سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 8

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-18 17:25:45

سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 8بېشى ئالدىنقى ساندائۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك لەيلەپ يۈردۈم، كەچقۇرۇنلۇقى مىنەشنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، پۈتۈن دەردىمنى كۆزۈمدىن ئالدىم. ئەگەر يالغۇز قال...



     

    سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 8

    بېشى ئالدىنقى ساندا

    ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك لەيلەپ يۈردۈم، كەچقۇرۇنلۇقى مىنەشنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، پۈتۈن دەردىمنى كۆزۈمدىن ئالدىم. ئەگەر يالغۇز قالسام تۆت تام مېنى يەپ قويىدىغاندەك،پۈتۈن ئازابلىرىم ۋۇجۇدۇمنى قاپلاپ مېنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدىغاندەك قورقاتتىم.

    -بولدى جېنىم دوستۇم ، ئايرىلىپلا قۇتۇلۇشقىن ئۇ ئۆلگۈردىن!- دېدى مىنەش چاچلىرىمنى سىلاپتۇرۇپ ئاستاغىنە.

    ئۆزەمنى تۇتىۋالاي دەپمۇپەقەتلا تۇتۇۋالالمايۋاتاتتىم.

    - مەندىن زادى نېمە خاتالىق ئۆتتى، ئويلىسام كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمەيدۇ.

    - سەندىن نېمە خاتالىق ئۆتەتتى؟! ساراڭمۇ سەن لەيلى!- مىنەش تېرىكتى،- قىلىدىغاننىڭ ھەممىنى ئۇ ۋىجدانسىز قىلسا، سەندىن نېمە ئۆتەتتى؟!

    - ئايرىلىپ كېتىمەن!

     ئۆزۈمنىڭ دېگەن بۇ گېپىگە ئۆزەمنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن يەنە قايتىلىدىم:

    -چوقۇم ئايرىلىپ كېتىمەن!

     كۆزۈمدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى تامچە يېشىمنى جەسۇرلارچە سۈرتۈۋەتتىم.

    فۇئاتنىڭ كوماندىروپكىدى نقايتىپ كېلىشىگە تېخى يەنە خېلى ۋاقىت بار، ئۇنىڭغىچىمۇ كەيپىياتىمنى ئوڭشاپ، ئۇنىڭ بىلەن نورمال ھالىتىمدە كۆرۈشەلەيمەن، ئارىلىقتا ئۇنىڭدىنمۇ نەچچە قېتىم تېلىفون كەلدى. تېلىفوندا باشقا بىرگەپلەرنىمۇ قىلمىدىم، شەھرىيەگىمۇ ئۇردى ھەقاچان، ئۇقىزمۇ ھېچنىمە دېمىگەن چېغى، فۇئاتمۇ جىم. بىلىمەن شەھرىيە مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتىۋاتىدۇ، پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ئۇ ھەقىقىي يەڭگۈچى بولىدۇ.

    يەڭسە يەڭمەمدۇ؟! ئۇتتۇرغانغانېمە بولاتتى؟! ئۆزەمچە مەردلەرچە ئويلايتتىم.

    خىزمەتتە ئاجايىپ تىرىشىپ ئىشلەشكە باشلىدىم، ھەركۈنى ئېسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، سائەت سەككىز توققۇزلاردا ئىشتىن چۈشەتتىم.

    - يېقىننىڭ ياقى نېمەبولدىڭىز؟

    چۈشلۈك تاماققا ئاز قالغاندائالماس يېنىمغا كېلىپ سورىدى.

    - نېمە نېمە بوپتۇ؟

    زورلاپ دېگۈدەك كۈلۈپ سورىدىم.

    - ھازىر قولىڭىزدىكى ئىشمۇئۇنچە كۆپ ئەمەسقۇ؟! نېمىگە ئەمدى كۈندىلا كەچكىچە ئىشلەش؟ بىر قىزبالا ھەركۈنى ئۇنداق كەچ قايتسا، بىخەتەر ئەمەستە؟!

    - ئالماس ئاكا،- دېدىم تەنەقىلىپ سوزۇپ،- جىقلا بىرگەپنى قىلىپ كەتتىڭىزغۇ؟!

    - سىزگە ياخشى بولسۇن دەپدەۋاتىمەن ھەي قىزبالا، رەسىمىڭلار قېنى ماۋۇنىڭ ئۈستىدىكى!

     ئالماس سۈرەتنىڭ يوقلىقىغا دىققەت قىلغانىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئالماسقا قارىدىم، ئاغزىمنى ئېچىپ،نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم.

