بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 14

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-28 21:26:15

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 14 دەھشەتتىن بىھۇش بولغان بىچارە «نېگىر نەسلى تەرەپدارى» خۇدىنى يوقاتقان ھالدا بىئاسۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى تاشلىدى. بىئاسۇ يېنىدىكىلەرگە ئىشار...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)

    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 14


     

    دەھشەتتىن بىھۇش بولغان بىچارە «نېگىر نەسلى تەرەپدارى» خۇدىنى يوقاتقان ھالدا بىئاسۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى تاشلىدى. بىئاسۇ يېنىدىكىلەرگە ئىشارەت قىلىۋىدى، ئۇلار بۇ بىچارە بەندىنى سۆرەپ، مېنىڭ قېشىمغا ئەكىلىپ تاشلىدى.

     

    34

    -ھىم، ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى، - دىدى باشلىق ئاخىرقى بىر ئەسىرگە بۇرۇلۇپ قاراپ. بۇ ئەسىر ئاق تەنلىكلەر «شالغۇت» دەپ كەمسىتىدىغان ۋە بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەن بىلەن دوئىلغا چۈشكەن ھېلىقى مۇستەملىكىچى ئىدى.

    قوزغىلاڭچىلارنىڭ ۋاڭ – چۇڭ قىلىپ ۋارقىراشلىرى ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاتقۇزمىدى، «ئۆلتۈرۈش كېرەك، ئۆلتۈرۈش كېرەك!» دەپ ۋارقىراشتى نېگىرلار چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، بىچارە تۇتقۇنغا مۇشت تەڭلەپ، دىۋەيلەپ.

    -گېنېرال، - دىدى مۇلاتلاردىن ئالدىغا چىقىپ، - بۇ – ئاق تەنلىك، ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۈش كېرەك!

    شور پېشانە مۈلۈكدار كۆپچىلىكنىڭ ۋاڭ – چۇڭىنى بېسىش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ، ئاخىرى سۆزلىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى:

    -ياق، ياقا، جانابىي گېنېرال، ياق، قېرىنداشلىرىم، مەن ئاق تەنلىك ئەمەس! بۇ قىپقىزىل بوھتان! مەن مۇلات، مەن خۇددى سىلەردەك ئارىلاشما قان نەسلىدىكى ئادەم، مېنىڭ ئانام خۇددى سىلەرنىڭ ئاناڭلار ۋە ھەدە – سىڭىللىرىڭلارغا ئوخشاشلا نېگىر.

    -ئۇنىڭ گېپى يالغان! – دەپ ۋارقىراشتى غەزەپلەنگەن نېگىرلار، - ئۇ چوقۇم ئاق تەنلىك. ئۇ دائىم قارا تەنلىك ۋە رەڭلىك ئېرقتىكىلەرنى كەمسىتەتتى.

    -ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! – دەپ ۋارقىرىدى تۇتقۇن، - مەن ئاق تەنلىكلەردىن نەپرەتلىنىمەن! مەن سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار، مەن سىلەرگە ئوخشاشلا ھەردائىم «نېگىرلار ئاقكۆڭۈل، ئاق تەنلىكلەر قارا كۆڭۈل» دىگەن تەمسىلگە ئىخلاس قىلىمەن.

    -يالغان، يالغان! – دەپ ۋارقىراشتى توپ، - ئۇ ئاق تەنلىك، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭ، ئۆلتۈرۈڭ!

    بەختسىز تۇتقۇن ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ ئۆز پىكىرىنى تەكىتلەۋەردى:

    -مەن – مۇلات، قان نەسلى جەھەتتىن سىلەرگە قېرىنداش.

    -ئىسپاتلاپ كۆرسەت! – دىدى بىئاسۇ قوپاللىق بىلەن.

    -مانا بىر ئىسپات: ئاق تەنلىكەر دائىم مېنى كەمسىتەتتى.

    -بەلكىم، شۇنداقتۇ، - دىدى بىئاسۇ، - بەلكىم، ئاق تەنلىكلەر سېنى ئۇياتسىز بولغىنىڭ ئۈچۈن كەمسىتكەندۇ.

