تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئىككىنچى پىرى فىساغۇرس

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 02:04:39

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئىككىنچى پىرى فىساغۇرسمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئىككىنچى پىرى فىساغۇرس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ كىشى سۈررى(ھازىرقى لىۋاننى...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

    مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئىككىنچى پىرى فىساغۇرس

     

    مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئىككىنچى پىرى فىساغۇرس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ كىشى سۈررى(ھازىرقى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇت شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى. تارىخىي ھۆججەتلەردە بۇ شەھەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 2751-يىلى بىنا قىلىنغان دېيىلىدۇ. بۇ شەھەر مىلادى 1202-يىلى قاتتىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان. <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> دا فىساغۇرس سۈررى شەھىرىدىن ئىدى، دەپ يېزىلغان. لېكىن ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، فىساغۇرس قەدىمكى يۇناننىڭ سېسىم شەھىرىدە-- ئاناتولى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدە گرىتسىيىگە قارايدىغان بىر ئارالدا دۇنياغا كەلگەن.) شەھىرىدىن ئىدى. ئۇ ساياھەتچىلىكنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. ئۇ خەلقنى ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ياخشى پەزىلەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدىغان، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان كىشى ئىدى. ھەرگىز ساۋاپ تاما قىلمايتتى ۋە گۇنادىنمۇ قورقمايتتى. بىراق ساۋاپ-جازاغا قايىل ئىدى. شەھەرمۇ-شەھەر يۈرۈپ ئىلىم ئۈگىنەتتى. ئۇنىڭ خوشال بولغىنىنىمۇ، خاپا بولغىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ، مال-دۇنيا كىشى ئۈچۈن دوست-دۈشمەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان نەرسە دەيتى . ھەرقاچان، ھەرجايدا بولسۇن، ئۇ بار يەردە كىشىلەر بىر مۇھىم ئىشقا دۇچ كەلسە، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايتى. ھازىرقى پەرەڭىستان ئۇ چاغدا ئەنتاكىيە (بۇ يەردە پەرەڭىستاننىڭ بۇرۇنقى نامى ئەنتاكىيە دەپ ئاتىلاتتى دېيىلگەن. لېكىن ئەمىلىيەتتە پەرەڭىستان بىلەن ئەنتاكىيە تارىختا باشقا-باشقا جايلارنىڭ نامى. «پەرەڭىستان»دېگان سۆز ئەسلىدە «ئېۋرۇپپەن»لىق ؛«ياۋۇپالىقلار» سۆزىنىڭ ئەرەبچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان«ئېفرەنج»سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دەسلەپتە ئەرەبلەر بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغان شەرقىي ياۋرۇپا ۋە جەنۇبىي ياۋرۇپا زېمىنىنى كۆرسىتىدىغان جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ قالغان.


    «ئەنتاكىيە» بولسا، )ھازىرقى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى.) شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ ئۆزى كەشپ قىلغان ساتارىنى چېلىپ شېئىر ئوقۇدى. بۇ شېئىر ''سەن ئۆزەڭنى تۈزىمەي تۇرۇپ باشقىلارغا نەسىھەت قىلما؛ ئەيىبىڭنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىشىنى دوست بىلىپ قەدىرلە؛ ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگىچە، ئىسىل سۆزلەرنى قىلىپ يۈرۈشنى ئۆگەن؛ ياخشى سۆزلەرنى قىلالمىساڭ، ياخشى سۆزلەرنى قىلالايدىغان ئادەملەردىن ئۆگەن؛ ئىلىم ئوگۈنۈشتىن نومۇس قىلما، ئىلىمسىزلىكتىن نومۇس قىل؛ ھايۋان تىلسىزلىقتىن جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرايدۇ، ئىنسان ئۆز تىلىدىن بالا-مۇسىبەتكە ئۇچرايدۇ''دېگەن مەزموندا ئىدى. ئەنتاكىيە شەھىرىدە شۇ چاغقىچە شېئىر، مۇزىكا بولۇپ باقمىغان ئىدى. كىشىلەر 25 ياشلىق بىر يىگىتنىڭ غارايىپ سۆزلەرنى قىلىپ، ئاجايىپ نەرسىنى چالغىنىدىن ھوزۇرلىنىپ ئۇنىڭ كەيىڭە كىرىۋالدى، ئۇ كىشىلەرگە چوڭقۇر مەنىلىك ۋە نەسىھەت خارەكتىرلىق سۆزلەردىن تۈزۈلگەن شېئىرلارنى سەتار بىلەن ئوقۇپ بېرەتتى. بۇ ۋەقە پادىشاھقا ئاڭلاندى. پادىشاھ دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىللە چىقىپ، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، قاتتىق ھەيران بولدى <ھەيرەت قولىنى تەئەجۈپ چىشلىرى بىلەن چىشلىدى>، ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتتى. شاھ غىزادىمۇ، يېتىش-قوپۇشتىمۇ ئۇنىڭدىن ئاجرىمايدىغان بولدى، ئۇنى پەرزەندىم دەپ ئاتىدى. مۇزىكا ئىلمىنى تارقىتىش ئۈچۈن جاي راسلاپ، ئەنتاكىيە خەلقىغە بۇ ئىلىمنى ئۆگۈنۈش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇ ئون يىل ئىچىدە 40 مىڭ شاگىرت مۇزىكا ئىلمىدە يېتىشىپ چىقتى. فىساغۇرس پادىشاھدىن روخسەت سوراپ ھىندىستانغا كېلىپ ئىلمىي نۇجۇم<ئاستىرونومىيە> ئۆگەندى، ھىندىستان خەلقى فىساغۇرستىن مۇزىكا ئۆگەندى، جەمشىت، كەيكۇبات پادىشاھلاردىن كېيىن ئالەمگە مۇزىكىنىڭ ئۇرۇغىنى سالغان دانا ئالىم فىساغۇرس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇ ھىندىستاندىن يېنىپ مىسىرغا بېرىپ سېھىرگەرلەردىن سېھىر ئىلمى بىلەن 3 خىل يېزىق ئۆگەندى. ئۆتكۈنچى دۇنيادىن مەڭگۈلۈك دۇنياغا سەپەر قىلىش ۋاقتىدا، 500 شاگىرتى بار ئىدى. پىشقەدەم تالىپلىرىدىن بىرى “بىز <سىزدىن كېيىن قالغاندا> قانداق ئىش تۇتىشىمىز كېرەك؟؟دەپ سورىغاندا، ئۇ “خالايىققا پايدىسى تەگمەيدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلماڭلار؟دەپ كۆز يۇمدى. ئۇ ھەزرىتى ئىسكەندەرنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن ۋاپات بولدى. 93 يىل ئۆمۈر كۆردى. كىشىلەرنىڭ قۇدرىتى يېتمىگەن ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى، مۇھتاجلارغا ساخاۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.