    - چۈشتە بىللە تاماق يەپ كېلەمدۇق؟- دېدى ئالماس، ئادەتتە ھاماقەتلەرچە بىرگەپلەرنى سوراۋېرىدىغان ئالماسبۈگۈن خېلى چېچەن بولۇپ قالغانىدى.

    - قورسۇقۇم ئاچمىدى، سىزبېرىۋېرىڭ!

    - بولدى بولدى، بىللە يەپ كېلەيلى، بۈگۈن تەلئەت بىر يەرگە ئاپىرىپ مېھمان قىلىمەن، دېگەن. ئالامەت دەيدىغۇ؟ قېنى بېرىپ يەپ كۆرمەيمىزمۇ؟!

    -.........

    - ھە بولدى يۈرۈڭە.

     ئالماس زېرىكمەستىن قولۇمدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭدى. نېمىشقىكىن بىلمىدىم كۆز ياشلىرىم چاناقلىرىمدىلا قالدى.

    - ۋاي بولدۇڭلارمۇ يا؟! قورسقۇم ئېچىپ ئۆلەي دېدىم!

     تەلئەت دەرۋازا ئالدىدا يىراقتىنلا بىزگە قاراپ ۋارقىرىدى قولىنى كانايچە قىلىپ.

    - مانىڭ قورسۇقى رەسمىي ئېچىپتۇ، خۇيى تۇتىدۇ بۇنداق ۋاقىتتا يۈرۈڭە، يۈگرەيلى توشقانچاق!

    ئالماسنىڭ سەۋرچانلىقىغا قول قويماي تۇرالمايمەن. ھەربىر ئادەمنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە زەڭ سېلىپ دىققەت قىلىدۇ. بوينۇمدىن باغلىغاندەك قىلىپ ئىككىسى بىلەن تاماققا ماڭدىم. ئىككىسى مېنىڭ كەيپىمنىڭ قانداقلىقىنى بىلگەچكە، يول بويى يۇمۇر ئېيتىپ، بىر-بىرسىنى چۈشۈرۈپ،چاقچاقلىشىپ مېنى كۈلدۈرمەكچى بولاتتى. ئۆزۈمنى تۇيۇقسىزلا ھەزىلچى، قىززىقچىلارنىڭ ئارىسىدا كۈلمەي، دومسىيىپ ئولتۇرىدىغان مۇز چىراي مەلىكىلەرگە ئوخشىتىپ قالدىم.

    - ھەي راست، بۇداقى تاللاشتابىزنىڭ بۆلۈمنىڭ ھېلىقى لايىھىسىدە ئۈمىد چوڭ دەيدىغۇ؟! -دېدى تەلئەت ئاشخانىداسىڭىرىپ پىشۇرۇلغان قوۋۇرغا كاۋاپنى غاجاپ تۇرۇپ.

    تاماق ۋاقتىدىمۇ يەنە شۇخىزمەتنىڭ گېپى! نېرۋامغا نېمە تەسىر قىلدىكىن ئۆزەمچىلا گەپ خالىماس بولۇپ قاپتىمەن، مالىيە بۆلىمىنىڭ قىزلىرىغا ھەۋەس قىلىمەن، كۈندىلا نەچچىسى بىللە تاماق يەپ، كۈلكە چاقچاق قىلىپ يۈرۈيدۇ. مەنچۇ بىر توپ ئوغۇللار بىلەن خىزمەت قىلىمەن،نەگىلا بارماي شۇ خىزمەتنىڭ گېپى، ئەمما ھازىرقى بۇ ھالىمغا قانداقلا گەپ بولسا خوشياقمايدىغاندەكلا زادى!

    كەچتە يەنە ئىشخانىدا كەچقالدىم، سائەت سەككىزلەر بولغاندا ئالماس كەلدى، ئۇنى بۇنى دەپ تەلىم - تەربىيەقىلىشقا باشلىدى.

    - ئەمدى بولدى، ئۆيگە قايتىڭ!-دېدى تېخى قاپاقلىرىنى تۈرۈپ.

    - نېمانداق دادامدەكلا گەپقىلىسىز دەيمەن بوۋا! -دېدىم ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ كۈلۈپ كېتىپ،- سەل تۇرۇپ قايتىمەن،قولۇمدىكى ئىش تۈگىسىلا راست قايتىمەن.

    -ئەمىسە سىزنىساقلاي.

    -ھە؟!

    - سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي دەۋاتىمەن، نېمىگە چۆچۈيسىز؟!

