بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 15

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-02 12:11:57

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) بۇ بىر كۆرۈنۈش ھادىسە ھىيلىگەرلىك ۋە نەيرەڭۋازلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەھۋاللار بىئاسۇنىڭ كىشىلەرنى ئىدارە قىلىشتا بەكمۇ چىۋەر – پەملىك ئىكەنلىك...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    بۇ بىر كۆرۈنۈش ھادىسە ھىيلىگەرلىك ۋە نەيرەڭۋازلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەھۋاللار بىئاسۇنىڭ كىشىلەرنى ئىدارە قىلىشتا بەكمۇ چىۋەر – پەملىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ كۆرسەتتى.

    قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا مەنسەپپەرەسلىك ۋە يۇقۇرى كۆتۈرىلىشنى تەلەپ قىلىش كەيپىياتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بىئاسۇ تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلغان بۇ نەيرەڭ نېگىرلارنىڭ تامامەن نادانلىقىنى ۋە باشلىقلىرىنىڭ ناھايىتى ھىيلىگەرلىكىنى تولۇق ئېچىپ بەردى.

    شۇ ئارىدا بىئاسۇنىڭ تاماق يېيىش ۋاقتى بولۇپ قالدى. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ گېنېرال – مايورى، كاتولىك دىنىنىڭ ئۇلۇغ جانابىي ئالىيسىغا تاشپاقا پوستىدىن ياسالغان چوڭ كاسىلاردا دورا – دەرمەكلەر بىلەن ئالاھىدە دۈملەپ پىشۇرۇلغان سېمىز پاقلان گۆشى ۋە ھەر خىل مەززىلىك تائاملار كەلتۈرۈلدى، يەنە تاۋۇز باشقا شىرىن مىۋە – چىۋە، شەربەتلىك ئىچىملىكلەر ھەم بېلىق، تاشپاقا گۆشىدىن ياسالغان ھەرياڭزا مەئىشەتلەرمۇ قويۇلدى، ياغلىق قاتلىمىلار ۋە چىرايلىق ماركا چاپلانغان ۋىنو بوتۇلكىلىرى زىياپەت ئۈستىلىنى بېزەپ تۇراتتى. بىئاسۇ يانچۇقىدىن بىر نەچچە تال سامساق ئالدى – دە، ئۇنى نانغا سۈرتۈپ زور ئىشتىھا بىلەن غىزالىنىشقا كىرىشىۋېتىپ، يېنىدا ئولتۇرغان رىگونى تاماققا تەكلىپ قىلدى. بىئاسۇنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. باخشى بۇ زىياپەتكە داخىل بولمىدى، چۈنكى، ئۇ ئۆز كەسپىگە كىرىشكەندىن بۇيان، نېگىرلارغا ئۆزىنىڭ ئەۋلىيا ۋە ئىلاھى شەخس ئىكەنلىكىنى، تاماق يېيىشكە مۇھتاج ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا زادىلا تاماق يېمەي كەلگەن.

    زىياپەت داۋامىدا بىئاسۇ ئۆز ئاديۇتانتلىرىدىن بىرىگە ھەربىي كۆرەكنى باشلاش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. شۇ ھامان قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى رەت – رەت سەپ بولۇپ، غارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. بىرىنچى رەتتە قىزىلتاغ نېگىرلىرى ئۆتتى: ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن تۆت مىڭچە ئىدى. ئۇلار ئادەم سانى ئانچە كۆپ بولمىغان ئىزۋودلار بويىچە تەكشى قەدەم تاشلاپ ئۆتمەكتە ئىدى. ھەر بىر ئىزۋودنىڭ ئالدىدا ئۆز باشلىقلىرى ماڭدى. ئۇلار مەن يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك قىزىل ئىشتان كىيگەن ۋە بەللىرىگە قىزىل كەمەر باغلىغان ئىدى.

