زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى 7

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 19:13:51

خاتىرىلەرزۇنۇن قادىرىكىتابخانلىققا بېرىش مەن گۈدەك ۋاقىتلىرىمدا جۈمە مەسچىت دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ مەسچىتلەر بولىدىغان. ئاتاقلىق چوڭ موللاملار (ئۇلار داموللا ياكى ئۆلىما دەپ ئاتىلاتتى) بۇ يەردە...

     


    خاتىرىلەر
    زۇنۇن قادىرى

     

    كىتابخانلىققا بېرىش


       مەن گۈدەك ۋاقىتلىرىمدا جۈمە مەسچىت دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ مەسچىتلەر  بولىدىغان. ئاتاقلىق چوڭ موللاملار (ئۇلار داموللا ياكى ئۆلىما دەپ ئاتىلاتتى) بۇ يەردە ئەرەبچە، پارسچە مەشھۇر كىتابلارنىڭ مەنىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى. بۇنىڭدا شاگىرت تەرىقىسىدىكى موللىلار كىتابنىڭ ئىبارىسىنى يەنى ئەينىنى ئوقۇيدۇ. ئۇستاز سۈپىتىدىكى موللا بولسا، مەنىسىنى ئېيتىدۇ ياكى شەرھلەپ بېرىدۇ. مانا بۇ كىتابخانلىق دېيىلىدۇ. ئەگەر داموللام ئەرەبچىگە كامىل بولۇپ، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغان بولسا، مەنىسىنى ئېيتىپ ياكى شەرھلەپ، تىڭشىغۇچىلارنى كەھرىۋادەك ئۆزىگە تارتىۋالاتتى. مۇنداق ئاتاقلىق داموللا كىتابخانلىق قىلغان مەسچىتكە كىشىلەر ھېسابسىز كۆپ كېلەتتى ۋە ئۆزلىرىنى «مەن دېگەن پالانى ئالىمنىڭ كىتابخانلىقىغا بارغان» دەپ ماختىشاتتى. كىتابخانلىق، كۆپىنچە ھەر كۈنى بامدات نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن تارتىپ، كۈن چىققۇچە بولۇپ تۇراتتى.
       قايسى مەسچىتتە ئاتاقلىق داموللا كىتابخانلىق قىلىشقا باشلىسا، دادام ئۇ يەر  ھەر قانچە يىراق بولسىمۇ، تاڭ ئاتا – ئاتمايلا شۇ مەسچىتكە ئۈلگۈرۈپ باراتتى. ئۇ كىتاب ئاڭلاشقا بەك قىزىقاتتى، شۇڭا قايسى مەسچىتتە كىم كىتابخانىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى، دادام كىتابخانلىقتا ئاڭلىغانلىرىنى بىزگە كېلىپ بىرىنى قويماي سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ ساۋاتسىز بولسىمۇ، خاتىرىسى كۈچلۈك ئىدى. دادام مېنىڭ كىتاب سۆزلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ:
      _ سەن كىتاب ئاڭلاشقا بەك قىزىقىدىكەنسەن. تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بولساڭمۇ، ئەتىدىن باشلاپ مەن بىلەن بامدات نامىزىغا بار. داموللامنىڭ ئۆز ئاغزىدىن كىتاب سۆزلىرىنى ئاڭلا! ئاجايىپ ياخشى گەپلەر بولىدۇ. بۇنى ئاڭلىغاننىڭ ساۋابىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، _ دېدى خۇشال بولۇپ.
      ئەتىسى تاڭ سەھەردە دادام مېنى ئويغىتىپ قويۇپ، تەرەت ئالغىلى تۇردى.   مەن ئالدىراپ كىيىنىپ چىقتىم – دە، ئۇنىڭ تەرەت ئېلىش ئۇسۇلىغا زەڭ سېلىپ قاراپ تۇردۇم. ئاپتۇۋا بوشىغاندىن كېيىن، مەنمۇ دادام قانداق قىلغان بولسا، شۇنداق قىلىپ تەرەت ئالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، دادام بىلەن قازانچىدىكى چوڭ مەسچىتكە قاراپ يول ئالدۇق. دادام ئالدىمدا ئالدىراپ كېتىپ باراتتى، مەن ئۇنىڭ سەللىسىنىڭ قىستۇرۇلما ئۇچىنىڭ شامالدا لىپىلداۋاتقىنىغا قاراپ ئوغلاقتەك سەكرەپ ئارقىسىدىن قالماي كېتىپ باراتتىم.
       بىز مەسچىتكە كىرىپ ئارقا سەپتىن ئورۇن ئالدۇق. ناماز ئوقۇغاندا جامائەت قانداق ھەرىكەت قىلسا، مەنمۇ شۇنداق ھەرىكەت قىلىپ نامازنى تۈگەتتۇق. كىتابخانلىق باشلاندى.
       تېخى تاڭ يورىمىغانىدى. مېھراب ئالدىدىكى كىچىككىنە جوزىغا قويۇلغان لامپا غۇۋا نۇر چېچىپ تۇراتتى. داموللام مېھرابقا ئارقىسىنى قىلىپ چازا قۇرۇپ، جامائەتكە سەپسېلىپ جىددىي قىياپەتتە ئولتۇردى. ئىبارە ئوقۇپ بەرگۈچى بولسا، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ خەتكۈش (كۆرسەتكۈچ) بىلەن كىتاب قۇرلىرىنى ئېنىقلاپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ بىر نەچچە جۈملە ئوقۇغاندىن كېيىن، داموللامنىڭ «ھىم...» دېگەن ئاۋازى چىقىشى بىلەن تەڭ توختايتتى. داموللام ئەرەبچە ئوقۇلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. بىز ئاڭلاۋاتقان كىتابنىڭ ئىسمى «سەھىھۇلبۇخارى» ناملىق مەشھۇر ھەدىسلەر توپلىمى ئىدى.
       مەن شۇنىڭدىن كېيىن، نەدە كىتابخانلىق بولسا، شۇ يەرگە بارىدىغان بولدۇم. بىر قېتىم مەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ: «كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى _ ياخشى ئادەمدۇر» دېگىنىنى ئاڭلاپ، ياخشى ئادەم بولۇش كويىدا بولدۇم: پاتقاققا پېتىپ قالغان ھارۋىلارنى چىقىرىشقا ياردەم بەردىم، يىقىلغان كىشىلەرنى يۆلەپ تارتىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم. ئادەم ماڭىدىغان يوللاردىكى تاش، چالما ۋە قىيىندىلارنى بىر چەتكە ئېلىۋېتىدىغان بولدۇم. چۈنكى مەن ئۆزۈممۇ مۇنداق نەرسىلەردىن بىر نەچچە قېتىم پەشۋا يەپ، پۇتلىرىمنىڭ بارماقلىرى يارا بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ زامانلاردا ماڭا ئوخشاش بالىلارنىڭ كۆپچىلىكى ياز كۈنلىرى يالىڭاياق يۈرۈشەتتى. ناھايىتى باي ۋە مۆتىۋەر ئادەملەرنىڭ بالىلىرىلا يازدا سەندەل ياكى بەتىنكە كىيىۋالاتتى.
       كىتابخانلىقتا ئاڭلىغانلىرىم بويىچە، ئادەمنىڭ ياخشىسى __ خەلققە پايدا يەتكۈزگۈچى، يامىنى بولسا زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىكەن. مەن بۇ يەردە ئەمگەك ۋە ھەرىكەت توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىمدىن مۇنداق ئىككى ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتكۈم كېلىدۇ:


