ئىگەرلىك ئات-ئىگەرلىك ئات

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-05 23:13:55

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپئىككىنچى بابئىگەرلىك ئاتغاز قاناتى قات بولۇر، ئەر قاناتى ئات بولۇر.- خەلق ماقالى1ئاشۇ خاسىيەتلىك ئۇچرىشىش ۋە مەنىلىك سۆھبەتتىن كېيىن تۆتەيلەن ئات-ئ...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

     

    ئىككىنچى باب

    ئىگەرلىك ئات



     

    غاز قاناتى قات بولۇر، ئەر قاناتى ئات بولۇر.

    - خەلق ماقالى

     

    1

     

    ئاشۇ خاسىيەتلىك ئۇچرىشىش ۋە مەنىلىك سۆھبەتتىن كېيىن تۆتەيلەن ئات-ئوزۇقلىرىنى تەل قىلىپ، تاڭلا ئەتىسى باش توخۇ چىللىغان مەھەلدە سەپەرگە ئاتلاندى.

     

     


    تاڭنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسى دىللارغا جۇشقۇنلۇق، تەنگە راھەت ئاتا قىلاتتى. ئاسماندا يۇلتۇزلار چاقناپ، ساي يوللىرىنى غۇۋا يورۇتۇپ باراتتى. خىللانغان ئارغىماقلار بىر خىل يورغىسى بىلەن دىۋىتمىسىمۇ بەس-بەستە غەرب تامان ئىلگىرىلەيتتى. ئۈستغولغا يېقىنلاشقاندا تاڭ سۈزۈلۈپ، شەرقتە ئۇپۇق قىزاردى. ئۇزۇن ئۆتمەي، قىپقىزىل شاردەك بالقىپ چىققان قۇياش ئۆزىنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىنى تاغ چوققىلىرىغا سېپىشكە باشلىدى. تاغ شامىلى دىماغقا ھۇزۇر بېغىشلايتتى. يايلاق گۈللىرىنىڭ خۇشبۇي ھىدى دىللارنى مەست قىلاتتى.
     

     


    ئۇلار ئىلگىرىلىگەنسېرى قويۇق ئۆسكەن مەخمەلدەك ئوتلار بىلەن قاپلانغان جىلغا-ئېدىرلار؛ تاغ چوققىلىرى بىلەن بوي تالىشىپ ئېگىز، قاتار قارىغايزارلىقلار؛ پايانسىز كەڭ يايلاقلاردا بەخىرامان يايلاپ يۈرگەن چارۋا پادىلىرى ئايىغى ئۈزۈلمەي كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. چارۋىلار ئارىسىدا تارىختىن بېرى «ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق» دەيدىغان بىر ماقال ئۇدۇم بولۇپ كەلسىمۇ، لېكىن قاراتاغ يايلىقى بولسا ئوتقىمۇ، سۇغىمۇ باي - جەننەت ماكان ئىدى.

    تۆتەيلەن قارىغايزارلىق يېنىدىكى سۈپسۈزۈك سۇ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېقىن ساھىلىغا بېرىپ چۈشكۈن قىلدى:

    - قالتىس ماڭدۇق،¬- دېدى سەيدۇل بايۋەچچە،- ئارغىماقلىرىمىز بولمىسا بۇ يەرگە ئىككى كۈندىمۇ يېتىپ كېلەلمىگەن بولاتتۇق. بۇرۇنقىلار «ئەر قاناتى ئات» دەپ جايىدا ئېيتقانىكەن.

     



    ئۇلار ئاتلىرىنى قارىغايلارغا باغلاشتى. مۇزدەك سۇدا يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇشتى ۋە ئۇچۇملاپ قانغۇدەك سۇ ئىچىشتى.

    - پاھ، ئابىزەمزەم، دەل ئۆزى،- دېدى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تاغ سۈيىنى قانغۇدەك ئىچىۋالغاندىن كېيىن،- بىزنىڭ بۇ زېمىننى قانچە تەسۋىرلەپ يازسا، قانچە سۈرەتلەپ سىزسا ئەرزىيدىكەن...

    جىڭ گەپنى قىلدىڭىز، شائىر،- دېدى سەيدۇل بايۋەچچە،- زېمىنىمىز ھەقىقەتەن گۈزەل، ماختاشقا لايىق زېمىن.

    سەيدۇل خۇرجۇندىن سەپەر ئوزۇقى - سۈت بىلەن يۇغۇرۇپ پىشۇرۇلغان قوناق زاغرىسىنى ئېلىپ داستىخانغا قويدى. تاغ سۈيى بىلەن ئاق قوناق زاغرىسى ھەممەيلەننىڭ ئىشتىھاسىغا زوقمەنلىك بېغىشلىغانىدى. ئاندىن ئۇلار ئېقىن بويىدىكى يېشىل چىمەنلىكتە سۇنايلىنىپ يېتىشىپ بىردەم لەززەتلىك ئۇيقۇغا كېتىشتى.