    ياش بىر مۇلات قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا شۇنداق دىدى:

    -ئاق تەنلىكلەرنىڭ سېنى كەمسىتكىنى راست. لېكىن سەن بۇنىڭ بەدىلىگە رەڭلىك ئىرق كىشىلىرىنى كەمسىتتىڭ. گەرچە ئۆزەڭمۇ رەڭلىك ئىرق قاتارىدا سانالساڭمۇ، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، سېنى بىزنىڭ ئەۋلادىمىزغا مەنسۇپ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزەڭنى ھاقارەتلەنگەن ھېسابلاپ، بىر ئاق تەنلىكنى دوئېلغا چاقىرغان ئىكەنسەنغۇ!

    توپ ئىچىدە غەزەپلىك ئاۋازلار، «تۇتقۇننى ئۆلتۈرۈش كېرەك!» دىگەن ۋارقىراشلار تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۆزىنى ئاقلاۋاتقان مۇستەملىكىچىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى. ئۇ تەلمۈرۈپ يېلىنغان ھالدا ماڭا بىر قاراپ قويدى – دە، يالۋۇرغان قىياپەتتە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -بۇ – تۆھمەت! مەن ئۈچۈن قارا تەنلىكلەرگە مەنسۈپ بولۇش – زور بەخت! چوڭ شەرەپ، مەن – مۇلات.

    -ئەگەر سەن ھەقىقىي مۇلات بولغان بولساڭ، «مۇلات» دىگەن سۆزنى ئېغىزغا ئالمىغان بولاتتىڭ! – دىدى رىگو خاتىرجەم ھالدا.

    -ئاھ، نىمە دەۋاتقىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەي قاپتىمەن، - دەپ قاخشىدى شور پېشانە ئەسىر- جانابىي باش قوماندان، تىرناقلىرىم ئەتراپىدىكى مانا بۇ قارا گەردىش داغلار مېنىڭ ئىككى قان نەسىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمگە ئىسپات بولالايدۇ.

    -مېنىڭ رەمچى ھەزرەتكە ئوخشاش قولۇڭنىڭ بەلگىسىگە قاراپ كىملىكىڭنى تاپىدىغان ھۈنىرىم يوق. گېپىمگە قۇلاق سال، ئەسكەرلىرىمنىڭ بىر قىسمى سېنى ئاق تەنلىك دەپ ھېسابلاۋاتىدۇ، يەنە بىر قىسمى ئۆز قېرىنداشلىرىغا ساتقىنلىق قىلدى، دەپ ئەيىپلەۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، سەن چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم. بىراق سەن ئۆزەڭنى بىزنىڭ ئەۋلادىمىزغا مەنسۇپ، ھېچقانداق باشقىچە ئەمەس، دەپ تۇرۇۋاتىسەن. ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشتىن باشقا ئامال يوق، - دىدى بىئاسۇ.

    -قانداق ئىسپاتلايمەن، جانابىي گېنېرال؟ نىمە قىلسام بولىدۇ؟ - دىدى مۇستەملىكىچى ئالدىراپ، - مەن ھەممىنى قىلىشقا تەييار.

    -مانا بۇ خەنجەرنى قولۇڭغا ئال – دە، ئاۋۇ ئىككى ئاق تەنلىك ئەسىرنى ئۆلتۈر! شۇنداق قىلالىساڭ، سىناقتىن ئۆتكەن بولىسەن، - دىدى بىئاسۇ قاپىقىنى تۈرۈپ، قولى بىلەن بىز ئىككىمىزنى كۆرسەتتى.

    بىئاسۇ زەھەرلىك تەبەسسۈم بىلەن ئۆزىگە سۇنۇپ تۇرغان خەنجەرنى كۆرۈپ مۇستەملىكىچى كەينىگە داجىدى.

    -خوش، پېتىنالمايۋاتامسەن؟ - دىدى باشلىق، - لېكىن، بۇ – سېنىڭ ئاق تەنلىك ئەمەسلىكىڭنى مېنىڭ ئالدىمدا ۋە ئارمىيەم ئالدىدا ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان بىردىن – بىر سىناق. قېنى، نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلما!

    تۇتقۇن ئالاقزادە بولدى، ئۇ خەنجەرنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىغا بىر ئىنتىلىپ، يەنە كەينىگە داجىدى، ئۇنىڭ قوللىرى لاسسىدە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ جاقىلداپ تىترەۋاتاتتى.

