زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى 14

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-19 19:09:41

زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى 14(بېشى ئۆتكەنكى ساندا)ياغاچ ئاستىدىكى يىگىتبىزنىڭ ئۆيىمىز ئوردا مەھەللىسىدە بولغاچقا، ھېكىم بەگ غوجامنىڭ ئوردىسىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ تۇراتت...



     

    زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى 14

     

    (بېشى ئۆتكەنكى ساندا)


    ياغاچ ئاستىدىكى يىگىت

    بىزنىڭ ئۆيىمىز ئوردا مەھەللىسىدە بولغاچقا، ھېكىم بەگ غوجامنىڭ ئوردىسىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ تۇراتتۇق. مەن ئۈچ–تۆت ئاغىنەم بىلەن يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا توپىدىن قىر سېلىپ چۆنەك ئېتىپ، توپا پوملاپ، قوغۇنلۇق ياساپ ئويناۋاتاتتۇق. شۇ چاغدا سېپىل ياقىسىدىكى كوچىدىن توپ–توپ ئاتلىق دېھقانلار ئوردا دەرۋازىسىغا قاراپ كېلىشتى. بىردەمدىن كېيىن ئوردا ئالدىدىكى مومىلارغا بىر نەچچە يۈز ئات باغلاندى. بىز: «نېمە ئىش بولدىكىن» دەپ ئويۇنىمىزنى تاشلاپ، ئوردا ھويلىسىغا باردۇق. ئوردا ھويلىسىنىڭ يۇقىرىسىغا سېلىنغان دەر–پەردىلىك ئىمارەتنىڭ پېشايۋىنىدىن دەرۋازىغىچە بىر نەچچە يۈز دېھقان ئىككى قانات بولۇپ تۇرۇپتۇ. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا، چاپراس قىلىپ قويۇلغان ئىككى لەھەر ياغاچ ئاستىغا قوشۇما قاش، چىرايلىق بىر يىگىت دۈم ياتقۇزۇپ باسۇرۇپ قويۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ پۇت–قوللىرى ياغاچقا مەھكەم باغلىۋېتىلگەنىكەن. ئون غۇلاچچە كېلىدىغان بۇ ئۇزۇن لەھەر ياغاچنىڭ چاپراس قىلىنغان ئارىقلىقىدىن يىگىتنىڭ بېشى چىقىپ تۇراتتى، يۈزلىرى بولسا پەمىدۇردەك قىزىرىپ، تەر تامچىلىرى قۇيۇلۇپ تۇراتتى.
     -   جان ئاكىلار، غولۇم ئۇيۇپ كەتتى غولۇم، رەھىم قىلىپ قولتۇقۇمنى سەل بوشىتىپ قويۇڭلار! - دەپ زارلىناتتى يىگىت. كۆپچىلىك ئارىسىدىن بىر رەھىمدىل دېھقان ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ مۈرىسىدىن باغلانغان ئارقان تۈگۈچنى سەل–پەل بوشىتىپ قويماقچى بولۇۋىدى، لەمبۇك پەرىجە كىيگەن سالاپەتلىك بىرى:
        - ھاي داۋىخور، ھۆررەك. سەن جېنىڭدىن تويدۇڭمۇ؟ چاپسان ئارقاڭغا يان، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىنىڭنى غوجام ئاڭلاپ قالسا، دۇنياغا كەلگىنىڭگە تويىسەن،-دېدى.
         بۇ ئىككى قاناتتىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىرى يېزا كاتتىلىرى ۋە مۆتىۋەر زاتلار بولۇپ، رەھىمدىل دېھقانغا كايىۋاتقان كىشى مانا شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
         توپلانغان كىشىلەر بىر نەچچە سائەتتىن بېرى ھېكىم بەگ غوجىنىڭ ئۆيىدىن چىقىشىنى زارىقىپ كۈتمەكتە. بىردىنلا پېشايۋان ئوتتۇرىسىدىكى باغداتچە ئىشىكنىڭ ئىككى قانىتى ئېچىلدى.
         - غوجام چىقتى.
         - ھېكىم بەگ غوجام... - دېگەن سۆزلەر بىلەن ئەتراپ شاۋ–شۇۋ بولۇپ كەتتى. ئادەملەر ئاۋۋال قەددىنى رۇستلاپ تىك تۇرۇشتى. ھېكىم بەگ غوجىنىڭ چىققىنىنى كۆرگەندىن كېيىن قول باغلاپ، بېشىنى ئېگىپ جىم بولۇشتى. ئېگىز بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، قاتما تەنلىك كەلگەن ھېكىم بەگ غوجا ئىشىكتىن ئاستا چىقىپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئۇچىنى توغرا قىلىپ، ئاستا–ئاستا يۆتكەپ پېشايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدى ۋە توپلانغانلارغا بىر كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ، يىراقلارغا قاراپ جىمغىنا تۇردى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا نىل رەڭ موۋۇت پەرىجە، ياز بولسىمۇ بېشىدا مەخسۇمچە قاما تۇماق، پۇتىدا كەشلىك ئۆتۈك بار ئىدى. ئۇ خېلىغىچە زۇۋان سۈرمەي جىمجىت تۇرۇپ، بېشىنى سەل–پەل لىڭشىتتى–دە، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، ئىشىكتىن كىرىپ كەتتى. ئۆلۈك ئېلىپ كىرىۋاتقان گۆردەك جىمىپ قالغان ھويلىدا يەنە ۋاراڭ–چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى. ياغاچ ئاستىدىكى يىگىت بولسا، يەنە قاتتىق زارلىغىلى تۇردى. مېنىڭ ئۇنىڭغا بەك ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، كۈچۈم يەتمىسىمۇ مەن ئۇنى بوشىتىپ قويماقچى بولۇپ، ئۇنى چىرماپ قويغان ئارغامچىنى تۇتۇپ تارتىپ باقتىم. لېكىن ھېلىقى مۆتىۋەر ئادەملەردىن بىرى:
