تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون ئۈچىنچى پىرى قىدىرخان يەركەندى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-18 01:08:59

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون ئۈچىنچى پىرى قىدىرخان يەركەندىبۇ پەننىڭ ئون ئۈچىنچى پىرى قىدىرخان يەركەندى*دۇر. بۇ پەندە بۇ ئەزىزدەك ماھا...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن
    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
    مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون ئۈچىنچى پىرى قىدىرخان يەركەندى

     


    بۇ پەننىڭ ئون ئۈچىنچى پىرى قىدىرخان يەركەندى*دۇر. بۇ پەندە بۇ ئەزىزدەك ماھارەت كۆرسەتكەن ئۇستاز ئاز. بۇ ئەزىز كۆپرەك ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ غەزەللىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتاتتى. ئالەم ئۆتۈپ ئۇنىڭدەك خۇش ئاۋاز ئادەم بولمىغان دىيىشكە بولىدۇ. ئىراقتىن، ئىراندىن، تەبرىز*دىن، خارازم، سەمەرقەند، ئەنجان، ئىستامبۇل*، كەشمىر، بەلخ*، شىراز* قاتارلىق يىراق شەھەرلەردىن مۇزىكا ئۆگۈنۈشكە كەلگەن شاگىرتلىرى بار ئىدى. راۋاپنى ۋە ھەشتتار [تارلىق بىر خىل چالغۇ] نى بۇ ئەزىز كەشپ قىلدى. ئۇ يەنە شائىر ئىدى، <دىۋان قىدىرى> [قىدىرخان شېئىرلىرى توپلىمى] بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئىلمى ھەققىدىكى رىسالىلىرىدە چوڭقۇر مەنىلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. جەندە-كۇلا كېيىپ يۈرەتتى. داڭلىق سۇلتان ئابدۇرىشىتخان* غىزادىمۇ، يېتىپ-قوپۇشتىمۇ قىدىرخاندىن ئاجرىمايتتى. قىدىرخان ۋىسال ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلىپ شاگىرتلىرىغا ئۆگەتتى. ئۇ ئابدۇرىشىتخان پادىشادىن ئىككى يىل كېيىن ئالەمدىن كەتتى.


    ___________________
    قىدىرخان يەركەندى-يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ۋە مۇزىكىشۇناس. ئۇ سۇلتان ئابدۇرىشىتخان ئوردىسىدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، سىياسى جەھەتتە يەركەن خانلىقىنىڭ بىرلىكى، تەرەقىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان ھەم ئۇيغۇر شائىرى مەۋلانە خۇلقى، ئايازى، نەفىسى( ئاماننىساخان)، مىرزا مىرەك چالىشى قاتارلىقلار بىلەن بىللە يەركەن خانلىقىنىڭ مەدىنىيىتى بولۇپمۇ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇنىڭ <دىۋان قىدىرى> ناملىق بىر شېئىرلار توپلىمى بار ئىدى. قىدىرخان يەركەندى مىلادى 1572-يىلى يەركەندە ۋاپات بولغان.


    تەبرىز-ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمكى بىر شەھەرنىڭ نامى.


    ئىستامبۇل-ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇل شەھىرى. ئەرەپلەر دەسلەپتە بۇ شەھەرنى ''مەدىنەئى قۇنىستانتىن'' دەپ ئاتىغان. مىلادى 11-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدا ياشىغان ئوغۇز قەبىلىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان سالجۇق تۈركلىرى ئىران، ئەرەپ خەلىپىلىگىنى ئىشغال قىلىپ بۇ جاينى بېسىۋالغان. مىلادى 1453-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ ئوسمان تۈرك سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن ۋە ''ئىستامبۇل'' ئەرەپچە ''ئىسلامبۇل'' دەپ ئاتالغان. ياۋرۇپالىقلار يەنىلا ''قۇنىستانتىن'' دېگەن نام بويىچە ''كونىستانتىنۇپولس'' دەپ ئاتايدۇ.


    بەلخ-ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى بىر شەھەر بولۇپ، مىلادى 1221-يىلى چىنگىزخان تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان. مىلادى 1370-يىلى تۆمۈرلەڭ تەرىپىدىن ئىستىلا قىلغان. كېيىنچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.


    شىراز-قەدىمكى ئىراننىڭ مۇھىم سىياسى، مەدەنىيەت مەركىزلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادى 7-ئەسىردە ئىسلام دىنى ئىرانغا تارقالغاندىن كېيىن ھەججاج بىننى يۈسۈپنىڭ تاغىسى مۇھەممەت بىننى قاسىم بىننى ئاقىل تەرىپىدىن بىنا قىلدۇرغان ئىكەن. بۇ شەھەر ئىراندا ھوكۇم سۈرگەن تۈرك ئاتابېكان سۇلالىسى (مىلادى 1150-1393-يىللىرى)نىڭ پايتەختى بولغان.


    سۇلتان ئابدۇرىشىتخان-يەركەن خانلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاسى سۇلتان سەيىتخاننىڭ چوڭ ئوغلى. مىلادى 1510-يىلى مۇغۇلىستان خانلىقى تەۋەسىدىكى پەرغانە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق ۋە ئوقۇش يىللىرىنى پەرغانە ۋە تاغىسى بابۇر شاھنىڭ كابۇلدىكى ئوردىسىدا ئۆتكۈزگەن. مىلادى 1514-يىلى يەركەن خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن دادىسى سۇلتان سەيىتخان بىلەن بىللە قەشقەر ۋە يەركەنگە كەلگەن. بىر مەزگىل يەركەن خانلىقىغا تەۋە يەتتە سۇ رايونى ( ھازىرقى بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبى)نىڭ سەرتاپلىقىغا (باش ۋالىلىقىغا) تەيىنلەنگەن. بۇ چاغدا ئابدۇرىشىتخان ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھەربى ئىلىم، پەلسەپە، ئەدەبىيات، مۇزىكا جەھەتتە زور ماھارىتىنى كۆرسەتكەن ئىدى. مىلادى 1533-يىلى سۇلتان سەيىتخان شىزاڭغا قىلغان بىر يۈرۈشىدە ئىس تېگىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن يەركەن خانلىقىغا سۇلتان بولۇپ تەيىنلەنگەن. يەركەن خانلىقىنىڭ پۈتۈنلىگى، ئىگىلىگىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بىرمۇنچە پايدىلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان.
    سۇلتان ئابدۇرىشىتخان بولۇپمۇ يەركەن خانلىقىنىڭ پەن، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. بەزى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ <دىۋان رەشىدى>، <سىلاتىننامە>، <مەشۇقنامە>، <غەئەليات رەشىدى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بولغان.

     


     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.