ئىگەرلىك ئات-يېغى ياندىن چىقار

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-12 07:22:10

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپئون بىرىنچى بابيېغى ياندىن چىقار1ئەل ئايىغى جىمىققان، جىمى مەۋجۇدات ئېغىر ئۇيقۇغا ياتقان؛ ھەممە ياقنى تۈن قاراڭغۇسى قاپلىغان، تۈن نىسپى بولغان چېغ...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

    ئون بىرىنچى باب
    يېغى ياندىن چىقار

     



    1

     

    ئەل ئايىغى جىمىققان، جىمى مەۋجۇدات ئېغىر ئۇيقۇغا ياتقان؛ ھەممە ياقنى تۈن قاراڭغۇسى قاپلىغان، تۈن نىسپى بولغان چېغى؛ ئىنگەن، ساغان تاغلىرى قارا لىباسقا ئورالغانىدى. زۇمرەتتەك كۆك ئاسمان ئۈستىدە تولۇن ئاي زەر نۇرلىرىنى چېچىپ تۇراتتى. ئەرشنىڭ ساھىبجامالى چولپان - تەبەسسۇم چىرايىنى سۈزۈپ تولۇن ئاي بىلەن ھۆسن تالىشاتتى. قويۇق مەھەللىلەرنىڭ تۈن كېچىدىكى جىمجىتلىقىنى قورۇلاردىكى ئىتلار، باغلاردىكى ھۇقۇشلارنىڭ ھاۋشىپ-ھۇۋلاشلىرى ئارىلاپ بۇزۇپ تۇراتتى.

    ئابدۇنىياز كامال ئالدىن تەييارلانغان پىلان بويىچە پىدائىي چەۋەندازلىرىنى باشلاپ تاغبۇلاق يۇرتىدىن قوزغىلىپ ئاۋاتقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. چەۋەندازلار تاڭ سۈزۈلگىچە كوناچىلاندىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى، ئۇلار تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىنى بويلاپ توختىماي ئىلگىرىلەيتتى. بۇرۇن مۇشۇ توغراقلىق چۆللەردە ئوتۇنچىلىق قىلغان، ھازىر چەۋەندازلار سېپىدە كېتىۋاتقان ئاۋاتلىق يىگىتلەر يول باشلاپ ماڭاتتى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ، ئۈچىنچى كۈنىسى كۈن چىقىپ يورۇقلۇق ئىلاھى ئالەمدىن قۇياش نۇرىنى سېپىشكە باشلىغان مەھەلدە ئاۋات چېگرىسىغا يېتىپ باردى. ئالدىن خەۋەردار بولغان ئاۋاتنىڭ مۆتىۋىرى سەمەت ھاجى قاتارلىق كىشىلەر بۇ يەردە چەۋەندازلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

    ئەينى زاماندا ئاۋاتنىڭ بايلىرىدىن بولغان سەمەت ھاجى دەريا بويىغا يېقىن جايلاردىمۇ قورۇق بىنا قىلغانىدى. ئۇ چەۋەندازلارنى باشلاپ مەھەللىلەردىن چەترەك بولغان چارۋىچىلىق مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئابدۇنىياز كامال مەخپىيەتلىك زۆرۈرىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ساھىبخانىنىڭ بۇ ئاقىلانە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بارىكاللا ئوقۇدى. چەۋەندازلار بۇ يەردە يېتەرلىك ئوزۇقلاندى ۋە ئازادە-كۇشادە يېتىپ، قانغۇچە ئارام ئالدى.

    لېكىن، ئابدۇنىياز كامالنىڭ كۆزىگە زىنھار ئۇيقۇ كەلمىگەنىدى، ئۇنىڭ ئەس-يادى يەنىلا مويىدىن تۇەنجاڭنىڭ ئاسىيلىق ۋەھىمىسىدە قالغانىدى. ئۇ ئويلىغانسېرى يۈرىكى مۇجۇلاتتى، دېمىسىمۇ بۇ ئىشقا سەللا بىپەرۋالىق قىلىنسا، ئۆزى باشلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كالىسى كېتىدىغانلىقى ئايدىڭ بولۇپ قالغانىدى:

    «ھۇ، ھارىمى، ئاسىي بەدرەك، مەن تېخى سېنى ئادەممىكىن دەپ يېڭىساردىكى قاماقخانىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپتىمەنا، ھۇ، ئۆلگۈر مۇناپىق، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان خائىن! توختاپ تۇر، سېنى!...»