        - يوقال، شۇم، - دەپ ماڭا ۋارقىرىدى. مەن بۇ ھاقارەتنى ئاڭلاپ ئۈمچىيىپ يەنە نېرى كەتتىم. ئەمما شۇ ۋاقىتقىچە ئادەملەرنىڭ باغرى مۇنداق تاشلىقىنى بىلمەيتتىم. مېنىڭ ئاتا–ئانىسىدىن يېتىم قالغان تېنىم ھېلىقى بىچارە يىگىتنىڭ نالىسىغا چىدىماي تىترەيتتى، يۈرەك–باغرىم ئوتتا كۆيگەندەك بىئارام بولاتتى، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدىم. ھېكىم بەگ غوجا يەنە چىقتى، ئۇ يەنە بايىقىدەك سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھەيكەلگە جان كىرگەندەك ئوڭ قولىنى پۇلاڭلاتقانىدى، ئادەملەر دۈررىدە قىلىپ ئاتلىرى تەرەپكە ماڭدى. بىر قىسىم ياشلار ياغاچ ئاستىدىكى يىگىتنى بوشاتقىلى باشلىدى.
         - بىر نەچچە كىشى پايپېتەك بولۇشۇپ غوجامنى ئاتقا مىندۈردى. ئۇ يۇرتنىڭ ئالدىدا، قالغانلار ئارقىدا يۈرۈپ، ياغاچتىن بوشىتىلغان يىگىتنى بولسا يىگىرمە–ئوتتۇز ئادەم قولىنى ئارقىسىغا باغلاپ پىيادە ئېلىپ ماڭدى. مەدرىسنىڭ ئالدىغا كەلگەندە جامائەت ئاتتىن چۈشۈپ غوجامنىڭ ئارقىسىدىن مەھكىمە شەرئىگە كىرىشتى. خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن باغلاقتىكى يىگىتمۇ مەھكىمىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىلدى. ھەر تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەر مەھكىمە ئالدى ۋە مەدرىس ئەتراپىغا تولۇپ كەتتى. مەن خەلقنىڭ ئارىسىدا سىقىلىپ يۈرۈپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەي، ئاخىر نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇقۇش ئۈچۈن مەھكىمىگە يېقىن ئېرىق بويىدىكى تېرەكنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، توپلىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئۈستىدىن قاراپ تۇردۇم. قازى–ئەلەم ئالدىدا سوراق بولۇۋاتاتتى. ئەمما گەپ بىز بار يەرگە تولۇق ئاڭلانمايتتى. پەقەت ئىشىك ئالدىدىكى كىشىلەرنىڭ پاراڭلىرىدىنلا توپنىڭ ئىچىدە نېمە بولىۋاتقانلىقىنى ئانچە–مۇنچە ئۇقۇپ تۇرغىلى بولاتتى.
         - ئىقرار بولدىمۇ؟
         - ھە، ھە، ئەمدى ئىقرار بولدى.
         - قىزنى ئېلىپ قاچقىنى راست ئىكەن.
         - قىزنىڭ ئىسمى چوغلۇق، يىگىتنىڭ ئىسمى ئىبدىمىن ئىكەن.
         ئىبدىمىنگە سەكسەن دەررە ئۇرۇش بۇيرۇلدى. «ئاللا، توۋا» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. دېمەك، دەررە ئۇرۇش باشلانغانىدى.
         دەررە دېگىنىمىز، ئۈچ–تۆت قەۋەتلىك بۇلغارى چەم ئارىسىغا قۇم ئېلىنغان ياغاچ سېپى بار پالاق. پالاقنى ئۇرغۇچى جەينىكىنى كۆتۈرمەي، جازالانغۇچىنىڭ يالىڭاچ غولىغا ئۇرىدۇ. ئەگەر قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇرسا، ئۇرۇلغۇچى بىر نەچچە دەررىدىن كېيىنلا ھوشىدىن كېتىدۇ. قائىدە بويىچە ئۇرۇلدى دېگەندىمۇ گۇناھكارغا پەقەتلا قىرىق دەررە ئۇرۇش بۇيرۇلىدۇ. مانا بۈگۈن بولسا، ئىبدىمىنگە سەكسەن دەررە ئۇرۇش ھۆكۈم قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر بۇ يىگىتنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيتتى.
         ئىبدىمىنگە قىرىق دەررە ئۇرغىچە كىشىلەر ئارىسىدا ئانچە شاۋ–شۇۋ بولمىدى. دەررە ئەللىككە يېقىنلاشقاندا غۇدۇراش، ۋاراڭ–چۇرۇڭ باشلاندى.
         - ھاي، ھاي، پوقاق سوپىنىڭ جەينىكى سەل كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
         - ياق–ياق، بولمىدى.
         - نالايىق.
         - ئاتمىش بولدى، ھەي بولماي قالدى.
         - يائاللا، يائاللا، يەتمىش... بەش...
         - ھوشىدىن كەتتى.