    بۇ قوشۇندىكى نېگىرلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىگىز، گەۋدىلىك ۋە كۈچلۈك بولۇپ، مىلتىق، پالتا، قىلىچلار بىلەن قوراللانغان، نۇرغۇنى چوماق، ئارا، ئوقيا ۋە ئۆزلىرى ياسىۋالغان ئۇزۇن نەيزىلەرنى كۆتىرىشىۋالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بايرىقى يوق ئىدى. بۇ جەڭچىلەر روھى چۈشكەن، جىمجىت، سۈرلۈك قەدەم تاشلاپ ئۆتۈشتى.

    «قىزىلتاغ» نېگىرلىرى كۆرەكتىن ئۆتۈۋاتقاندا، بىئاسۇ يېنىدىكى رىگوغا ئېڭىشىپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا فرانسۇز تىلىدا شۇنداق دىدى:

    -بلانىشلاند ۋە دې رۇۋرىنىڭ زەمبىرەكلىرى مېنى بۇ «قىزىلتاغ» قاراقچىلىرىدىن قاچانمۇ قۇتۇلدۇرىدىكىن! مەن بۇلارنى بەكمۇ ئۆچ كۆرىمەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كونگو نەسلىدىن! ئەپسۇسكى، ئۇلار جەڭ قىلىشقا ماھىر. «قىزىلتاغ» لىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدامچى باشلىقى بيۇگ – ژارگالنىڭ ئۈلگىسى بويىچە ئىش قىلىشىدۇ، ئۆزىنى ئالىيجاناپ، قەھرىمان قىلىپ كۆرسىتىدىغان بۇ ئەقىلسىز گۆدەككە گويا بۇتقا تىۋىنغاندەك چوقۇنىشىدۇ. سىز ئۇنى تونۇمامسىز، رىگو؟ ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانچان تونۇشماسسىز. ئاق تەنلىكلەر ئۇنى ئەسىر ئېلىپ تولىمۇ ياخشى ئىش قىلدى! مەن بۇكماندىن قۇتۇلغاندەك، بيۇگ – ژارگالدىنمۇ قۇتۇلدۇم.

    -بۇكمان توغرىلىق بىر پىكىر ئېسىمگە كەلدى، - دىدى رىگو ئۇنىڭغا جاۋابەن، - ئەتە، ماكاييەنىڭ قاچان قارا تەنلىك ئەسكەرلىرى كۆرەكتىن ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇكماننىڭ ھالاكىتى توغرۇلۇق ژان – فرانسۇئادىن خەۋەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى چاپارمەن نېگىر ئۇلارنىڭ سېپىدە كېلىۋاتىدۇ. بىلەمسىز، بىئاسۇ، بۇ نېگىرنىڭ خەتەرلىكى بۇكماننىڭ ھالاكىتى توغرىسىدىكى خەۋەرنى دەسلەپتە ماڭا يەتكۈزگەنلىكى ۋە مېنىڭ سىزگە ئېيتقانلىقىم. ئەگەر ئۇ ئۇنى ئەتەي لاگىر ئالدىدا يېرىم سائەت توختىتىپ قويغانلىقىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويسا، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ داھىيىسى بۇكماننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئالدىنئالا ئېيتىلغان پالنىڭ سىرى پاش بولۇپ قېلىشى ۋە باخشىنىڭ رەمچىلىك سەنئىتىگە بولغان ئىشەنچى ئەسكەرلەر ئىچىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىدى.

    -DIABOLO، - دىدى بىئاسۇ سەگەكلىشىپ، - سىز توغرا دىدىڭىز، قەدىرلىكىم، ئۇ ئادەمنى جىمىقتۇرۇش كېرەك، توختاپ تۇرۇڭا....

    -ماكەييە! – دەپ ۋارقىرىدى بىئاسۇ.

    بۇكماننىڭ قاچاق نېگىرلىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقى دەرھال بىئاسۇنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە، يوغان پىلتە مىلتىقىنىڭ ئېغىزىنى يەرگە قارىتىپ تازىم قىلدى.