    باشقىلار يول ئازابىدىن ھەم ئۇيقۇسىزلىقتىن چارچاپ غەرق ئۇخلاۋاتقان چاغدا، ئابدۇنىياز كامال ئىچىدە تىت-تىت بولۇپ، ئاشۇ سۆزلەرنى تەكرارلاپ ئازابلىناتتى.

    مۇشۇ ئەسنادا خېلىدىن بېرى ئۇنىڭ بېشىغا كېلىپ ساقلاۋاتقان ۋاڭ نىيازنى كۆرۈپ قالدى-دە، چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى:

    - ھۇي، سەنمىدىڭ! بۇ، ئوڭۇممۇ-چۈشۈممۇ، قاچان كەلدىڭ؟

    ۋاڭ نىيازنىڭ نەچچە يىللار بۇرۇن ئابدۇنىياز كامالغا ھەمراھ بولۇپ توقسۇندىن بىللە چىققان سەپدىشى ئىكەنلىكى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە باشتا تونۇشلۇق ئىدۇق. ھارابتىكى ئات مەشىقىدە پۇتى سۇنۇپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن ئابدۇنىياز كامال ئۇنى ساقىيىپ كېلىش ئۈچۈن توقسۇنغا يولغا سالغان. مانا ئەمدى ئۇ سۇنۇقى بېجىرىم ساقايغاندىن كېيىن ئابدۇنىياز كامالنى ئىزدەپ يېڭىلا كېلىشى ئىدى.

    - بوش گەپ قىل، قالغانلار ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كەتمىسۇن؛ قىلىدىغان سۆزىمىز كۆپ، پاتىمەنىڭ ساڭا يازغان خېتىمۇ بار.

    ۋاڭ نىياز ئىككى ئالىقىنىنى ئابدۇنىياز كامالنىڭ قۇلىقىغا جۈپلەپ تۇرۇپ ئاستا پىچىرلىدى.

    - ماقۇل، يۈرە ئەمىسە، خالىي جايدا سۆزلىشەيلى.

    ئابدۇنىياز كامال ئاشۇ بېشارەت بىلەن ۋاڭ نىيازنى باشلاپ يېقىنلا جايدىكى بىر چوڭ توغراقلىقنىڭ ئىچىگە ئېلىپ بېرىپ پىنھان مۇڭداشتى. ۋاڭ نىياز ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا رەپىقىسى پاتىمەنىڭ ئېغىزى مەھكەم چاپلانغان لىپاپىلىق خېتىنى تاپشۇردى. ئابدۇنىياز كامال لېپاپ ئىچىدىن خەتنى سۇغۇرۇۋېلىپ ئىچىدە ئوقۇشقا باشلىدى:

     

    ... «تۇرمۇش قۇرۇپ بىر ھەپتىمۇ ئۆتمەي ئايرىلغان؛ بەش يىلدىن بۇيان دىدار كۆرۈشمىگەن ھالال جۈپتۈم، ئېرىم ئابدۇنىيازغا:

    سىزنى ھازىرغىچە كۈتۈپ كەلدىم، كەلگۈسىدىمۇ كۈتىمەن. سىزنىڭ ئىرادىڭىزنىڭ پولاتتىنمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىگە قايىلمەن. لېكىن زاماننىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلەۋاتىدۇ. مەملىكەت بويىچە چوڭ ئۇرۇش  باشلىنىپ كەتتى. زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق دېگەن تەمسىل بىكار ئەمەس. بۇ تەقدىرنى ئۆزىڭىزمۇ مۆلچەرلەپ كۆرۈڭ. تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ھېسسىياتتا. مەن ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇۋاتىمەن. توقسۇن بويىچە تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇلايمەن. سىزگە نۇسرەت تىلەيمەن...»

