ھازىرقى بالىلار كارامەت (05)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-06 09:55:03

تىرىشقان تاپىدۇساۋاقدىشىم ئەخمەت:ماڭا ئۆتكەنكى خېتىڭدەك يەنە ئۇزۇن-ئۇزۇن خەتلەرنى يازغىن، بولامدۇ؟ ئۇزۇن دېسەم باشقىچە ئويلاپ قالما، خېتىڭنى بىر نەپەستە ئوقۇپ چىقتىم، سىنىپىمىزدىكى بىر-ئىككى...



     

     
    تىرىشقان تاپىدۇ
     
     
    ساۋاقدىشىم ئەخمەت:
     
    ماڭا ئۆتكەنكى خېتىڭدەك يەنە ئۇزۇن-ئۇزۇن خەتلەرنى يازغىن، بولامدۇ؟ ئۇزۇن دېسەم باشقىچە ئويلاپ قالما، خېتىڭنى بىر نەپەستە ئوقۇپ چىقتىم، سىنىپىمىزدىكى بىر-ئىككى ساۋاقدىشىمغىمۇ ئوقۇپ بەردىم. ئۇلار شۇنداق كۈلۈشتىكى...
     
    بۇ يەردە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، تېخى بىنانىڭ باغچىسىدا ئوينىيالمىدۇق. مەكتەپتىن كېلىپلا دەرس تەكرارلايمەن، ئاپامغىمۇ ياردەملىشىمەن. ھەدەمنىڭ ئۆي ئىشلىرى بىلەن خوشى يوق، ئەتراپتىكى ئىشلار بىلەن كارى يوق، پەقەت ئاشخانىغا كىرىۋېلىپ پىرەنىك، تورت دېگەنلەرنى پىشۇرۇشنىلا بىلىدۇ، ھەدەم ئاشخانىغا بىر كىرىپ كەتتىمۇ، ئاپام بىر ھەپتىگىچە ھېچ نەرسىنىڭ قويغان يېرىدە تۇرمايدىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ.
     
    ھەدەمنىڭ ئاقلىق چېيى ئىچۈرۈلۈش ئالدىدا، تۇراتتى، كېيىن يېنىشىپ كەتتى. يېقىندىن بۇيان بىزنىڭ ئۆيدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە مۇشۇ بولۇپ قالدى. ئاقلىق چاينىڭ بۇزۇلۇشى ئىنىم مەتىننىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن بولدى.
     
    كېچىلىرى يا دادامنىڭ ساۋاقداشلىرى بولغان قوشنىلىرىمىز بىزنىڭ ئۆيگە كىرىدۇ ياكى بىز ئۇلارنىڭكىگە چىقىمىز. ھەر ھەپتىدە كەم بولغاندا ئىككى قېتىم مۇشۇنداق بولىدۇ تۆت ساۋاقداش بىر يەرگە جەم بولغاندا، كۆپىنچە زەينەل بەگ توغرۇلۇق گەپ بولىدۇ. ئۇلار توختىماي زەينەل بەگدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. زەينەل بەگ دادام بىلەن ساۋاقداشلىرى ئىشلەيدىغان كارخانىنىڭ خوجايىنى ئىكەن.
     
    ئاپام پات-پات: «بۇ زەينەل بەگدىن ئەجەبمۇ زېرىكتىم، سىلەر قىلىشىدىغان بونىڭدىن  باشقا گەپ يوقمۇ؟» دەيدۇ. لېكىن بىر ئازدىن كېيىن يەنە ئايلىنىپ شۇ گەپكە كېلىشىدۇ. زەينەل بەگنىڭ بىر قانچە كارخانىسى بار ئىكەن. ئۇ ناھايىتى باي ئىكەن، يەنە كۈندىن-كۈنىگە بېيىپ كېتىۋاتقۇدەك. بۇ زەينەل بەگ ئەسلىدە شۇنداق دۆت ئادەم ئىكەنكى، باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ ئاران پۈتتۈرگەنكەن.
     
    دادمنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن بىرى بۇ زەينەل بەگنىڭ يۇرتدىشى بولۇپ، ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «ئۇ بىزدىن ئون ياش چوڭ ئىدى، ئۇ ئۈچىنچى سىنىپنا ئوقۇۋاتقاندا، مەن مەكتەپكە يېڭى كىرگەن. دېمەك، ئۇ ئوقۇغىلى قانچە يىل بوپتۇ... مەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندە، ئۇ تېخىچى تۆتىنچى سىنىپتا ئىدى. زەينەلنىڭ دادىسىغا دوستلىرى: "سېنىڭ ئوغلۇڭ مۇدىر بولىدۇ..." دەپ مەسخىرە قىلىشاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا بۇرۇتلىرى خەت تارتقانىدى.
     
    بىر كۈنى، ئۇ سىنىپقا مۇپەتتىش كىرىپ، زەينەلنى مۇئەللىم، مۇئەللىمنى ئوقۇغۇچى دەپ ئويلاپ، مۇئەللىمگە:
    «ئوغلۇم، پارتاڭدا ئولتۇرساڭچۇ!» دەپتىكەن.
     
    ئۇ توغرۇلۇق داداممۇ ھەر دائىم:«ھازىر ئۇنى باشقىچە بولۇپ كەتتى دەمسەن، ھازىر ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر...» دەيدۇ.
     
    ئاڭلىساڭ، بۇ زەينەل بەگ ھەققىدە ئۇلار يەنە نېمىلەرنى دېيىشىدۇ دېمەمسەن:«مەملىكىتىمىز بىر ئەسىردە يېتىشتۈرگەن ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان كالۋالاردىن...»، «جاھاندا تەڭدىشى يوق گالۋاڭلار چىمپىيۇنى...» ۋەھاكازالار.
     
    زەينەلنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا:«سېنىڭ ئوقۇپ ئادەم بولۇشۇڭ يوق گەپ، ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ يېنىمدا ئىشلەپ تىجارەتكە كىرىشكىن» دەيدىكەن.
     
    شۇنداق قىلىپ، زەينەل تىجارەتكە كىرىشىپ كىتىپتىكەن، قايتا ئۇنى تىجارەتتىن قول ئۈزدۈرەلمەپتۇ. ئۇ ناھايىتى باي بوپتۇ. دېمەكچى، ئۇ ناھايىتى ھۇرۇن، بىكار تەلەپ ئادەم ئىكەن. لېكىن، چوڭ بىر ھۈنىرى بار ئىكەن، يەنە ئادەم ئىشلىتىشكە ئۇستا ئىكەن. كارخانىلىرىدا، شىركەتلەردە نۇرغۇن قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسلىرى،ئىنژىنېرلار، ئادۋۇكاتلار، دوختۇرلار ۋە باشقىلار ئىشلەيدىكەن.
     
    پات-پات:«بىز ئوقۇدۇق، ئىشلىدۇق دەپ نەگە يەتتۇق... مانا زەينەل بەگنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمىز» دەپ ئاغرىناتتى.
    زەينەل بەگنىڭ بىلىمسىزلىكى ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەر بار ئىدى. بىر كۈنى زەينەل بەگ مۇدىرلىرىدىن بىرىنى ۋە كاتىپىنى ئېلىپ فەلېمەنگە (*) بېرىپ، ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قاپتۇ. كېيىن ئۇ يېنىدىكى مۇدىرغا:«فەلىمەن ناھايىتى ياخشى يەر ئىكەن. بۇ يەر ماڭا يارىدى. راست ماختىغۇچىلىكى بار ئىكەن، ئەمدى گوللاندىيىگە بىر بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى...» دەپتۇ.
     
    بىر ساياھىتىدە، ئۇ بارغان يېرىنىڭ لەخستان(**) ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ھاڭ-تاڭ بوپتۇ. «ۋاي خۇدايىمەي، مەن بۇ يەرگە پولشا دەپ كەلگەنىدىم، خاتا كەپقاپتۇق. ئەمدى بېرىپ پولشانى كۆرەيلى» دەپتۇ ئۇ.
     