    -ئەنە ئاۋۇ قارا تەنلىكنى ئۆز سېپىڭلاردىن چىقىرىڭلار! ئۇ كۆرەككە قاتنىشىشقا مۇناسىپ ئەمەس، - دېدى بىئاسۇ.

    ماكاييە چاپارمەن نېگىرنى دەرھال باش قومانداننىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. بىئاسۇنىڭ چىرايى غەزەپلىك تۈسكە كىردى. ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى غەزەپلەنگەن قىياپەتتە قىلىپ كۆرسىتىشكە بەكمۇ ماھىر ئىدى.

    -سەن ئۆزەڭ كىم؟ - دەپ سورىدى بىئاسۇ قورقۇپ تۇرغان نېگىردىن.

    -جانابىي گېنېرال، مەن – بىر قارا تەنلىكمەن، - دىدى چاپارمەن.

    -ئەخمەقنىڭ گىپىنى قارا! سېنىڭ قارا تەنلىك ئىكەنلىكىڭنى بىلىۋاتىمەن، ئىسمىڭ نىمە؟

    -مېنىڭ جەڭگىۋار لەقىمىم – ۋاۋىلان. دەرۋىشلەر ئىچىدىكى پىرىمنىڭ نامى – مۇقەددەس سابا. ئۇ كىشى تەركىي – دۇنيا بولغان چوڭ ئەۋلىيا ئىدى. ئۇنىڭ خاتىرىسى ھەر يىلى ئەيسا پەيغەمبەر تۇغۇلغان تەۋەللۇت بايرىمىدىن يىگىرمە كۈن بۇرۇن بايرام قىلىنىدۇ.

    بىئاسۇ ۋارقىراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

    -سەن يىرتىق ئىشتان كىيىپ، ئاق پۇتا باغلاپ، پاتقاق چاپلاشقان يالاڭغىداق پۇتۇڭ بىلەن، قاشاڭ قىلىچ ئېسىپ، ھەربىي كۆرەككە قاتنىشىشقا قانداق جۈرئەت قىلدىڭ؟

    -جانابىي گېنېرال، بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەيىپلىك ئەمەس، - دىدى نېگىر، - گېنېرال ئادمىرال ژان – فرانسۇئا مېنى ئەنگلىيىلىك نېگىرلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى بۇكماننىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى خەۋەرنى سىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن چاپارمەن قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. توغرا، مېنىڭ كىيىملىرىم يىرتىلدى. پۇتلىرىم پاتقاق بولدى، چۈنكى، مەن بۇ خەۋەرنى جانابىڭىزغا تېزرەك يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھېچنەرسىگە قارىماي، بولۇشىچە چاپتىم. بىراق لاگىرغا يېتىپ كەلگەندە مېنى تۇتۇپ قېلىشتى ۋە ....

    بىئاسۇ قاپىقىنى تۈردى:

    -مەن ئۇ توغرىلىق سوراۋاتمايمەن، بەد بەخ! سەن نىمە ئۈچۈن ئۇياتماستىن جۇل – جۇل قىياپىتىڭ بىلەن بۇ كۆرەككە قاتناشتىڭ، دەپ سوراۋاتىمەن! ماڭ، جېنىڭنى ئاشۇ ئەۋلىيا پىرىڭ، تەركىي – دۇنيا دەرۋىش مۇقەددەس ساباغا تاپشۇر! سېنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىمىزنى ئۇنىڭغا بېرىپ ئېيت.