     

    ئابدۇنىياز كامال خوتۇنىدىن كەلگەن خەتنى ئىچىدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، خەتنى چاڭگىلىدا پۈرلەپ تۇرۇپ دېدى:

    - بەللى، مۇنداق ئۈركۈشلەرمۇ بار ئىكەن-دە، تېخى...

    - نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن، پاتىمەنىڭ خېتىدە ساڭا يارىمايدىغان گەپ-سۆزمۇ بارمىكەن؟

    ۋاڭ نىيازنىڭ سوئالىغا ئابدۇنىياز كامال مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئارقىدىن جاۋابەن دېدى:

    - ياق، ئۇنداقمۇ ئەمەس، لېكىن «ھاۋانىڭ پەيلى بۇزۇلسا، ساچقان مەمەدان بولۇپ كەتكۈدەك» دەيدىغان تەمسىل ئۇختىسىغا كېلىپ قالدى. بىزنىڭ ئاغىچا خېنىم توقسۇن بويىچە تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇپ ماڭا دەرس بېرىشكە ھازىرلىق كۆرۈۋېتىپتۇ. بۇنى قارشى ئېلىشىم كېرەك-دە!

    ئارقىدىن ئۇلار پاراڭ تېمىسىنى باشقا مەزمۇنلارغا بۇراپ، ئۆزئارا مۇڭداشقاچ توغراقلىقتىن قورۇققا قاراپ ماڭدى. قورۇق ئالدىدا ئۇلارنى ساھىبخانا سەمەت ھاجى تەقەززا بولۇپ كۈتۈپ تۇراتتى. ساھىبخانىنىڭ تەكلىپى بىلەن «تاغبۇلاق»دىن كەلگەن چەۋەندازلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ بىر قىسمى مۇشۇ قورۇقتا قالدى. ئابدۇنىياز كامال باشلىق بىر قىسمى ساھىبخانىنىڭ ئارا مەھەللىدىكى چوڭ قورۇسىغا يۆتكەلدى.

    ئابدۇنىياز كامال يېڭى قورۇغا كەلگەندىن كېيىن تۈنۈگۈن «تاغبۇلاق شتابى»دا بېكىتىلگەن مەخپىي قارارىنى تەخىرسىزلىك بىلەن ئىجرا قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. تاغبۇلاقتىن بىللە ئەكەلگەن بايىقى قەشقەر يۇمىلاق شەھەرنىڭ ئايغاقچىسىنى توغراقلىققا باغلاپ قويۇپ نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى جېكىلىدى.

     

    2

     

    ئابدۇنىياز كامال «تاغبۇلاق» يۇرتىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە شېڭ جەمەتىنىڭ ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىن ئەۋەتكەن بىر ئاخباراتچىسى مويىدىن تۇەنجاڭنىڭ يېڭىئېرىقتىكى ۋاقىتلىق شىتابىغا مەخپىي كېلىپ پىچىرلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ يەنە يېڭىئېرىقتىكى ئاسىمبەگ دېگەن كىشىگە مەخپىي ۋەزىپە تاپشۇرغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مويىدىن بىلەن ئاسىمبەگنىڭ ئوتتۇرىسىدا بېرىش-كېلىش قويۇقلىشىپ قالغانىدى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يوشۇرۇن مۇناسىۋەتنى ئابدۇنىياز كامالغا سادىق بولۇپ كېلىۋاتقان يولبارس تۈەنجاڭ ئاستىرتىن كۆزىتىپ ماڭغانىدى.

    داۋۇت شەمشەر ئۆزىنىڭ ياراملىق مۇھاپىزەتچىلىرىنى باشلاپ سەمەت ھاجىنىڭ قورۇسىدىن چىققان پېتى زاۋال مەھلى بىلەن يېڭىئېرىققا كېلىپ يولبارس تۈەنجاڭ بىلەن ئۇچراشتى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئابدۇنىياز كامالنىڭ تاغبۇلاقتىن ئاۋاتقا يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى ھەمدە مويىدىن تۇۋەنجاڭنىڭ بۈگۈن ئاخشام ئاسىم بەگ بىلەن بىللە روزىخان سەتەڭنىڭ ئۆيىدە بولىدىغانلىقىدىن ئۇچۇر تاپتى.

    داۋۇت شەمشەر سىر ساقلىغانىدى. ئۇ مۇددىئاسىنى يوشۇرغان قىياپەتتە يولبارسقا تەكلىپ بېرىپ دېدى:

    - مويىدىن تۇەنجاڭغا كېچىكتۈرمەي ھازىرلا ئېيتىدىغان بىر مۇھىم ھەربىي سىر بار ئىدى. سىز بىزگە روزىخان سەتەڭنىڭ ئۆيىنى كۆرسىتىپ قويالارسىزمۇ؟

    - ئەلۋەتتە بولىدۇ،- دېدى يولبارس ئىشىنىپ،- سىلەرنى باشلاپ بېرىپ يول ئۈستىدىن كۆرسىتىپ قويۇپلا قايتىپ كېلەي.

    خۇپتەندىن ئۆتكەن چاغ، ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلىغان، ئاۋغۇستنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كېچىكىپ كۆتۈرۈلگەن ئاي-بۇلۇتلار قاتلىمى ئىچىگە يوشۇرۇنغانىدى. ئەتراپ گۆردەك قاراڭغۇ؛ مەھەللە-كويلاردا ئىنىسى-جېنىنىڭ شەپىسى ئاڭلانمايتتى.

    روزىخان سەتەڭنىڭ ھويلا قورۇسى مەھەللىنىڭ چەت-ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالدى كىچىك باراڭلىق، كەينىدە بىر ئورەك تال-جىرىملىق، ئوتتۇرىدا بار-يوقى ئىككىلا ئېغىز ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. روزىخان سەتەڭ بەش يىلچە بۇرۇن ئاقسۇدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ مۇشۇ قورۇنى سېتىۋالغاندىن بۇيان تۇل ئۆتۈپ كېلىۋاتاتتى. ياش قۇرامى ئوتتۇزلاردىن ئاشقان بۇ سەتەڭنىڭ زاكىسىدا تەگكەن كونا خۇيى تېخىمۇ ئەۋجىپ بۇ يەردە بازىرى تېخىمۇ روناق تاپقانىدى. بۈگۈن كېچە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خېرىدارى ئاشۇ مويىدىن تۇۋەنجاڭ ئىدى.

    داۋۇت شەمشەر ھەمراھلىرى بىلەن ئاياغ تىۋىشى چىقارماي پەم بىلەن ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى جىرىم-تاللىق باغقا كىرىپ ئورۇنلىشىۋالدى. ئارقىدىن ئۆزى يالغۇز قورۇنىڭ ئارقا تېمىغا قويۇلغان كىچىك پەنجىرىسىگە يېقىنلاپ بېرىپ ئۆي ئىچىدىن مەستلىكتە چىقىۋاتقان كۈلكە ئارىلاش پاراڭلارنى ئاڭلاشقا باشلىدى. جىنچىراغنىڭ سۇس شولىسىدا ئۆينىڭ ئىچى گۇگۇم بولسىمۇ، لېكىن ئىچىۋاتقان مۇسەللەسنىڭ غالىبلىقىدىن، خېرىدارلارنىڭ كەيپى ئۆرلەپ، ئاۋازلىرى سازلىنىپ كەتكەنىدى.

    ئاسىم بەگ ئالدى بىلەن مويىدىنگە سوئال قويۇپ دېدى:

    - ھېلىقى چاقماق پالۋان (ئابدۇنىياز كامالنى دېمەكچى) كەلپىندىن قاچان كېلىدىكەن، خەۋەرلىرى بارمۇ؟

    - بىر-ئىككى كۈن ئىچىدىلا يېتىپ كېلىدۇ،- دېدى جاۋاب بېرىپ مويىدىن.

    - سىلىمۇزە، قالتىس سەزگۈر جۇمۇسىلا، مېنىڭچە ئۇنىڭ قولتۇقىدىكى تاۋۇزىمۇ دومىلاپ چۈشۈشكە ئاز قالدىغۇ دەيمەن.

    - شۇنداق، ئۇ كەلگەن ھامان...