     

     


    ئۇلار تاتلىق ئۇيقۇغا غەرق بولغان ئەسنادا بىرقانچە مالچى يېتىپ كەلدى-دە، مېھمانلارنىڭ ھاردۇق يېتىپ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى پەملەپ ئۇلارنىڭ بېشىدا كۈتۈپ ئولتۇرۇشتى:

    - ھوي، ئەنە سەيدۇل بايۋەچچە بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟

    - قارىغىنە ئەنە، ئابدۇنىياز چېلىشچىمۇ تۇرمامدۇ؟

    مالچىلار توختىماي پىچىرلىشاتتى:

    - قاراڭلار، سەيدۇل بايۋەچچىدە بىر تال، ئابدۇنىيازدا بىر تال مىلتىقمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ بۇلار ئوۋغا چىققان بولسا كېرەك، جۇمۇڭلار...

    مالچىلارنىڭ پىچىر - پىچىرلىرىنى ئالدى بىلەن ئابدۇنىياز سېزىۋالدى-دە، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە شەپە بېرىپ، قالغانلارنىمۇ ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا كۆرۈشۈپ تونۇشتى. مالچىلار بىرئازدىن كېيىن مېھمانلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بۇلارنى چېدىرىغا باشلاپ مېڭىشتى.

     



    مالچىلارنىڭ كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، قولى ئوچۇق، سېخىي ۋە راستكويلۇق تەبىئىي شەھەرلىكلەردىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئارىلىقتا ئۇلار چوڭ بىر قوينى سويۇشقا باشلىدى. بىرى قازانغا سۇ توشۇسا، بىرى ئوچاققا ئوت قالاشقا كىرىشىپ كەتتى. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولسا، قارا تاغ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن چېدىر ئالدىدىكى دۆڭلۈككە چىقىپ ھەر تەرەپكە نەزەر تاشلايتتى.

     



    - سەيدۇل ئاكا، ئوۋ مىلتىقلىرى داتلىشىپ قالمىسۇن، قارىسىلا، ئاۋۇ سول تەرەپتىكى چوققىدا بىر يوغان تاغ تېكىسى بىزگە قاراپ ئوق سېغىنىپ تۇرمامدۇ؟

    ئابدۇنىيازنىڭ بۇ تەلىپىگە سەيدۇل بايۋەچچە دەرھال قوشۇلۇپ:

    - بولىدۇ، سىز بېرىڭ. قېنى گۇمپىڭىزنى بىر سىناپ باقمامسىز؟- دېدى.

     



    ئابدۇنىياز ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىگە سىناق بولۇپ كېلىۋاتقان ئوۋ مىلتىقىنى قولىغا ئالدى-دە، تاغقا يامىشىش ئۈچۈن ئالدىراپ ماڭدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھەمراھى نىياز قارىمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئۇلار تاغ يامزىلىدىكى قارىغايزارلىق ئىچىگە ئەمدىلا كىرىپ تۇرۇشىغا يېقىنلا يەردە قاپلاننىڭ بىر جەرەننى بوغۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتى. ئابدۇنىياز مىلتىقنى بەتلەپ شۇ تەرەپكە ماڭدى. نىياز قارى ئۇنىڭغا سوڭدىشىپ ماڭاتتى.

    - قاپلان، قاپلان... قاراڭ، ئاۋۇ يەردە چوڭ بىر قارا قاپلان!

    قارىغاي ئاستىدا بىر قاپلان سېمىز بىر جەرەننى ئاستىغا بېسىپ بوغۇۋاتاتتى. نىيازقارى «قاپلان» دەپ ۋارقىراپ، بىر تۈپ قارىغاينىڭ كەينىگە ئۆتمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا، ھېلىقى قاپلان قولىدىكى جەرەننى تاشلاپ، نىيازقارى تەرەپكە ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى. ئابدۇنىياز كامال چاققانلىق بىلەن ئۇنى دەللەپ ئاتتى. قاپلان بولسا بىرنەچچە دومىلاپ بېرىپ يېقىلدى. لېكىن پارقىرىتىپ، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ تۇرۇپ ئوۋچىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتى. ئابدۇنىياز ئۇنى يەنە بىر پاي ئوق بىلەن ئۇجۇقتۇراي دەپ تۇرۇشىغا قاپلان غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئابدۇنىيازغا ئېتىلدى. ئوق ئۈلگۈرمىگەنىدى. ئابدۇنىياز غىلاپتىن خەنجەرنى سۇغاردى-دە، ئاقساپ قالغان قاپلاننىڭ بېلىگە ئۇردى. قاپلان ھالىدىن كېتىپ يېقىلدى...

    شۇنداق قىلىپ ئۇلار تاغ تېكىسى ئوۋلاش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ مالچىلارنىڭ چېدىرىغا قايتىپ كېلىشتى. ئابدۇنىياز كىيىم-كېچىكىگە قاپلاننىڭ قانلىرى چاچرىغانىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ سورىدى:

    - نېمە ئىش بۇ، بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇقتۇڭلارمۇ؟

    ئابدۇنىياز كامال ئېرەن قىلماي كۈلۈپ تۇراتتى. نىياز قارى بولسا سادىر بولغان ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە ھېكايە قىلىپ بەردى. بۇ قىزىق ھېكايە ھەممەيلەننى تولا كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋەتتى.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قىزىقچىلىق قىلىپ:

    - ئاقتاشتا بىز ئابدۇنىيازنىڭ قوچقار پالۋان، چېلىشچى پالۋان دەيدىغان لەقەملىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەنىدۇق، ئەمدى بولسا بۈگۈن قاراتاغدا ئۇنىڭغا قاپلان باتۇر دېگەن يېڭى لەقەم قوشۇلدى. ھەممەيلەن قاپلان باتۇرغا تەشەككۈر ئېيتايلى...،- دېدى.