    - يەتمىش سەككىز... ئۆلىدىغان بولدى،- دېگەندەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

    ئاخىر تىلەپ ئېلىشمۇ قوبۇل قىلىنمىدى. سەكسەن دەررە ئۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇغقانلىرى بىھۇش ھالدىكى ئىبدىمىننى زەمبىل بىلەن مەھكىمە شەرئىدىن ئېلىپ چىقىپ ئىرگولو ھارۋا بىلەن سەھراغا ئېلىپ كېتىشتى.
        ئىبدىمىننىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، خەلق تاراپ كېتىشتى. لېكىن ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى ھازىرچە ھېچكىم بىلمەيتتى. ئەمما دۇكانلارنىڭ ئالدىدىكى بەندىڭلاردا ئولتۇرۇپ، بۇ توغرۇلۇق پاراڭغا چۈشكەن ئادەملەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەن ئىبدىمىننىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنچىۋالا دەھشەتلىك جازاغا تارتىلغىنىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، دۇكان ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ زوڭزۇيۇپ ئولتۇردۇم–دە، تۆۋەندىكى ۋەقەلەرنى ئۇقۇۋالدىم.
         سۇلتانۋەيس دېگەن چوڭ بىر يېزىدا ھال–ئوقىتى ياخشى بىر دېھقان بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىككى–ئۈچ يۈز قويى، ئەللىك–ئاتمىش كالىسى بولۇپ، كالىلارنى ئىبدىمىن دېگەن ھېلىقى جازالانغان يىگىت باقاتتىكەن. كالىلارنى باقىدىغان يەر يېزىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى تار دەپ ئاتىلىدىغان تاغلىق جاي بولۇپ، تاغنىڭ قىستاڭ ئورنىدىكى ئېغىز يولىدىن ئۆتكەندە ناھايىتى گۈزەل چىمەنلىك سازلىق بار. بۇنىڭ شەرق تەرىپىدە چوڭ بىر سۇ گۈرۈلدەپ ئېقىپ تۇرىدۇ. ساينىڭ ئۈستىدە يەنە ئاجايىپ چىرايلىق تاغ ۋە جىلغىلار بار (مەنمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ تاغ يوللىرى ئارقىلىق مېڭىپ، ئاچال بىلەن جىڭ ناھىيىسىگە بارغان). ئىبدىمىن كالا بېقىپ يۈرۈپ، تاغ ئارىلىرىنى كۆپ ئارىلايدىغان بولغاچقا، ئىدىرلاردا ۋە ئېگىز تاغ باغىرلىرىدا ئېچىلغان چوغلۇق گۈللىرىنى ۋە بۆلجۈرگەنلەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك تېرىۋالاتتى. ئۇنى قايتقاندا خوجايىننىڭ خۇددى چوغلۇق گۈلىگە ئوخشايدىغان قىزى چوغلۇققا سوۋغا قىلىپ تۇراتتى. ئىبدىمىن بۇ خوجايىننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە 14 ياش ئىدى. ئۇ 17 يېشىغىچە قوي باقتى. شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە كالا بېقىۋاتىدۇ، ئۇ ھازىر 20 ياشلاردا بار. چوغلۇق گۈل بولسا 17 ياشقا كىرىپ قالدى. بۇ قىز ئۆزىگە ئوخشاش چوغلۇق گۈلىنى تەغدىم قىلىپ تۇرىدىغان بۇ يىگىتنى چوغلۇقتىن ھەتتا ئۆزىنىڭ تېنىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. تاغدىن چوغلۇق گۈلنى توشۇغۇچى يىگىتمۇ بۇ ئۆيدىكى چوغلۇق گۈلنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بۇ ئادىمىزاتتىن تۇغۇلغان چوغلۇق تاغدىكى تەبىئەتتىن تۇغۇلغان چوغلۇققا ئوخشاشلا خۇشپۇراقلىق ۋە گۈزەل سېزىلەتتى. چوغلۇقنىڭ چوغلۇقنى كۆرۈشكە تەشنالىقىنى سەزگەن ئىبدىمىن باھار كېلىپ تاغدا چوغلۇق گۈلىنىڭ ئېچىلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتى. چوغلۇق ئېچىلىشى بىلەنلا ئۇ ھەرقانداق خەتەرلىك جايدىن قورقماي، تاغ–ئېدىرلارغا يامىشىپ چوغلۇق گۈللىرىنى تېرىپ كېلەتتى. بۇ ئىككى چوغلۇق گۈلنىڭ مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىسىدا قەلبى ئوت بولۇپ يۈرگەن ئىبدىمىن تاغنى ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتاتتى. تەبىئىيكى، تاغ چوغلۇقى ئۆي چوغلۇقىنى ئەسلىتەتتى. ئۆي چوغلۇقىنىڭ كۆڭلىنى تاغ چوغلۇقىنى تېرىپ ئەكىلىپ ئۆزىگە قارىتىۋالغانىدى.
         مۇشۇنداق خۇشپۇراقلىق، لەززەتلىك ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بۇ ئائىلىدىكى ئىبدىمىننىڭ ياخشى كۆرىدىغان چوغلۇق گۈلىنى نىزام شاڭيۇ دېگەن بىر ئاقساقال قېرى ئۈزۈپ ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. بۇنى ئاڭلىغان چوغلۇق نالە-زار ئەيلەپ، نىزامنىڭ ئايىغى ئاستىدا قالماي، ئىبدىمىننىڭ چېكىسىدىكى پۇراقلىق چوغلۇق بولۇپ قېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاتىسى بولسا، «ئىبدىمىننىڭ سېنى چېكىسىگە گۈل قىلىپ قىسقۇچىلىك ھالى يوق، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن دارامەت لازىم» دەپ ئۇنىمىدى.
         شۇنىڭدىن كېيىن، چوغلۇق ئىبدىمىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئائىلىدىن چەت بىر ياققا قېچىپ كەتمەكچى بولۇشتى. ئىبدىمىن ساددىلىق بىلەن بۇ چوغلۇق گۈلنى ئۆزى بىلىدىغان تاغ ئارىسىدىكى ئېدىرلاردا ئېچىلىپ تۇرىدىغان چوغلۇق گۈللەر ئارىسىغا ئاپىرىپ قويماقچى، يەنى ئۇنى تاغ ئارىلىرىدىكى ئادىمىزات يوق، ئەتراپى گۈل–چىمەن بىلەن تولغان، سۈزۈك بۇلاقلار ئوخشۇپ تۇرغان، مەجنۇنتاللىق گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن ماكان تۇتۇپ، بەختلىك ياشاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلغانىدى.
         ئۇلار شۇنداق شېرىن خىياللار بىلەن يۈرگەندە، چوغلۇق گۈلنىڭ بۇ ئائىلىسىگە نىزامنىڭ چوغلۇق گۈلنى ئوراپ ئالىدىغان تاۋار–توقىسى، يەپ–ئىچىدىغان مال–دۇنياسى كېلىشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، چوغلۇق بىلەن ئىبدىمىن بىر كۈنى ئاپئاق ئايدىڭ كېچىدە ئىبدىمىن بىلىدىغان ھېلىقى تاغ ئارىسىغا پىيادە قېچىپ كەتتى. ئىبدىمىن چوغلۇق گۈلنى كۆپ يەرلەردە ھاپاش قىلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى. ئەمما ئۇلار ئارزۇ–ئارمانلىرىغا يېتەلمىدى. چوغلۇق گۈل نىزامنىڭ تۆمۈر تىرنىقى بىلەن مىجىلدى... ئىبدىمىن بولسا، سىلەر كۆرۈپ ئۆتكەن جازانى تارتتى، يەنجىلدى.

