سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى(3-پەم بىلەن ھۇجۇم قىلىش)

يوللىغۇچى : elqem يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-21 09:47:47

سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى (3. پەم بىلەن ھۇجۇم قىلىش ) سۈنزى ئېيتىدۇلەركى، ئۇرۇش قىلىشنىڭ قانۇنىيىتى مۇنداق : دۈشمەننى مەملىكىتى بويىنچە تەسلىم قىلىش - ئەڭ ئوبدان چارا . ئۇنىڭ مەملىكىتىنى تارمار قىلىش 2- ...


    سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى

    (3. پەم بىلەن ھۇجۇم قىلىش )

     

        سۈنزى ئېيتىدۇلەركى، ئۇرۇش قىلىشنىڭ قانۇنىيىتى مۇنداق : دۈشمەننى مەملىكىتى بويىنچە تەسلىم قىلىش - ئەڭ ئوبدان چارا . ئۇنىڭ مەملىكىتىنى تارمار قىلىش 2- ئورۇندا تۇرىدۇ؛ دۈشمەننىڭ پۈتۈن تۈمەنلىك قوشۇنىنى تەسلىم قىلىش ئەڭ ئوبدان چارە، ئۇنى بەربات قىلىش 2- ئورۇندا تۇرىدۇ؛ دۈشمەننى پۇتۇن بەش يۈزلۈك قوشۇنىنى تەسلىم قىلىش ئەڭ ئوبدان چارە، ئۇنى بەربات قىلىش 2- ئورۇندا تۇرىدۇ؛ دۈشمەننىڭ پۈتۈن يۈزلۈك قۇشۇنىنى تەسلىم قىلىش ئەڭ ئوبدان چارە،ئۇنى بەربات قىلىش 2- ئورۇندا تۇرىدۇ . دېمەك،ھەممە جەڭدە غەلبە قىلىشنى دانالىق ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دانالىق دەپ ھېسابلاشقا بولمايدۇ؛ دۈشمەننى جەڭ قىلماي تۇرۇپ باش ئەگدۇرۇشنىلا دانالىق ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دانالىق دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ .

        دېمەك، ئەڭ ئوبدان چارە - دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى تارمار قىلىش، ئۇنىڭدىن قالسا دۈشمەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى بەربات قىلىش، ھەممىدىن ناچار چارە - دۈشمەن قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىش . قەلئەگە ھۇجۇم قىلش ئىلاجىسىزلىقتىن بولىدۇ . قەلئەگە ھۇجۇم قىلشقا كېرەكلىك چوڭ قالقان ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى ياساش، قەلئەگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلىتىدىغان قورال - سايمانلارنى تەييارلاش ئۈچۈن بىر قانچە ئاي ۋاقىت كىتىدۇ؛ قەلئەگە ھۇجۇم قىلشتا كېرەكلىك كۆتۈرمە سېلىش ئۈچۈنمۇۇ بىرقانچە ئاي ۋاقىت كېتىدۇ . سەركەردىلەر غەزىپىنى باسالماي ئەسكەرلىرىنى قەلئەگە خۇددى چۈمۈلىدەك يامىشىشقا مەجبۇرلايدىغان بولسا، ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ، ئەمما قەلئەنى بەرىبىر ئالالمايدۇ . قەلئەگە ھۇجۇم قىلىشتىن بولدىغان ئاپەت ئەنە شۇ .

        شۇڭا ئۇرۇش قىلىش يولىنى ئوبدان بىلىدىغان كىشى دۈشمەننىڭ قۇشۇنىنى باش ئەگدۈرۈشتە زورمۇزور جەڭ قىلش يولىنى تۇتمايدۇ، دۈشمەننىڭ قەلئەسىنى ئېلىشتا، زورمۇزور ھۇجۇم قىلىش يولىنى تۇتمايدۇ،دۇشمەننىڭ دۆلىتىنى يۇقىتىشتا ئۇرۇشنى ئۇزۇنغا سۇزۇپ يۇرمەيدۇ . چوقۇم توللۇق غەلبە قىلىش ئىستراتېگىيىسى بىلەن جاھاندا ئۈستۈنلۈكقازىنىشقا تىرىشىدۇ . مۇشۇنداق يول تۇتقاندا، قوشۇن ھالسىراپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن خالىي بولالايدۇ - دە، تولۇق غەلىبىگە ئېرىشەلەيدۇ، دۈشمەننى پەم بىلەن ھۇجۇم قىلىشنىڭ قائىدىسى شۇ .

