(قىسقارتىلدى)
ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، خۇدا ئالەمنى ياراتتى دېگەن بۇ قاراشنىڭ ئۆزىلا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر ھەرىكەتنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مەن ئالەمشۇناسلىق ھەققىدە دەرس سۆزلىگىنىمدە، ھەمىشە بەزىلەر مەندىن چوڭ پارتلاشتىن بۇرۇن نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن دەپ سورايتتى. مەن چوڭ پارتلاشتىن «بۇرۇن» مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى چوڭ پارتلاش ۋاقىتنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ جاۋاب بېرەتتىم. كىشىلەر مېنىڭ جاۋابىمدىن «جەزمەن قانداقتۇر بىر ئىش چوڭ پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ گۇمانلىنىشاتتى. لېكىن سەۋەب-نەتىجە ۋاقىت ئۇقۇمى بولۇپ، ئۇنى ۋاقىت مەۋجۇت ئەمەس ھالەتكە تەدبىقلاشقا بولمايدۇ. شۇڭا، چوڭ پارتلاشتىن ئىلگىرى نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ئەھمىيىتى يوق.
ئەگەر ۋاقىتنىڭ ھەقىقەتەن باشلىنىشى بار بولسا، ئۇنداقتا، كىمكى سەۋەب ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ باشلىنىشىنى چۈشەندۈرمەكچى بولىدىكەن، ئۇ جەزمەن تېخىمۇ كەڭ بىرخىل سەۋەب ئۇقۇمىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشى زۆرۈر، بۇ ئۇقۇم كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىزگە تونۇشلۇق بولغان سەۋەب ئۇقۇمىغا ئوخشىمايدۇ. بىر ئېھتىماللىق سەۋەبنىڭ ھامان نەتىجىدىن بۇرۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلماسلىقتىن ئىبارەت. سەۋەبنىڭ ۋاقىت يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىشى، ئۆزىدىن بۇرۇن نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىنمۇ؟ ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم قارىمۇقارشىلىق بىلەن تولغان. مەسىلەن: سىزنى 19-ئەسىردىكى ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇشىنى توسۇپ قالالايدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، بۇ بىمەنىلىك بولمامدۇ؟ ھالبۇكى، ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا ھەقىقەتەن تەتۈر يۆنىلىشتىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان بىر قانچە نەزەرىيە بار. پەرەزدىكى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن تېز ھەرىكەت قىلىدىغان زەررىچە («تاخيون» دېيىلىدۇ) مانا مۇشۇنداق تەتۈر يۆنىلىشتىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋېتىگە ئىگە. قارىمۇ-قارشىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كىشىلەر سەۋەب بىلەن نەتىجە ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ئىنتايىن بوش، بەلكى تىزگىنلىگىلى بولمايدۇ ياكى بۇخىل مۇناسىۋەتنىڭ
تېگىگە يەتمەك قىيىن دەپ پەرەز قىلسا بولىدۇ. بىز كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ بىرخىل تەتۈر يۆنىلىشتىكى ۋاقىت جەھەتتىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن، بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك كۆزىتىش يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەمەلىي مەۋجۇت بولغان ئىمارەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. جون ۋېلېر ( ئامېرىكىلىق فىزىكا ئالىمى) بۇ ھەقتە تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «كۋانت پىرىنسىپى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، مەلۇم مەنىدىن قارىغاندا بىز كۆزەتكۈچى كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىش ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئىشنى بەلگىلىگەن بولىدۇ، بۇ ئۆتمۈش شۇنچىلىك يىراقكى، ھەتتا ھاياتلىقمۇ بارلىققا كەلمىگەن بولىدۇ.»
بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ كۋانت نەزەرىيىسىدە مەجبۇر بولغىنىدەك، ۋېلېر روھ («كۆزەتكۈچى»)قا بىرخىل مۇھىم مەنە بېرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئالەمنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن روھنىڭ ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
ئەگەر ئالەم ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى تارىخىدا، مەلۇم ئورۇندا ۋە مەلۇم بىر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاياتلىق، ئاڭ ھەمدە كۆزەتكۈچىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلالمىسا، ۇ ھالدا، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمى ئەھمىيەتسىز ياكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان، ياكى ھەم ئەھمىيەتسىز، ھەم تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالمامدۇ؟
ۋېلېر، بىزنىڭ فىزىكا رامكىسى ئىچىدە، ئالەمنى «ئۆزلىكىدىن» پەيدا بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بىر پىرىنسىپنى بايقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇشۇنداق نەزەرىيە ھەققىدە ئىزدىنىش داۋامىدا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق يېتەكچى پىرىنسىپمۇ پىرىنسىپنىڭ ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى بىرخىل شەكىل بىلەن تەمىن ئېتىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇخىل تەلەپتىن كۈچلۈك بولمايدۇ.» ۋېلېر بۇ خىل «ئىستىخىيلىك» ئالەمنى ئېلېكترونىدىكى ئۆزى قوزغىلىدىغان توك يولىغا ئوخشىتىدۇ.
مەلۇم خىلدىكى كېيىنكى مەزگىللەردىكى تەبىئىي ئاكتىپلىق (ئۇنىڭ روھ ياكى ماددا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ئىچىدىن ۋاقىت-بوشلۇقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى تاپقىلى بولغان تەقدىردىمۇ، ئالەمنىڭ قانداقسىگە تەبىئىي ھالدا يوقلۇقتىن پەيدا بولغانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن. يەنىلا بەزىبىر «خام ماتېرىيال»لار بار بولۇپ، روھ ياكى باشقا بىرەر نەرسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تولۇقلاش خاراكتېرلىك خىزمەت ئىشلىشىنى تەمىن ئېتىشى لازىم. ۋېلېر مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ« بوشلۇق ۋە ۋاقىت بىرىكمە تۈزۈلۈشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بۇنداق دېگىنى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى دەسلەپكى گېئومېتىرىيە (ئۇ شۇنداق دەپ ئاتىغان) لىك دېتاللاردىن تەركىب تاپقان. باشقا نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرىمۇ بوشلۇق بىلەن ۋاقىت ئاساسىي ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى تەخمىنىي قىممەتتىن ئىبارەت دەپ كۆرسىتىدۇ. ماددىلارنىڭ يۈزەكى قارىغاندا تۇتاش كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاتوملاردىن تەركىب تاپقىنىغا ئوخشاش، ۋاقىت ۋە بوشلۇقمۇ بەلكىم بەزىبىر تېخىمۇ ئاساسىي، تېخىمۇ ئابستراكت ئەمەلىي گەۋدىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ تارتىش كۈچىنى بايقىماقچى بولغان كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ بىر نەتىجىسى (تارتىش كۈچى ۋاقىت-بوشلۇق گېئومېتىرىيىسىدىن ئىبارەت، خالاس.) بولۇشى مۇمكىن. بەزى چېكىدىن ئاشقان فىزىكىلىق شارائىتتا، مەسىلەن: چوڭ پارتلاشنىڭ دەسلىپىدە، ۋاقىت بىلەن بوشلۇق «بىر-بىرىدىن ئايرىلغان. ۋاقىتتىن ئىلگىرىكى تىل بويىچە ئېيتقاندا، چوڭ پارتلاشنىڭ ئۆزى بىر ئىش بولۇپ، مەزكۇر ئىش داۋامىدا، ھېلىقى «چىشلىق چاق»لار (يەنى دېتاللار) زىچ بىرلىشىپ، يۈزەكى قارىغاندا تۇتاشتەك كۆرۈنىدىغان ۋاقىت-بوشلۇقنى تەشكىل قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا، چوڭ پارتلاش بوشلۇق، ۋاقىت ۋە ماددىلارنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ، ئەمما ئۇ فىزىكىنىڭ چېگرىسى ئەمەس. چوڭ پارتلاشنىڭ سىرتىدا (چوڭ پارتلاشتىن «ئىلگىرى» ئەمەس، چۈنكى چوڭ پارتلاشتىن ئىلگىرى مەۋجۇت ئەمەس) قۇراشتۇرۇلمىغان بەزى «چىشلىق چاق»لار، بەزى شەكىلدىكى نەرسىلەر مەۋجۇت بولغان، ئەمما ئۇلار ۋاقىت ياكى بوشلۇق ئىچىدە بولمىغان.