    - يارايدىلا، ئوغۇل بالا جۇمۇسىلا. شېڭ دۇبەن، شورا ۋە ئىسھاق ساقالنىڭ بىرلەشكەن كۈچىگە ئۇ سولتەك قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن دەيدىلا. ئۇنىڭ ئۈستىگە شېڭ دۇبەن دېگەنچۇ قارىسىلا، ياپونىيىدە ئىككى چوڭ مەكتەپتە ئوقۇغان كاتتا ھەربىي ئالىم ئىمىشلا، ئىسھاق ساقال قارىتۈرۈك بولسىمۇ كۆڭلى تويۇپ پايدا ئالدى دېسىلە؛ ئۇنىڭ يېنىدا بىر-بىرىدىن سەتەڭ تۆت خوتۇنى بار ئىمىش، مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن دېسىلە، ھا... ھا... ھا، قورال كۆتۈرۈپ جاپا تارتقۇچە ئويماق كوچىلاپ جاننى راھەتلەندۈرگەن ئەلا ئەمەسمۇ؟

    ئاسىمبەگ كەيپچىلىكتە توختىماي ۋالاقلايتتى. ئۇ ئاخىرىدا دېدى:

    - مويىدىن تۈەنجاڭ، يېرىم كېچە بولۇپ قاپتۇ. مەن ئاستا كېتىۋالاي؛ ئەمدى ئىچىشنى توختىتايلى. مېنىڭ تۆتىنچى قانچۇقۇم يولۇمغا قاراۋاتىدىغاندۇ، ھەرقاچان. بۈگۈن كېچە سىلىمۇ بۇ خالىي ئۆيدە قونۇپ قېلىپ، روزىخان سەتەڭنىڭ كېچىلىك خۇلقى-نازىدىن ھۇزۇرلانسىلا. ھا... ھا... ھا...

    ئاسىمبەگ كۈلگەن پېتى ئۆزى تەنھا كېتىپ قالدى. مويىدىن بەكرەك كەيىپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن روزىخان سەتەڭنىڭ ئۇرۇن-كۆرپە سېلىشىغىمۇ تەخىر قىلىپ تۇرالماي تەڭلىمات سېلىنغان سۇپىغا دومىلاندى. ئۆينىڭ ئىچىدە جىنچىراغ يەنىلا سۇس يېنىپ تۇراتتى.

    تۈن تەڭ بولغانىدى، داۋۇت شەمشەر ھەمراھلىرىنى باشلاپ جىرىملىق باغنىڭ ئىچىدىن قورۇنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۆتۈپ، ئۆي ئىچىگە تۇيدۇرماي باستۇرۇپ كىردى-دە، مەستلىكتە خۇدىنى يوقاتقان مويىدىننىڭ يېنىغا ئېتىلىپ بارغان پېتى ئىككى قولىنى ياغلىق بىلەن تاڭدى. ئۇزۇن شوينا-تانا بىلەن ئىككى قولىنى باغلاپ سىرتقا ئېلىپ ماڭدى. مويىدىن مولۇندەك تۆت تەرەپكە ھودۇقۇپ قارىدىيۇ، لېكىن ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى. شۇ تاپتا ئۇ بېشىغا كەلگەن بۇ تاسادىپىي بالا-قازانىڭ تېگى-تەكتىنى ئاڭقىرالمايتتى... روزىخان سەتەڭنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ، رەڭگى تاتىرىپ، قورققانلىقتىن غىڭ قىلالماي، خۇددى سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك شۈمشىيىپ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا بۇتتەك تەنھا ئولتۇرۇپ قالغانىدى. بىراق، روزىخان سەتەڭ تۇرمۇشنىڭ بۇنداق كومېدىيىلىرىنى بېشىدىن كۆپ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنچىۋالا ھار ئالمايتتى.