    -ئاھا، قانداق؟ مېنى ئالدىيالمايسەن! – دەپ ۋارقىرىدى بىئاسۇ غەزەپلىنىپ، - يا ئۇلارنى ئۆلتۈرىسەن، يا بولمىسا سەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئۆلىسەن، ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللا!

    تاشتەك قېتىپ قالغان ئەسىر جايىدىن قوزغالمىدى.

    -ناھايىتى ياخشى! – دىدى بىئاسۇ نېگىرلارغا قاراپ، - بۇ جاللات بولۇشنى خالىمايدىكەن. دىمەك، جاللاتنىڭ قولىدا ئۆلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئاق تەنلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، ئۇنى ئەپچىقىپ كېتىڭلار!

    نېگىرلار تۇتقۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن كېلىشتى، نېگىرلارنىڭ كېلىشى ئۇنى ئىككىنىڭ بىرسىنى تاللاشقا – يا ئۆلتۈرۈشكە، يا ئۆلۈشكە مەجبۇر قىلدى. چېكىدىن ئاشقان قورقۇنچاقلىق بەزىدە غەزەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ بىئاسۇنىڭ قولىدىن خەنجەرنى ئالدى – دە، ئويلاپ تۇرماستىنلا مېنىڭ يېنىمدا ياتقان C غا قاراپ يولۋاستەك ئېتىلدى.

    دەھشەتلىك كۈرەش باشلاندى. بىئاسۇنىڭ ئازاپلىق سۇئال – سورىقىدىن روھى ئازاپلىنىپ، دەرمانسىزلانغان ۋە غەم – قايغۇغا چۆككەن «نېگىر نەسلى تەرەپدارى C» باشلىق بىلەن مۈلۈكدار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن، گەپ – سۆزلەردىن گاراڭ بولغان ھالدا قاراپ ياتاتتى، تارتىدىغان ئازاپ – ئوقۇبىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئەقلى – ھۇشىنى يوقاتقانلىقتىن، مۈلۈكدارنىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، نىمە دىگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىغان ئىدى. ئەمما مۈلۈكدار ئۇنى بېسىۋېلىپ، خەنجەرنى ئۇنىڭ بېشىدا پىقىرىتىشقا باشلىغاندا، بىردىنلا ھۇشىغا كەلدى – دە، ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ، ئۇنىڭ خەنجەر تۇتقان قولىغا ئېسىلدى ۋە ئېچىنىشلىق بىلەن شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى:

    رەھىم قىلىڭ، رەھىم قىلىڭ! مېنى نىمە قىلماقچىسىز؟مەن سىزگە نىمە قىلدىم؟

    -سىزنى ئۆلتۈرۈشۈم كېرەك، ئەپەندىم، - دىدى مۈلۈكدار ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراشقا ئۇرۇنۇپ ۋە ئۇنىڭغا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ تۇرۇپ، - قولۇمنى قويۇۋېتىڭ، مەن سىزنى قىينىماي ئۆلتۈرىمەن!

    -مەن سىزنىڭ قولىڭىزدا ئۆلىمەنمۇ؟ - دەپ يالۋۇردى ئىقتىسادشۇناس، - بۇ قانداق بولغىنى؟ ماڭا رەھىم قىلىڭ، ئېھتىمال، سىزنى «مۇلات» دىگەنلىكىم ئۈچۈن رەنجىگەنسىز – ھە؟ مېنى ئۆلتۈرمەڭ، مەن بۇندىن كېيىن سىزنى ئاق تەنلىك، دەپ ھېسابلاشقا ۋەدە بېرىمەن، چوقۇم ۋەدە بېرىمەن. سىز ھەقىقىي ئاق تەنلىك، ھەممە يەردە سىزنىڭ ئاق تەنلىك ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىمەن. پەقەت ماڭا رەھىم قىلىڭ، بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەيمەن!

    «نېگىر نەسلى تەرەپدارى» ئامان قېلىشنىڭ يامان ئۇسۇلىنى تاللىغان ئىدى، مۇلات بولسا غەزەپلىنىپ:

    -ئاغزىڭنى يۇم، تىلىڭنى تارت! – دەپ ۋارقىرىدى ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى نېگىرلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن قورقۇپ.