    بۇ ھادىسىگە قاراپ مەن بىئاسۇنىڭ قوزغىلاڭچىلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مەنىۋى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندىم. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بۇ بەختسىز نېگىر بىر ئېغىز سۆز بىلەن بولسىمۇ قارشىلىق بىلدۈرمەستىن، بېشىنى ئېگىپ، ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ زالىم ھۆكۈمرانىغا ئۈچ قېتىم تازىم قىلدى، ئاندىن تۆۋە – ئىستىغپار ئوقۇپ، گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن باخشىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ ئولتۇردى – دە، كېيىن غاردىن چىقىپ كەتتى. ئارىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى. بىئاسۇغا مەزكۇر نېگىرنىڭ بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئۆز جېنىنى بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر قىلىشتى، نېگىر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

    ئەندىشىدىن خالاس بولغان بىئاسۇ رىگۇغا بۇرۇلۇپ قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇشاللىقتىن چاقناپ تۇراتتى ۋە چىرايىدا «قانداق، قايىل بولدىڭىزمۇ؟» دىگەندەك تەنتەنىلىك تەبەسسۇم ئەكس ئەتتى.

    كۆرەك داۋاملىشىۋاتاتتى. بىر نەچچە سائەت ئاۋۋال ماڭا چۇۋالچاق، تەرتىپسىز ۋە تارقاق كۆرۈنگەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئەمدىلىكتە رەت – رەت تىزىلىپ، سەپ تارتىپ، ئاجايىپ كۆركەم بىر كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلدى. بىزنىڭ ئالدىمىزدىن پۈتۈنلەي دىگۈدەك يالاڭغاچ، يالاڭغىداق نېگىرلار گۇرۇپپىلىرى ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇلار كالتەك، توقماق، سويلىلار بىلەن قوراللانغان بولۇپ، گويا قەدىمىي ئادەملەردەك مۈڭگۈز – سۇنايلارنى چېلىپ، تەكشى قەدەم تاشلاپ ماڭماقتا ئىدى. ئاندىن كېيىن ئىسپانچە ۋە ئىنگلىزچە ھەربىي كىيىم كىيگەن. ياخشى قۇراللانغان مۇنتىزىم مۇلاتلار باتاليونلىرى گۈمبۈرلىگەن دۇمباق ساداسى ئىچىدە تەكشى قەدەم تاشلاپ ئۆتۈشتى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئارا، نەيزە بىلەن قۇراللانغان نېگىر ئاياللىرى ۋە نېگىر بالىلىرى توپى رەتسىز، تەرتىپسىز ھالدا ئۆتتى. ياشانغان نېگىرلار قونداقسىز مىلتىقلارغا تايىنىپ ۋە ئۆزلىرى ياسىۋالغان قارا پىلتە مىلتىقلارنى كۆتۈرۈشۈپ ماڭماقتا ئىدى. ئالا – بالداق كىيىم كىيگەن كرىئوت ئاياللىرىمۇ كۆرەكتىن ئۆتتى. رەڭگارەڭ گىرىم قىلىشقا گرىئوتلار گىتار، بالافۇ قاتارلىق مۇزىكىلارنى چېلىشىپ قىقاس – چۇقان بىلەن، ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ ئۆتمەكتە ئىدى. بۇ ئاجايىپ ئالا – توپىلاڭ. تەنتەنە ئىچىدە نېگىر نەسلىنىڭ ھەممە قەبىلىلىرى – زامبۇلار، مارابۇلار، ساكاترالار ۋە مامىليۇك، كۋاتىرون قەبىلىلىرى ھەم ئەركىن مۇلاتلارمۇ بار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ كۆچمە كارۋىنىمۇ كۆرەكتىن ئۆتتى. كارۋاننى ئېلىپ ماڭغان نېگىرلار مۈرىسىگە يېڭى مىلتىقلارنى ئېسىپ، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ئاق تەنلىكلەردىن ئولجا ئېلىنغان توپ – زەمبىرەكلەر بېسىلغان ھارۋىلارنى ھەيدەپ، غەنىيمەت ئېلىنغان ئوزۇق – تۈلۈكلەرنى ئارتىۋالغان كارۋانلارنى باشلاپ، بارلىق ئاۋازى بىلەن «چوڭ دالىدىكى لاگىر»، «ئۇئاناسى» دىگەن جەڭگىۋار ناخشىنى ياڭراتقىنىچە، مەغرۇر ھالدا كۆرەكتىن ئۆتتى. ئۇلارنىڭ بېشىدا ھەرىىل بەلگىلەر چۈشۈرۈلگەن ئاق، قىزىل، مايسىرەڭ ئۈچ خىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى. جەڭچىلەر ئۈچ خىل رەڭلىك قالپاقلىرىغا مايسا قادىشىۋالغان، قوللىرىدا «پوپلارغا ۋە ئاق سۆڭەكلەرگە ئۆلۈم!»، «ياشىسۇن بىدئەت!»، «بىزگە ئازاتلىق ۋە ئەركىنلىك كېرەك!»، «ياشىسۇن پادىشاھ!»، «يوقالسۇن مۇستەملىكىچىلىك!»، «ياشىسۇن ئىسپانىيە!»، «يوقالسۇن زالىملار!» دىگەن شۇئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتىرىشىۋالغان ئىدى.

    بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈش قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ مەقسەتنى ئېنىق چۈشەنمەيدىغان سانسىز ساددا كىشىلەر توپىدىن تەركىپ تاپقانلىقىنى، بۇ ئارمىيىنى تەشكىل قىلغان كىشىلەرنىڭ ئېڭىمۇ خۇددى ئۇلارنىڭ سەپلىرىدەك چۇۋالچاق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.

    كۆرەكتىن ئۆتۈۋاتقان قىسىملار غار ئالدىدىن ئۆتكەندە، بايراقلىرىنى تۆۋەن ئېگىپ، باش قوماندانغا ھۆرمەت بىلدۈرەتتى. بىئاسۇ بولسا ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنى تەبرىكلەپ، ھەر بىر قىسىمغا ئۆزىگە يارىشا سۆز بىلەن جاۋاب بېرەتتى: بەزىلەرگە تەنبىھ بېرىپ، بەزىلىرىنى ماختاپ قوياتتى. بىئاسۇ نىمە دىسە، جەڭچىلەر ئىززەت – ھۆرمەت بىلەن ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ئېتىقادىنى ۋە ئىتائەتچانلىقىنى ئىپادىلەيتتى. خۇددى قەدىمقى زاماننىڭ ياۋايى ئادەملىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ گادىرماش ئالا – توپىلاڭ كۆرەك ئاخىرى تۈگىدى. راستىنى ئېيتىسام، بۇ قاراقچىلار توپى دەسلەپ مېنى قىزىقتۇرغان بولسا، ئەمدى زېرىكتۈرمەكتە ئىدى. كۈنمۇ ئولتۇردى. ئاخىرقى بىر قىسىم ئەسكەرلەر غار ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، شەرقتىكى ئېگىز تاغ چوققىسىنىڭ تىك گرانت تاشلىرى پېتىۋاتقان كۈن نۇرىدا ئالتۇندەك پارقىراشقا باشلىدى.

    بىئاسۇ ئويچان كۆرۈنەتتى. كۆرەك تۈگەپ، بارلىق قوزغىلاڭچىلار قومانداننىڭ ئاخىرقى بويرۇقلىرىنى ئېلىپ، ئۆز كەپىلىرىگە قايتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ماڭا بۇرۇلۇپ دىدى:

    -خوش، ياش يىگىت، مانا، سەن مېنىڭ پاراسىتىم ۋە قۇدرىتىم ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇڭ. ئەمدى سېنى لېوگرىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىش پۇرسىتى كەلدى. سەن ئۇنىڭغا كۆرگەنلىرىڭنى سۆزلەپ بېرىشىڭ كېرەك.

    -مېنى دىسەڭ، بۇ پۇرسەتنىڭ بالدۇرراق كەلگىنى ياخشى ئىدى! – دەپ جاۋاپ بەردىم ۋە سوغاقلا.

    -دىگىنىڭ توغرا، - دىدى بىئاسۇ ۋە بۇ سۆزلىرىنىڭ ماڭا قانداق تەسىر قىلغانلىقىنى بايقاش ئۈچۈن بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - لېكىن، بۇنداق پۇرسەتنىڭ زادى كەلمەسلىكىمۇ ئۆزەڭگە باغلىق.