    بىرىنچى ۋەقە:
      بىر كۈنى بىر بوۋاي ھاسىسىغا تايىنىپ ئىشىك ئالدىدا جىم ئولتۇرسا، مۇھەممەد پەيغەمبىرىم ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەرگەنىكەن، ئۇ بوۋاينىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالماي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بوۋاي: «مەندىن قانداق گۇناھ سادىر بولغاندۇ، رەسۇلىمىز سالىمىمنى قوبۇل قىلمىدى، يۈزۈمگىمۇ قارىماي ئۆتۈپ كەتتى» دېگەنلەرنى ئويلاپ، غەمگە چۈشكەن ھالدا بېشىنى تۆۋەن ساڭگىلىتىپ، ھاسىسى بىلەن يەرنى سىجىغان پېتى ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر قايتىۋېتىپ، يەنە ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا بوۋاي دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ:
    _ ئەسسالامۇئەلەيكۇم! _ دەپ قول قوشتۇرۇپ سالام بېرىپتۇ. پەيغەمبەر:
    _ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! _ دەپ بوۋايغا ئوچۇق چىراي بىلەن قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ يىگىرمە – ئوتتۇز قەدەم نېرى كەتكەندىن كېيىن، بوۋاي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن پايپاسلاپ يۈگۈرۈپ يېتىشىپ دەپتۇ:
    _ يا رەسۇلۇلىللا، جانابلىرىدىن بىر سوئال سورىشىم مۇمكىنمۇ؟
    _ قېنى، قېنى سوراڭ، مەرھەمەت.
    _ جانابىڭىز ئۇ تەرەپكە ئۆتكەندە سالىمىمنى ئىلىك ئالماي ئۆتكەنىدىڭىز، قايتقاندا سالام بەرسەم، ئوچۇق چىراي بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، غەمكىن كۆڭلۈمنى خۇرسەن قىلدىڭىز، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلگۈم كېلۇر، _ دەپ سوراپتۇ بوۋاي.
    _ مەن ئۇ تەرەپكە ئۆتكىنىمدە سىز قىمىر قىلماي ئولتۇرغان ئىكەنسىز، قايتقىنىمدا بولسا، ھەر ھالدا ھاسىڭىزنىڭ ئۇچى بىلەن يەرنى سىجاپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپسىز، _ دېگەنىكەن مۇھەممەد پەيغەمبەر تەبەسسۇم بىلەن.

