ئۆتۈپ بولغان، بەلكى ئالەمدە ئۈزلۈكسىز ۋقەلەرنىڭ چەكسىز قاتارى ئاللىقاچان ئۆتۈپ بولغان بولىدۇ. قاتارنىڭ چەكسىزلىكى دېگەنلىك، ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۇدا يىغىنچاقلاش ئارقىلىق تاماملاشقا بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇ دېگەنلىك چەكسىز ئالەم قاتارىنىڭ ئاللىقاچان ئۆتۈپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئالەمدە بىر باشلىنىشنىڭ بولۇشى ئالەمنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى زۆرۈر شەرتتۇر.

    (قىسقارتىلدى)

    كىشىلەر ئادەتتە ۋاقىتنى «ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ» دەپ قارايدۇ، بۇ ۋاقىت ئاقىدۇ، ھەرىكەتلىنىدۇ دېگەنلىكتۇر. ۋاقىتنىڭ راستتىنلا ئاقىدىغانلىقى ياكى ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان فىزىكا ئالىملىرىدىن ھېچقانچىسى يوق. ۋاقىتمۇ بوشلۇققا ئوخشاشلا پەقەت مەۋجۇت بولىدۇ، خالاس. (توققۇزىنچى بابتا بۇ تېما ھەققىدە توختىلىمىز)

    (قىسقارتىلدى)

    ئالەم پەيدا بولغان چاغدىكى يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن كۈچلۈك پارتلاش جەزمەن ئالەمنىڭ قۇرۇلمىسىدا بەزى ئىزلارنى قالدۇرغان، بىز ئالەم پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى بەزى ئىزلار بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ. شۇڭا، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىغا دائىر ئىزلارنى ئىزدەپ تېپىش ھازىر ئەڭ قىزىقارلىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بەلكى كىشىلەر بۇ خىزمەتنىڭ ناھايىتىمۇ ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئىپتىدائىي ئالەم بىزنى بىر تەبىئىي تەجرىبىخانا بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، يەر شارىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ ئىلىم-پەن ئۈسكۈنىلىرىدە تەقلىد قىلغىلى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق فىزىكىلىق شارائىتنى مۇشۇ تەبىئىي تەجرىبىخانىدا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ماددىلارنىڭ ئاشۇ ئاخىرقى چەككە يەتكەن شارائىتتىكى ھەرىكىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، فىزىكا ئالىملىرى جەزمەن ئالەم پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلگە دائىر بىلىملەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىشى لازىم. ئۇلار، ئالەمنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا بەزى ئىزلارنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، بىزنى بەزى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، بىزنى ئالەم پەيدا بولغان دەسلەپكى قىسقىغىنە پەيتتىكى فىزىكىلىق جەريانلارنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. شۇنىڭدىن كېيىن، ھېسابلاش ئارقىلىق ئاشۇ فىزىكىلىق جەريانلارنىڭ نەزەرىيىچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ماددىلارنىڭ ئاخىرقى چەككە يەتكەن شارائىتتىكى ھەرىكىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشقا بولاتتى.

    20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئىپتىدائىي ئالەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىزلىرى تاسادىپىي ھالدا بايقانلدى. بېل تېلېفون شىركىتىدىكى ئىككى نەپەر فىزىكا ئالىمى ئويلىمىغان يەردىن ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن مەلۇم خىلدىكى سىرلىق رادىئاتسىيىنى بايقىدى. ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، پۈتكۈل ئالەمنى قاپلىغان بۇ رادىئاتسىيىنىڭ ئىپتىدائىي ئالەمنىڭ پەۋقۇلئاددە قىزىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىزى. ئىپتىدائىي ئالەم ئوت شارىنىڭ خىرەلىشىپ كېتىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى نۇرى ئىكەنلىكى ئېچىپ بېرىلدى. ئالەم چوڭ پارتلىغاندا، باشقا ھەرقانداق پارتلاشقا ئوخشاش، زور مىقداردا ئىسسىقىق ھاسىل بولغان. ئالەم گاز ھالەتكە  كېلىپ 100 مىڭ يىلدا ئاندىن قۇياش يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىچىلىك دەرىجىدە سوۋۇغان. يەنە 18 مىليارد يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئالەمنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ تۆۋەن چەككىچە تۆۋەنلەپ، پەقەت مۇتلەق تېمپېراتۇرىدىن 3 ەرادۇس يۇقىرى بولغان. ۋاھالەنكى، ھازىرمۇ نۇرغۇن ئېنىرگىيە ئالەمنىڭ ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسى ئىچىدە قامىلىپ تۇرماقتا.