     

     


    كۆپچىلىك پاراققىدە كۈلۈشۈپ، قىزغىن چاۋاك چېلىشتى، لېكىن مالچىلار ئىچىدىكى بىر ياش چوپان دەرگۇمان بولۇپ، سوئال قويدى:

    - مەن ئەزەلدىن ئاڭلىغانغا ئىشەنمەيمەن، كۆرگەنگە ئىشىنىمەن؛ قۇلىقىمغا ئىشەنمەيمەن، كۆزۈمگە ئىشىنىمەن. قېنى ماڭا كىم ھەمراھ بولىدۇ، قاپلاننى سۆرەپ كېلىپ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ باقمايلىمۇ؟

    - شاكىچىك توغرا ئېيتىدۇ،- دېدى ئابدۇنىياز،- «گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ» دەيدىغان ماقال بار، شاكىچىككە يەنىلا ئۆزۈم ھەمراھ بولاي، ھازىرلا كېلىمىز.

    چوپان بىلەن ئابدۇنىياز ئاتلىنىپ يۈرۈپ كەتتى ۋە ئانچە ھايال بولمايلا قاپلاننى ئاتقا سۆرىتىپ، ياش چوپان بولسا ئۆلۈك جەرەننى غانجۇغىلاپ مالچىلارنىڭ چېدىرىغا يېتىپ كەلدى. ياش چوپان تەن بېرىپ ئابدۇنىيازنىڭ قولىنى تۇتتى-دە:

    - سىز راستتىنلا قاپلان باتۇر ئىكەنسىز...،- دېدى.



    ئابدۇنىياز كۈلۈپ تۇرۇپ چوپانغا جاۋابەن:

    - بىز ھازىر «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى سىناقتىن ئۆتكۈزدۇق، خالاس،- دېدى.

    - يەنە كېلىپ بۇ سىناقنىڭ غەنىيمەتى ماڭا بولدى، بۇ يىرتقۇچ مەخلۇقنىڭ تېرىسىدە پۇتۇمغا چورۇق تىكىپ كىيىۋالىدىغان بولدۇم ئەمەسمۇ؟

    چوپاننىڭ بۇ ئەپچىل چاقچىقىدىن ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى. كەچ كىرىپ كېلىۋاتاتتى. سۆڭەكلىرى ئاجراپ پىشقان ئەتلەر داستىخان ئۈستىگە كەلتۈرۈلدى. مېھمانلار غىزالاندى. كەچتە شۇ يەردە قونۇپ قېلىشتى.

     



     

    2

     



    ئۇلار يايلاقنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا راھەتلىنىپ ئۇخلاشنى، ئۈكەر يۇلتۇزى غەربكە چاقنايتتى. تاغ شامىلى ئېدىرلىقتىكى قويۇق ئۆسكەن خۇش پۇراق گۈل بەرگىلىرىنى يېنىك تەۋرىتەتتى.

    توساتتىن مالچىلارنىڭ ئىتلىرى قوي پادىلىرى يېتىۋاتقان قوتانلار ئەتراپىدا ئۈنلۈك ھاۋشىپ كەتتى ۋە ئۇياقتىن-بۇياققا چېپىشىپ بىردىنلا كېچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇۋەتتى. ئارقىدىنلا، قوي-قوزىلارنىڭ مەرەشلىرى كۈچىيىپ، تاغ ئىچىدە ئەكس سادا ياڭرىتىۋەتتى-دە، ھەممەيلەننىڭ شېرىن ئۇيقۇسى ئېچىلىپ كەتتى.

    - بۆرە، بۆرە كەلدى!...

    ياش چوپان ۋارقىرىغىنىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئارقىدىن ئابدۇنىياز ئوۋ مىلتىقىنى قولىغا ئالدى-دە، بۆرىنى ئاتىمەن دەپ مېڭىشقا تەمشەلدى.

     

     


    - نېمە قىلاي دەيسىز، ئاكا؟- دېدى ياش چوپان تەمكىنلىك بىلەن ئابدۇنىيازنىڭ ئالدىنى توسۇپ،- تەخىر قىلىڭ، بۆرىنى قوغلاپ يېتىشەلمەيسىز. ئۇنىڭ بۇرنى سىزنىڭكىدىن سەزگۈر.

    - قويلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن بۆرىنى...

    ياش چوپان شۇ تاپتا تاقەتسىزلىنىۋاتقان مەرگەننىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى ھەم كۈندۈزدە بىر قاپلاننى ئېتىۋالغان ماھىر قولىدىنمۇ گۇمانلانمايتتى. بىراق، ئۇ مەرگەنگە:

    - چوڭلارنىڭ ئېغىزىدىن كۆپ ھېكايە ئاڭلىغانمەن، قويلارنىڭ كۈشەندىسى بۆرە ئىكەنلىكى جەزمەن. لېكىن شۇ كۈشەندە بولمىسا قويلار خامۇش بولۇپ قالىدۇ ياكى چوپاننىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمايدىغان بەڭۋاش مەخلۇققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا...،- دېدى.