    ئەمما C بولسا ئۇنى ساپ ئاق تەنلىك دەپ ۋارقىراۋەردى، مۇلات ئۇنىڭ ئېغىزىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرقى كۈچىنى توپلاپ C نىڭ قولىدىن ئاجراپ چىقتى – دە، خەنجەر بىلەن ئۇنىڭ كۆكرىكىگە ئۇردى. خەنجەرنىڭ پولات تىغى بەدىنىگە سانچىلغانلىقىنى سەزگەن بىچارە C جان ئاچچىقى بىلەن ئۇنىڭ خەنجەر تۇتقان قولىنى چىشلىۋالدى.

    -ۋەھشىي، ساتقىن، سەن مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ - دىدى ۋە بىئاسۇغا قاراپ:

     ئەي ئىنسانىيەت قىساسچىسى، مېنى قۇتقۇزۇڭ! – دەپ ۋارقىرىدى.

    ئەمما قاتىل خەنجەر سېپىنى مەھكەم تۇتقان ئىدى. ئۇنىڭ قوللىرى قانغا بويالدى، يۈزلىرىگە قان چاچرىدى.

    بىچارە «نېگىر نەسلى تەرەپدارى» نىڭ ئىككى پۇتى پۈكۈلدى، قوللىرى لاسسىدە چۈشۈپ كەتتى، كۆزلىرى يۇمۇلۇشقا باشلىدى، كۆكرىكىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېتىلىشقا باشلىدى – دە، پالاققىدە يىقىلدى. ئۇ ئۆلدى.

    35

    بۇ ھادىسىلەر داۋامىدا مەن ئۆز رولۇمنى ئورۇنلاشقا تەييارلىنىۋېتىپ، دەھشەتتىن بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى. «ئىنسانىيەت قىساسچىسى» ئۆز قۇربانلىرىنىڭ كۈرىشىنى پەرۋاسىز ھالدا تاماشا قىلماقتا ئىدى. يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان پاجىئەلەر تامام بولغاندىن كېيىن، بىئاسۇ قورقۇپ تىترەپ تۇرغان چاكارلىرىغا بۇرۇلۇپ قارىدى – دە،

    -تاماكا سېلىپ كېلىڭلار! – دەپ بۇيرۇدى ۋە ئەكەلگەن چىلىمنى تارتىشقا باشلىدى.

    باخشى بىلەن رىگو جىمجىت تۇراتتى. ئەتراپتىكى نېگىرلارمۇ ئۆز كاتتىبېشى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن بۇ ۋەھىمىلىك مەنزىرىنى دەھشەت ئىچىدە كۆزىتىپ تۇردى.

    ئەمدى خەنجەر بىلەن ئۆلتۈرۈلىدىغان پەقەت بىرلا ئاق تەنلىك قالغان ئىدى، بۇ مەن ئىدىم، يەنى نۆۋەت ئەمدى ماڭا كېلىپ قالغان ئىدى. مېنىڭ جېنىمنى ئالىدىغان ۋەھشىي جاللاتقا تىكىلىپ قارىدىم، ئۇنىڭ ئەھۋالىمۇ ئېچىنارلىق ئىدى: لەۋلىرى كۆكىرىپ كەتكەن، بەدىنى تىترەپ، چىشلىرى كاسىلداپ، ھېلى سەنتۈرۈلۈپ يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ئاران ئۆرە تۇرۇۋاتاتتى، تۇرۇپ ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ، پېشانىسىدىكى قاننى ئېرتىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرسىمۇ، لېكىن گويا بىر نەرسە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقاندەك پېتىنالماي، ئايىغىدا جان تالىشىپ ياتقان جەسەتكە قارايتتى – دە، سەسكىنىپ چەتكە قارىۋالاتتى.

    مەن ئۇنىڭ ئىشقا كىرىشىشىنى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن خەنجەر سالىدىغان مىنۇتلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم، شۇنداقلا بۇ ئادەم ئالدىدا ئۆزۈمنى غەلىتە ھېس قىلىشقا باشلىدىم – تېخى يېقىندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاق تەنلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرۈشكە تاس – تاماس قالغان ئىدى. ھازىر بولسا، ئۆزىنىڭ مۇلات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

    -بولدى، بەس، سەن ئەزىمەت ئادەم ئىكەنسەن! سەندىن رازىمەن، ئاغىنە. ئىككىنچىسىنى ئۆلتۈرمىسەڭمۇ بولىدۇ. سەپكە قوشۇلغىن، سېنى ئۆز قېرىندىشىمىز دەپ ئېلان قىلىمىز ۋە ئارمىيىمىز قارمىقىدا جاللاتلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەيمىز، - دىدى بىئاسۇ ۋە سۆزلەۋېتىپ كۆزىنىڭ قويرۇقىدا ماڭا قاراپ قويدى.