    -بۇ نىمە دىگىنىڭ؟ - دىدىم مەن ھەيران بولۇپ، - نىمە دىمەكچىسەن؟

    -توغرىسىنى ئېيتىسام، سېنىڭ ھاياتىڭ ئۆزەڭنىڭ قولىدا، ئەگەر خالىساڭ، ئۆز ھاياتىڭنى ئۆزەڭلا قۇتقۇزۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن!

    بىئاسۇنىڭ قەلبىدە بىرىنچى قېتىم، ئېھتىمال، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىردىنلا پەيدا بولغان بۇ رەھىمدىللىك ماڭا غەلىتە بىر ھادىسە بولۇپ كۆرۈندى. خېلىدىن بېرى بەئەينى ھىندىلارنىڭ بۇتىدەك قىمىرلىماي ئولتۇرغان باخشى بۇ گەپكە مەندىن بەكرەك ھەيران بولۇپ، ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى – دە، باش قومانداننىڭ ئالدىغا كېلىپ تىك تۇرۇپ، كۆڭلى قالغان قىياپەتتە شۇنداق دىدى:

    -شەۋكەتلىك گېنېرال، جاناپلىرىنىڭ بۇ نىمە دىگەنلىرى؟ ئەجىبا، ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى مۇبارەك ئەسلىرىدىن تەرك قىلدىلىمۇ؟ مەزكۇر ئەسىرنىڭ جېنىنى ئۆزىمۇ، ھەتتا خۇدامۇ ساقلاپ قالالمايدۇ، ئۇنىڭ جېنى پەقەت مېنىڭلا قولۇمدا!

    بۇ بەدبەخنىڭ خۇنۇك ئاۋازى قانداقتۇ بىر تونۇش نەرسىنى دەرھال ئېسىگە سالغاندەك بولدى – يۇ، ئەمما ھېچقانداق بىر ئەسلىمە قالدۇرمايلا يوقاپ كەتتى.

    بىئاسۇ خاتىرجەم ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ، باخشى بىلەن ئاستا پاراڭلاشتى – دە، بىر قارا بايراقنى كۆرسەتتى، بۇ بايراقنى مەن بۇرۇنلا كۆرگەن ئىدىم. شۇندىن كېيىن باخشى ماقۇل بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئۈندىمەستىن يەرگە قارىدى، ھەر ئىككىلىسى خاتىرجەم ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى:

    -قۇلاق سال، - دىدى بىئاسۇ ماڭا، يانچۇقىدىن ژان – فرانسۇئا ئەۋەتكەن يەنە بىر پارچە مەكتۇپنى ئېلىۋېتىپ، - بىزنىڭ ئەھۋالىمىز چاتاق. بۇكمان يېقىندا جەڭدە ھالاك بولدى. ئاق تەنلىكلەر بۇختا رايونىدا ئىككى مىڭ ئىسيانچىنى قىرىپ تاشلىدى. مۇستەملىكىچىلەر توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، بىز بىخەستەلىك قىلىپ كاپ شەھىرىنى قولدىن بېرىپ قويدۇق، ئەمدى بىزگە قولاي پۇرسەتنىڭ تۇغۇلۇشى ناتايىن. شەرق تەرەپتە چوڭ يول دەريا ئارقىلىق توسىلىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ يولىمىزنى توساش ۋە بىزنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈن ئاق تەنلىكلەر ئېگىز دۆڭلەرگە توپچى قىسىملىرىنى جايلاشتۇرۇۋاتىدۇ. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا ھەربىي لاگىر قۇردى. جەنۇب تەرەپتە «يۇقۇرىقى تۇمشۇق» دەپ ئاتىلىدىغان، ئېدىرلىقلاردىن كېسىپ ئۆتىدىغان خۇپىيانە يول بار ئىدى. ئۇلار بۇ يولنىمۇ توپچى قىسىملار بىلەن قۇرۇقلاپ تۇرۇپتۇ. تۈزلەڭلىك تەرەپتە ئاقلارنىڭ پوزىتسىيىسى پۇختا ئىستىھكاملار بىلەن قوغدىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ئىستىھكاملارنى پۈتۈن ئاھالىنى ئىشقا سېلىپ ياساپ چىقىشتى، مۇستەھكەم توساقلار ئورناتتى، ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، كاپنى ئىگەللىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ «مۇلاتلار بۆشۈكى» دىكى قارارگاھىمىز قولدىن كەتتى. مۇداپىئە جەھەتتىكى ئاجىزلىقىمىز، يېڭىلگەنلىكىمىز ئۈستىگە يەنە ژان – فرانسۇئا لاگىرىنى خانىۋەيران قىلغان بەزگەك كېسەللىكى كېلىپ قوشۇلدى. يۇقۇرىدىكى ئەھۋاللار سەۋەبىدىن، فرانسىيىنىڭ گېنېرال – ئادمىرالى ژان – فرانسۇئا ئەمدى ۋالىي بلانىشلاند ۋە مۇستەملىكىلىك كېڭەش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. بىزمۇ ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلدۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېڭەشكە خەت ئەۋەتمەكچى بولدۇق. مانا شۇ خەت مېنىڭ قولۇمدا تۇرۇپتۇ.