    ياش چوپان ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى مەرگەننىڭ قىزىقى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى-دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    - شۇڭا يايلاق دېگەن يەردە ئەلمىساقتىن تارتىپ بۆرە بىلەن قوي بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بىز بۇ يەردە بۆرىنىڭ كەلدى-كەتتىسىگە ئانچە پەرۋا قىلمايمىز، ئۇنى ئاتىمىز دەپمۇ ئاۋارە بولمايمىز.

     



    تاڭ سۈزۈلگەنىدى. سەيدۇل بايۋەچچە سۈرەن سېلىپ ھەمراھلىرىنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ئۇلار ناشتا قىلىپ، ئاتلىرىنى توقۇشتى-دە، يېڭى مەنزىلگە قاراپ ئاتلاندى. مالچىلار ئۇلارغا ئامانلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قېلىشتى.

    سەپەر - غەرب تامان سوزۇلغان جىلغا يوللىرىدا سول تەرەپتىكى پەنجىر تاغ تىزمىلىرىنى بويلاپ داۋام قىلماقتا. بىردە ئۆرلەپ بىردە پەسلەپ، خۇددى يىلان ئىزى كەبى ئورۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان يوللارنىڭ ئايىغى كۆرۈنمەيتتى.

     



    سەھەر ھاۋاسىنىڭ سالقىن بولۇشىغا قارىماي ئېگىز داۋان يېقىنلاشقانسېرى قارا تەرگە چۆمۈلگەن ئاتلار پات-پاتلا پۇشقۇرۇپ قەدەملىرىنى سالماقلىق بىلەن ئاستىلىتىپ باراتتى.

    چاشگاھ مەھەلدە ئۇلار سارداۋان ئۈستىگە ئۇلاشتى-دە، ھەممەيلەن ئاتلىرىدىن چۈشۈپ ئارام ئالغاچ تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ كەڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە مەھلىيا بولۇپ كېتىشتى.

    - پاھ، جەننەت ماكان!- دېدى شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ.

    سارداۋاننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدە بىپايان يۇلتۇز يايلاقلىرى كۆزلەرنى قاملاشتۇراتتى. بايىنبۇلاق ۋە ئاقداۋان باغرىدىن باشلىنىدىغان قايدۇ دەرياسى گويا يالتىراق كۈمۈش لېنتىدەك شەرققە قاراپ ئېقىپ تۇراتتى. يېشىل مەخمەلدەك قويۇق ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ھېسابسىز يىلقا ۋە قوي پادىلىرى كۆزگە تاشلىناتتى. تورغۇتلارنىڭ ھەر يىلى ياز كۈنلىرى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان نادام بايرىمى ئەنە شۇ يېشىل يايلاق سەھنىسىدە ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ يەرگە ئاشۇ ۋەجىدىن بۇ يىلمۇ نۇرغۇنلىغان ئاق ئۆيلەر تىكلەنگەنىدى.

     

     


    قېنى ئابدۇخالىق ئاكا، ئېيتقانلىرىڭىزدىن بىزمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولساق،- دېدى ئابدۇنىياز كامال،- بۇ يەرلەرنىڭ تارىخىي رىۋايەتلىرىدىن ئازراق سۆزلەپ بەرمەمسىز؟...

    شائىر دىققىتىنى يىغىپ پىسىڭڭىدە بىر كۈلدى-دە، ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ داۋان ئۈستىدىكى چىمەنلىك ئۈستىدە باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن ھېكايىسىنى باشلىدى:

    - يىراق بىر زاماندا سارداۋان ۋە يۇلتۇز يايلاقلىرىنى بىر ئوۋچى ئاقساقال باشقۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى بولۇپ، چوڭ خوتۇنى تۇغماس ئىكەن. كىچىك خوتۇنى بولسا بىر ئوغۇل، بىر قىز تۇغۇپتۇ. بۇنىڭغا ھەسەت قىلغان چوڭ خوتۇنى ھېلىقى ئىككى بالىنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ بېرىپ قايدۇ دەرياسىغا تاشلىۋېتىپتۇ، لېكىن بۇ بالىلارنى بىر ئېيىق دەريادىن سۈزۈۋېلىپ تۇرنىزار ئورمانلىقىدا ئاسراپ چوڭ قىپتۇ، بىر غايىپ ئەۋلىيا ئورمانلىقتا پەيدا بولۇپ ئوغۇل بالىغا چىن تۆمۈر باتۇر، قىز بالىغا تۇرنا  دەپ ئات قويۇپ كېتىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەن چاغدا، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتىسىدىن قالغان بىر ئاق بوز ئات، بىر مىسران قىلىچقا ئىگە بوپتۇ-دە، ئوۋچىلىق كەسپىگە ئىشتىياق باغلاپتۇ، بىر كۈنى ئۇ ئوۋدىن قايتىپ كەلسە يەتتە باشلىق يالماۋۇز سىڭلىسى تۇرنانىڭ قېنىنى شوراۋاتقانىكەن. چىن تۆمۈر باتۇر قەھر-غەزەپ بىلەن يالماۋۇزنىڭ بېشىغا مىسران قىلىچنى چېپىپ ئۇنى يەتتە پارچە قىلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پۇقرالار قايدۇ دەرياسى ساھىلىغا ئەنە شۇ چىن تۆمۈر باتۇرنى سەردار قىلىپ سايلىغانىكەن.