    باشلىقنىڭ سۆزىدىن كېيىن، جەڭچىلەر ئىچىدىن بىر نېگىر ئالدىغا چىقىپ، بىئاسۇغا ئۈچ قېتىم ئېگىلىپ تازىم قىلدى، ئاندىن ئۆز تىلىدا شۇنداق دىدى (سىلەرگە چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزىنى فرانسۇز تىلىدا ئېيتىپ بېرىمەن):

    -مەنچۇ جانابىي گېنېرال؟

    -ساڭا نىمە بوپتۇ، نىمە دىمەكچىسەن؟ - دەپ سورىدى بىئاسۇ.

    -ئەجىبا، سىز ماڭا بىرەر ئىنئام ئاتا قىلمىسىڭىز – ھە، جانابىي گېنېرال – دىدى ئۇ، - ئۆزىنى بىز تەرەپتە قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرگەن بۇ ئاق تەنلىك ئىتقا يۇقۇرى مەنسەپ ئاتا قىلدىڭىز، شۇنداق ئىنئامنى ماڭىمۇ بەرسىڭىز بولماسمىدى؟ مەن ياخشى بىر قارا تەنلىكقۇ!

    بۇ كۈتۈلمىگەن تەلەپ بىئاسۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغاندەك بولدى، ئۇ رىگوغا بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، كەي ئەترىتىنىڭ بۇ باشلىقى فرانسۇز تىلىدا مۇنداق دىدى:

    -ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، سۆزىگە ئېتىبار قىلماڭ!

    -سەن ئۆستۈرۈلۈشنى خالايتتىڭمۇ؟ - دەپ سورىدى بىئاسۇ «ياخشى قارا تەنلىك» تىن، - بۇ ياخشى گەپ، بوپتۇ، سېنى ئۆستۈرەي، قېنى، قانداق مەنسەپنى خالايسەن؟

    -مەن ئوفىتسېر بولۇشنى خالايمەن.

    -ئوفىتسېر بولۇشنى؟ مانا قارا! سەن ئېپولىت تاقاش ھوقۇقىغا ئىگە بولالىغىدەك قانداق خىزمەت كۆرسەتتىڭ؟ - دىدى باش قوماندان.

    -مەن، - دەپ سۆز باشلىدى نېگىر گېدەيگەن ھالدا، - ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا لاگۇستىكى خوجايىنلارنىڭ يەر – مۈلكىگە ئوت قويدۇم، مۈلۈكدار كلېماننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى قەنت زاۋۇتىنىڭ تۇرخۇنىنىڭ ئۈستىگە ئاستىم، ئون نەپەر ئاق تەنلىك ئايالنى ۋە يەتتە نەپەر بوۋاقنى بوغۇزلىدىم، بىر بوۋاقنىڭ جەسىتى باتۇر بۇكمان جەڭچىلىرىنىڭ بايرىقى بولۇپ خىزمەت قىلدى. ئاندىن كېيىن، مەن يەنە گالېفى پورتىدا تۆت نەپەر مۇستەملىكىچىنى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن ئۆيىگە سولاپ، تىرىك پېتى كۆيدۈرۈپ تاشلىدىم. مېنىڭ دادام كاپتا چاقپەلەككە باغلاپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئاكامنى بولسا روكرۇدا دارغا ئېسىشقان. ئۆزەمنىمۇ ئېتىۋېتىشكە ئاز قالغان ئىدى. مەن يەنە ئۈچ كافى مەيدانىنى، ئىككى يۈزگە يېقىن شېكەر قۇمۇشلۇق ئېتىزىنى كۆيدۈردۈم. خوجايىنىم نوئى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى ئۆلتۈردۈم...