    ئالەمنىڭ پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىزى بولغان ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىنىڭ ھازىرقى تېمپېراتۇرىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەرقايسى مەزگىللەردىكى قىممىتىنى ئېنىقلاش ئاددىي ھېسابلاش مەسىلىسىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئالەمنىڭ بىر تىپىك رايونى سىغىم جەھەتتە بىر ھەسسە كېڭەيسە، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 50 پرسەنت تۆۋەنلەيدۇ. ئەكسىچە ھېسابلىغاندا، ئالەمنىڭ پەيدا بولغاندىن كېيىنكى بىر سېكونت ۋاقىتتىكى تېمپېراتۇرىسىنىڭ 10 مىليارد گرادۇس ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاسانلا ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنى خېلىلا ئىسسىق دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇ تېمپېراتۇرا پۈتۈنلەي تەجرىبىخانىدا تەقلىد  قىلىشقا بولىدىغان دائىرە ئىچىدە. زامانىۋى زەررىچە تېزلەتكۈچتىن پايدىلىنىپ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىنتايىن قىسقا پەيت ئىچىدە ئىپتىدائىي ئالەم پارتلىغاندىن كېيىنكى 100 مىليوندىن بىر سېكونت ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى تەقلىد قىلىش مۇمكىن، ئۇ چاغدىكى تېمپېراتۇرا 10 چىتىرلىيون بولۇپ، ئادەم قورقۇپ ئاغزىدىن چىقىرىشقىمۇ پېتىنالمايدۇ. شۇڭا، ئاستروفىزىكا ئالىملىرى خېلى ئىشەنچلىك ھالدا چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ناھايىتى كۆپ فىزىكىلىق جەريانلارنى تەقلىد قىلىپ چىقالايدۇ.

    (قىسقارتىلدى)

    چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسى خېلى زور دەرىجىدە ئاستروفىزىكا ئالىملىرى تەرىپىدىن ئەلۋەتتە شۇنداق دەپ قارىلىدىغان بولدى، گېلىينىڭ موللۇقىنى ھېسابلاشمۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئۆلچەملىك ئالەمشۇناسلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى، شۇ سەۋەبتىن، ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ زور ئەھمىيىتىمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئاسانلا سەل قارىلىدىغان بولدى. ئەگەر 19-ئەسىردىكى بى رئارخېلوگ جەننەتنى بايقىدىم دەپ جاكارلىسا ھەمدە بىر پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇيۇمىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئالەمنى ياراتقان تۇنجى كۈنىدىكى ئەسىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھالدا ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن دېسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ گېپى زىلزىلە قوزغايدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر گېلىينى ئانچە بىلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ سانائەت ياسالمىلىرىغا ناھايىتى ئاسان ئېرىشكىلى بولىدۇ. تەجرىبىخانىلاردا تەييارلاشقا بولىدىغان بۇ ئاددىي ماددا دەل دەسلەپكى ئالەم يېشىدا شەكىللەنگەن، ئۇ بۇ مەش چوغدەك يېنىپ تۇرغان تۇنجى كۈنىدە ئەمەس، بەلكى دەسلەپكى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە شەكىللەنگەن، بۇنىڭغا زادىلا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

    گەرچە نۆۋەتتىكى ئىلمىي قاراشلار ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش قىياسىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئالەمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى توغرىسىدىكى قاراشقا ھېچقانداق لوگىكىلىق ئاساس تېپىلمىدى. اىزىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئالەمنىڭ ئەبەدىي ھايات تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق قىيىنچىلىق تېمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىدىن ئىبارەت، بۇ نۇقتىنى بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق. ئەمما فىزىكا ئالىملىرى بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن پات-پات بەزى مېخانىزملارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، بۇلارنىڭ بىرى خېرمان بوندى، توماس گولد، فرېدخويىللار ئوتتۇرىغا قويغان «تۇراقلىق ھالەت نەزەرىيىسى»دىن ئىبارەت. بۇ نەزەرىيىنىڭ ناھايىتى كۆپ نۇسخىلىرى بار، ئەمما بارلىق نۇسخىلىرى بىردەك ھالدا ئالەمنىڭ يېشى چەكسىز دەپ قارايدۇ. بۇ نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان فىزىكا ئالىملىرىغىمۇ ئايانكى، ئەگەر ئالەمنىڭ يېشى چەكسىز دېيىلسە، ئۇ ھالدا تېرمودىنامىكا مەنىسىدىكى ئىسسىقتىن ئۆلۈش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىغان گەپ، لېكىن ئۇلار بۇ مەسىلىدىن ئەگىپ ئۆتكەن، بۇنىڭ چارىسى يېڭى تۆۋەن ئېنتروپىيىلىك ماددىلار ئۈزلۈكسىز ھالدا پەيدا بولغان دېگەندىن ئىبارەت. بۇنداق بولغاندا، ماددىلار بىر قېتىملىق دەسلەپكى چوڭ پارتلاشتا بىراقلا پەيدا بولغان بولماستىن، بەلكى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئاستا-ئاستا ھالدا ياكى تارقاق ھالدىكى كۆپ قېتىملىق كىچىك پارتلاشلاردا پەيدا بولغان بولىدۇ. يېڭى ماددىلارنىڭ ئوتتۇرىچە پەيدا بولۇش نىسبىتى تەڭشىلىپ تۇرغان (ئېھتىمال مەلۇم خىلدىكى تەتۈر باغلىنىشلىق مېخانزم تەرىپىدىن تەڭشەلگەن) بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن ئالەم كېڭىيىپ، مەۋجۇت ماددىلارنىڭ زىچلىقى تۆۋەنلىگەندە، يېڭى پەيدا بولغان ماددىلار بوش ئورۇننى  تولدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئالەمدىكى ماددىلارنىڭ زىچلىقىنى ئاساسەن تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن، يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى بىر-بىرىدىن يىراقلاشقاندا شەكىللەنگەن، بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان بوشلۇقلار مانا مۇشۇنداق يېڭىدىن پەيدا بولغان يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى تەرىپىدىن تولدۇرۇلۇپ تۇرغان، ئالەم ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ قىياپىتىمۇ قانچە زامانلار ئۆتكەن بولسىمۇ ئۆزگەرمەي كەلگەن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بارلىق نەرسىلەردە ئۆزگىرىش بولمىغان (3.2-رەسىمگگ قاراڭ). چوڭ پارتلاش مودېلى بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ زىچلىقى مۇقىم ھالدا كىچىكلىتىلمەكتە، ئالەمنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەرتىپى ئۆزگىرىپ بارماقتا دەپ قارايدۇ.