     

    ھېلىم ئاشىق

    ئالدى بىلەن ماتا كۆينىكىنىڭ ئۈستىدىن ئىنچىكە سۇلما پوتا باغلىۋالغان، يالاڭ تامبىلىنىڭ بى پۇشقىقى يوق، يالىڭاياق، بېشى ياغاق، ئارقا چېچى بولسا گەجگىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان؛ يۈز–كۆزلىرى كىر، پۇت–قوللىرى دەرەخ قوۋزىقىدەك يىرىك، مەيدە تېرىسى غەلۋىرنىڭ كۆنىكىدەك كۆرۈنىدىغان، شالاڭ ساقال، سەل ئېگىزرەك كەلگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇنى خەلق ھېلىم ئاشىق دەپ ئاتايتتى. ئۇ بازار كوچىلىرىدىن ئۆتسە، ھەممە كىشى ئۇنىڭغا ئىلتىپات بىلەن قارىشاتتى. خۇسۇسەن، دۇكان، ئاشپۇزۇل، ناۋايخانا، چايخانا ئىگىلىرى ئۇنىڭ ئۆز دۇكىنىغا بىر كىرىپ ئۆتۈشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى. مەنمۇ بازارغا بارسام، بۇ ئاشىقنى بىر كۆرگۈم، ئۇنىڭ قەيەرگە بېرىپ نېمە ئىش قىلىشىنى بىلگىم كېلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى كوچىلاردا كۆرۈپ قالسام، ئارقىسىغا كىرىۋالاتتىم.
         ھېلىم ئاشىق قىش كۈنلىرىمۇ يالىڭاياق يۈرەتتى. رەھمى كەلگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئۆتۈك، كەش ياكى مەسىلىرىنى بېرەتتى. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ ئايىغى يوقلارغا بېرىۋېتىپ، ئۆزى قار–مۇز، پاتقاقلارنى يالىڭاياق دەسسەپ يۈرەتتى. بەزىبىر  چاغلاردا بولسا، ساماۋارخانىلارنىڭ شەگاسىدا يېقىلغان ئوت دۆۋىلىرى چۆرىسىدىكى قايناق سۇ بار چۆگۈنلەرنى پۇتى بىلەن ئىتتىرىپ ئۆرۈۋېتىپ، قىپقىزىل كۆيۈۋاتقان كۆمۈر چوغلىرىنى يالاڭ پۇتى بىلەن چېچىۋېتەتتى. ئاندىن كېيىن، چوغ ئۈستىدە بىردەم تۇرۇۋېلىپ ئەتراپتىكى چوغلارغا تاپىنىنى سۈركەپ ئۆچۈرىۋېتەتتى. ساماۋارچىلار بولسا، بۇنىڭغا ھەرگىز خاپا بولماي، ئەكسىچە: «خۇداغا شۈكۈر، بۈگۈن بىزگە ئامەت كەلدى» دەپ خۇش بولاتتى. ھېلىم ئاشىق ئاشخانا ئالدىغا كېلىپ قالغان چاغلاردا مانتىپەز «ياپىرىم» دەپ قاسقاننى كۆتۈرەتتى. ئاشىق بولسا، ھور چىقىپ تۇرغان قاسقاندىكى مانتىدىن بىرنى ئېلىپ ئاغزىغا سالاتتى. بۇنى كۆرگەن مانتىپەز خۇش بولۇپ كېتىپ: «ياپىر، ئامەت كەلدى، ئامەت»، «بەرگەن ئىلتىپاتىڭغا شۈكرى» دەيتتى. ئەگەر ھېلىم ئاشىق ناۋاي تونۇردىن ناننى سويۇۋاتقاندا كېلىپ قالسا، ئۇ دەرھال ئىسسىق گىردىدىن بىرنى ئېلىپ قوينىغا سالاتتى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا شۈكرى قىلىشاتتى. چۈنكى ئەھلى كاسىپلار ھېلىم ئاشىقنى ئەۋلىيا دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىرەر نەرسىنى ئالسا، شۇ نەرسىنىڭ كاسىپلىرى ئەمدى روناق تاپىمىز دەپ ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرەتتى.
