ھازىرقى بالىلار كارامەت (03)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-25 01:49:26

ھەممە ئاتىلار بىرىنچىقەدىرلىك ساۋاقدىشىم ئەخمەت:جاۋاب خېتىڭ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ماڭا ھەمىشە مۇشۇنداق ئۇزۇن خەتلەرنى يازغىن. مەنمۇ ساڭا بۇ يەردىكى ئىشلارنى ئۇزۇن-ئۇزۇن يازىمەن. خېتىڭنى ...



     

    ھەممە ئاتىلار بىرىنچى
     
     
    قەدىرلىك ساۋاقدىشىم ئەخمەت:
     
    جاۋاب خېتىڭ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ماڭا ھەمىشە مۇشۇنداق ئۇزۇن خەتلەرنى يازغىن. مەنمۇ ساڭا بۇ يەردىكى ئىشلارنى ئۇزۇن-ئۇزۇن يازىمەن. خېتىڭنى ئوقۇغىنىمدا، سېنى مۇپەتتىشنىڭ ئالدىدا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ شۇنداق كۈلدۈمكى...
     
    ئەمدى ساڭا بۇ يەردىكى ئەھۋالنى يازاي: بىز تۆت قەۋەتلىك بىر بىنادا ئولتۇرىمىز، ھەر قەۋەتتە ئىككى ئائىلىلىك ئۆي بار، بىزنىڭ ئۆي ئىككىنچى قەۋەتتە.
     
    بىنانىڭ كەينىدە چوڭ بىر مەيدان بار، بىراق تاشلىنىپ قالغان قۇرۇق يەر كەچقۇرۇنلىقى بىنادىكى بالىلار بىلەن بۇ يەردە ئوينايمىز. ئۆتكەتكى بىر كەچقۇرۇن بۇ يەردە ئويناۋاتاتتۇق. بالىلار ئاتىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ماختاشتى. ھەممە بالا ئۆز ئاتىسىنى باشقىلاردىن تىرىشچان دەپ قارايتى. كىچىك بالىلار تېخىمۇ تالاش-تارتىش قىلىشاتتى. ئۈچىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئىنىم مەتىن ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇشقا تىرىشاتتى. ئۇ قوۋۇزلىرىنى كۆپتۈرۈپ:"مېنىڭ دادام بارغۇ، مېنىڭ دادام..." دەپ ھېچكىمگە سۆز بەرمەيتتى.
     
    ھەقىقەتەن، دادام ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا ناھايىتى تىرىشچان ئىكەن، ئۇ ھەمىشە بىزگە شۇنداق دەپ بېرەتتى.
    مۇنازىرە تازا قىزىۋاتاتتى، مەتىن:
    - مېنىڭ دادام ھەممىڭلاردىن تىرىشچان. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ھەمىشە سىنىپتىن بىرىنچى بولۇپ كۆچىدىكەن... - دېدى.
    دادامنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن بىرىنىڭ بالىسى مەتىنگە:
    ياق ئاداش، ئۇنداق ئەمەستۇ...- دەپ چاقچاق قىلدى. يەنە بىر بالىمۇ:
    ئۇنى ساڭا كىم ئېيتتى؟- دېدى.
    مەتىن مەيدىسىنى كېرىپ:
    دادام ئۆزى دەپ بەردى،- دېدى. كەينىدىن قوشۇمچە قىلدى،- ئىشەنمىسەڭلار داداڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار، داداڭلار ئېيتىپ بەرسۇن.
     
    بىز چوڭ بالىلار بۇ مۇنازىرىگە قەتناشمىغانىدۇق. بىزنىڭ سىنىپتىكى بىر ئىنىمغا:
    - يالغانچى، مېنىڭ دادام بىرىنچى ئىكەن،- دېدى 
    يەنە بىر بالا خورازدەك ئېتلىپ:
    - ئەسلى ساڭا ئوخشاشلارنى يالغانچى دەيدۇ. مېنىڭ دادام بىر قېتىممۇ سىنىپتا ئىككىنچى بولماپتىكەن، ھەمىشە سىنىپنىڭ ئالدى ئىكەن ئاڭلىدىڭمۇ؟ - دېدى.
    - پۈتۈنلەي يالغان... سېنىڭ داداڭ پو ئېتىپتۇ... ھەر يىلى سىنىپتا بىرىنچى بولدىغىنى مېنىڭ دادام...
    مېنىڭ دادام ھەرگىز پو ئاتمايدۇ...
     