    ئوقۇپ بېرەي، ئاڭلا:

    «كېڭەش ئەزالىرى ئەپەندىلەر!

    بۇ چوڭ ۋە باي مۇستەملىكىنى تەڭداشسىز بەختسىزلىك قاپلاپ كەتتى. بۇ بەختسىزلىك بىزنىمۇ ئاياپ قويغىنى يوق. شۇنداق بولسىمۇ، بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئارتۇقچە گەپ قىلىش ھاجەت ئەمەس. قاچانلا بولسۇن، بەرىبىر، سىلەر بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى چۈشىنىپ، بىزگە تولۇق ئادالەت كۆرسىتىسىلەر. بىز چوقۇم پادىشاھ ليۇدۋىك XVI تەرىپىدىن جاكارلانغان ئومۇمىي كەچۈرۈمگە ئىگە بولۇشىمىز لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بىز ئىسپانىيە پادىشاھلىقىغا، يەنى بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغان ھەمدە ھەر جەھەتتىن مەدەت بەرگەن ئادىل پادىشاھقا سەمىمىي بەيئەت قىلىشقا تەييارمىز.

    1791 – يىلى 28 – سېنتەبىردىكى قانۇندىن بىز بىز شۇنى كۆردۇقكى، مىللىي كېڭەش ۋە پادىشاھ تەرىپىدىن سىلەرگە قۇللارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، رەڭلىك ئىرق كىشىلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى توغرىسىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىلگەن. بىز مىللەتلەر كېڭىشىنىڭ ۋە سىلەرنىڭ قارارىڭلارنى قوغداش، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغىچە كۈرەش قىلىمىز. سىلەر قۇللارنىڭ تەقدىرى بىلەن ئويناشماي، جانابىي گېنېرال تەرىپىدىن تەستىقلانغان قارارغا ئاۋاز قوشقان بولساڭلار، تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

    سىلەرنىڭ قۇللارغا غەمخۇرلۇق قىلىش توغرىسىدىكى قارارىڭلارنى قۇللار ئۆز داھىيلىرى ئارقىلىق ئاڭلىسا، ئەلۋەتتە، خۇشال بولىدۇ ۋە تەڭسىزلىك ناھايىتى تېز ئوڭشىلىدۇ.

