شېرىن ئىبادى 2003-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-26 12:27:39

شېرىن ئىبادى2003-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىئىران (-1947)مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىشېرىن ئىبادى 1947-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىراننىڭ ھەمەدان شەھرىدە تۇغۇلغان. 1965-يىلىدىن 1969-ي...

     




     

    شېرىن ئىبادى

    2003-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى

    ئىران (-1947)

    مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    شېرىن ئىبادى 1947-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىراننىڭ ھەمەدان شەھرىدە تۇغۇلغان. 1965-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە تېھران ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان. 1979-يىلى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىبادى بىر دېموكراتىك پائالىيەتچىگە ئايلىنىپ، قېچىپ يۈرگەن سەرگەردانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلغان. 2001-يىلى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى «بوشاشماي قەتئىيلىك بىلەن ئىران خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىسى» ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۈچۈن، نورۋىگىيىنىڭ «رافتو مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 2003-يىلى 10-ئايدا، ئۇ يەنە نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئىرانلىق ھەم تۇنجى مۇسۇلمان ئايال بولۇپ قالغان. ئىبادى مۇنداق دېگەن: «مەن بىر مۇسۇلمان، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزمۇ بىر دېموكراتىيىنى قوللايدىغان مۇسۇلمان بولالايسىز. ئىراندا كىشىلىك ھوقۇق بولۇپمۇ بالىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن تىرىشىش بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش. مەن ئۆزۈمنىڭ (ئىراندىكى كىشىلىك ھوقۇقى ئىسلاھاتى ئۈچۈن) ئازراق بىر ئىش قىلىپ بېرەلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.» ئىبادى ئەگەر ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۆز ھۆرمىتىنى تاپالمىسا، ھەر قانداق بىر جەمئىيەت مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت ھېسانلانمايدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ، ئىسلام بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئارىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ مەۋجۇت ئەمەس دېگەن مەيدانىدا چىڭ تۇرغان. دۇنيادىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت بىلەن دىن ئارىسىدا سۆھبەت ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرغان.

    مۇكاپاتقا ئېرىشىش سەۋەبى: ئۇنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى تەقدىرلەنگەن.
    تۆۋەندىكىسى شىرىن ئىبادىنىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىش سورۇنىدا سۆزلىگەن نۇتقى:

    ناھايىتىمۇ شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

    2003-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

    پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەرقايسى جانابلار، نورۋىگىيە نوبېل كوممېتىتىنىڭ ھۆرمەتلىك ھەيئەتلىرى، خانىملار، ئەپەندىملەر:

    بۈگۈن، مەن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلماقتىمەن، چۈنكى مېنىڭ ئاۋازىم بۇ دۇنيانىڭ كۆزى تىكىلگەن يىغىن زالى ئارقىلىق پۈتۈن كائىناتقا تارقىلىدۇ. مەن نوبېل ھەيئەتلەر كوممېتىتىنىڭ بۇ ئۇلۇغ مۇكاپاتنى ماڭا بەرگەنلىكىگە تەشەككۈرۈمنى  بىلدۈرىمەن. مەن ئالفىرىد نوبېلنىڭ روھىغا قايىل  بولماي تۇرالمايمەن. مەن نوبېلنىڭ يولىدا ئىزدىنىپ مېڭىۋاتقانلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

    مەن نوبېلك ھەيئەت كومېتىتىنىڭ بۇ يىلقى تېنچلىق مۇكاپاتىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتتىن ــ ئىران ـــ لىق  بىر ئايالغا بەرگەنلىكىگە چىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

    سۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم ئاشۇ ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئاياللارغا ـــ ئىراندىكى ئاياللارغىللا بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاياللارغا نىسبەتەن، ناھايىتىمۇ زور ئىلھام-مەدەت. تارىخنىڭ سەۋەبلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرى ئۇزۇندىن بۇيان تارتىۋېلىندى. مېنىڭ بۇ شەرەپكە ئېرىشىشىم ئىران ئاياللىرىنىڭ شۇنداقلا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ھەرقانداق بىر دۆلەتتە، ئاياللار پۈتۈن دۆلەت نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. ئاياللارنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى مەنئىي قىلىش قىلمىشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا شۇ دۆلەتنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق نوپۇسىنى ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغان بىلەن باراۋەر. بىز ئەمدى بۇنداق ئۇرۇقداشلىق مەدەنىيىتى ۋە ئاياللارنى كەمسىتىش ـــ بۇ خىل ئەھۋاللار دىنى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەكسىچە ئىسلام دۆلەتلىرىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ـــ لەرنى ھەرگىز داۋام قىلساق بولمايدۇ.

    ھۆرمەتلىك نوبېل مۇكاپاتى ھەيئەت كومېتىتىنىڭ ئەزالىرى:

    دەل سىلەر بىلگەنگە ئوخشاش، بۇ مۇكاپاتقا مۇناسىپ ھالدا ئەگەشكەن شۇ شەرەپ ۋە تەبرىكلەر، ئىنسانپەرۋەرلىككە ۋە ئىران شۇنداقلا پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقىغا چوڭقۇر  بولغان ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان، بارەۋەرلىكنى قوغلىشىدىغان بارلىق كىشىلەرمۇ مەن بىلەن بىرلىكتە بۇ مەردۇ-مەردانىلىككە تولغان ھىممەتلىك تەبرىكلەردىن تەڭ بەھىرلىنىدۇ.

    مەن نوبېل مۇكاپاتى كومېىتىغا رەھمەت ئېيتىمەن، چۈنكى ئۇلار ماڭا شۇنچە شەرەپلەرنى ئاتا قىلىش بىلەن تەڭ، دۆلىتىمگە ۋە بارلىق تېنچلىقنى سۆيىدىغان كىشىلەرگە تەبرىك ئېلىپ كەلدى.

    بۈگۈن دەل «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 55 يىللىق خاتىرە كۈنى؛ «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق يېزىلغان: ئىنسانىيەت چوڭ ئائىلىسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئىززەت-غورۇرى شۇنداقلا تارتىۋالغىلى بولمايدىغان باراۋەرلىك ھوقۇقىغا بولغان ئېتىراپ، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تېنچلىقنىڭ ئاساسى بولىدۇ. «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» كىشىلەرگە مۇنداق بىر دۇنيا بېرىشكە لەۋزە قىلىدۇ: بۇ دۇنيادا، ھەربىر كىشىنىڭ ئەركىنلىكنى ئىپادىلەش ۋە بايان قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ. «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» كىشىلەرنى قوغداپ، ۋەھىمىدىن قۇتقۇزىدۇ ۋە نامراتلىقنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ.