    -بولدى، بۇ غازاتلىرىڭنى ساناپ بىزنى ئاۋارە قىلما! – دىدى رىگو. ھالبۇكى، رىگو ئۆزىنىڭ زالىملىقىنى ياسالما مۇلايىملىق بىلەن يوشۇرۇپ يۈرىدىغان كىشى ئىدى. شۇنداق دىيىشكىلا بولاتتىكى، ئۇ قانخور قاراقچى، دىگەن ئاتاقنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ تۇرۇپ قان تۆكۈشكە خۇشتار ئىدى.

    -مەن يەنە نۇرغۇن مىساللارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن، - دىدى نېگىر مەغرۇرلىنىپ، - لېكىن، سىز مېنىڭ ئوفىتسىرلىك ئۇنۋانىنى ئېلىشىمغا ۋە مانا بۇ يولداشلىرىمغا ئوخشاش، مۈرەمگە ئالتۇن ئېپولىت تاقاپ يۈرۈشۈمگە، يۇقۇرىدىكى خىزمەتلىرىمنى كۇپايە قىلىدۇ، دەپ ھېساپلايسىز! – دەپ سۆزىنى تاماملىدى نېگىر.

    باش قوماندان بىردەم ئويلاندى – دە، كېيىن سىىپاگەرلىك بىلەن نېگىرغا شۇنداق دىدى:

    -مەن ساڭا خوشاللىق بىلەن ئوفىتسېرلىك ئۇنۋانى بەرگەن بولاتتىم، چۈنكى، كۆرسەتكەن خىزمىتىڭدىن رازىمەن. بىراق، ئوفىتسېر بولۇش ئۈچۈن يەنە باشقا شەرتلەرمۇ بولۇشى كېرەك. سەن لاتىنچىنى بىلەمسەن؟

    قاراقچى ھولۇقتى ۋە كۆزىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ سورىدى:

    -ئەپۇ قىلىڭ، سىز نىمە دەۋاتىسىز، جانابىي گېنېرال؟

    -لاتىنچىنى بىلەمسەن، دەپ سوراۋاتىمەن، دىدى بىئاسۇ قىزىققانلىق بىلەن.

    -لاتىنچىنى؟

    -ھە، ھە، لاتىنچىنى، سەن لاتىنچىنى بىلەمسەن، زادى؟ دەپ قايتا سورىدى ھىيلىگەر باشلىق ۋە بىر بايراقنى كۆرسەتتى: بايراقتا «بەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىقتى» دىگەن سۆز يېزىلغان ئىدى.

    -ئەنە ئاشۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىزگە يېشىپ بەرگىنە! – دىدى بايراققا يېزىلغىنىنى نېگىرغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

    بۇ سۇئالدىن مەڭدەپ قالغان نېگىر باشلىقنىڭ ئالدىدا ھاڭقىيىپ قاراپ تۇراتتى ۋە لاتا بىلەن تېڭىلغان كۆزىنى قايرىپ ئېچىپ، بىردەم گېنېرالغا، بىردەم بايراققا تەلمۈرۈپ قاراپ، نىمە دىيىشنى بىلەلمىدى.

    -قاچان سۆزلەيسەن؟ - دەپ ۋارقىرىدى بىئاسۇ تاقەتسىزلىنىپ.

    نېگىر گەدىنىنى قاشلاپ شۈك تۇرغاندىن كېيىن، ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ ئاران شۇنداق دىيەلىدى:

    -سىزنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم، جانابىي گېنېرال.

    بىئاسۇنىڭ چىرايىدا بىردىنلا غەزەپ ئەكس ئەتتى.

    -قارا، بۇنىڭ تەنتەكلىكىنى! شۇ ھالىڭغا ئوفىتسېر بولۇشنى تەلەپ قىلدىڭما! ئۆزەڭ لاتىنچىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسەن، تېخى! – دىدى ئۇ.

    -لېكىن، جانابىي گېنېرال... – دەپ پىچىرلىدى نېگىر قورقۇپ دۇدۇقلاپ.