     

    3.2-رەسىم. ئىككى خىل ئالەم مودېلى بار، بىرى چوڭ پارتلاش مودېلى، يەنە بىرى تۇراقلىق ھالەت مودېلىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى گۇرۇپپا رەسىمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا كېڭىيىۋاتقان بوشلۇقنىڭ مەلۇم بىر رايونىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مودېلدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالى ئىپادىلەنگەن. چوڭ پارتلاش مودېلى (ئۈستۈنكى رەسىم)دە، يۇلتۇزلار سىستېمىسى (كىچىك چېكىت)نىڭ سانى بەلگىلىك بوشلۇق سىغىمىدا ئۆزگەرمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كېڭىيىشكە ئەگىشىپ، كىچىك چېكىتلەرنىڭ زىچلىقى تۆۋەنلەيدۇ. تۇراقلىق ھالەت مودېلى (ئاستىنقى رەسىم)دە، يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ زىچلىقى ھەرقايسى مەزگىللەردە ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوشلۇقنىڭ كېڭىيىشىدىن كېلىپ چىققان بوش ئورۇننى تولدۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ.

     

    خويىل سىناق تەرىقىسىدە مۇنداق بىر خىل يېڭى تىپتىكى، مەنپىي ئېنىرگىيىگە ئىگە مەيداننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماددىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا پەيدا بولۇشىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدى. بۇ خىل مەيداننىڭ مۇقىم ھالدا كۈچىيىشى ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا لازىملىق ئېنىرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ (ئېنېرگىيىنىڭ ماددىغا ئايلىنىشى كېيىنكى بابتا سۆزلىنىدۇ). شۇنىڭ بىلەن، تۇراقلىق ھالەت مودېلىدا پۈتۈنلەي خۇدانىڭ ئورنى بولمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا لازىملىق دەسلەپكى ئېنېرگىيىنىڭ يارىتىلىش زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ، پەقەت مەنپىي ئېنېرگىيە باشقا مەلۇم بىر سىستېمىغا كىرگۈزۈلسىلا، دەسلەپكى ئېنېرگىيە بار بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بوسلۇق ۋە ۋاقىت يارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئىزچىل ھالدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

    تۇراقلىق ھالەت مودېلى پەلسەپە جەھەتتە نۇرغۇن ئالىملارغا نىسبەتەن ئىنتايىن زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. بۇ ئالىملار بۇ مودېلنىڭ گۈزەل، ئىخچام ئىكەنلىكىگە مەپتۇن بولماقتا. ئەمما ئاسترونومىيىنىڭ ئىلگىرىلىشى بۇ نەزەرىيىنىڭ بارلىق ئىخچام نۇسخىلىرىنى يوققا چىقاردى. (قىسقارتىلدى)

    ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقنىڭ ئالەمنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا ئائىت كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەت دىنىي مۇتەپپەككۈرلەرنى ئىنتايىن رازى قىلدى. ئەمما پەقەت ئالەمنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلاشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئىنجىلدا بىزگە خۇدانىڭ ئالەمنى ياراتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئىلىم-پەن چوڭ پارتلاشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى بىرەر چۈشەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويالارمۇ؟ بۇ مەسىلە كېيىنكى بابنىڭ ئاساسىي تېمىسى ھېسابلىنىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.