    - بىز ھازىر ئاتلىنىپ شۇ چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ يايلىقىغا بارىمىز. ئۇ يەردە سىز چېلىشىش مۇسابىقىسىگە چۈشىسىز. تەلەي ئوڭدىن كېلىپ قالسا، ئۇ چاغدا تورغۇتلارنىڭ ئاقساقىلى سىزگە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئاق بوز ئېتىنى يادىكار قىلىۋەتسە ئەجەب ئەمەس،- دېدى.

    شائىرنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى ئاجايىپ ھاياجانلاندۇرۇۋەتتى، ئابدۇنىياز بولسا شائىرنىڭ بۇ باھاسىدىن تېخىمۇ سۆيۈنۈپ كەتتى. سەيدۇل بايۋەچچە ئاخىرىدا سۆز قىستۇرۇپ:

    - تەڭرىتاغ ئۈستىدىكى تىلەكلىرىمىزگە تەڭرى يار-يۆلەك بولغۇسى،- دېدى.

     

     


    ئۇلار سارداۋان مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ مەنلىك پاراڭلىرىنى پەيدىنپەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ باراتتى. ھەممەيلەن يەنە شائىرنىڭ كۆزىگە تەلمۈرەتتى. سەيدۇل بايۋەچچە چىمەنلىك ئۈستىگە نان-توقاچلىرىنى ۋە مالچىلار يوللۇق قىلغان پىششىق ئەتلەرنى يايدى. ئۇسسۇزلۇق ئۈچۈن جىلغىدا تولدۇرۇۋالغان بىر قاپاق سۇنى ئوتتۇرىغا تىكلەپ قويدى. ئاندىن ئۇ:

    - مانا بۇ سارداۋان زىياپىتى، سەيلە-ساياھەتنىڭ زىياپىتى مەززىلىك بولىدۇ. قېنى مەرھەمەت...،- دېدى.

    - كۆڭۈل زىياپىتى تېخىمۇ مۇھىم،- دەپ قوشۇپ قويدى ئابدۇنىياز كامال.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل تەقەززاسىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ئازراقلا غىزالىنىپ ئارقىدىنلا يېڭى ھېكايىسىنى باشلىدى:

    - ھاياتلىقتا ئېگىزلىك بىلەن ئۇزۇنلۇق ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم. «ئېگىزنى كۆرەلەيدىغان ئادەم ئۇزۇننى كۆرەلەيدۇ» دېگەن ماقال - تەمسىل دەل ئاتلىق چەۋەندازلارغا ھەمدە ئەقىل-پاراسەت ساھىبلىرىغا قارىتىپ ئېيتىلغان. مەن شەمەي سەپىرىمدە بىر ئوقۇمۇشلۇق زاتنىڭ ئالبۇمىنى كۆرۈپ چىققان. ئۇنىڭدا ساپلا ئارغىماقلارنىڭ ھەيكەل سۈرەتلىرى بار ئىكەن. ئارغىماقلار ئېگىز داۋانلارنى ھەمدە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بويسۇندۇرالىغىنى ئۈچۈن ئاشۇنداق قەدىرلەنگەنىكەن. بۇ خۇددى بۈگۈن بىز ئارغىماقلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن سارداۋاننى بويسۇندۇرۇپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۇلتۇز يايلاقلىرىنى كۆرەلىگىنىمىزگە ئوخشاش...

    شائىر ئالدىدىكى قاپاقتىكى سۇدىن بىر ئوتلىۋالغاندىن كېيىن يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:

    - زامانىمنىزدا ئېگىزلىك بىلەن ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىنىڭ تەلىپى ئىلىم-مەرىپەت، ئەقىل-پاراسەتكە باغلىق. بىلىم-تېخنىكا ئىگىلىگەنلەر ئېگىزنى، ئۇزۇننى كۆرەلەيدۇ. جاھالەت تەرەپدارلىرى، خەلق قېنىنى شورىغۇچىلار ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ. ئۇنداقلارغا چۆچەكلەردىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ مىسران قىلىچى باب كېلىدۇ.

     



    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر سارداۋان ئەتراپىغا يەنە بىر قۇر زەن سېلىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن:

    - قاراڭلار، مۇشۇ داۋاننىڭ تۆت ئەتراپىدا ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر- تۇرغۇتلار، قازاقلار، ئۇيغۇرلار ئىناق، باراۋەر ۋە ھۆر، جەم بولۇپ ياشايدىكەن. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەجەللىك نۇقسىنى مەرىپەت كەمبەغەللىكىدە. مەرىپەتسىز كىشىلەر قارىماققا بەخىرامان ياشىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئاقىۋەتتە جاھالەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئېگىزنىمۇ، ئۇزۇننىمۇ كۆرەلمەيدۇ،- دېدى.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قايناق ھېسسىياتى بىلەن سۆزلەۋېتىپ تورغۇتلارنىڭ نادام بايرىمى ئېسىگە چۈشۈپ قالدى-دە:

    - بۇرادەرلەر سۆزىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولۇپ تۇرسۇن. يەنە ھايال بولساق نادام بايرىمىغا ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز. قېنى ئاتلىنايلى...،- دېدى.

    شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئارغىماقلىرىغا مىنىپ يېڭى مەنزىلگە قاراپ يول ئالدى

     



    سارداۋاندىن غەربكە قاراپ پەسلىگەنسېرى بىپايان يېشىل يايلاقلار كۆزگە تاشلىناتتى. ئېگىز-پەس ئېدىرلىقلارنىڭ قاپتاللىرىدا سان-ساناقسىز چارۋا پادىلىرى توپ-توپ بولۇپ ئەركىن يايلاپ يۈرۈشەتتى. ئېدىرلاردىكى شالاڭ ئۇچرايدىغان قويۇق شاخلىق ئازغانلار ئارىسىدا غورۇلاي ۋە ساي تورغايلىرى تىنىمسىز ئۇچۇپ ئۆزئارا جۈپ ئىزدىشەتتى. يېشىل يايلاق دېڭىزى بىلەن رەڭ تالاشقاندەك بۇلۇتسىز ئاسمان سۈزۈك ۋە كۆپكۆك تۈستە كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلاتتى. بىرقانچە سار ۋە كۆكىنەكلەر كۆكتە لەيلەپ يۈرەتتى. خىل-خىلى بىلەن توپ-توپ بولۇپ يايلاپ يۈرگەن يۇلتۇزنىڭ داڭلىق يىلقىلىرى كىشىنى تېخىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ جەننەت ماكاندا ئەركىن يايلاپ، تۈكلىرى يالتىراپ تۇرغان يىلقا توپلىرىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ، كۆزلىرىنى ئۈزەلمەي ماڭا-ماڭا ئاخىر تورغۇتلارنىڭ چېدىر بارگاھلىرىغا يېقىنلىشىپ قېلىشقانلىرىنى سەزمەي قېلىشتى.

    نادام سەيلىسى تۈپەيلىدىن بۇ پايانسىز تۈز ۋە كەڭ يايلاق ئۈستىگە تىكىلگەن يۈزلىگەن ئاق ۋە يېشىل چىدىرلار قەد كۆتۈرگەنىدى. دۇپدۇمىلاق ئاق چېدىرلار قۇياشقا، يېشىل چېدىرلار بولسا كۆك ئاسمانغا سېيما ئىدى. بەزى چېدىرلارنىڭ ئۆگزىسىدە خىلمۇ-خىل كەشتىلەنگەن كىچىك تۇغ، بەزىلىرىدە بولسا ئات بېشى كەشتىلەنگەن كۆركەم پلاكاتلار لەپىلدەپ تۇراتتى. ئوتتۇرىدىكى ياسىداق چوڭ چېدىر تورغۇتلارنىڭ پىر كامىلى باشىخان ھەزرەت ئۈچۈن ياسالغانىدى. بۇ پىركامىل بىلەن تونۇشلۇقى بولغان سەيدۇل بايۋەچچە ھەمراھلىرىنى ئۇدۇل ئاشۇ ھەزرەتنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى-دە، سالام-تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ:

    - بىز جانابىي پىر كامىلنى زىيارەت قىلىشقا، جانابىي ھەزرەتتىن تەلىم ئېلىشقا ھەمدە نادام سەيلىسىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا...،- دېدى.

    سەيدۇل بايۋەچچە سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بولغۇچە باشىخان پىر كامىل ئورنىدىن تۇرۇپ سەيدۇل بايۋەچچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆرۈشۈپ:

    - بولدى، بولدى سۆزلىمە، جەڭگى، مەن چۈشەندىم، كەلگىنىڭلار ياخشى بوپتۇ. ئاۋۋال يۈز-كۆزۈڭلارنى يۇيۇۋېلىڭلار، ئاندىن گۆش يەپ، قىمىز ئىچىڭلار، غىزالانغاچ تېخىمۇ ياخشى پاراڭلىشىمىز،- دېدى.

    ھايت-ھۇيت دېگۈچە داستىخان راسلاندى. گۆش، قىمىز كەلتۈرۈلدى. بىر مۇلازىم قىز ھېجىر قاچىلارغا قىمىز قۇيۇپ مېھمانلارغا بىر باشتىن قاتارى سۇنۇشقا باشلىدى.

     



    باشىخان ياش قورامى ئاتمىش ياشلارغا چاپچىغان، ئوتتۇرا بوي، كەڭ قاپاق، سېرىق چىراي كەلگەن مويسىپىت كىشى ئىدى. ئۇ بۇرۇن سەيدۇل بايۋەچچىنىڭ ئاتىسى قادىر جەڭگى  بىلەن ئۇلپەتلىشىپ ئۆتكەن. ئۇ ھازىر ساھىبخانا سالاھىيىتى بىلەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا باشلىغانىدى:

    - تورغۇتلارنىڭ كۆز نۇرىمىز،- دېدى ئۇ سەيدۇل بايۋەچچىگە قارىتىپ،- ئۆتكۈرلۈكتە بۈركۈتنىڭ كۆزىدىن قېلىشمايدۇ. قارىمامسەن، سېنى بىر قاراپلا تونۇۋالغىنىمنى، ئاتاك قادىر جەڭگى سېنى ئەگەشتۈرۈپ يايلاققا بىرنەچچە قېتىم كەلگەن. مەن سېنى شۇ چاغدا كۆرگەن. بۇ دورەم ھەمراھلىرىڭنى باشلاپ كەلگىنىڭ ئۈچۈن بەك خۇشال بولدۇم. بىز سىلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك كۈتۈۋالىمىز.