    -ئاغزىڭنى يۇم! سېنىڭ بۇنچىلىك يۈزى قېلىن ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ تۇرۇپ، نىمىشقىدۇ سېنى ئېتىۋەتمىگىنىمنى ئۆزەممۇ چۈشەنمەيمەن! – دىدى بىئاسۇ غەزەپلىنىپ، - ئېيتىپ بېقىڭا، رىگو، ھەتتا لاتىنچىنىمۇ بىلمەيدىغان بۇنداق ئوفىتسىرنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ماڭا قارا، ئەخمەق! سەن ئاۋۇ بايراققا يېزىلغان لاتىنچە سۆزنى بىلەلمىگەن بولساڭ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ساڭا چۈشەندۈرۈپ قوياي: «بىرمۇ ئەسكەر لاتىنچىنى بىلمىسە، ئوفىتسېر بولالمايدۇ» دىگەن سۆز. توغرىمۇ، ئىمام ھەزرەت؟

    پاكىنەك باخشى بىئاسۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ بېشىنى لىڭشىتتى. قوماندان سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -مەن ئارمىيىمىز قارىمىقىدا جاللاتلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن ئاۋۇ قېرىندىشىمىز لاتىنچىنى بىلىدۇ. سەن ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە ھەسەت قىلىۋاتىسەن!

    بىئاسۇ يېڭى جاللاتقا بۇرۇلۇپ قارىدى ۋە:

    -توغرىمۇ، بۇرادەر؟ - دەپ سورىدى، سەن مانا بۇ ھاماقەتكە لاتىنچىنى بىلىدىغانلىقىڭنى كۆرسىتىپ قويغىنا: «DOMINOS  VOBISKOM» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟

    پەرىشان ھالدا تۇرۇۋاتقان بىچارە قارا تەنلىك مۇستەملىكىچى بىئاسۇنىڭ دەھشەتلىك ئاۋازىنى ئاڭلاپ، خۇددى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك چۆچۈپ بېشىنى كۆتەردى – دە، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلەپ، دەھشەتلىك ئوي – خىياللار بىلەن تولغان كۆڭلىدىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ تېپىشقا ئۇرۇندى. ۋىجدان ئازابىدىن قىينىلىۋاتقان بۇ ئادەمنىڭ چىرايى قورقۇنۇچتىن سارغىرىپ كەتكەن ئىدى، ئاخىر ئۇ خۇددى مەكتەپ بالىلىرىغا ئوخشاش ھودۇققان ھالدا بۇ لاتىنچە سۆزنىڭ مەنىسىنى ئېيتتى:

    «DOMINOS  VOBISKOM» دىگەن سۆز «سىلەرگە ئاللا يار بولسۇن» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

    -«ئىمانىڭنى خۇدا ساقلىسۇن» دەپ قوشۇپ قويدى تەنتەنە بىلەن سىرلىق باخشى.

    -ئامىن! – دەپ ھەممىنى دۇئاغا چاقىردى بىئاسۇ. ئاندىن ئۆزى توقۇپ چىققان لاتىنچە يالغان – ياۋىداق غەزەپلىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، خۇددى سېگانارېلغا ئوخشاش، غەزەپ بىلەن ھۈرپىيىپ سۆزلەشكە باشلىدى:

    بۇ قىلىقى بىلەن ئۇ قارا تەنلىك قوزغىلاڭچىلارنى ئۆز باشلىقىنىڭ دانىشمەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولغان بولسا كېرەك.

    -ماڭ، ئورنىڭغا بار ۋە سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇر! – بىئاسۇ ۋارقىرىدى ھېلىقى مەنسەپپەرەس نېگىرغا، - ھەركىم بېشىغا پالاكەت كەلسە، ئۆزىدىن كۆرسۇن! بۇندىن كېيىن لاتىنچە بىلىدىغان باشلىقلىرىمدەك بولىمەن دەپ، يۇقۇرى مەنسەپكە كۆتىرىلىشنى ئۈمىد قىلما، ئىككىنچى شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، سېنى دارغا ئاسىمەن! ئىستىغپار ئېيتىڭلار، قېرىنداشلار، خەيرلىك.

    قورقۇپ ۋە گاڭگىراپ قالغان نېگىر يولداشلارنىڭ شاڭخو – كۈلكىلىرى ئىچىدە ئىزار تارتىپ ئاستا ئۆز ئورنىغا كېلىپ تۇردى، سەپتە تۇرغانلار بىھۇدە تەلەپ قويۇپ، دانىشمەن باش قوماندان بىلەن تاقارىشقان «ئەخمەق» نېگىرنى مازاقلاپ، قىقاس سېلىپ كۈلۈشمەكتە ئىدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.