    ئەمما، بەختكە قارشى: ئۆتكەن يىللارغا ئوخشاش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پىلان-لايىھە مەھكىمىسى بۇ يىللىق خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىپ بىر قاتار توختىماي ئېشىپ بېرىۋاتقان كىرزىسلارنى تىزىپ چىقتى. بۇ كىرزىس-ئاپەتلەر كىشىلەرنىڭ «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تەسۋىرلەپ ئىپادىلىگەن ھېلىقى دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. 2002-يىلى، پۈتۈن يەر شارىدا بىر مىليارد ئىككى يۈز مىڭ كىشى كۈنىگە بىر دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان تاپاۋەت بىلەن نامراتلىقتا تۇرمۇش كەچۈرگەن. 50تىن ئارتۇق دۆلەت ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋەتەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن چوڭقۇر پاتقاققا پېتىپ قالغان. بۈگۈنگە قەدەر، ئەيدىز 20 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، 10 مىليوندىن ئارتۇق پەرزەنتلەرنىڭ يىتىم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆتكەنكى ئىككى يىلدا، بەزى دۆلەتلەر 9.11 ۋەقەسى ۋە خەلقئارالىق تىرورىنىزمنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك پىرىنسىپلىرىغا ۋە قانۇنلارغا دەخلى-تەرۇز قىلدى. نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى پىكىر ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان، دىكتاتۇرا كىشىلەرنى ئۆز ئېتىقادى ۋە پىكىرلىرىگە تەھدىت سېلىپ تۇرىۋاتقان جەمىيەتتە ياشىماقتا.  2002-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ماقۇللانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 57- ۋە 219-قارارلىرىدا، 2003-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ماقۇللانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1456-قارارىدا، يەنە 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق ھەيئەت كوممېتىتى ماقۇللىغان 2003-ۋە 68-قارارلىرىدا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بايان قىلىنغان ۋە كۈچەيتكەن: بارلىق دۆلەتلەر، ئۆزلىرىنىڭ تېررورىنىزمچىلار بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان بارلىق ھەرىكەت-پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ «خەلقئارا قانۇن»غا ئۇيغۇن بولۇشىغا، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىيىتىدە بەلگىلەنگەن بارلىق مەجبۇرىيەتلەرگە شەرتىسز رىئايە قىلىدىغانلىقىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. لېكىن، شۇنداق بولسىمۇ، تىروررىنىزمغا زەربە بېرىش قالپىقى ئاستىدا، كىشىلىك ئاساسىي ھوقۇقنى ۋە ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشى قىيىن بولغان ياكى پەقەتلا مۇمكىن بولمىغان ئالاھىدە ئورگانلار ۋە ئالاھىدە سوتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قانۇنلىشىپ كەتكەن.

    كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، پەقەت بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان رەقىبلىرىلا مەدەنىيەتلىك نىسبىيلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى دەپسەندە قىلىپ قالماستىن، بەلكى غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ، ھەتتا ئاشۇ باشقىچە تىل قوللىنىدىغان « ب د ت نىزامنامىسى» ۋە «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» لىرىنى تەشەببۇس قىلىپ يول ئېچىپ ماڭغان دۆلەتلەرنىڭمۇ تەپتارتماستىن ئاشكارا ھالدا بۇ پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلغىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئەندىشىلىرى كۈنسېرى ئېشىشقا باشلىدى. دەل مانا مۇشۇنداق تۈزۈلمە ئاستىدا، نەچچە ئايغا ئۇلاشقان ھەربىي توقۇنۇشلاردا، نەچچە يۈزلىگەن كىشىلەر تۇتقۇن قىلىندە ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇئانتانامو تۈرمىسىگە ئاپىرىپ سولاندى. بۇ كىشىلەر «خەلقئارا جەنۋە ئەھدىنامىسى»، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە «ب د ت پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى» لىرىدا بەلگىلەنگەن ھەرقايسى ھوقۇقلارنىڭ ئىلتىپاتلىرىغا ئازراقمۇ ئېرىشىپ باقمىدى.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەنكى نەچچە يىلدا، بولۇپمۇ يېقىنقى نەچچە ئايدا، خەلقئارا پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ نەچچە مىليونلىغان پۇقرالىرى قايتا-قايتا ئويلىنىۋاتقان، پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقان مۇنداق  بىر مەسىلە بار: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان بارلىق قارارلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بەزىلىرى ئەمەلىيلىشىپ، بەزىلىرى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆتكەنكى 35 يىلدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە دۆلىتى پەلەستىننى مەجبۇرى ئىشغال قىلىۋالغاندا ب د ت نىڭ نەچچىلىگەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ؟ يەنە، ئۆتكەنكى 12 يىلدا، ئىراق دۆلىتى شۇنداقلا ئىراقتىكى بارلىق خەلق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ئىزچىل ياردەم تەلەپ قىلغان، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ ئېراققا ھەربىي زەربە بېرىشكە قارشى تۇرۇش قارارىنى چىقارغان بولسىمۇ، ئېراق يەنە نېمە ئۈچۈن توختىماستىن ھۇجۇم قىلىشقا، ھەربىي زەربە بېرىشكە، ئىقتىسادىي جازاغا ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ھەربىي ئىشغال قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ؟

    خانىملار، ئەپەندىلەر:

    مېنىڭ ئۆز دۆلىتىمنى، رايونىمنى، مەدەنىيىتىم ۋە ئېتىقادىمنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشگە ئازراق ۋاقىت بەرگەيسىلەر.