    ئالماس چاقچاق قىلمىغانىدى. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا ئورنىغا بېرىپ ئىشىنى ئىشلەۋەردى. ئەسلىدىغۇ نېمە كارىم. يا بىرسى ئۇنى قېلىپ قال دەپ يالۋۇرۇپ ئېلىپ قالمىغاندىكىن دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن تۇرۇپلانېمىشقىكىن كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ئاخىرى نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.

    - تۈگىدى، ئۆيگە قايتاي.

    - توختاڭ ھە؟! سىزنى ئاپىرىپقويىمەن.

    -بولدىلا، ماشىنا توسۇپكېتىۋېرىمەن.

    - ۋاي بولدى نازلانماڭ! سىزنى ئاپىرىپ قويسام ھېچنىمە بولمايدۇ. يولمۇ ئوڭ تۇرسا!

    ئالماسمۇ بوش كەلمىدى.

    - ئالماس، نېمىشقا ماڭا مۇشۇنداق كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىدىغانسىز دەيمەن، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ، قەتئىي چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى!

    - مەن نەدىن بىلەي، سىڭلىمدەك كۆرەمدىمكىن تاڭ، ئىشىقىلىپ سىزگە ياخشى بولسىكەن دەپلا ئويلايمەنغۇ،-دېدى ئالماس شۇئەستايىدىللىقى بىلەن كۈلۈپقىنا، قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئىللىق بىر ئېقىم پەيدابولغاندەك بولدى.

     ئۇزۇن ئۆتمەي فۇئاتمۇ قايتىپ كەلدى، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان ۋاقىت بولغانىدى. بىز كۆرۈشىدىغان بولدۇق. يۈرۈگۈم ئەنسىز سېلىپ كېتىۋاتاتتى، توۋا! خۇددى خاتا ئىشنى قىلىپ قويغان ئادەممەندەك!

    - مانا بۇ سىزگە سوۋغا، ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭە، ياخشى كۆرەمسىزكىن؟!

     ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ يوغانلا بىر قەغەچ كورۇپكىنى ماڭا سۇندى. زورلاپ ھىجاراپ دېگەندەك كورۇپكىنى ئاچتىم، ناھايتىمۇ نەپىس ئىشلەنگەن، ئېسىل ئاق كۆڭلەك ئىدى، نېمىشقىكىن ئاق رەڭنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن،نۇرغۇن نەرسىلىرىم، كىيىم - كېچەكلىرىم ئاق رەڭلىك. فۇئاتمۇ مېنىڭ ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشىمنى ياخشى كۆرىدۇ، قولۇمدىكى كورۇپكىدا تولىمۇ چىرايلىق قاتلاپ قويۇلغان ئاق كۆڭلەك كۆزۈمگە توي كۆينىكىدەك كۆرۈنۈپ، كۆزلىرىمگە يىغائولاشتى.

    - چىرايلىقمىكەن؟ لەيلى

    ئۇ خۇددى ئاغزىمدىن بۇرۇنقىدەك‹ۋاھ، بەك چىرايلىقكەن›دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايدىغاندەك ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى، ئەپسۇس ھازىرقى بۇ روھىي كەيپىياتىمدا ئۇنداق سۆزلەر مېنىڭدىن تولىمۇ يىراقتا ئىدى.

    - ھىم، ئالدىمدىكى كورۇپكىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ، ئۈستەلنىڭ چېتىگىرەك يېرىگە قويۇپ قويدۇم،- سىزگە دەيدىغان گەپ بار ئىدى.

    - بىرەر ئىش بولدىمۇ، شۇنچە جىددىي؟!

    ئۇ چىرايىمدىكى ئىپادەمگە ئەمدى زەڭ سالغان بولسا كېرەك، چىرايىمۇ ئىتتىكلا ئۆزگەردى.

    - بىز بولدى قىلايلى،دېمەكچىمەن، ئايرىلىپ كېتەيلى!

     بەكمۇ تەس ئاران ئارانلا دېدىم.

    - نېمە؟! ئۇنىڭ چىرايىنىڭ رەڭگى راستىنلا ئۆچتى،

    - شەھرىيە بىلەن كۆرۈشتۈم،-ئامال بار ئۆزۈمنى شەھرىيەدەك تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىۋاتاتتىم،-سىلەرگە بەخت تىلەيمەن!- ئۇنىڭ كۆزلىگە قارىدىم.

    - مەن...ئۇ... ئىككىمىزنىڭ ھېچ ئىشى بولمىسا...

    ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى پەسلەپ ئۆزى ئاڭلىغۇدەكلابولۇپ قالدى.

    - قاراڭە سىزنى فۇئات! سىزنى مۇراد مەقسىتىڭىزگە يەتكۈزەي دېگەندىن كېيىن، خوشال بولسىڭىز، ماقۇل دەپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟!