    ئىككىنچى ۋەقە:
    ئۇششاق بەش بالىسى بار بىر كەمبەغەل كىشى: «مۇھەممەد پەيغەمبىرىم كەمبەغەل، غېرىپ – مىسكىنلەرنىڭ ھالىغا يېتىدۇ» دېگەننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە بالا – چاقىلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئەھۋال ئېيتپتۇ. پەيغەمبەر بولسا، قازناقتىن تۆت غۇلاچ كەلگۈدەك بىر تال كۇلا (چىغدا ئىشلىگەن ئارغامچا) ئېلىپ چىقىپ، كەمبەغەلنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. بۇ كىشى كۇلىنى سىقىمداپ بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا بازادىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسا، كۆپنى كۆرگەن بىر مويسىپىت ئادەم ئۇنىڭدىن:
    _ ھەي بۇرادەر، نېمانچە غەمكىن كېتىپ بارىسىز؟ _ دەپ سوراپتۇ.
    غەمكىن كىشى:
    _ ماۋۇنى كۆرۈڭ، _ دەپتۇ يەرگە قاراپ.
    _ نېمىنى؟
    _ ماۋۇ كۇلىنى دەيمىنا.
    _ كۇلىڭىز نېمە بولۇپتۇ؟
    _ كۇلا ھېچنېمە بولغىنى يوق. بىز بىر ئائىلىدە يەتتە جان ئادەم ئاچ قېلىۋاتىمىز، _ دەپتۇ غەمكىن كىشى ئۇلۇغ – كىچىك تىنىپ، _ پەيغەمبىرىمنى ماڭا ئوخشاش يوقسۇللارغا ياردەم قىلىدۇ دەپ ئالدىغا ھال ئېيتىپ بارسام، مۇشۇ كۇلىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى، ئويلاپ بېقىڭا، بۇرادەر، بۇ كۇلىنى يېگىلى بولامدۇ ياكى كەيگىلى بولامدۇ؟
    _ بۇ ھېكمەتنىڭ تېگىگە يەتمەپسىز، _ دەپتۇ ھېلىقى مويسىپىت، _ رەسۇلىللانىڭ سىزگە بۇ كۇلىنى بەرگەنلىكى جاڭگالدىن ئوتۇن باغلاپ ئەكىلىپ سېتىن جان باق دېگەنلىكى.
    غەمكىن كىشى مويسىپىت كىشىدىن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۇققاندىن كېيىن، «بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن» دەپ ئولتۇرماي، يېقىن ئەتراپتىن قاخشاللارنى تېرىپ ئەكىلىپ، كۇلىدا باغلاپ سېتىپتۇ، شۇ كۈنى ئۇ بۇنىڭ پۇلىغا يەتتە نان ئاپتۇ. ئەتىسى جاڭگالغا بېرىپ تۈنۈگۈنكىدىن كۆپرەك ئوتۇن باغلاپ ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئون نان ئاپتۇ. كۈندە شۇنداق ھەرىكەت قىلىۋېرىپ، ئۆيدە نان ئۈزۈلمەيدىغان، ئۇچىلىرىدا كىيىم پۈتۈن بولىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، غەمكىن كىشىنىڭ ئىش – ھەرىكەتكە قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلاپتۇ.

     

    زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹خاتىرىلەر › ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.