    چوڭ بالىلارنىڭ مۇنازىرىگە ئارلىشىۋالغانلىقىغا ئىچىم پۇشتى. مۇنازىرە بارغانچە قىزىۋاتاتتى، ئىنىم مېنى گۇۋاھلىققا تارتتى:
    - شۇنداق ئەمەسمۇ، ھەدە؟ دادام ھەمىشە بىرىنچى ئەمەسمۇ؟ بۇلارغا ئۆزۈڭ دېگىنە... 
    - ئەلۋەتتە شۇنداق،- دېدىم مەن.
    بۇ سۆزۈم سورۇننى پۈتۈنلەي قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. مەتىننى تىنىچلاندۇرۇش ئۈچۈن:
    - سەن ئۇلارغا ئۇنچە قىلىپ كەتمە. ئۇلار شۇنداق دېيىشىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىشىدۇ، مەيلى ئەمەسمۇ،- دېدىم.
     
    ھەممىمىزدىن چوڭ بولغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر بالا بىلەرمەنلىك قىلىپ:
    - بالىلار، خاتالاشتىڭلار، سېنىڭ داداڭمۇ ئەمەس،ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئەمەس، يەنە بىرىڭنىڭ دادىسىمۇ ئەمەس، سىنىپتىكى ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ كۆچىدىغىنى مېنىڭ دادام،- دېدى.
    - پىش...- دېدى مەتىن ئۇنىڭغا.
    - ھەئە پىشتۇ... بېرىپ داداڭدىن سوراپ باققىنا.
    - سېنىڭ داداڭمۇ پو ئېتىپتۇ.
     
    مۇنازىرە يېڭىدىن قىزىۋاتقانقاندا، مەتىننى قولىدىن تارتىپ ئۇ يەردىن ئېلىپ كەتتىم. بىنانىڭ پەلەمپىيىدىن چىقىپ كېتىۋاتقىنىمزدا، ئۇ:
    - يالغانچىلار، قاراڭلار تېخى... مېنىڭ دادام بىرىنچىغۇ تازا!- دەپ يىغلاپ كەتتى.
    ئۆيگە كىرىپ، ئۇدۇل ئاپامنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ:
    - دادام سىنىپتا بىرىنچى ئەمەسمىش. دادام پو ئېتىپتۇدەك، - دېدى.
    ئاپام خاپا بولۇپ مەتىننى ئەيىبلىدى:
    - ئاغزىڭنى يۇم! ئۇ گەپنى نەدىن تاپتىڭ! ئۇنداق گەپنى قىلساڭ ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن.
    - نېمىشقا خاپا بولىسەن، بەلكىم بىز خاتا ئاڭلىۋالغاندىمىز، يابولمىسا دادام بىلەن ئۇلار بىلەن بىر سىنىپتا ئەمەستۇ،- دېدىم مەن.
    - ئۇلار سىنىپداش ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى ئېيتقان.
    - ئەڭ ياخشىسى، ئاخشاملىققا دادام كەلگەندە ئۆزىدىن سوراپ راستىنى ئېنىقلايلى.
     
    كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشۈپ، مەنمۇ قىزىقىپ قالغاندىم. كەچلىك تاماقتا دادامدىن، مۇشۇ بىنادا ئولتۇرىدىغان دوستلىرى بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان-ئوقۇمىغانلىقىنى سورىدىم.
    - شۇنداق، قىزىم، تۆتىمىز سىنىپداش ئىدۇق،- دېدى دادام.
    دادام ئۇلارنىڭ بىرى بىلەن ئۈچ يىل، قالغان ئىككىسى بىلەن بەش يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپتىكەن.
    ئاپام، ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن، دەپ ئىنىمنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، سوئالىمنىڭ داۋامىنى سوراشتىن ۋاز كەچتىم.
     