    مەن بىر ئىرانلىق. مەن ئىمپىراتور كروسنىڭ ئەۋلادىمەن. 2500يىل بۇرۇن، ئەڭ ئالىي ھوقۇقتا بولغان پارس ئېمپىرىيىسىنىڭ كروس مۇنداق دەپ جاكارلىغان: «.... ئەگەر خەلق باشقىلار تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇچرىشىنى خالىمىسا، مەنمۇ ھوقۇق بىلەن ئۇلارنى باسمايمەن.» بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەرقانداق بىر ئادەمنى دىنىنى ۋە ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىمايدىغانلىقى، ھەربىر پۇقرانىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. «كروس قانۇنى» كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى تەرەققىياتىدا تولىمۇ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

    مەن بىر مۇسۇلمان. «قۇرئان»دا مۇنداق دېيىلگەن: سەن ئۆزۈڭنىڭ ئېتىقادىغا ئىبادەت قىلغىن، مەن ئۆزۈمنىڭ دىنىغا ئىبادەت قىلىمەن». بۇ مۇقەددەس كىتابتا يەنە: بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپىسى كىشىلەرنى ئەڭ ئاخىرىدا ئادىللىققا  ۋە باراۋەر بولۇشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت دېيىلگەن. ئىسلام دىنى دۇنياغا كەلگەندىن  باشلاپ، ئىنسانپەرۋەرلىك؛ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا، ئېتىقادىغا ۋە ئەقىدىسىگە ھۆرمەت قىلىش؛ كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆز-ئارا چۈشىنىش پوزىتسىيىدە بولۇش؛ زوراۋانلىق، ئۇرۇش ۋە قان ئېقىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلار ئىران مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. ھافىز، مەۋلانى (غەربلىكلەرگە تونۇش بولغان رۇمىنىڭ ئۆزى شۇ) فەرىددىن ئەتتاردىن باشلىنىپ سەئىدى، سانايى، ناسىر خىسراۋ ۋە نىزامىلارغىچە. ئىران ئەدەبىيات تارىخىدىكى بۇ مۇتەپپەككۈرلەر ئىنسانپەرۋەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئەلچىلىرىدۇر.

       ئۆتكەنكى يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان ئىران خەلقى، ئۇزۇن يىللار مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت بىلەن ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى زىددىيەت سەۋبلىك توقۇنۇشتا بولۇپ كەلدى. قەدىمقى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە ئاساسلىنىپ نۇرغۇن ئىرانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇۋېلىپ ھازىرقى بۇ دۇنياغا نەزەر سېلىشتى ھەمدە قەدىمكىلەرنىڭ قىممەت قارىشى مەيدانىدا تۇرۇپ، ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى ھەم داۋاملىق ھەل قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، يەنە بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، دىنى ۋە ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىللە، دۆلەتتىن ھالقىپ چەت ئەللەرگە چىقىپ، دۇنيانىڭ قەدىمى بىلەن تەڭ مېڭىشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتىدۇ ھەمدە مەدەنىيەت، تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشكە توسقۇن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى، ئىرانلىقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىش-پائالىيەتلىرى بەكمۇ كۆزگە  كۆرۈنەرلىك بولدى: ئۇلار جامائەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى ئۆزلىرىنىڭ بىر خىل ھوقۇقى دەپ بىلىپ، ئۆز ھاياتىنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۈمىد قىلىشتى.