         ماڭا ئوخشاش ياش بالىلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا خېلىلا ئېتىقادى كۈچلۈك ئىدى. بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار. چۈنكى كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭغا پۇل ياكى نەرسە بەرسە ئالمايتتى. ياكى گەپمۇ قىلمايتتى. ئەمما بەزىبىر چاغلاردا، خوشى تۇتۇپ قالسا، ئۇ بەزى ئادەملەر بەرگەن پۇلنى ئېلىپ قوينىغا سالاتتى. بۇنداق ۋاقىتتا پۇل بەرگۈچىنى كىشىلەر ئورىۋېلىپ تەبرىكلىشەتتى، ئۇنداق كىشى باش بولۇشقا مۇيەسسەر بولغان كىشى ھېسابلىناتتى. ئاشىق بەزىبىر كۈنلىرى خېلى كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىپ قوينىغا سالاتتى–دە، كۈرە دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ تېز–تېز يۈرۈپ كېتەتتى. مۇنداق ۋاقىتلاردا بىز بىر قانچە بالا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي يۈگۈرەيتتۇق. ئاشىق بولسا، كۈرە دەرۋازىسىدىن تاشقىرى چىقىپ خەندەك تۈۋىگە باراتتى، ئۇ خەندەك ئىچىدىن قارا لاينى ئوچۇملاپ ئېلىپ، سېپىل ياقىسىغا ئەكىلىپ توپلايتتى (بۇ جاي دائىم دېگۈدەك پاسكىنا سۇلار ئېقىپ كىرىپ، قارا پاتقاق بولۇپ كېتەتتى). ئاندىن كېيىن ئاشۇ لايغا تاشلايتتى. بۇ پۇللارنىڭ ئىچىدە بىر سوملۇق مايلىق لاتا تىزا، سەكسەن تىيىنلىق قەغەز پۇل، ئوتتۇز ئۈچ تىيىنلىق «گوۋاز»، ئىككى مىسقاللىق مىس پەيزە، بىر مىسقاللىق تۇچ ياكى ياغاچ پەيزە ھەم باشقا مىس يارماقلار بولاتتى. ھېلىم ئاشىق بۇ پۇللارنى لايغا ئارىلاشتۇرۇپ كومۇلاچ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، توقاچ ناندەك راسلاپ سېپىل تېمىغا چاپلاشقا باشلايتتى. بىز نېرىدىن قاراپ تۇراتتۇق. ئەگەر يېقىن كەلسەك، لاي ئېتىپ بىزنى قوغلايتتى، لېكىن ئۇ تىللىمايتتى، ئوشۇقچە گەپمۇ قىلمايتتى. ھېلىم ئاشىق ھېلىقى پۇللار ئارىلاشتۇرۇلغان لاي توقاچلارنى تامغا يېقىپ بولۇپ، لاي قوللىرىنى توپىغا سۈركەپ ئۇۋىلايتتى. ئاندىن كېيىن قىلۋىغا قاراپ، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلاتتى–دە، ئارقىسىغا قايتىپ شەھەرگە كىرىپ كېتەتتى. بۇ ھادىسە كۆپرەك كۈن ئولتۇرۇپ، ئۇپۇق قىزىرىپ شەپەق جىلۋىلىنىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كېلەتتى. ئاشىق غايىب بولغاندىن كېيىن، بىز لاي توقاچلارنى تامدىن سويۇۋېلىپ، ئىچىدىكى پۇللارنى ئاۋايلاپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلاتتۇق، تالاش – تارتىش قىلىپ مۇشتىلىشاتتۇق، لاي توقاچلار بىلەن بىر–بىرىمىزنى ئۇرۇپ، ئۈستىبېشىمىزنى پاتقاق قىلىۋېتەتتۇق. بىزنىڭ بۇ جېدىلىمىزگە بەزىدە چوڭ كىشىلەرمۇ ئارىلىشىپ قالاتتى، ئۇلار بىزنى ئاجراتماق بولۇپ ئۆزلىرىمۇ پۇل تالىشىپ كېتەتتى.
         ھېلىم ئاشىق ھېچكىم بىلەن گەپلەشمەيتتى. ئۇنىڭ يەنە بىر غەلىتە خىسلىتى شۇكى، ئۇ ئەخلەتخانىدا ياكى يول ئۈستىدە ئۇچرىغان قەغەزلەرنى تېرىۋېلىپ، ناننى چايناپ، ھېلىقى قەغەزنىڭ ئارقىسىغا سۇۋاپ، شەھەر دەرۋازىسى ئىچىدىكى ئېلان چاپلىنىدىغان ئورۇننىڭ ئەتراپىغا يېپىشتۇرۇپ قوياتتى، ئاندىن كېيىن يەنە ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەر خىل باش–ئايىغى يوق سۆزلەر بىلەن بىر نېمىلەرنى ئوقۇيتتى. مەسىلەن، ئۇنىڭ مۇنداق سۆزلەرنى دېگەنلىرى ئېسىمدە:
         - ئاڭلىدىڭمۇ خالايىق، بۇ جاڭجۇڭغا كويىقاپتىن كەلگەن جاكار! بەدبەخلەرنى چېپىش كېرەك. جىن-شاياتون، ياۋايى مەخلۇق، دىۋە–پىرىلەرنى تۇتۇش كېرەك. زۇلۇكلارنى يۇتۇش كېرەك، ھاي، ھاي، سەن بۇياققا ئۆت، سەن ئۇياققا ئۆت، سۆزلىمە، تىلىڭنى كېسىمەن–ھە، مانا ھازىر، تىلىڭنى چىقارما، بۇ كويىقاپ!...