    ئەتىسى، مەكتەپتە مەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدىغان قىزدىن دادىسىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىدا سىنىپتىن قانداق كۆچكەنلىكىنى سورىدىم .
    - مېنىڭ دادام سىنىپلاردىن بىرىنچى بولۇپ كۆچۈپتىكەن،- دېدى ئۇ.
    سۆزىمىزنى ئاڭلىغان كەينىمىزدىكى پارتىدا ئولتۇرىدىغان بىر بالىمۇ:
    - مېنىڭ داداممۇ شۇنداق، مەكتەپتە ئوقۇغان چېغىدا ھەمىشە بىرىنچى ئىكەن ،- دېدى.
     
    شۇنداق قىلىپ، قالغان بالىلارمۇ بۇ مۇنازىرىگە قاتناشتى. سىنىپ بويىچە دادىسىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان ئۈچلا ساۋاقداش چىقتى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دادىلىرى سىنىپتا بىرىنچى ئىكەن.
    ئەخمەت، بۇ خېتىمنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن سەنمۇ داداڭدىن سوراپ باق، ئۇمۇ سىنىپىدا بىرىنچى بولۇپ كۆچكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، چۈنكى ھەممە ئاتىلار بىرىنچى بولىدۇ.
     
    مەن ئېيتىۋاتقان بۇ ۋەقەدىن ئىككى كۈن كېيىن ئىنىمنىڭ مۇئەللىمى ئاپامغا خەت ئەۋەتىپ ئۇنى مەكتەپكە چاقىرتتى. مۇئەللىم مەتىننىڭ دەرىستە تىرىشمايدىغانلىقىدىن ئاغرىنىپتۇ. كەچتە دادام بۇنى ئاڭلاپ مەتىنگە ئىنتايىن خاپا بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى، ئاندىن ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ نەسىھەت قىلدى:
    - ئوغلۇم، سەن نېمە ئۈچۈن داداڭنى دورىمىدىڭ؟ مەن پۈتۈن مەكتەپ ھاياتىمدا سىنىپتا ئەڭ تىرىشچان ئىدىم. بىر قېتىممۇ ئىككىنچى بولۇپ قالمىغان. سىنىپلاردىن پۈتۈنلەي بىرىنچى بولۇپ كۆچەتتىم. سېنىڭ بۇ قىلغىنىڭ ئەيىب ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا دەرىسلىرىڭگە تىرىشمايسەن؟ بالا دېگەن دادىسىدىن ئۈلگە ئېلىشى كېرەك...
    دادامنىڭ ئاچچىقى يانغانىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ بوشاپ قالغانلىقىدىن غەيرەتكە كېلىپ:
    - دادا، مەتىنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتا بولغاندا بالىلىرىغا سىنىپلاردىن بىرىنچى بولۇپ كۆچكەنلىكىنى ئېيتار،-دېدىم.
    نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەنگەن ئاپام:
    - ھەي قىز.- دېدى،- ئەمدى بالا ئەمەسسەن. سېنىڭمۇ ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن، چوڭلار گەپ قىلىۋاتقاندا، كىچىكلەر جىم تۇرىدۇ.
    مەن جىم بولۇپ قالدىم، داداممۇ زۇۋان سۈرمىدى.
     
    ئەنقەرەگە كەلگىنىمىزدىن بېرى، يېزىشقا ئەرزىيدىغان مۇشۇ ۋەقە بېشىمدىن ئۆتتى.
    پۈتۈن ساۋاقداشلارغا سالام. ساڭىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمەن.
     
     
    ساۋاقدىشىڭ: زەينەپ يالقىر
    1963-يىلى 19-نويابىر، ئەنقەرە
     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.