     

    3

     

    مويىدىننىڭ ئاسىيلىق قىلمىشى تاغبۇلاقتىن تارتىپ ئابدۇنىياز كامالنىڭ بېشىنى قاتتىق ۋەھىمىگە سالغانىدى، ناۋادا ئۇ بۇ دورەم سەللا بىپەرۋالىق قىلسا ئۆزى بىلەن بىللە نۇرغۇن ئادەمنىڭ كاللىسىنىڭ تېنىدىن جۇدا بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. مانا ئەمدى مويىدىن ئۇنىڭ ئالدىدا مەھكۇم ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇنى يېڭىسار تۈرمىسىدىن ئۆزى بوشىتىپ چىققان ھەمدە ئۆزى ئۇنى سەنمۇجاڭلىققا تەيىنلىگەن. شۇ ۋەجىدىن مويىدىننىڭ قورقۇنچلۇق جىنايىتىگە يوشۇرۇن ھۆكۈم قىلىنسا، ئابدۇنىياز كامالنىڭ رەقىبلىرىنىڭ بوھتان تارقىتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايتتى. شۇڭا سەمەت ھاجىنىڭ تۆۋەن تەرەپتىكى قورۇق مەيدانىدا پىدائىيلار قاتناشتۇرۇلغان ئوچۇق سوت يىغىنى ئېچىلدى.

    ئالدى بىلەن ئابدۇنىياز كامال مەھبۇسنىڭ سەنمۇجاڭلىق ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغانلىقىنى، داۋۇت شەمشەرنىڭ سەنمۇجاڭلىق ۋەزىپىسىگە ھەم قوشۇمچە بۈگۈنكى ھەربىي سوتنىڭ باش سوتچىلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن داۋۇت شەمشەر ئوچۇق سوتقا رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىدى. مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈلۈشكۈن تاغبۇلاقتىكى مەخپىي كېڭىشىشتە ئالدىنئالا قارار قىلىنغانىدى.

    ئىككى يۈزدىن ئارتۇق پىدائىيلار قوراللىق ھالەتتە چەمبەر تۈزەپ ئۆرە تۇرۇشاتتى. مويىدىن بىلەن بىللە يۇمىلاق شەھەردىن كەلگەن ئايغاقچى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا تىزلىنىپ ئولتۇراتتى.

    باش سوراقچى، مويىدىننىڭ جىنايەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن جاۋابكار تارتماستىن تەن ئالدى. ئارقىدىن بارلىق پىدائىيلار «ئاسىي مويىدىنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن!» دەپ بىردەك ۋارقىراشتى.

    بۈگۈنكى سوت يىغىنىغا يولبارس تۇەنجاڭمۇ يېڭىئېرىقتىن كېلىپ قاتناشقانىدى. ئۇ ھازىر ھەممە ئەھۋالنى چۈشەنگەنىدى. ئابدۇنىياز كامالغا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا ئوچۇق-ئاشكارا دوكلات بېرىپ دېدى:

    - مويىدىننىڭ ئاخباراتچى دوستى ئاسىمبەگ بۈگۈن ئەتىگەن ھودۇققان ھالدا مېنىڭ ئىشخانامغا ھاپىلا-شاپىلا كىرىپ كەلدى-دە: «مويىدىن سەنمۇجاڭنى كۆردىلىمۇ؟» دەپ مەندىن ئالاقزادىلىك بىلەن سورىدى، مەن ئۇنىڭغا: «ياق، كۆرمىدىم» دېگەنىدىم، ئۇ پەرىشان ھالدا قانداق تېز كەلگەن بولسا شۇنداق تېز چىقىپ كەتتى. ئۇ، ئېھتىمال ئاخشام سادىر بولغان ئىشنى روزىخان سەتەڭ ئارقىلىق ئاڭلىغان بولسا كېرەك...