    - ئەمما، ئەمما لەيلى مېنىڭ سىزدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق.

    ئۇ قوللىرىمنى شۇنچىلىك تېز تۇتىۋالدى، خۇددى مەن ھازىرلا قېچىپ كېتىدىغاندەك!

    - بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ خالاس خالىماسلىقىڭىزدىكى مەسىلە ئەمەس، بىلسىڭىز يولداش فۇئات! زادى كۆڭلۈممۇ تۇيغان،شۇڭا نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى يا خوشال بولالماي، يا خاپا بولالماي تاس قالدىم ئېلىشىپ قالغىلى، مانا! ئاخىرى يەنە ئويلىغىنىمدەك بولدى. ئەمدى مۇشۇ يېتەر! يەنە قانداق قىلسۇن دەيسىز مېنى؟!

     كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتمەسلىكىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيتتىم.

    - سىز قانداق بولۇپ... قانداق بولۇپ بۇ ئىشلارنى بىلدىڭىز؟

     ئۇزۇن بىر جىمجىتلىقتىن كېيىن فۇئات ئۆزىلا ئاڭلىغۇدەك قىلىپ سورىدى.

    - بۇلارنى سىزگە دەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق!

    سومكامنى قولۇمغا ئالدىم، ئورۇنۇمدىن دەس تۇردۇم.

    - دەڭە! دەڭە لەيلى قانداق قىلسام مېنى كەچۈرىسىز؟! ئۇ ئەمدى قوللىرىمغا راستىنلا ئېسىلدى.

    - ئەمدى مەڭگۈ، مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس!-قوللىرىمنى كۈچەپ تارتتىم،-شەھرىيە ياخشىغۇ؟! چىرايلىق ھەم ئەقىللىق، ھەتتا ئىدارەڭلەردىمۇ غېرىپ - سەنەم دەيدىكەنغۇ سىلەرنى!

    ئەسلىدە نۇرغۇن نۇرغۇن گەپلەرنى دېمەكچى ئىدىم، ئەمما سۆزلىگەنسېرى قەلبىمدىكى جاراھەتنىڭ قاناۋاتقانلىقىنى سېزىپ، سۆزلىرىمنى توختاتتىم، بۇ يەردە پەقەتلا تۇرغۇم يوق،توغرىسى فۇئاتنى ئەمدى پەقەتلا كۆرگۈم يوق ئىدى. كەينىمگە بۇرۇلدۇم.

    - مەن كەتتىم، خوش!

     ئىشىكتىن يۈگۈرگەندەك چىقىپ كەتتىم، ئۇمۇ كەينىمدىن ئېتىلىپ چىقتى

    - لەيلى، لەيلى!

    ئالدىمدىكى كىرا ماشىنىسىغا ئالدىراپ چىقتىمدە، ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتىم.

    ئۆيگە كېلىپ، يەنە شۇبۇرۇنقىدەك كارىۋېتىمغا ئۆزۈمنى تاشلاپ، بايام ياقى چىقالماي قىيلىنىپ كەتكەن ياشلىرىمنى ئىختىيارىغا قويۇپ بەردىم، ئەمما ئىشىنىمەن، قەسەم قىلىمەن بۇ ئەڭ ئاخىرقىسى، چوقۇم ئەڭ ئاخىرقىسى. ھېلىمۇ مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك كۆپ، بەك كۆپ ياش تۆكۈپ كەتتىم، بولدى بەس! ئەمدى يېتەر!

    يانفونۇم توختىماي سايراۋاتاتتى«كۆيەكنى مەن گويا بىر دېڭىز دېسەم، سەن ماڭا باقمايلا تېز چۆكەلەمسەن،  ئامرىقىم، سەن بىلەن بىرگە ياشىسام، كۆز يۇمسام قەۋرەڭگە يانمۇ يان ياتسام، تەن باشقا بولسىمۇ بىر جان ئەمەسمۇ، چىدىمايمەن جېنىم سەندىن ئايرىلسا» ئۈزۈلمەي ياڭراۋاتقان يانفونۇمدا مەخسۇس شۇنىڭ ئۈچۈن لايىھىلەپ قويۇلغان بۇ ناخشا، يۈرۈگۈمنى ئامبۇر بىلەن مۇجۇپ تولغىغاندەك ئاغرىتماقتا! يانفونۇمنىڭ مېيىنى چىقىرىۋەتتىم، بۇ ناخشىنىمۇ ئەمدى ئاڭلىغۇم يوق!

     (ئاخىرى كېيىنكى ساندا)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران گۈليارە _