    بىر كۈنى كەچتە، داداملار بىزنىڭ ئۆيدە زەينەل بەگنىڭ بىلىمسىزلىكىنى مەسخىرە قىلىشقانىدى، بىردىن مەتىن سۆزگەئارلاشتى:
    - بۇنچىۋالا بىلىمسىز، تەجرىبىسىز، ھورۇن تۇرۇپ قانداق باي بوپتۇ ئەمىسە؟
    - چوڭلار گەپ قىلىۋاتقاندا بالىلار قوشۇق سالسا بولمايدۇ!- دەپ مەتىننى جىم قىلدى ئاپام.
    دادام ئىزاھات بېرىشكە توغرا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك:
    -سېنىڭ تېخى بۇنىڭغا ئەقلىڭ يەتمەيدۇ،- دېدى.
     
    ھەدەم مانا مۇشۇ زەينەل بەگنىڭ ئوغلىغا چاي ئىچۈرۈلمەكچى ئىدى.
    سەن ھەدەمنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ئۇ ماڭا ئوخشايدۇ، مەندىن چىرايلىق.
     
    ئۆيدە چاي ئىچۈرۈشتىن زادى سۆز ئېچىشمىدى، ھەدەممۇ بىزگە بىر نەرسە دېمىدى. لېكىن، بىز دېيىلگەن گەپ-سۆزلەردىن چۈشەنگەندۇق. ئۆيدىكى پەۋقۇلئاددە كەيپىياتتىن بۇنى ئالدى بىلەن چۈشەنگەن مەتىن ئىدى. ئاپام بىر ئىش قىلغاندا ناخشا ئېيتقاچ قىلاتتى، ھەدەم خۇشاللىقىنى يوشۇرۇشقا تىرىشاتتى، لېكىن ھەركەتلىرىدىن چېنىپ قالاتتى. بىر كۈنى مەتىن ماڭا:
    - بىلەمسەن، ھەدەمگە چاي ئىچۈرىدىكەن... دېدى.
    - ياخشى گەپقۇ...- دېدىم مەنمۇ.
    - لېكىن، كىملىكىنى بىلەمسەن؟
    - ھە راست، كىم ئىكەن؟- دەپ سورىدىم بىلمەسكە سېلىپ.
    - زەينەل بەگنىڭ ئوغلىغا.
    ئۈنۇمنى چىقارمىسام، ئۇ قېيدىدى:
    -ئاڭلىمامسەن، زەينەل بەگنىڭ ئوغلىغا چاي ئىچۈرىدىكەن دەۋاتىمەن.
    - ئىچۈرسە نېمە بوپتۇ؟ نېمىشقا قېيدايسەن؟
    - ھىم... دېمەك سەنمۇ ئۇلار تەرەپ ئىكەنسەن-دە؟
    -بۇ ئىش بىلەن مېنىڭ چاتىقىم يوق.
    مەتىن ئۆيدە كۆپىنچە مەن بىلەن چىقىشاتتى. ھازىر ئۇنىڭ تەرسالىقى تۇتتى:
    - نېمىشقا چاتىقىڭ يوق؟ مەن خالىمايمەن. ئۇنداق نەرسە بولمايدۇ!- دەپ ۋارقىرىدى ئۇ. تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ، ئۈنۈمنى چىقارمىدىم، ئۇ مۇنداق قوشۇمچە قىلدى:
    - زەينەل  بەگنى ئۇلار داۋاملىق:«ئېشەكنىڭ ئۆزى، ھايۋان دېسىمۇ بولىدۇ» دېيىشىۋاتاتتىغۇ؟ ئەمدى ھەدەمنى ئېشەكنىڭ ئۆزى دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلىغا بېرەمدىكەن؟
    - دادىسى ئۇنداق بولسا ، ئوغلىمۇ شۇنداق بولاتتىمۇ؟
    - ھە... ئوغلىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەمسەن؟ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرەلمەپتىكەن، دادىسى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، پۇلنىڭ كۈچى بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنى ئاران دېگەندە پۈتتۈرگۈۋاپتۇ. ئاندىن كېيىن دادىسى:«بولدى، ئوغلۇم، ئەمدى ئوقۇما، ئەقلىڭ قالايمىقانلىشىپ، ئىشقا يارىماس بولۇپ قالىسەن» دەپتۇ. يالغانمۇ؟ دادام بىلەن دوستلىرى شۇنداق دېيىشمىگەنمۇ؟
    - بۇلارنى ئاپام بىلىم قالمىسۇن، مەتىن، چوڭلار بىزدىن ياخشىراق ئويلىشىدۇ،- دېدىم مەن.
    مەتىن ھەم خاپا ھەم نارازى بولغان تەلەپپۇزدا:
    - بىلىمەن، سەن زادى شۇلار تەرەپ... دادامغىمۇ ئاچچىقىم كېلىۋاتىدۇ،- دېدى. 
    - نېمىشقا؟
    - نېمىشقا دەيسەنغۇ! ئۇ ئاشۇ زەينەل بەگگە قىلغان ۋەدىسىدىن ۋاز كەچمەيدۇيۇ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدۇ... مۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟
     
