خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (11- مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ كېرى

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 10:02:24

خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت توختى 11- مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ كېرىيەدە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ شۆتاڭدا ئوقۇپ قالدى، توپتوغرا ئۈچ يىل ئوقۇدى، ئۇنىڭ ۋۇ...

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)  
    نۇرمۇھەممەت توختى


    11- مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ كېرىيەدە

     

       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ شۆتاڭدا ئوقۇپ قالدى، توپتوغرا ئۈچ يىل ئوقۇدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆگىنىشكە نىسبەتەن بىر خورىماس كۈچ، ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشكە نىسبەتەن يېتەرلىك ئەقىل بار ئىدى، ئەستە ساقلىشى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يېشى ئۇلغىيىپ 25لەرگە تاقىغان، ئەستە ساقلاشنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە، چوڭقۇر مەنىدىكى ھېكمەتلەرنى چۈشىنىشنىڭ ئالتۇن بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتاتتى. ئۇ ئۈچ يىلدا تۆت چاسا بەلگە خەتلەردىن نەچچە مىڭنى ئۆگەندى ۋە مەنىسىنى بىلىپ يەتتى، ئاتىسى يۈ يىڭخەن دارىن 15-20 يىل مۇتالىئە قىلغان كىتاب-دەستۇرلارنى ئوقۇپ تۈگەتتى، كۇڭزى، مېڭزى ئىدىيىلىرىدىن، دۇفۇ، لى بەي، بەي جۇيى غەزەللىرىدىن خەۋەر تاپتى. سۈن جۇڭشەننىڭ «ئۈچ مەسلەك» ئىدىيىسىدىن خەۋەر تاپتى. بەش مىڭ يىللىق قېلىن مەدەنىيەت ئۇنىڭ ئېڭىدا ئاستا-ئاستا زاھىر بولۇپ كۆز ئالدىدا تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ باراتتى، ئۇ كۇڭزى ئېيتقان «ئۆگەنگەنلەرنى تەكرارلاپ تۇرۇش راھەتتۇر» دېگەن ئەقىدە بويىچە ئۆگەنگەنلىرىنى دائىم تەكرارلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا كۇڭزىنىڭ «پۈتۈن جاھاندىكىلەر قېرىنداشتۇر» دېگەن سۆزى بىلەن «مۆتىۋەرلەر ئەدەپ-قائىدىلىك بولسا، پۇقرالار ھۆرمەت قىلماي قالمايدۇ، مۆتىۋەرلەر ئىنساپلىق بولسا، پۇقرالار ئىتائەت قىلماي قالمايدۇ، مۆتىۋەرلەر لەۋزىدە تۇرىدىغان بولسا، پۇقرالار راست گەپ قىلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزى بەك ياقاتتى. ئۇ ئۆزىگە ياققان سۆزلەرنى قايتا-قايتا يېزىشقا ئامراق ئىدى، موي قەلەمنى قارا سىياھقا مىلەپ، پاتلانغان خوتەن قەغىزىگە تۆت چاسا بەلگە خەتلەرنى دانىمۇدانە قىلىپ يېزىپ چىقاتتى، قايتا-قايتا يازاتتى، ئۇستازلىرىنىڭ، بۇرۇن ئۆتكەن داڭدار خەتتاتلارنىڭ پۇچۇركىسىنى دوراپ يازاتتى، ئۆز ئەينى، خۇددى سۈرەت ئاپپاراتىدا تارتىلغاندەك ئوخشىتىشقا تىرىشاتتى، تولۇق ئوخشىمىغۇچە بولدى قىلمايتتى. بارا-بارا ئۇ ئاشۇ خەتلەرنى قانداق يازغاندا تېخىمۇ چىرايلىق چىقىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. سىزىقلارنى قانداق تارتىشقا، قانداق ماسلاشتۇرۇشقا، قانداق كىرىشتۈرۈشكە ئىجتىھات كۆرسەتتى. ئىجتىھات دېگىنىمىز−ئاشۇ ئۈلگە خەتلەرگە ئوخشىتىشنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىنمۇ مۇۋاپىقراق قىلىشنى كۆرسىتەتتى. مانا شۇ ئىجتىھات ئۇنىڭ موي قەلىمىگە ئۆزىگە خاس بولغان ئۇسلۇبىنى ئاتا قىلدى، مەرھۇم شاڭ سىنىڭ ئۆگەي ئوغلى شۇنداق خەتتات بولۇپ چىقتىكى، مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا نامى ئامبال مەھكىمىسى ۋە لەڭزە ئىچىگە پۇر بولدى. چاغان يېتىپ كەلسە، ئامبال مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغان 10-15 ئائىلە ئەمەلدارنىڭ، لەڭزىدىكى بىرەر يۈزچە ئەسكەرنىڭ، كېرىيە بازىرىدا گۆرۈكەشلىك قىلىدىغان تۆت-بەش ئائىلە كۆچمەننىڭ ئىشىك-دەرۋازىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپى ئۇ يازغان چوڭقۇر مەنىلىك مەسنەۋىلەر بىلەن بېزىلىدىغان بولدى، ئىشىك-دەرۋازىلار ئاشۇ مەسنەۋىلەرنىڭ مەنىسىدىن كۆرە تۆت چاسا خەتلەرنىڭ گۈزەللىكىدىن بەكرەك رەڭ ئالاتتى. كەڭلىكى بىر-بىر يېرىم غېرىچچە كېلىدىغان قىزىل رەڭلىك قەغەزنىڭ قىزىللىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا يېزىلغان قارا سىياھ خەتنىڭ گۈزەللىكى كىشىنى بەكرەك جەلپ قىلاتتى.