ئالەم قانداق پەيدا بولغان، ئالەمنىڭ مەلۇم خىلدىكى سەۋەبى بارمۇ-يوق دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ئەھمىيىتى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇنىڭغا «بار» دەپ جاۋاب بېرىشىمىز مۇمكىن، ئەمما ئالەمنىڭ مەلۇم خىلدىكى سەۋەبنىڭ خۇدادىن ئىبارەت بولۇشى ناتايىن. بۇرۇنلا ئېيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك، ئالەمشۇناسلىق دەلىلىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ خۇدادىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت. ئەمما ھازىرقى زامان فىزىكىسى ئىككى خىل يېڭى ئېھتىماللىقنى بايقىدى، بۇنى ئالەمشۇناسلىق دەلىلىنى ھىمايە قىلغۇچىلار ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان.
ئالدىنقى بابتا، ماددىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېڭەيگەن بوشلۇق (بوشلۇقنىڭ ئېگىلىشى)تىن پايدىلىنىپ تولۇق چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بوشلۇقنىڭ كېڭىيىش-تارىيىش كۈچىنىڭ چېكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى مەلۇم بولدى. بوشلۇقنىڭ كىچىككىنە دائىرىسىمۇ چەكسىز ھالدا كېڭىيەلەيدۇ. ئالەم پەيدا بولغاندىن كېيىنكى بىر مىلياردتىن بىر سېكونت ۋاقىت ئىچىدە، بىز ھازىر كۆزىتىپ ئۆلچىگەن ئالەم (جەمئىي ئوننىڭ 27ىنچى دەرىجىسى كۇب يورۇقلۇق يىلى) تەخمىنەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ چوڭلۇقىچىلىك سىغىم ئىچىدە تۈگۈلۈپ تۇرغان. بۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا، ئالەمنىڭ سىغىمى تېخىمۇ كىچىك بولغان. شۇڭا، بوشلۇق يوقلۇقتىن پەيدا بولغان بولۇشى، ماددىلار بولسا بوشلۇقتىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن كىشىلەر، جەزمەن قانداقتۇر بىرەر نەرسە چەكسىز كىچىك بولغان زەرررىچە ھالەتتىكى ئالەمنى پارتلاش خاراكتېرلىك كېڭەيتكەن، مانا بۇ دەل بىز ئىزدەۋاتقان ئاجايىپ نۇقتا، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت دەپ ھېس قىلىشىدۇ.
لېكىن، بوشلۇق ۋە ماددىدىن تەشكىل تاپقان ئالەمنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان يەنە بىرخىل چۈشەندۈرۈش بار. ئۇنىڭ قاراشلىرىنى قىسقارتىپ «كۆپىيەلەيدىغان ئالەم» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇ يەردە ئۇنى ئەڭ ياخشىسى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بايان قىلىمىز. بوشلۇق كېڭىيىش-تارىيىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، بىز ئۇنى بىر پارچە رېزىنكە دەپ پەرەز قىلىمىز (رېزىنكە ئاران ئىككى ئۆلچەملىك بولىدۇ، ئەمما بوشلۇق بولسا ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ. بۇ ئۇقۇم خاراكتېرلىك كەمچىلىك، ئەمما لوگىكا جەھەتتە مەسىلە يوق. بىز بايان قىلماقچى بولغان نەرسىمۇ ئۈچ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، لېكىن ئۈچ ئۆلچەم ئىچىدە ئوبرازلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.)