    ئارقىدىن سەيدۇل بايۋەچچە ھەمراھلىرىنى نام-شەرىپى بىلەن قوشۇپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ئات بەيگىسى، چېلىش مۇسابىقىلىرىگە چۈشۈش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. پىركامىل جاۋابەن دېدى:

    - ئەپسۇس بۇ مۇسابىقىلەر تۈنۈگۈنلا ئاياغلاشقانىدى. بەختىڭلارغا يارىشا تېخى نادام پائالىيەتلىرىمىز ئاخىرلاشقىنى يوق. مەن ئەتىگەنلىككە بىر قېتىملىق چېلىش ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىلەرنى رازى قىلاي. چېلىش بىرلا قېتىم بولىدۇ. سىلەردىن بىر كىشى، بىزدىن بىر كىشى مەيدانغا چۈشسۇن. يەڭگۈچىلەر بىر ئېگەرلىك ئاق بوز ئات تارتۇق قىلىنىدۇ. قېنى مۇشۇنداق قىلساق بولامدۇ؟

    پىركامىلنىڭ بۇ مەردلىكىگە ھەممەيلەن تەڭلا تەشەككۈر بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇ مەردلىكىدىن، بولۇپمۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر زىيادە سۆيۈنۈپ كەتتى.

     

     


    كۈن تېخى بالدۇر ئىدى. بۇ ئىش ئەنە شۇنداق تېز ھەم كۆڭۈللۈك بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان شائىر دىققىتىنى يەنە بىر نۇقتىغا يۆتكىدى. ئۇ پىركامىلنىڭ ئۇيغۇرچە تىل - زۇۋانىنىڭ راۋانلىقىدىن ھەيران بولاتتى ھەمدە ئورۇن بېشىدا خەنزۇچە دەرسلىك كىتاب ۋە دىنىي دەستۇرلەرنىڭ تۇرغانلىقىدىن زوقلىناتتى. شائىرنىڭ بۇ روھىي ھالىتىنى چېچەن پىركامىل دەررۇ سېزىۋالدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆمۈر تارىخىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ شۇنىڭغا ئۇلاپ ئۆزىنىڭ خەنزۇچە مەكتەپتە تىل-يېزىق ئۆگەنگەن تارىخىنى سۆزلەپ بەردى. چېدىر ئىچىدىكى سۆھبەت كەيپىياتى بىردىنلا ئىلىم-مەرىپەت تېمىسىغا بۇرۇلۇپ ھېكمەت قۇياشى چاقناشقا باشلىدى. پىركامىل ئورنىدىن تۇرۇپ بىر پارچە خەنزۇچە دەرسلىك كىتابنى ئەكېلىپ شائىرغا سۇنۇپ:

    - قېنى ئەمىسە بۇ كىتابنى كۆرۈپ بېقىڭ...،- دېدى.



    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەدەپ-ئىكرام بىلەن كىتابنى قولىغا ئالدى-دە، ھېكمەت ۋە ئىبرەت جەۋھەرلىرىدىن ھاسىل بولغان بۇ دەستۇردىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قالدى.

    بىر مەھەلدىن كېيىن پىركامىلنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم بىلەن قاراپ:

    - يۇلتۇز يۇرتىدا سىلىدەك بىر چولپاننىڭ نۇر چېچىپ تۇرغانلىقىغا قايىلمەن. نادام بايرىمىدىن كېيىن جانابىلىرىنىڭ ھۇزۇرىدا قېلىپ ۋە قاراشەھەرگىچە ئايلىنىپ بىر مەزگىل تىل ۋە تارىخ ئۆگىنىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتىمەن...،- دېدى.

    شائىرنىڭ بۇ تىلىكىگە باشىخان دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ:

    - بۇ ئىستىكىڭىزنى قوللايمەن. ئىستەك، نىيەت ۋە ئىجتىھات بولسىلا ھەرقانداق ئېگىز داۋاندىن ھالقىپ كەتكىلى بولىدۇ، سىزگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىمىز،- دېدى.

    قىزغىن دوستلۇق ھاۋاسى بىلەن تولغان چېدىر سۆھبىتىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمىگەنىدى. ئېغىر ياتقۇ ۋاقتى يېقىنلىشىپ، تۈن پەرىشتىلىرى ئۇخلاپ ئارام ئېلىشقا بېشارەت قىلاتتى. مېھمانلار پىركامىل چېدىرىدا ئۇيقۇدىن راھەتلەنگەنىدى. ئابدۇنىياز كامال ئەتىگەنلىككە بولىدىغان چېلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ خېلى بىر چاغدىن كېيىن كۆز يۇمدى.

     



    ئەتىسى قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، زەر نۇرلىرىنى يۇلتۇز يايلىقىغا تەكشى سېپىشكە باشلىغانىدى. بۈگۈن بولىدىغان چېلىشىش خەۋىرى تۈنۈگۈن ئاخشاملا ئاللىقاچان ھەممە چېدىرلارغا تارقالغانىدى. تۇرغۇت ئوغۇل-قىزلىرى ئىككىدىن-ئۈچتىن بولۇپ، چوڭ چېدىر ئالدىدىكى كەڭ يېشىل سەيناغا قاراپ كېلىشمەكتە ئىدى.