      چوڭ ياشلىق ئوقۇغۇچى يۈ شۇنچىڭنىڭ ئاشۇ تۆت چاسا خەتلەر ئىجاد قىلىنغان زېمىندىن تولىمۇ يىراق كېرىيە ناھىيىسىدە خەتتات بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى، ئۇنى تېزلا خىزمەت-ئىمتىياز بىلەن تەمىن ئەتتى، ئۇ ناھىيىلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولۇپ قالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ كۈچى بىلەن شىنجاڭ تۇتۇقلۇقىنى قولغا ئالغان شېڭ شىسەي يەنە شۇ سوۋېتلىكلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ۋاسىتىلىك (يەرلىكلەرگە تايىنىپ) باشقۇرۇشتىن بىۋاسىتە (ئۆز ئادەملىرىگە) تايىنىپ باشقۇرۇشقا ئۆتۈۋاتاتتى، يېڭىدىن باج ئىدارىسى ۋە ساقچى ئىدارىسى تەسىس قىلىش ئەنە شۇ بىۋاسىتە باشقۇرۇشقا ئۆتۈش ئۈچۈن ئىدى، ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەر خەلقتىن يىغىۋالىدىغان باجنى يەرلىك بەگ-دورغىلارغا ساتاتتى ۋە شۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق يىغىۋالاتتى، جەمئىيەت ئامانلىقىنىمۇ يەرلىك بەگ-دورغىلارغا ۋە شەرىئەت مەھكىمىسىگە تايىنىپ باشقۇراتتى، بۇ ئۇسۇلدا ئامباللار ئەپيۈن غاڭزىسىنى چىشلەپ، يېنىچە يېتىپ بەرسىلا ھەممە ئىشنى يەرلىكلەر ئورۇندايتتى، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت ھەم يەرلىكلەرنىڭ چىشىغا تېگىشتىن ساقلىناتتى، ھەم باجنى يىغىۋېلىش مەقسىتىگىمۇ يېتەتتى، بۇنىڭدىن يەرلىك بەگ-دورغىلارمۇ مەنپەئەت ئالاتتى، خەلق بولسا قوشلاپ زۇلۇمغا ئۇچرايتتى، ئەمدى شېڭ شىسەي سوۋېتلىكلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئۈلگە ئېلىپ، بىۋاسىتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسى ۋە باج ئىدارىسى دەپ ئاتالغان يېڭى باشقۇرغۇچى مۇئەسسەسەلەرنى تەسىس قىلىشقا كىرىشكەنىدى، يېڭى ئىدارە ئۈچۈن كادىر بولمىسا بولمايتتى، بىۋاسىتە باشقۇرىدىغانلار بولسا يېتىشمەيتتى، «سەن يىراق خۇنەن چاڭشادىن كەلگەن يۈ يىڭخەن دارىن بىلەن لى مېيزى ئاغىچىنىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ئۇنداقتا سەنمۇ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىڭ كېرەك، سېنىڭ دۆلەت ۋە ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىڭ مۇشۇ زېمىننى قوغداش، تۇتۇپ تۇرۇش−باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىڭ، بىر تەڭگە باجنى ئارتۇق يىغساڭ دۆلەتكە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشقان بولىسەن، مەجبۇرىيىتىڭنى، مەسئۇلىيىتىڭنى ئادا قىلغان بولىسەن، قېنى، قەلەم بىلەن چوتنى قولۇڭغا ئال، بۇ سېنىڭ قورالىڭ...»
    شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپ باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولۇپ قالدى، ئۇ چاغدا كىشىلەر باج ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغانلارنى «بەگ» دەپ ئاتىشاتتى، كېرىيەلىكلەر يېڭى باج يىغىدىغان ئىدارىدىكى بۇ يېڭى بەگنى «مۇھەممەت بەگ»، «مۇھەممەت بېگىم» دەپ ئاتاشقا كىرىشتى، ئۇنىڭ تۇغۇلغاندا قويۇلغان يۈ شۇنچىڭ دېگەن ئىسمى ئۇنتۇلغانىدى. روزى ئەلەم ئاخۇنۇم سوغراقتا قويغان مۇھەممەت دېگەن ئىسىمنى بولسا ھەممە كېرىيەلىكلەر بىلەتتى، مۇھەممەت بېگىم ئەمدى كېرىيەلىكلەردىن باج ئېلىشقا كىرىشتى، ئۇ دېھقانلاردىن دېھقانچىلىق بېجى، چارۋىچىلاردىن تۇياق بېجى، مال ئۆلتۈرگۈچىلەردىن قان بېجى، سودىگەرلەردىن تاپاۋەت بېجى ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شۇ ئىدى.
       شۇ مەزگىللەردە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ ئېڭىدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈر ئىدىيىۋى كۈرەش بولۇپ ئۆتتى، بۇنىڭ بىرىنچىسى، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىيلىقى ۋە ئادىللىقى ئارىسىدا يۈز بەردى. بارلىق زالىم ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاشلا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىمۇ توختىماي ئۆزىنى پەردازلاپ، بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۆز_ ئۆزىنى مەدھىيىلەپ ۋە مەدھىيىلىتىپ، گۈزەل تۈتەك پەردە ھاسىل قىلغانىدى. ئۆزىنى ئىنقىلابىي ۋە تەرەققىياتپەرۋەر كۆرسىتىش شۇ جۈملىدىن ئىدى. بايلارنى بېسىپ ۋە يوقىتىپ، كەمبەغەللەرگە يان بېسىۋاتقاندەك قىياپەت كۆرسىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ ھۆكۈمەت مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمگە خىزمەت، ئىمتىياز ۋە ئوبدان مائاش بېرىۋاتاتتى. «يېگەن ئېغىز ئۇيىلىدۇ» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. دەسلەپكى چاغلاردا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم شېڭ ھۆكۈمىتىنى راستتىنلا ئادىل ھۆكۈمەت دەپ ئويلاپ قالدى. ئادىل ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھالال ئىدى. شۇڭا، ئۇ شېڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باج ئىدارىسىدە ئىشلەپ قالغانىدى، ئەمما كۆپ ئۆتمەي يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۇنىڭ قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.
    شېڭ ھۆكۈمىتى يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى، باي-زەردارلارنى تۇتۇپ كېتىپ، تىرىك كۆمۈشكە، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى بۇلاپ-تالاشقا كىرىشتى، يۇرتنى قورقۇنچلۇق ئاق تېررورلۇق قاپلىدى. كېرىيەلىكلەر ئەتىگىنى ئاخشامغا كۆزى يەتمەي، ئۆيدىن چىققاندا بالىچاقىلىرى بىلەن رىزالىشىپ چىقىدىغان بولدى. شۇ كۈنلەردە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ ئۇستازى نىزامىدىن داموللاممۇ ئۆزىنى دالدىغا ئالغانىدى. ئۇستاز-شاگىرت مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى. ساۋاق بېرىش، ساۋاق ئېلىشلارمۇ توختاپ قالدى. داموللامنىڭ نەلەرگە يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. كۆپ كىشىلەر شېڭ ھۆكۈمىتى تۇتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ئاللىقاچان تىرىك كۆمۈۋېتىپمۇ بولغاندۇ دەپ ئويلىشاتتى. مۇھەممەت بېگىمنىڭ قەلبىمۇ ئۇستاز ئەنسىزچىلىكىدە پۇچۇلىناتتى، ئەمما بۇچاغدا تېخى نىزامىدىن داموللام شېڭ ھۆكۈمىتى ئايغاقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشمىگەنىدى. ئۇ قايسىدۇر بىر پىنھاندا پاناھلىنىپ يۈرەتتى، ۋەھالەنكى، يوشۇرۇنغاننىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى، قاچقاننىڭ تۇتۇلۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇغۇ، ئىشلار شۇنداق بولدى، قورقۇنچلۇق مۇدھىش خەۋەر يېتىپ كەلدى. كېرىيە خەلقىنىڭ ئاشۇ ئالىم ئوغلى شېڭ ئايغاقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. كېرىيە خەلقىنىڭ قەلبىنى ئېغىر ئەنسىزلىك باستى، ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىزلىككە چۆككىنى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەش ۋە تىل بىلىشتەك شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇستازىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى، ئەمما مۇمكىن بولمىدى، مۇستەبىت ۋە زالىم ھۆكۈمەت دەۋرىدە ھېچكىم ھېچكىمگە ياردەم قىلالمايتتى. بالا ئاتىغا، شاگىرت ئۇستازىغا، ئىنى ئاكىسىغا ئارا تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، سەل ئاشكارىراق ھەرىكەت قىلسا، تېخى ئاشۇ زالىم ھۆكۈمەت ياردەم قىلىشقا ئۇرۇنغۇچىغىمۇ «شېرىك جىنايەتچى» دەپ تۆھمەت قىلاتتى، شۇ ۋەجدىن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم ئۇستازىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولدى، ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان تونۇشلىرىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، نىزامىدىن داموللامنى ئۆز قېيناتىسى توقسۇن بەگ ھاجى سېتىۋېتىپتۇ، شېڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى «كېرىيەنىڭ پاششاپلىق ئەمىلىنى بېرىمىز» دەپ ئالدىسا، ئاشۇ قاپاقۋاش كاۋا ئەرزىمەس مەنسەپ ئۈچۈن «پوق يېگەن خوراز»دەك ئىش قىپتۇ، نەۋرىلىرىنىڭ ئاتىسى يوشۇرۇنغان جاينى ئېيتىپ بېرىپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ قەلبىگە نەپرەت تولدى. ئۇستازىنىڭ بەختسىزلىكى پەيدا قىلغان ئېچىنىشنىڭ ئورنىنى ساتقىن توقسۇن بەگ ھاجىغا بولغان نەپرەت ئىگىلىدى. بۇنداق چاغلاردا نەپرەت ھەممىنى بېسىپ كېتەتتى، مۇھەممەت بېگىمنىڭ قەلبى ئاشۇ ساتقىن توقسۇن بەگ ھاجىغا بولغان نەپرەت بىلەن زەھەرلەنگەن نېرىپلىرى تاراسلاپ، چىشلىرى غۇچۇرلايتتى، قەلبىدىن ئوتلۇق قارغىش ئېتىلىپ چىقاتتى، «يۈزۈڭ ئىككى ئالەمدە قارا قوپار، قېرىندىشىنى ئوتقا ئىتتىرگەن كۆسەيدەك قارا قوپار، كۆسەيدەك قارىداپ، كۆسەيدەك ئاستا-ئاستا كۆيۈپ تۈگىشەرسەن، زۇلمەت پالتىسىغا ساپاق بولۇپ بەرگەن ئەبلەخ، ھەممە قېرىنداشلىرىڭنى كېسىپ بولغاندا سېنىڭ نېمە كېرىكىڭ؟ قېرى ئىتتەك تالادا قالارسەن، ئىلاھىم جاجاڭنى بېرەر...»
       يەنە ئاشۇ ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان تونۇشلىرىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، شېڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتارمەن-چاپارمەنلىرى نىزامىدىن داموللامنى قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىشىپتۇ. «ئالتۇن-كۈمۈشىڭنى چىقار»، «ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭنى نەگە كۆمدۈڭ» دەپ كېچە-كۈندۈز سوراققا تارتىشىپتۇ، ئۇ ئېيتىپ بەرمەپتۇ، نېمىنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟ ئۆزىنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئاتىغان داموللامدا ئالتۇن-كۈمۈش نېمە قىلسۇن. شېڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جاللاتلىرى ئۇنى جاھىلغا چىقىرىپ، لەڭزىدىكى سېپىلنىڭ تۈۋىگە تىرىك كۆمۈپ تاشلاپتۇ.
       ئۇستازىنىڭ ئۆلۈمى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنى قاتتىق قايغۇغا سالدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى توسۇپ تۇرغان مەدھىيە پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىدى. «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» دېگەن گۈزەل تونغا ئورىلىۋالغان شېڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەپت-بەشرىسى ئايان بولدى. بۆرە دېگەن يۇمشاق ۋە ئاپئاق قوي تېرىسىگە يۆگىلىۋالسىمۇ يەنىلا بەرىبىر بۆرە ئىدى، باشقا تېرىگە ئورىلىۋالغان بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيتتى، خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىش، بوزەك قىلىش، خەلق ئىچىدىكى ئاق-قارىنى پەرق ئېتىدىغان مۇنەۋۋەر ئوغلانلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، ئۆزىنىڭ ياۋۇز ئەپت-بەشرىسىنى يالغان-ياۋىداق مەدھىيىلەر بىلەن يۆگەش زالىم ۋە مۇستەبىتلەرنىڭ ماھىيىتى ئىدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم شېڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ئادالەتنى ياقىلاشقا كىرىشتى، ئادالەتنى ياقىلاش، كىشىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىق قىلىش مۇستەبىت دەۋر بەگلىرىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بىردىنبىر ئىش ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.