    بۇ خىل مەدەنىيەت توقۇنىشىنى بىز ئىراندىلا ئەمەس، يەنە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەردىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن ئىسلام دىنى قانۇنى ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەتلىرى كېلىشەلمەيدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ، بەزى مۇسۇلمانلار يەنىلا دىنى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلق قىلىپ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاقلاۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى قىلىۋاتىدۇ ھەم شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەنئەنىۋى بولغان دىنىي قانۇن شەكلى ۋە ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈم بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتى ئۆزىگە ناھايىتىمۇ ئېنىق  بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس.

    ئىسلام دىنى مۇنداق بىر دىن: ياراتقۇچىمىز ئالدى بىلەن ئوقۇ دېدى، ئاندىن قەلەمگە «ياز» دېدى. «قۇرئان»مۇ دەل سىياھ-قەلەم بىلەن يېزىپ قالدۇرۇلۇپ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ياراتقۇچى تەرىپىدىن بېرىلگەن شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدا ناھايىتى ئىزچىللىق بىلەن ئادەم ۋە نۇھ، مۇسا  ئەلەيھىسسالام  ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملاردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە داۋاملىشىپ قۇلاقتىن-قۇلاققا كۆچۈپ، سىياھ قەلەملەر بىلەن يېزىپ قالدۇرۇلغان بەختتىن خۇش خەۋەر بەرگۈچى سۆز ئىبارىلەرنىڭ  كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئېڭى، بىلىمى، ئەقىل-پاراسىتى، سۆھبىتى ۋە ئەركىنلىكنى ئىپادىلىشى شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى بىلەن توقۇنۇش ھاسىل قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

     

    مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئاياللارنىڭ ئۇچرىغان كەمسىتىش مۇئامىلىلىرىنىڭ يىلتىزى   ــــــ مەيلى ھەق-تەلەپ قانۇنى دائىرىسىدە بولسۇن، ۋە مەيلى جەمئىيەت، سىياسىي ۋە مەدەنىيەتتە ئادىل دۆلەتتە بولسۇن ــــ دەل مۇشۇ جەمئىيەتتىكى كەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن پاترېئارخانلىق تۈزۈم ۋە ئەرلەرنى ئۇلۇقلايدىغان ماخىزم مەدەنىيىتىدە بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. بۇ خىل پاترېئارخانلىق تۈزۈم ۋە ئەرلەرنى ئۇلۇقلايدىغان ماخىزم مەدەنىيىتى ئەر-ئاياللارنىڭ تەڭرى ئاتا قىلغان باراۋەر ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغاچقا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ (ئۇلارنىڭ دادىسى، ئېرى، ئاكا-ئىنىلىرى قاتارلىقلار) ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ ئازاد بولۇپ چىقىشى ئاشۇ خىل مەدەنىيەتكە چۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ۋە قوغدىغۇچىلارنىڭ تارىخى ۋە ئەنئەنىۋى ئورنىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل پاترېئارخانلىق تۈزۈم ۋە ئەرلەرنى ئۇلۇقلايدىغان ماخىزم مەدەنىيىتى ئەركىنلىك بىلەن دېموكراتىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ.

     

    مۇشۇ خىل مەدەنىيەت توقۇنىشى مۇزاكىرە قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئوتتۇرا شەرقتە قوراللىق ئارىلىشىشنى باشلىغان ھەم يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، ئەگەر سىلەر، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بولىدۇ دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى پۈتۈن دۆلەت بوي سۇنۇپ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئومۇمىي پىرىنسىپ دەپ بىلسەڭلار، ئەگەر سىلەر، پارلامېنتلىق تۈزۈم دېموكراتىيىسى باشقا سىياسىي تۈزۈملەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەلا دەپ بىلسەڭلار، ئۇنداقتا، سىلەر شەخسىيەتچىلىك ھەم مەنسىتمىگەن ھالدا ئۆزۈڭلارنىڭلا بىخەتەرلىكى ۋە ئازادىلىكىنى ئويلاشساڭلار بولمايدۇ، دېمەي تۇرالمايمىز. غەرب دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈك ھوقۇقىدىن ھۇزۇرلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىش جەريانىدا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە،  ئاجىزلارنىڭ ھوقۇقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، پىرىنسىپتىن ئۈستۈن دۆلەت ياكى قانۇندىن ئۈستۈن قانۇننىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىقىمىز، ئىشلارنىڭ كەلگۈسىدە يەنىمۇ ئادىل ۋە باراۋەر خەلقئارا مۇناسىۋەت تەرەپكە تەرەققىي قىلىشىدىن ئاۋۋال، بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىشىمىز كېرەك.