    مەتىن يېنىمدىن كەتتى. ئۇنىڭ يىغلىغانلىقىنى مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ كەتكەنلىكى ئېنىق ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئاخىرىقى سۆزىنى قىلغاندا ئاۋازى تىترەپ چىققانىدى. شۇ كۈندىن كېيىن مەتىن بوي بەرمەيدىغان، شوخ، ناھايىتى تەرسا بىر بالا بولدى. مەكتەپتىن شىكايەتلەر كېلىشكە باشلىدى.«شوخلۇق قىلىدۇ، دەرسلەرگە تىرىشمايدۇ» دەپ، مۇئەللىمدىن خەتلەر كەينى-كەينىدىن كەلگىلى تۇردى. دادام ئەندىشىگە چۈشۈپ كۆپ نەسىھەت قىلدى، ھەتتا بىر قېتىم ئۇردى، لېكىن ھېچقايسىسى كار قىلمىدى. ئۇ مەكتەپتىن قاچىدىغان بولۇپ قالدى. ئاپام ئەتىگەندە ئۇنى مەكتەپكە ئۆزى ئاپىرىپ قويسىمۇ، كەينىدىن يەنە قېچىپ كېلەتتى. دادام ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىقچە سۆزلەشسىمۇ، بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي، دومسىيىپ تۇرۇۋېلىپ، گەپ قىلغىلى ئۇنىمايتتى.
     
    بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلماقچى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى بىلمەكچى بولدۇم. ئۇ ماڭا چوڭ بالىلاردەك مۇئامىلە قىلىپ:
    - بۇ ئىشلارغا سېنىڭ ئەقلىڭ يەتمەيدۇ!- دېدى.
     
    مەتىننىڭ بۇ تەرسالىقلىرى تۈپەيلىدىن ئالىلىمىزنىڭ پەركايى ئۇچتى، ئاپام پات-پات يىغلايتتى، دادامنىڭ چىرايى ھەمىشە خاپا ئىدى.
     
    بىر كۈنى، قاراڭغۇ چۈشكەندىمۇ مەتىن ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەنىدى، ھەممىمىز كوچىلارغا چىقىپ ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدۇق. ئۇ بارىدىغان ھەممە يەرگە باردۇق، يوق. ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە دادامنىڭ دوستلىرىمۇ ئەنسىرەپ كىرىشتى. ئاپام يىغلاۋاتاتتى. مەتىننى قەيەردىن تاپقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ تۇرۇشىمىزغا، ئىشىك غوڭغۇرىقى چېلىندى، ھەممەيلەن دەرھال ئىشىككە يۈگۈردۇق، مەتىن كەلگەنىدى.
     