    پىركامىل مۇلازىملىرىغا بۇيرۇپ مېھمانلىرىغا ئەتىگەنلىك چاي تەييارلىدى. بىراق ئابدۇنىياز كامال كۆرۈنمەيتتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن سەيدۇل بايۋەچچە تىت-تىت بولۇشقا باشلىدى. ئۇلار چېدىردىن چىقىپ ئىزلەشكە كىرىشتى. لېكىن، ئۇ يەنىلا يوق ئىدى.

    - ئەستاغپۇرۇللا، ئۇ بۈگۈن بىزنى لەت قىلامدۇ، نېمە؟- دەپ ۋايسايتتى سەيدۇل بايۋەچچە.

    ئارىدىن بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايدۇ دەرياسى تەرەپتىن ئابدۇنىياز كامال يېتىپ كەلدى ۋە چېدىر ئىچىدە تەييارلاپ قويۇلغان ناشتىغا ھەمراھلىرى بىلەن بىللە داخىل بولدى.

    - ئەتىگەندە نەلەرگە بېرىپ يۈرىسىز، ئۇكا؟- دېدى سەيدۇل بايۋەچچە تەنە ئارىلاش زەردە بىلەن،- بىز تېخى سىزنى چېلىشىشتىن قورقۇپ توقسۇنغا قاراپ غىپپىدە تىكىۋەتتىمىكىن، دەپ بىئارام بولۇپ تۇرغانىدۇق.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئابدۇنىياز قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە جاۋابەن:

    - ھەزرىتى پىركامىلنىڭ تارتۇققا ئاتىغان ئارغىمىقىنى مىنمەي تۇرۇپ توقسۇنغا قانداقسىغا كېتىمىز، ئاكا،- دېدى.

    ئابدۇنىياز كامالنىڭ بۇ يۇمۇرلۇق چاقچىقى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى. ئارقىدىن ئۇ: «دەريا بويىغا چۈمۈلگىلى بېرىپ ھايال بولۇپ قالغانلىقى»نى ئېيتىپ، كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورىدى.

    ناشتىلىق چاي ئاخىرلىشىپ ئارىدىن بىرمەھەل ئۆتكەندىن كېيىن چېلىشىش رەسمىي باشلاندى. بۇ بىر قېتىملىق ئەركىن چېلىشىش ئىدى.

     



    ئابدۇنىياز بىلەن تۇتۇشۇۋاتقان يىگىت بۇ يىلقى نادام بايرىمىدا چېلىشىشتا يۇلتۇز بويىچە ھەممىنى يىقىتقان سىرچە ئاتلىق تورغۇت پالۋىنى ئىدى. ئىككى پالۋان قارىماققا تەڭ سىرجە ئاتلىق تورغۇت پالۋىنى ئىدى. ئىككى پالۋان قارىماققا تەڭ دېمەكتلىكتەك تۇراتتى. بىراق، سىرجە گۆشلۈك، پۇت-قوللىرى قىسقا، يوغان گەدەنلىك قىياپىتى بىلەن رەقىبىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى.

    ئۇلار تۇتۇشۇپ ئارىدىن خېلى بىرمەھەل ئۆتكەندىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال قارشى تەرەپنىڭ بېلىنى قويۇۋېتىپ، «ياپىرىم!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە بېرىپ سىرجەنىڭ بېلىنى يەنە قاماللىدى. ئۇنىڭ بوينىدىكى تاش تۇماردىن بىر يېشىل نۇر ئېتىلىپ چىقىپ قاياققىدۇر غايىب بولدى. ئۇ شۇئان سىرجەنى كۆتۈرۈپ بېشىدا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. سىرچە يېڭىلگىنىگە تەن ئالدى. ئابدۇنىياز كامال ئۇنى يەرگە دەسسىتىپ تىك تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قول بېرىشىپ كۆرۈشتى ۋە يۇلتۇزلۇقلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ باتۇرلۇقىنى تەبرىكلەشتى.

     



    ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، پىركامىل تارتۇق ئۈچۈن ئالدىن تەييارلاپ قويغان قۇش بېشى ئېگەرلىك ئاق بوز ئارغىماقنى بىر غۇلام يىگىت چېلىش مەيدانىغا يېتىلەپ كىردى-دە، ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى پىركامىل چۇلۋۇرنى ئابدۇنىياز كامالغا تۇتقۇزۇپ تۇتۇپ:

    - يۇلتۇزنىڭ بۇ دۇلدۇلنى سىزگە يادىكار قىلىش ئارقىلىق سىزنىڭ غەلىبىڭىزنى تەبرىكلەيمىز،- دېدى.

    ئارقىدىن ئۇ كۆپچىلىككە مۇراجىئەت قىلىپ:

    - بۇ پالۋاننىڭ ئاتا كەسپى تېرىچىكەن. ھەر بىرىڭلار مۇشۇ بايرامدا سويغان كالا - قويلىرىڭلارنىڭ تېرىسىنى سوۋغا قىلىڭلار، پالۋان مىنىپ كەلگەن ئات قۇرۇق كەتمىسۇن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەر توقسۇنغا بېرىپ قالساڭلار، ئەلۋەتتە، سىلەرمۇ قۇرۇق قايتمايسىلەر،- دېدى.

    پىركامىلنىڭ بۇ يۇمۇرلۇق سۆزى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.