    - ئىككى ئېغىز سۆزلىۋېلىشىمغا پۇرسەت بەرگىنىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. مەن بىر ۋاپاسىز جاۋابكار. مېنى ئابدۇنىياز سىجاڭ يېڭىسار تۈرمىسىدىن ئۆز قولى بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن ھەمدە ماڭا ئىشىنىپ كاچۇڭدا قۇرۇلغان يېڭى دېۋىزىيىنىڭ سەنمۇجاڭلىقىغا كۆتۈرگەن. ئەكسىچە مەن ياخشىلىققا يامانلىق قىلىش يولىغا ماڭدىم. مەن يەنە ئەڭ چوڭ ئاسىي گۇناھكار. ئەسلىدە مەنمۇ دېھقان بالىسى بولغىنىم ئۈچۈن غازات يولىغا ماڭغانىدىم. لېكىن بېرىپ-بېرىپ بۇ يولدىن پايسىندىم. تۈرلۈك جاپالارغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم. مەن بىر ئازغۇن گۇناھكار، قەشقەر يۇمىلاق شەھەردىن ماڭا ئارقا-ئارقىدىن: «مەنسەپ بېرىمىز، ئالتۇن ئىنئام قىلىمىز، راھەت-پاراغەتتىن بەھرىمەن بولىسەن، ئارقاڭغا بۇرۇلۇپ ئوق ئات» دەپ مەخپىي خەت كېلىۋەردى. مەن ئىككىلەندىم. ئىنسان - مەنپەئەت قۇلى ئىكەن. مېنى مەنسەپ، مەنپەئەت ئىندىكى ئازدۇردى. مېنىڭ ئاخىرىدا بىر ئىلتىماسىم بار، ئىنسان ئەسلىي زاتىدىن ئازغۇچى ۋە سەۋەن-خاتالىققا يېقىن تۇرغۇچى بەندە. ئىنسان يەنە گۇناھىغا توۋا قىلسا ۋە خىزمەت كۆرسىتىپ گۇناھىنى يۇسا خەيرىخاھلىققا ئېرىشكۈچى بىر ئەزىز بەندە. مەن تەڭرىمىز ئالدىدا بارلىق گۇناھى قىلمىشىمنى تەن ئالىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە مېنىڭ بىر ئاددىي پىدائىيلىق سالاھىيىتىم بىلەن ئالدىمىزدىكى جەڭ مەيدانىدا خىزمەت كۆرسىتىپ، ئۆزۈمنى ئاقلىۋېلىشىمغا پۇرسەت بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن.

    مويىدىننىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سوت مەيدانى بىر مەھەل جىمجىتلىققا چۆمۈپ كەتتى. ھەممە پىدائىيلار ۋە باش سوتچى ئاستىرتىن سىناق كۆزلىرى بىلەن ئابدۇنىياز كامالنىڭ كەيپىياتىغا نەزەر تاشلايتتى. سوقۇش بولۇپ تۇرۇۋاتقان جىددى ۋەزىيەتتە ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى پەقەت ئابدۇنىياز كامالدىلا بولاتتى. ئۇ ئىچىدە بىر مەھەل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن، لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ دېدى:

    - بىز ھېلى مويدىننىڭ كۆڭۈل سۆزىنى ۋە ئىلتىماسىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق. ئىنسان قانداق ۋاقىتتا ئۆز ئېتىقادىغا ئاسىيلىق ۋە ئۆزىگە ئۆزى خائىنلىق قىلىدۇ؟ مويىدىن ئىقرار قىلغاندەك ئۈمىدسىزلىك غالىب كەلگەندە، قورقۇنچلۇق تەھدىت سالغاندا، مەنسەپ-مەنپەئەت ئىلمەك سالغاندا ئادەم تەبىئىتىنى ئاشكارىلايدۇ، ۋىجدانىنى ساتىدۇ. مويدىن بۈگۈن ئۆزىگە ئۆتكۈر پىچاق سېلىپ تۇرۇپ يۈرەك سۆزىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن مەن خېلى تەسىرلەندىم. پىدائىي يىگىتلەر، ھازىر بىزنى يەنە يېڭى بىر جەڭ ئىمتىھانى كۈتمەكتە. شۇڭا مەن مويىدىننىڭ بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئاشۇ ئىمتىھان مەيدانىغا قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسىتىش ئىلتىماسىغا ماقۇل بولغانلىقىمنى جاكارلايمەن.

    ئابدۇنىيازنىڭ بۇ قارارىنى ھەممە پىدائىيلار قىزغىن قوللىدى. مويدىن قاتارلىق ئىككى جاۋابكار شۇ نەق مەيداندىلا ئەركىنلىككە ئېرىشتى.