    ئۇ مانا شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى ئوقۇيتتى، بۇنداق سۆزلەرنى گەرچە ئۇققىلى بولمىسىمۇ، يەنە ھېچ مەنا چىقمايدىغان نۇرغۇن قاپىيىلىك سۆزلەرنىمۇ ناھايىتى تېز–تېز سۆزلەپ كېتەتتى. سۆزلەپ ھارغاندىن كېيىن قوينىدىن يەنە بىر مۇنچە قۇرۇق قەغەزلەرنى چىقىرىپ، كەينىگە تۈكۈرۈپ بىر قانچە يەرگە چاپلاپ قوياتتى، ئاندىن كېيىن ئالدى–كەينىگە قارىماي تېز–تېز يۈرۈپ كېتەتتى.
         ھېلىم ئاشىقنى كىشىلەر ئەۋلىيادەك كۆرەتتى. چۈنكى ئۇ كۆپ چاغلىرىنى ئەسكى گۈمبەز ئىچىدە، كونا قەبرىستانلىقتا ئۆتكۈزەتتى. بازارغا ئايدا بىر–ئىككى قېتىم دېگۈدەك چىقىپ قوياتتى. ئەمما بىر نەچچە كۈچۈكنى قوينىغا سېلىۋالىدىغان، ھەر كۈنى دېگۈدەك كالا مۈڭگۈزلىرىنى بوينىغا ئېسىپ، شۇ كالا مۈڭگۈزى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى ئۇرۇپ، يۈزلىرىنى كۆكەرتىپ، باشلىرىنى يېرىۋېتىدىغان مامۇتقا ئوخشاش ساراڭلار كۈندە دېگۈدەك كوچىلاردا يۈرەتتى، كېچىلىرى بولسا، ئاشپۇزۇللارنىڭ ئوچىقى ئالدىدىكى كۈلدە ئېغىناپ ياتاتتى...

     (زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹خاتىرىلەر › ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر زۇنۇن قادىرى _