    نوبېل ھەيئەت كوممېتىتى 2003-يىللىق تېنچلىق مۇكاپاتىنى ماڭا ـــ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى تارىخىدىكى تۇنجى ئىرانلىق ۋە مۇسۇلمان دۆلەتتىن كەلگەن ئايالغا ـــ بېرىش قارارى مېنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىران خەلقىنى رىغبەتلەندۈردى، پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنى ھاياجانغا سالدى ھەم ئۇلارنى بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز، كۈرەشلىرىمىز جەڭلىرىمىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا، ھىمايە قىلىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىكەن!  دىگەن بىر ئارزۇغا يېتەكلىدى: بۇ شان-شەرەپ ئىران خەلقىگە مەنسۇپ، بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋە مەنسۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشىۋاتقان بارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى شۇ خەلقلەرگە مەنسۇپ!

     

    خانىملار، ئەپەندىلەر:

    نۇتۇق سۆزۈمنىڭ كىرىش بېشىدا مەن، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەركىنلىك، ئادىللىق ۋە تېنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدىم. ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىدا كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ھۆرمەت ئىپادىلەنمىسە، ۋە ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەلگىلىمىلىرى بولسىمۇ، ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن بولسا، ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نىڭ كىرىش سۆزىدە ئېيتىلغانغا ئوخشاش، «زۇلۇم ۋە ئېزىلىشقا قارشى چىقىش»تىن باشقا تاللىشى قالمىغان بولىدۇ. ھەممە ئىززەت-غورۇرى يوققا چىقىرىلغان بىر ئىنسان، كىشىلىك ھوقۇقى ]ۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان بىر ئىنسان، ئاچ-يالىڭاچلىقتىن يىقىلغان بىر ئىنسان، ئاچلىق، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە كېسەللىكتىن قىينالغان بىر ئىنسان، ئۇۋالچىلىقتا قالغان بىر ئىنسان ھەممە نەرسىسى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ئىنسان، مەيلى ئۇ قايسى دۆلەتتە بولمىسۇن، قايسى رايوندا تۇرمىسۇن، ئۇ چوقۇم ئۆزىگە تېگىشلىك شۇ ھوقۇقنى قايتۇرۇپ ئەكىۋېلىشى كېرەك.

    مۇبادا، 21-ئەسىر ئۆزىنى زوراۋانلىقنىڭ، ۋەھىمىنىڭ ۋە ئۇرۇش چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ، 22-ئەسىرنى ـــــ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئاپەت ئەڭ زور بولغان ئەسىر ـــ ئۆزىنىڭ مۇقامىغا باشلاشتىن ساقلانمىسا، بىزدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ھەقىقي ئۆزلەشتۈرۈشتىن ھەمدە پۈتۈن ئىنسانىيەت ــــ مەيلى ئۇلارنىڭ ئىرقىنىڭ، جىنسىنىڭ، ئېتىقادىنىڭ، دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ قانداق  بولىشىدىن قەتئىينەزەر ــــ تە ئۇنى ئەمەلىگە ئاشۇرۇشتىن باشقا، ئىككىنچى بىر تاللاش يولى يوقتۇر.

    ھەممىمىز شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى، كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.