    ئارىدىن پەقەت ئۈچ كۈنلا مۇددەت ئۆتكەنىدى. ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى مۆلچەرلىگەن ئابدۇنىياز كامال ئايكۆل مەۋلانەمدىن ئاۋات بازار ئىچىگىچە، خاڭگۇي - سايئېرىقتىن غورۇچۆل، قاراتالغىچە بولغان كەڭلىكتە مۇداپىئە سېپى قۇرۇپ ھەربىي ھالەت جاكارلىدى. مويىدىننى داۋۇت شەمشەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

    1937- يىل 9- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شېڭ جەمەتى ۋە ئاق ئورۇسنىڭ ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئايروپىلان ۋە توپچى ئەترىتىنىڭ كۈچلۈك ئوت كۈچىنىڭ ھىمايىسىدە پىدائىيلارنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئۈچ تەرەپتىن ئاۋاتقا قاراپ باستۇرۇپ كەلدى.

    پىدائىيلار تامانىدا مىڭدىن ئارتۇق يىگىت بولۇپ قورال-ياراغ، ئوق-دورىلىرى ئىنتايىن كەمچىل ئىدى. ئۇلار ھازىر روھىي جاسارەتكىلا تايىناتتى. 9- ئاينىڭ 3- كۈنى كۈندۈزدىن زاۋال چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا قانلىق جەڭ داۋام قىلدى. پىدائىيلار قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان زەمبىرەك ئورنىتىلغان تۆت چاقلىق كىچىك ماشىنىلار ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ توختىماي ئېتىۋاتقان ئوق مۆلدۈرى ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن قۇربان بېرەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مويىدىن سەنمۇجاڭنىڭمۇ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېنىق بولدى. ئابدۇنىياز كامال بۇ پاكىتنى رەسمىي ئىگىلەپ چىققاندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ:

    - ئوغۇل بالا، ئەركەك! لەۋزىدە تۇرالىدى. ئاللادىن ئۇنىڭغا جەننەت ئېرەمىدىن ئورۇن بېرىشنى تىلەيمىز،- دېدى.

    ئەتىسى قانلىق جەڭ يەنە تولۇق بىر كۈن داۋام قىلدى. دەريا بويىدىكى يېزا-كەنتلەردىن چېكىنگەن پىدائىيلار داۋۇت شەمشەرنىڭ غورۇچۆلدىكى تايانچ بازىسىغا كېلىپ توپلانماقتا ئىدى. ئۇلار غورۇچۆلنىڭ «قەدىمىي ئايماق» ۋە «قارا جاڭگال» دېگەن كەنتلىرىدە ئىستىھكام قۇرغانىدى.

    لېكىن، ئاق ئورۇسلارنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى سائەتمۇ سائەت نۆۋەتلىشىپ كېلىپ بومباردىمان قىلىپ دېھقان پىدائىيلىرىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، پىدائىيلارنىڭ مۇداپىئە سېپى چېچىلىپ كەتتى.

    ئابدۇنىياز كامال ئەھۋالنىڭ خەتەرلىكلىكىنى مۆلچەرلەپ، بىھۇدە قۇربان بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھايات قالغان يىگىتلەرنى چېكىنىشكە بۇيرۇق بەردى. بۇ ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن ئەپسۇسلانغان داۋۇت شەمشەر ئادەملىرىنى باشلاپ شەرق تەرەپكە؛ مۇشاۋىر ئابدۇقادىر ھاجى باشلىق بىر قىسىم كىشىلەر تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى توقايلىقلارنىڭ ئىچى بىلەن مارالبېشى شاقۇر تەرەپكە يۈرۈپ كېتىشتى. سەركەردە ئابدۇنىياز كامال باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم يىگىتلەر تارىم دەرياسىدىن ئۆتۈپ قويۇق توغراقلىق ئىچىگە كىرىپ پاناھلاندى. دەريادىن ئۆتۈۋاتقان يۈزلىگەن دېھقان پىدائىيلارنى ئاق ئورۇس ئايروپىلانلىرى توختىماي بومباردىمان قىلىپ، تارىم دەرياسى سۈيىنى قىپقىزىل قانغان بويىۋەتكەنىدى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.