    ئۆيدە كەيپىيات ئىنتايىن جىددى ئىدى، لېكىن مەتىننىڭ دادامدىن قورقىدىغان ئەلپازى يوق ئىدى.
     
    دادامنىڭ دوستلىرى بۇرۇن دادامغا:«بالىنى ئەيىبلەشتىن ھەزەر ئەيلە» دېگەچكە، داداممۇ ئۈندىمىدى ۋە ھېچ ئىش بولمىغاندەك مۇئامىلە قىلدى.
     
    بىر ئازدىن كېيىن دادام مەتىننى ئالدىغا چاقىرىپ، يېقىملىق ئاۋاز بىلەن نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى:
    -ئوغلۇم، مەكتەپتە ئوقۇمايدىغان، دەرسلەردە تىرىشمايدىغان بالا ئادەم بولمايدۇ. كىشى قانچە كۆپ تىرىشسا، شۇنچە كۆپ تاپىدۇ، كەلگۈسىدە راھەت تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كىچىك ۋاقتىڭدا كۆپ تىرىشساڭ، چوڭ بولغاندا راھەت ياشايسەن...
     
    بۇلار دادامنىڭ ھەر قېتىم قىلىدىغان نەسىھىتى ئىدى. دادامنىڭ دوستلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىشتى:
    -ھاياتلىقتا تىرىشقان تاپىدۇ، ئوغلۇم...
    -مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولى تىرىشىش، يەنە تىرىشىشتا...
    بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، خاپا چىراي، بۇتناپ تۇرغان مەتىن بىردىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:
    - تىرىشقان قانچىلىك تاپىدۇ؟- دەپ سورىدى.
    - قانچە كۆپ تىرىشسا شۇنچە كۆپ تاپىدۇ.
    -كۆپ تىرىشقانلار زەينەل بەگچىلىك تاپامدۇ؟
    مەتىننىڭ بۇ سوئالى بىلەن بىر ھازا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقى چۈشىنىشلىك ئىدى. دادام ئاۋازىنى سىلىقلاشتۇرۇپ:
    - بىزمۇ ئۆز ۋاقتىدا بالا ئىدۇق،- بىزمۇ بالىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. لېكىن، بىز بالا ۋاقتىتلىرىمىزدا...
    مەتىن دادانىڭ سۆزىنى بۆلۈپ:
    - تىرىشمايدىغان تېخىمۇ كۆپ تاپىدۇ.- دېدى.
    -داداڭ يالغان دەۋاتامدۇ؟- دەپ ئاۋازىنى كۆتۈردى دادام. مەتىن يىغلاشقا باشلىدى، سۆزلىرىنى ئۆكسۈشكە ئارلاشتۇرۇپ:
    - توغرا ئېيتىسەن،- دېدى،- ھەر كۈنى كېچىدە زەينەل بەگنىڭ ھۇرۇن، قاپاقباش، بىلىمسىز بىر كالۋا ئىكەنلىكىنى دەيدىغان سىلەر ئەمەسمىدىڭلار؟ ئۇنىڭ زاۋۇتلىرى بار، شىركەتلىرى بار، كارخانىلىرى بار، ماگزىنلىرى بار، ماشىنلىرى بار، بىنالىرى بار... ئوغلىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇماپتۇ...- ئۇ بىر ياقتىن يىغلاپ، بىر ياقىدىن چىگىشلەشكەن ئاۋازى بىلەن ۋارقىرايتتى،- مەن ئەمدى مەكتەپكە بارمايمەن. مەن زەينەل بەگدىنمۇ باي بولىمەن، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەم ئىشلىتىمەن. تىرىشچان، بىلىملىك كىشىلەرنى ئىشقا ئالىمەن...
     