    كېڭەش ئەزالىرى ئەپەندىلەر، شۇنىمۇ دەپ قويىمىزكى، بىزنى ئىنقىلابىي كېڭەشنىڭ چاقىرىقى بويىچە قوزغالدى، دەپ ئويلىماڭلار، بىز ئۈچ پادىشاھلىققا مەنسۇپ كىشىلەرمىز: بىرى – بارلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ قەدىمقى سۇلتانى بولغان كونگو پادىشاھلىقى، بىرى – بىزنىڭ ئاتىمىز بولغان فرانسىيە پادىشاھلىقى، يەنە بىرى – بىزنىڭ ئانىمىز بولغان ئىسپانىيە پادىشاھلىقى، بۇ ئۈچ پادىشاھلىق – ھەزرىتى ئادەمگە سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشكەنلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى. ئەگەر بىز ئىنقىلابىي كېڭەشنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلغان بولساق، ئۇ ھالدا، بۇ كېڭەش بىزنى يۇقۇرىدىكى ئۈچ پادىشاھلىققا يەنى ئېتىقادىمىز، پۇخرالىقىمىز بىردەك بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى جەڭ قىلىشقا دەۋەت قىلغان بولاتتى.

    توغرىسىنى ئېيتساق، بىز خەلق ئەركىنلىكى دىگەن ئاتالمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمەي كەلدۇق. چۈنكى، بىز دۇنيا يارالغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە پەقەت شاھلارنىڭ خاھىشىنىلا ئورۇنلاپ كېلىۋاتىمىز. فرانسىيە ھاكىمدارى بىزنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىسپانىيە شاھىمۇ بىزنى ھامان ئاسراپ كەلمەكتە. بىز ئۇلارغا ھەمكارلاشقىنىمىزدەك، ئۇلارمۇ بىزگە ياردەم بەرسە، شۇ چاغدىلا بۇ ھەقىقىي ئادىمىگەرچىلىك بولىدۇ. شۇنىمۇ ئېيتىمىزكى، ئەگەر بىزگە يەنىلا ئادىمىگەرچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلمىسا، ئۇ چاغدا بىز دەرھال ئۆز پادىشاھلىقىمىزنى تىكلەيمىز.

    بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.

    يۇقۇرىدىكى شەرتلەر بويىچە سۇلھ تۈزۈشكە قوشۇلىمىز.

    ئىمزا قويغۇچىلار: گېنېرال ژان – فرانسۇئا

    گېنېرال مايۇر بىئاسۇ

    كومىسسارلار: دىپىرى، مانزو، تۇسېن، ئوبېر»

    ھازىرغىچە سۆزمۇ – سۆز ئېسىمدە قالغان نېگىر دىپلوماتىيىسىنىڭ بۇ مەكتۇپىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىئاسۇ ماڭا قاراپ شۇنداق دىدى:

    -كۆردۈڭمۇ؟ بىز ھەقىقەتەنمۇ تېنچلىق سۈيەر كىشىلەرمىز، ئەمدى، قۇلاق سال، مەن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، ژان – فرانسۇئامۇ، مەنمۇ ئاق تەنلىكلەر ئۈچۈن ئېچىلغان مەكتەپلەردە ئوقۇپ، چىرايلىق جۈملە تۈزۈشنى ئۆگەنمىگەنمىز، بىز جەڭ قىلىشنىلا بىلىمىز، يېزىشنى بىلمەيمىز. شۇنداق بولسىمۇ، مۇستەملىكىچىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان بۇ مەكتۇپىمىزدا ھۆكۈمران – خوجايىنلارنىڭ بىزنى ساۋاتسىزلىقتا ئەيىپلەپ، شاڭخو قىلىشقا باھانە بولىدىغان بەزى خاتالىقلارنىڭ بولۇپ قالماسلىقىنى خالايمىز. سېنىڭ، ئېھتىمال، بىز بىلمەيدىغان ئاشۇ بىمەنە ئىلىمدىن خەۋىرىڭ بولسا كېرەك. سەن بىزنىڭ خېتىمىزدىكى ئاق تەنلىكلەر مەسخىرە قىلىدىغان ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ بەرسەڭ، بۇنىڭ بەدىلىگە جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالالايسەن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.