دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى-تېرە قەغەزنىڭ سەككىزىنچىسى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-17 18:15:16

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى-تېرە قەغەزنىڭ سەككىزىنچىسىئوگ ماندىنو(ئامېرىكا) بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىگە ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بېرىمەن.ئۈجمە يوپۇرمىقى تالانتنىڭ قولىدا يىپەككە ئايلاندى.سېغىز ت...

    دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى-تېرە قەغەزنىڭ سەككىزىنچىسى
    ئوگ ماندىنو(ئامېرىكا)

     

    بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىگە ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بېرىمەن.
    ئۈجمە يوپۇرمىقى تالانتنىڭ قولىدا يىپەككە ئايلاندى.
    سېغىز توپا تالانتنىڭ قولىدا قورغانغا ئايلاندى.
    ئارچا دەرىخى تالانتنىڭ قولىدا سارايغا ئايلاندى.
    قوي يۇڭى تالانىتنىڭ قولىدا كاساياغا ئايلاندى.
    ئۈجمە يوپۇرمىقى، سېغىز توپا، ئارچا دەرىخى، قوي يۇڭى ئادەملەرنىڭ قولى بىلەن ئۆز قىممىتىنى نەچچە يۈز ھەسسە ئاشۇرالىغان يەردە، مەن نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرالمايمەن؟
    بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىگە ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بېرىمەن.
    مېنىڭ تەقدىرىم بىر تال بۇغداي دېنىغا ئوخشايدۇ، ئۇنى ئوخشىمىغان ئۈچ يول كۈتۈپ تۇرىدۇ. بىر تال بۇغداي تاغارغا قاچىلىنىپ، جازىغا ئېلىپ قويۇلىشى مۇمكىن، ئۇ چوشقىغا تەم بولىدۇ؛ يەنە ئۇن تارتىلىپ ، بولكىغا ئايلىنىشى مۇمكىن؛ تۇپراققا چېچىلىشىمۇ مۇمكىن، ئۇ چاغدا بۇغداي ئۆسۈپ ئالتۇن باشاققا، سانسىز بۇغداي دېنىغا ئايلىنىدۇ.
    مېنىڭ بۇغداي بىلەن ئوخشىمايدىغان بىرلا يىرىم ، بۇغداي سېسىپ كېتىشىنى، بولكا بولۇشنى ياكى يەرگە تېرىلىپ باشاققا ئايلىنىشنى ئۆزى تاللاشقا ئامالسىز. لېكىن ، مېنىڭدە تاللاشئەركىنلىكى بار، مەن ھاياتىمنى سېسىتىۋەتمەيمەن، ئۇنىڭ بىلەن مەغلۇبىيەت، ئۈمىدسىزلىكنىڭ قورام تاشلىرى ئاستىدا ئېزىلىپ، خارلىنىو قېلىشغا قاراپ تۇرمايمەن.
    بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىگە ھەسسلەپ ئەھمىيەت بېرىمەن.
    بۇغداينىڭ ئۆسۈپھوسۇل بېرىشى ئۈچۈن ، ئۇنى قاراڭغۇ تۇپراقنىڭ ئىچىگە كۆمۈشكە توغراكېلىدۇ. مېنىڭ مەغلۇبىيىتىم ، ئۈمىدسىزلىكىم، نادانلىقىم ، ئىقتىدارسىزلىقىم ئاشۇقاراڭغۇ تۇپراقئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پىشىشنى كۈتۈشۈم كېرەك. بۇغداي كۈن نۇرى ۋە يامغۇر نىڭ شاراپىتى بىلەن يىلتىز تارتىدۇ، ئۆسۈپ ھوسۇل بېرىدۇ. ئوخشاشلا ، مەنمۇ ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئۆزۈمنىڭ بەدەن ۋە روھىيىتىمنى مۇكەممەللەشتۈرىمەن. بۇغداي پىشىش ئۈچۈنتەبىئەتنىڭ شاراپىتىنى كۈتىدۇ، مەن كۈتۈپ ئولتۇرمايمەن ، چۈنكى مەندە ئۆز تەقدىرىمنى تاللاش ئىقتىدارى بار.

    بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىگە ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بىرىمەن.
    بۇنى قانداق قىلغاندا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن، مەن ھەربىر كۈن ، ھەربىر ھەپتە ، ھەر بىر ئاي ، ھەربىر يىل، ھەتتا پۈتۈن ئۆمرۈمگە بىر نىشان تىكلەيمەن. بۇغداي خۇددى يامغۇر سۈيىنىڭ كۈچى بىلەن توپىنى يېرىپ چىقىپ بوي تارتقابدەك، مېنىڭ ھاياتىمدىمۇ ئېنىق نىشانبولغاندىلا ، ئاندىن نەتىجگە ئېرىشەلەيمەن. نىشان بەلگىلەيدىغان چاغدا، ئقلگىرىكىئەڭ ياخشى نەتىجىلەردىن پايدىلىنىمەن، ئۇلارنى تېخىمۇ كېڭەيتىمەن. بۇ مېنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشۇمنىڭ نىشانى بولۇش كېرەك. نىشاننىڭ يۇقىرى بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەسلىك كېرەك. نىشان يۇقىرى بولسا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، نىشان ئوتتۇراھال بولسا ، تۈزۈك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
    بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىگە ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بىرىمەن.
    نىشانغا يېتىشتىن ئىلگىرى بەزى ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىشىم ئېھتىمالغا يېقىن بولسىمۇ، يىراق نىشان مېنى قورقۇتالمايدۇ. يىقىلىپ چۈشسەم ئورنۇمدىن قايتا تۇرىمەن، ئۈمىدسىزلەنمەيمەن. چۈنكى ، ھەرقانداق ئادەم نىشانغا يېتىش يولىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. پەقەت قۇرتلارلا يىقىلپ كېتىشتىن قورقمايدۇ. مەنقۇرت ئەمەس ، باش پىياز ئەمەس، ياۋاش قوي ئەمەس. مەن ئادەم، باشقىلار ئۆڭكۈر ئىچىدە ياشىسا مەيلى، مەن قورغان ياساپ ئولتۇرىمەن.
    بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىگە ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بىرىمەن.
    قۇياش زېمىننى ئىللىتىدۇ، بۇغداي مايسىلىرى دان تۇتىدۇ، بۇ تېرە قەغەزگەيېزىلغانلىرىمۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى يورۇتىدۇ، ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. بۈگۈن مەن تۈنۈگۈنكىدىنمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بۈگۈننىڭ چوققىسغا يامشىمەن، ئەتە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيمەن. باشقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىش ھېچقانچە مۇھىم ئەمەس، ئۆزىدىن ئۆتۈپ كېتىشى ئەڭ مۇھىم.
    بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىگە ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بىرىمەن.
    ئىللىق شامال بۇغدايلارنى يەلپۈپ پىشۇرىدۇ، شامال يەنە مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاشنى خالايدىغانلارنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۇپ بېىرۇ. ئىغىزدىن چىققان سۆز ئاتقان ئوق، قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بېشارەتچىسى بولىمەن. باشقىلار مېنىڭ گەپلىرىمنى مەسخىرە قىلىشى مۇمكىن ، لېكىن ئۇلار مېنىڭ پىلانىمنى بىلىدۇ، ئارزۇلىرىمنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا ، ۋەدىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغىچە ھېچ يەرگە قېچىپ كېتەلمەيمەن.
    بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىگە ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بىرىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.