        دېمەك، ئۇرۇشنىڭ قائىدىسى شۇكى، ئەسكىرى كۈچۈڭ دۇشمەننىڭكىدىن ئون ھەسسە ئارتۇق بولسا، دۈشمەننى مۇھاسىرگە ئالساڭ بولىدۇ،بەش ھەسسە ئارتۇق بولسا،دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلساڭ بولىدۇ، ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولسا،دۈشمەننى يېڭىشكە تىرىشساڭ بولىدۇ،ئەسكىرى كۈچۈڭ دۈشمەننىڭكىگە تەڭ بولسا،بىر ئامال قىلىپ دۈشمەننى بۆلۇپ تاشلىساڭ بولىدۇ، ئەسكىرىي كۈچۈڭ دۈشمەننىڭكىدىن ئاز بولسا،ئۈزەڭنى مۇداپىيە قىلساڭ بولىدۇ، كۈچۈڭ دۇشمەننىڭكىدىن ئاجىز بولسا، قاتتىق ئېلىشىشتىن ساقلانساڭ بولىدۇ . دېمەك،ئاجىز قوشۇن قاتتىق جەڭ قىلىمەن دەپ تۇرۋالسا، كۈچلۈك دۈشمەنگە ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ .

        سەركەردە دۆلەتتنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئوخشايدۇ، سەركەردە دۆلەتكە خۇددى يۆلەنچۈكتەك يېقىن بولۇپ،ۋەزىپىسىنى ئادا قىلسا، دۆلەت چوقۇم قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىدۇ؛ ئەگەر يۆلەنچۈكتەك يېقىن بولمىسا، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىسا، دۆلەت چوقۇم ئاجىزلاپ خاراپ بولىدۇ .

        پادىشاھ قوشۇنىغا مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋالدا زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن؛ قوشۇننىڭ ئالغا چامدىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەي ئۇنى ئالغا چامداشقا مەجبۇر قىلسا، قۇشۇنىڭ چېكىنسا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەي ئۇنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلسا، بۇ قۇشۇنىڭ پۇت - قولىنى چۈشەپ قويغانلىق بولىدۇ؛ قۇشۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ قۇشۇننىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالسا، لەشكەر باشقلىقلىرىنى دەر گۇمان قىلىپ قويىدۇ . قوشۇن ھەم قايمۇقۇپ، ھەم دەرەۇمان بولۇپ قالسا، ھەرقايسى بەگلىكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىدىغان ئاپەت يۈز بېرىدۇ . ئۆز قوشۇنىنى ئۆزى پاراكەندە قىلىپ ، ئۆزىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىش دېگن ئەنە شۇ .

        مۇنداق بەش خىل ئەھۋال غەلبىگە كۆز يەتكۈزۈشكە ئىمكان بېرىدۇ؛ جەڭ قىلىشقا بولدىغانلىقى ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەنلەر غەلبە قىلالايدۇ، كۆپ ئەسكىرنىمۇ، ئاز ئەسكىرنىمۇ ئىشقا سېلىش يولىنى بىلگەنلەر غلبە قىلالايدۇ؛ پۈتۈن قوشۇندا يۇقىردىكىلەر بىلەن تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئارزۇڭ - ئىستىكى بىردەك بولغانلار غەلبە قىلالايدۇ؛ئۆزى تەييار تۇرۇپ، تەييارلىقى يوق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغانلار غەلبە قىلالايدۇ؛ سەركەردىلەر قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا، پادىشاھ ئۇلارنىڭ پۇت - قولىنى چۈشەپ قويمىسا ، غەلبە قازىنالايدۇ . ئەنە شۇ بەش خىل ئەھۋال غەلبىگە كۆز يەتكۈزۇش ئۇسۇلىدۇر .

         دېمەك، دۈشمەننىمۇ، ئۆزەنڭنىمۇ چۈشەنسەڭ، ھەممە جەڭدە خەۋپكە يولۇقمايسەن؛ دۈشمەننى چۈشەنمىسەڭ، ئەمما ئۆزەڭنى چۈشەنسەڭ، يا غەلبە قىلىسەن، يا مەغلۇپ بولىسەن؛ دۈشمەننىمۇ، ئۆزەڭنىمۇ چۈشەنمىسەڭ، ھەر بىر جەڭدە خەۋپكە ئۇچرايسەن .

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.