    مەتىن ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتكەچكە، سۆزلىرىنىڭ ئاخىرى ئۇ يەردىن ئاڭلىناتتى. كۆزلىرى نەملەشكەن دادام ئۇنىڭغا:
    - ماقۇل، ئوغلۇم، نېمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىل... ئوقۇشنى خالىمىساڭ، مەكتەپكە بارماي قوي!- دېدى.
    ئاندىن دوستلىرىغا ئاستاغىنە:
    -ئۇنىڭ بىلەن تىركەشمەيلى،- دېدى.
    ئاپام مەتىننى ھۇجرىسىدىن ئاچىقىپ يۈزىنى يۇغىلى ئېلىپ ماڭغاندا، دادامنىڭ بىر دوستى:
    گۇناھ بىزدە،- دېدى،- بىز بالىلارنىڭ يېنىدا ھەممە گەپنى قىلىپ خاتا قىلغان. ئۇلارنىڭ يېنىدا ھەر قانداق گەپنى قىلغىلى بولمايدۇ،- دېدى.
    بۇ كىشىنىڭ خوتۇنى ئېرىگە كۆز ئىشارىسى قىلىپ مېنى كۆرسەتتى.
    دادامنىڭ يەنە بىر دوستى:
    - ئېھتىمال بالا راست ئېيتىدىغاندۇ،- دېدى،- بىز شۇنچە يىل ئوقۇپ ئاخىردا نېمە بولدۇق!... مانا زەينەل بەگنىڭ قولىدا ئىشلەۋاتىمىزغۇ...
     
    ئاپاممۇ، داداممۇ مەتىننىڭ بۇ تەرسالىقىنىڭ ھەدەمنى زەينەل بەگنىڭ ئوغلىغا چاي ئىچۈرۈشكە ۋەدە قىلىغانلىقتىن بولغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن چاي ئىچۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان ۋەدىدىن يېنىۋېلىپ، ھەدەمنى بىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ ھازىر ئىشلەۋاتىدۇ، ئۆيدە مۈگىدەپ ئولتۇرۇشتىن زېرىككەنىدى. دېمەك، بۇ چاي ئىچۈرۈشكە ئۇمۇ ئانچە قىزىقمايتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ئەركىن ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىمەن.
     
    مەتىن ئىچ- باغرىدىكىنى تۆكۈپ بوشاتقان كېچىنىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە يەنە بۇرۇنقىدەك مەكتىپىگە بېرىشقا باشلىدى. ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ چىقىشقاق بالا بولدى. چۈنكى، ئۇ چاي ئىچۈرۈلمەيدىغان بولغىنىغا ئۆزىنى سەۋەبكار دەپ قارايتتى. ئۇ دەرسلىرىگە بۇرۇنقىدىنمۇ تىرىشىدىغان بولدى، ئۆيدە ھەممەيلەن بىلەن ياراشتى، لېكىن قانداقتۇر مەن بىلەن ئانچە ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭكىنى راست دەپ بەرمىگەنلىكىمگە ئاچچىقى بولسا كېرەك، ئۇ مەندىن خاپا ئىدى. ھالبۇكى مەنمۇ ئۇنىڭ تەرەپدارى ئىدىم. بىراق ئۇنىڭدەك قىلالمايتتىم- دە... ئۇنىڭ خاپىلىقىنى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ دەپ قارىمايمەن. بۇ خېتىمنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن يازدىم. ئۇيقۇم كەلدى، ئەمدى ياتىمەن. ئەتە يەكشەنبە، ئاپام مەتىن ئىككىمىزنى بالىلار تىياتىرخانىسىغا ئېلىپ بارماقچى. 
     
    ئۇ يەردىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۇنتۇمىدىم. ھەممىڭلارنى كۆپ سېغىندىم. بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرىمىزگە قاراپ سىلەرنى ئەسلەيمەن. ھەممىڭلارغا چىن قەلبىمدىن سالام يوللايمەن، ساڭىمۇ زور مۇۋەپپىقيەتلەر تىلەيمەن.
     
     
    ساۋاقدىشىڭ: زەينەپ يالقىر
    1963- يىلى26- دېكابىر، ئەنقەرە
     
    -------------
    * فەلېمەن: گوللاندىيە
    ** لەخىستان:  پولشا
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.